كۆكئارت يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 07:11 PM
يىڭى ئاسار-يىڭسار
يېڭسارنىڭ ئەسلى ئىسمى يېڭىھىسار ...
كۆڭلۈمدىكى گەپنى يېزىپسىز ، بۇ كىشى بەلكىم ئىچىدىكى بىلىمنى تولۇق چىقىرالمىغان بولىشى مۇمكىن ، يا بولمىسا تارىخقا يېڭىدىن قىزىققان بىرى بولىشى مۇمكىن ، دېمىسىمۇ دېگەنلىرىنىڭ ئاساسى ئاجىز ھەم دېگەنلىرىنىڭ تولۇق بىر باغلىنىشى يوق .
تېما ئىگىسى بىزگە بىز بىلمىگەن تارىخنى بىلدۈرمەكچى بولسا ، بىراقلا ھەممە يەردىن سۆزلىمەي ، بىر ئۇقۇمنى ئايرىم ، يەنە بىر ئۇقۇمنى ئايرىم قىلىپ بىلدۈرگەن بولسا ، ئاندىن بۇنى قايسى مەنبەگە تاياندى ، بىرەر مەڭگۈتاشمۇ ، يا كىتابمۇ ، يا بولمىسا بىرەر دىننىڭ تارىخىمۇ بىلدۈرگەن بولسا ، بىز شۇ نەرسىلەرنى ئىزدەپ باققان بولساق بولاتتى . بولمىسا بۇ دېگەنلىرى پەقەتلا بىر پەرەز بولۇپ قالىدۇ خالاس .
پاكىتسىز بىر پەرەزلا بولسا سىز دېگەندەك تارىخ بىلمەيدىغانلارغا خاتا ئۇقۇم بېرىپ قويىدۇ . شۇڭا تېما ئىگىسى مەنبەسىنى دېگەن بولسا .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tohtihan1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-23 07:31 PM