رەڭدار ھايات
رەڭدار ھايات
ئاپتورى:تۇرسۇن غوجىئابدۇللا
باھاسى:18.00
2009-يىلى 3-ئاي 1-نەشرى
2009-يىلى 3-ئاي 1-بېسىلىشى
1-4000
ISBN:9787537161268
مۇقەددىمە
زەڭگەر ئاسمان بېتىدە يېڭى ئېتىلغان پاختىدەك سۇس چېچىلىپ تۇرغان ئاپئاق بۇلۇتلار قۇياش نۇرىدا قاش تېشىدەك چاقناۋاتاتتى . قۇياشنىڭ كۈچلۈك تەپتىدىن زېمىننىڭ باغرى ئوت بولۇپ يېنىۋاتقاندەك بىلىنەتتى . تونۇردەك قىزىرىپ كەتكەن بۇ زېمىننىڭ ئاسمىنىدا نە بىرەر قۇش ، تۇپرىقىدا نە بىرەر ئادەمزات كۆرۈنمەيتتى . پايانسىز تاش ساينىڭ چېتىدىكى قۇمتاش دۆڭلۈكنىڭ باغرىدا كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرغان دەريانىڭ سۈيى ئىسسىقنىڭ تەپتىدىن ھارغان ئادەمدەك جىمجىتلا ئېقىۋاتاتتى . مۇشۇ شاۋقۇنسىز دەريالار بۇ سايلىققا ھاياتلىقنىڭ نام – نىشانىدىن خەۋەر بېرىۋاتقان بىردىن – بىر مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۆزىدەكلا بىلىنەتتى . دەرياغا پاراللېل يانداشقان ئەگرى – بۈگرى ساي يولىدا يىراقتىن بىر ئاق مىنىبۇس كېلىۋاتاتتى . دەريانىڭ بۇيىدا تۇرۇپ يىراقتىن قارىغاندا ، بۇ مىنىبۇس تاقىرباش سايلىقنىڭ ئۈچەيدە تارچۇق يولىدا قوڭغۇزدەك كۆرۈنەتتى . ھارغىن ئادەمنىڭ قەدەملىرىدەك ئاستا كېلىۋاتقان مىنىبۇس ئېگىز – پەس كاتاڭ يۇلىدىن قېيىپ چېقىپ ، كۈنچىقىش تەرەپتىكى تارام – تارامغا ئاشۇ دەريا بۇيىغا كېلىپ توختىدى . مىنىبۇسنىڭ توختىشى بىلەن كابىنكىنىڭ سول تەرەپ ئىشىكىدىن كۆتمەك بۇرۇتلۇق سېمىز شوپۇر يەرگە چۈشتى ۋە مىنىبۇسنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى ئىشىكى ئالدىغا ئۆتتى . مىنىبۇسنىڭ چوڭ ئىشىكىمۇ ئىچىلدى .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق