zanjir34 يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 08:43 PM
نەزەر تاشلىساممۇ تاشلاي ،.قارىساممۇ ئۇلار شۇ دوپپا ك ...
سىز بىلەن مۇنازىرلىشىشنىڭ ئورنى يوقلىقىنى ھىس قىلىۋاتىمەن .
بىلەمسىزكى ماۋۇ نورۇز ئۆتكۈزۈلگەن جاي يەنى مەكتەپنىڭ كەينىدىلا قەبرىستانلىق بار ، مەكتەپنىڭ يان بۇلىڭىدا يەكەن شەھەر ئىچى تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان ھەزرىتىپىر جامەئەسى بار .
نىمىگە بۇنداق دەيدىكىن دەپ قالماڭ - تۈنۈگۈن بۈگۈن نۇرغۇن مەكتەپ ، ئىدارە ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئاتالمىش نورۇز تەنتەنىسى قىلىندى ، ئەمما ئۇنىڭ ئەتراپتىكى مۇھىتقا تەسىر يەتكۈزىدىغان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى سىزگە ئوخشاش نورۇز مەستانىلىرى ئويلاپمۇ قويمىدى .
تۈنۈگۈنكىدەك كۈندە ياڭراتقۇدىن تاراۋاتقان نەغمە ناۋا ئاۋازى ئەلۋەتتە نامازخانلارغا - ئەرۋاھلارغا تەسىر قىلماي قالمايدۇ .
ئۆتكەنكى نەچچە يىل ئالدىدا ئاشۇ جامائەدىن مەكتەپنىڭ نورمال ئوقىتىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ دەپ ئادەتتىكى كۈنلەردە ياڭراتقۇلارنى ئاچماسلىق ئوتتۇرغا قويۇلدى ، ئادەتتە جۈمە كۈنى جۈمە نامىزى مەزگىلىدە ئېچىلدىغان بولدى ، كىيىن جۈمە نامىزىدىمۇ قويۇلمايدىغان بولدى .
جۈمە نامىزى ۋاختىدا مەكتەپتىن يۇقىرى ئاۋازدا قويۇلغان ‹ يى ئېر سەن سۇ ..› ...نى ئاڭلاپ ئولتۇرىمىز ، ئەپسۇسكى ئىمامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش مومكىن بولماي قالىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئىچىدىكىلەر بېشىنى كۆتۈرگەندە تاشقىردىكىلەر بېشىنى قويۇپ دىگەندەك ...
نىمىشقا مىنى بۇ گەپلەرنى سۆرەپ چىقىدىكىن دەپ قالماڭ .
يۇقارقىسى پەقەت بىر مىسال ، ئۇنىڭدىن باشقا نورۇز پائالىيتىنىڭ نورۇز سىرتىدىكى كىشىلەرگە كەلتۈرىدىغان تەسىرى ۋە ئاۋارچىلىقى ئوخشاش ئەمەس .
مەنمۇ نورۇز ئۆتكۈزۈشنى تۈپتىن خاتا دىگىنىم يوق ، پەقەت ئىسلام شەرىئىتىدىن چەتنىمىگەن ئاساستا ئۆتكۈزۈلسە بولامدىكىن دىمەكچى ، ئەمدىكى سىزنىڭ بۇ مىللەتسۆيەرلىكىڭىزدىن خۇرسەن بولغان بولساممۇ ئەمما بەزى ئىشلارنى بەكلا ئاددىي ئويلايدىغانلىقىڭىزغا قاراپ سىز بىلەن مۇنازىرە قىلىشتىن ۋاز كەچتىم ...
بىر كۈنى دىمەكچى بولغانلىرىمنى چۈشىنىپ قالارسىز ...