balhar يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 09:57 PM
دىگىنىڭىز توغرا،لىكىن، ئالماتا،ئالمۇتا دىگەن تەرمىن ...
تۈرك تىللىرىدا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئەھاڭداشلىقى دەپ بىر ئۇقۇم بار، ئۇيغۇر تىلى ،تۈركىيە تۈركچىسىدىمۇ بۇ قانۇنىيەت ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئالما دىگەن سۆزنىڭ ئاخىرى «ئا» ھەرىپى بىلەن ئاخىرلاشقان ئىكەن،ئۇنىڭغا قوشۇلغان قوشۇمچىمۇ تۈرك تىلىنىڭ ئاھاڭداشلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ماس ھالدا«ئا»غا ئوخشاش تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشى بولىدۇ.«ئى»بولسا تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشى بولىدۇ، سىز دىگەندەك ،تۈرك تىلىنىڭ قانۇنىيەت نۇقتىسىدىن ئىيتقاندا،«ئالما ئاتا» نىڭ ئالماتى بولىشى قانۇنىيەتسىزلىك بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالمۇتادىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ شەھەرنىڭ ئىسمىغا ئىزاھات بەرگەندە ، ئالمۇتا دىگەنلىك ئالمىلارنىڭ ئاتىسى دىگەنلىك بولۇپ،ئالما كۆپ،مول دىگەن مەنالارنى بىرىدۇ دىگەن.