مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Qabiljan

بەھرام گور پادىشاھلىقى(6) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 11:26:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەنگۇل بەھرامنىڭ ھۈنىرىگە لال بولۇپ قالدى:
-بۇ قانداق زور كۈچ- قۇدرەت،بىر ئادەم جەڭ ماھارىتىدە شۇ قەدەرمۇ كامالەتكە يەتكەن بارمۇ؟!بىزگە ئەلچى سۈپىتىدە كەلگەن بۇ كىشى ھېچبىر ئەلچىگە ئوخشىماس.ئۇ تۈركمۇ ياكى ئېرانلىقمۇ، ۋە ياكى ھىندىلار نەسلىدىنمۇ؟ گۇمانىمچە ئۇ شاھ بەھرامغا قېرىنداش ياكى ئۇنىڭ ئۇلۇغ ۋەزىرلىرىدىن بىرى.ھەتتاكى ئۇنى شاھ بەھرامنىڭ ئۆزى شۇ دېسەكمۇ تەرىپكە ئەرزىگۈدەك كىشى ئىكەن.
شەنگۇل شۇنداق دەپ گۇمانلانغاندىن كېيىن يۇمشاق ۋاستە بىلەن سىر ئېلىش نىيىتىگە كېلىپ بەھرامدىن ھىجىيىپ تۇرۇپ سورىدى:
-ئەي ئەلچى،مەن سېنىڭ بەھرامنىڭ ئاددىيغىنە بىر ئەلچىسى ئەمەسلىكىڭنى بىلىپ قالدىم.شۇڭا تەكتىڭنى يوشۇرماي ئەسلى نەسلىڭدىن مېنى ئاگاھ قىلغايسەن.
-ئەي دانا شاھىم،مەن راستىنلا شاھ بەھرامنىڭ ئەلچىسى،ئۇنىڭ ھوزۇرىدىكى ئاددىي مۇلازىملىرىدىن بولىمەن.نىمىشقا شۇنداق گۇمان قىلىلا؟!
-بۇ قەدەر كامىل جەڭ ھۈنەرلىرىنى ئاددىي ئادەملەر بىلمەيدۇ.،بۇنچە ھەيۋەت دەستىلىك كامانلارنى شاھ نەسلى  ياكى نامدار پالۋانلار جەمەتىدىكىلەردىن باشقىلار تارتالمايدۇ.شۇڭا مەن سېنى چوقۇم شاھنىڭ ئىنىسى دەپ گۇمان قىلىمەن.چۈنكى سەن شاھلاردەك قەددى-قامەتلىك ۋە سالاپەتلىك،كۈچ-قۇۋۋىتىڭ بولسا شىرلارنىمۇ بېسىپ چۈشىدۇ.شۇنداق ئىكەن سەن شاھ ئىنىسى بولمىغان تەقدىردىمۇ جەزمەن بەھرامنىڭ جەسۈر مەردلىرىدىن،ياكى نامدار پالۋانلىرىدىن  بىرى بولساڭ كېرەك.  
داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 12:33:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
-ئەي ھىندىستان شاھى،مەن ھوزۇرۇڭىزغا چىن دىلىم بىلەن شاھىمىز ئۈچۈن ئەلچىككە كېلىپ مانا ئەمدى ناھەق گۇمان بىلەن يامان ئاتلىق بولۇپ قالسام بولمايدۇ.شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى،مەن مۇتلەق يەزدىگىرد نەسلىدىن ئەمەسمەن.شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن بۇرادەرچىلىكىممۇ يوق.مەن ئىران مۈلكىدىن بولغان بىر بىگانە كىشىمەن.يا شاھنىڭ دانىشلىرىدىن،يا مۈلكى ئەمەلدارلىرىدىن ئەمەسمەن.ئەي شاھىم، مېنى چوڭ كۆرۈپ ئەرزىمەس ھۈنەرلىرىم ئۈچۈن ئۇلۇغلارغا ئوخشاتقانلىقلىرىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم.ئەگەر جاناپلىرى ماڭا ياخشىلىق قىلىش نيىتىگە كەلگەن بولسىلىرى تېزرەك قايتىپ كېتىشىمگە ئىجازەت بەرگەيلا.چۈنكى مېنىڭ مەنزىلىم يىراق،بۇ يەردە تۇرۇۋاتقىلىمۇ خېلى كۈنلەر بولۇپ قالدى.
-ئەي ئەلچى،سۆزلەش نۆۋىتى مەندىدۇر.ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ نىيىتىمنى يامان چۈشەنمىگەيسەن.توختاپ تۇرغىن،مېنىڭ تېخى ساڭا ئېيتىدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بار.بۇ يەردىكى پائالىيەتلىرىڭنى تولۇق تاماملىماي تۇرۇپ ئالدىراپلا قايتىپ كەتسەڭ ساڭىمۇ، ماڭىمۇ ياخشى ئەمەس.ئەزەلدىن ئالدىراپلا قىلىنغان ئىشلارنىڭ پەيزىسى يوق.قىلغۇچى ساۋاپقىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ.شۇڭا سەندىن شۇنى كۈتىمەنكى،يەنە بىر مەزگىل تۇرۇپ بىز بىلەن بىرگە بول،جامالىڭ بىلەن دىلىمىزغا ئارام بەر. مىۋە چىۋە،ئىسىل تائام يەپ،شاھانە مەيلەردىن ئىچىپ ھوزۇر سۈر.
بەھرام نائىلاج چۈشكىنىگە قايتتى.ئۇ كېتىشى ھامان شاھ دانىشمەن ۋەزىرىنى يېنىغا چاقىرتتى.ئۇنىڭغا ‹‹ئەلچى››گە ئاگاھ بولۇش،قاچۇرۇپ قويماسلىق ھەققىدە مۇھىم گەپ تاپىلاپ مۇنداق دېدى:
-ئەي ۋەزىر، ساڭا ئېيتىدىغان  ئىنتايىن مۇھىم مەخپى گېپىم بار.بىز بەھرامنىڭ ئەلچىسى دەپ يۈرگەن بۇ مەرد ئۆز ماھارەتلىرى ئارقىلىق كۆڭۈللەرنى ھەيرەتكە سالدى.ئەگەر ئۇ بەھرامنىڭ قېرىندىشى بولۇپ چىقسا شۈبھىسىزكى  مەردلەرنىڭمۇ مەردى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.بىز بۇ ئىشنى قەتئىي مەخپى تۇتۇپ جامائەتكە ھەرگىز يايمايلى.سەن ئۇنىڭ بىلەن سكزلىشىپ ياخشىلىقچە ئېيت.ئۇ بۇيەردىن قايتىپ كەتمەي ھوزۇرىمىزدا تۇرۇپ قالسۇن.ئۇنىڭغا بۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشنى خالىسا ئالاھىدە ئەتىۋارلاپ سەرلەشكەرلىككە تەيىنلەش نىيىتىم بارلىقىنى ئېيت.مەقسەدنى ئوچۇقلا دېمەي ھىيلە نەيرەڭ بىلەن بىلدۈرگىن. نىمىلادىمە،قانداقلا قىلما ئۇنىڭ كۆڭلىدىن غەم ۋە شۈبھىلەرنى يوق قىلغىن.
-ئەي شاھىم،بۇ نىيەتلىرىنى ئۇنىڭغا ئۆزلىرى دېگەن بولسىلا تېخىمۇ ياخشى بولماسمىدى؟!
