qidax يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 11:24 PM
نىمە دەيدىغاندۇ ماۋۇلار ھازىرمۇ ھاشا باما ؟ بۇ يا كونا ...
قەشقەر، خوتەنلەردە باج-سېلىقتىن باشقا ھاشار دەيدىغان بىر نەرسە بار، ئادەتتە دىھقانلارنىڭ يىللىق ھاشار ۋاختى 100 كۈندىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ كۆپىنچىسى سۇ قۇرۇلۇش ۋە ئېتىز-ئېرىق مەجبۇرىي ئەمگىكى. بەزى چاغلاردا دىھقانلار ئېتىز بېشىدا قونۇپ، ھەپتە-ئايلاپ ھاشار چاپىدۇ، بىر پارچە نانمۇ، ھەتتا قايناقسۇمۇ بېرىلمەيدۇ، بىر مەدىكار كۈنىگە 100 كويغا ئىشلىسە، دىھقانلار ئەسلىدە بىر يىلدا 10000كوي كىرىم تاپسا بولاتتى، لېكىن پۈتۈنلەي ھەقسىز ئىشلەيدۇ.ھاشار مەيدانىدا ئاجايىپ ئىشلار بار، ئۇرۇش جىدەل، قىمار ئويناش ئادەتتىكى ئىش، ئەگەر مەن سىزنىڭ پۇلىڭىزنى ئۇتۇۋالسام، سىز مېنى ئۇتۇپ قاچتى دەپ قويۇپ بەرمەيسىز، پۇلىڭىز قالمىغاندا ھاشارنى دوغا تىكىشىمىز، يەنە ئۇتتۇرىۋەتسىڭىز مېنىڭ ھاشارىمنى سىز چاپىسىز، مەن كېتىمەن.