مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: shepereng

«ئاۋالۇك سۇۋارا» بىلەن «تاتھاگاتا» ھەققىدە چۈشەنچە    تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71638
يازما سانى: 1167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1312 سائەت
تىزىم: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 10:47:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىگە رەخمەت ، خېلى ئىزدىنىپسىز ، بىر يەر خاتا بولغاندەك تۇرىدۇ ، تۇرپان خانلىقىنىڭ يازلىق ئوردىسى گۇچۇڭ ئەمەس ، بەشبالىق ، يەنى ھازىرقى جىمسار ناھىيىسى . خارابىلىرى ، مىڭ ئۆيلىرى ھازىرمۇ بار . گۇچۇڭ بىلەن جىمسار ئىككىلىسى سانجى ئوبلاستىنىڭ ئىككى ناھىيىسى ، مەن ئۇ يەرلەرنى خېلى ئوبدان بىلىمەن .

سىزگە يەنە بىر سوئال قويسام ، تېمىڭىزدا بىزنىڭ يۇرت ئىسىملىرىمىزنىڭ كېلىش مەنبەسى ؛ بۇددا دىنىنىڭ ئازىراق تارىخىنى ؛ ئۆز ۋاقتىدىكى ئۇيغۇر بۇددا دىنىي ئالىم ، ھىندىلار ئىلاھىي بىلىدىغان كىشى كومراجىۋا بىلەن ، موڭغۇللارغا يېزىقمىزنى ئۆگەتكەن ، چىڭگىزخاننىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەن ، موڭغۇللارغا مەدىنىيەت يۇقتۇرغان ئۇيغۇر ئالىمىمىز تاتاتۇڭانى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز ( گەرچە ئىككى شەخىسنىڭ نەچچە ئەسىر پەرقى بولسىمۇ ) ، لېكىن مەن يەنىلا بۇ بۇددا دىنى بىلەن نورۇزنى باغلىيالايدىغان يەرنى تاپالمىدىم .
سىزنىڭ بۇ ھەقتە بىلىدىغىنىڭىز بىلەن مېنىڭ بىلىدىغىنىمنىڭ سەل پەل پەرقى باركەن . پىكىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقساق ، مەن تارىخ پەنلەر ئالىملىرىمىزنى ئىزدەپ تېپىپ ، تور ئارقىلىق سىزنىڭ يازمىڭىزنى كۆرسىتىپ باقسام دەيمەن . بەلكىم ئۇ كىشى ئۆزىمۇ بۇ تېمىغا دېققەت قىلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن .

پىكىرلىشىپ باقايلى ، ئاساسلىق سوئالىم شۇ ، نورۇز بىلەن بۇددا دىنىنىڭ باغلىنىشى قانداق ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tohtihan1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-23 04:17 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 20 ئۇ قاچىدۇ، پىكىرلەشمە.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

توختىخاچام بۇرۇتلۇق ، قاق جىگدىسى قۇرۇتلۇق. تور ئىسمىم بەك مەتو .

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5404
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20187
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2254 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 10:50:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tohtihan1 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-23 10:47 PM
تېما ئىگىسىگە رەخمەت ، خېلى ئىزدىنىپسىز ، بىر يەر خاتا  ...

قوللايمەن...  نۇرۇز بىلەن بۇددا دىنىنى قانداقمۇ باغلىغىلى بولسۇن... ئۇنداقتا نۇرۇزنى بۇددا دىندىكى ھىندىلار بىلەن خەنلەر نىمىشقا ئۆتكۈزمەيدۇ....

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90822
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2013-1-29
ئاخىرقى: 2013-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 11:18:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئۆزگىچە تەپەككۇر
تارىخنى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا باغلىغىنىڭز شەكسىز توغرا بولسىمۇ ،ئەمما كىيىنكى تارىخلارنى يەنىلا تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.
سوزلىرىڭىزدىن مۇتلەقلەشتۈرۈش پۇراپلا تۇرىدىكەن، تەتقىقات باسقۇچىدىكى تىمىلارنى يەنىلا بۇنداق مۇتلەقلەشتۈرۈش ياخشى ئەمەس.
ئەمما ئىزدىنىش روھىڭىزغا ئاپرىن
ئاللاھ سىزگە تېخىمۇ ساغلام تەپەككۇر قابىليىتى ئاتا قىلسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36675
يازما سانى: 1200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3142 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 11:28:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە چۆگەلتىپ ئەكەپ نورۇزغا تاقىغان گەپما؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91845
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 435
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2014-11-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 11:46:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاڭسىڭنى ئەسلى تاڭ پادىشاسى تۇتىمىز دەپ تۇتماقچى بولغاندا ، قېچىپ تۇرپان دىيارىغا كىلىدۇ ھەم تۇرپان پادىشاسى تاڭسىڭ بىلەن ئاكا - ئۇكا بۇلۇپ قول بېرىشىدۇ . تاڭسىنىڭ ھىندىستانغا بېرىش ئىرادىسى بىلەن تۇرپان پادىشاسى يىتەرلىك ئوزۇق -تۈلۈك ، ئالتۇن -كۈمۈچ ، قوغدۇغۇچىلار بىلەن يولغا سېلىپ قۇيىدۇ !........

بۇ تارىخنى مەركەز رادىيول-ئىستانسىسىدا ( ئۇيغۇرچە )، دەلىل - ئىسپاتلار بىلەن سۆزلىگەن ئىسىمدە مۇشىنچىلىك قاپتۇ . (  قايىل قىلارلىق تارىخى - پاكىتلار بىلەن سۆزلىگەنتى ! تاڭسىڭنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ نۇم ئەپكەلگىچە ).

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93090
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 496
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2013-3-11
ئاخىرقى: 2013-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 12:18:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-23 10:27 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شەپەرەڭ ئەپەندى...
سوئاللارغا تەپسى ...


توۋا توۋا نەگىلا بارسا كىم تىما ياكى ئىنكاس يازسا قۇسۇر تىپىپلام يۇرگەن ، قاندا يۇزدۇ سىزدىكى قىزارمايدىغان، زادى ھىچكىمنى كۆزگە ئىلمايسىز غۇ سىز، بۇ ئىنكاسىمنىمۇ نەقىل قىلىپ چىچاڭشىسىز ھەقەچان ماڭا، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otmux020 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-24 12:18 AM  


نىشانسىز ياشاش،كومپاسسىز دىڭىزغا چۈشكەنگە ئوخشاش

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5404
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20187
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2254 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 12:59:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
otmux020 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-24 12:18 AM
توۋا توۋا نەگىلا بارسا كىم تىما ياكى ئىنكاس يازسا قۇس ...

ئۆزلىرىمۇ كەينىمدىن ئالتۇن چىچىدىغان ئوخشايدۇ دەپ، بەز كۆرمىگەندەك مۈشۈكتەك تىمسىقلاپ يۈرگىچە..
ئەگىپ ئۆتۈپ كەتسىلە بولماسمىدى... توۋا
شەپەرەڭ بىلەن سوئال جاۋاپ ئارقىلىق مۇنازىرلىشۋاتمىز.... سىلىگە گەپ يوق .. ئۇيقۇلىرىنى ئۇخلىسىلا....

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

كەلگۈسى بۇيەردى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7374
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9465
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 980 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 01:47:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
مەن يازما ئىگىسىنىڭ ھىچقانداق ‹‹مەشھۇر›› تارىخچى،ئارخىئلوگ،شەرىقشۇناس...لارنى قالقان قىلماي،ئۇيغۇر تارىخنى خەلقنىڭ ئۆز تىلىدىن ئىزدەشتىكى جاسارىتىگە ئاپىرىن ئىيتىمەن.ئۇيغۇر تارىخىنىلا ئەمەس ئىنسانىيەت تارىخىنى ئىنساننىڭ ئەجدادى بولغان ئادەم ئاتىمىز،‹‹سانى ئادەم››دەپ ئاتالغان ھەزرىتى نوھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ پەرزەنىتلىرى،ئەۋلاتلىرىدىن ئىزدەش-- ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن ئىنسان ئۈچۈن ، ھاكىمىيەت تەقەززاسى سەۋەبىدىن يىزىلغان ،سىياسىي غەرەز  ئارلاشتۈرۇلغان ‹‹تارىخ›› ئەسەرلىرىدىن ئەۋزەلدۇر.
يازما ئىگىسى قىرىندىشىمدىن تەلىم ئىلىشنى مەقسەت قىلغان ئاددىي سۇئاللىرىم بار .

سىلەر بىلگەن بۇددا دېنىنىڭ ئەسلى يىلتىزى نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ياپەس ئەلەيھىسسالامنىڭ كىيىنكى ئەۋلادىنىڭ ئىسلام دېنىدىن بۇرۇلۇپ ۋەد دېنىغا كىرىپ كىتىشىدىن شەكىللەنگەن باتىل دېندۇر.
يۇقارقى بايانلاردىن نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ياپەس پەيغەمبەر ئىدى دىگەن مەنا چىقىدۇ.بۇنىڭغا قانداق دەلىلىڭىز  بار ؟
ۋەد دىنى ھازىر بىرەر مىللەتتە مەۋجۇتمۇ ؟دىمەكچى بولغىنىم بۇ باتىل دىندىكى 9 ئىلاھ توغرىسىدىكى مەلۇماتلارغا قانداق ئىرىشتىڭىز؟

ياپەس ئەلەيھىسسالام نىڭ قەۋمى 9 قەبىلەدىن تۈزۈلەتتى...

مۆمكىن بولسا باشقا قەبىلىلەرنىڭ ئەھۋالىنىمۇ ياكى 9قەبىلىنىڭ ئەھۋاللىرىنى ئايرىم تىما قىلىپ يوللىسىڭىز .

-تورت ياكى تات قەبىلىسى، بۇلاردىن تاتار،تۇرپان، تورتدان-چارچەن، چارچىن-چارچى،سونچى،كونچى، دون قاي-قاي دون-قايدۇ،كىنگىد،قار چار-قاراشەر،تاتىراڭ،چىچەن..قاتارلىق ئۇرۇقلار شاخلاپ چىققان،.
مەن تۇغۇلغان كەنىتنىڭ نامى تاتىراڭ كەنتى،بىراق تا ھازىرغىچە كەنىتتە ياكى يىزامدا ھىچكىم بۇ سۆزنىڭ نىمە مەنىسى بارلىقىنى ماڭا دەپ بىرەلمىگەن،مەنمۇ بىلمەي كەلگەن ئىدىم. يازمىڭىزدىن كەنتىمنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرنىشىنى بىلگەندەك بولدۇم. مەن گۇمىدىن ،گۇمىدا زاڭگۇي دەيدىغان بىر يىزا بار مۇشۇ ‹‹زاڭگۇي›› سۆزىنىڭ مەنىسىنى مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ تەزكىرىلىرىدىن كۆرۈپ قايىل بولمىغانتىم،يەنە بىر ماقالىدىن ‹‹خوتەندىكى ئاخىرىغا 'ئۇي' قوشۇمچىسى قوشۇلغان زاڭگۇي ،لاسكۇي،قاتارلىق سۆزلەرنى تۈرك تىل گىرامماتكىسىدىن چىقىپ چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ››دىگەن مەنىدىكى بايانلارنى ئوقۇغىنىم ئىسىمدە. سىزنىڭ مۇشۇ سۆز ( زاڭگۇي )  توغرىسىدا باشقىچە قاراشلىرىڭىز بولسا بىلىپ باقاي دەيمەن . ئاللاھ ئىزدىنىشلىرىڭىزگە بەركەت بەرسۇن.
كۇشانلار توغرىسىدىكى مەلۇماتلىرىڭىز ھەقىقەتەن ئۆزگىچە ئىكەن،يەنە بارچۇق ئارتتىكىننىڭ ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنى ئاغدۇرۋەتكەنلىكى،يەنە كۇسان--خوتەن--گۇجان--گۇجانباغ ناملىرى . باشقا يۇرىتلاردىكى ئۇيغۇرلار خوتەننى بىلسىمۇ ،گۇجانباغنى بىلمەسلىكى مۆمكىن .شۇڭا بەزىلەر كۇسان--خوتەن--گۇجان--گۇجانباغ ئاتالغۇلىرىنى موناسىۋەتسىز دەپ قارىشى مۆمكىن.لىكىن مەن سىزنىڭ مۇشۇنداق ئىزدىنىش سەپىرىڭىزگە ئاقيول تىلەيمەن.

باشقا 5 قەبىلە ھەققىدە بۇ سەھىپىدە توختالغۇم يوق، چۈنكى بۇ بەكمۇ مۇرەككەپ تىما، ئۇ توغرىلىق يۈزە سۆزلىسەم قايىل بولمايسىلەر، تەپسىلى سۆزلەشكە ۋاقتىم يوق...

مەن بىر ئۈگەنگۈچىمەن،شۇڭا ئۈمىدىم ئىزدىنىش مىۋىلىرىڭىزنى بىزلەركىم قىرىنداشلىرىڭىزدىن ئايىمىغايسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92475
يازما سانى: 518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 655
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 526 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 02:00:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دۇنيادا ئۇيغۇر تىىلىنى بىلىدىغان ئادەمدىن پەقەت بىرسىلا قالسىمۇ ئۇئادەم دەل مىنىڭ ئوغلۇمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92928
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 179
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 02:11:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىڭى ئاسار-يىڭسار

     يېڭسارنىڭ ئەسلى ئىسمى يېڭىھىسار ، مەنىسى يېڭى قەلئە ، يېڭى شەھەر.
     بۇرۇنقى تارىخى كىتاپلاردا يىڭسار يىڭىھىسار دەپ خاتىرلەنگەن. قارىخانىلار خانلىقى بىلەن خوتەن بوددىسىتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتىن بۇرۇن يېڭىسار ئەسكىھىسار دەپ ئاتىلاتتى، ئەسكىھىساردىكى ئۇرۇشتا قارىخانىلار خانلىقىنىڭ باتور شاھزادىسى ئورداخان (ئورداخېنىم،ئوداخېنىم) شېھىت بولۇپ ، ئەسكىھىسار كۆيدۇرۇپ ۋەيران قىلىندى.ئۇرۇشتىن كېيىن شەھەر قايتا قۇرۇلۇپ يېڭىھىسار دەپ ئاتالدى .يېڭىھىسار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يېڭسار دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان بولدى. گەپنىڭ قىسقىسى يېڭسار سۆزىنىڭ يېڭى ئاسار ياكى سىز دىگەن باشقا سۆزلەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.
     مەن سىزنىڭ بىرقانچە ئەسىرىڭىزنى ئوقۇدۇم.ئەسىرىڭىزدىن سىزنىڭ كۆپ كىتاپ ئۇقۇغانلىقىڭىز، تارىخى بىلىمىڭىزنىڭ موللوقى ، تەپەككۇرىڭىزنىڭ جانلىقلىقى، يېڭىلىق يارىتىش روھىڭىزنىڭ كۈچلۈكلىكى ، قەلەم قۇۋۋىتىڭىزنىڭ يۇقۇرلىقى چىقىپ تۇرۇپتۇ. سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزدىن ئادەم يېڭى تارىخى بىلىملەرنى بىلىۋالغىلى بۇلسىمۇ ، ئەمما پاكىتى تولىمۇ كەم بولغان ھۆكۈملىرىڭىز ئارىسىدا گاڭگىراپ قالىدىكەن. ھۆكۈم پاكىت تەلەپ قىلىدۇ، بولۇپمۇ تارىخ يازما ۋە ماددى پاكىتنىڭ تولوق بولۇشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىدۇ. بىز بۇنىڭغا ئەمەل قىلماي ،  تارىخ ئەسەرلەردىكى بىرەر ئېغىز گەپ ۋە سۆز ئۈزگۈرۈشلىرىگە ئاساسەن تارىختىن كېسىپلا ھۆكۈم چىقارساق، ئەمىليەتكە ئۇيغۇن بۇلىسىغۇ مەيلى ، ئەگەر ئەمىليەتكە ئۇيغۇن بولمىسا بىز يالغان تارىخ ئويدۇرغان بولىمىز، بىز بىلەن قىلچە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان كىشىلەرنى ئەجدادىم دەپ يۈرسەك بولمايدۇ.ھەرقانداق بىر ئىنسان پەقەت ئۈزىنى توققان ياكى باققان ئەرنى دادا دەيدۇ، باشقا كىشىلەرنى دادا دىمەيدۇ.  سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزدىكى ھۆكۈملەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ پاكىتى بەك كەمچىل ، پەرز سۈپىتىدە ئوتتۈرغا قۇيۇشقا بولىدىغان قاراشنى بىۋاستە ھۆكۈم سۈپىتىدە ئوتتۈرغا قۇيىدىكەنسىز. سۆز ئۆزگۈرۈشىدىن پايدىلىنىشقا بۇلىدۇ. لېكىن ئۇنى ھۆكۈمنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ.ھەم سۆز ئۆزگۈرۈشىنىڭمۇ ئىنىق پاكىت - ئاساسى بولۇش كېرەك. سىزنىڭ نوقتىزەرلىرىڭىزنى بىلىم- ساۋادى تۆۋەنرەك كىشىلەر ئاسانلا قۇبۇل قىلغان بىلەن، كۆپرەك ئۇقۇغان كىشىلەر بىر قاراپلا ئەسەرلىرىڭىزدە پاكىتنىڭ بەك كەمچىل ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىدۇ.
    نۇرۇز توغرىلىق ئىككى پارچە ئەسىرىڭىزنى كۆردۈم. بۇ نۇرغۇن تالاش - تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭ سەۋەبى سىز ئوتتۇرغا قويغان نوقتىنەزەرلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ قايىل قىلغىدەك ئىلمى ئاساسى يوق.
مېنىڭچە نۇرۈز ئۆتكۈزۈش كېرەكمۇ يوق ؟ دىگەن سۇئال  ھازىرقى دەۋر ، شارائىتتا ،  بىر ئۇيغۇرغا نىسبەتەن ئانچە مۇھىم سۇئال بولمىسا كېرەك. بۇنىڭدىن مۇھىم ئىشلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىدا تاغدەك دۆۋلىنىپ تۇرۇپتۇ.مەسىلەن : بىلىم - تېخنىكا ئىگەللەش ، مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش ، ئەخلاق -پەزىلەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىتتىپاقلىق.......قاتارلىقلار. مەن سىزنىڭ ئىلمىلىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، قابىليىتىڭىزنى تېخىمۇ مۇھىم ئىشلارغا قارىتىشىڭىزنى چىن كۆڭلۇمدىن ئۈمۈد قىلىمەن. تېما ئەۋەتىپ بەزى ئىشلاردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەخمەت.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش