KUTALQESI يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 02:12 PM
مەن ئەگەشتىم. توغرا سوپىزىمغا قارشى تۇرغۇچلار ئالدى ب ...
زسوپىزىم ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئاقتۇرۇپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. بىز ئۈچۈن ئېلىپ ئېيىتقاندا سوپىزىمنىڭ ئەڭ دەسلەپ كىم تەرىپىدىن، قەيەردە بارلىققا كەلگەنلىكى مۇھىم ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئۆز تارىخىدا قانداق ئىش ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقىمۇ مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى ئۇنىڭ بىزگە قانداق بالايى- ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى، بىزنى 300 يىل ئاتسىز قويغانلىقى، مىللىتىمىز ھاياتىدا قاراخانىيلاردىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق گۈللىنىشنى بارلىققا كەلتۈرگەن سەئىدىيە خانلىقىنى مۇنقەرىز قىلغانلىقىدۇر. ئەگەر سوپىلارنى كۆرۈمەن دېسىڭىز يەركەن كونا شەھەر رايۇنىنى زىيارەت قىلىپ بېقىڭ. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بېقىڭ. ئاندىن ئاپپاق خوجا ۋاقتىدىكى سوپىلارنىڭ ھالىتىنى، ئىددىيىسىنى ئازىراق ھېس قىلالىشىڭىز مۇمكىن. (مەن شۇ سوپىلار بىلەن يۈز- تۇرانە زىيارەتتە بولدۇم. بەزى ئىددىيە ۋە گەپ- سۆزلەر بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆزگەرمەپتۇ. شۇلارنىڭ سۆزلىگەنلىرىگە ۋە پائالىيەت شەكلىگە قارىسام ئۈچ سۈلۈك مەۋجۇد ئىكەن.)