yulghunjan يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 02:28 PM
زسوپىزىم ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئاقتۇرۇپ كۆرسىڭىز ب ...
توغرا دەيسىز قىرىندىشىم. سوپىلارنىڭ بىزلەرگە ئىلىپ كەلگەن بالايى ئاپەتلىرىنى سۆزلەپ كەلسەك گەپ بەك جىق. ئەمما مىنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم ئۇيغۇرۇمنى نادان قالدۇرغان ئاشۇ بىرقىسىم سوپىلارنىلا تىلغا ئالساق دىمەكچى. ئەسلى سوپىزىمنىڭ ماھىيتى خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش ئەمەستى تارىختا بولۇپمۇ بۇخارا، سەمەرقەنىت، ھىرات قاتارلىق ئەللەردە ئەينى دەۋىرلەردە مەيلى دىننىي جەھەتلەردىن مەيلى پەننى جەھەتلەردىن بولسۇن زامانداشلىرىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇپ شۇ دەۋىردىكى پادىشاھلارنىڭ، پۇقرالارنىڭ، ھەرقايسى يۇرۇتلاردىكى ئېلىم ئەھلىلىرىنىڭ بىردەك ئىتراپ قىلشىغا ئىرىشكەن سوپىلارمۇ ئۆتكەن. نىھايەت پەلەك چاقى تەتۈر چۆرگىلەپ بۇ سوپىلار دىيارىمىزغا كەلگەندىن باشلاپ ئەسلى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىنى قىلماي، تەسىز دائىرسىنى كىڭەيتىش شۇ ئارقىلىق سىياسى ئىشلارغا ئارلىشىشتەك رەزىل مەقسەتلىرىگە يىتىش ئۈچۈن قولىدىن كىلدىغان بارلىق ئەسكىلىكلەرنى، يامانلىقلارنى قىلدى ھەم ھەق دادىغا يەتكۈزۈپ ئۇيغۇرۇمنى ئاز كەم 250-300 يىلغىچە نادانلىقتا قالدۇردى.
بۇنداق دىسەم مىنىمۇ بىر سوپى ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ پەقەت ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقتىم. خاتا بولۇپ قالغان بولسا كەچۈرگەيسىزلەر