ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان خام دورىلار
ئاپتورى:ئابابەكرى راخمان
باھاسى: 88.80
2004-يىلى 12-ئاي 1-نەشرى
2005-يىلى 3-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-4000
ISBN:7537238553
كىرىش سۆز
ئىپتىدائىي تېبابەت ئىنسانلاردا پەيدا بولغاندىن باشلاپ بارلىققا كەلگەن بولۇپ ، ئۇيغۇر تېبابىتىمۇ ھەر خىل ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلما ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا ئىككى مىڭ بەش يۈز يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەكتە.
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلىرى ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىرىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى بولۇپ ، ئۆسۈملۈك ، مەدەن ۋە ھايۋان قاتارلىق ئۈچ خىل مەنبەدىن كېلىدۇ . خام دورىلارنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى – ناچار بولۇشى دورىلارنىڭ شىپالىق ئۈنۈمىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ ، كلىنىكىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
«ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپ ئىشلىتىدىغان خام دورىلار» ناملىق بۇ كىتاب ئۇيغۇر ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تۈزۈلۈپ ، ئۆسۈملۈك ، مەدەن ۋە ھايۋان تۈرىدىكى دورىلاردىن 800 خىلغا يېقىن دورىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ ، ھەربىر دورىنىڭ خەنزۇچە ، ئەرەبچە ، پارسچە ، ئوردۇچە ، ئىنگلىزچە ، لاتىنچە ، ناملىرىنى ئىمكان بار تۇلۇق بېرىشكە تىرىشتىم . دورىلارنىڭ تونۇشى ، تەبىئىتى ، شىپالىق رولى ، ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلىرى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ، زىيانلىق تەسىرى ، تۈزەتكۈچىسى ، ئىشلىتىش مىقدارى ، چىقىش ئورنى قاتارلىق مەزمۇنلار تونۇشتۇرۇلدى ، ھەربىر دورىنىڭ رەڭسىز رەسىمى قۇشۇمچە قىلىندى . بۇ كىتابنى رەتلەپ نەشرگە تەييارلاش ئىشلىرىدا خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكوم مەكتىپىدىن نۇركېرەم بىلەن مەتسەيدى مەتسىدىق كۆپلىگەن ياردەملەرنى قىلدى . ئۇلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن .
بۇ كىتاب ھەر دەرىجىلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىلىرىدىكى تېۋىپ ، دورىگەرلەرنىڭ ھەمدە كەڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ھەۋەسكارلىرىنىڭ پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولالايدۇ.
مەزكۇر كىتابتا ھەر خىل سەۋەنلىكلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي ، كەڭ كەسىپداشلارنىڭ ۋە كىتابخانىلارنىڭ تەنقىدىي تەكلىپ – پىكىرلىرىنى قارىشى ئالىمەن
ئابابەكرى راخمان
2005-يىلى 1-مارت
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ياخشىكەن
بىلىم ئېلىش