مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Qabiljan

بەھرام گور پادىشاھلىقى(6) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 07:33:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاللاش ئاخىرلاشتى،شەنگۇل ۋەدىسىگە بىنائەن ئۆز قائىدىسى بويىچە كاتتا توي مۇراسمى ئۆتكۈزۈپ قىزى سەپېنۇدنى بەھرامغا نىكاھلاپ بەردى.شاھ بەھرام بۇ قۇياش يۈزلۈك  سەرۋى راۋان ھۆسنى مۇبارەكنى ئېلىپ ئۇنىڭ مۇھەببىتى بىلەن كۆڭلىنى خۇش قىلدى.شەنگۇل يەنە خەزىنىلىرى ئىچىدىن  بىباھا بايلىقلار بىلەن لىق تولغان بىرىنى تاللاپ ئۇنىمۇ بەھرامغا بەردى.ئۇندىن باشقا بەھرامنىڭ يارۇ-يولداشلىرىنى،خۇشقامەت،سۇۋارى ھەممە قولداشلىرىنىمۇ كاتتا تارتۇقلار بىلەن مۇكاپاتلاپ ناھايىتى كۆپ دىرھەم،دىنار،كۈمۈش ۋە زەرلەرنى بۆلۈشتۈرۈپ بەردى.
شەنگۇلنىڭ ئوردىسى زىننەتلەر بىلەن تولغان بولۇپ گۆھەردەك يالتىرايتتى.ئوردىنىڭ نامدارلىرى بۇيان كېلىشكەن چاغدا بەھرام شەنگۇلغا ھەمراھ بولۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا مەغرۇر،خىرامان ھالدا بىرگە چىقتى.بەھرامنىڭ قۇتلۇق تويى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر ھەپتىگىچەئۈزۈلدۈرمەي  كاتتا شادلىق بەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇلدى.نامدارلار بىلەن مېھمانلار قانغۇچە يەپ ئىچىشىپ كۆڭۈللىرىدە شادلىقلارنى تاشقىن قىلىشتى.
گوياكى بىللۇر قەدەھكە لالەرەڭ مەي قۇيغاندەك شاھ  بەھرامغا شاھ قىزى سەپېنۇد خويمۇ ياراشقان ئېدى.
ۋەتىنىگە ۋاقتىدا قايتالماي جىلە بولۇپ قالغان  شاھ بەھرام  بۇ تويدىن كېيىن دەرت –ئەلەملىرىنى خېلى ئۇنتۇپ شادلىنىپ كۈلدى.شەنگۇل قىزىنىڭ ۋەسلىگە يېتىپ شېرىن مۇھەببەت پەيزىنى قېنىپ-قېنىپ سۈردى.ئۇ بۇرۇنقى ئەلچىلىك سالاھىيىتىدىن ھالقىپ بىردىنلا شاھنىڭ ھۆرمەتلىك كۈيئوغلىغا ئايلىنىپ قالغان بولغاچقا چەكسىز ئىززەت ئېھتىراملارغا نائىل بولدى.ئۇ سەپېنۇد بىلەن بىللە بولۇپ سۆيگۈ ئەشكى بىلەن يۈزىنى يۇيغاندا ئۇنىڭ نۇرلۇق چېھرىدىن كۆز ئۈزەلمەيتتى.شاھ قىزى بۇنچىۋالا كۈچلۈك مېھىر-مۇھەببەتكە ئېرىشىپ ئۆزىنى تولىمۇ بەختلىك ھىس قىلدى.شەنگۇل بۇئىشلاردىن خەۋەردار بولغىنىدا بەھرامغا بولغان گۇمانلىرى تۈگەپ ئۆزىنى يېنىكلەپ قالغاندەك ھىس قىلدى.ئاغزىغا تائام تېتىدى، ئۇيقۇسى ئۇيقۇ بولدى.
بىر كۈنى شاھ بەھرام سەپېنۇد بىلەن شاد-خورام ھالدا بىرگە ئولتۇرغىنىدا ئۇلار ياخشى-يامان ھەققىدە سۆھبەت قۇرۇپ كۆڭلىدىكى تۈگۈنلىرىنى ئىزھار قىلىشتى.شاھ بەھرام مۇنداق دېدى:
-ئەي گۈزەل مەلىكەم،بۇرۇن بۇ مەملىكەتتە ھېچبىر باشپاناھىم يوق ئېدى. تويىمىزدىن كېيىن سىز مېنىڭ بىردىنبىر خەيرىخاھىم بولۇپ قالدىڭىز.شۇ تاپتا سىزگە ئىشىنىپ دىلدىكى چىن سۆزۈمنى ئېيتماقچى بولۇۋاتىمەن.ئەگەر سىر ساقلاشقا، مەن بىلەن مەڭگۈ بىر-نىيەت-بىر مەقسەدتە بولۇشقا، ماڭا مەڭگۈ سادىق بولۇپ ئىجىل-ئىناق بولۇپ بىرگە ياشاشقا  ماقۇل بولسىڭىز مەن سىزگە ئىچكى سىرىمنى ۋە ئىلتىماسىمنى  ئېيتىمەن.
-ئەي سۆيۈملۈكۈم،مەن سىزنىڭ ئىككى دۇنيالىق ھالال جۈپتىڭىز،ھەقىقى مېھرىبانىڭىز.مېنىڭ سىزگە بولغان ساداقىتىمگە تەڭرى ئۆزى گۇۋاھ بولسۇن.مەن سىزگە يامان بولىدىغان ھېقانداق ئىشنى قىلمايمەن،ئۆمرۈم بويى سىزدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمايمەن.سىز ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى باشقا ھەرقانداق نەرسىدىن كېچىشكىمۇ تەييارمەن.شۇڭا مەندىن قىلچە شەكلەنمەڭ. قېنى تېز ئېيتىڭ،مەندىن نېمىنى تەلەپ قىلىسىز؟!
