KUTALQESI يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 02:52 PM
بايام ئۈستىدە تىلغا ئالغانىم ئەمەلى تارىخ ۋە دادامنىڭ ...
سىزنىڭ دىگەن ئارسىلانخان مازىرى بولسا ئۇلۇغ سولتانىمىز سىيىت ئارسىلانخاننىڭ بېشى دەپنە قىلىنغان جايدۇر ، ئەينى يىللار كاپىرلار سىيىت ئارسىلانخاننىڭ كاللىسىنى تىنىدىن جۇدا قىلىپ سۇلتانىمىزنىڭ بېشىنى شەھەر دەرۋازىسىغا ئاسماقچى بۇلۇپ تۇرغاندا يان تەرەپتىن ئۇشتۇمتۇت نىقاپلانغان قىرىقچە ئاتلىق چەۋەنداز چىقىپ خۇتەن سولتانىدىن بىرىنىڭ كاللسىنى تىنىدىن جۇدا قىلىپ سۇلتان سىيىت ئارسىلانخاننىڭ بېشىنى ئېلىپ قەشقەر تەرەپكە قاچىدۇ ، بۇ بولسا سۇلتان سىيىت ئارسىلانخاننىڭ خانىشى ۋە خانىشنىڭ ھەمراھلىرىدۇر ،
كىيىن ىۇتەن كاپىرلىرى يېڭى شەھەرگىچە لەشكەر تارتىپ كىلىپ سىيىت ئارسىلانخاننىڭ كاللىسىنى قايتۇرۇپ بىرىشىنى ۋە بولمىسا قەشقەر شەھىرىگە باستۇرۇپ كىرىدىغانلىقىنى دەپ تەھدىت سالىدۇ ، بۇ چاغلاردا سۇلتان مۇھەممەد ئارسىلانخان بولسا يەنە بىر ئاستانە بالاساغۇندا بۇلۇپ ئاساسلىق قۇشۇنمۇ ھەم بالاساغۇنغا يەرلەشتۈرۈلگەن ، دەل مۇشۇنداق جىددى پەيىتتە خانلىق مەدرىسنىڭ (مەدرىسەئى خاقانىيە) ئۆلمالىرى قانداق قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ ، ۋە بۇ مۇزاكىرىدە خانلىق مەدرىسنىڭ چوڭ ئۆلماسىنىڭ چوڭ ئوغلى ئىسمى ئابدۇنەزەر بۇلۇپ ئۈزىنىڭ چىرايىنىڭ سىيىت ئارسىلانخانغا ئوخشايدىغانلىقىنى ھەم ياۋلارنىڭ پەرىق ئىتىپ بولالمايدىغانلىقىنى سۆزلەپ خەلىقنى ياۋدىن قوغداش ئۈچۈن ئۈزىنىڭ كاللىسىنى كىسىپ ياۋغا تەسلىم قىلىشنى ئۈتۈندۇ ، ۋە ئاتا _ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ تۈمەن دەريا بويىدا ئۆز قولى بىلەن ئۆز كاللىسىنى كىسىپ قەھرىمانلارچە جان ئۈزىدۇ ، ۋە خەلىقنى ۋاقىتلىق بالايى- ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ قالىدۇ ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي سولتان مۇھەممەد ئارسىلانخان ئۆزى باش بۇلۇپ خۇتەنگە ھەربى يۈرۈش قىلىپ كاپىرلارنى يېڭىپ 30يىلدىن كۆپ داېاملاشقان جەڭنى ئاياغلاشتۇرىدۇ .
سىيىت ئارسىلانخاننىڭ تىنى بولسا ئورامدا ، بېشى بولسا قەشقەر شەھىرىدىكى ئارسىلانخان مازىرىدا . شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر كىسىلىگە شىپاھ تىلەپ بۇ ئىككى جايغا بارىدۇ ، ھەر ئىككىلىسى بىر ئادەمنىڭ قەبرىسىدۇر