ئەنجانباي
ئەنجانباي(تارىخىي رومان)
ئاپتورى:نۇر روزى
باھاسى:40.00
2003-يىلى 1-ئاي 1-نەشرى
2009يىلى 5-ئاي 2-نەشرى
تىراژى:4001-7000
ISBN:9787228076338
كىرىش سۆز
ئۇنىڭ ئىسمى ئەنجانباي . تەكتى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ئوپال يېزىسىدىن . ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىغا تۆرىلىپلا چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمنىڭ دەھشەتلىك ئازابىغا دۇچار بولۇپ ئۆز يۇرتىدىن قوغلانغان . مۇساپىرچىلىق ، موھتاجلىق ، غېرىبلىق ئازابىدا سەرسان بولۇپ يۈرۈپ ،ئەنجاندا بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان . شۇڭا ، ئاتا – ئانىسى خار -زارلىقتا ئۆتكەن قاباھەتلىك يىللاردا ئۆزلىرىگە باشپاناھ بولغان ، مۇساپىرلار توپلاشقان ئاشۇ ئۇلۇغ شەھەرنىڭ نامىدا ئۇنىڭغا «ئەنجانباي» دەپ ئىسىم قۇيغان . كېيىن خۇددى ئۇ ئۆزى دېگەندەكلا ، ئۇ بۇ دۇنياغا كېلىپ كۆزىنى ئىچىپىلا ، بۇ دۇنيانىڭ بايلارنىڭ جەننىتى يوقسۇل – كەمبەغەللەرنىڭ دوزىخى ئىكەنلىكىنى كۆرگەن . «ئۆكتەبىر ئىنقىلابى» نىڭ تەسىرى ئۇنىڭ كىچىك كاللىسىنى خېلى سەگىتتى . ئۇنىڭغا دوزاخنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئېزىلگۈچىلەر قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ، مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدۇردى . بۇ مۇقەددەس نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ، ئۇ تېخى كىچىك تۇرۇپلا ئۇ ئۆزىنى ھەر تەرەپلىمە چېنىقتۇرۇشقا باشلىدى . ئۆز يۇرتى ئوپالغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ يەنە ئۆزىنى چېنىقتۇرۇپ ، ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشنى زادىلا توختاتمىدى . ئەزگۈچى ھاكاۋۇرلارغا بوزەك بولماي نوچىلىق بىلەن ياشىدى . لېكىن ، زالىملارنىڭ جەننىتى بولغان زۇلمەتلىك بۇ دۇنيا ئۇنىڭ ئادەمدەك ئۇنداق ئەركىن ئازادە ياشىشىغا يول قويمىدى . بايلار ئۇنى داۋاملىق تىللىدى ، ھاقارەت قىلدى . چوماقچىلىرىنى توپلاپ ، ئۇنى باغلاپ ، ئۇرۇپ قىينىدى ، بىر ئوبدان ئائىلىسىنى بۇزدى ، ھەتتا تۆھمەت – بوھتانلارنى چاپلاپ ئۇنى تۆرىگە قاماتتى . غەزەپ – نەپرەتكە تولغان ئەنجانباي تۈرمىدىن چىقىپلا باتۇرانە قەدەم تاشلاپ ، «تاغ ئىنقىلابى» دەپ نام ئالغان تاشقورغانغا توپلانغان جەنۇبىي شىنجاڭ قوزغىلاڭچىلىرى قوشۇنىغا قاتناشتى . ئۇزۇنغا قالمايلا ئۇنىڭ جەڭدىكى ئاجايىپ باتۇر – قەيسەرلىكى ، جەڭگە قوماندانلىق قىلىشتىكى پەم – پاراسىتى ، ماھارىتىنى ئالقىشلاپ ، گېنېرال لېيتېنانت ئېسھاقبېك ئۇنىڭغا پودپولكوۋنىكلىق نامىنى بېرىپ ، ئويتاغ پولكىنىڭ مۇئاۋىن كوماندىرلىقىغا تەيىنلىدى .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق