كەچ كۈزدىكى شىۋىرغان
كەچ كۈزدىكى شىۋىرغان
ئارسلان تالىپ
باھاسى:36.00
2007-يىلى 11-ئاي 1-نەشرى
2008-يىلى 3-ئاي 2-بېسىلىشى
Isbn:9787537156042
روماننىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
بۇ رومان 1970-يىللاردا تاغ ۋە يېزىلارغا چېنىقىش ئۈچۈن چۈشكەن زىيالىي ياشلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ ، ئەينى دەۋر ياشلىرىنىڭ قاينام – تاشقىنلىق ھاياتى بىر زىيالىي ئائىلىسىدىن زىددىيەتلىك توقۇنۇشلار ئارقىلىق كىچىكلىكتىن چوڭ دائىرىنى ، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىكنى كۆرۈش مەقسىتىگە يەتكەن ئەسەردۇر ، بۇ كىتاب جەمئىي ئىككى قىسىمدىن تەشكىل تاپقان .
بىرىنچى قىسىم «قىسمەت داۋانلىرى» دا ئابدۇسالام ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ چېنىقىش ئۈچۈن بىر تاغلىق يېزىغا بېرىش ۋە ئاشۇ يېزىدىكى مەلۇم دېھقانچىلىق ، يېرىم چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مېھنەتكەش خەلق بىلەن بىرگە ئىشلەش جەريانىدىكى تەسىرلىك ئىشلىرى بايان قىلىنىدۇ ھەمدە ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ ئۆزگىچە ياشاش ئادەتلىرى ، مەنىۋىيىتى ، شۇنداقلا ھەممە كىشىنى تاڭ قالدۇرىدىغان تاغ مەدەنىيىتى تەسۋىرلىنىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئابدۇسالامنىڭ چېنىقىش ئورنىنى يۆتكەش سەۋەبى بىلەن تارتقان جەبىر – جاپالىرى ، بىلىمگە ئىنتىلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرى ، كۈرەشجان بىلەن ئابدۇلباسىتتىن ئىبارەت ھەسەتخور كىشىلەرنىڭ شۇ دەردىكى بەزى قالايمىقانچىلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ شەخسىي ئۆچمەنلىكى سەۋەبلىك بىگۇناھ كىشىلەرنى خالىغانچە بوزەك قىلغانلىقى ئۆتكۈر زىددىيەت – توقۇنۇشلار ئارىسىغا سىڭدۈرۈلگەن . شۇنداقلا بىلىم ئۈچۈن پەرۋانە بولۇۋاتقان ئابدۇسالامنىڭ ئاخىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقى تەسۋىرلەنگەن .
ئىككىنچى قىسىم «ھېكمەت بوستانلىرى » دا ئالىي مەكتەپتە ئىمتىھان بېرىپ كىرىش تۈزۈمى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئىمتىھان بېرىپ ئالىي مەكتەپكە كىرگەن ستۇدېنتلارنىڭ ئاجايىپ روھلۇق ، شاد – خورام ۋە بىلىمگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى بىلەن ئالىي مەكتەپكە كىرگەن ئوقۇغۇچىلار ھاياتى تەسۋىرلىنىدۇ . بۇ قىسمىدا پەرھات ، ئابدۇسالام ، دىلبەر ، ئايپەرىيگە ئوخشاش ستۇدېنتلارنىڭ بىلىم ئىلىش يولىدىكى ئوخشىمىغان قاراشلىرى ، ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ، ياشلارنىڭ قانلىرى ئۇرغۇتۇپ تۇرىدىغان مۇھەببەت كوچىلىرىدىكى زىددىيەتلىك ۋەقەلەر ، ساختا مۇھەببەتنىڭ قۇربانى پەرھاتنىڭ تراگېدىيىسى ، پۇل ۋە ئابرۇي ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ستۇدېنتلىق ھاياتىغا داغ چۈشۈرگەن دىلبەرنىڭ زىددىيەتلىك تۇرمۇشى بۇ ئەسەرنىڭ ئوقۇشچانلىقىنى ئاشۇرغان . ئەسەر ۋەقەلىكى بەكمۇ تەسىرلىك ۋە زىددىيەتلىك ، بۇ ئەسەردىن 1970-يىللاردىن تارتىپ 1980-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى زىيالىي ۋە دېھقانلار تۇرمۇشىنى ، شۇ چاغ كىشىلىرىنىڭ ساپ ، ساددا ، ئاق كۆڭۈل خاراكتېرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق