ئۇنى ئاشنىسىدىن تارتىۋىلىڭ
تۇرمۇش گۇزەللىك بىلەن رەزىللىكنىڭ، بەخت بىلەن بەخىتسىزلىكنىڭ، ئۈمۇت بىلەن ئۈمۇتسىزلىكنىڭ يۇغرۇلمىسىدىن پەيدا بولىدۇ. بىرگە بىپەرۋا بولسىڭىز ئىرىشىدىغىنىڭىز يەنە بىرى. يولدىشىڭىز سىرىتقا قارىغاندا تىلفۇنىدا نامسىز تىلفۇن ۋە ئۇچۈر كۆپىيىپ كىتىدۇ ، سىز بار يەردە تىلفۇن ئىشلىتىشتىن جىددىلىشىدۇ ،تىلفۇنىنى يىنىدىن ئايرىمايدۇ، تىلفۇنىنى ئىلىۋالسىڭىز ئالاقىزادە بولىدۇ، سىرىتتا ئىشلىرى دوستلىرى كۆپىيىپ كىتىدۇ، بىرگە بىرىشنى ئىيىتسىڭىز رەت قىلىدۇ، تاشقى قىياپىـىگە ئىتىبار بىرىدۇ، سىزگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىدۇ، سىزگە يىقىنچىلىق قىلمايدۇ، يوتقاندا سىزدىن ئۆزىنى ئىلىپ قاچىدۇ، سىزنى دوسلىرىڭىز ۋە ئاتا ئانىڭىزنى يوقلاپ كىلىشكە يولغا سالغۇسى كىلىدۇ. سىز بۇ پالىيەتلەرنى سەزگىنىڭىزدە يۈزىگە سالماي ئۇمىتۋارلىق بىلەن ئۆزىڭىز كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلەرنى تولۇقلاپ، مۇكەللىشىشكە تىرىشىڭ. بىلىمەن ئەرلەرنىڭ تالاغا قارىشى ھەممەيلەننىڭ قەلبىدە ساقايماس يارا پەيدا قىلىپ ئائىلىگە بەختسىزلىك ئىلىپ كىلىدۇ.سىز ئىشىنىپ ئۆزىڭىزنىڭ تەقدىرىنى تۇتقۇزغان ۋاپادارىڭىز ؛ سىزنىڭ سۆيگىنىىز ؛ بالىڭىزنىڭ قەدىردان دادىسى يۈرىگىڭىزنى ئازاپتا پۇچىلاپ سىزگە ئاسىلىق قىلغاندا، كۆز ياشلىرىڭىزنى توكۇپ ئاللا كاللا سىلىپ جىدەل قىلماي تەمكىن سوغۇققان بولۇڭ. ئۆزىڭىزگە تەسەللى بىرىڭ، ئۆزىڭىزدە ئىشەچ پەيدا قىلىڭ، چۈنكى نىكادىن ئىبارەت ئۇنىڭ يۈگىنى يەنىلا سىزنىڭ قولىڭىزدا ئەمەسمۇ؟
1. ئەگەر ئۇنىڭ ئاشنىسى سىزدىن ئۇنى تارتىۋىلىشنى نىشان قىلغان بولسا، سىزنىڭ تىخىمۇ چىشىڭىزغا ، غورۇرىڭىزغا تىگىپ ، سىزنىڭ كۆپلەپ جىدەل قىلىپ، ئىرىڭىزنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىڭىزنى سۈپۈرىۋىتىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىدۇ، سىز ئۆزىڭىزنى تۇتىۋالماي كىمنىلا كۆرسىڭىز ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ ،جىدەلنى ئۇغايتىۋەتسىڭىز، ئىرىڭىز بىلەن راسلا ئادا جۇدا بولۇشقا بىرىپ قالىسىز. سىز ئۇنىڭ دىپىغا ئۇسۇل ئوينىماقچىمۇ؟
2.كەڭ قوساق ئەپۇچان بولۇپ يولدىشىڭىزغا پۇرسەت بىرىڭ. ئەگەر ئۇنىڭ ئاشنىسى ئۇنىڭ پۇلىنى كۆزلىگەن بولسا بىرىڭ. بۇ پۇللارغا بەختىڭىزنى سىتىۋالسىڭىز ئەرزىمەمدۇ؟ ئەگەر ئۇ يولدىشىڭىزنى قارا باستۇرۇپ سۇيقەست قىلىش ئۈچۈن ئىزلىگەن بولسا يولدىشىڭىزنى ئۇنىڭ ھىلە مىكرىدىن ئەقىللىقلىق بىلەن قوغداڭ. ئۇنى ياردەمسىز يالغۇز تاشلاپ قويماڭ.ئالدىراپ ئاجرىشىش قارارىغا كەلمەڭ. ئالدىراپ چىقىرىلغان قارار ئادمگە پۇشمان ئىلىپ كىلىدۇ. بالىڭىزنىڭ بەختى ئۈچۈن قۇربانلىق بىرىشىڭىزگە ئەرزىمەسمۇ؟
