مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kuktulpar

يەكەندە «مەرىپەت بېغىدا نورۇز» ئۆتكۈزۈلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32693
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4612
تۆھپە نۇمۇرى: 196
توردا: 1388 سائەت
تىزىم: 2011-3-5
ئاخىرقى: 2014-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 05:48:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نورۇز توغۇرلۇق دە-تالاش بۈگۈنلا بولىۋاتقىنى يوق. يېقىنقى 5-6 يىلدىن بېرى ھەر يىلى مۇشۇ كۈنلەردە بولۇپمۇ مۇنبەرلەردە مۇشۇ توغۇرلۇق«مۇنازىرىلەر» كۈچۈيۈپ قېلىۋاتىدۇ.
ئىسلام دىنى ئەڭ مۇكەممەل، كەڭ قۇرساق،بۈيۈك دىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىز بۇ دىننى مۇشۇ مىللەتنىڭ دىنى بولۇشقا مۇناسىپ كۆرگەنكەن.ئىسلام دىنى مىللەتنى ئېتىراپ قىلىپلا قايماي، ئىسلامنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشىغا زىتلا بولمىسا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى،ئۆرپ- ئادىتىنى،تىلىنى...ئېتىراپ قىلىدىكەن. ئۇيغۇرنىڭ ئاتا- بوۋىلىرى دۇنيادا ئەڭ ئەقىللىق ئىنسانلاردىن بولۇپ،ئەۋلادلىرىغا ئىسلامدىن ئېبارەت بۈيۈك ھەقىقەتنى مىراس قالدۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرغا خاس نۇرغۇنلىغان ئېسىل، چاقناپ تۇرىدىغان مەدەنىيەت جەۋلەرلىرىنىمۇ مىراس قالدۇرۇپتىكەن.ھەتتا سۇتۇق بۇغراخان بوۋىمىز قاراخانلىق ئورنىغا ئولتۇرغان يىلىدىكى قۇربان ھېيتتا دائىم چوڭ يىغىلىشلاردا داپ(داقا- دومباق) چېلىپ،ئۇسسۇل ئويناپ بايرامنى تەبرىكلەشكە كۆنۈپ كەتكەن قەشقەرلىكلەرگە (ئۇيغۇرلارغا(بىر قىسىم كىشىلەر بۇنداق قىلىشنى چەكلەش بۇيرۇقى چۈشۈرگەندە بوۋىمىز سۇتۇق بۇغرا قاراخان شۇ زاماندىكى ئەڭ كاتتا ئەرەپ-پارس ئۆلىما، پەتىۋاچىلاردىن ۋە ئۆزىگە ئىسلامنى بىلدۈرگەن كىشىلەردىن پەتىۋا سوراپ،ئادەم ئېۋەتكەندە ئۇلارنىڭ «بولىدۇ»دېگەن پەتىۋاسى بىلەن ھېيتتا دۇمباق چېلىپ، ئۇسسۇل- ساما ئوينايدىغان بايرامنى تەبرىكلەش ئادىتى ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەپتۇ.دوپپىنى بۇددىست ئۇيغۇرلار كىيگەن باش كىيىم،بىز ئىسلامغا كىرگەندىكىن ئەرەپنىڭ باش كىيىمىنى كىيەيلى دېمەي ئۇيغۇر ئانىلار دوپپىنىڭ ئۈستىگە رومال سېلىپ، ئەرلەر نەچچە يۈز خىل دوپپىلىرىنى ئەتىۋارلاپ كىيىپ،مىللى كىملىكىمىزنى نامايەن قىلىپ،بىزگىچە ئەكەپتۇ. ئۆتۈك، تون، قاتارلىق كىيىملىرىمىزمۇ تاشلىۋىتىلمەپتۇ، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى قامۇسىدا چاقناپ تۇرىدىغان ئۇيغۇر 12 مۇقامىمۇ نۇرغۇن بوران چاپقۇنلاردىن ساق ئۆتۈپ، ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئوردىلىرىدارەتلىنىپ،ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكىدىكى قايغۇ-ھەسرەت،ھىىس-ھاياجان، خۇشاللىق،- خاپىلىقلىرىنى ئىپادىلەپ بىزگىچە يەتكۈزۈلۈپتۇ، قاراخانلاردىن تارتىپ 20- ئەسىرگىچە قەشقەر،كۈچا...لاردايۈزلىگەن مەدىرس، (ئونۋرستىت) لار بارلىققا كېلىپ، مىڭلىغان مۇدەررس، ئالىم،مۇتەپپەككۇرلار يىتىشىپ چىقىپتۇ. ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئىسىم شەرىپى پۇتۇن ئىسلام دۇنياسىغا مەشھۇر بۇلۇپ مەككە ، باغدات، تېھران ،شام،قاھىرە، دېھلى،بۇخارا، سەمەرقەنت،  كەبى ئىلىم مەركەزلىرىدە تۇنۇلۇپتۇ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار شۇ جايلارغا بېرىپ بىلىم ئېلىپ كاتتا ئالىم، ئۆلىمالاردىن بولۇپ قاپتۇ، بىراق شۇ چاغلاردىمۇ دىيارىمىزدا- يۇرت- يۇرتلاردا نورۇز كۈنلىرىنى خۇشاللىق بىلەن تەبرىكلىشىپ، ئۆز- ئارا .ئامان ئېسەنلىك تىلىشىپ، تەبىئەتنى تازالاپ، بۇ كۈننى بىدئەت،مەكرو دىيىشمەي كەپتۇ، بۇ بايرامنى ئۇيغۇردىن باشقا يەنە 20 دەك دۆلەتتكى 300 مىليوندىن كۆپرەك (مۇتلەق كۆپچىلىكى مۇسۇلمان بىراق ئەرەپ ئەمەس)كىشى ئۆزىنىڭ مىللى بايرىمى دەپ تۇنۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللى مەدىيىتىنى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈش، يېڭى بىر كۈننىڭ باشلانغانلىقىنى، بىر يىلدىكى تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈش، دېھقانچىلىقنى باشلاش مۇراسىمى سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈپ كەپتۇ.شۇ كاتتا ئالىملارنىڭ بىرىمۇ بۇنىڭغا «مەكرو» دەپ پەتىۋا چىقارماپتۇ. شۇ زاماندىكى ئەرەپ ئالىملىرىمۇ سۈكۈت قىپتۇ.
20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ تۇيۇقسىز «ئەقلىگە» كەپ قالغان بىر قىسىم ئەرەپ پەتىۋاچىلىرى ئەرەپلەر تۈركنىڭ ھاكېمىيىتى ئاستىدا ياشىسا بولمايدۇ دەپ جىددى تەشۋىق قىلىپ، ئېنگىلىزلار، روسلار..نىڭ ياردىمى بىلەن ئۇسمان ئىمپىرىيىسىنى يىقىتىپ، «مۇستەقىل» بولۇپ 20 نەچچە دۆلەت قۇرۇپتۇ.ئاندىن مەخسۇس كىتاپ ئاختۇرۇپ، «سەھىھ ھەدىس» لەرنى توپلاپ نورۇزنىڭ راستىلا مۇشرىكلارنىڭ بايرىمى ئىكەنلىكىنى «ئىسپاتلاپتۇ».بۇلار ئوسمان ئىمپىرىيىسى ۋاقتىدا بۇنداق دەپ باقماپتىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان « نورۇز ھارام» نەزەرىيىسىنى ھەر خىل يول، ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ تۈركلەر ئارىسىغا كەڭ تەشۋىق قىپتۇ.   
نورۇزنى تالاشتۇق، جاھىلىيەت ۋاقتىدىكى ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئۆتكۈزۈپتىكەن، ھازىر جاھىلىيەت ۋاقتى ئەمەس،بىز مۇسۇلمان، بۇ بايرام مۇسۇلماننىڭ ئەمەس دېدۇق. مىڭ يىلدىن بۇيان ئاتا- بوۋىلىرىمىزمۇ مۇسۇلمان ئىدى.
نورۇزنى مۇشۇنداق دەپ تاشلىۋەتسەك، مەدەنىيتىمىزنىڭ مۇھىم بىر قىسمى مۇقام، ۋە مىللى سەنئىتىمىزنى تاشلىۋەتسەك، ئاندىن كىيىم كىچەكلىرىمىزنى، ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى تاشلىساق ،تەلتۈكۈس ئىككىگە ياكى ئۈچكە بۆلۈنسەك ئاخىرىدا بۇددىست ۋاقتىمىزدىمۇ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىپتىكەنمىز دەپ بولسا ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىش مەكرو دېگەن گەپنى چىقارساق شۇنىڭ بىلەن ھەممە نەرسىمىزنى تاشلىۋەتسەك، ئاندىن ھەقىقى مۇسۇلمان بولغان ھىسابلانساق،-ھە!
بەك جىق گەپلەر بار ئىدى. بولدى قىلاي.
مۇشۇنداق « نورۇز ھارام» ، دۇنيادا مۇسۇلمان ۋە كاپىر دەپ ئىككى مىللەت بار،« بىز ئۇيغۇرمۇ مۇسۇلمانمۇ » دېگەندەك ئاقماس گەپلەرنى دەۋېرىپ ،بۇ مىللەتنى ھەممە نەرسىسىدىن ۋاز كېچىشكە زورلاۋىرىپ،ئاخىرى بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۈمىتسىزلىنىپ،دىندىن چىقىپ كېتىشىگە سەۋەپچى بوپ قالماڭلار،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38489
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-4-4
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 12:18:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aptapliq يوللىغان ۋاقتى  2013-3-23 05:48 PM
نورۇز توغۇرلۇق دە-تالاش بۈگۈنلا بولىۋاتقىنى يوق. يېقىن ...

تامامەن قوشۇلىمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79982
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3992
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 370 سائەت
تىزىم: 2012-5-10
ئاخىرقى: 2014-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 08:09:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aptapliq يوللىغان ۋاقتى  2013-3-23 05:48 PM
نورۇز توغۇرلۇق دە-تالاش بۈگۈنلا بولىۋاتقىنى يوق. يېقىن ...

ئەگەشتىم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش