«ھاشا»تۆلە ئاتامنى
ئەركيار
تېخى يەتتە يېشىمدا،
ھاشا-چامغا سالغانتى.
ئاتام كاردىن چىققاچقا،
ھاشا ماڭا قالغانتى.
ئاتام چۆرۈپ تۈگمەن تاش،
بېسىپ مېيىپ قىلغانتى.
شۇ ھالدىمۇ ھاشا دەپ،
دۈيجاڭ تىللاپ-ئۇرغانتى.
باھالاش بار ئېتىزدا،
ئۇغۇت-خاشو باق دەيتتى.
جۇدۇن يۈتتى،ياش كەتتى،
بولسا ئاقنى ئاق دەيتتى...
ھاشا نېمە ئۇققانمۇ،
تۈندە گۈلخان ياققانمۇ.
ھاشا،سەنمۇ كىچىكلا-
يىتىملىكنى تارتقانمۇ؟!
ئەجەل،بەلكى بىئەجەل،
ئايرىۋەتتى ئاتىدىن.
«ھاشا»تۆلە ئاتامنى،
ئالاي كىمنى ياقىدىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا baywetqe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-25 12:04 AM