بىز قايسى مەنزەپ كىم بىلدۇ.مەنزەپلەرنىڭ جىقلىقىدا ئالماشتۇرۇپ قۇيۋاتمەن.ئىسلامدىكى مەنزەپلەرنىڭ ھەمىسى ئاللاھنى ئىتراپ قىلدىغاندۇ.يە بىرسى خىرىستىيان بىرسى كاتۇلىك بىرسى بۇددامۇيە.بۇمەنزەپلار ئادەمنىڭ بەك ئاچىغىنى كەلتۈردۇ.بىرلىك دەيدىغان نەرسە يۇققۇ بۇلادا
-----------------------
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ZIYAN ، ئاچچىقىڭىزغا سەبرى قىلىڭ . يوقۇرىدىكى يازمىڭىزدىن قارىغاندا دىنى بىلىم ئالمىغانلىقىڭىز ئېنىق . بىلمەي تۇرۇپ ، ئاچچىقلانسىڭىز زىدىيەت تېرىش بىلەنلا قالماي ، ئۆز ئەھلىڭىزگە قارىشى تىغ كۆتۈرىشتىن باشقا يەنە نىمىگە يارايتتىڭىز ؟ ! دىنىمىزدىكى بولۇۋاتقان زىدىيەتلەرنىڭ ئاساسلىقى : دىن دۈشمەنلىرىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىغا ئىشىنىپ قېلىپ ، مەسىلىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى بىلمىگەن ئاز بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ، ئۆزلىرىنىڭ خاتا چۈشەنچىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ، ھەدەپ تەشۋىق قىلىش بىلەنلا قالماي ، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئەقىدىسىگە قارىشى چىقىپ ، شۇ ئەقىدىدىكى ئۇرۇق ئەۋلادىنى بىدئەتچى ، مۇشرىك ، كاپىر - دەپ ، ئۇلارنى دوزاققا ھۆكۈم قىلىپ ، ئۇلارنىڭ توغرا بولغان دىنى ئەقىدىسىنى يوقاتماقچى بولغانلىقىدىن ، شۇنداقلا نۇغۇنلىغان ئاق كۆڭۈل ، نادان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ، ئاق - قارىنى پەرقلەندۈرمەي ، شۇ تەتۈر تەشۋىقاتلارغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشقانلىقىدىن كېلىپ چىقماقتا . ... يەنە بىر تەرەپتىن ، سىزنىڭغا ئوخشاش دىنى بىلىم ئالماي ، غەپلەتتە يۈرگەن دىنى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تولىمۇ كۆپلىكىدىن ھەم كۆپ بولۇش بىلەنلا قالماي ، بەلكى تولىمۇ نادانلىقىدىن ، دىن دۈشمەنلىرىدىن بىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ : سەن ھەم سېنىڭ ئاتا بوۋاڭ بىدئەتچى ( يەنى ئۆلۇككە ئاتاپ بۇددىسلارنىڭ نەزىرلىرىنى قىلىدۇ ، ئۆلۈكلەرگە قۇرئان ئوقۇپ بېرىدۇ ، غوجاملارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىدۇ ، غوجاملاردىن مەدەت تىلەيدۇ ، نەزىر يەيدۇ ، مەۋلۇد ئوقۇيدۇ ... بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك ... ) مۇشرىك ، كاپار ، ئۇلار باتىل ئەقىدىدە ، سەن ئالدى بىلەن ئەقىدەڭنى توغرىلىمىساڭ ، سەنمۇ ئاتا بوۋاڭ بىلەن بىرگە دوزاققا كىرىسەن - دېسە ، ۋاي ، سېنىڭ راست - دەپ ، ئۆز ئەھلىگە قارىشى تىغ كۆتەرگەنلىكىدىن كېلىپ چىقماقتا !!!
ئى ئەقىللىق قېرىندىشىم ، باشقىلار بىزنىڭ ئەقىدىمىزنى باتىلغا چىقىرىپ ، ئۆزىمىزنى ھەم ئۇرۇق ئەۋلادىمىزنى دوزاققا بۇيرۇپ ، دىنى ئەقىدىمىزنى يوقۇتۇشقا ئۇرۇنىۋاتسا ، ئۇلارغا قىلچىمۇ نارازىلىق بىلدۈرمەي ، مۇشۇلارنىڭ راستەك قىلىدۇ - دەپ ، دوزاققا كىرىپلا كەتسەك بولامدۇ ؟؟؟!!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلىرىم ، ئەللاھ سۇبھانە ۋەتائالا بىزگىمۇ ئەقىل بەرگەن . ئەللاھ بەرگەن ئەقلىمىزنى زايا قىلمايلى !!! ...
ئەللاھقا ئامانەت .