مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ap~qilam

پەيغەمبەر ئەلەيسالامنىڭ مەكتۇبى جۇڭگوغىمۇ كەلگەنمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93746
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 268
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2013-3-22
ئاخىرقى: 2013-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 08:15:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن راسلا چىن دەيدىغان دۆلەت بولغان، ئۇ دۆلەت دەل ھازىرقى خوتەن،  رايۇنى خوتەن بۇرۇن چىن ماچىن دەپ ئاتالغان.

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3024
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5931
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2533 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 09:11:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
boraoghli يوللىغان ۋاقتى  2013-3-30 03:00 PM
سىز دېمەكچى تاڭ دەۋرىدىمۇ بۇ زىمىنلىرىمىز جۇڭگونىڭ غە ...

مەن پەقەت بېشىمدىن ئۆتكەن بىر سائەتلىك تارىخ دەرسىنىڭ كارتىنىسى دەپ يوللىدىم خالاس، مەن ھىچقاچان بۇنى راس دەپ ئېيىتمىدىم ،، مۇنمبەرداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈنلا بۇ تېمىنى يازدىم ، چۈنكى تارىخ كىتاپتا ھەقىقەتەن ئاشۇنداق بىر ئەقىلىيە سۆزلەر  مەۋجۇت،  يەنى  بىلىم چىندا بولسىمۇ ئۆگىنىڭلار   ،شۇڭا بۇ گەپكە قاراپ سەل شۈبىھلىنىپ قالدىم ،توغرا چۈشىنىڭلار، ئاللاھ گۇناھىمنى مەغپەرەت قىلغايسەن

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90005
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 09:23:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zarqush يوللىغان ۋاقتى  2013-3-30 11:33 AM
سۆزىڭىزگە قاتتىق دىققەت قىلىڭ، قېرىندىشىم. قارىسام بى ...

ئىنكاسىڭىزغا ئەگەشتىم.ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76939
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4273
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2012-3-4
ئاخىرقى: 2014-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 09:39:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazigul8 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-30 06:44 PM
ئۇندا شۇ تېمىنى يازغان كىشىنىڭ تېما مەنبەسىنى سىز يول ...

كەچۈرۈڭ، ئۆزىنى مۇسۇلمان چاغلايدىغان خىنىم، باشقىلار پەتىۋا پىچسا قۇرئان ۋە ھەدىستىن مىسالغا ئېلىپ پەتىۋا پىچتى. سىز ئىنكار قىلغان بولسىڭىز ئۆز نەپسى خاھىشىڭىزنى ۋە پالانى ئاخۇن، پوكونى داڭلىق كىشىنىڭ كىتاۋىدا مۇنداق بار ،پالانى ئاخۇن ئۆتكۈزگەن تۇرسا دەپ شەخىسنىڭ پىكىرى ۋە ئىش پائالىيتىنى ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ ئاساسى قىلىپ  پەتىۋا پىچتىڭىز؟ سىز ئۈچۈن پەتىۋا پىچىشنىڭ شەرتى نىمە؟ئەجەپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىدئەت توغۇرسىدىكى پەتىۋاسىنى بىلىدىكەنسىز ھە؟ ئۇنداقتا بىدئەت نىمە ئىكەن؟ پەيغەمبەر نىمىنى بىدئەت دەپ كۆرسەتكەن. سىزدىن ئاڭلاپ باقمايلىمۇ؟
بىر كىشىنىڭ بۇددا دىنى  ۋە شامان دىنى ھەققىدىكى كىتاپلارنى ئوقۇشى ۋە ئۇ ھەقتە سۆز قىلىشىغا قاراپلا باشقىلارنى بۇدپەرەسكە ،ئۆزىنى تەقۋادار مۇسۇلمان كۆرسىتىشكە ئالدىراپ كەتكەن خېنىم، نىمە ئۈچۈن تارىختا ئۇيغۇر خەلقى ئەڭ كۆپ دىن ئالماشتۇرغان مىللەت بولۇپ قالىدۇ، سىزنىڭچە مۇشۇ دىنلارنىڭ ھەممىسى ئەجەبا سىرتتىن يىپەك يولى ئارقىلىق مۇشۇ يەرگە كىرىپ كىشىلەر ھارماي ئىتىقاد ئالماشتۇرۇپ يۈرگەنمىدۇ؟ بۇ يەردىكى كىشىلەر ئىتىقاد ئالماشتۇرۇپلا يۈرىدىغان ئاڭقاۋ   دەلتە كىشىلەرمىدۇ؟ ئۇيغۇرلار قەدىمدە ئىشەنگەن ئاشۇ دىنلاردىكى تارىخى ۋەقەلەرنىڭ شۇ دىن كىيىن تارقالغان يەرلەردە تېخىمۇ ئەپسانىۋى تۈس ئېلىپ قالغانلىقىنى ئويلاپ باقسىڭىزلا يېتەلەيسىزغۇ؟ئەجەبا تاڭشۈەنزاڭ  غەربى يۇرتتىن نوم ئالغىلى ھىندىستانغا بارغاندىن كىيىن يانغان چېغىدا راستىنلا  ئەۋلىيا بولۇپ ئاسمانغا چىقىپ ئۇچۇپلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كەتكەنمىدۇ؟قەدىمكى خوتەن ۋە يەكەن ئەتراپلىرىدا ساكلارنىڭ ياشىغانلىقى ۋە ساكيامونىنىڭ ساك مىللىتىدىن ئىكەنلىكى  ھەققىدە ئىزدىپ باقسىڭىز بەلكىم مىللەتپەرۋەرلىك تۇيغۇڭىز كۆچۈيۈپ قالار. تاڭشۈەنزاڭنىڭ تارىخ شەخىس ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىسىزۇ ئۇنىڭ ھاياتىدا باشقا شەخسلەرنىڭ بولۇشىنى ئىتراپ قىلغۇڭىز كەلمەيدۇ.شۇنداقلا  تاڭشۈەنزاڭ ھەققىدە توقۇلغان ئاشۇ ئەپسانىلەرنىڭ مۇئەييەن تارىخى ئارقا كۆرۈنىشى بارلىقى ھەققىدە ئويلۇنۇپ بېقىشنى ئەسلا خالىمايسىز.
ئەمدى ماڭا سۆز قىلماڭ. كونا خاماننى سورۇپ سىز بىلەن نورۇز ھەققىدە قايتا بەس مۇنازىرە قىلغۇم يوق. مەكتەپتىن نورۇز ئۆتكۈزىمىز دەپ بالامغا دوپپا كىيىپ كەلسۇن دەپتىكەن. دوپپا ئەپپەردىم، ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ پۇتىنى باغلىۋالمىدىم يولىنى توسىۋالمىدىم. ئۇسۇل ئوينىغانلارنىڭ ئۇسۇل كىيىمىگە ئوت قويىۋەتمىدىم، داپ، دۇتتارلىىرىنىڭ تارىسىنى ئۆزىۋاتمىدىم. نورۇزلۇق قانچىلىك سەكرىسىڭىز سەكرەۋىرىڭ،بولامدۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   1elkelem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-30 09:42 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69563
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3656
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 162 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 09:48:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yiqiro يوللىغان ۋاقتى  2013-3-30 12:35 AM
بىلىم چىندا بولسىمۇ بېرىپ ئۈگىنىڭلار

بۇنى   بىر  كىتاپتا ، مەشھۇر يالغان ھەدىس دەپ كۆرگەن ئىدىم.

قېرىندىشىم:www.baghrax.com سىزنىڭ قوللىشىڭىزغا مۇھتاج!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93698
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 343
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 189 سائەت
تىزىم: 2013-3-21
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 10:14:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3398
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12642
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 10:30:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1elkelem يوللىغان ۋاقتى  2013-3-30 09:39 PM
كەچۈرۈڭ، ئۆزىنى مۇسۇلمان چاغلايدىغان خىنىم، باشقىلار ...

ئويلىنىپ بېقىشنى خالىمايدىغىنى مەن ئەمەس، ئۆزىڭىزكەنسىز، مەن كونا خامان سورۇمىدىم،

سورىغان سوئالىمنىڭ ھىچقايسىسىغا ئېنىق جاۋاپ بەرمەي، يەنىلا ئۆز گېپىڭىزنى قىپسىز.
شۇ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش دىگەنلەرنىمۇ بىر ئادەملەر يېزىپ قالدۇرىدۇ،
مانا شۇلارنى يوشۇرۇپ دىمەي، ياكى بىلمەي
ئۆز ھىسسىياتىغا تايىنىپ، يازغان نەرسىلەر،
ئىسپاتسىز گەپلەر ھىچكىمنى قايىل قىلالمايدۇ، تارىخ سۆزلىگەندىمۇ شۇنداق.

ھەم مەن چوڭ دەپلا قىلغان گېپى توغرىمۇ خاتامۇ ئويلاشمايلام
ئۆزىنىڭ گېپىنىلا راست قىلىدىغان سىزدەك چوڭدىن مېنىڭمۇ سورايدىغان سوئالىم يوق.
جاۋاپ بېرىشلىرىڭىزنى كۆردۇق، ئادەمگە ھۇجۇم قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ئوخشايسىز.
مەن نورۇزدا سەكرەمدىم ياكى قۇتلۇقلامدىم، سىز بەلگىلەپ بېرەلمەيسىز، ئۆزىڭىزنىڭ گېپىنى باشقۇرالمايۋېتىپ،
ماڭا يول كۆرسۈتۈپ كەتمەڭ بولدى.

بىدئەد پەقەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ، بۇنى كىچىكنىڭ سىزدەك چوڭغا تەپسىلى دەپ ئولتۇرۇشى ھاجەتسىزدۇ .
ھەم بۇ تېمىمۇ ئۇ توغرۇلۇق ئەمەسكەن، مەن مۇشۇ تېما توغرۇلۇقلا سۆزلىسەم، گەپتە سەكرەپ چۈشكەن ئۆزىڭىز.
مەنمۇ نەقىل ئالماي دىگەنتىم بىر پاتمان گەپنى قىلىۋېلىپ ئاندىن نەقىل ئالماڭ دەپسىز.
ئۇندىن كۆرە ھىچنىمە يازمىسىڭىز بولمامتى، ئاندىن مەنمۇ يازمايتتىم.

مەن چوڭ دەۋېلىپ بىر قايىل قىلارلىق گېپىڭىز يوقكەن،
شۇڭا سىزنىڭمۇ ئەمدى نەقىل ئېلىشىڭىز ھاجەتسىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-30 10:58 PM  


پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76939
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4273
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2012-3-4
ئاخىرقى: 2014-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 11:27:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېنىم ئۆزلىرىنىڭ يازغان ئىنكاسلىرىغا قاراپ بېقىپ سۆزلىسىلە بولامدۇ، باشقىلارنىڭ كونا تىمىغا يازغان ئىنكاسى، قوللاشلىرىنى چىشلەپ تارتىپ بۇ تىمىغا قەستەن قىستۇرغان مەن ئەمەس سلى. كۆتۈمدە ئىشىتىنىم يوق ئىسمىم مارجان بۈۋى دېمەي تىمىغا يازغان ئىنكاسلىرىغا بىر قاراپ باقسىلا بولامدۇ؟ تارىخنى باشقىلار دۈمبىلىرىگە چىقىپ ئۆزى تۈزىۋالغان چوڭ چوڭ كىتاپلاردىن ئۈزۈندە ئېلىپ يازسا پاكىت  ۋە ئىسپات دەپ قارايلا. باشقىلارنىڭ  سىلىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تىللىرىدا بار بولغان ئىنسانىيەتنىڭ تىل ئىلمىنتلىرىغا ئورتاق بولغان مەنبەدىن ئىزدىنىپ يازغانلىرىنى بولسا تارىخقا ئۆز ھىسياتىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئەپسانە سۆزلىدى دەپ قارايلا.مۇشۇ قاراشلىرىدا چىڭ تۇرىۋالسىلا بولامدۇ؟
شۇنى بىلىپ قالسىلا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئەپسانىلەر پەقەت مۇئەييەن تارىخى ھادىسىلەرنى پەرەز قىلىش ۋە ھىس قىلىش ئۈچۈن پايدىلىق ماتىريال بولىدۇ خالاس. ئەمما ئۇ تارىخنىڭ ئۆزى ئەمەس. ئەپسانىگە يۈرگۈزۈلگەن مۇلاھىزە ئۈچۈن تارىخى پاكىت كۆرسەت دېسىلە شۇ ئەپسانىنى توقۇغان خەلق ئاممىسىنى ئىزدەپ بارسىلا. ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىكى  چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ھىكايىسىنى ئوقۇغان بولغىيتىلە. يەتتا باشلىق يالماۋۇز دەيدىغان بىرەر مەخلۇق تارىختا ئۆتكەنمۇ؟ ئۆتمىگەن.پەقەت مانجۇ تاجاۋۇزچىلىرى يەتتە باشلىق يالماۋۇزغا ئوخشىتىلغان.  بىز پەقەت بۇ ئەپسانىدىن بىر قىتىملىق تاجاۋۇزچىلىق ۋە تاجاۋۇزچىلىققا قارشى خەلق ھەركىتىنىڭ غۇۋا سىماسى ھەققىدە تەپككۇر يۈرگۈزىمىز، خالاس. لېكىن بۇنى ھىچكىم تارىخ دەپ قارىمايدۇ. ھەقىقى تارىخ ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن پەرقلىنىدۇ. مەن شەپەرەڭنى قوللىغان بولسا دەل ئۇنىڭ مۇشۇ خىل تەپەككۇر ئۇسۇلىنى قوللۇدۇم، ئەپسانىگە تارىخى دەلىل كەلتۈر دىيىش تولىمۇ كۈلكىلىك ئىش.تارىخنى سىلىنىڭ دۈمبىلىرىگە يازىدىغانلار دەل شۇ ئەپسانە ۋە چۆچەك ، باشقا ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ سىلىنى  ئەپسانىۋى شەخىسلەرگە  ئوخشۇتۇپ مەسخىرە قىلسا ئۇنى چۈشەنمەي بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنى يېزىپ بىرىشنى كۈتۈپ ئولتۇرسىلا كۈنلەرنىڭ بېرىدە يېزىپ بىرىپ قالا.   
بۇ تىمىدىكى ئەپسانە بولسا بىۋاستە ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا باغلىنىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئەلۋەتتە رەت قىلدىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   1elkelem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-30 11:30 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3398
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12642
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 11:32:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىلار پەتىۋا پىچسا قۇرئان ۋە ھەدىستىن مىسالغا ئېلىپ پەتىۋا پىچتى.
مۇنۇ گەپنى دىگەندىكىن ئۇنىڭ پەتىۋا پىچقىنىنى ئېتىراپ قىلدى دىگەنلىك-ھە.
ئەمدى گەپ قىلىش راستلا ھاجەتسىزكەن.

ئۇ بىزگە نورۇزنى بىدئەد دەپ پەتىۋا پىچىپ بەردى دەپ ئۇنى قوللاپ كەتكىدەك ئۇ زادى قايسى ئەۋلىيا ئەزەمدۇ ئەمدى،
ئەجەپ بىز بىلمەي قاپتۇق.
بىز نورۇزنى قوللىغۇچىلار نورۇزنى تەبىئەت بايرىمى، مىللىي بايرام دەپ، پەقەت نورۇزنى قوللىدۇق.
پەتىۋا پىچمىدۇق،
پەتىۋا پىچىش بىلەن قوللاشنىمۇ ئايرىيالمايدىغانلار باركەن دىسە.

ئۆز ئالدىغا پەتىۋا پىچىشنىڭ شەرتلىرى نىمىدۇ، پەتىۋا پىچىۋاتقانلار بۇنى بىلەمدىغاندۇ.
بەندىگە چوقۇنغانلار بەندىنىڭ كۆرسەتكەن يولىدا ئەمەس، ئاللاھنىڭ كۆرسەتكەن يولىدا مېڭىش كېرەكلىكىنىمۇ بىلمەمدىغاندۇ، ئۇ پەتىۋا پىچىپ بەردى، دەپ ئۇنى قوللاپ كەتكىدەك.

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3398
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12642
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 11:39:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ ئۇيغۇرلارنى يۇڭلۇق دەپلا ئۇنى مايمۇنغا ۋە سۇنۋۇكوڭغا ئوخشۇتۇپ يېزىلغان يازما سىزنىڭچىمۇ تارىخمۇ.
تارىخ بولسا ئۇنى يازغان كىم، ئۇ كىتاپ نىمە كىتاپ؟

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش