zar-zar يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 08:36 PM
سۆزلىگۈچىدە قانداقمۇ ئەيىب بولمىسۇن ؟؟؟
ئۇيغۇر تىلى ...
دىگىنىڭىز توغرا،لىكىن، ئالماتا،ئالمۇتا دىگەن تەرمىن رۇسلارنىڭ ھۇكۇم سۇرگەن ۋاقتىدا رۇسچە تەلەپپۇزغا ئاساسەن بارلىققا كەلگەن سۆز،رۇسچىدە يەر ناملىرى ،كىشى ئىسىملىرىنىڭ كەينىگە ''ا''قوشۇلۇپ ئىيتىلىدۇ،شۇڭا ئولارنىڭ تىلى بويىچە ئەسلى ''ئالماتى؛؛دىگەن سۆز ''ئالماتا''غا ئايلىنىپ قالغان، بۇندا،ئالماتى دىگەن گەپكە كەلسەك، بۇ ئالماتىدا قەدىمدىن تارتىپ، ئالما جىق ئۆسۇدىغان جاي، شۇڭا ،ئالماتى-ئالمالى،ئالمالىق دىگەن مەنە بىرىدۇ، تۇركى تىللىرىنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە كەينىگە''ت''ھەرپى قىتىلغان،مەسىلەن :تاراتى،تاستى دىگەندەك، شۇڭا ،كونىدىن قالغان رۇسچە تەلەپپۇزدىكى ''ئالماتا،ئالمۇتا''دىگەن گەپنى تۇركى تىلىنىڭ توغرا تەلەپپۇزى بويىچە ، بۇندىن كىيىن، ''ئالماتى''دەپ ئىلىش توغرا بولغۇدەك،ئوزبىكچە، قىرغىزچە، تۇرىكچە ''.الماتى؛؛دەپ يىزىلىدىغانلىقتىن،ئۇيغۇرچىمۇ ''ئالماتى''دەپ ئىلىشنى ئويلىشىپ كۆرسەك دەيمەن.