3.ئەقىل ئىدرىگىڭىزنى ئىشقا سىلىپ، سۈيگۇ رەقىۋىڭىزنى يىڭىپ، مەغرۇرلۇق ئىچىدە ياشاڭ. ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشماڭ، ئارتۇقچىلىغىنى ئۈگىنىڭ، ئائىلىڭىز ۋە يولدىشىڭىزغا بولغان سۆيگۈڭىزنى ۋە ئىشەنچىڭىزنى يوقىرى كۆتۇرۈڭ، سىز بىلەن ئۇنىڭ مۇناسىۋىتى تەتۇر تاناسىپلىق مۇناسىۋەت ئىكەنلىگىنى ئۇنۇتماڭ، سىز ئۇمۇتلىك مولسىڭىز ئۇ ئۈمىتسىزلىنىدۇ، سىز غەلبە قىلسىڭىز ئۇ مەغلۇپ بولىدۇ، سىز ئىرىڭىزگە ئامراق بولسىڭىز ئۇ ئىرىڭىز بىلەن جىدەل قىلىدۇ. ئۇنىڭ جىدىلى ئىرىڭىزنى ئۇنىڭدىن بىزار قىلىپ ئائىلىگە قايتۇرۇپ كىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ بۇ سىناق باسقۇچىدا سىز بارلىق ئەلەم ۋە ئاچچىغىڭىزنى ئىچىڭىزگە سىلىپ بۇرۇنقىدىنمۇ ياخشى بولۇپ كەتسىڭىز يولدىشىڭىز سىزدىن مىھرىنى ئۈزەلمەي قالسا بولمامدۇ؟
4. سىرىتقى گۈزەللىگىڭىزگە ئەھمىيەت بىرىڭ، قىياپىتىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ، جەلپ قىلىش كۈچىڭىزنى ئاشۇرۇڭ، ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈپ، كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىڭىزنى تولۇقلاڭ. چاكىنا بولىۋالماستىن مەدىنىي، چىرايلىق، لاتاپەتلىك بولۇڭ.
5.ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ. ساغلاملىغىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈڭ. ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ. شەخسىي تازلىقىڭىزغا تولىمۇ ئىتىبار بىرىڭ، سىزدىن گۈلنىڭ ھىدى تۆكۈلۈپ تۇرسۇن. چىرايىڭىزدىن غەم بۇلۇتلىرى ئەمەس، خۇشخۇيلۇق گۈزەللىك جىلۋىلىنىپ تۇرسۇن.
6.كۆچىدىكىلەرنىڭ ھىلىسىنىڭ كۆپلىگىنى ئۇنتۇپ قالماڭ. قارشى تەرەپنى ئىگەللەيمەن ،ئۆزگەرتىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ، يولدىشىڭىزغىمۇ ئەركىن نەپەس ئالغۇدەك بوشلۇق ئىشىنىش قالدۇرۇڭ. ئۇ سىزدىن بىزار بولمىسۇن.
7.يولدىشىڭىزنى تەرپلەپ، رىغبەتلەندۇرۇپ ، ئۇنىڭدىن سۆيۈنۇپ تۇرۇڭ، ئۇنى ماختاشنى ئۇنىڭدىن پەخرلىنىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ئىناق ئائىلە بەرپا قىلىشقا ماھىر بولۇڭ.ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈڭ، تىلفۇن قىلىپ ئەھۋال سوراپ ئۇنىڭغا مىھرىڭىزنى يەتكۈزۈپ تۇرۇڭ. مۇڭدىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ. ئۇنىڭغا ئەركىلەپ ئامراقلىغىنى قوزغاڭ. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بەدەن چىنىقتۇرۇڭ.