-مەن كۆپ ئويلاندىم،بۇ ئىشنى ماڭا قارىغاندا سەن دېسەڭ ياخشىراق بولغۇدەك.چۈنكى سەن دېگەن كۆپنى كۆرگەن دانا ئادەم.ئېغىزىڭ ئېچىلسا، شىرىن سۆزلىرىڭ بىلەن تاشنىمۇ ئېرىتىۋېتەلەيسەن.ئۇنىڭغا چۈشەندۈرگىنكى،ئۇ بەھرامنىڭ ئالدىغا قايتىپ كەتمەي بۇ يەردە تۇرسا كاتتا شان –شەرەپكە،يۈز-ئابرۇيغا ئېرىشىپلا قالماي ساۋاپقىمۇ ئېگە بولىدۇ.سەن ئۇنىڭ يېنىغا كىرگەن چېغىڭدا خۇشھاللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ گەپكە سال.نىمە مەقسىدى بارلىقىنى تىڭلا.ئېيتقىنكى،ئۇ بۇ يەردە قالىدىغانلا بولسا قانداقلا تەلىپى بولسا قاندۇرىمەن.ئۇنىڭ رايى ھوقۇققا تارتسا تارتىنماي دېسۇن.مەن ئۇنىڭغا ئۆزى خالىغان ۋىلايەتنى تەقدىم قىلىپ بېشىغا شاھلىق تاجى قوندۇرىمەن.ئەگەر ھەربى مەنسەپ تۇتۇشنى خالىسا مەن ئۇنى پۈتكۈل قوشۇنغا باش قىلىشقا رازى.ئۇ بۇ يەردە تۇرۇپ قالسا كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشۈر.چۈنكى بۇ يەردە ئالەمنىڭ ھېچقانداق يېرىدىن تېپىلمايدىغان سان-ساناقسىز دىرھەم ۋە باشقا بايلىقلار بار.ھەممىگە ئايانكى دىرھەم بولغان يەردە نە غەم،نە رەنج-مۇشەققەت بولمايدۇ.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 01:00:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەن ئۇ ئەلچى بىلەن يۈزمۇ يۈز بولغاندا :‹‹ئەگەر تەكلىپىمىزگە كۆنسەڭ مۈلۈكلەر شاھى بولغان شەنگۇل بېشىڭنى سىلار.ھەر نۆۋەت نۇرلۇق يۈزۈڭنى كۆرگەندە غەنىيمەت دىداردىن ئالەمچە شادلىنار››دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلىىپ بىزگە مايىل قىل.سۆزلىرىڭ ئارىسىدا ئۇنىڭ ھەقىقى سالاھىيىتى ۋە ئىسمىنى سوراپ بىل.شۇندىلا كۆڭلۈم ئارام تېپىپ شاد بولغۇسى.ئۇ بىر تېپىلغۇسىز ئىسىل ئادەم،ھەقىقى قۇدرەت ئىگىسى ئىكەن.ئەگەر ئۇ بىزگە رام بولۇپ خىزمىتىمىزنى قىلسا ئېلىمىزنىڭ شۆھرىتى غايەت يۇقۇرى كۆتۈرىلىدۇ.بىز ئۇنى بارلىق لەشكەرلىرىمىزگە سەردار قىلىمىز.ئۇنىڭغا تايىنىپ ھەربى كۈچىمىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىمىز.ھازىرچە مۇشۇنچىلىك دىيىشىپ تۇرايلى،نىمە ئىش بولىدىغانلىقىنى كېيىن بىلىمىز.
شەنگۇلنىڭ ۋەزىرى شاھىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بەھرامنىڭ يېنىغا كەلدى.ئۇنى بىردەم گەپكە سالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ نام-شەرىپىنى سورىدى ھەمدە :‹‹ئەگەر ئىسمىڭنى ۋە ھەقىقى سالاھىيىتىڭنى ئېيتساڭ سەن ئۈچۈن جېنىمنى تىكىمەن››دېدى.بەھرام بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئويلاپ لال بولدى.نىمە دەپ جاۋاپ بېرىشكە ئامال تاپالماي قىينىلىپ كۆپ ئويلاندى.ئاخىر مۇنداق جاۋاپ بەردى:
-ئىي سۇخەندان مەرد،سەن نېمىشقا مۇنداق سۆزلەرنى قىلىپ مېنى تەڭلىككە سېلىپ دىلىمغا دەرد سېلىپ رەڭگىمنى سامان قىلىسەن.بىلىشىڭ كېرەككى،ئىران مۈلكى ئىچىدە مېنىڭ گەنجىم(مال-دۇنيالىرىم) باردۇر.ئەگەر پات –پۇرسەتتە يولغا چۈشۈپ يۇرتۇمغا قايتمايدىغان بولسام رەنجىم ئارتىدۇ.بۇ جاي بىزگە ياتتۇر،رىزقىمىز بۇ تۇپراققا پۈتۈلمىگەندۇر.بىزنىڭ ئادەت-يوسۇنىمىز ۋە ئويۇنىمىز شۇكى،كىمىكى ۋەتەندىن ۋە ئۆز شاھىدىن  يۈز ئۆرۈسە بۇ خاتاسى ئۈچۈن ئەل –ئاۋام ئالدىدا شەرمىسار بولغۇسىدۇر.بىزدە مۇنداق ماقال بار‹‹ئەقلى بار ئادەم ئالتۇنغىمۇ سېتىلماس›› ياخشى-يامان ھەممىلا ئادەم رىزقى تامام بولغاندا بۇ دۇنيادىن ئۆتكۈسىدۇر.ئويلاپ باقايلى،زامانە ئەھلىگە پاناھ بولغان تاج سەرۋەرى شاھ پەرىدۇن قېنى؟! يەنە خۇسرەۋ،نىجات،كەيخۇسرەۋ،كەيقۇباد قاتارلىق نامدار پادىشاھلار قېنى؟! ئۇندىن باشقا ھازىرقى شاھلاردىن بەھرام گورنى سەن بىلىسەن.ئۇ جاھانكويلۇق ئارا تەنتەنە قىلۇر.ئەگەر مەن ئۇنىڭ يولىدىن بويۇن تولغۇسام بۇ ئاسىيلىقىم ئۈچۈن بېشىمدا مىڭ تۈرلۈك ئويۇن پىرقىرايدۇ.شاھىمىز غەزەپلىنىپ قۇم-تۇپراقتەك لەشكەر باشلاپ كېلىپ ھىندىستان مۈلكىنى تالان-تاراج ئېتىدۇ.ئاۋات جادۇستان ئېلىنى خانىۋەيران قىلىپ قۇم-تۇپراققا قوشۇۋېتىدۇ.شۇڭا ئىناق  ئىككى ئەل ئوتتۇرسىغا تۈگىمەس زىددىيەت ئۇرۇقىنى چېچىپ قويغاندىن كۆرە ۋاقتىدا مۇزەپپەر شاھ بىلەن كۆرۈشۈپ  قايتىشقا رۇخسەت ئالغىنىم تۈزۈك.شۇ تاپتا ئاتا –ئانام ۋە شاھىم مېنى كۈتۈۋاتىدۇ،‹‹تېزراق قايتىپ كەل››دەپ چاقىرىۋاتىدۇ. ئەي ۋەزىر، ۋاقىتنى سوزماي جاۋابىمنى شەنگۇلغا يەتكۈزگىن،مېنىڭ تېزراق قايتىپ كېتىشمگە يول قويغىن!
دانىشمەن ۋەزىر بەھرامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ  بۇ سۆزلەرنى شەنگۇلغا بىرمۇ-بىر يەتكۈزدى.شەنگۇل ئاڭلاپ بەكمۇ مەيۈسلەندى:
-بىزگە ئەل بولمىسا مەيلى،زورلىمايلى،لېكىن قايتىپ كېتىشىگە يول بەرمەيلى.سەن ئۇنى كېچە-كۈندۈز يوشۇرۇن نازارەت قىلىپ قايتىپ كېتىش يولىنى توس.مەن ئوبدانراق ئويلىنىپ ھامان ئۇنى بويسۇندۇرۇشنىڭ ئامالىنى تاپىمەن.بۇ لەشكەر يەكتاسى يېڭىلگىنىگە تەن بېرىپ قىلمىشى ئۈچۈن زارلىنىدۇ.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-18 11:32:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەلدە تولىمۇ ۋەھشى بىر كەركىدان ياشايتتى.ئۇ ئۆزىنىڭ تاغسىمان بەستى بىلەن شاماللارنىڭمۇ يولىنى توساتتى.ئۇ شۇنچە قورقۇنۇشلۇق ئېدىكى، ھەر بىر تىنىقىدا شىرلارغا دەھشەت چۈشەتتى.قۇزغۇنلارمۇ ئۇندىن قورقۇپ يەرگە قونۇشقا پېتىنالماي شىددەت بىلەن ئاسمان تامان قاچاتتى.نەرىسى ھەر بىر ئاڭلانغىندا ئەلگە قورقۇنۇچ چۈشۈپ تىترەر ئېدى.نەرە ساداسى شۇ قەدەر كۈچلۈك ئېدىكى، يېقىنراق تۇرۇپ قالغانلارنىڭ قۇلاق پەردىسى يىرتىلىپ كېتەتتى.
شەنگۇل بەھرامغا بۇ كەركىدان ھەققىدە گەپ قىلىپ دېدى:
-ئەي باتۇر ئەزىمەت،مەن سېنى ۋەتىنىڭگە ۋاقتىدا  قايتۇرماي يولۇڭنى توسۇپ قويدۇم. بۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەپۇ قىلغىن.سەندىن ئۆتۈنىدىغان بىر مۈشكۈل ئىش بار ئېدى،قىلىپ بېرىش قولۇڭدىن كەلگەيمۇ؟!
بەھرام مەردانىلىق بىلەن جاۋاپ بەردى:
-نىمە ئىش ئېدى؟! قېنى دەۋەرسىلە ئالىيلىرى،خىزمەتلىرى ئۈچۈن جېنىم تەسەددۇق.
-شەھىرىمىزنىڭ يېنىدا بىر جاڭگاللىق بار،ئۇندا چوڭلۇقى لەھەڭدەك كېلىدىغان غايەت زور بىر كەركىدان ياشايدۇ.ئۇ قىلمىشلىرى بىلەن ھەر كۈنى ئەل –ئاۋامغا بالايى-ئاپەت ياغدۇرۇپ كۆڭۈللەرگە دەھشەت سېلىپ كەلدى.ئۇنىڭدىن ئادەملەر تۇرماق شىر،تىمساق ۋە پەلەڭلەرمۇ قورقۇشۇپ يېقىن بارالمايدۇ.دېمەكچىمەنكى،سېنىڭ شۇ كەركىدان تامان بارمىقىڭ،ئۇنى ئۆلتۈرۈپ تېنىنى غەلۋىر قىلىپ قېنىنى ئاقتۇرمىقىڭ دەركار بولۇپ قالدى.سېنىڭ باتۇرلۇقۇڭ تۈپەيلى كەركىدان يوقۇتۇلۇپ تا بۇ مۈلۈكنىڭ ئېلى ئۇندىن قۇتۇلسۇن،مەرد –مەردانىلىقىڭ،باتۇرلۇق خىسلىتىڭنىڭ تەرىپى يۇرتىمىزغا تولۇپ نامىڭ تىللاردا داستان،مەرتىۋەڭ گوياكى ئىگىز ئاسمان بولسۇن. بۇ مۈشكۈل ۋە شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالساڭ ساڭا چەكسىز تەنتەنە نىسىپ بولىدۇ.ھىندىستان ۋە چىن مەملىكەتلىرىدە ياشىغان ھەر بىر زات ساڭا مىڭلاپ ئاپىرىنلار ئېيتىپ نامىڭنى ياد قىلىشىدۇ.
-ئەي ئۇلۇغ شاھىم،مەن سىلى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى،بار كۈچۈم ۋە ماھارتىمنى ئىشقا سېلىپ ئۇ ياۋۇز مەخلۇقنى ئۆلتۈرۈپ ئەلنى ئۇنىڭ بالايى-ئاپىتىدىن خالاس قىلىشنى خالايمەن.
-ساڭا نېمە كېرەك،ياردەم بېرىش ئۈچۈن قانچلىك لەشكەر ئاجرىتىپ بېرەي؟!
- لەشكەرنىڭ كېرىكى يوق،ماڭا تەڭرى ئۆزى مەدەتكار بولىدۇ.مىنىدىغانغا ياراملىق بىر ئات بىلەن يول باشلاپ بارىدىغانغا يۈرەكلىكرەك كىشىدىن بىرنى ھەمراھ قىلىپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ.
شەنگۇل ناھايىتى بەك خوش بولۇپ بەھرامغا ئۆزىنىڭ ئەڭ ياراملىق ئاتلىرىدىن بىرنى بەردى.بەھرام ئاتنى مىنىپ،شەنگۇل قوشقان يول باشلىغۇچى بىلەن يولغا چۈشتى.ئۇلار كەركىدان ياشىغان جاڭگالغا يېقىنلاپ كەلگەندىن كېيىن يول باشلىغۇچى داۋاملىق مېڭىشقا جۈرئەت قىلالماي بەھرامغا مەنزىلنى كۆرسۈتۈپ قويۇپ قايتىپ كەتتى.بەھرام يولغا چىققاندىن كېيىن ئىرانلىق ھەمراھلىرىدىن بىرنەچچىسى شاھىدىن ئەنسىرەپ مۈشكۈل پەيتلەردە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئارقىسىدىن يوشۇرۇنچە ئىز بېسىپ كەلگەن ئېدى.يول باشلىغۇچى قايتقاندىن كېيىن ئۇلار بەھرام بىلەن ئۇچرىشىپ كېيىنكى سەپەردە بىرگە ماڭدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 01:33:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەھرام بىلەن ھەمراھلىرى كەركىدانغا يېقىنراق يەرگە كەلدى.كۆپچىلىك ئۇنىڭ تولۇق جىسمىنى كۆرمەي پەقەت  تېنىنىڭ بىر پارچىسىنى كۆرۈپلا ئىرادە كۈچىنى يوقاتتى.كۆپچىلىك بەھرامغا دېدى:
-ئەي قۇدرەتلىك شاھىم،بۇ مەخلۇق تولىمۇ زور شۇنداقلا كۈچ-قۇدرەتتە يەكتا،ياۋۇزلۇقتا ھەممىنى بېسىپ چۈشكۈدەك ئىكەن.بۇنداق مەخلۇق بىلەن ئېلىشىمەن دەپ ئەزىز جانلىرىنى دوغا تىكمەي بۇ نىيەتلىرىدىن يانسىلا.بۇنداق دېگىنىمىز سىلىنى سەل چاغلىغىنىمىز ئەمەس،سىلى كۈچ ۋە جاسارەتتە ئالەمدىكى كىشىلەر ئارىسىدا تەنھا.لېكىن شۇنى بىلىشلىرى كېرەككى،جەڭلەردە ھەر قاچان غالىپ كېلىدىغان،ھېچكىم تاقابىل تۇرالمايدىغان  قۇدرەتلىك شاھلارمۇ تاغ بىلەن چېلىشىشنى راۋا كۆرگەن ئەمەس.شۇڭا مەسلىھىتىمىز شۇكى،كەركىدان بىلەن ئېلىشماي قايتىپ كەتسىلە!
-سىلەر مېنى شەنگۇل دەرگاھىدا قورقۇنچاق،يارىماس،ئىرادىسىز دېگەندەك يامان ئاتاقلارغا قويماقچىمۇ؟مېنىڭ ئۇ يەردىن قانداق ۋەدە-قەسەملەر بىلەن بۇ يەرگە چىققانلىقمنى بىلمەمسىلەر؟ ھىندىستانلىقلار مېنى:‹‹شاھىمىز ئالدىدا چوڭ گەپ قىلىپ جەڭگە چىققان بىلەن كەركىداننى كۆرۈپلا قورقۇپ يېقىن بارالماپتۇ،بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرالماتۇ››دەپ مازاق ئەتمەمدۇ. سىلەر ماڭا ياردەم بەرگىلى ئەمەس كۈچ ۋە جاسارتىمنى سۇندۇرغىلى،ئۇلۇغۋار يولدىن قايتۇرغىلى كەلگەنمىدىڭلار؟!
-سىلى بىزنىڭ پاسىبانىمىز،ھايات شامىمىز.سىلىنى قوغداش،توغرا يولغا باشلاش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز.دېگەنلىرى بەرھەق،سىلى مۇنداقلا قايتىپ بارسىلا ھەقىقەتەن پىتنە چىقماي قالمايدۇ.بۇنىڭمۇ ئامالى بار.سىلى قايتىپ بېرىپ شەنگۇلغا:‹‹مەن ئىران شاھىنىڭ ئادىمى،ھەر بىر سۆز ھەركىتىم ئۇنىڭ پەرمانى بىلەن بولىدۇ.كەركىدان بىلەن جەڭ قىلاي دېسەم بۇ ئىشقا شاھ بەھرامنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان مۆھۈرلۈك پەرمانى يوق.شۇڭا بېرىشقا جۈرئەت قىلالامىدىم.ئەگەر قايتىپ بارغاندىن كېيىن شاھىم مېنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغىنىمنى، ھىندى شاھى ئۈچۈن خىزمەت قىلغىنىمنى بىلىپ قالسا كاللامنى ئېلىپلا قالماي ئۇرۇق جەمەتىمدىكىلەرنىمۇ ئامان قويمايدۇ.شۇڭا مېنى تەڭلىككە سالمىغايلا!›› دېسىلە بولىدۇ.
-بۇ گېپىڭلار ئارتۇقچە،مەندىن ئەنسىرىمەڭلار.ئادەمنىڭ ھايات-ماماتى تەڭرىنىڭ ئىلكىدە.ئەگەر تەڭرى مېنىڭ تەقدىرىمنى  ماڭا مۇشۇ ئەلدە ئەجەل يېتىدىغان قىلىپ پۈتكەن بولسا مەن ھەرقانچە قىلىپمۇ ھايات قالالمايمەن.ئەكسىچە ئۆمرۈمنى ئۇزۇن،رىزقىمنى پاراۋان،دۈشمەنلىرىمدىن ئامان ساقلاشنى ئىرادە قىلغان بولسا دۇنيادىكى بارلىق كەركىدانلار بىر بولۇپ كېلىپ ماڭا قەست قىلسىمۇ بىر تال مويۇمنى يۇلۇۋېتەلمەيدۇ.ئەقلىم بۇنداق ئەندىشىلەرنى كۆتۈرەلمەيدۇ.
قەھرىمان شاھ بەھرام شۇنداق دەپلا ھەمراھلىرىدىن ئايرىلىپ،ئېتىغا مىنىپ، قولىغا كامانىنى  ئېلىپ دۈشمەنگە قارشى ھەركەتكە ئاتلاندى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 11:54:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
karkidan.jpg


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 01:02:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاھ بەھرام ئېتىنى شىددەت بىلەن چاپتۇرۇپ كەركىدانغا يېقىنلاشتى.قىلچە تەمتىرىمەستىن ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرغان ئەجەلنىڭ كۆزىگە سوغ نەزەر بىلەن باقتى.قولىغا تېزلىكتە شاھانە ئوقياسىنى ئېلىپ كەركىداننىڭ قارىسىنى نىشانلاپ كىرىچنى تارتتى.ئېتىلغان ئوق بەئەينى چاقماقتەك تېز  ئۇچتى.نىشانغا يەتكەندىن كېيىن كەركىداننىڭ باغرىغا زەرب-ئەلەم بىلەن سانچىلدى.بەھرام كەركىداننىڭ نالە پەريادىنى ئاڭلاپ خەنجىرىنى قىنىدىن چىقاردى.كەركىدانغا يېقىنلىشىپ كېلىپ ‹‹شارت›› قىلىپ ئۇنىڭ بېشىنى ئۈزىۋالدى.ئاندىن بۇ خەتەرلىك كۈرەشتە ئۆزىگە مەدەتكار بولغان قادىر  خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىپ مۇنداق دېدى:
-ئەي ئۇلۇغ خۇدا،ساڭا مىڭ بارە تەشەككۈر! ياردىمىڭدە يەنە بىر خەتەرلىك دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كەلدىم.مەندىكى كۈچ-قۇدرەت ۋە غەيرەت سەندىن كەلگەندۇر.ئەمرىڭدىن ماڭا بۇ شان-شەۋكەتلەر قۇياش كەبى نۇر چاچتى.ھەرقاچان مەرھىمىتىڭنى ئايىمىغايسەن.
بەھرام قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھىندى شاھى شەنگۈل ئۇنىڭ غەلىبىسى شەرىپىگە كاتتا بەزمە ئۇيۇشتۇرۇپ بەردى.بەھرامنى يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ كاتتا ئىلتىپاتلارنى كۆرسەتتى.ھىندى لەشكەرلىرى،چىننىڭ باتۇرلىرى ۋە يەنە نۇرغۇن ئەللەردىن كەلگەن مېھمانلار ئۇنى ماختاشتى.شەنگۇلنىڭ سەردارلىرى بەھرامغا سوۋغا قىلىش ئۈچۈن بىسيار سوۋغاتلارنى كەلتۈردى.ئۇلار بەھرامغا:
-ئاڭلا ئەي نامدار،بۇ دۇنيادا باتۇرلۇق ۋە قەيسەرلىكتە ھىچبىر زات ساڭا تەڭ كېلەلمەس.دەرگاھىڭ مۇقەددەس بولغاي،ئۆمرۈڭ بادتەك ئۆتكەي.
بۇ ئىشتىن شەنگۇل ھەم شادلاندى ھەم مەيۈسلەندى.شۇڭا چىرايىمۇ گاھ ئىللىق، گاھ سۇس تۈس ئالدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 02:33:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ زامانلاردا ھىندىستاندا بىر ياۋۇز ئەجدىھا پەيدا بولۇپ قالغان بولۇپ ئۇ پۇقرالارغا دەھشەت سېلىپ گاھ سۇدا، گاھ قۇرۇقلۇقتا ياشايتتى.
ئۇ شۇ قەدەر زور ۋە دەھشەتلىك ئېدىكى ھەتتا پىلنىمۇ دەم تارتىپ كېتەتتى.ئەگەر دەرياغا كىرىدىغان بولسا نىل دەرياسىمۇ مەۋج ئۇرۇپ دولقۇنلار ئەۋجىگە چىقاتتى.شەنگۇل كۆپ بىلىم ئىگىسى،ۋۇجۇدى پاراسەت بىلەن تولغان  دانا دوستىنى  يېنىغا چاقىرىپ ئۇنىڭغا سىرىنى ئېيتتى:
-ئەي دانا،ئىراندىن كەلگەن مەرد ئەلچى مېنى ئويغا سېلىپ قويدى.ئۇنىڭ باتۇرلۇقى ۋە زىيادە قەيسەرلىكى مېنى گاھ خۇشال قىلسا،گاھ غەمگە سېلىپ دەردكە مۇپتىلا قىلىدۇ.‹‹بەھرامنىڭ ئاددىي بىر چاكىرى بۇنچە يامان بولسا،باشقا سەركەردە سەرۋازلىرى ۋە ئۆزى قانچىلىك دەھشەتلىكتۇ››دېگەننى ھەر بىر ئويلىسام دەھشەتكە چۈشۈپ كېچىلىرى ئۇيقۇم ھارام بولىدۇ.ئەگەر ئۇ ماڭا بەيئەت قىلىپ مۈلكۈمدە قالسا،لەشكەرلىرىمگە باش بولۇپ ئىلكىگە ئالسا قانىتىم بولغان بولاتتى.شۇنىڭدىن قورقىمەنكى،ئەگەر ئۇ بۇ يەردىن قايتىپ ئىرانغا يول ئالسا بەھرام ئۇنىڭغا ۋە باشقا ئۇنىڭدەكلەرگە تايىنىپ بارلىق قوشۇنلىرىمنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.بىزنى كۆرۈۋاتقان ھالاۋەتلىرىمىزدىن ئايرىۋېتىدۇ.مۇشۇ ئىشنى زادى قانداق قىلسام بولۇر دەپ تاڭغىچە ئويلىنىپ خىيالىمغا باشقا بىر چارە كەلدى.مەن ئۇنى:‹‹ئەجدىھارنى ئۆلتۈرپ بىزنى ئاپەتتىن خالاس قىلغىن›› دەپ ئەجدىھار غارىغا يولغا سالىمەن.ئۇ ئۇ يەرگە بېرىپ ئەجدىھارنى ئۆلتۈرسە ئەجدىھار بالاسىدىن خالاس بولىمىز،ئەگەر ئەجدىھار ئۇنى ئۆلتۈرسە ئىرانلىقلارنىڭ ۋەھىمىسدىن خالاس بولىمىز. ئۇ بۇ ياۋۇز ئەجدىھار ئۈستىدىنمۇ غالىپ كېلىپ ھايات قايتىپ كېلەلىسە ئۇنىڭغا ئىككىنچىلەپ تەنە قىلماسلىققا قەدەم قويىمەن.
دانا بۇ چارىنى قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىدى.شەنگۇلنىڭ دانا تەدبىرلىك شاھ ئىكەنلىكىنى بىردەم تەرىپلەپ ماختىغان بولدى.شۇ ئىشتىن كېيىن شەنگۇل بەھرامنى يېنىغا چاقىرتتى.بەھرامنى بىلەپ مەردلىك داستانلىرىدىن بىر ھازا سۆز ئېچىشقاندىن كېيىن ئەسلى مەقسىدىنى ئىزھار قىلدى:
-ئەي ئەزىمەت،سەن ئادالەتلىك ئىگەمنىڭ ئەمرى بىلەن ئىران ئېلىدىن بۇ يەرگە كەلدىڭ.بۈگۈن مەن ساڭا نامدارلار نامىدىن ئىلتىماس قىلىمەنكى، ئېلىمنى بالادىن خالاس ئەيلىگىن.شۇ تاپتا تولىمۇ جاپالىق بىر ئىش سېنى كۈتمەكتە.لېكىن بۇ ئىشنىڭ جاپاسى كۆپ بولغان بىلەن غەلىبىدىن كېيىنكى پايدىسىمۇ بىسيار كۆپتۇر.ئەگەر سەن بۇ ئىشنى بېجىرەلىسەڭ ئىختىيار سەندە بولىدۇ. سېنىڭ يۇرتۇڭغا قايتىپ كېتىشىڭگە ئىجازەت بېرىمەن.شۇنداقلا كۆرسەتكەن خىزمىتىڭ ئۈچۈن سەندىن تولىمۇ خۇرسەن بولىمەن.
-ئەي قۇدرەتلىك شاھ پاناھ،-دېدى بەھرام جاۋاپ بېرىپ-مەن ھىچبىر ئارام ئالماستىنلا بۇيرۇغان خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشقا،بۇيرۇقلىرىنى قايتۇرماي ئىجرا قىلىشقا ئاتلىنىمەن.ھېچ غېمىم يوقكى، بۇ ئىشنى بېجىرىش جەريانىدا پەلەكتىن قانداقلىكى كەلمىش كەلسە شۇنى كۆرۈشكىمۇ تەييارمەن.قېنى ئېيتسىلا ئۇ زادى قانداق خىزمەت؟!
-بېزگە يۈزلىنىپ تۇرغان چوڭ بىر بالا بار.ئۇ بولسىمۇ بېشىمىزغا ئاپەت بولغان دەھشەتلىك ئەجدىھاردۇر.ئۇ دائىم غارىدىن چىقىپ ئادەملىرىمىزنى ۋە مال-چارۋىلىرىمىزنى دەم تارتىپ كېتىپ بىزگە ئېغىر زىيانكەشلىك قىلىدۇ.ئۇنىڭ مەنزىلگاھى گاھ زېمىن،گاھ سۇدۇر.ئۇ شۇ قەدەر قۇدرەتلىككى،قۇترىغان لەھەڭمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا ئاجىز كېلىپ نائىلاج يەم بولىدۇ.پەمىمچە ھازىر ئادىمىزاد نەسلىدىن پەقەت سەنلا ئۇنىڭغا رەقىپ بولالىشىڭ مۈمكىن.ئەگەر سەنمۇ تەڭ كېلەلمىسەڭ ئۇنىڭ ھەممىمىزنى بىر-بىرلەپ دەم تارتىپ كېتىشىنى،دۇنيانىڭ ۋەيران بولۇشىنى كۈتۈپ تۇرماقتىن باشقا ھېچ چارىمىز يوقتۇر.ئەگەر سەن ئۇ ئەجدىھارنى ئۆلتۈرۈپ بېشىنى چاپالىساڭ مەن چىن دىلىم بىلەن رازى بولۇپ ئىرانغا ھىندىستاننىڭ بېجىنى بېرىشكە ۋەدە بېرىمەن.بىز قەدىردانلاردىن بولۇپ قالىمىز.سەن باج ئۈچۈن بەلكىم نەچچە يۈزخىل مال ئالارسەن،مەيلى نېمىنى تەلەپ قىلساڭ  شۇنى بېرىمەن،مەيلى قىلىچ ئالامسەن ياكى ئۇدمۇ ئېسىڭگە كەلگەن،ئاغزىڭدىن چىققان ھەرقانداق نەرسىنى بېرىشكە مانا مەن تەييار.
-ئايا،ئەي پادىشاھ!پەقەت ۋەسەن ئۆزلىرىلا بۇ ئەلنىڭ شاھىنشاھى ۋە بۈيۈك پەرمانچىسى.مەن جاناپلىرىنىڭ پەرمانىنى تېنىمگە دەرمان دەپ بىلىمەن.مەيلى، مەن پەرمان بويىچە بېرىپ ئەجدىھارنى يەكسان قىلىشقا ۋەدە بېرىمەن.لېكىن ئۇنىڭ ماكانىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن.سىلى ئادەم بۇيرۇپ ماڭا يول باشلاتقۇزۇپ ئۇنىڭ ماكانىنى كۆرسۈتۈپ بەرسىلە.ئۇنى تېپىپ جەڭ قىلماق ۋە پەرمانلىرىنى ئورۇندىماق شۇ تاپ مېنىڭ كۆڭلۈم ئارمانىدۇر.
شۇ سۆزلەردىن كېيىن شاھ شۇم ئەقدىسارنى كۆرسۈتۈپ قويماققا بىر يول باشلىغۇچىنى چاقىرتىپ بەھرامغا قوشتى.ھەر بىر ئىشقا قادىر بەھرام ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ماڭدى.بەھرامنىڭ يەنە بىر خەترلىك ئىشقا بۇيرۇلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئوتتۇز نەپەر ئىرانلىق قىلىچۋاز باتۇر ئەزىمەتمۇ ئۇلارغا يانداشتى.ئۇلار ئانچە ئۇزاق ماڭمايلا بىر دەرياغا يەتتى.بۇ يەردە يېقىنلا جايدىن  ئەجدىھارنىڭ شەپىسىنى بايقاشتى.ئۇزاققا قالماي ئەجدىھارنىڭ تاغدەك  گەۋدىسىنى ۋە ئېغىزىدىن ئوت پۈركەشلىرىنى كۆرۈشتى.ئۇنىڭ پۈركىگەن ئوتلىرى شۇ قەدەر كۆپ ۋە يالقۇنلۇق ئېدىكى،بىر پۈركۈش بىلەنلا بىر پارچە زېمىننى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتەلەيتتى.كۆزلىرىمۇ شۇنچە چوڭ بولۇپ يالقۇندەك چاقناپ تۇراتتى.بۇ ھال ئەزىمەتلەردە ئەجدىھاردىن قورقۇش دەھشىتى پەيدا قىلدى.ئىرانلىق ئەزىمەتلەر غۇلغۇۇلا قىلىشپ بەھرامنى بۇ جەڭدىن توسماق بولۇشتى:
-ئايا،شەھرىيار،بىز سىلىنىڭ تەڭداشسىز باتۇرلۇقلىرىنى بىلىمىز.لېكىن بۇنى كەركىدانغا ئوخشاتقىلى بولماس.بىز بۇ ئەجدىھارنى دەپ ئىران مۈلكىنى بەرباد قىلمايلى.ئېنىقكى بۇ دۈشمەننىڭ سىلىنى ئەجدىھارنىڭ قولى بىلەن يوقۇتۇش سۈيىقەستى ئىكەن.بىز بۇنى بىلىپ تۇرۇپ خەتەرگە ئۆزىمىزنى ئۇرمايلى.دوستلارنى يىغلىتىپ دۈشمەنلەرنى كۈلدۈرىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايلى.ئۇندىن كۆرە مۇشۇ يەردىنلا ئىرانغا قايتىپ كەتكىنىمىز تۈزۈك.
-سۆزۈڭلار ئورۇنلۇق،بىلىپ تۇرۇپتىمەن،ھەممىڭلار غېمىمنى يەپ شۇنداق دەۋاتىسىلەر.لېكىن ئۇنتۇماڭلاركى،مەن شەنگۇلغا ۋەدە بېرىپ چىقتىم.مەن ئۈچۈن ئۆلۈمدىن قورقۇپ قاچماقلىق،ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق ئۆلۈمدىن ئۆتە ئازاپلىقتۇر.دۇنيادا ئۆلۈم ھەممە ئادەمنىڭ بېشىدا بار ئىش،ئۇ بەزىلەرگە بۇرۇن،بەزىلەرگە كېيىن كېلىدۇ.ئادەمنىڭ ھايات-ماماتى مەخلۇقنىڭ قولىدا ئەمەس ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر.ئەگەر بۈگۈن مۇشۇ ئەجدەر تۈپەيلى ھاياتىم پۈتسە مەن شۇنىڭغا رازى،مەردانە قەلبىم قىلچىمۇ ئازاپ چەكمەس!
يېقىنلىرى قانچە نەسىھەت قىلىپ توسسىمۇ كار قىلمىدى.ئەجدىھار بەكمۇ چوڭ ۋە خەتەرلىك بولغاچقا ئۇنىڭغا يېقىن بېرىپ قىلىچ-نەيزىلەر بىلەن يوق قىلىش مۈمكىن ئەمەس ئېدى.شۇڭا بەھرام ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ تۇرۇپ ئەقدىھارنى ئوقيادا زەھەرلىك ئوق بىلەن جايلىماق بولدى.ئەپلىك جايغا ئكزىنى يوشۇرغاندىن كېيىن چوڭ ئوقتىن بىرنى سېلىپ ئۇچىنى ئەجدىھارغا قارىتىپ  كاماننىڭ تارىنى تارتتى.تار قويۇپ بېرىلىۋىدى،زەھەرلىك ئوق ئاقار يۇلتۇزدەك تېزلىك بىلەن ئۇچۇپ بېرىپ ئەجدىھارنىڭ جىسمىغا پاتتى.ئەجدىھار قاتتىق نەرە تارتىپ جايىدىن قوزغالدى.تەلۋىلىشىپ ئۆزىنى ئۇيان بۇيان ئۇرۇپ رەقىبىنى ئىزدىدى. ئىككىنچى قېتىم ئېتىلغان پولات ئوق ئەقدىھارنىڭ ئاغزىنى تىكىپ ئوت پۈركىيەلمەس،دەم تارتالماس قىلىپ قويدى. زەھەرلىك ئوق يامغۇر كەبى خېلى كۆپ ئېتىلدى.شۇڭا ئوق كۈچىنى كۆرسۈتۈپ ئاخىرى ئەجدىھارنى دۈم سالدى.گەرچە ئۇ يېتىپ قالغان بولسىمۇتاغدەك  زور مەخلۇقنىڭ نالىسى ۋە دەھشىتى تۈپەيلى زېمىن ۋە ساما تىترىدى.ئوقلار زەربىدىن ئەجدىھارنىڭ ئىچىگە زەھەر بىلەن چوغ چۈشتى.ئۇ ھالسىزلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن بەھرام يېقىنلاپ بېرىپ بېشىغا چوقماقلار بىلەن ئۇردى.يارىلانغان ئەجدىھارنىڭ جىسمىدىن قان-زەرداپلار دەريادەك ئاقتى.ماجالى قالمىغاندىن كېيىن تىپىرلاشتىنمۇ قېلىپ جىمجىت يېتىپ قالدى.بەھرام شەمشىرىنى چىقىرىپ ئۇنىڭ تېنىنى پارە-پارە قىلىۋەتتى.پالتا بىلەن چورت قىلىپ بېشىنى كېسىۋالدى.ئەجدىھار ئاخىر ئۆلۈپ تېنى تۇپراق بىلەن تەڭ بولدى.
بەھرام جەڭدىن قولىنى ئۈزۈپ ئەجدىھارنىڭ بېشىنى ئېلىپ شەنگۇل تەرەپكە قاراپ ماڭدى.شاھ پالۋاننىڭ يېڭى ئىشىنى كۆرۈپ ھەم خۇشال بولدى،ھەم تېخىمۇ چوڭ غەمدە قالدى.ھىندىستانلىقلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ تەھسىن ئاپىرىنلارغا ‹‹ئىران ئەلچىسى››نى كۆمۈۋېتىشتى.ھەممىنىڭ تىلىدا ئىران كۈيلەنمەكتە ئېدى.دېمەك بۇ زور جەڭدىن كېيىن ئىران پەرزەنتىگە شان-شەرەپ ياغدى.ھىندىلار تەرەپ تەرەپلەردىن كېلىپ ئەجدىھارنى بىر تەرەپ قىلغان ئەزىمەتنى تاۋاپ قىلىشىپ چىرايىغا تويماي قاراشتى.ئۇلار كۆڭلىدە:‹‹شەھرىيارلىق مانا شۇنداق ئەزىمەتلەرگىلا يارىشىدۇ!›› دېگەنلەرنى ئويلىماقتا ئېدى.
  

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 07:43:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىشتىن ھەممە شاد ئېدى.لېكىن بىرلا شەنگۇل چوڭقۇر قايغۇغا پاتقان،دەردى ھەسسىلەپ ئارتقان  ئېدى.بەھرامنىڭ مەردلىكى ئۇنىڭ رەڭگىنى سارغايتتى.شاھنىڭ ئەمرى بىلەن فەرزانە يەنە شاھ ھوزۇرىغا تۈن كېچىدە خۇپىيانە چاقىرتىلدى.ئۇنىڭدىن باشقا شاھنىڭ قەۋمۇ-قېرىنداشلىرى،دىلكەش يىگانىلىرىمۇ چاقىرتىپ كىرىلگەن ئېدى.شاھ ئۇلارغا دىلدىكى دەردىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:
-شاھ بەھرام ئەۋەتكەن ۋەكىل پەزىلەتتە ھەممىدىن ئېسىل،كۈچ ۋە جاسارەتتە ھەممىدىن جەسۈر ئىكەن.ئۇ بىزنىڭ يۇرتتا قالدۇرۇپ قېلىش تەكلىپىمىزگە قوشۇلمىدى.ئۇنى كۆپ سىناش ئارقىلىق دىلىمغا شۇنداق بىر پىكىر كەلدى.ئەگەر ئۇ بۇيەردىن يېنىپ يۇرتىغا كەتسە،سەپىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ شاھ بەھرامنىڭ ھوزۇرىغا يەتسە،شاھىنىڭ بىز ھەققىدە سورىغان سۇئاللىرىغا:‹‹ھىندى قوشۇنى مەيداندا تولىمۇ زەئىپ ئىكەن.ئۇلاردا بىزگە بەھس كەلگۈدەك پالۋانى زەربتىن بىرەرسىمۇ يوق ئىكەن››دېسە ئۇندا دۈشمەنلىرىم خۇشال بولۇپ مەن بىلەن جەڭ قىلماققا تەق بولىدۇ.شۇڭا ئۇنى تىرىك قايتۇرغاندىن كۆرە كېيىنكى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ مۇشۇ يەردىلا كاللىسىنى ئالغىنىم ساز بولىدىغاندەك تۇرىدۇ.ئەي ئەزىزلەر، بۇ ئىش ھالىمنى يەر بىلەن تەڭ قىلدى.سىلەرگە بۇ پىلانىم خوپ كېلەمدۇ يوق،قىممەتلىك پىكىر تەكلىپىڭلار بولسا ئايىمىغايسىلەر.
باشقىلار جاۋاپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىپ جىم تۇرۇشتى. ئوڭ قول ۋەزىر ئورنىدىن تۇرۇپ شاھقا ھۆرمەت بىلدۈرگەندىن كېيىن قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئايا،شەھرىيار،مەن بۇ قاراشلىرىغا قوشۇلالمايمەن.بۇنداق يامان ئىشنى ھەرگىز ئىختىيار قىلمىغايلا.ئۆزلىرىگىمۇ مەلۇم،باشقا ئەلدىن كەلگەن ئەلچىنى ئۆلتۈرمەكلىك شاھلىق رەسمىدە قاتتىق پەرھىز تۇتۇلىدىغان ئىشتۇر.ئۇ گويا گۇناھى ئەزىمدۇر.ئىشنى ھەل قىلماقنىڭ نۇرغۇن ياخشى تەدبىرلىرىنى تاپقىلى بولىدىغان تۇرۇپ نىمىگە مۇنداق نانلارچە پىكىرگە كېلىپ قالدىلا؟!مەن سەمىلىرىگە سالايكى،ئورۇنلىرىدا باشقا ئادەم بولغان بولسىمۇ ھېچكىم مۇنداق ناچار يولنى تۇتمىغان بولار ئېدى.شۇم نىيەت ھېچكىشىگە شەرەپ ۋە بەخت ئېپكېلەلمەس.ئەگەر رايلىرىدا چىڭ تۇرۇپ بۇ يىگىتنىڭ بېشىنى ئالسىلا ئىرانلىقلار بۇ ئىشنى باھانە قىلىپ شۇ ھامان ئېلىمىزگە ھېساپسىز قوشۇن تارتىپ باستۇرۇپ كېلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئېلىمىز قۇتۇلدۇرۇۋالغۇسىز دەرىقىدە خەتەر ئىچىدە قالىدۇ.ئۇ چاغدا شاھ بەھرامنىڭ ئۆزى  قوشۇنلىرىغا باش بولۇپ كېلىشى مۈمكىن.ئۇندا بۇ ئەلدە بىرمۇ ئادەمنىڭ تىرىك قېلىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.دېمەككىم بۇ مەقسەدلىرى ياخشلىققا ياتتۇر.بىز ۋاپاغا جاپا قىلماسلىقىمىز،باشقىلارنى زۇلۇم بىلەن ئەمەس، شەپقەت بىلەن ئىندەككە كەلتۈرۈپ خىزمىتىمىزگە سېلىشىمىز كېرەك.ئۇ بىز ئۈچۈن كۆپ خىزمەت كۆرسەتتى،بىزنى كەركىداننىڭ ۋە ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيدىغان ياۋۇز ئەجدىھانىڭ ئاپىتىدىن خالاس قىلدى.شۇنداق ئىكەن بىز ئۇنى كاتتا تارتۇقلار بىلەن مۇكاپاتلىشىمىز،ئۆزىمىزگە تېخىمۇ رام قىلىشمىز لازىم.ئەگەر بىزئۇنىڭغا مۇكاپات ئورنىغا ئېغىر جازا بېرىپ ئەزىز جېنىغا قەست قىلساق تارىختا بەد نامىمىز قالىدۇ.قول ئاستىلىرىدىكىلەرمۇ سىلىدىن ئۈمىتسىزلىنىدىغان،ئىشەنمەيدىغان،سىلى ئۈچۈن جان تىكىپ خىزمەت قىلىشتىنمۇ قورقۇدىغان بولۇپ قالىدۇ.شۇڭا ھەرگىزمۇ يېنىكلىك بىلەن قارار چىقارمىغايلا!
بۇ سۆزنى ئاڭلاپ شەنگۇلنىڭ بېشى قايدى.خېلى ئويلانغاندىن كېيىن دانانىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇنىڭ پەندىدىن ئەقلى-ھۇشىنى تېپىۋالدى.
ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا شەنگۇل بەھرام بىلەن كۆرۈشمەك بولۇپ ئۇنىڭ چۈشكىنىگە قاراپ يول ئالدى.شەنگۇل كىرگەندە بەھرام مەيۈس ھالەتتە تەنھا ئولتۇراتتى.شەنگۇلمۇ تەنھا كەلگەن بولۇپ ئۇنىڭ يېنىدىمۇ بىرەر ۋەزىر،ياكى باشقا دانالىرى يوق ئېدى.شەنگۇل كېلىش مەقسىدىنى ئىزھار قىلىپ بەھرامغا مۇنداق دېدى:
-ئەي،دىلاۋەر مەرد،سەن تولىمۇ بەختيار كىشى ئىكەنسەن،شان شۆھرىتىڭمۇ ئالەمچە بار ئىكەن.شۇنى بىلگىنكى مەن ۋەدىگە ۋاپا قىلىدىغان كىشىمەن.ھەرقاچان تىلىم بىلەن دىلىم بىردۇر.بۈگۈن يېنىڭغا بىر ياخشى نىيەت بىلەن كەلدىم.سەن ھوزۇرۇمغا كەلگەندىن بېرى مەن ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ خىزمەتلەرنى قىلدىڭ.ئېلىمىزدىن ئىككى چوڭ ئاپەتنى يوق قىلدىڭ.مۇشۇ قىلغانلىرىڭنىڭ ھەققى ھۆرمىتى ئۈچۈن مەن سېنى كاتتا تەقدىرلەپ ئەڭ چوڭ مۇكاپاتلار بىلەن مۇكاپاتلىماقچى،شۇنداقلا سېنى ئۆزۈمگە كۈيئوغۇل قىلىپ قىزلىرىمنى بەرمەكچى بولۇۋاتىمەن.تىلىكىم شۇكى،سەن بۇ يەردىن كەتمەي ھوزۇرۇمدا قالغان،ماڭا قول قانات بولۇپ بارلىق ھوزۇر-ھالاۋەتنى مەن بىلەن تەڭ كۆرگەن بولساڭ.مەنسەپ ئابرۇيدىن غەم يېمە،مەن سېنى بارلىق قوشۇنلىرىمغا سەردار قىلىمەن.ئورنۇمغا تەخت ۋارىسى دەپ جاكالاپ بارلىق ھىندىستان مۈلكىگە سەركەر قىلىمەن.
شاھ بەھرام بۇ سۇئالغا نىمە دەپ جاۋاپ بېرىشتىن قىينىلىپ چوڭقۇر ئويغا چۆمدى.ئۇ ئۆزىگە –ئۆزى سۆزلەپ مۇنداق دېدى:
-مەن شۇ تاپتا ئەشەددىي يامان سۈيىقەستكە دۇچ كەپتىمەن. شاھنىڭ پېلانى بويىچە بولغاندا مەن ئۇنىڭغا كۈيئوغۇل بولۇپ يېقىن تۇققىنى،پايدا زىيىنىنىڭ شېرىكى  بولىدىكەنمەن.بۇنداق بولغاندا كۈيئوغلى تۇرۇپ ھېچقاچان ئۆز قېيناتامغا قارشى جەڭگە چىقالمايمەن،ئۇنىڭغا تىغ تەڭلىيەلمەيمەن.پۇت قولۇم كۆرۈنمەس يىپ بىلەن چۈشىلىپ رايى بويىچە ئىش قىلىشقا مەجبۇر بولىمەن.ئەسلىدىكى ئۆز ئارزۇ-ئارمانلىرىم بىر چەتتە قېلىپ باشقا بىر تەمەدە بولۇدىغان بولۇپ قالىمەن.ئۇنىڭ رايىغا باقاي دېسەم  مەن ئۈچۈن ئىراندىن ئايرىلىش ئۆلۈمدىنمۇ يامان.بۇ يەر مېنى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ئۇزاق تۇتۇپ قالدى.مەن بىر ئەركىن شىر تۇرۇپ   ئۆز ئايىقىم بىلەن كېلىپ ھىيلىگەر تۈلكىنىڭ قاپقىنىغا ئىلىنىپ قالدىم.قانداق قىلسام بولار؟!
شاھ بەھرام بىراز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن بىر قارارغا كەلدى.يەنى ھازىرچە يالغاندىن ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ بۇ يەردە قېلىپ تۇرۇدىغان، كېيىنچە ئەركىنلىكى قولىغا قايتىپ ھۆر ئادەم بولغاندىن كېيىن قايتىش پېلانىنى ئەھۋالغا قاراپ تۈزىدىغان بولدى.شۇڭا مۇنداق جاۋاپ بەردى:
-ئەي ئالەمپاناھ،مىھىر-شەپقەتلىرىگە ھەشقاللا،ئۆزلىرى قاھاندا تەڭداشسىز بىر شاھىنشاھ تۇرۇپ مەندەك بىر غېرىپ مۇساپىرنى ئەزىزلەپ،ئۆز كۆرۈپ بېشىمنى سىلىماقچى،ئالەمچە ياخشىلىق قىلىپ ئۆزلىرىگە كۈيئوغۇل قىلماقچى بولۇۋاتسىلا بۇنى رەت قىلىشقا قانداقمۇ تىلىم بارسۇن.جان دەپ پەرمانلىرىنى قوبۇل قىلىمەن.ئەمما قىزلىرىنى ماڭا كۆرسەتسىلە،سىلى ماڭا لايىق كۆرگەننى قوبۇل قىلىپ شەپقەتلىرى ئۈچۈن سىلىگە تەھسىن ئېيتاي!
ھىندى شاھى بۇ جاۋاپنى ئاڭلاپ شادلاندى.ئۇ ئوردىغا قايتقاندىن كېيىن ئوردىغا قايتىدىن بېزەك بەرگۈزۈپ ياساپ جابدۇدى.ئۇنىڭ ئۈچ قىزى گۇياكى ئۈچ ھۈررەم باھاردەك خۇش بۇي ھىد ۋە ئىللىق نۇر چېچىپ بەھرامنىڭ يېنىغا كەلدى.بۇلار بىر-بىرىدىن ئېسىل خۇش زىبا،خۇش پۇراق،خۇش رەڭ ئۈچ نىگار ئېدى.شەنەۇل بەھرامغا دېدى:
-ئەي ئەزىز مەرد،قىزلىرىمدىن بىرىنى تۇتقىل،بۇ سېنىڭ تاللىغىنىڭ بولسۇن.سەن قايسىسىنى تاللىساڭ شۇ سېنىڭ جۈپتى ھالالىڭ بولسۇن،شۇنى ئەمرىڭگە ئېلىپ شۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈڭنى خۇش قىل!
بەھرام پەرمانغا ئاساسەن ئايۋانسېرى قەدەم تاشلىدى.ئايدەك گۈزەل قىزلار ئارىسىدىن بىرىنى تاللىدى.ئۇنىڭ تاللىغىنى شۇنداق بىر نازىنىن گۈل ئېدىكى،مۇبارەك نامى سەپېنۇد ئېدى.ئۇنىڭ جىسمىغا ەۈزەللىكتىن باشقا شەرمى-ھايا ۋە ئىززەت ئېكرام مۇجەسسەم بولغان ئېدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 01:43:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
babb36036f11ed623912bbba.jpg
ce5518f971c574cd9e5146c5.bmp
f1437bfd7d7fa4099f51461a.bmp
img200809241258020.jpg
201042111743475.jpg
20100525104255551.jpg
20120103110750795_726_o.jpg
2713418775491257286.jpg
46632cd712a54e0fa1ec9c17.bmp
7356231_183920133000_2.jpg
8934152_113058721126_2.jpg
8186331959b0d1741ad57613.bmp
1GGA201-7.jpg
1899a23e24f53792838b130d.jpg


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش