sardor يوللىغان ۋاقتى 2013-3-9 10:04 PM
بۇ تىما نىمە دەيلى ؟قەلەمكەشنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈپ چۈشەند ...
ئۇنداق يەشمەكچى ئەمەس
بۇ ئىككىسى تەڭ ئېلىپ سۆزلەيدىغان ئۇقۇم ئەمەس، بىرسى بىرسىگە زىت ئەمەس دىگەننى يەشمەكچى.
ئىسلام قاچان بارلىققا كەلگىننى بىر ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلىدۇ.
ئەمما ئۇيغۇردىن ئەمەس بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتتىن بۇرۇنلىقى ئېنىق.ئەگەر سىز ئىشەنگۈچى بولسىڭىز.
ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تاكى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگىچە ھەممىسى ئىسلام دىنىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردۇر. پەيغەمبىرىمىز پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى .
،چوقۇم ئايەت-ھەدىسلەردىن دەلىل ئېلىش كېرەك.بولمىسائاللاھ نامىدىن يالغان سۆزلىگەن بولۇپ قالىمىز. مۇنۇ گەپنى تولىمۇ ئوبدان دەپسىز،سىزگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋەە مەغفىرىتى بولسۇن. مۇنۇ ئايەتلەرگە قاراڭ:
ئىبراھىم ،يەئقۇپ ئۆز ئوغۇللىرىغا ۋەسىيەت قىلىپ: «ئى ئوغۇللىرىم! اﷲ سىلەرگە مۇشۇ دىننى (يەنى ئىسلام دىننى) تاللىدى،پەقەت مۇسۇلمان پېتىڭلارچە ئۆلۈڭلار(يەنى ئىمانىڭلاردا مەھكەم تۇرۇڭلار، تاكى ئىمان بىلەن كېتىڭلار )» دىدى. ( سۈرە بەقەرە 132-ئايەت)
ئۇلار« يەھۇدى ياكى ناسارى بولۇڭلار توغرا يول تاپىسىلەر »دەيدۇ.«ئۇنداق ئەمەس،بىز ئىبراھىمنىڭ ئىسلامغا ئۇيغۇن دىنىغا ئەگىشىمىز،ئۇ مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى »دىگىن.(سۈرە بەقەرە 135-ئايەت)
باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىن. ئاللاھنىڭ دىنىغا ئەگەشكىنكى، ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان.ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ. بۇ توغرا دىندۇر . لىكىن،ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ. (سۈرە رۇم 30-ئايەت)
قايسىسى ئاۋال بارلىققا كەپتىكەن؟ئەمدى ئويلىنىپ بېقىڭ
مەن مىللەت سۆيۈشنى تەشەببۇس قىلسام ، بەزى ئازغۇنلارنىڭ مىللەتچىلىك ۋە چوڭ مىللەتچىلىك ئىددىيسى دەپ چۈشىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم، چۈشەندىڭىزمۇ قېرىندىشىم؟ منىڭ ئىددىيەمنىڭ قالاق ياكى ئوچۇقلىقىغا باھا بەرگۈچە ئاز تولا ئۇماچ ئىچىپ كېلىپ ،سىلىق مۇنازىرلىشىشنى ئۆگىنىپ كېلىپ مۇنازىرلىشىڭ ماقۇلمۇ؟