مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئاردا

ئىسلام دىنىدىكى ئىمان توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82107
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1379
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 03:49:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى ، بىر ئادەم ئۆلسە  ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ.       ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بۇلۇدۇ.            .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86400
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 476
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2012-10-23
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 05:48:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا «گۇناھىمىزنىڭ جازاسىنى چېكىپ بولغاندىن كېيىن جەننەتكە چىقىمىز» دېگەن ئېتىقاد يەھۇدىيلارنىڭ ئېتىقادىدۇر. بۇ ئېتىقاد گۇناھ قىلىپ تۇرۇپ، جەننەتنى ھېچكىمگە بەرگۈسى كەلمەيدىغان ئەخمەق «مۇسۇلمان» لارنىڭمۇ ئېتىقادىدۇر. ئۇلارغا مۇنداق سوئال قويۇشىمىز كېرەك:
«سىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھدىن ئەھدە ئالدىڭلارمۇ؟- ئالغان بولساڭلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ئەھدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ- ياكى سىلەر ئاللاھ نامىدىن بىلمەي گەپ قىلىۋاتامسىلەر؟».

_______________________________________
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .تورداشلار.
بۇ تىمىنى ئوقۇپ گەرچە دىنى سەۋىيەم بەك يۇقىرى بولمىسىمۇ لىكىن بۇ تىمىدا ئوتۇرغا قويۇلغان بايانلارنىڭ  توغرا خاتالقىنى ئايرىيالىغۇدەك بولغاچقا بۇ ئىنكاسنى يېزىۋاتىمەن.
ئەگەر توغرا ئېيتسام بۇ ماڭا ئاللاھنىڭ ئىنايىتى،خاتا قىلسام ئاللاھ مېنى مەغپىرەت قىلسۇنكى بۇ ھەرگىزمۇ ئىسلامنىڭ گۇناھى ئەمەس.

بۇ ماقالە مۇسۇلمانلار تورىنىڭ ماقالىسىدەك تۇرىدۇ.
بۇ تورنى ياخشى بىلىمەن.مەن بۇ توردىكى بارلىق پەتىۋالارنى دىگۈدەك ئوقۇغان .بۇ توردىكى پەتىۋالار ئاللاھنىڭ دىنىنىى تارقىتىش،راۋاجلاندۇرۇش مەقسىدىدە
يېزىلىۋاتقان بولىسىمۇ بەزەن پەتىۋالاردا- پەقەت قۇرئاننى ياكى ئاز بىر قىسىم ھەدىسلەرنىلا تۇتقا قىلىۋېلىش،ئەقىلگە زىيادە ئورۇن بېرىش قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئېزىپ كېتىش كۆرۈلگەن.
شۇ ۋەجىدىن يۇقىرى ئىلىملىك ئۇستازلىرىمىز ئاغزىدا سەلبى نامى زىكىر قىلىنغان.
تۆۋەندە مۇشۇ تىمىدىكى خاتالىقلار ئۈستىدىلا پىكرىمنى ئوتتۇرغا قويىمەن.

1.شەيتاننىڭ ئىمانى بار ئىسلامى يوق، مۇناپىقنىڭ ئىسلامى بار ئىمانى يوق. بۇلارنىڭ ھېچبىر ئەسقاتمىدى؛ نە شەيتاننىڭ ئىمانى، نە مۇناپىقنىڭ ئىسلامى ھېچنېمىگە ئەسقاتمىدى ۋە ئەسقاتمايدۇ....
يۇقىردىكى يازمىدا شەيتان گەرچە گۇناھكار يەنى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغۇچى بولسىمۇ مۆمىن دەپ قارالغان.
ھالبۇكى شەيتان -جۇمھۇر ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا كاپىر ھېساپلىندۇ.

2.قۇرئان كەرىمنىڭ قىيامەت، ئاخىرەت ھاياتى، جەننەت ۋە جەھەننەم قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىگە قارايدىغان بولساق، جەننەتكە كىرگەنلەرنىڭمۇ مەڭگۈ قىلىش ھۆكمى بىلەن كىرىدىغانلىقى، جەھەننەمگە كىرگەنلەرنىڭمۇ مەڭگۈ قېلىش ھۆكمى بىلەن كىرىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق بايان قىلىنىدۇ. ...

راست. مەنمۇ ھەم قۇرئان كەرىمدە گۇناھكار مۆمىنلەرنىڭ بىر زامان دەۋزەختە كۆيگەندىن كىيىن جەننەتكە كىرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئايەتلەرنى كۆرمىدىم.
ئەمما بۇ يەردە ناھايتى مۇھىم بىر نۇقتا بار!
ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبېرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسلىسى.
ھەدىس-پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىلغان،بۇيىرىغان ئىشلىرى،ۋە باشقىلارنىڭ قىلغىنىغا سۈكۈت قىلغانلىرىدىن(پەيغەمبەرلەر ھېچقاچان يامان ئىشنى كۆرگەندە توسماي قالمىغان.دىمەك توسمىدى دىگىنى -توغرا دىگىنى )ئىبارەت.
پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شۇنداق مەنىدىكى ھەدىسى :«ماڭا قۇرئان ۋە ئۇنىڭ ئوخشىشى(سۈننەت)بېرىلدى».
دىمەك ،سەھىھ ھەدىسلەر -قۇئان كەرىمنىڭ شەرھىسىدۇر.
شۇڭا ئەگەر بىر ئادەم «مەن پەقەت قۇرئانغىلا ئەگىشىمەن،ھەدىسنى تونىمايمەن »دىسە ئوچۇق ئازغۇنلۇقتا قالغان بولىدۇ.
چۈنكى قۇئان كەرىم -ئىنسانلار ئەمەل قىلشقا تېگىشلىك تۈپ پىرىنسىپلارنى،ئىبادەتلەرنى ،ئىبرەت ئېلىشقا تېگىشلىك قىسسەلەرنى يىغىنچاقلاپ بايان قىلغاندۇر.ئەمما تەپسىلاتى بولسا پەيغەمبېرىمىزنىڭ سۈننەت-ھەدىسلىرىدە بايان قىلىندۇ.
مەسىلەن :قۇرئاندا مۆمىنلەر بەش ۋاقت نامازغا بۇيرىلغان.
ئەمما نامازنى قانداق ئوقۇش تەپسىلى بايان قىلنمىغان .بۇنى ھەدىس بىزەە بايان قىلىپ بەرگەن...
بۇنداق مىساللار ناھايتى كۆپتۇر.
دىمەكچى بولغىنىم:
ئىمان ئېيتقان،ئاللاھقا ھېچكىمنى شىرىك قىلمىغان،لىكىن گۇناھلىرى ساۋابىدىن كۆپرەك بولۇپ قالغان مۆمىنلەرنىڭ دەۋزەختە بىر زامان (بىر يىلمۇ،مىڭ يىلمۇ ياكى مىليۇن يىلمۇ؟بۇنى ئاللاھ بىلىدۇ)كۆيۈپ گۇناھتىن پاكلانغاندىن كىيىن ئاندىن جەننەتكە كىرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىشەنچلىك ھەدىسلەر كۆپتۇر.
مۇسۇلمانلار تورى مۇشۇ نۇقتىنى نەزەرگە ئالمىغان.
ھازىرچە بايقىغىنىم شۇنچىلىك.
ئەمما تورداشلارغا شۇ نەرسە ئېنىق بولسۇنكى ؛
قۇرۇق «لائىلاھە ئىللەللاھ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ»كەلىمىسى بىلەن جەننەت  تاماسى قىلىش ئەخمەقلىقتۇر.
ئالىملار شۇنداق بايان قىلىدۇ:
لائىلاھە ئىللەللاھ(يەنى بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق)كەلىمىسى جەننەتنىڭ ئاچقۇچىدۇر.يەنى بۇ سۆزگە چىن دىلىدىن ئىشەنگەن ،تىلىدا ئىقرار قىلغان،ۋە بۇ كەلىمنىڭ تەقەززاسىدىكى ئەمەللەرنى قىلغان كىشى جەننەتكە كېرىدۇ.
ئەمما بۇ كەلىمىنى تىلىدا ئىقرار قىلىپ قويۇپ ئەمەل قىلمىغان كىشى چىشى يوق ئاچقۇچ بىلەن قۇلۇپ ئاچىمەن دىگەن ئادەمگە ئوخشايدۇ.
لائىلاھە ئىللەللاھ دىگەن بۇ جەننەتنىڭ ئاچقۇچىنىڭ چىشلىرى بولسا قۇرئان ۋە سۈننەتتە كۆرسىتىلگەن ئىبادەتلەردۇر.(مەسىلەن ؛ھەركۈنى بەش ۋاق نامازنى ۋاقتىدا، تەلەپكە لايىق ئوقۇش،يىلدا بىر ئاي رامىزان روزىسنى تۇتۇش،مال-مۈلكى بەلگىلەنگەن چەككە يەتسە زاكات بېرىش،قادىر بولالىسا ئۆمىرىدە بىر قىتىم كەئىبىنى تاۋاپ قىلىش ،ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش...)
ھەنەفى،شافىئى،ھەنبەلى،مالىكى قاتارلىق تۆت مەزھەپ ئىمامىلرى ئىچىدىن ئىمام ئەبۇ ھەنىفە (ئىمام ئەزەم)دىن باشقىلىرى نامازنى مەيلى ئىنكار قىلسۇن قىلمىسۇن تەرك ئەتكەنلا بولسا كاپىر دەپ قارايدۇ.
ئەمما دىيارىمىز مۇسۇلمانلىرى ئەگىشىۋاتقان ئىمام ئەزەم بولسا:
« نامازنى ئىنكار قىلسا (يەنى ئىسلام دىنىدا ناماز ئوقۇش دەيدىغان گەپ يوق،ياكى ناماز ئوقۇش ئۇنچىۋىلا مۇھىم ئەمەس دىسە)كاپىر بولىدۇ.
ئەمما نامازنىڭ پەرزلىكىنى ئىقرار قىلغان ئەمما ھۇرۇنلۇق قىلىپ،ياكى باشقا سەۋەپتىن ئوقۇمىسا كاپىر بولمايدۇ.بەلكى زىنا قىلغان،ئادەم ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش گۇناھى كەبىرنى قىلغان بولىدۇ»
دەپ قارايدۇ.
توغرىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tuprak01 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-14 05:51 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ھۆكۈما + 126 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 126   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90866
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 459
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2013-1-30
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 06:02:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bozyigit0997 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-14 11:52 AM
اللە رەھمەت قىلسۇن!

ئەگەشتىم

ۋاقىتنىڭمۇ سورى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38374
يازما سانى: 344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5829
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1391 سائەت
تىزىم: 2011-4-22
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 06:20:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
5\1884 -ئىبىنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى:پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن: مەن دۇزاختىن ئەڭ كىين چىقىپ ،جەننەتكە ئەڭ كىين كىرىدىغان ئادەمنى بىلىمەن،ئۇ شۇنداق بىر كىشىكى ئۇ دۇزاختىن ئۆمىلەپ چىقىدۇ،ئاللا ئەززە ۋەجەللە ئۇنىڭغا:بارغىن،جەننەتكە كىرگىن دەيدۇ،ئۇ جەننەتكە كەلسە جەننەت تۇشۇپ كەتكەندەك تۇيۇلۇپ قايتىپ،ئى رەببىم جەننەت تۇشۇپ كىتىپتۇ،ئاللا ئۇنىڭغا بارغىن جەننەتكە كىرگىن دەيدۇ،ئۇ جەننەت تۇشۇپ كەتكەندەك تۇيۇلۇپ،ئى رەببىم جەننەت تۇشۇپ كىتىپتۇ دەيدۇ،ئاللاھ بارغىن،ساڭا جەننەت دۇنيا ۋە دۇنيانىڭ ئون ھەسسىچىلىك بولسۇن دەيدۇ،ئۇ: سەن ھەممىنىڭ ئىگىسى تۇرۇپ مىنى مەسخىرە قىلۋاتامسەن دەيدۇ.ئىبىنى مەسئۇد مۇنداق دەيدۇ:مەن ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ كۈلۈپ ئېزىق چىشلىرىنى كۈرۈنۈپ قالغانلىقىنى كۆردۈم دەيدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مانا بۇ جەننەت ئەھلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسى دىگەن ئىدى.
---ياخشىلار باغچىسىدىن
مانا بۇ دۇزاخنىڭ ھەممىگە مەڭگۈلۈك بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھەدىس.بۇنداق ھەدىسلەردىن نۇرغۇنلىرىنى كەلتۈرۈش مۆمكىن.شۇڭا تېما يوللىغاندا كىتاپتىن كۈچۈرۈپلا يوللىماي ئاز-تۇلا ئەجىر قىلىپ يوللىغايسز.

دۇنيادا پەقەت:مەرت باينىڭ بايلىقى بىلەن سېخى ئالىمنىڭ بىلىمىگىلا ھەسەت قىلىشقا بۇلىدۇ.

!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3871
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 463 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 02:38:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
arman312 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-14 06:20 PM
5\1884 -ئىبىنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: ...

ھەي بۇرادەر پەيغەمبەرنىڭ ھەدىسلىرىنى بۇنداق يەڭگىللىك بىلەن شەرھىيلەپ  گۇناھقا يىشىل چىراق يىقىپ بەرمەڭ  !   قالتىسكەنسىز  ! ئىمان ئىيىتقان بولسىمۇ  گەرچە بەزى ئىغىر تەسۋىرلىگۈسىز گۇناھ  ئۆتكۈزگنلەرنىڭ  دوزاقتا  مەڭگۈ قالىدىغانلىقىنى ئۇتنتۇپ  قالماڭ  !

ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH

!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3871
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 463 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 02:50:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tuprak01 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-14 05:48 PM
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا «گۇناھىمىزنىڭ جازاسىنى چېكىپ ب ...

ئۇ يۇقىرى ئىلىملىك ئۇستازلىرىڭىزنىڭ  نام شەرىپى ۋە كىملىكىنى  ئىيتىپ بىرەلەمسىز بىلىپ باقاي  ؟ قىزىللاشقانمۇ كۆكلەشكەنمۇ ياكى يشىللاشقانمۇدىگەندەك  !!!! ئاندىن مۇسۇلمانلار تورىغا بىرىلگەن باھانى مۇزاكىرە قىلايلى  !  

ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH

ۋاقىتنىڭمۇ سورى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38374
يازما سانى: 344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5829
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1391 سائەت
تىزىم: 2011-4-22
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 04:01:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاردا يوللىغان ۋاقتى  2013-3-15 02:38 PM
ھەي بۇرادەر پەيغەمبەرنىڭ ھەدىسلىرىنى بۇنداق يەڭگىلل ...

ھە بۇرادەر،مەن بۇ ھەدىسنى سىز كەلتۈرگەن ماۋۇ ھۆكۈمگە قارىتا كەلتۈردۈم:«قۇرئان كەرىمنىڭ قىيامەت، ئاخىرەت ھاياتى، جەننەت ۋە جەھەننەم قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىگە قارايدىغان بولساق، جەننەتكە كىرگەنلەرنىڭمۇ مەڭگۈ قىلىش ھۆكمى بىلەن كىرىدىغانلىقى، جەھەننەمگە كىرگەنلەرنىڭمۇ مەڭگۈ قېلىش ھۆكمى بىلەن كىرىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق بايان قىلىنىدۇ.»ئەمدى سىز  ماڭا چۈشەندۈرۈش بىرىۋاتامسىز،تېمىڭىزنى ئۈزىڭىز ئوقۇپ بېقىپ يوللىغانمۇ يا؟ بۇ جۈملىدىن نىمە مەنا چىقىدۇ؟ دەل مەن كەلتۈرگەن ھەدىسكە قارشى مەنا چىقىدۇ،يەنى دۇزاخقا كىردىڭىزمۇ مەڭگۈ قالىسز،ھەرگىزمۇ گۇناھقا چۇشلۇق ئازاپ چىكىپ بولغاندىن كىين دۇزاختىن چىقىش يوق دىگەن مەنا.
ئەمما مەن،ئۇ ھەدسىنى نەقىل قىلىش ئارقىلىق،بەزىلەر دۇزاختا تىگىشلىك ئازاپنى چىكىپ بولغاندىن كىين جەننەتكە كىرىدۇ دىگەننى كۈچەيتىۋاتىمەن.مەن نەدە ھېچكىم دۇزاختا مەڭگۈ قالمايدۇ دەپ شەرھىلىدىم ؟بەزىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك دۇزاختا قالىدىغانلىقىنى بىلىمەن.

دۇنيادا پەقەت:مەرت باينىڭ بايلىقى بىلەن سېخى ئالىمنىڭ بىلىمىگىلا ھەسەت قىلىشقا بۇلىدۇ.
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92710
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 285
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2013-3-5
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 06:07:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئۈلۇم قورقۇقۇچلۇق ئەمەس ،بەلكى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدىن ئايرىلىپ قلىش ئەڭ قورقۇنۇچلۇقتۇر.

!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3871
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 463 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 07:46:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ا

arman312 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-15 04:01 PM
...

ئەمدى توغرا بولدى ! دوزاقتا ۋاقىتلىق  گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىپ بولۇپ جەننەتكە كىرىدىغانلارنى مەنمۇ بىلىمەن ! ئۇلار بەزىبىر گۇناھلىرى بار مۆئمىنلەردۇر ! ئەمما بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان دوزاقتا مەڭگۈ قالىدىغانلار بولسا ،دەل شۇ يەھۇدىيلارغا ئوخشاش ئىمان كەلتۈرۋاتقانلار  ، ئىمان ئىيتىشتا شۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قىلىۋاتقانلار! ئاغزىدا يەھۇدىيلاردەك ئىمان ئىيىتتۇق دەپ قۇيۇپ قالغان پۈتكۈل ئەمەللەرنى قىلماي تاشلىۋەتكەنلەر !  شۇڭا مەن سىزگە دىمەكچى ! ياكى تىمىدىكى مەزمۇننى تولۇق چۈشىنىپ ئىنكاسنى تولۇق يىزىڭ !بولمىسا بەزى قىرىنداشلىرىمىز خاتا چۈشىنىۋىلىپ  ئاغزىمىزدا ئىمان ئىيتىپ قۇيۇپ قالغان ئىشلارنى قىلمىساقمۇ سەل قارىساقمۇ بولىدىكەن دىگەن يەھۇدى ۋە خىرىستىئانلارغا ئوخشاشپ قالمىسۇن ! ئىسلامدىكى ئىمان ھەرگىزمۇ ئاغزىدا دەپ قۇيۇش ۋ كۆڭلىدە بىلىپ تەستىقلاپ قۇيۇش بىلەن كۇپايىلىنىپ قالىدىغان ئىمان ئەمەس ! چوقۇم  بۇلاردىن كىيىن ئۆز تۇرمۇشىدىكى ئەمەللىرىدە ئىسپاتلىشى كىرەك !   شۇڭا چۈشىنىڭ بۇرادەر !  بۇيەردە دەل مۇشۇنداق كىشىلەرگە قارىتا  دىيىلىۋاتىدۇ  ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاردا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-15 08:10 PM  


ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH

ۋاقىتنىڭمۇ سورى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38374
يازما سانى: 344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5829
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1391 سائەت
تىزىم: 2011-4-22
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 12:59:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاردا يوللىغان ۋاقتى  2013-3-15 07:46 PM
ئەمدى توغرا بولدى ! دوزاقتا ۋاقىتلىق  گۇناھىنىڭ جازاسى ...

ئەسلى سىز ماۋۇ ئىنكاسىڭىزنى ئاشۇ تېمىڭىزنىڭ بېشىغىراق بىر يەرگە قسىتۇرىۋەتسىڭىز،ئاندىن دۇزاختامەڭگۈلۈك قالىدىغانلار ۋە ۋاقىتلىق قالىدىغانلارنىڭ بەزىلەرگە قارىتىلغانلىقى ئېىنق چىقاتتىكەن.بولمىسا مەيلى مەن ئالدىنقى ئىنكاسىمدا ئالغان سىزنىڭ تېمىڭىزدىكى نەقىل،ۋە تېمىڭىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خۇلاسسى بولمىسۇن،قاراقۇيۇق ھەممىگىلا:«دۇزاختا مەڭگۈلۈك قالىسەن،ۋاقىتلىق قالىدىغان ئىش يوق» دىگەندەك مەنا باركەن.ئەگەر مىنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىمىدىن گۇمانلىنىپ،تېمامدا چاتاق يوق دەپ تۇرىۋالسىڭىزمۇ ئۈزىڭىزنىڭ ئىشى.

دۇنيادا پەقەت:مەرت باينىڭ بايلىقى بىلەن سېخى ئالىمنىڭ بىلىمىگىلا ھەسەت قىلىشقا بۇلىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش