ankar528 يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 08:20 PM
مىنىڭچە بۇ تىمىنى يازغان قىرىندىشىمىزمۇ پۇتبولنى ھەقى ...
سىز توپنىڭ قايسى يۆلىنىش تەرەپكە قاراپ ماڭغانلىقىنى كۆردىڭىزمۇ؟ چەتئەللىك ماھىر بولسا توپنى تىپىشنى مەخسەت قىلغان. يەنى توپنى تىپىپ مەيدان سىرتىغا چىقىرىۋەتكەن، ھەرگىزمۇ قائىدىگە خىلابلىق قىلىشنى مەخسەت قىلىپ ئىلھامنىڭ پۇتىنى تىپىۋەتمىگەن. بەلكى پۇتى ئاۋال توپقا تىگىپ توپ مەيداندىن چىقىپ كەتكەن. ئىلھامنىڭ سۈرىتى بەك تىز بولۇپ كەتكەچكە يىقىلىپ كەتتى. مىنىڭچەقائىدىگە خىلابلىق ھىسابلانمايدۇ. ئىلھام بولسا ئورنىدىن تۇرۇپ ھىچ ئىش بولمىغاندەك چەتئەللىك ماھىرنىڭ قىشىغا بىرىپ زاكۇنلىشىدۇ. بىراق دىققەت قىلدىڭلارمۇ، ئىلھام پۇتىنى كۆتىرىدۇ، ناۋادا ھەقىقەتەن قائىدىگە خىلابلىق قىلىپ، پۇتىنى تىپىۋەتكەن بولسا، ئىلھام ئۇنداق ھەركەتلەرنى قىلالمايتى. ئەكسىچە، چەتئەللىك ماھىر ئىلھامنىڭ كەينىدىن كىلىپ، توپنى تىپىشنى مەخسەت قىلىپ، ئۇنى تىپىۋەتكەن بولسا، ئاندىن ئۇنى قائىدىگە خىلابلىق قىلدى دىسەك بولىدۇ. چەتئەللىكنىڭ ھەركىتى ئىغىر ئەمەس، بەلكى ئىلھامنىڭ سۈرئىتى بەك تىز بولۇپ كەتتى.