ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر تارىخى توغرىسىدا ئون ئىككى لېكسىيە

ئاپتورى:ۋ.ۋ.بارتولد(سوۋېت ئىتتىپاقى)

باھاسى:28.00

2010-يىلى 6-ئاي 1-نەشرى

2010-يىلى 8-ئاي 2-بېسىلىشى

تىراژى:3001-6000

ISBN:9787105101382

كىرىش سۆز

قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر تارىخى توغرىسىدا ئون ئىككى لېكسىيە» ناملىق كىتاب تەرجىماننىڭ «يەتتە سۇ تارىخى ئوچېركلىرى» ، «9-12-ئەسىردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى» ،«10-14-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈمى» ، «ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلەردىن كېيىنكى ، رۇسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنغان بەشىنچى كىتابىدۇر . بۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمىسى يېڭى جۇڭگونىڭ تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر دىپلوماتى ، رۇس تىلى تەرجىمە مۇتەخەسسىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخى پەنلىرى تەتقىقاتچىسى ئۇيغۇر سايرانى ئەپەندى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن . بۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمىسىنى كۆچۈرۈپ رەتلەش ، بېكىتىش خىزمەتلىرى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخى پەنلىرىنىڭ كاندىدات ئالىي تەتقىقاتچىسى ھەبىبۇللا خوجا لەمجىنى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن . مەزكۇر ئەسەر «بارتولد ئەسەرلىرى» نىڭ 5-تومىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ، 5-توم 1968-يىلى موسكۋادا نەشر قىلىنغان .

1.« ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر تارىخى توغرىسىدا ئون ئىككى لېكسىيە» ناملىق بۇ كىتابنىڭ مەيدانغا كېلىش ئەھۋالى :

1926-يىلى 2-ئايدا ۋ.ۋ. بارتولد باكۇ شەھىرىدە ئېچىلغان پۈتكۈل سوۋېت تۈركولوگلار بىرىنچى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋە قۇرۇلتايدا :«تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىشتا ئالدىمىزدا تۇرغان مۇھىم ۋەزىپىلەر» دېگەن تېمىدا مۇھىم دوكلات بەرگەن . ئۇ دوكلاتىدا تۈركى خەلقلەر تارىخىنىڭ بىر قەدەر ئۇزاقلىقى ، چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى پەۋقۇلئاددە ماھىرلىق بىلەن يىغىنچاقلاپ كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتنى تېخىمۇ كەڭ ، ئەتراپلىق قانات يايدۇرۇش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ پۈتكۈل تۈركولوگلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان . يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ۋە شۇلارنىڭ بىرى بولغان ئالىم س . ف . ئولدېنبۇرگ قاتارلىقلارمۇ ئاكادېمىك بارتولدنىڭ دوكلاتىغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەن .

دەل شۇ يىلى – 1926-يىلى 2-ئايدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئاكادېمىك بارتولدنى تۈركىيىگە كېلىپ ، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكسىيە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان . بارتولد بۇ تەكلىپنى مەمنۇنلۇق بىلەن قوبۇل قىلغان ۋە جىددىي ، ئەتراپلىق تەييارلىققا كىرىشىپ ، 6-ئايدا تەييارلىقنى پۈتتۈرگەن . بارتولدنىڭ ئۆزىنىڭ يېزىشىچە ، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش مەۋسۇمى ئاخىرلاشقان مەزگىلگە توغرا كېلىپ قالغاچقا ، مەزكۇر «لېكسىيىگە» ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلىرى ، بىر قىسىم ستۇدېنتلار ۋە «لېكسىيە» گە قىزىققۇچى جەمئىيەتتىكى خېلى بىر قىسىم زىيالىيلار ، ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئىشتىراك قىلغان .

 

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, تارىخ -مەدەنىيەت

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.