ئۆتكەن كۈنلەر

ئاپتورى:ئابدۇللا قادىرى

باھاسى:39.00

1982-يىلى 4-ئاي 1- نەشرى

2010-يىل 8-ئاي 4- بېسىلىشى

تىراژى:15000-11001

ISBN:9787228047574

مۇھەررىردىن

ئابدۇللا قادىرى 1894-يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە تۇغۇلغان ، ئاتىسى ئەسلى سودىگەر بولۇپ ، كېيىن تىجارەتتە سۇنۇپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان . ھاللىق دېھقانلاردىن بولغان ئاتىسى ئوغلىنى ئاۋۋال دىنىي مەكتەپتە ، كېيىن يەرلىك رۇس مەكتىپىدە ئوقۇتقان ھەم ئۇنىڭغا تۈرلۈك كەسىپلەرنىمۇ ئۆگەتكەن . ئابدۇللا قادىرى مۇستەقىل ھايات يولىغا كىرگەندىن كېيىن تاشكەنتلىك بايلارنىڭ بىرىدە پىركازچىك ۋە كاتىپ بولۇپ ئىشلىگەن ، كېيىن خەلق ساقچى ئورۇنلىرىدا ، سوۋېت ئوزۇق – تۈلۈك كومىتېتلىرىدا ، ئىجتىمائىي تەمىنات ئىدارىلىرىدە خىزمەت قىلغان.

ئابدۇللا قادىرى ئەدەبىي ئىجادىيىتى xx ئەسىرنىڭ باشلىرىدا باشلىغان بولۇپ ، ئۇ چاغلاردا ئۇنىڭ 《مىللىتىمگە》 ، 《ئەھۋالىمىز》 قاتارلىق شېئىرلىرى ، 《جۇۋانباز》 ، 《كەلۋەك مەخسۇمنىڭ خاتىرە دەپتىرىدىن》 ، 《تاشپولات تەجەڭ نېمە دەيدۇ 》 قاتارلىق ھېكايىلىرى ، 《بەختسىز كۈيئوغۇل》 قاتارلىق درامىلىرى ئېلان قىلىنغان . ئۇ مەتبۇئاتلاردا 《جۇلقۇنباي》 ، 《دۇمبۇل》 ،《 كەلۋەك مەخسۇمنىڭ جىيەنى 》 ،《جىيەن》 ، 《ساۋرىنباي》 ، 《ئاۋسەر》 ، 《دۇمبۇلنىسا》 قاتارلىق تەخەللۇسلارنى ئىشلەتكەن .

ئۇنىڭ 《ئۆتكەن كۈنلەر》 ، 《مېھرابتىن چايان》 قاتارلىق رومانلىرى ، 《ئابىد كەتمەن》 قاتارلىق پوۋېستلىرى بار.

《ئۆتكەن كۈنلەر》 رومانىدا ئۆزبېك خەلقىنىڭ XIX ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ھاياتى بەدىئىي ۋاسىتىلەر بىلەن يورۇتۇلغان . ئاپتور ئاتابېك بىلەن كۈمۈش بېبىدىن ئىبارەت ئىككى ياشنىڭ مۇھەببەت ۋە ئائىلە تراگېدىيىسىنى ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخىي ۋەقەلەر مۇھىتىدا ئىنتايىن ئىنچىكە بايان قىلىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.

بۇ رومان بۇنىڭدىن 80 نەچچە يىل بۇرۇن يېزىلغان بولسىمۇ ئۆزىنىڭ بەدىئىي قۇۋۋىتى ۋە سېھرىي قۇدرىتى بىلەن ھازىرغىچە كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ كەلمەكتە.

 

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, تارىخ -مەدەنىيەت, رومان | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

مېھرابتىن چايان مېھرابتىن چايان

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

    • ئالىمجان
    • 2012-يىلى 03-ئاينىڭ 13-كۈنى 16:13:10

    ئۆتكەن كۈنلەر رومانىدىن بىرنى سېتۋالاي!

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.