مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: sardor

بالىلارغا تەن جازاسى بىرىشكە قانداق قارايسىز ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90883
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 233
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2013-1-30
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 01:54:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەن جازاسى بىرىش ئوقۇغۇچىلارنى خارلىغانلىق
ھەم ئۇلارنى بوزەك قىلغانلىق چۇنكى ئوقۇغۇچىلاردا
ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن قىلچە قارشىلىق كۇچى يوق تۇرسا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69809
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3407
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2011-12-12
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 02:14:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر مائارىپ قانونىدا ئىنىق بەلگىلەنگەن بالىلارغا ھەرقانداق شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىشكە بولمايدۇ.
     ئەمدى سىزنىڭ دوستۇڭىزنىڭ ئىشىغا كەلسەك بىز ئىشنىڭ جەريانىنى ئۇقماي تۇرۇپ بىرنىمە دىيەلمەيمىز.
لىكىن قانون ھەرقانداق پۇقراغا ئۇخشاش،قانوندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھوقۇم-مەنپەتى قوغدالغاندەك ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ ھوقوق-مەنپەتى قانون بۇيىنچە قوغدىلىدۇ.
     سىز ئاغىنىڭىزگە مۇنداق ئۈچ تەكلىپ بېرىڭ
1.ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىسى بىلەن كۈرۈشۈپ ياخشى ئۆزرىخاللىق سورىسۇن.
ئاندىن بالا داۋالىنىشنى قوبۇل قىلغان دۇختۇرخانىدىن ئامال قىلىپ قانداق كىسەل بىلەن داۋالىنۋاتقانلىقىنى؟نىمە سەۋەپتىن شۇنداق بولغانلىقىنى (ئىچكى كىسەلمۇ؟ياكى تاشقى زەربە سەۋەبىدىن بولغان كىسەلمۇ)ئىنىق ئايرىۋالسۇن.
ھەقىيقەتەن تاشقى زەربە سەۋەبىدىن بولغان بولسا قانداق زەربە سەۋەبىدىن بولغان؟يىقالغانمۇ؟كالتەك بىلەن ئۇرغانلىقتىنمۇ؟
يىغىنچاقلىغاندا دوستىڭىز ئۇنىڭ كىسىلىنىڭ نىمە سەۋەپتىن بولغانلىقىنى ئىنىقلىۋالسۇن.
بۇنى دوختۇرخانىدىكى مەسئول دوختۇردىن سوراپلا بىلگىلى بۇلىدۇ.سىرىتقى زەربە بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق كىسەللەر نۇرغۇن،بۇنى دوختۇر بىلەلەيدۇ.
ئەگەر راستىنلا كىسەل سىرىتقە زەربە بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىسا دوستىڭىز ئۇلارنى ياندۇرۇپ ئەرز قىلسۇن.مۇناسىۋەتلىك بولسا بارلىق چىقىمنى تۆلىمەي ئامال يوق.
(يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ يۈرمىسۇن دەيمىنا).......
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qumluq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-21 02:18 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87352
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 205
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2012-11-17
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 02:34:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەنگىلىيەدىغۇ ئوقۇغۇچىلارغا مۇۋاپىق مىقداردا تەن جازاسى بېرىلسە بولىدۇ دەپ ، قانۇنى باركەن...

ھالالدىن كەلمىگەن ئاش ئەمەس ،
ھەق ئۈچۈن ئاقمىغان ياش-ياش ئەمەس .
بېشىم باردەپ غادىيىپ يۈرمە ،
سەجدىگە بارمىغان باش-باش ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 939
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7241
تۆھپە نۇمۇرى: 1267
توردا: 2408 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 07:55:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىلسە بولمايدۇ دەپ چىقىۋىدى، ھازىر ئوقۇغۇچىلارنى دەشكۈشلەش ئەمەس، ئالىيىپ قارىغىلىمۇ بولمايدۇ. ھازىر كىشىلەر ئاتالمىش قانۇن ئېڭىنى ھەقىقى ھەق ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا ئەمەس، ئەشۇنداق پەرزەتلىرىنىڭ ئاغزىغا ئىلىم سالغان ئوقۇتقۇچىنى ئوقۇتقۇچى بولغانغا تويغۇزۇشقا سەرىپ قىلىشىدۇ. مەن ئوقۇغان ۋاقىتلىرىمدا ساۋاقداشلىرىم كەپسىزلىك قىلىشقا پېتىنالمايتتى، ئوقۇتقۇچى تەن جازاسى بەرسە(ئەلۋەتتە قاتتىق ئۇرۇپ، دەسسەپ ئەمەس) ئۆيگە دەپ بېرىشقا پېىتىنالمايتتتى، چۈنكى ئاتا ئانىلىرىنىڭ :«ھۇ دەلتە، ئوقۇتقۇچۇڭنى خاپا قىلدىڭمۇ؟ ئاغزىڭغا ئىلىم سالغان ئوقۇتقۇچۇڭنىڭ گېپىنى ئاڭلىمامسەن؟ » دەپ تېخىمۇ قاتتىق تاياق يىيىشىدىن قورقاتتى.  

بەزى كەنت سېكىرتارلىرى ئادەتتە يېزىدا شاڭجاڭ، شۇجىدىن باشقا ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمايدىغان، دېھقاننىڭ تاپىنىغا زىختىقىپ قېنىنى شورايدىغان ماڭقۇرت، يەرلىك خاقان. مەكتەپ مۇدىرى دىگەنلەرنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايدۇ، ئوقۇتقۇچىنىغۇ دىمەيلا قوياي.  تېمىدىكى ئوقۇغۇچىنىڭ دادىسى كەنت سېكىرتارى ئىكەن،  نەق ئاشۇنداق كۆكەمىگە ئۇچراپ قالسا چاتاقنىڭ چوڭى چىقىدۇ.

«سادا» ھىكايىسىدە بىر دىئالوگ بار.
مۇئەللىم زەئىپ ئاۋازدا:«ئەپەندىم، مىللىتىم قاچان ھۆرلۈككە چىقار؟»
پەرەڭ ياشقا تولغان كۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن ئېلىپ قاچتىدە:« مىللىتىڭىز سەللىلىك موللىلارنى ئەمەس، سىزدەك مۇئەللىملەرنى ھۆرمەتلەپ كۆرگىلى كەلگەن چاغدا ئاندىن ھۆرلۈككە ئېرىشىدۇ». (دىئالوگ چالا بولوپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.)

بەزى خەنزۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى تەن جازاسىغا ئۇچرىغاندا ئاتايىن مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇتقۇچىدىن ئەپۇ سوراپ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم.

ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 2861
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3179
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2489 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 07:59:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ بەزى ئۇقۇتقۇچى دىگەن قالپاققا ئېرىشۋېلىپ سەبىلەرنى بۇلۇپمۇ مىللىتىمىزنىڭ بەزى يۇمران نوتىلىرىنى خورلايدىغان گۇيلارنىڭ كانىيىغا بەش ئالتىنى دەسسىۋەتسە ئاندىن ھۇشىنى تاپىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47402
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3237
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 08:15:47 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaLGundi يوللىغان ۋاقتى  2013-3-21 07:59 PM
مۇشۇ بەزى ئۇقۇتقۇچى دىگەن قالپاققا ئېرىشۋېلىپ سەبىلەر ...

مۇشۇنداق كەلگۇندىلەرنى ئۇرۇپ باشقۇرمىسا باشقۇرۇپ بولغىلى بولمايدۇ.
بىر سىسىق ئالما بىر يەشىك ئالمىنى سىسىتىدۇ دەيدىغان گەپ بار. بولدى بەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 2861
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3179
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2489 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 08:17:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zebran يوللىغان ۋاقتى  2013-3-21 08:15 PM
مۇشۇنداق كەلگۇندىلەرنى ئۇرۇپ باشقۇرمىسا باشقۇرۇپ بو ...

توۋا ما ئەدەم نىم دەيدىغاندۇ ئەمدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29942
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6059
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2011-2-11
ئاخىرقى: 2013-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 01:16:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەن جازاسى بالىلارنىڭ سەبى قەلبگە ئورناپ قىالىدۇ. تەن جازاسى بەرگەن مۇئەللىمنىىڭ پاقاچىكىنى سۇندۇرۋەتسەم دەيمەن .  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81393
يازما سانى: 287
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3734
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2012-6-11
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 02:20:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tirkax يوللىغان ۋاقتى  2013-3-21 11:37 AM
ئەسكەرتىش :
        بۇ  تىمىغا   بارلىق ئوقۇتقۇچى  ئۇندا  س ...

مۇنبەردە ئىنكاس يازغاندا سەل ئىلمىيرەك بولۇڭ قېرىندىشىم.بۇنداق قوپال گەپ سۆزلەرنى قوللىنىش ياخشى ئەمەس.
ھېكمەت:-خالىغاننى دېسەڭ خالىمىغاننى ئاڭلايسەن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92928
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 171
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2013-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 06:55:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئۇقۇتقۇچىنىڭ يەنە بىر ئىسمى باغۋەن. باغۋەن مىۋە كۆچەتلىرىنى پەرۋىش قىلىش جەريانىدا، ۋاختىدا ئۇغۇتلاپ ،سۇغارغاندىن باشقا، پۇتاقلىرىنى قايچىلاپ تۇرىدۇ،خېمىيەلىك زەھەرلىك دورىلارنى چېچىش ئارقىلىق ھاشارەتلەرنى ئۆلتۈرۈپ تۇرىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا كۆچەت ساغلام ئۆسۈپ يىتىلەلەيدۇ.ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلارغا ئۆز بالىرىغا ، ئىنى-سىڭلىللىرىغا كۈيۈنگەندەك كۈيۇنگەندە ، ئۇلارنى ياراملىق كىشىلەردىن قىلىپ چىقالايدۇ.ئاتا-ئانا بالىلىرىنى تەربىيلىگەندە،بەك  ئۆز مەيلىگە قۇيۇپ بېرىپ ياكى ھەممە ئىشتا سېنىڭ توغرا دەپ ئەركە تەربىيلىسە ، ئۇ بالا زومىگەر چوڭ بۇلىدۇ.بۇ ئەمىليەتتەجىنايەتنىڭ مەنبەسى.بۇنداق بالا چوڭ بولغاندا ئائىلىگە نىسبەتەن بالا-قازا بولۇپلا قالماستىن بەلكى جەمىئەت ، مىللەت،ۋەتەن ئۈچۈنمۇ بىر ئاپەت  بۇلىدۇ.بالىغا بەك قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ كۈندە تەنقىد قىلىپ ياكى تىللاپ ۋەياكى ۋاقىراپ ،ئۇرۇپ قىلسا ، بۇنداق بالا ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، نىمە ئىش بولسا ئاتا-ئانىسغا قاراپ ئولتۇرىدىغان ، قۇلىدىن ئىش كەلمەيدىغان دۆت، گومۇشقا ئايلىنىدۇ.بالا تەربىيلىگەندە بالىغا كۆپرەك ئارىلىشىپ ، ئۇلارغا ئىلھام بېرىش ، تەربىيە بېرىشنى ئاساس ، تەنقىد قىلىشنى قۇشۇمچە قىلىش لازىم.بەك زۈرۈر تېپىلغاندا ،ئۇلارغا ۋارقىراش ھەتتا ئۇلارنى ئۇرۇش كېرەك.دادىسنىڭ بالىسىنى ئۇرغانلىقى بالىسغا كۈيۈنمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ. ھەرقانداق ئاتا-ئانا بالىسىغا كۈيۈنۈدۇ.بىر ئاتا-ئانا بىرقانچە بالا تەربىيلەيدۇ،شۇلارنى تەربىيلەش جەريانىدا نۇرغۇن جاپا تارتىدۇ،ئۇقۇتقۇچى 50-60 ئۇقۇغۇچىنى ھەم تەربىيەلەيدۇ، ھەم دەرس ئۈگۈتۈدۇ.يەنە بىر تەرەپتىن ھەممەيلەنگە مەلۇم ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغان ئۇقۇغۇچىلارمۇ ئۇقۇتقۇچىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ.ئۇقۇغۇچىلاردىكى خاتالىقنى ئۇقۇتقۇچى بىر ئامال قىلىپ تۈزۈمىسە ، ئۇنى كىم تۈزەيدۇ؟ ئەگەر ئۇ ئۇقۇغۇچى ئۇقۇتقۇچىمۇ تۈزۈيەلمەيدىغان ئۇقۇغۇچى بولۇپ قالسا ، ئۇ ئىنىقكى جەمىئەتتىكى بىر داشقالغا ئايلىنىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپلىرىمىزدە ئۇقۇغۇچىلارغا ئېلىپ بارىدىغان تەربىيەلەرنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇقۇتقۇچىلارغا قۇيۇلغان چەكلىمىلەر كۆپۈيۈپ كەتتى.جەمىئەتتىمۇ ئۇقۇغۇچىلارنى يامان يولغا باشلايدىغان ئىشلار يىلدىن -يىلغا كۆپۈيۈۋاتىدۇ.  ئۇقۇغۇچىلار ئىچىدە جسمانى ۋە روھى جەھەتتىن ئاجىز بولغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سانىمۇ يىلدىن- يىلغا كۆپۈيۈۋاتىدۇ،مەسىلەن :توغما ئىچكى كىسىلى بار ، تۇتقاقلىق كىسىلى بار، ئاسان ئايلنىپ كېتىدىغان ، نېرۋىسى ئاجىز ، زەھەر ئىچىپ ئۈلۈۋالىدىغان قاتارلىقلار. دىمەك ئۇقۇتقۇچىنىڭ جاپاسى ھەقىقەتەن ئېغىر ،خۇددى ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مۇرا بىلگەندەك ، ئۇقۇتقۇچىلىقنىڭ جاپاسىنى ئۇقۇتقۇچىلىق قىلغانلار بولۇپمۇ سىنىپ مۇدىرى بولغانلار ئوبدان بىلىدۇ.ھازىر ئۇقۇتقۇچىلىق قىلىش داردا ماڭغانغا ئوخشاش بۇلۇپ قالدى.شۇ سەۋەپلەردىن مەكتەپلىرىمىزدىكى بىر قىسىم ئۇقۇتقۇچىلىرىمىز ‹‹پوققا چالما ئاتسا يۈزىگە چاچراپتۇ ›› دىگەننى ئۈزىگە قىبىلىنامە قىلىپ ئۇقۇغۇچى توغرا قىلىۋاتامدۇ؟ ، خاتا قىلىۋاتامدۇ ؟كارى يوق، دەرس ئۆتسىلا بولدى.بۇ ئەمىليەتتە مىللى مائارىپىمىزنىڭ چېكىنىشىدىكى مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرى.
    ئۇقۇغۇچى تەربىيلەش ئۇقۇتقۇچىدىن ناھايىتى تەدبىرلىك بۇلۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.ئۇقۇتقۇچى ئامال بار ئىلمى تەربىيە ئېلىپ بېرىش لازىم ، تەنقىد قىلىش زۈرۈر بولغاندا تەنقىد قىلىش لازىم .بەك ھەددىدىن ئىشىپ كەتكەندە ئايرىم ئەكىرىپ بىرەر -ئىككىنى تەككۈزمەيمۇ بولمايدۇ. ئەمما مەيلى تەربىيە بولسۇن ياكى تەنقىد ، تەن جازاسى بولسۇن ئۇنى نەق مەيداندا ئېلىپ بارماي قانداق قىلغاندا شۇ ئۇقۇغۇچىغا پايدىلىق بۇلىدۇ دىگەننى ئوبدان ئويلۇشۇپ، ئىنىق بىر قارارغا كەلگەندىن كېيىن ئىلىپ بېرىش كېرەك.ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئۇقۇغۇچىغا تەربىيە ، تەنقىد ياكى تەن جازاسى ئېلىپ بېرىشى ئۈزى ئۈچۈن ئەمەس، شۇ ئۇقۇغۇچىغا كۈيۈنگەنلىكتىن بۇلىدۇ.سىزنىڭ دوستۇڭىزمۇ شۇ ئۇقۇغۇچىنى دەپ ، ئۇقۇتقۇچىلىق ھسياتنىڭ (ئۇقۇتقۇچىلىق ھىسيات _ ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرىغا بولغان مىھرى مۇھەببىتى ،ئۇلاردىن كۈتۈدىغان ئۈمۈدى ۋەئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا بولغان ئارزۇ-ھىسياتلىرىنىڭ يىغىندىسى) كەينىگە كىرىپ ئۆزىگە ‹‹ئىش تېپىۋالغان›› .  ئەگەر ئۇقۇتقۇچى ئۆزىنى ئويلىسا ، ئۇ ئۇقۇغۇچى بىلەن كارى بولمىسىلا بۇلىدۇ.ئەگەر ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىدىن ئۆچ ئالماقچى بولسا ، بۇ ئاسان ، ئۇقۇغۇچى نىمە قىلسا كارى بولماي، مەيلىگە قۇيۇۋەتسىلا بۇلىدۇ.بۇنىڭدا ، ئۇقۇتقۇچىغا شامال تەگمەيدۇ، ئۇقۇغۇچى تىزلا كېرەكتىن چىقىدۇ.بۇنى ھەرقانداق ئۇقۇتقۇچى بىلىدۇ.
   ئۇقۇتقۇچى بىلەن ئۇقۇغۇچى ئۇتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ماھىيىتى ئۇقۇتقۇچىنىڭ سەۋىيەسى ۋە تەلىپى بىلەن ئۇقۇغۇچىنىڭ سەۋىيەسى ۋە ئىجرا قىلىشى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقتىن ئىبارەت.9 يىللىق مەجبۇرى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئەگىشىپ بىر سىنىپتىكى ئۇقۇغىلارنىڭ سەۋىيە پەرقى بەك چوڭۇيۇپ كەتتى .ھەتتا تولوق ئوتتۇرغا چىققان بەزى ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ساۋادى ئاران چىققان بولۇپ ،ئۇيغۇرچە خەتلەرنى تەستە ئۇقۇيدۇ. 4 ئەمەلنى جايلاپ ئېلىپ بارالمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدىكى ياخشىراق ئامال ئۇقۇتقۇچىلار ئوتتۇرھال ئوقۇغۇچىنى ئاساس قىلىپ دەرس ئۆتۈش ۋە ئوتتۇرھال ئۇقۇغۇچىنى ئاساس قىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا تەلەپ قۇيۇش.بۇنىڭدا ياخشى ئۇقۇغۇچىلار زىيان تارتىدۇ، ناچار ئۇقۇغۇچىلارغا ئېغىر كېلىدۇ.ناچار ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇگۈنۈش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئەكسىچە ۋاقىتنى بىكارغا ئۆتكۈزۈدۇ،جىدەل -ماجرا پەيدا قىلىدۇ،قىمار ئوينايدۇ، كەيپى- ساپا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.  دەرس ۋاختىدا ئۇخلايدۇ،ئوينايدۇ،دەرسكە كىچىكىدۇ ، دەرسكە قاتناشمايدۇ ياكى دەرسنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈدۇ.ئۇقۇتقۇچى گەپ قىلسا ئۆكتەملىك قىلىدۇ، لۈكچەكلەرچە سۆزلەيدۇ، ھەتتا يانىدۇ. بۇنىڭ بىلەن زىددىيەت تۇغۇلىدۇ.ئەمىليەتتمۇ ئۇقۇتقۇچى بىلەن ئۇقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقانداق زىددىيەتنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرسەك، بۇ ئۇقۇغۇچىنىڭ ئۆزى چوقۇم قىلىشقا تېىگىشلىك ئىشلارنى  قىلمىغانلىقىغا بېرىپ تاقىلىدۇ.
    10 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇقۇتقۇچىغا قۇيۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ كۈچۈيۈشى ۋە ئۇقۇغۇچىنىڭ ھوقۇق مەنپەتىنى قوغداشنىڭ كۈچەيتىلىشىگە ئەگىشىپ ، كۆكەمە ئۇقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ سانى بارا- بارا كۆپۈيۈۋاتىدۇ.مېنىڭچە  ئاتا-ئانىلار ئاۋال بالىسىدا قانداق خاتالىق بار ؟ ئۇقۇتقۇچى نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلدى؟ ياخشىراق سۈرۈشتە قىلىش كېرەك.ئامال بار ئۇقۇتقۇچى بىلەن بىرلىشىپ پەرزەنتىگە بولغان تەربىيەنى كۈچەيتىپ ، پەرزەنتىنى توغرا يولغا باشلاش كېرەك.ئۇقۇتقۇچى بەك ئاشۇرۋېتىپ مۇرەسسە قىلغىلى بولمىغىدەك دەرىجىگە بېرىپ قالغاندا ، ئاندىن ئەرز قىلسىمۇ كىچىكمەيدۇ.ئەمما ، بالىسىغا تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىلگىنىنى ئاڭلاپلا، قانۇندىن پايدىلىنىپ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەدىپىنى بېرىشنىڭ كۆيىغا چۈشسە ، ئەڭ چاتىقى بالا بۇزۇلىدۇ. بۇنداق مىساللار بەك كۆپ.
    مېنىڭچە ھېلىقى ئۇقۇغۇچىدا ئەسلىدىنلا كېىسەل بۇلىشى مۈمكىن.شۇڭا سىزنىڭ دوستىڭىز ئاۋال ئو ئۇقۇغۇچىنىڭ كېسىلىنىڭ سەۋەبىنى  دوختۇردىن ئوبدانراق ئىگەللىسۇن. سەۋەپكە ئاساسەن ئىش تۇتسۇن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆكئارت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-22 07:06 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش