noh يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 12:49 PM
قۇتراتقۇلۇق. ئازغۇنلۇق. ئۇيغۇرچە ئىسلامىزىم.
نادانلىق ...
[ قۇتراتقۇلۇقى ]شۇكى: قۇرئان ھەدىسنى زامان ماكان بۇيىچە چۈشىنىپ،بۆشۈكتەك جايىدىلا تەۋرىنىۋىرىدىغان،بۇت قىلىپ قويماسلىققا قۇترىتىۋاتىدۇ.
[ئازغۇنلۇقى] شۇكى:ھېچقانداق نامۇ-نىشان،ئەمەل-ئۇنۋانسىزلا ئوتتۇرغا چىقىپ،بەزىلەرگە قارشى مۇقام توۋلاۋاتىدۇ.
[ئۇيغۇرچە ئىسلامىزىم]:توغرا،دىن ھەممە مۇسۇلمانلارغا ئورتاق بولغان بىلەن،ئىسلام چوقۇمكى ئوخشمىغان مىللەت ۋە قەۋمگە پەرىقلىق بۇلۇشى كىرەك.
[مىللەتنى تەرەققىياتقا ئەمەس ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان يول]: بۇ خىل تەپەككۇريۇلى شۇنداق بىر يولكى،مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى پەقەت ماددى تەرىپى بىلەنلا ئۆلچەيدىغان(خۇددى نەزىر يىېتمنىڭ ھەققى دەپلا،يىتىملىكىنى ئاچ-يالىڭاچلارغىلا نىسبەت بىرىپ،مەنىۋى جەھەتلەردىكى يىتىمچىلىكلەرنى كۆرمىگەندەك)بىر كۆزلۈكلەرگە قارشى ھالدا ئىچىكى تاشقى،ماددى مەنىۋىيىتىگە تەڭ قاراشقا يىتەكلەيدىغان تەرەققىيات يولىدۇر...
[ئۆز نەپسى خاھىشى بۇيىچە بۇرمىلاش]: قانداق بولسا ئۆز نەپسى خاھىشى بۇيىچە بۇرمىلىمىغان بۇلىدۇ؟تەلىم بىرىڭ؟!!!
[پولوغا تويمىغان قۇرسىقى ئاچلارنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن پەتىۋاسى]: يۇقاردا دەپ بولدۇم،پولوغىلا ئەمەس،مانا سىزدەك مەنىۋىيەت جەھەتتىن،ئىلىمنىڭ كەڭلىكىدە يىتىم قالغانلارغا ھەم دىيىلگەن بىر كۆزلۈك ئەمەس،«قوش كۆزلۈك »پەتىۋا.
[شىكەر يالىتىلغان ئاتۇم بومبىسى]:شىكەر بومبىسى پارتىلاپ ئەنە ئاشۇنداق ھۆكۈملەرنى پاچاقىلىۋەتسۇنكى،شىكەرلىك تاتلىق قىسمىنى خالىغانلار ئوبدان شورىۋالسۇن.
[مانا بۇ مىنىڭ بۇنىڭدىن ئالغان تەسىراتىم]: قارىغاندا سىز ھېلىمۇ يىتىمچلىكنىڭ دەردىنى تارتىۋېتىپسىز(ئالغان تەسىراتلىرىڭىزنىڭ ئاران مۇشۇنچىلىكىلىكىدىن،ئىلىمدە،نەزەر دائىردە،تەپەككۇردا،ھېچ بولمىسا قارشى پىكردىكىلەرگە بۇنداق قۇپال مۇئامىلە قىلماي،سەۋرچان ياكى سۈكۈت قىلىشتەك ئەدەپ ئەخلاقلاردا يىتىمكەنسىز)...نەزىرنى ئوبدان يىمىسىڭىز بولمىغۇدەك.
[مىيىتقا ئاتاپ بېرىلگەن ھەرقانداق شەكىلدىكى نەزىر مىنىڭ نەزىرىمدە ئىسلام بىلەن مۇناسىۋەتسىز.. ھەممىگە قادىر ئاللاھ مىنى روھقا ئاتاپ سويۇلغان ھايۋاننىڭ گوشىنى يىيىشتىن ساقلىغىن. ] مېيتىقا نىمىسىنى ئاتايمىز؟: ئى ئاللاھ سىنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن ،ئۇشبۇ نەزىرەمنىڭ ساۋابىنى پالانى مېيىتقا ئاتىدىم دەپ تۇرۇپ نەزىر بىرىمىز.روھ خۇش بولسۇن دىگەن نىيەتتە بولسا ئۇنداق نەزىرنىڭ تاماقلىرىدىن ئاللاھ ساقلىسۇن.
[مىيىتقا ئاتالغان ھەرقانداق نەزىرنى يىشتىن ساقلىغىن]:سىز ئۈلۈپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىزغا دۇئامۇ قىلمامسىز،سەدىقەمۇ بەرمەمسىز؟سىزچە نەزىر دىگەن گەپ يىيىش دىگەنلا گەپما؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arman312 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-4 07:03 PM