مەخمۇد كاشغەرى
مەخمۇد كاشغەرى
قىسقىچە مەزمۇنى
بۇ روماندا -11ئەسىردىكى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ تارىخىي،ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ،بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي نىڭ ياشلىق دەۋرىدىن تارتىپ ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇلغان ھايات مۇساپىسى بايان قىلىنىدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي قاراخانىيلار خان جەمەتىدىن بولۇپ،كاشغەردىكى ساچىيە مەدرىسىدە ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ،كىيىن ئۇ تۈركى خەلقلەرنىڭ بارلىق يۇرتلىرىنى كېزىپ چىقىدۇ.شۇ سەپەر جەريانىدا ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرى ،ئېغىز ئەدەبىياتى،تارىخى ۋە باشقا جەھەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مول ماتېرىيال توپلايدۇ.ئۇ ئون نەچچە يىللىق دالا تەكشۈرۈشىدىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئوردىدا تەخت ماجىراسى يۈز بېرىپ،مەھمۇدنىڭ ئاتىسى ۋە بوۋىسى ئۆلتۈرۈلىدۇ.مەھمۇد كاشغەردىن قېچىپ چىقىپ، سەمەرقەنت ، بۇخارا، نىشاپور قاتارلىق جايلاردا مۇساپىر بولىدۇ ۋە ئاخىرى باغدات شەھىرىدە ماكانلىشىدۇ. بۇ يەردە ئۇزۇن يىللار داۋامىدا يىغىلغان تىل ماتېرىياللىرى ئاساسىدا،ئۆزىنىڭ »تۈركى تىللار دىۋانى«ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىپ،باغدات خەلپىسى مۇقتەدى بىئەمىرىللاغا تەقدىم قىلىدۇ.
مەخمۇد كاشغەرى كىيىن يۇرتى ئوپالغا قايتىپ كېلىپ بىر مەدرىسە سالدۇرىدۇ ۋە ئۆزى شۇ مەدرىسىدە سەككىز يىل مۇدەررىسلىك قىلىپ ،توقسان يەتتە يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق