adwokatsubi يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 10:03 AM
سىز توپنىڭ قايسى يۆلىنىش تەرەپكە قاراپ ماڭغانلىقىن ...
سىز مۇداپىيەچىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ھىس قىلىڭ ،ۋە ياكى ھۇجۇمچىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ھىس قىلىڭ، ھەرقانداق بىر قائىدىگە خىلاپلىق قىلىنغان ھەركەت كۆپىنچى ھاللاردا شۇ تەنھەركەتچىنىڭ ئۆزىگە نىسپەتەن شۇخىل ھەركەتنى مەخسەتلىك ھالدا ئىلىب بارمىغان بولىدۇ ( قىسمەن مەخسەتلىك ئىلىپ بىرىلغان ھەركەتلەرنى ھىسابقا ئالمىغاندا)
بۇ ھەركەتلەرنىڭ قائىدىگە خىلاپ ھەركەت ئىكەنلىكىنى شۇ تەنھەركەتچى ئۆزى ھىس قىلالمايدۇ، ھىس قىلغان تەقدىردىمۇ ئىتراپ قىلمايدۇ.
لىكىن رىپپىرنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ،رىپپىرنىڭ ھىسسىياتىدا تۇرۇپ كۈزەتكەندە، تەنھەركەتچىلەرنىڭ قانداق گۈزەل ھەركەتلەرنى چىقىرىشى ئەمەس، بەلكى قانداق قائىدىگە خىلاب ھەركەتلەرنى ئىشلىگەنلىكىگە پۈتتۈن زىھنى بىلەن دىققەت ئىتىبارىنى بىرىدۇ.
ئەلۋەتتە سىز- بىزگە ئوخشاش تاماششىبىنلارنىڭ ھىسسىياتىمۇ ،كۈزىتىشىمۇ ، تونىشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بۇنىسى ھەممىگە ئىنىق.
خۇددى مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە نانىغا قىزىل كارتا بەرسە، نانى -«مەن نىمە ئىشنى خاتا قىلدىم !» دەيدۇ.
مانچىستىر مەستانىللىرى « قانداق رىپپىر بۇ ؟ مۇشۇنىڭغىمۇ قىزىل كارتا بىرەمدۇ؟» دىسە مادىرىت مەستانىللىرى « قىزىل كارتا بەرگىنى توغرا بولدى .» دەيدۇ.
يۇقارقى مۇسابىقىدەك ئىلھامجانننى تىپىۋەتكەن تەنھەركەتچىگە رىپپىر ئاگاھلاندۇرۇش بەرسە ، ئىلھامجان- « قانداق پىپپىر سەن ! مىنى تىپىپ دومىلىتىۋەتسە پۈشتەك چالمامسەن !!!!» دەيدۇ.
سىز« ئىلھامجان يالغاندىن يىتىۋىلىپ بىزنىڭ يغزىمىزنى تۆكتى !» دەيسىز، مەن بولسام« ھەي !!!!! جۇڭگۇ پۇتبولچىلىقى !!!!» دەيمەن.
دىمەك قائىدىگە خىلاپ ھەركەتلەردە كۆپىنچى ھاللاردا تەنھەركەتچىنىڭ شۇ مەيداندىكى ھىسسىياتى بىلەن رىپپىرنىڭ كۆز قارىشى قارمۇ-قارشى بولىدۇ. مەستانىلەرنىڭمۇ ھەم شۇنداق.