غۇبارسىز يىللار

غۇبارسىز يىللار

ئاپتورى: ئېدىس ۋارتون (ئامىرىكا)

شىنجاڭ خەلق نەشرياتى

2008-يىلى 3-ئاي 1-نەشرى

2011-يىلى 6-ئاي 1-بېسلىشى

فورماتى: 32 باسما تاۋىقى: 16.75

تىراژى: 3000- 1

ھەممىسى: 533بەت

باھاسى: 45 يۈەن

ISBN: 9787228141692

سېتىۋېلىش ئادرىسى:http://item.taobao.com/item.htm?id=13727201319

كىرىش سۆز

   ئېدىس ۋارتون ئامېرىكىلىق مەشھۇر يازغۇچى . ئۇ 1986-يىلى نيۇيوركتىكى بىر باي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن ، بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپلا ياۋروپا ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان . 1899-يىلى 37-يېشىدا «ئالىيجاناب خۇمار» ناملىق تۇنجى ھېكايىلەر توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان ، 1902-يىلى تۇنجى رومانى«تاللاش جىلغىسى» نەشردىن چىققان ، ئۇنىڭدىن باشقا «مۇقەددەس ئوردا» ، «شادلىق ئائىلىسى» ، «تېرىمىل خانىم» ، «يوشۇرۇن توسالغۇ» ، «يۇرت ئادەتلىرى» ، «ئەسلەش» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار . «غۇبارسىز يىللار» دىكى ئاساسىي ۋەقەلىك 19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرى، 80-يىللىرىنىڭ باشلىرى نيۇيورك يۇقىرى قاتلام جەمئىيىتىنى بىر كىچىك پىرامىداغا ئوخشىتىپ ، ئۇنىڭ ئۇچلۇق ھەم تېيىلغاق ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭدا پۇت تىرەپ تۇرغىدەك بىرەر جاينى تېپىشنىڭ قېيىنلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . پىرامىدانىڭ چوققىسىدا تۇرۇۋاتقىنى ھەقىقىي ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئىككى – ئۈچلا ئائىلىدىن ئىبارەت: ۋاشىنگتون مەيدانىدىكى داگونتېنىڭ ئەجدادلىرى تىپىك تىپىك ئېسىلزادىلەردىن ھېسابلىنىدۇ ؛ ۋان دېرلۇتون ئەپەندى بولسا ، گوللاندىيە ئەۋەتكەن تۇنجى گۇبېرناتورنىڭ پۇشتى – جەمەتىگە تەۋە ، ئۇنىڭ ئائىلىسى فرانسىيە ۋە ئەنگىلىيەدىكى بىر قانچە ئاقسۆڭەكلەر جەمەتى بىلەن قۇدا چۈشكەن ؛ ئۇنىڭدىن باشقا گىراف دوگلاس بىلەن قۇدىلاشقان لاتىن ئائىلىسىنىمۇ مۇشۇ قاتاردا ساناپ ئۆتۈشكە بولىدۇ . ئۇلار يۇقىرى تەبىقە جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قاتلىمى ھېسابلىنىدۇ ، بىراق زاۋاللىققا يۈزلەنگەن باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ . يۇقىرى قاتلام جەمئىيىتىنىڭ يادرولۇق كۈچى مىنگوت جەمەتى ، نېۋلاند جەمەتى ، چىفرىس جەمەتى ۋەكىللىكىدىكى مەرتىۋىلىك ئائىلىلەردىن ئىبارەت ،ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئەنگىلىيە ياكى گوللاندىيەدىن كەلگەن باي سودىگەرلەردىن . پىرامىدادا ئۇلاردىن سەل تۆۋەنرەك ئورۇندا تۇرىدىغىنى بولسا ، پۇلدار بولسىمۇ ، لېكىن ئاقسۆڭەك ھېسابلانمايدىغان كىشىلەر ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن باش كۆتۈرگەن يېڭى بايلارغا تەۋە ، بۇ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ مول مالىيە كۈچىگە تايىنىپ ، قۇدىلىشىش يولى ئارقىلىق يۇقىرى قاتلام جەمئىيىتىگە كىرگەن .

   ھەقىقىي ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان نېۋلاند ئارچېر تەۋرەنمەس ئەنئەنىۋى قائىدە – يوسۇنلار ئىچىدە چوڭ بولغان ، ئۇ قائىدە – يوسۇندىن چىقماي ئاقسۆڭەكلەرگە خاس تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانىدى ، ئۇنىڭ مەرتىېۋىلىك ئائىلىدىن كېلىپ چىققان ماي ۋېللانا بىلەن بولغان تويىنىمۇ مۇكەممەل نىكاھ دېيىشكە بولاتتى . ۋاھالەنكى ، بۇ ياش مۆتىۋەر ئۆز خىلدىكىلىرى بىلەن ئازاراق پەرقلىق بولۇپ ، كىتاب ئوقۇشنى ، پىكىر قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە نەزەر دائىرىسىمۇ كەڭ . شۇڭا ، ئەركىنلىك روھى جۇش ئورۇپ تۇرغان ئېللېن ئورانسىكا نيۇيوركنىڭ ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتىدە پەيدا بولغاندا ، ئرچېر ئۇنىڭغا بەكلا قىزىقىپ قالىدۇ ، ئورانىسكامۇ ئۇنىڭ سەمىمىي ياردىمى سەۋەبلىك ئۇنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ . بىراق ، ھەيۋىسى كۈچلۈك ئىجتىمائىي ئەنئەنىۋى ئادەتلەر ئالدىدا ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى  تىرگېدىيە بىلەن ئادەتلەر ئالدىدا ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى تىراگېدىيە بىلەن ئاخىرلىشىشتەك تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ .

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, رومان | خەتكۈچ :,

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

لەگلەك قوغلىغۇچى بالا لەگلەك قوغلىغۇچى بالا
كۆپۈك كۆپۈك
قىسەسۇل ئەنبىيا قىسەسۇل ئەنبىيا
مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ كىشىلىكى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتى مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ كىشىلىكى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتى
قىيامەت قىيامەت

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.