YAZR يوللىغان ۋاقتى 2013-3-9 10:58 PM
نىمىشقا كەچۈرۈم سورايمەن ؟بولدى ، سىز ئاتتىن چۈشسىڭى ...
سىزمۇقىززىقكەنسىز قېرىندىشىم، بۇ قېرىندىشىمىز ئىتتىپاقلىقنى كۆزلەپ، ھەم ئاشۇ سىڭلىمىزنىڭ بۇرۇنقى تېمىسى ھەققىدە ئۆزىنىڭ كىيىن ئويلىغانلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن ھەممىمىزنىڭ ئالدىدا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتسا، يەنە بۇ قېرىندىشىمىزغا ئۇ سىڭلىمىزدىن كەچۈرۈم سوراڭ دېگۈدەك ئۇ نېمە قىلغىنىغا كەچۈرۈم سورايدۇ؟ بۇ دېگەنلىكىم ئۇ سىڭلىمىزنىڭكىنى پۈتۈنلەي خاتا دېگەنلىكىم ئەمەس. بۇ ئىشتا ئۇ سىڭلىمىز باشتىلا ئۆزى مۇھىم نۇقتىلاردا كۆز-قاراشلىرىنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەي، ئۇقۇشماسلىق پەيدا بوپ قىلىپ، بۇ ئىشلارغا سەۋەپچى بولۇپ قالدى، باشقىلارمۇ ھەم ئۇ سىڭلىمىزمۇ بۇ توغرىسىدا قايتا-قايتا تېما يوللاشتى. بۇ تېما ئىگىسى سەمىميلىك بىلەن ئۇ سىڭلىمىز ھەققىدە شۇنداق ياخشى گەپلەرنى قىلىپتۇ.
شۇڭا دېمەكچى بولغىنىم : بۇ يەردە سىز ئوتقۇيرۇقلۇق قىلمىسىڭىزمۇ ئۇ سىڭلىمىز بۇ تېما ئىگىسىنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى توختالغان يازمىسىنى كۆرسە مەلۇم نىسبەتتە خوش بوپ قېلىشى مۇمكىنتى، سىز بىرنېمىدىن بىر نېمە چىققاندەك كەچۈرۈم سوراش دېگەننى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىغا يەنە ئارازچىلىق بولسۇن دېمەكچىمۇ؟
بۇ قىلغان قىلىقىڭىز پەقەت ئىدىيەمدىن ئۆتمىدى.
ئۇ سىڭلىمىز چوقۇم سەمىمىي بىر قىز بولسا بۇ تېما ئىگىسىنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى يازمىسىنى كۆرۈپ، بىر ئىپادە قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن.
بۇلار ئوتتۇرىسىدا مەلۇم بىرسىنى مەلۇم بىرسىدىن كەچۈرۈم سورىسۇن دېسىڭىز ئاداۋەت چوڭقۇرلىشىدۇ، شۇڭا سىز ئىتتىپاقلىقنى كۆزلىسىڭىز بۇنداق گەپنىڭ ئورنىغا بۇ تېما ئىگىسى ئۇ سىڭلىمىز ھەققىدە ياخشى گەپ قىلغان ئىكەن، سىزمۇ بۇلارنى ياخشى بولۇپ قالسۇن دېسىڭىزلا بولاتتى. نېمە قىلىسىز ياخشى گەپلەر بولۇۋاتسا كونا خاماننى سورۇپ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئىككى قېرىنداش ئارازلىشىپ قالسا،بىرسى قوپۇپ ئەپلىشىپ قېلىش ئويىدا بولسا، 3-بىرسى قوپۇپ ئوتتۇرىدا ئوتقۇيرۇقلۇق قىلسا ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ. ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدىمۇ بۇنداق ناچار قىلىقلاردىن ساقلىنايلى. ئىككىسىنى ئەپلەشتۈرۈش ئۈچۈن بىر-بىرسىگە ‹كەچۈرۈم سوراش›سۆزىنى ئىشلەتمەي، ئەقلىمىزنى ئىشقا سېلىپ، باشقا ئۇسۇللار بىلەنمۇ باشقا سۆز-ئىبارىلەر بىلەنمۇ ئۇلارنى ئەپلەشتۈرۈپ قويايلى ھە قېرىنداشلار.