esilzad يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 06:33 PM
سىز بىردەم ئىنجىلدىن نەقىل قىلىدىكەنسىز، بىر دەم ئىس ...
نىمىگە ئىدقاد قىلىدىغىنىمنى ھەجەپ بىلگىڭىز كېلىپ كەتتى سىزنىڭ ، مۇشۇنىڭ بىلەن 2 -قېتىم سورىشىڭىز بۇ سۇئالنى .......
سىزمۇ سەمىمي سورىغان ئىكەنسىز ، مەنمۇ سىزگە سەمىمىي جاۋاپ بېرەي .ئىنجىل ، تەۋرات دىگەن كىتاپلارنى مەن ئانچە - مۇنچە ئوقۇغان ، شۇڭا ئۇلاردىن نەقىل ئېلىپ قويغان بولۇشۇم مومكىن ، يېقىندىن بويان ۋاقتىم چىقسىلا قۇرئان ۋە ئىسلام تارىخىغا ئائىت ماتىرياللارنى كۆرىۋاتىمەن،
راستىنى ئېتسام توردىكى بىرقىسىم ئاتالمىش ' موللا'لارنىڭ گەپ سۆزلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقى سالاھىتىدىنمۇ گۇمانلىنىدىغان بولۇپ قالدىم . 'باشقىلارنىڭ مىڭ قېتىم دىگىنىدىن بىر كۆرگەن ئەلا ' دەپتىكەن شۇڭا ئۆزەم بىر چۈشۈنۇپ باقاي دىدىم .
بۇرۇن بىرسى ئېتقان 'ئىسلام يولى ئەسلى كەڭ يول ، ئۇنى تارلاشتۇرۋاتقانلار دەل بىر قىسىم يالغان موللىلار ' دىگەن گېپىنىڭ ئاساسىي بارلىقىنى ھىس قىلىپ قالدىم ......
دىننىي ئېدقادىمنىڭ زادى نىمىلىگىنى ئۆزەممۇ بىر نەرسە دەپ بىرەلمەيمەن .
مەن مۇسۇلمان دەي دىسەم مۇسۇلمان بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولغان 5 ۋاخ نامازنى مەن قىلىپ بولالمىدىم ، مۇسۇلمان ئەمەس دەي دىسەم قالغان شەرتلىرىم چۈشۈپ قالىدۇ .
ئۆزۈمنى دىنسىز دەي دىسەم ، ئاخشىمى كۆزۈمنى يۇمۇشتىن بورۇن ئىچىمدە ئوقۇيدىغان دۇئا - تىلەكلىرىم بار . ئىشقىلىپ ئۆزەمگە توغرا باھا بىرىشكە ئامالسىزمەن.
ھالىڭ شۇنداق تۇرۇقلۇق نىمە ئۈچۈن دىن پەتىۋالىرى بىلەن چىقىشالمايسەن دىيىشىڭىز مومكىن ...
نۇرۇز توغرىسىدا باشقىلار بىلەن گەپ تالىشىپ قېلىۋاتىمەن ، بۇنى ھەرگىزلەنمۇ دىن بىلەن قارشىلاشقانلىق دەپ چۈشەنمەڭ ، مەن پەقەتلا ئۆزۈم قوغداشقا تىگىشلىك دەپ ھىس قىلغان نەرسىنى قوغداۋاتىمەن ، ھەم 'نۇرۇز بىتئەت ' پەتىۋاسىغا ئىشەنمەيۋاتىمەن .