yulghunjan يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 11:55 PM
ماۋۇ نەزىرىنى ھارامغا چىقارغانلار دەرھال دوختۇرخانىغ ...
ئىسلامدا بەلگىلەنگەن شەكىلدىكى نەزرىنى ھىچكىم ھارام دىمەيدۇ بۇراردەر..ئەمما ئۈلۈككە ئاتاپ
قىلىنغان بۇدىستلارنىڭ ئادىتى بۇيىچە 3 ،5 ،40، يىلى دىگەندەك ۋاقىت بەلگۈلەپ قىلىنغان نەزرىلەر
ئەلبەتتە ھارام...توغرا بۇنداق شەكىلدىكى نەزرىلەرنى بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىز دىننى تۇلۇق چۈشۈنەلمىگە
نلىكتىن بۇرۇندىن قىلىپ كەلگەن...ئەمما بىز نىڭ مەجبوريىتىمىز بۇرۇنقىلارنىڭ خاتالىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش
ئەمەس... بەلكى تۈزۈتۈش توغرىسىغا قايتىش...ئۈلۈككە نەزرە قىلىشنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ
ئەسھابىلىرى قىلمىغان..ھازىر ھەم بىزنىڭ شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇسۇلمانلاردىن باشقا
دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى مۇسۇلمانلار ئۈلۈككە نەزرە قىلمايدۇ...يەنە كىلىپ ئىسلامدا
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بويرىمىغان قىلمىغان ئىبادەت شەكىللىرىنىڭ ھەممىسى بىدئەت..
تۈۋەندە مەلۇم بىر ئۇستازنىڭ نەزرە توغرىسىدىكى ماۋۇ يازمىسىنى كۆرۈپ باققاي سىز...
................................................................................................
نەزىر قانداق ئىش؟
جاۋاب – نەزىر، ئاللاھ ئەمر قىلمىغان بىر ياخشى ئىشنى قىلىمەن، دەپ ئۆز ئۈستىگە ئېلىش دېگەن بولىدۇ. مەسىلەن: ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئۆمرە قىلىشنى ياكى بىر قانچە كۈن نەپلە روزا تۇتۇشنى ياكى بىر قانچە رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇشنى ۋە ياكى بىر مىقدار پۇلنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىش… قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرى بىرەر نەزىردۇر. بۇنداق نەزىرلەرنى ئورۇنلاشنىڭ، جەننەتكە كىرىدىغان كىشىلەرنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى ئىنسان سۈرىسىنىڭ 7 – ئايىتىدە بايان قىلىنىدۇ. ئاللاھنىڭ دىنىدىكى «نەزىر» مانا مۇشۇنداق نەزىرلەردۇر.
ئەمما مېيىت چىققان ئۆيلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان نەزىرلەرنىڭ دىنىمىزدا ھېچقانداق ئاساسى يوق. كۈن توختىتىپ «بۇ كۈندە ياغ پۇرىتىلمىسا مېيتنىڭ روھى خاپا بولۇپ قالىدۇ» دېگەن ئېتىقادلار ئىنايىن خەتەرلىكتۇر، ھەتتا شېرىككە يېقىندۇر.
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا مېيىتنىڭ ئارقىسىدىن «بامدىتى»، «ئۈچى»، «يەتتىسى»، «يىگىرمىسى»، «قىرىقى» ۋە «يىلى» دەپ ئۆتكۈزۈلىدىغان نەزىرلەر بار. بۇلار نەزىر دەپ ئاتالغان بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە دىنىمىزدا كۆرسىتىلگەن نەزىرلەردىن ھېساپلانمايدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم. مەن ئوقۇغۇچى ۋاقتىمدا ئەھلى تەۋھىد بىر ئالىمنىڭ: «يەتتە، قىرىقى، يىگىرمە دېمىدۈك، ماتەم ئۆيىدە نەزرە يېمىدۈك» دېگەن سۆزىنى ئاڭلىغان ئىدىم. مانا بۇ سۆز، ئۇ ئالىمغا «ئەھلى تەۋھىد» دېيىلىشنىڭ نەقەدەر توغرا ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.
سوئالىڭىزدا سىز زىكىر قىلغان نەزىرلەر ۋە ئادەم چاقىرىپ قۇرئان ئوقۇتىدىغان ئىشلارغا كەلسەك، بۇ ئىشلارنى قىلىش ئاللاھقا توغرا ئىمان كەلتۈرمىگەنلىك، پەيغەمبەرنى توغرا تونىمىغانلىق ۋە ئىسلام دىنىنىڭ روھىدىن غاپىل قالغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر! چۈنكى ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر ھەر كىشىنى ئۆزىنى ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغان. «ئىسلام» نىڭ مەنىسى ئۆزى ئاللاھقا تەسلىم بولۇشتۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَأَن لَّيْسَ لِلْإِنسَانِ إِلَّا مَا سَعَى»
«ئىنسان پەقەت ئۆزى قىلغان ئىشنىڭلا نەتىجىسىنى كۆرىدۇ»- نەجم 53/39.
باشقىسى قىلغان ئىبادەت شۇ باشقىسى قىلغان ئىشتۇر. بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىنى يەنە بىر باشقىسى كۆرمەيدۇ.
ئال ئىمران 57، نىسا 152 ۋە 173، فاتىر 30 قاتارلىق ئايەتلەردىكى «ئۇجۇرەھۇم»، بەقەرە 62، 274، 277، ئال ئىمران 199، نەھل 97، ھەدىد 19 قاتارلىق ئايەتلەردىكى «ئەجرەھۇم» ئەمەلنى كىم قىلسا، ئەجىر (ساۋاب) نى شۇنىڭ ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
قۇرئان ئوقۇپ بەرگۈچى قۇرئان ئوقۇتقۇچى بىلەن ئالدىن باھاسىنى دېيىشىپ، ئاندىن ئىش پۈتكەندە ئۇلارنىڭ دېيىشكەن پۇلنى بېرىشلىرى ۋە ئېلىشلىرى قەتئىي ھارام. چۈنكى بۇنىڭدا ئېلىش ـ سېتىش شەكىللىنىدۇ. قۇرئان ئوقۇشنى ئېلىش ۋە سېتىش قەتئىي ھارامدۇر. بۇنىڭغا ھەر مۇسۇلمان ئىشىنىدۇ ۋە ئىشىنىشى كېرەك!
ئەگەر ئالدىن دېيىشمەي بىرقانچە كىشىنى چاقىرىپ قۇرئان ئوقۇتۇپ، ئاندىن ئوقۇتقۇچى تەرەپ ئوقۇغۇچى تەرەپنىڭ ياكى تەرەپلەرنىڭ ئالدىدا مىقدارىنى ئۆزى بەلگىلەپ بىر مىقداردىن پۇل قويسا، بۇ پۇلنى ئوقۇغۇچى تەرەپلەر قوبۇل قىلسا، بۇ ئىشتا تۆۋەندىكى خاتالىقلار مەيدانغا كېلىدۇ:
1 ـ دىنىمىز ئۆزىنىڭ ھەر مەنسۇبىنى، ئۆزىنى ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن «ئىبادەتكە نىمكار سېلىش»، «نىمكار» سالغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەل ـ ئىبادەت قىلىش ۋەزىپىسىنى بىدئەت يوللار بىلەن «ھەل قىلىش» قا ئۇرۇنغانلىقى بولسا، «نىمكار» لارنىڭ پەقەت ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈنلا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى جان ساقلاش ئۈچۈن قىلغانلىقى بولىدۇ.
2 ـ بۇ ئىش جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ نەزىر ـ چىراغ بولمىسا گۆش يېيەلمەيدىغانلىقىنى، ئىسقات ئالمىسا پۇل تاپالمايدىغانلىقىنى ئويلايدىغان «تەييارتاپ» لار گۇرۇھىنى پەيدا قىلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بۇ تەييارتاپلار جەمئىيەتتە «ئىسسىتقۇ ـ سوۋۇتقۇ قىلىش»، «رەدنامە ئوقۇش»، «قەسىدە ئوقۇش»، «خەتمە ئوقۇش»، «مەۋلۇت ئوقۇش»… قاتارلىق دىنىمىزغا تامامەن زىت بولغان ئىشلار بىلەن «كەسىپ» قىلىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭغا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ باشقا ساھەلەردە بولغاندەك دىنى ساھەلەردىمۇ ئىلىمدىن يىراق ئىكەنلىكىنى قوشساق، ئۇ تەييارتاپلار گۇرۇھىنىڭ بازىرىنىڭ نەقەدەر قىزىيدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۇنچە قىيىن بولمىسا كېرەك.
دەر ۋەقە كۈنىمىزدە بۇ ئىشلار مەۋجۇت. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن، مۇسۇلمانلارنى تەييارتاپلىققا كۆندۈرۈش ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ كاللىسىغا دۇنيا ـ ئاخىرەتنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئىشلىمەيلا قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇمكىنلىكى چۈشەنچىسىنى يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۇلارنى ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ھىيلە ـ مىكىرلەردۇر. باشقا بىر سۆز بىلەن ئېيتقاندا ئۇنداق «ئوقۇشلار» ئويدۇرمىدۇر، قۇرئان كەرىمنىڭ روھىغا خىلاپتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەتكۈزگەن دىن بىلەن يىراقتىن ـ يېقىندىن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتۇر!
قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسى ۋە نۇرغۇنلىغان سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ تەرجىمىسى قولىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنداق «ئوقۇشلار» دىن يىراق تۇرۇشلىرى، ئىمانىنى، ئەمەل-ئىبادىتىنى، ئەدەپ-ئەخلاقىنى ۋە مۇئامىلىسىنى قۇرئان-ھەدىسنىڭ كونترولىدىن بىر ئۆتكۈزۈپ بېقىشلىرى كېرەك!