-ئەي كۆزۈمنىڭ نۇرى،سۆزۈڭنى ئاڭلاپ بىسيار سۆيۈندۈم.شۇ تاپتىكى شادلىقىم ۋە خۇرسەنلىكىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشكە ئاجىزدۇرمەن.مەنمۇ ھەم ساڭا بەكلا ئامراق،سەنسىز بىر مىنۇتمۇ ياشىيالمايمەن،سەن بولمىساڭ گېلىمدىن شەربەتمۇ  ئۆتمەيدۇ.مەن سەندىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمىغاچقا بۇ سۆزنى قىلىۋاتىمەن.مەن ئەسلى ئىران شاھىنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىسى،دىلكىشى ئېدىم.ئۇنىڭغا بولغان ساداقىتىم شەكسىز ۋە چەكسىز ئېدى.بۇ يەرگە ئۇنىڭ پەرمانى بىلەن ئەلچىلىك رەسمى ئۈچۈن كەلگەن ئېدىم.ئەمما ئەلچىلىك ۋەزىپەم تاماملانغان بولسىمۇ  شاھ ئاتاڭ مېنى يەنىلا قويۇۋەتمىدى.مېنى ئۆز يېنىدا ئېلىپ قېلىشنى خالاپ نۇرغۇن چارە-تەدبىرلەرنى ئىشلەتتى.ئىككىمىزنىڭ نىكاھىمۇ مۇشۇ سەۋەپتىندۇر.مەن ئەسلى تويدىن كېيىن بىر ئاماللار بىلەن قېچىپ كېتىشنى نىيەت قىلغان ئېدىم.لېكىن سەن بىلەن تونۇشقان،ئەر –خوتۇن بولۇشۇپ ئىشقىمىز چۈشكەندىن كېيىن سېنى تاشلاپ كېتەلمەيدىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم.ئۆزۈڭگىمۇ ئايان سادىق چاكارنىڭ ئىككى خوجايىنى بولمايدۇ.بىر خوجايىن ئۈچۈن ئىشلەۋېتىپ پايدا-مەنپەئەتنى دەپ باشقا خوجايىنغا سېتىلىپ كەتكەن چاكارنى ئادەم دېگىلى بولمايدۇ.مەن پات ئارىدا يۇرتۇمغا قېچىپ كېتىمەن،بېرىپ ئۆز خوجايىنىمنى تېپىپ ئاخىرقى ئۆمرۈمگىچە ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىمەن.سىزدىن ئۆتۈنىدىغىنىم شۇكى ماڭا قىيالمىسىڭىز،ئۆمۈر بويى مەن بىلەن بىرگە ئۆتۈشنى خالىسىڭىز مەن بىلەن بىرگە كېتىڭ.ئەگەر ۋەتىنىڭىز،ئاتا-ئانا قەۋمۇ-قېرىنداشلىرىڭىزدىن ئايرىلىشقا قىيالمىسىڭىز نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان بىرگە ئۆتكۈزگەن شېرىن كۈنلىرىمىز،ئەر خوتۇنچىلىقىمزنىڭ ھەققى ھۆرمىتى ئۈچۈن مېنىڭ قېچىپ كېتىشىمگە ياردەم بەرسىڭىز ۋە بۇ سىرنى ھېچكىشىگە ئېيتمىغان بولسىڭىز.
سەپېنۇد دەمال ئارىسالدى بولۇپ بىراز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن تېزلىكتە بىر قارارغا كېلىپ مۇنداق جاۋاپ بەردى:
-ئەي، بەختى يۈكسەك مەرد،مەن سىزنى چۈشىنىمەن،ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭىزنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلۇقىنىمۇ بىلىمەن.شۇڭا قارارىم شۇكى،سىز نەدە بولسىڭىز مەنمۇ شۇ يەردە.سىزسىز مەندە تىرىكلىك بولماس،سىزسىز قەلبىمگە خۇشاللىق تولماس.مەيلى، ئىختىيار سىزدە،ئەقلىڭىز،ۋىجدانىڭىز بۇيرىغاننى قىلىڭ.جاھاندا خوتۇن كىشىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەندىشىسى ئېرىدىن ئايرىلىپ يالغۇز-يىگانە قېلىشتۇر.ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقى بولسا ئېرىنى رازى قىلىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەقدىرداش بولۇشتۇر.مەندىن ئىلتىماس قىلىمەن دېمەي بۇيرىقىڭىز بولسا بېرىڭ.مەن سىز ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا تەييارمەن.
-بەك ياخشى بولدى،مەن سىزنىڭ ساپ مۇھەببىتىڭىز ۋە چەكسىز ساداقىتىڭىزگە ئىشەنەىنىم ئۈچۈن بۇ سۆزنى ئېيتقان ئېدىم.شۇ تاپتا مەن پەقەت تېزراق كېتىشىم كېرەكلىكىنىلا بىلىمەن،لېكىن قانداق كېتىشنى بىلمەيمەن.بۇ ئىشنىڭ چارىسىنى سىز قىلىڭ،لېكىن شۇنى ئۇنۇتماڭكى، بۇ سىرىمىزدىن باشقا ھېچكىم خەۋەردار بولۇپ قالمىسۇن.
-ئەي، مېنىڭ تەختى-بەختىم بولغان سۆيۈملۈك ئاشىقىم،سىز ئۈچۈن ئىشلەش،مۈشكىلىڭىزنى ئاسان قىلىش مېنىڭ ئالىي بەختىمدۇر.مەن سىزگە مۇنداق چارە كۆرسۈتىمەن.بۇ يەرنىڭ يېنىدا بىر توقايزار بولۇپ ئۇ يىراق يېقىندا نامى چىققان بىر مەشھۇر سەيلىگاھتۇر.ئاتام پات-پات ئۇيەرگە سەيلىگە بېرىپ بەزمە-مەشرەپ قۇرۇپ كۆڭۈل ئاچىدۇ.شۇڭا كۆپىنچە ھاللاردا ئۇ يەرنى خالىيراق تۇتىدۇ.ئۇ يەردە خەلقىمىز دائىم ئېتىقاد قىلىدىغان، ئۇز ياسالغان بۇتلار قويۇلغان.بۇ يەر بىلەن بولغان ئارىلىقى يىگىرمە چاقىرىم كېلىدۇ. ئۇلار ھەرقاچان سەيلىگە بارغانلىرىدا ئالدى بىلەن بۇتلارغا سەجدە قىلىدۇ. ئۇ يەردە مال-چارۋىلار،قۇلانلار بەكمۇ كۆپ.شۇڭا نەچچىلىگەن مەرد ئوغلانلار ئۇ يەردە ئوۋ قىلىشىدۇ.ئۇ يەر شاھ ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرىنىڭلا خاس سەيلىگاھى بولغاچقا بۇ يولدا باشقىلار ئۇلارغا ھەمراھ بولالمايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-2 07:34 PM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 05:25:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر بۇندىن كەتمەكچى بولسىڭىز چارىسى شۇكى، پات يېقىندا شاھ ئاتام ئەشۇ يەرگە يەنە بەش كۈنلۈك سەيلىگە چىقىدۇ.شۇنىڭغىچە سىز بارلىق تەييارلىقلىرىڭىزنى پۈتتۈرۈپ ،ياراملىق ياخشى ئاتتتىن بىرنى مىنىپ تەق بولۇپ تۇرۇڭ،شۇ كۈنى ئەتىگەن سەھەردە، تاڭ ئېتىپ ئۇپۇق قىزارغان،شاھ ئاتام ئوردىدىن ئايرىلغان ھامان سىزمۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ دەرھال قېچىپ كېتىڭ.