8. يولدىشىڭىزنىڭ دوستلىرى ۋە تۇققانلىرى ئالدىدا ئالاھىدە ھۆرمىتىنى قىلىڭ، ئۇ سىزدىن سۆيۇنسۇن، پەرىشان بولغىنىدا مىھرىبان ئانىسى قەدىردان دوستى، ياخشى خوتۇنىنىڭ رولىنى ئۆتەڭ. ئۇ سىرىتقا چىقىپ كەتسە ئۇنىڭدىن ئەنسىرگىنىڭىزنى ئۇنى سىغىنغىنىڭىزنى ئەسلىتىپ تۇرۇڭ. ئەھمىيەتلىك كۇنلىرىدە خۇشال قىلىشنى ئۇنۇتماڭ.
9.ئۆچ ئىلىش نىيىتىدە بولماي، مۇھاببىتىڭىز ئارقىلىق ئۇنى تەسىرلەندۇرۇڭ. مۇھاببەت بىلەن ئۇنى ئۆزىڭىزگە رام قىلىش بىلەن بىرگە پاك قەلبىڭىز ۋە پۇتۇن ھاياتىڭىز بىلەن مۇھاببەتنى مۇستەھكەملەڭ، قەلبىڭىزنى بىلىم بىلەن نۇرلاندۇرۇپ، يولدىشىڭىزنىڭ قابىل ياردەمچىسى بولۇپ، پەزىلىتىڭىز ، يۇكسەكلىگىڭىز ۋە ئىسىللىغىڭىز بىلەن قەلبىدىكى ئۇرنىڭىزنى كۆتۇرۇڭ، ئۆز خاسلىغىڭىزنى ئىپادىلەشكە ماھىر بولۇڭ.
10. مۇلايىم ئىغىر بىسىق ، سەمىمى سادىق دىيانەتلەك بولۇپ، ئىشلارغا پىسخىكىلىك يۇكسەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ. ھاياتقا ۋە بەختسىزلىككە تۇغرا مۇئامىلە قىلىشنى ئۈگىنىڭ. يولدىشىڭىزغا ئۆزىنى ئوڭشىغىدەك ۋاقىت بولشلىغى قالدۇرۇڭ.
11. شۈكرى قانائەت قىلىشنى ئۈگنىڭ. مىھرىبان بولۇڭ. باسقىلارغا سىلىشتۇرۇش ئارقىلىق يولدىشىڭىزنىڭ بىسىمىنى ئاۋۇتىۋەتمەڭ. قىرىنداشلىرىنى ھۆرمەت قىلىڭ، ياخشى كۈتىۋىلىڭ، ئۆزىڭىزنى پۇتۇن ئاتىيالىسىڭىز تۇرمۇشىڭىز گۇزەل باغچىدەك يولدىشىڭىزنى جەلپ قىلىپ تۇتۇپ تۇرالايدۇ.
12. كۆڭۈل ئىلىشقا ماھىر بولۇڭ. ئەركىلەشنى، مەپتۇن قىلىشنى، جەلىپ قىلىشنى بىلىڭ. بالىڭىزنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، بىرگە ساياھەت قىلىڭ، بالىنى ئۇنىڭ قۇچىغىغا سىلىپ قويۇڭ.
13.ئۆز ئىززەت ئابرويىڭىزنى ساقلاپ، ۋاز كىچىشتىن ئىبارەت تاكتىكىنى سىناپ بىقىڭ. بولمىغاندا ۋاز كىچىشنىمۇ بىلىڭ. بىخۇت ياشىغان يولدىشىڭىز قولدىن كىتىش ئالدىدا تۇرغىنىڭىزدا ئاندىن قەدرىڭىزنى بىلىدۇ. سىز ئۇنىڭ ئاشنىسىدىن بىسىپ چۈشۈپ ئۇنى قولىڭىزغا قايتۇرۇپ كىلەلەيدىغىنىڭىزغا ئىشىنىڭ. چۈنكى سىلەردە ئۇلۇق نىكا، نەچچە يىللىق مىھرى مۇھاببەت ۋە تۇرمۇشتىكى ئورتاقلىقلار مەۋجۇت ئەمەسمۇ؟سىز ئۈنىڭ تالاغا قاراپ قىلىشى بىلەنلا ئۈمىتسىزلىك ئىچىدە ئىشەنچىڭىزنى يوقىتىپ ئورنىڭىزنى ئۇنىڭغا ئۆتىنىپ بەرمەكچىمۇ؟ كىيىنكى پۈشمان سىزگە دۇشمەن بولماسمۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% B4 K( }. V2 P6 u) u