«ئالدىراقسانلىق ۋە مەسئۇلىيەت ئارىسىدىكى پەتىۋالار»
كېڭەش يېغىنى قاھىرەدە ئېچىلدى
ئىسلام ئۆلىمالىرى: «مېدىيا ۋاستىلىرىدا بېرىلىۋاتقان پەتىۋالارنى چەكلىشىمىز، بىزنى ئاقىۋىتى مۆلچەرلىگۈسىز پىتنىلەردىن ساقلاپ قالىدۇ»
ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئسىلام قانۇنشۇناسلىق نەزىرىيسى پەنلىرى ئۇستازى دوكتور مەھمۇد ئابدۇراھمان مۇنداق دەيدۇ: «نۆۋەتتە نەق مەيدان بېرىلىۋاتقان پەتىۋالار مۇسۇلمانلاردا كۆرۈلۈۋاتقان ئالىم-ئۆلىمالارغا قارىتا ئىشەنچنى تۆۋەنلىتىشتەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولماقتا.»
ئۆتكەن شەنبە كۈنى مىسىردىكى شەرىئەتشۇناس ئالىملار ۋە باشقا ئىسلام ئۆلىمالىرى بىرلىكتە: «ھەرقايسى مېدىيا ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىدە بېرىلىۋاتقان پەتىۋالاردىن كىلىپ چېقىۋاتقان ئاقىۋىتى مۆلچەرلىگۈسىز خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن بۇلارنى چەكلەش لازىملىقى» خۇسۇسىدا پىكىر-تەكلىپلەردە بولۇندى.
يۇقىرىقىلار «دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى بىرلىكى»نىڭ قاھىرەدە ئۇيۇشتۇرغان «ئالدىراقسانلىق ۋە مەسئۇلىيەت ئارىسىدىكى پەتىۋالار» نامىدىكى كېڭەش يېغىنىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان بولۇپ، يېغىنغا مىسىرنىڭ سابىق مۇپتىسى ۋە مىسىردىكى «دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى بىرلىكى»نىڭ رەئىسى دوكتور نەسر فەرىد ۋاسىل، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىسلام قانۇنشۇناسلىق نەزىرىيسى پەنلىرى ئۇستازى دوكتور مەھمۇد ئابدۇراھمان قاتارلىقلار قاتناشتى. يېغىنغا ئەينى شەمس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرىئەت فاكۇلتېتى ئۇستازى دوكتور سەئىد ئەبۇل فۇتۇھ يىتەكچىلىك قىلدى.
يېغىندا دوكتور ناسىر فەرىد ۋاسىل: «نەق مەيدان بېرىلىۋاتقان پەتىۋالارنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز خەتەرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى» ئوتتۇرغا قويدى. ئۇ يەنە: «بىر قسىم كىشلەرنىڭ مېدىيا ۋاستىلىرى ئارقىلىق پەتىۋا ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشى رەت قىلىنىپ كېلىنسىمۇ، ئەمما يەنىلا مېدىيا ۋاستىلىرىدە ئۇلارنىڭ پەتىۋا بېرىشىگە يول قويۇلۇۋاتقانلىقىنى، نەتىجىدە كەسىپ ئەھلى بولمىغان، ھەمدە شەرئى ھۆكۈملەرنى ئەمەلىي تۇرمۇشقا توغرا تەتبىقلىيالمايدىغان كىشلەرنىڭ پەتىۋا سەھنىلىرىدە ئاشكارا ئوتتۇرغا چىقىۋاتقانلىقىنى» ئېيتىپ ئۆتتى.
دوكتور نەسر يەنە تۆۋەندىكىلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىدى: «ساغلام شەرئى پەتىۋا بەرگۈچى چوقۇم ئىجتىھات مەرتىۋىسىگە يەتكەن بولىشى كېرەك. ئىجتىھات مەرتىۋىسى بولسا، ئالدى بىلەن «شەرىئەت ۋە قانۇن» فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ ئارقىدىن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بولىدۇ. دوكتورلۇقتىن ئىبارەت بۇ ئىلمى مەرتىۋە پەتىۋا چىقىرىشتىكى ئاچقۇچ. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەت كەسپىدە دوكتۇرلۇق ئالمىغانلارنىڭ پەتىۋا چىقىرىشىغا يول قويماسلىق لازىم!»
دوكتور نەسر يەنە، دەۋەت قىلىش بىلەن پەتىۋا چىقىرىش ئوتتۇرسىدا زور پەرقلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىشارە قىلغان ھالدا پەتىۋا ئىشلىرىدا، مىسىردا ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان «ئىسلام تەتقىقات ئاكادېمىيسى»، «مىسىر پەتىۋا ئورگىنى» ۋە «بۈيۈك ئۆلىمالار ھەيئىتى» قاتارلىق پەتىۋا ئورگانلىرىغا مۇراجەت قىلىش لازىملىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
دوكتور نەسىرنىڭ پىكرىگە يانداشقان ھالدا ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئسىلام قانۇنشۇناسلىق نەزىرىيسى پەنلىرى ئۇستازى دوكتور مەھمۇد ئابدۇراھمان مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە نەق مەيدان بېرىلىۋاتقان پەتىۋالار مۇسۇلمانلاردىكى ئالىم-ئۆلىمالارغا قارىتا ئىشەنچنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولماقتا.»
ئۇ يەنە: پەتىۋا ئىشلىرىغا دەخلى قىلىۋاتقانلارنىڭ چېنىقتۇرۇلىشى، ھەمدە ئۇلارنىڭ پەتىۋا بىرىش سالاھىتىگە ئېگە بولۇشلىرى ئۈچۈن خۇددى قازىلارنى تەربىيىلەش ئىنستىتۇتلىرى قۇرۇلغىنىغا ئوخشاش مۇفتى بولغۇچىلار ئۈچۈنمۇ ئىنىستېتوتلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى كېرەكلىكى تەكلىۋىنى بەردى.
ھەمدە ئۇ يەنە: كەسىپ ئەھلى دەپ قارىلىۋاتقان مۇپتىلارنىمۇ، ئۇلارنىڭ شەخسى خاراكتىرى بىلەن شەرئى قاراش ئوتتۇرسىنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىشقا چاقىردى ۋە مۇنداق دېدى: «مىسال قىلىدىغان بولساق، مېنىڭ ساقاللىق كۆرۈنۈشۈم ئۈچۈن چوقۇم باشقىلارغىمۇ ساقالنىڭ پەرز ياكى ۋاجىپلىقى بىلەن پەتىۋا بېرىشىمنىڭ زۆرۈرىيتى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇپتى بولغان كىشى پەتىۋا چىقىرىشتا شەخسى مىجەز-خاراكتىرنىڭ توزىقىغا دەسسىمەسلىكى لازىم.»
شۇ خىل پىكىرنى يەنە «ئەينى شەمس» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرىئەت پەنلىرى ئۇستازى دوكتور سەئىد ئەبۇلفۇتۇھمۇ ئوتتۇرغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ئىسلام دۇنياسى تەرتىپسىزلىكتە چېكىگە يەتتى. كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك ئىلمىلىك ياكى ئىلىمسىز بولسۇن ھەممە ئۆز ئالدىغا پەتىۋا چىقىرىشقا ئۆزىنى ئۇرۇدىغان بولۇپ كەتتى.» دوكتور سەئىد يەنە يۇقىرىقى سۆزىگە قوشۇمچە قىلىپ مۇنداق دېدى: پەتىۋا ساھەسىدە كەسىپ ئەھلى بولمىغانلار تەرپىدىن چىقىرىلغان بىر قىسىم پەتىۋالارنىڭ نۇرغۇنلىغان قانلارنىڭ تۆكۈلۈشى ۋە جەمىيەتنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.»
ئۇ يەنە «پەتىۋاخۇمارلار» دەپ نام ئېلىۋاتقان ئاشۇ بىر تۈركۈم كىشلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىدا نۆۋەتتە كۆپلەپ پايدىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئېلان-تەشۋىقاتلارنى گويا يۇقۇملۇق كېسەلدەك تارقىتىۋاتقان مېدىيا ۋاستىلىرىنىڭ ئاساسى رول ئويناۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
شۇنداقلا ئۇ يەنە: مىسىردا زور بىر تۈركۈم مېدىيا قاناللىرىنىڭ تاماشىبىنلار ئۈچۈن مەخسۇس نەق مەيدان تېلېفون باغلىنىشى تەسىس قىلىپ، سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشتەك پەتىۋا پروگراممىلىرىنىڭ كەڭ تۈردە يەر ئېلىشىغا يول قويۇشى، ھەمدە «باشقىلارنى ئورۇنسىز كاپىرغا چىقىرىش»قا ئوخشاش قىسمەن پەتىۋالارنىڭ ئەۋج ئېلىشى قاتارلىقلارنىڭ مىسىر جەمئىيىتىدە جېدەل بورانلىرىنىڭ تېخىمۇ ئەدەپ كتىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
مەنبە: «دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى بىرلىكى» تورى