شاھ بەھرامغا بۇ بۇچارە خوپ كەلدى.ئۇ سەپېنودقا رەھمەت-تەشەككۈرلىرىنى ئىزھار قىلىپ بولغاندىن كېيىن سىرنى پىنھان ساقلاشنى تاپىلاپ مۇنداق دېدى:
-بۇ ھەقىقەتەن بەك ياخشى چارە ئىكەن.لېكىن بۇ سىرىمىزنى باشقىلاردىن  قەتئىي مەخپى تۇتمىساق بولمايدۇ.ئىككىمىزدىن باشقا ئۈچۈنچى بىر ئىنسان بىلسە ئىش بۇزۇلىدۇ.لېكىن شۇنى ئۇنۇتماڭ،ئەمدى ئىككىمىزنىڭ تەقدىرى بىر.نىمە كۆرسەك تەڭ كۆرىمىز.شۇڭا سىزمۇ مەن بىلەن بىرگە كېتىشكە تەييارلىنىپ تۇرۇڭ.
شۇ ۋەدىگە بىنائەن ئۇلار شاھنىڭ سەيلىگە چىقىدىغان كۈنىنى كۈتۈپ تۇرۇشتى.ئانچە ئۇزۇنغا قالماي بۇ قۇتلۇق كۈنمۇ ئاخىرى يېتىپ كەلدى.شەنگۇل سەيلىگە چىقماق بولۇپ تەييارلىنىپ  ئادىتى بويىچە دائىم بىرگە بارىدىغان بىرنەچچە چوڭ مەرد-مەردانلارنى چاقىرىۋالدى.بۇ نۆۋەت بەرزۇي(شاھ بەھرام سالاھىيىتىنى يوشۇرغان بولغاچقا ھىندىلار ئۇنى شۇنداق نام بىلەن ئاتىشاتتى)نىمۇ بىرگە ئېلىۋالماق بولۇپ چاقىرغىلى  قەسىرىگە ئادەم كىرگۈزىۋىدى سەپېنود كەلگەن كىشىگە:
-بەرزۇي بىتاپ بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى.سەپەرگە چىققۇدەك ھالى يوق.شۇڭا ئۇ:‹‹بىرگە چىقالمىغانلىقىم ئۈچۈن خىجالەتتىمەن،بۇ سەيلە مەندەك ئاجىز خەستىگە مۇناسىپ كەلمەيدۇ،چۈنكى مەن بىمار بولغاچقا يارانلار بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ مەي-شاراپ ئىچەلمەيمەن،بۇ تۈپەيلى مەندىن شەھرىيار ئالىيلىرىنىڭ دىلىغا ئازار يەتمىسۇن.مېنى ئەپۇ قىلسۇن››دەيدۇ،- دەپ چىرايلىق گەپ قىلىپ يولغا سېلىپ قويدى.
شەنگۇل بۇنى ئاڭلاپ:
-ئەگەر بەرزۇي كېسەل بولۇپ قالغان بولسا بىز بىلەن بىرگە بارماي ئوردىدا  قېلىپ قالسۇن.بىتاپ كىشىنى ‹‹بىرگە بارىسەن›› دەپ زورلىسام يولسىزلىق بولار.ئۇ ئوردا تېۋىپلىرىغا ۋاقتىدا كۆرۈنۈپ مۇناسىپ دورا يېسۇن ۋە ياخشى ئارام ئېلىپ سالامەتلىكىنى تېزراق ئەسلىگە كەلتۈرسۇن.-دەپ ئۇنىڭ قېلىپ قېلىش تەلىپىگە قوشۇلدى.
شۇ كۈنى سەھەردە شەنگۇل ھەمراھلىرى بىلەن ئوردىدىن ئۇزىدى.ئۇنىڭ ئۇچقۇر ئېتى ھەربىر سەپىرىدە ئۇنىڭغا گوياكى قانات ئېدى.
شاھ بەھرام شەنگۇل كېتىشى ھامان قېچىشقا ئالدىرىمىدى.ئەپلىك پۇرسەت كۈتۈپ ساقلاپ تۇردى. كەچ كىرگەندە سەپېنۇد بەھرامغا ئېيتتى:
-ئەي ئۆمۈردىشىم،تېزراق ئاتلىنىڭ، قېچىپ كېتىشكە بولىدىغان پەيت كەلدى!
شاھ بەھرام ئېھتىيات يۈزىسىدىن ئاددىي سىپاھلارنىڭ كېيىمىنى كىيىۋالغان،بىر قولىغا ئوقيا،يەنە بىر قولىغا گۈرزە كۆتۈرۈۋالغان ئېدى.ئۇ تېزلىكتە جابدۇنۇپ چىقىپ سەپېنۇدنى ئاتقا مىندۈردى.بىرگە كەلگەن ھەمراھلىرىنىمۇ ئەگەشتۈرىۋالدى.ئاندىن تەڭرى نامىنى يادىغا ئېلىپ،ئاتقا قامچا سېلىپ قايتىش سەپىرىگە ئاتلاندى.ئۇلار تېزلىكتە يول يۈرۈپ دەريا ياقىسىغا كەلگەندە بىر گورۇھ ئەھلى سودىگەرلەر كۆرۈندى.تەلىيىگە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىرانلىق سودىگەر بولۇپ چىقتى.ئۇلار يۇرتمۇ يۇرت يۈرۈپ سودا قىلىدىغان بولغاچقا ئىشنىڭ يولىنى بىلەتتى.ئارىسدىن بىرى شاھ بەھرامنى تونۇپ قالدى.ئۇ ئېغىز ئېچىپ بولغۇچە بەھرام‹‹بەس››دەپ لەۋ چىشلىۋىدى سودىگەر جىم بولدى. ئەھۋال خەتەرلىك بولغاچقا ئۇلارغا ھەقىقى ئەھۋالنى بايان قىلىشقا بولمايتتى.شاھ بەھرام ئۇنى چەتكە تارتىپ ئاستاغىنە:
-ئەي سودىگەر،پايدا زىياننى پەرىق قىلساڭ،مېنىڭ كىملىكىم ھەققىدە قىلچە ئېغىز ئاچمىغىن.ئەگەر بۇ سىر ھىندىستاندا ئاشكارە بولسا ھەددى-ھېساپسىز ئېرانلىقلارنىڭ قېنى تۆكۈلىدۇ.مەملىكىتىمىزگە ئاپەت ياغىدۇ.ئەگەر بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچماي سىرنى چىڭ ساقلىساڭ ساڭا ئامەت ياغىدۇ.شۇندا بىز تىنچ-ئامان سەپەر قىلىپ ۋەتەنگە يەتكەيمىز. بىز تاكى ئىرانغا تىنىچ –ئامان يېتىپ بېرىپ مەن تەختىمگە چىققانغا قەدەر سەن بۇ سىرنى ھېچكىشىگە ئېيتماي سىر پېتى ساقلاشقا ئانت ئىچكىن.تا شۇ چاغقىچە تىلىڭ باغلاقلىق تۇرسۇن.
سودىگەرلەر بۇ سىرنى قەتئىي ساقلاش ھەققىدە قەسەم ئىچىشتى.
