موڭغۇللار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى
موڭغۇللار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى
مۇڭغۇللار مىلادىيە 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ، چىڭگىزخان (1155-ياكى 1167-يىلى توغۇلغان) نىڭ رەھبەرلىكىدە ، دائىرىسى كەڭ ، ھازىغىچە ۋۇجۇدقا كەلگەن بارلىق يايلاق خانلىقلىرىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان دۆلەتنى قۇرۇپ چىققان . جۇڭگونىڭ تارىخى ماتېرىياللىرىدا ، ئۇلار مىلادىيە 9-ئەسىردىن باشلاپ تىلغا ئېلىنىشقا باشلىغان ، ئۇلار بۇرۇن مۇڭغىلىيىنىڭ شەرقىي قىسىمىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ ، كېيىن چىڭگىزخان (ئەسلىي ئىسمى تېموچىن) رەھبەرلىكىدە ، ئۆزلىرىنىڭ تەسىرى كۈچىنى ئەسلىدىكى زېمىندىن كۆپ ئېزىپ چۈشىدىغان جايلارغىچە كېڭەيتكەن.
مۇڭغۇللارنىڭ تەرەققىي قىلىپ يايلاقتىكى ھەل قىلغۇچ كۈچكە ئايلانغان ، قۇدرەتلىك بىر كۆچمەن خانلىق قۇرۇش ئۈچۈن ، چىڭگىزخاننىڭ رەھبەرلىكىدىكى قەبىلە ئىتتىپاقى ئەتراپىدىكى قوشنا مىللەتلەرنى ئۆزىنىڭ بېقىندىسى بولۇشقا مەجبۇرلىغان ، ھۆكۈمران ئورۇندىكى قەبىلىنىڭ تىلى ھەممە قوللىنىدىغان تىلغا ئايلانغان ،مەلۇم بىر كىشىنىڭ بۇ خان جەمەتىنىڭ تۇتېمى ۋە ئىلاھىي سېستىما مەنبەسى توغرىسىدا تەسۋېرلەپ يازغان بىر پارچە ئەپسانىۋى ئەسىرى بولۇپ ، ئۇنىڭدا باشقا قەبىلىلەر ۋە ئۆتكەنكى خان جەمەتىنىڭ ئەپسانىۋى ھېكايىلىرى سۆزلەنگەن ، شۇنىڭ بىلەن يېڭىدىن بىر مىللەتنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈنمۇ دىنىي ئاساس ھازىرلانغان . بۇ نۇقتىنى «مۇڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» دېگگن كىتابتىن تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.باشقا مۇنبەر ۋە تور بەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز مەزمۇننى ئەسكەرتىڭ:كىتاپ يۇرتى
چىڭگىزخاننىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىكى قارا نىيىتى كەڭ يايلاقنىڭ سىرتىغا ھالقىپ چىقىشقا باشلىغان . بۇ كەڭ يايلاقنىڭ سىياسىي مەركىزى مۇڭغۇلىيىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى قاراقورۇم ئىدى . ئۇنىڭ قوشۇنى بۇ رايوننى كونتۇرۇل قىلغاندىن كېيىن ، يەنە گەنسۇ ، تارىم ئويمانلىقى ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي قىسىمىدىكى ئورۇشلاردا غەلبە قىلىپ ، ئارال دېڭىزىنىڭ يېنىدىكى خارەزمىگىچە يېتىپ بارغان.مىلادىيە 1279-يىلى ، چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى قۇبلاي خان يەنە جۇڭگونىڭ جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنى مۇۋەپپەققىيەتلىك بويسۇندۇرغان ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جۇڭگو مەدەنىيىتى مۇڭغۇللارغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان . گەرچە شۇنداق بولسىمۇ ، يۈەن سۇلالىسى دەۋرى (1279~1368-يىللار) دىكى مۇڭغۇللار جۇڭگودا تەلتۆكۈس خەنزۇلاشمىغان، بەلكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردىن قوبۇل قىلغان يېزىقىنى ساقلاپ قالغان . نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىققا تەيىنلەپ ، شۇلارغا تايىنىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان . ماركو پولو بىر مەزگىل قۇبلاي خان ئوردىسىدا تۇرمۇش كەچۈرگەن ، قۇبلاي خان تىبەتنىڭ لامادىنىغا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغان ، بۇ دىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا كەڭ يايلاق دىنىي تۇرمۇشىغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتكەن . بۇ مۇڭغۇل خانلىقى يەنە يىراق غەرىبكىچە كېڭىيىپ بارغان بولۇپ ، ئۇلار بىرمۇنچە دۆلەت ۋە رايونلارنى بويسۇندۇرۇپ ، كىچىك ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپاغىچە يېتىپ بارغان . مىلادىيە 1258-يىلى ئۇلار باغدادقا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇ يەرنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىپ ۋەيران قىلىۋەتكەن . شۇ قېتىمقى زوراۋانلىق ئىسلام تارىىلىرىدا خېلى ئۇزۇنغىچە ئۈزلۈكسىز تىلغا ئېلىنىپ تۇرغان ھەمدە مۇڭغۇل ئېستىلاسى پەيدا قىلغان جاراھەت ئېھتىمال بىر قانچە ئون يىلدىن كېيىن ساقايغان شۇنداق بولسىمۇ ، زور ، ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان كەڭ مۇڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە ، يېقىن شەرق بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى سودا ، قاتناش ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مىسلىسىز كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلغان ، ماركو پولۇ ۋە باشقا ياۋروپالىقلار دىن تارقاتقۇچى ياكى دىپلوماتىيە ئەلچىسى سۈپىتىدە مۇڭغۇللار رايونى ياكى جۇڭگوغا بارغان ، ئەگەر مۇڭغۇلىيىنىڭ تىنىچ مۇھىتى بولمىغان بولسا ، ئۇلارنىڭ ساياھەت قىلىشى مۇمكىن بولمىغان بۇلاتتى . بۇ ئەھۋال داۋاملاشقان ۋاقىت قىسقا بولسىمۇ (مۇڭغۇللار 1368-يىلى جۇڭگونى قولدىن بېرىپ قويغان)، لېكىن تىنىچ بولغان بولغان ئاشۇ قىسقىغىنە مەزگىل .ئىچىدە ، يىپەك يولىدا ئىلگىرى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان قىتئەلەر ئارا قاتناش ئېلىپ بېرىلغان . بۇ چىڭگىزخان ئۆلگەندىن كېيىن يەنە بىر نەچچە ئەۋلادمۇڭغۇل ھاكىمىيىتى داۋاملىشىپ ، بويسۇدۇرۇلغان مىللەتلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قېلىشىغا يول قۇيۇلغانلىقىدىن بولغان . مىلادىيە 1227-يىلى چىڭگىزخان ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ دۆلىتى ئۇغۇللىرى ۋە نەۋرىلىرى تەرىپىدىن بۆلۈشۋېلىنغان . باتۇ بۇ دۆلەت قۇرغۇچىنىڭ نەۋرىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇ غەرىبتىكى رايونلارنى بۆلۈۋېلىپ ، ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتكەن . چاغاتاي بولسا ئۇتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي قىسىمى شىنجاڭ ، قۈملىدىن ئىلى دەرياسى ۋادىسىغا ئىگە بولغان ، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزى ئال؛مالىق بولۇپ ، ئۇ يەرمۇ ئەينى ۋاقىتتا نېستۇرى دىنىنىڭ بىر مەركىزى بولغان . ئەسلىدىكى خانلىقنىڭ مەركىزى قاراقورۇم ئەتراپىدىكى جايلار تۇلىيغا تەۋە بولغان . بالقاش كۆلىنىڭ شەرقىي بىلەن موڭغۇلىيىنىڭ غەربىي قىسىم ئارىلىقىدىكى رايونلار بولسا ئۆگەتايغا بۆلۈپ بېرىلگەن .ئۇ 1229-يىلى ئۇلغ قاغان بولۇپ سايلىنىپ ، كېيىن تولىنىڭ ئوغلى مەڭگۈ (مۆڭكۈ) ئۇنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان ، مەڭگۈنىڭ ئىنىس قۇبلاي 1259-يىلى ئۇلۇغ قاغان بولغان . غەربىي قىسىمىدا مىلادىيە 13-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ، ھۆلەگۈ ئىرانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ، ئۇنىڭ خاندانلىقى ئەل خانلىقى دەپ ئاتالغان .
باشقا مۇنبەر ۋە تور بەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز مەزمۇننى ئەسكەرتىڭ:كىتاپ يۇرتى
چاغاتاي خانلىقى (1227~1346-يىللار) مەلۇم دەرىجىدىكى ئۆزگىچە تەرەققىيات جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ تېررىتورىيىسى مىلادىيە 16 – ئەسىردىكى غەربىي تۈركلەر تېررىتورىيىسىگە توغرا كېلەتتى. مۇڭغۇللارنىڭ ئىشغالىيىتىدە ، بۇ رايوننىڭ تىلى تېزلا تۈركلىشىپ كەتكەن … پارس تىلى يېزىق تىلى قىلىنغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە چاغاتاي – تۈرۈكچە ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەن . 14-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغا كەلگەندە ، تارماشىرى خاننىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشى بىلەن مەزكۇر رايون تەدىرىقىي ئىسلاملاشتۇرۇلغان . شۇڭا ، كېيىنچە ، چاغاتايچە ئەسەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنىڭ مەزمۇنى ئىسلام دىنىغا ئائىت مەزمۇنلار ئىدى .
مۇڭغۇللارنىڭ ئىمپېرىيىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ھەر قايسى خانلىقلارنىڭ تارىخىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى بۇ يەردە ئانچە كۆپ بايان قىلالمايمىز . بىراق ، بىز ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي قىسىمى ئىسلاملاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى قىسقىچە كۆرسىتىپ ئۆتىمىز . ئۇ بولسىمۇ مىلادىيە 820~821-يىللىرى توققۇز ئۇيغۇرنىڭ خۇراسانغا ھۇجۇم قولىشى ، يەنە بىرى فەرغانىنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى سوغدى ھاكىمىيىتى ئىدى . كۆچمەن تۈركلەر نىشانلىق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغاندىن سىرت ، يەنە پەيدىنپەي غەرنكە سۈرۈلگەن . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى قىسىمەن ساقلپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ، لېكىن يەنە ئېراننىڭ مەدەنىيىتى بىلەن ئېتىقاسىنىمۇ قوبۇل قىلغان ، بۇنى خۇيتساڭنىڭ ساياھەت خاتېرىسىدىن چۈشۈنىۋالالايمىز . مەسلەن ،كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي قىسىمىدىكى ئىراننىڭ يەرلىك تۆرىلىرى تۈرك ياللانما ئەسكەرلىرىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان ، شۇنىڭدەك 11-ئەسىردىن باشلاپ مۇسۇلمان يازغۇچىلار تۇران زېمىنىنى تۈرك رايونى دەپ قارىغان ، تۈركلەرنىڭ داۋاملىق غەربكە قاراپ سۈرۈلىشى تۇران بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى كۈرۈشكە ئېلىپ بارغان . بۇ خىل كۈرەش كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاتەشپەرەستلىك دىنى بىلەن ئىسلام دىنى ئەسكەرلىرىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان .
ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلغانلىقتىن ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي قىسىمىدىكى تۈركلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىدە بارغانسېرى شەرقىي ئېران تەركىبلىرى كۆپلەپ قوبۇل قىلىنىپ ، يىڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان .شەك سۈبھىسىزكى ، ئىسلام دىنى بىلەن ئۇچرىشىش ھەرگىزمۇ ئۆتمۈش ،مەدەنىيەتتىن ئۈزۈل – كسىل ئادا-جۇدا بولۇشقا ئېلىپ بارغان ئەمەس . ھازىرغا قەدەر كىشىلەر ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي قىسىىمىدىكى ئىسلام دىنىدا زادى يەنە قانچىلىك ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى دىنىي تەركىبلەر بارلىقىنى سېستېمىلىق تەتقىق قىلمدى، شەك – شۇبھىسىزكى ، پارس تىلى ئەينى ۋاقىتتا مەدەنىيەت ساھەسىدىكىلەر قوللىنىدىغان تىل ئىدى ھەمدە بىر خىل روشەن پارس مەدەنىيىتى بەزى شەھەرلەردە ، مەسلەن ، سەمەرقەند ، بۇخارا، ھېراتلاردا گۈللىنىشكە باشلىغانىدى . بۇ نۇقتىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغىنى شۇكى بولۇپمۇ ئاشۇ شەھەرلەردىكى ئىسلام دىنىغا ئائىت رەسىملەر ۋە مەتبەئە تېخنىكىسىدۇر . بىراق ، كۈندىلىك ئېغىز تىلى نۇقتىسىدىن ئالغان كىشىلەرنىڭ قوللانغىنى تۈرك تىلى ، ھېچبولمىغاندا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي قىسىمىدا شۇنداق ئىدى ، شۇنىڭدەك بۇنىڭ بىلەن باغلىنىشلىق بولغىنى شۇكى ، يەنە بىرخىل ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ بېرىۋاتقان ئاڭ ، يەنى ئۆزلىرىنىڭ تۈركلەرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى جەھەتتىكى ئاڭ ئىدى.
باشقا مۇنبەر ۋە تور بەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز مەزمۇننى ئەسكەرتىڭ:كىتاپ يۇرتى
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي قىسىمىدا كېيىنرەك قۇرۇلغان بىر مۇھىم دۆلەت بولۇپ ، ئۇ بولسىمۇ ئاقساق تېمۇر قۇرغان ھاكىمىيەت ئىدى . بۇ ئېستىلاچى 1336-يىلى توغۇلغان بولۇپ ، تۈرۈكلىشىپ كەتكەن مۇڭغۇل بارلاس قەبىلىسىدىن كېلىپ چىققان ، ئۇنىڭ ئانىسى چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادىدۇر . ئۇ قۇرغان دۆلەت ئۆزىنى مۇڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى دەپ قارىغان . تېمۇر قوشۇنلىرىغا داۋاملىق چېدىر ئۆيدە يېتىش تەكلىپىنى قويۇپ ،ئۆزى بولسا پايتەخت سەمەرقەندتە سالدۇرغان ھەشەمەتلىك ئوردىدا تۇرغان . ئۇ بۇ قۇرۇلۇشلار ئۈچۈن ، ھەر قايسى جايلارىدىن نۇرغۇنلىغان قول ھۈنەر ئۇستىلىرى ۋە ئاخېتېكتورلارنى مەجبۇرىي يۆتكەپ كەلگەن .
تېمۇر ئىنتايىن ياۋۇزلۇق بىلەن قانلىق ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىپ ئۆز خانلىقىنى تىكلىگەن . ئۇ موغۇلىستان ، ئامۇ دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى رايونلار ۋە خارەزەمنى كونترول قىلىغان ھەم كۆپ قېتىم ھىندىستانغا بېسىپ كىرىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان . ۋاھالەنكى ، ئۇ يەنە دۆلەت چېگرىسى ئىچىدە شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى سودىنى ماھىرلىق بىلەن يېڭىباشتىن گۈللەندۈرۈپ ، شۇ ئارقىلىق قىسمەن جايلاردا يىپەك يولىنىڭ شۇ جايلار بويىچە ئىلگىرىكى مۇھىم رولىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن . تېمۇر مىلادىيە 1405-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى سەمەرقەند بىلەن ھېراتنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم مەركىزىگە ئايلاندۇرغان . ھىندىستان ئىسلام موغۇل خانلىقىنى قۇرغۇچى بابۇر (1483~1530-يىللار) تېمۇرنىڭ ئەۋلادى بولۇپ ئوتتۇرا ئەسىر تۈرك يېزىقىدا بىر پارچە تەرجىمھال يېزىپ قالدۇرغان .
مەزكۇر پارچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان قەدىمكى يىپەك يۇلى مەدەنىيىتى ناملىق كىتابتىن ئېلىندى (109~106)بەتلەر
يىپەك يۇلى مەدەنىيىتى ناملىق كىتابنى سېتىۋېلىش ئادرىسى:http://item.taobao.com/item.htm?id=9186881321
باشقا مۇنبەر ۋە تور بەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز مەزمۇننى ئەسكەرتىڭ:كىتاپ يۇرتى
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق