|
|
|
|
تۈركىيە The Requblic of Tuekey باتۇرلار دۆلىتى [align=justify]تۈركىيىنىڭ تولۇق نامى < تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى> ، ئاسىيانىڭ غەربىگە جايلاشقان، زېمىنى ئاسىيا،ياۋروپادىن ئىبارەت ئىككى قىتئەگە تۇتاشقان . دۆلەت نامى مىللەت نامىدىن كېلىپ چىققان. مىللەت نامى <تۈرك دوپپىسى> نامىدىن پايدا بولغان ،تۈركلەرنىڭ مۇنداق بىر خىل ئۆرپ-ئادىتى بولۇپ،ئۇلار دائىم دوپپا كىيىدىكەن ،ھەم دوپپىنىڭ رەڭگى ياكى شەكلىگە قاراپ توغرا ھالدا قايسى قەبىلىدىن ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلەيدىكەن،تۈرك ئەسلى <تۈرك دوپپىسى كەيگەن مىللەت>دىگەن مەنىدە بولۇپ،كىيىنچە ئاندىن مىللەت نامىغا ئۆزگەرگەن. تۈركلەر غەربىي تۈركلەرنىڭ باشقا مىللەت-ئېرقلارنى ئاسمىلياتسىيە قىلىپ قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن .تۈركچىدە <تۈرك> سۆزى <كۈچلۈك>،<كۈچتۈڭگۈر>دىگەن مەنىدە،تاتارچىدا بولسا <باتۇر>دىگەن مەنىدە بولىدۇ ،1300-يىلى تۈركلەرنىڭ يولباشچىسى ئوسمان (1326 --- 1259) كىچىك ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى بويسۇندۇرۇپ مۇستەقىل بىر بەگلىك قۇرۇپ ، ئۆزىنى سۇلتان دەپ ئاتىغان .1326-يىلى ، تۈركلەر ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ قولىدىن بۇدسا شەھىرىنى تارتىۋىلىپ ،ئۇنى ئۆزىگە پايتەخت قىلغان ، يېڭى دۆلەت ئوسماننىڭ نامىدا ئوسمان ئىمپىرىيىسى دەپ ئاتىلىپ،زېمىنى ئاسىيا ،ياۋروپا ۋە ئافرىقا قاتارلىق ئۈچ چوڭ قىتئەگە سوزۇلغان،12مىليون كۋادرات كىلومېتىر زېمىنى بار ئىمپىرىيىگە ئايلانغان. ئىمپىرىيە 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئاجىزلاشقان . 1918-يىلى ئىمپىرىيە رەسمىي پارچىلانغان.تۈركىيە سۆزى 19-ئەسىردىلا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن . 1923-يىلى 10-ئاينىڭ29-كۈنى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندا،رەسمىي ھالدا < تۈركىيە>دۆلەت نامى قىلىپ قوللانغان .[align=justify]تۈركىيىنىڭ يەر مەيدانى 780مىڭ675 كۋادرات كىلومېتىر،ئاھالىسى 61مىليون 800مىڭ،تۈركلەر %98 تىن ئارتۇقراقىنى ئىگىلەيدۇ.قالغىنىنى كوردلار ، ئەرەبلەر، ئەرمەنلەر ، گرېكلار ۋە گروزىنلار ئىگىلەيدۇ ،تۈرك تىلى دۆلەت تىلى بولۇپ ،%98 ئاھالىسى تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدۇ،%98 ئاھالىسى ئسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ ،پايتەختى ئەنقەرە ، پۇل بىرلىكى لىرا .
مەنبە : دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ نامىنىڭ كېلىش تارىخى .( شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى نەشىر قىلغان)
كۈندە بىر دۆلەت توغرىسىدا يوللىنىدۇ .
|
|
|
|
|
|