شاھنىڭ دىلىدىن غەم ئەندىشىلەر يىراقلاپ كېتىپ خاتىرجەم بولۇپ قالدى.ئۇ سودىگەرلەردىن سىر ساقلاشنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق ۋەدە بەردى:
-ئەي يارەنلەر،زارىمنى دىلىڭلاردا جان بىلەن باراۋەر تۇتۇڭلار،كىمىكى سىرنى مەھكەم ساقلاپ ئامانلىقىمغا كاپالەتلىك قىلسا ۋەتەنگە ئامان ئېسەن قايتىپ بېرىپ تەختكە چىقىنىمدىن كېيىن ئول كىشىنى كاتتا مۇكاپاتلاپ تاج-تەختكە ئىگە قىلىمەن.ئەگەر قايتىپ كېتەلمەي ھىندى دىيارىدا لەشكەر بېشى بولۇپ تۇرۇپ قالسام بۇ ھىندى دىيارىدا مەيلى شاھ،مەيلى سودىگەر،مەيلى لەشكەر مەيلى دېھقان  ھېچكىم،ھېچنىمە  ئامان قالماس.
سودىگەرلەر ۋەدە بېرىپ مۇنداق دېيىشتى:
  -ئەي نەۋقىران شاھ،خاتىرجەم بولۇڭ.سىز ئۈچۈن ھەرۋاقىت جېنىمىز پىدا.سىز بىزنىڭ ئەبەدىيلىك پۇشتى پاناھىمىز.شۇڭا سىزنى جېنىمىزنى قوغدىغاندەك قوغدايمىز.ئەگەر سىزگە ئاسىيلىق قىلىپ سىر ئىشىكىنى ئاچساق يامان ئۆلۈمدە ئۆلگەيمىز...
شاھ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ سودىگەرلەرگە ئاپىرىن ئېيتتى:
-ئەي، ئەھلى سودىگەرلەر،سىلەرگە ئاپىرىن! سىلەر بۇ سەپەرنى تاماملىغاندىن كېيىن يۇرتنىڭ ئۇلۇغ نامدارلىرىغا ئايلىنىسىلەر.ھەممىڭلار سادىق،پاك دىن پەزىلەتلىك زاتلاردىن ئىكەنسىلەر.سىلەرگە مەندىن مىڭلارچە تەشەككۈر!
شاھ بەھرام تېزلىكتە دەريا ساھىلى بىلەن يول ئالدى.ئىرانلىق سودىگەرلەر بولسا دەريا بويىدىى چۈشكىنىدە كېمە ساقلاپ ئۇخلىشىپ قالدى.شاھ بەھرام ئۇلاردەك ساقلاپ تۇرالمايتتى.تېزلىكتە قايتىپ كېتىشى كېرەك ئېدى شۇڭا قىرغاقتا كېمىچىلەرگە بىر قېيىق ياساتتى.ئۇنىڭغا سەپېنۇد بىلەن ئىككىسى چۈشۈپ سەپەرگە ئاتلاندى.ئۇلارھېلىقى قېيىق بىلەن بىر كېچە دەريادا ئۈزدى.تاڭ ئاتقاندا قۇياش شەرق ئاسمىنىدىكى پايانسسىز ئۇپۇقتا رەڭدار ھەل سۈرگەندە  قارشى قىرغاقتىكى قۇرۇقلۇق كۆرۈندى...


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 12:09:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەنگۇل ھەر ئېھتىماللىققا قارشى بەھرامنىڭ يۈرۈش تۇرۇشىنى كۈزۈتۈپ تۇرۇش،غەيرى ئەھۋال يۈز بەرگەن ھامان دەرھال مەلۇم قىلىش ئۈچۈن مەخپى پايلاقچى قويۇپ قويغان ئېدى.
بەھراملار قاچقان ھامان پايلاقچىمۇ ئۆز مەلۇماتىنى تېزراق يوللاپ شاھىنى ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن سەيلىگاھ تامان قۇيۇندەك ئات چاپتۇردى.
شەنگۇل ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان چېغىدا غەزىپى قايناپ تېشىپ يۈرىكى بەئەينى ئۇلۇغ ئوت بولۇپ ياندى.ئۇ قاچقۇنلارنى قوغلاپ يېتىپ تېزلىكتە توسۇۋېلىش ئۈچۈن شۇ ھامان ئادەملىرى بىلەن ئاتلىنىپ چىقىپ بوراندەك ئات چاپتۇرۇپ دەرياغا يېقىنلاپ كەلدى.تېزلىكتە دەريادىن ئۆتكەندىن كېيىن  ئادەملىرى بىلەن يەنە داۋاملىق ئاتلىق قوغلاپ ماڭدى.
بىر كېچە ۋاقىت  ئۆتۈپ كەتتى. ئۇلار ئەتىسى چاشكا ۋاقتىغا يېقىن شاھ بەھراملارغا يېقىنلىشىپ كەلدى.شاھ بەھرام ئۇلارنىڭ قوغلاپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ يوشۇرۇنىۋالماستىن مەردانە قىياپەتتە يولىدىن توختاپ ئۇلارنى كۈتۈپ تۇردى.يېتىشىپ كەلگەن شەنگۇل بەھرام بىلەن سەپېنۇدنى كۆرۈپ قىزىغا نەپرەت كۆزى بىلەن قارىدى.غەزىپى تېشىپ تۇرغاچقا باشتىلا   قاتتىق  ئەيىپلەش سۆزلىرىنى قىلدى:
-ئەي ناقابىل پەرزەنت،مېھرىبان ئاتا-ئاناڭ،قەۋمۇ-قېرىنداشلىرىڭ،ئەزىز ۋەتىنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، ساڭا چىن يۈرىكىدىن كۆيۈدىغان ۋاپادارلىرىڭدىن قېچىپ  نەگە باراي دەيسەن؟! سەن ۋە مەن راستچىل،سەمىمىي ۋە ۋاپادار دەپ ئىشەنگەن بۇ ھىيلىگەر يىگىت بىزنىڭ ئىشەنچىمىزگە ئېرىشىپ ساڭا ئەر بولغاندىن كېيىن ۋاپا -دىيانەتنى ئۇنتۇپ دۈشمەننى دوست دەپ بىلىپسەن.يۈرىكىڭنى شىرنىڭ يۈرىكىدەك قاتتىق قىلىپ كېچىلەپ دەريادىن ئۆتۈپسەن.بېشىڭدا سايىۋەن بولۇپ تۇرۇۋاتقان تاجۇ-دۆلەتنى تاشلاپ يىراق ماكانغا – ئاشۇ ۋەيرانە ئىرانغا بارماقچى بوپسەن.ئەمدى مېنى پەدەرىم دېگۈچى بولما.رەھىم شەپقەتمۇ كۈتمە! سەن مەندىن يۈز ئۆرۈپ قاچقان ئىكەنسەن پەرزەنتىمدىن  دۈشمىنىمگە ئايلاندىڭ.ئەمدى رەھمىمنى ئەمەس، نەيزەمنىڭ زەخمىنى كۆرەرسەن!
سەپېنۇد جاۋاپقا ئېغىز ئېچىپ بولغۇچە بەھرام جاۋاپ بېرىپ دېدى:
-ئەي،بەدنىيەت زات،ئەلچىنىڭ ئۆز يۇرتىغان قايتمىقى،قۇلنىڭ ئۆز  خوجىسىغا سادىق بولمىقى، خوتۇننىڭ ئۆز يولدىشى بىلەن بىرگە تۇرمىقى ئاتام زاماندىن قالغان رەسمى ئادەت.شۇنداق تۇرۇپ نىمىدەپ بىزنى ۋاپاسىزلىقتا ئەيىپلەيسەن، يەنە قايسى يۈزۈڭ بىلەن بىزنى قوغلاپ ئارقىمىزدىن تەلۋىلەرچە  ئات سۈرۈپ كەلدىڭ؟! سەن مېنى بوش چاغلاپ قالما،سەن مېنى جەڭ مەيدانلىرىدا،كەركىدان ۋە ئەجدىھا بىلەن قىلغان شىددەتلىك كۈرەشلەردە سىنىدىڭ.ھىندىدىن يۈزمىڭ لەشكەر مەن بىلەن جەڭ قىلغىلى كەلسە بىر لەشكەرچىلىك رولى بولمايدىغانلىقىنى بىلدىڭ.شۇنداق ئىكەن مەن توقۇنۇشتىن قورىقمايمەن.يېنىمدا پەقەت بىرلا پارسىي ئەزىمەت شەمشەر تۇتۇپ  ھەمكارلىقتا تۇرسا ماڭا قارشى تىغ كۆتۈرۈپ كەلگەن بارچە ھىندى لەشكەرلىرىنىڭ  كۆزىنى لەختە-لەختە  قان  قىلغايمەن.مەرتلەرچە كۈرەش قىلىدىغان قانلىق  مەيداندا قېنى كىم مەندىن ئۆزىنى ئامان ساقلاپ قالالايدۇ؟!
شەنگۇل بۇ گەپنى ئاڭلاپ سۆزنىڭ تەكتىگە يەتتى.غەزەپ-ئاچچىق،قاراملىق،ئەقىلسىزلىككە تايىنىپ بەھرام بىلەن زومۇ-زو جەڭ قىلسا ئەلۋەتتە زىيان تارتاتتى.شۇڭا بايىقى ئەلپازىدىن يۇۋاشلاپ تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتىپ مۇنداق دېدى:
-مەن سېنى ئىران شاھىچىلىك قەدىرلىمىدىممۇ،بېشىڭغا گۆھەر تاج قوندۇرۇپ بەئەينى ئۆز ئوغلۇمدەكلا ئىخلاس قىلمىدىممۇ،سېنى ھەرقاچان بارچە يېقىنلىرىمدىنمۇ زىيادە بىلىپ خۇددى كۆز گۆھىرىمدەكلا ئەزىزلىمىدىممۇ؟!مەن ساڭا قىزىمنى بەرگەندە ماڭا قانداش بولسۇن،كېيىن تەختىمگە ۋارىس بولۇپ ئوغلۇم ئورنىدا ئىزىمنى باسسۇن دېگەن ئەمەسمىدىم؟! سېنى ئىرانغا كېتىمەن دېمىسىكەن،يېنىمىزدا تۇرۇپ قالغان بولسىكەن دەپ بارچە خاھىشىڭنى بەجا كەلتۈرۈپ  قولىمىزدىن كېلىدىغاننىڭ ھەممىسىنى قىلدۇققۇ، شۇنداق تۇرسا ياخشىلىققا يامانلىق قىلماق راۋا بولامدۇ، بۇ قىلغىنىڭ ۋاپاغا جاپا قىلغانلىق بولماي نېمە؟!يەنە ئويلاپ باق،سەپېنۇد مېنىڭ قىزىم-يۈرەك پارەم ئەمەسمىدى، ئۇ مېنىڭ كېچە كۈندۈزلۈك يادىم-خىرەدمەندىم ئەمەسمىدى؟! مانا ئەمدى ئۇ سېنىڭ بىلەن يار بوپتۇ.شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىچە شاد ۋە بەختياردۇر.مەن بىلىمەن،ئىرانلىقنىڭ دىلىدا ۋاپا يوقتۇر.كىمىكى ئۇنىڭغا ياردەم قىلسا ۋاپا ئورنىغا جاپا قايتۇرىدۇ.بىلىشىمچە شىرنىڭ بالىسىنى باقسا چوڭايغان زامان ئۆتكۈر چىش –تىرناقلىرى بىلەن باققۇچىلارنىڭ تېنىدىن قان ئاققۇزارمىش.ھەتتا تەلۋىلىكى ئېشىپ يەزدان(ئاتەشپەرەستلەر دىنىنىڭ تەڭرىسى )غىمۇ قارشى چىقارمىش!
-ئەي شەنگۇل-دېدى بەھرام جاۋاپ بېرىپ،-سەن مېنى خاتا ئەيىپلەۋاتىسەن،ئۆزۈمدە يوق يامان سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەۋاتىسەن.مېنىڭ كىملىكىمنى،نىمە مەقسەد بىلەن دىيارىڭغا كەلگىنىمنى بىلمەي مېنى ياۋۇزلار قاتارىدا  سانىساڭ بولامدۇ؟!مەن خاتا قىلمىدىم. ئۆزۈم قىلىشقا تېگشلىك بولغان ئىشنى قىلدىم.قىلغانلىرىم باشقىلارنىڭ تەنە –مالامەتلىرىگە لايىق ئەمەس.مېنىڭ رايىم بويىچە بولغاندا ھېچكىمگە دىل ئازارلىق قىلغۇم يوق.بۇندىن بۇرۇن ھەقىقىي سالاھىيىتىمنى سەندىن يوشۇرۇپ كەلگەن ئېدىم.ئەمدىلىكتە ئۇنى ئاشكارە قىلىدىغان پەيت كەلدى.بىلىپ قويغىنكى مەن سەن ئويلىغاندەك ئاددىي بىر نەۋكەر،خاس ئەلچى ئەمەسمەن.بەلكى ئىران ۋە تۇراننىڭ شاھىنشاھىمەن.جاھاندىكى بارلىق باتۇرلارنىڭ سەردارى ۋە پالۋانىمەن.خاھىشىم ساڭا ياخشىلىق قىلماقلىق.ئىشىم يامانلارنىڭ بېشىنى كەسمەكلىك.ئەمدى ھەممە ئاشكارە بولدى.مەنمۇ ساڭا بىر تەكلىپ بېرەي.بىز بۇرۇن تونۇشمايتتۇق.ئەمدى ئاتا-بالا بولدۇق.بۇندىن بۇرۇن مەن ساڭا مېھمان بولغان،ئەمدى سەن مەن بىلەن بىرگە ئىرانغا بېرىپ ماڭا ئاتام ئورنىدا ئاتا  ۋە ئەزىز مېھمىنىم بول.قارارىم شۇكى،مەن بۇندىن كېيىن ھىندىستان تەرەپكە لەشكىري يۈرۈش قىلمايمەن.باج-خىراجمۇ ئالمايمەن.ئېلىڭنىڭ مۈلكۈ-بېجىغا تامامەن ئۆزۈڭ ئىگە بول.گۈل قىزىڭ سەپېنۇدنىڭ سالاھىيىتى بۇرۇن ئىران ئەلچىسىنىڭ ئايالى بولغان بولسا، بۇندىن كېيىن بۈيۈك ئىراننىڭ خانىشى-بانۇلارنىڭ بانۇسى بولىدۇ!
شەنگۇل بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 11:30:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەنگۇل بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى.ئۇ ھىندى دەستارىنى بېشىدىن ئېلىپ قوشۇنىدىن ئات سۈرۈپ ئالدىغا چىقتى.شاھ بەھرامغا يېقىنلىشىپ كەلگەندىن كېيىن تېزلىكتە ئاتتىن چۈشۈپ شاھ بەھرامنىڭ ئالدىغا كېلىپ يۈكۈندى.شادىمانلىق بىلەن شاھ بەھرامنىڭ پۇتىنى قۇچاقلاپ چىن دىلىدىن چىقىرىپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سورىدى:
-ئەي جاھان شاھى،مېنى كەچۈرسىلە! رۇشەن ئىككى كۆزۈم بار تۇرۇپ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى جانابلىرىنى تونۇماي نۇرغۇن ئەدەپسىزلىكلەرنى ۋە كەچۈرگۈسىز ئېغىر گۇناھلارنى سادىر قىپتىمەن.بۈگۈن ئاياغلىرىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ گۇناھىمنى تىلەيمەن.سۆزلىرىمدىن چىن نىيىتىمنى چۈشەنگەيلا.كۆڭۈللىرىدىن قايغۇ ھەسرەتنى ۋە ماڭا نىسبەتەن پەيدا بولغان  غەزەپ نەپرەتنى چىقىرىپ تاشلىغايلا!
شاھ بەھرام ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ خۇش تەبەسسۈم قىلىپ تۇرۇپ شەنگۇلنى يۆلەپ تۇرغۇزدى.ئۇنىڭ دىدارىدىن شاد بولۇپ خىزمەتچىلىرىگە بۇيرۇپ داستىخان سالغۇزدى.ئالتۇن جاملاردا ئىسىل مەيلەرنى قۇيۇپ ھاردۇق سورىدى. تاماقتىن كېيىن ئىككىسى كونا قەدىناسلاردەك يانمۇ-يان ئولتۇرۇپ  مۇڭداشتى.شاھ بەھرام كۆڭلىگە قانداق پىكىر كەلسە ھەممىسىنى شەنگۇلغا دەپ ئوچۇق-يورۇقلۇق بىلەن دوستلۇق ئىزھار قىلدى.
ئۇلار شۇ تەرىقىدە خېلى ئۇزاق ھەمسۆھبەت بولۇپ داستىخان يىغىشتۇرۇلاندىن كېيىن شەنگۇل قايتىپ كەتمەك بولۇپ ئاستا ئورنىدىن تۇردى.يەزدانشۇناس شاھلار بىر-بىرىگە قول بېرىشتى،قەسەم ئىچىشىپ دوستلۇق ئەھدى تۈزۈشتى:
-ئەمدىكى ئىشىمىز ئادالەت يولىنى تۇتۇش.ئارىمىزدىكى شەك ۋە ئاداۋەتلەر تۈۋىدىن قۇرۇپ دوستلۇق دەرىخىمىز كۆكلەپ مېۋە بەرگەي.دىللىرىمىز ۋاپا بىلەن بەند بولۇپ ھەر ئىككى تەرەپ يېقىن قېرىنداشلاردەك مەڭگۈ ئىناق ئۆتكەي!ئەمدى بىز ئوردىلىرىمىزغا قايتىپ يامانلىق ئويلىماي ئىناقلىق-ئىتتىپاقلىق ھەققىدە دانالاردىن پەند ئاڭلايلى...
شۇنداق ۋەدىلەردىن كېيىن ئىككى شاھ بىر بىرى بىلەن  خەيرلىشىپ ھەر ئىككىلىسى ئۆز مەنزىللىرىگە قايتىش ئۈچۈن ئاتلىنىشتى.ئۇلارنىڭ بىرى قۇرۇقلۇق بىلەن، يەنە بىرى دەريا بىلەن يۈرۈپ كەتتى.

داۋامى بار

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 03:12:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاھ بەھرامنىڭ ھىندىستاندىن قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئىران ئەھلى خەۋەر تاپتى.شەھەر ۋە مەيدانلار سەراسەر بىزەندى.بۇ خەۋەرنىڭ خوشلۇقىدىن بارلىق چېھىرلەر شادىمانلىقتا كۈلەر ئېدى.خوشلۇقنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ئالتۇن-كۈمۈشلەر،دىرھەملەر،دىنارلار،مۈشك-ئەنبەرلەر ئەل-ئاۋامغا ئايىماي         چېچىلدى.
باش ۋەزىر نەرسى بەھرامنىڭ كەلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ بارلىق لەشكەرلىرىنى بىر مەنزىلگە يىغدى.ئاندىننەرسى سەرمۇبەد بىلەن  پىشىۋازغىچە ئالدىغا چىقىپ قىزغىن  كۈتۈۋالدى. بەھرامنى كۆرگەن شۇ پۇرسەتتە ئۇلار ئاتلىرىدىن چۈشۈشۈپ خۇرسەنلىك بىلەن يەرنى سۆيۈپ تازىم قىلىشىپ ئېسەنلىك سورىدى.شېرىن- سۇخەن گەپلەر بىلەن مەدھىيە ئوقۇشۇپ بەھرامغا چەكسىز شان-شەرەپلەر ياغدۇردى.
كېيىن ئۇلار بىرلىكتە سەپەرنى داۋاملاشتۇردى.شاھ بەھرام شۇ يوسۇن بىلەن پايتەختىگە قايتىپ كېلىپ قەسىر -ئايۋىنىغا قەدەم قويدى.ساق-سالامت قايتىپ كېلىۋالغانلىقىغا شۈكۈر قىلىپ تەڭرىگە ھەمدۇ-سانالار ئوقۇدى.
كەچ كىرىپ  ئالەم زۇلمەت قارا پەردىسىنى يايغان،كۈمۈش رەڭ ئاي ئالەمگە نۇردىن چاچقۇ چېچىپ ئاسمان دېڭىزىدا ئەركىن ئۈزۈشكە باشلىغاندا شاھ قەسىرىگە كىرىپ شەنگۇل قىزى بىلەن دەم ئالدى.
ئالەم چىراغبانى بولغان نۇرلۇق تاڭ تۈننىڭ قارا لىباسىنى چاك قىلىپ ياڭراق ئۈندە باڭ ئۇرغىنىدا شاھىنشاھ بارگاھىنى ساراي ئەھلىگە كەڭرى ئېچىپ زەررىن تەختىدىن ئورۇن ئالدى.بارچە دانىشمەنلەر،دوست بۇرادەرلەر ۋە بارچە سەردارلار بارگاھقا ھازىر بولدى.جاھاندار ئۆزىنى تىك تۇتۇپ تەختىدە مەغرۇرۇ ئولتۇراتتى.ئۇ تەڭرىنىڭ جاھان ئەھلىگە ياغدۇرغان چەكسىز  رەھمىتىنى ياد ئەيلەپ بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى سۆزىنى ئادىتى بويىچە يەنىلا ئادالەت بابىدىن باشلىدى.مۇھىم يەتكۈزمىلىرىنى يەتكۈزۈپ بوينىنى ھەق قەرزىدىن ئازاد قىلدى:
- جاھاننىڭ بۇنيادكارى،بارلىق ئاشكارە ۋە پىنھاننىڭ خەۋەردارى  بولغان بۈيۈك تەڭرىنى ھەمىشە باش ئۆزرە مۇقەددەس بىلىڭ.مەيلى كېچە مەيلى كۈندۈزى دۇئاسىنى قىلىپ ئۇ بەرگەن بەختۇ-دۆلەت ۋە شان -شەرەپلەر ئۈچۈن شۈكۈر تەسەننالار ئېيتىڭ.ئۇ مۇنەۋۋەر قۇياشلىق ئاسمان،يوپيۇرۇق ئايلىرى بار جاھاننىڭ پەرۋەردىگارىدۇر.دىلىڭىزدا بىھىشكە كىرىش ئىستىكى بولسا ھەق –ئادالەت يولىنى تۇتۇپ يامانلارغا يانتاياق بولۇپ يامانلىققا قول سوزماڭ.قايسى جايدا ساخاۋەت،ئادىللىق،راستچىللىق بار بولسا كاجلىق ۋە كەملىكتىن دىل ئازار چەكمەس.بۇنداق يۇرتتا ھەرقانداق ئادەم خەتەرسىز ياشىغاي.ھەر كىشىنىڭ زەردىن تېغى،كۈمۈشتىن بېغى بولسىمۇ تەڭرىدىن،كىشىنىڭ ھەققىدىن، يامانلىقتىن قورقسۇن.ياخشىلىق يولىنى تۇتۇپ ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلسۇن.دېھقان ۋە زىمىندار يېرى ۋە بايلىقىغا ئىشىنىپ يۇۋاشلارنى،يوقسۇللارنى بوزەك قىلمىسۇن.ھەقنىڭ بارىدا ھەممە ئادەمگە باراۋەر مۇئامىلە قىلسۇن.بىز ھەركىمگە تاج ۋە تەخت بەرسەك ئۇنى بىزدىن كۆر مەي ‹‹مەن خۇدانىڭ ئىنايىتىدىن شۇ نېئىمەتكە ئېرىشتىم›› دەپ بىلسۇن.ئەگەر تەڭرىنىڭ خاھىشى بولمىغان بولسا تەلەيدىن دىل رۇشەن ۋە جىلۋىگەر بولماس ئېدى.ئەل دائىما ئادالەتتىن شادىمان بولسۇن.مېنىڭ خەزىنە توپلاشقا مەيلىم بولمىغاچقا رايىم ئەلنىڭ ناشادلىقنى خالىمايدۇ.ئىشىم دۇنيا بايلىقنى ئەمەس، ئادالەت گەنجىنى توپلاشتۇر.
داۋامى بار

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-17 02:12:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلنىڭ تىنىچ خاتىرجەم ياشىمىقى ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا رىزقىم پۈتۈپ ئۆلگىنىمدىن كېيىنمۇ روھ –ئەرۋاھىم شادىمان بولۇر.ئەگەر سەردارلىرىم،ەشكەرلىرىم ياكى يېقىن تۇققان بۇرادەرلىرىمدىن بىرەرسى رەنج چېكىپ ئۇ رەنجىنى ئاشكارە قىلمىسا،ئۇ رەنجنىڭ سىرلىرىنى ماڭا ئېيتمىسا ئۇنىڭ ئۆز گۇناھى ئۆزىگىدۇر.ئاقىل ئادەم ھەرگىزمۇ بۇنداق يولنى تاللىماس.ئۇ چاغدا ئېنىقلا دەۋاگەر مەن بولۇپ قالىمەن.ئۇ خۇددى بۇلۇت بىلەن ئاينى يوشۇرۇپ قالغاندەك ھەقىقەتنى مەندىن يوشۇرغان خىيانەتكار بولغان بولىدۇ.ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە خاس خىسلىتى بولىدۇ.بۇ خىسلەتلەر بىر-بىرىدىن پەرىقلىنىدۇ.ئۆز سىرلىرىنى مەندىن يوشۇرغانلارنىڭ بەلكىم باشقا ئەندىشىسى بولۇشى مۈمكىن.شۇنداقتىمۇ مەندىن تارتىنماي ئىچكى سىرلىرىڭلارنى ۋاقتىدا سۆزلەڭلار.شايەتكى مەن كونا ئارزۇيۇمنى يەڭگۈشلىسەم بولغۇدەك.ھەممىڭلار پەرمانىمغا ئىتائەت قىلىڭلار.بۇ نەسىھىتىمنى جېنىڭلار ئۈچۈن زىننەت دەپ بىلىڭلار!
داۋامى بار

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 04:56:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاھ شۇنداق دېگىنىچە بېشىغا نەقىشلىك شاھلىق كۇلاسىنى قوندۇرۇپ  تەختىدە شاد ئولتۇردى.سەردارلار ئۇنىڭغا دېيىشتىلەركى:
   -ئەي ئۇلۇغ شاھىم،بىز قۇللىرىغا قىلغان مەرھەمەتلىرىگە يۈزمىڭ تەشەككۈر.بۇ تاج-تەختلەر ئەبىدىل-ئەبەد جاناپلىرىدىن ئايرىلمىغاي.ھەرقانداق بىر شاھكى خۇددى جاناپلىرىدەك دانا بولسا ئۇنىڭغا بەخت-ئامەت يۈزلەنگەي.دۆلەت مۈلكى،تاج ۋە تەخت ئۇنىڭ دانالىقى مەردلىكى،شەۋكىتى بىلەن راۋاج تاپقاي.سەلتەنەتلىرى ئۆمۈرلىرى بىلەن تەڭ ياشناپ كۈلگەي،ئۇلۇغلۇق ۋە ئادىللىقتا جاھان ھىچقاچان سىلىدىن ئېشىپ چۈشكىدەك ئىككىنچى بىر سۇلتاننى كۆرگەن ئەمەس.شۇڭا سىلى ھەققىدە مىڭ بىر تەھسىن ئېيتساقمۇ ئەرزىگەي.بىز بارلىق-قېرى-ياشلار بىر يولدا مېڭىپ يەزدان ئالدىدا سىلىگە-يەزدانپەرەس  شاھىمىزغا ئاپىرىن ئېيتارمىز.سىلى ئىرانلىقلارنىڭ تەختى ئۈچۈن زىننەت،شۇنداقلا ئادالەت، بايلىق ۋە غالىبىيەتنىڭ ھامىيسى بولۇپ ھېساپلىنىدىلا!مۇقەددەس سۆزلىرىدىن روھمۇ قانات تاپقاي.قىلغانھەر بىر سۆزلىرىدىن ئۆلۈككىمۇ جان كىرىىپ  ھاياتى قايتا كۈلۈپ ياشنىغاي. ئالەم بۇنيادكارى سىلىگە مەڭگۈ يار بولسۇن.تەختى- بەختلىرى ئىقبال داۋامىدا بەرقارار بولسۇن.

داۋامى بار

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 05:28:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەختنىڭ ھامىيسى،پالۋانلار سەردارى ۋە دانا بولغان شاھ بەھرام خۇش جامالىدىن نۇر زىيا تارقىتىپ بارگاھتىن چىقتى.شۇدەم بارلىق پادىشاھ ۋە لەشكەرلەر ئاتلىرىغا مىنىشىپ ئازەرگۇشەسپ تامان سەپەر قىلىشتى.شەھەردىكى دەرۋىشلەر ۋە نامرات بىچارىلەر ئۇلارنىڭ سېخىي قوللىرىدا چاچقۇ قىلىنغان  زەر ۋە گەۋھەرلەرنى ئېلىشپ تاكى بارلىق ئېھتىياجلىرى قانغانغا قەدەر شاھنىڭ مېھرى-شەپقىتىدىن بەھرىمەند بولۇشتى.
   شاھ بەھرام زەردوشت ئاتىشىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ بولغاندىن كېيىن مۇھىبنىڭ ئالدىغا قاراپ يول ئالدى. مۇھىب سەپېنۇدقا زەردۇشت دىنىنى ۋە بۇ ئەلدىكىلەرنىڭ رەسمۇ –ئادەتلىرىنىڭ بارىنى ئەينەن  ئۆگەتتى.تازا سۇ ۋە ساپ دىندىن دىللار پاك بولۇپ تەندىكى خاك ۋە چاڭ-غۇبارلار تامامەن يۇيۇلدى.قاراڭغۇ زىندانلار ئېچىپ تاشلىنىپ گۇناھكارلارغا كەچۈرۈم جاكارلاندى.ئاندىن ئۇلار ئەلگە دىرھەم تارقىتىش ئىشىنى باشلىۋېتىشتى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 06:04:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەنگۇل شاھ بەھرامنىڭ قىزى سەپېنۇدنى بانۇلۇققا تەيىنلىگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن كۆڭلىدە ئىران دىيارىنى كۆرمەك ئىستىكى پەيدا بولدى.ئالىي ھىممەتلىك شاھ پەرزەنت دىدارىنى كۆرمەك بولۇپ ھىندىستاندىن ئىرانغا ئەلچى ئەۋەتتى. ئەلچىلىككە بەلگۈلەنگەن مەرد سۇخەندانغا نۇرغۇن تاپشۇرۇقلارنى بېرىپ تېزلىكتە يولغا سالدى.شەھرىياردىن يېڭى پەيمان ئىستىدى.ئەجدادتىن ئەۋلادقا يادىكار بولۇپ قالغۇدەك ئۇلۇغ ئارمانلارنى قەلبىگە پۈكتى.
  شاھ بەھرام بىھىشتەك بېزەنگەن نۇرئەپشان باغچىدا زەر تەختىدە ئولتۇرۇپ خۇش قەلىمى بىلەن پەھلەۋىي تىل-يېزىقىدا يېڭى ئەھدىنامە يازدۇردى.ھىندى ئەلچىسى نامىنى ئېلىپ شاد ۋە مەمنۇن بولغان ھالدا مەملىكىتىگە قايتتى.
ئەلچى ھىندۇ ئېلىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شەنگۇل نامىنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئۇنى بىرمۇ بىر ئوقۇدى.سىرلىرىنى چىنلىق تۇققانلاردىن پىنھان تۇتۇپ ئىران سەپىرى مۇددىئاسىنى يېنىدىكى يېقىن يارانلىرىغا ئاشكار قىلدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 06:30:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتراپتىكى مەملىكەتلەردىن يېقىن ئۆتۈدىغان يەتتە پادىشاھ يولدا ھەمراھ بولۇشۇپ ئىرانغا بىرگە بارماق بولۇپ شەنگۇلنىڭ ھوزۇرىغا كەلدى.ئۇلاردىن بىرى كابۇل شاھى،يەنە بىرى سىند شاھى ئېدى.يەنە بىرىنىڭ مەملىكىتىنىڭ نامىنى جوغىيان دەپ ئاتار ئېدى.ئۇلارنىڭ بىرى نامدارلار شاھى سەندەل،يەنە بىرى تەڭسىز پالۋان شاھ جەندەل ئېدى.كەشمىر شاھىنىڭ پۇل-مېلى بېھىساپ كۆپ ئېدى.مۇلىتەنشاھ –جاھۇ جەلاللى ئېدى.دېمەك ئۇلارنىڭ ھەممىسى شۆھرەتلىك تاجدارلاردىن، قەھرىمان،مەرد بۇزرۇكۋارلاردىن ئېدى. ھەممىسى كېلىپ ئېھتىرام بىلەن شەنگۇلغا ناھايىتى كۆپ قىممەتلىك زەر-گۆھەرلەرنى سوۋغا قىلدى.ئۇلاردىن بىرى شەنگۇلنىڭ ئىران سەپىرىدە ئىشلىتىشى ئۈچۈن كىمخاپ بىلەن قاپلانغان،تاۋۇس پېيىدىن زىننەت بېرىلگەن ھىندىچە سايىۋەنئالغاچ كەلگەن ئېدى.ئۇ تولىمۇ ھەشەمەتلىك ۋە ئەپلىك ياسالغان بولۇپ بىرنەچچە پىلغا يۈكلىنەتتى.شاھلارغا ھەمراھ بولۇپ ماڭىدىغان لەشكەرلەرمۇ بەك كۆپ بولۇپ سەپنىڭ ئۇزۇنلىقى بىرنەچچە مىلغا سوزۇلاتتى.ئۇلار كەم تېپىلىدىغان قىممەتلىك گۆھەرلەر،زەر-كۈمۈشلەرنى شەنگۇلغا  نىسار ئەيلەشتى.شۇنداق كۆپ مال-دۇنيا يىغىلىپ كەتتىكى، دىنارلار دۆڭدەك دۆۋۈلىنىپ شاھ كۆزىدە خار بولدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش