مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: nurizadam

سۆيگۈ ئۇۋالى(پوۋىسىت) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85288
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2012-9-21
ئاخىرقى: 2013-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 04:49:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85762
يازما سانى: 484
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1003
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 06:30:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى...
  -رەھمەت ساڭا كامال.
سەن قولۇڭدىكى پىيالىنى تۇتۇپ تۇرۇپ شۇنداق دىدىڭ،كۆزلىرىڭ بولسا نۇرلىنىپ كەتكەنىدى،بۇ ئۈمىد نۇرى ئىدى.
-سەن خۇددى يات ئادەمگە گەپ قىلغاندەك گەپ قىلىسەنغۇ،لالە؟
-ئۇنداق ئەمەس،سەن مەن ئۈچۈن زور بەدەل تۆلەپ كەتتىڭ،مەن ساڭا دىگەن كامال مەن ساڭا يۈك بوپ قالىمەن دەپ.
-مەن دىگەن ئوغۇلبالا مەن سىنى جاپادا قويمايمەن.
  كۈتكۈچى قىزنىڭ ھورى ئۆرلەپ تۇرغان لەڭمەننى ئەچىقىشى بىلەن،پارىڭىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى.ئاشپۇزۇلدىن چىقىپ،مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە مەن ساڭا بەرگەن تۇرمۇش خىراجەت پۇلىنى ناھايىتى خىجىلچىلىقتا تەستە ئالدىڭ.بىز ئەمدى مۇستەقىل،ئەمما جاپالىق تۇرمۇش قاينىمىغا قەدەم باسقانىدۇق.بىز بۇ ئۇزۇن مۇساپىنى
مەجبۇرىي بېسىپ تۈگەتمىسەك بولمايتتى.
  سەن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا مىنى كۆزۈڭ قىيمىغان ھالدائۇزىتىپ قالدىڭ.مەن  سەن بىلەن خوشلاشقاندىن كىيىن مەكتەپكە قايتىپ كەلدىم،بىز ئالتە ئوغۇل بىر ياتاقتا ئىدۇق،ئەمدى بەش يىللىق بۇ ئۇزۇن مۇساپىنى بىرگە باساتتۇق.مەن ئىشىك بويىدىكى قوش قەۋەتلىك كارۋاتنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى ئورنۇمغا چىقىپ سوزۇلۇپ ياتتىم.
  شۇنداق قىلىپ،يىڭى مۇھىتتىكى يىڭى ھاياتىم مۇۋەپپىقىيەتلىك باشلاندى.ھېس قىلدىمكى ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئۆزگىچە  بىر دۇنيا  بۇلۇپ،بۇ دۇنيادا قائىدە-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ،ئىمتىھان نەتىجىسىگە كاپالەتلىك قىلالىساڭ،ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدىكەن.مەكتەپكە يىڭى كەلگەندە ئىككى ئۆرۈمە چاچ بىلەن كەلگەن قىزلار ،ناھايىتى تىزلا چاچلىرىنى كىسىپ پاخپايتىپ بۇلاتتى.بۇ دۇنيادا قىز -ئوغۇللارنىڭ ئارلىشىشىمۇ نۇرمال ،ئادەتتىكىدەك ئىش ئىدى.مۇتلەق كۆپ قىسىمدىكى بالىلار بۇ خىل تۇرمۇشنى بېشىدىن ئۆتكىزىدىكەن
.
  ئوقۇشۇم ناھايىتى كۆڭۈللۈك باشلاندى.مەندە يۇشۇرۇن مۇزىكا سېزىمى بارمۇ قانداق،مۇزىكىلارنى ئەستە تۇتۇش قابىيلىتىم پۋقۇلئاددە يۇقىرى ئىدى.شۇڭىمىكىن،سىرلىرى ئۆڭۈپ كەتكەن گىتتار بىلەن ناخشا ئېيتىشنى تۇلۇق ئوتتۇردىلا ئۆگىنىۋالغان ئىدىم.
  جېنىم لالە!مەن رىئاللىقتىكى يىگىتلىك كوچامدا سەن ئۈچۈن ئادا قىلىشقا تىگىشلىك بارلىق بۇرچۇمنى تۇلۇق ئادا قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييارلىنىپ بولغان ئىدىم.ھەر ۋاقىت بۇ چوڭ شەھەردە جانغا دال بولالىغۇدەك ئىقتىسادىي مەنبەگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم.لىكىن ساڭا بۇلارنى بىلدۈرۈشنى،سىنى يەنە خىجىل قىلىشنى خالىمايتتىم.مەن ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى سەن بىلەن كۆرۈشكىلى چىقاتتىم.سەن بىلەن مەكتىپىڭ،ئۆگىنىشىڭ توغرۇلۇق كۆڭۈللۈك پاراڭلىشاتتىم.سەن بىلەن خوشلىشىپ ماڭغان ۋاقتىمدا بولسا سىنى باشقا قىزلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ،سىنىڭمۇ ئاشۇ قىزلارغا ئوخشاش چىرايلىق كىيىنىپ يۈرىشڭنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلاتتىم،سىنىڭ ئاددىي-ساددا تۇرمۇش رېتىمىڭگە قاراپ ئىچىم ئاچچىق بولاتتى،ۋە كۈنلەرنىڭ بېرىدە سىنى ئۇلاردىنمۇ چىرايلىق
ياسىۋېتىمەن دەپ ئۆزۈمگە ۋەدە بېرەتتىم.
  لىكىن ،بۇ شەھەردە كۈتىۋالغان تۇنجى قېتىملىق ئۆكتەبىرلىك دەم ئېلىشنىڭ مىنىڭ تەقدىرىمنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىدىغىنىنى زىنھار ئويلىماپتىكەنمەن.
  ئۆكتەبىرنىڭ ھارپا ئاخشىمى ياتاق ئىشىكىم بوشقىنا چىكىلدى.
-كىرىڭ!
  ئاۋازىم بىلەن تەڭلا ئىشىك ئېچىلىپ ساۋاقدىشىم نەزىرە كىرىپ كەلدى،نەزىرە مەن سىنىپتا ياخشى ئۆتىدىغان مۇلايىم،خۇشچاقچاق قىز ئىدى.
-مۇنداق ئىش ئىدى ،ئەتە تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزمەكچى ئىدىم،شۇڭا سىزنىمۇ قاتنىشىپ بىرەرمىكىن دەپ،ئاتايەن كىرىشىم.
  مەنمۇ دەرھاللا ماقۇللۇق بىلدۈردۈم،ۋە ئەتە كەچتە بەلگىلەنگەن ئاتەش رىستۇرانىغادەل ۋاقتىدا بېرىشقا ۋەدە قىلدىم.

  ئەتىسى كەچتە بىر دەستە قىزىل گۈل سېتىۋېلىپ ،ئاتەش رىستۇرانىغا يولغا چىقتىم.مەن ئاتەشكە كىرىپ كەلگىنىمدەرىستۇران ئىچى لېق ئادەم بىلەن لېق تولغان بۇلۇپ،مۇلازىم قىزنىڭ ياردىمىدە نەزىرەلەر ئورۇنلاشقان ئورۇننى تېپىپ كېلىپ ،ئۆزۈمنىڭ ياخشى تىلەكلىرىم بىلەن بىردەستە قىزىل گۈلنى نەزىرەگە بەخىت تىلەپ تۇرۇپ تۇتتۇم .بۇ رىستۇرانغا ھەر خىل نامال بىلەن كەلگەن مېھمانلار ناھايىتى كۆپ بۇلۇپ،ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ پاراڭلىرى بىلەن ئاۋارە ئىدى.بۈگۈنكى ئو لتۇ رۇشلارنىڭ  باشلىنىش مۇراسىمى نەزىرەنىڭ تۇغۇلغان كۈن مۇراسىمىنىڭ مۇقەددىمىسى بىلەن باشلىنىپ،قالتس پوزۇر كىيىنگەن بىر قىز مىكروفون ئالدىدا پاساھەتلىك گەپلەردە بەخىت تىلىدى،ئارقىدىنلا مۇزىكانىتلار مۇڭلۇق مۇزىكىلىرى بىلەن ناخشىلىرىنى باشىۋەتتى،ئۇسسۇل تانسىلار بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرى باشلىنىپ سورۇن شۇنداق قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدى.لىكىن خىيالىمدا يەنىلا سەنلا بار  ئىدىڭ.
-بىر قول تانسا ئوينىمايلىمۇ؟
خۇشپۇراق ئەتىر ھىدى مىنىڭ خىيالىمنى بۆلىۋەتتى،قارىسام بۇ باياتىنقى رىياسەتچى قىز ئىدى.
- تانسىنى ياخشى ئوينىيالمايتتىم.
-ھېچقىسى يوق،ئاستا-ئاستا ئۆگىنىپ قالىسىز.
  قارىماققا بۇ قىز تولىمۇ ئۇچۇق يۇرۇقتەك كۆرىنەتتى.مەن بۇ قىز بىلەن تانسائويناش ئۈچۈن  ئورنۇمدىن  تۇردۇم. ياڭراتقۇدىن چىقىۋاتقان يېقىملىق كۈي ئىچىدە ئۇ قىز بىلەن تانسا ئويناشقا باشلىدىم،سەھنىدىكى ياش ئورۇنلاۋاتقان ناخشا ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ «ئۇنتالمايمەن»دىگەن ناخشىسى بۇلۇپ،ھازىر مودا بۇلىۋاتقان ناخشا ئىدى.
                               سەن كۈلگەندە كۈلەر گۈل-گىياھ،
                               سايرىشىدۇ مىڭ بۇلبۇل گويا.
                               ئۇلغىيىدۇ تېخىمۇ دەريا،
                               ئەي نىگار كۈلكەڭنى ئۇنۇتالمايمەن
....
  داۋامى بار....




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurizadam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-30 06:34 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6482
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 825 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 07:05:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئىلانى بار ئەسەرلەر ماڭا نىسبەتەن خىلى كۆپلىرى تاشلىنىپ قالغان ،نىمىشقا دەمسىز؟؟ يېزىپ بولۇپ يا ئەسكەرتىش بېرىلمىسە،يا ھەكۈنى كەينىدىن يۈرگىلى بولمىسا شۇنداق بوپ قالىدىكەن؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5311
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 891 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-30 08:32:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ياخىشى يىزىپسىز ئاخىرىنى تىزراق پۇتتۇرۇڭ بولامدۇ؟ بەكمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92986
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 142
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 01:39:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنى مەن ئىلگىرى تارىم زورنىلىدا كۆرگەندەك قىلغان ئۇ چاغدىكى ئىسمى پىسخىكىلىق بوھراندەك قىلغان قارىغاندا ئاپتور  ئەسەر نامىنى ئۆزگەرتىپ يوللىغان ئوخشايدۇ نېمىلا بولمىسۇن بۇ ئەسىرگىز ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85762
يازما سانى: 484
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1003
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 10:52:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى:
ناخشىنىڭ كۆڭۈلنى رام قىلغۇچى سېھرى ئىچىدە مەن قەدەملىرىمنى يىنىك ئېلىشقا تىرىشاتتىم.
-ئىسمىڭىز كامالمۇ؟-ئۇ چىرايلىق ئات كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ.
-شۇنداق،قۇلىقىڭىز خېلى ئۇزۇنكەن ھە؟
-ھا ھا ،بۇ دىگەن ئۇچۇر دەۋرى تۇرسا؟سىز مىنىڭ ئىسمىمنى سورىمايسىزغۇ؟
-سىزنى دەپ بەرمەمدىكىن دەپ ئويلىدىم.
-ۋىييەي،قوۋۇرغام،نەدىكى تىگى بار گەپنى دەيسىز كامال.
-مەن ئۇنداق ھېس قىلمىدىم بولمىسا.
-ھىيلىگەر!
-سىز باشقا قىزلارغا ئوخشىمايدىكەنسىز-ھە؟
-بەلكىم،لىكىن مەن باشقا قىزلارنىڭ ماڭا ئوخشاپ قېلىشىنى خالىمايمەن.
-قانداق دەيسز؟
-مۇھىت ھەممە ئادەمگە بىۋاستە تەسىر قىلىدۇ ئەمەسمۇ.
ئۇنىڭ بۇ گېپى ماڭا ناھايىتى ئورۇنلۇق بىلىنىپ كەتتى.
-بەلكىم ئىسمىڭىز مۇ ئۆزىڭىزگە ئوخشاشلا چىرايلىقتۇ؟
-چولپان،چىرايلىق ئىسىممىكەن؟
-شۇنداق،ئىسمىڭىز سىزگە بەك ماس كەپتۇ.
  چولپان گېپىمنى ئاڭلاپ كۆزى ئېچىلىپ كەتكەن بۇلاقتەك ۋىلىقلاپ كۈلۈپ كەتتى.ھەم ئىسسىق قوللىرى بىلەن قولۇمنى چىڭ سىقىپ قويدى،ئۇنىڭ قولۇمنى سىقىپ قويۇشلىرىدىن تۇيۇقسىز ھاياجانلىنىپ كەتتىم،ۋە ئۇنى ئختىيارسىزلا يېنىمغا تارتتىم.مەن چولپان بىلەن كلۆپرەك پاراڭلىشىپ بېقىش ئىستىكىدە يەنە قايتا ئېغىز ئاچتىم.
-سىز نىمە ئىش قىلىسى؟
-مۇشۇ يەردە رىياسەتچىلىك قىلىمەن.
-مەن تېخى سىزنى...
-ئوقۇغۇچىمىكىن دەپ قالغانما؟
-توغرا پەرەز قىلدىڭىز،سىز راسلا ئوقۇغۇچىغا ئوخشايدىكەنسىز.
-رەھمەت سىزگە كامال،تۇيۇقسىز ئوقۇغۇچىلىق گۈزەل ئەسلىمىلىرىمنى يادىمغا ئەكەپ قويدىڭىز،ئەسلى مەنمۇ سىز ئوقىۋاتقان مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدىم،لىكىن كىيىن ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرالماي مۇشۇ يەردە ئىشلەپ قالدىم.
-نىمە ئۈچۈن؟
  -مىنىڭ كۆڭۈلسىز ئىشلارنى تىلغا ئالغۇم يوق،كامال.
-كەچۈرۈڭ،مەن سورىمىغان بولاي ئەمىسە.
-بولدىلا بۇنىڭ مەن ئۈچۈن پەرقى يوق،ھە راست كامال،نەزىرە سىزنىڭ ناخشا ئېيتىشىڭىشنى ئۆتۈنگەنىدى،سىز ناخشىنى بەك ياخشى ئېيتىدىكەنسىز ئاڭلىسام.رەت قىلىۋەتمەڭ جۇمۇ؟
-توۋا دەڭە،مەندەك خىجىلچان يىگىت قانداقمۇ سەھنىدە دادىللىق بىلەن ناخشا ئېيتالاي؟
-ئىشقىلىپ مەن ماقۇللىقىڭزنى ئالدىم جۇمۇ،كامال.
  يېقىملىق ناخشىنىڭ ئەۋجى بىلەن بىر قول تانسا ئاخىرلاشتى،ئەمدىلا جايىمغا كېلىپ ئولتۇرشىمغىلا،چولپان
ئاجايىپ پاساھەتلىك گەپلەر بىلەن مىنى تەكلىپ قىلۋاتاتتى،مەن بەكلا جىددىيلىشىپ كەتكەنىدىم،چولپاننىڭ يەنە نىمىلەرنى دىگىنىنى ئاڭقىرالمىدىم،ئالقىش گۈلدۈراسلار بىر ئالدى.ئورنىۇمدىن تۇرۇپ قارىسام ئۆزۈم بىلەن  سەھنىنىڭ ئارلىقى ماڭا شۇنچە يىراق بىلىنىپ كەتتى.شۇ تاپتا قۇلىقىمغا چاۋاك ئاۋازىدىن باشقا ئاۋاز ئاڭلانمايتتى،سەھنىگە چىقىتىم،خىيالىمدا ئىككىمىز بىللە ئۆتكۈزگەن ھېلىقى دەريا بويىدىكى دالد سەيلىسى قايتا نامايەن بۇلۇپ،شۇ كۈنى ساڭا ئاتاپ يازغان ناخشامنى بۇ سەھنىدە كۆپچىلىككە ئېيتىپ بەردىم.جېنىم لالە،ئۇ كۈنى مەن تۇنجى قېتىم سەھنىدە ناخشا ئىېتقان ئىدىم،مەن ناخشىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا رىستۇران ئىچىنى چاۋاك سادالىرى،ئىسقىرتقان ئاۋازلار بىر ئالدى.لالە،مەن شۇ بىر ناخشام بىلەن ئەتراپىمدىكى ئادەملەرنىڭ قىزغىن ھۆرمىتىگە ئېرشكىنىمدىن شۇنداق ھەيرانلىق ھېس قىلدىم،بۇ ناخشا دەل مەن ساڭا ئاتاپ يازغان ئەمما  ئېيتالمىغان ناخشا ئىدى.شۇنداق قىلىپ نەزىرەنىڭ بۇ تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرىشى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
  ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن ياتىقىمدا سەن بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ تۇرسام،ئىشىك يىنىك چىكىلدى.ئىشىك ئالدىدا نەزىرە بىلەن چولپان تۇراتتى.
-ياخشىمۇسىز،كامال؟-چولپان تەشەببۇسكارلىق بىلەن.
-سىلەرمۇ ياخشى تۇرغانسىلەر،قېنى ئىچكىرىگە كىرىڭلار.
-ئاخشام سىزدىن شۇنداق مەمنۇن بولدۇم كامال،خۇددى ماڭا ئاتاپ يازغاندەكلا،ئۆزىڭىز يازغانما؟
مەن ئاددىيلا جاۋاب بەردىم.چولپان كۈلۈمسىرگەن ھالدا:
-سەلىمە ئاپپاي يەنى بىزنىڭ خوجايىنىمىز ئاخشام سىزنىڭ نائخشىڭىزنى ئاڭلاپ ،سىزنى ئاتەشتە ناخشا ئېيتىشقا تەكلىپ قىلىپ مىنى ئەۋەتكەنىدى.
-لىكىن مىنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلىش ئىمكانىيتىم يوق،مۇۋاپىق بولماسمىكىن؟
-بەلكىم سىز بىلمەيدىغانسىز كامال،بۇ كەسىپتىكى كۆپ سانلىق سەنئەتكارلارئو قۇشتىن سىرت ئىشلەيدۇ،بۇ خىزمەت ئۈچۈ ھېچ بولمىغاندا پراكتىكا جەريانى بوپ قالمدۇ تىخى.
  چولپاننىڭ بۇگەپلىرى توغرا ئىدى.ماڭا پۇل ھازىر جىددىي لازىم ئىدى.مەن ئازراق جىددىي ئويلىننشتىن كىيىن چولپاننىڭ تەكلىپىنى قۇبۇل قىلدىم.ئاندىن ئۇنىڭ ياردىمىدە 50 ياشلار چامىسىدىكى،چېچى بۈدرە ،پاكاراق،پاكىز چىراي سەلىمە ئاپپاي بىلەن كۆرۈشتۈم،ئۇ مىنى قىزغىن كۈتىۋالدى.سەلىمە ئاپپاي بىلەن سۆھبىتىمىز ئانچە ئۇزاققا بارمايلا ئۆز-ئارا تۈزۈشكەن كىلىشىمگە قول قويدۇق.كېلىشىمنىڭ مەزمىنى بويىچە مەن ھەر ئاخشىمى ئۈچ سائەتۋە شەنبە-يەكشەنبە،دەم ئېلىش كۈنلىرى ئىشلەيدىغان بولدۇم.ماڭا 2000 يۈئەن مائاش بېرىدىغان بولدى.سەلىمە ئاپپاي سۆھبەتتىن كىيىنلا بۈگۈن ئاخشاملا ئىشقا چۈشۈشۈمنى ئەسكەرتتى.
  مەن ئاتەشتى چىقىپلا بۇ خۇشخەۋەرنى ساڭا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇچتۇم.مەن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدىكى بوتكىدىن ياتىقىڭغا تېلىفۇن قىلدىم،گۈللۈك بويىدا ئۇچرىشىدىغان بولدۇق.
-ياخشى تۇردۇڭمۇ؟مەن سىنى تېخى بۈگۈن كىلەلمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن.
-ھە،ئەتتىگەن ئازراق جىددىي ئىش بىلەن سرتقا چىققان ئىدىم.ساڭا بىر خۇش خەۋەر دەيمۇ؟
-قانداق خۇش خەۋەر؟
-مەن خزمەت تاپتىم.مەكتەپ يېنىدىكى بىر رىستۇراندا ناخشا ئېيتىمەن.
-ئوقۇشۇڭچۇ؟-سەن ئەنسىرگەندەك قىلاتتىڭ.
-كۈندۈزى ئوقۇپ،كىچىسى ئىشلىمەمدىم.
-بۇنداق قىلساڭ قانداق بۇلار؟چارچاپ قالارسەنمۇ؟مىنى دەپ بمۇشۇنداق جاپاغا قالدىڭ،كامال.
-يق،بۇنىڭدىن كىيىن بۇۇداق خىياللاردا بولماسلىقىڭنى ئۈمىد قىلىمەن لالە.
-ماقۇل،مەن ۋەدە بېرەي،كامال.
  شۇ كۈنى ئاخشىمى سەن بىلەن خوشلىشىپ ئۇدۇل ئاتەشتىكى خىزمىتىمگە كەلدىم.ئەمدى بۇ يەردە مىنى مەسئۇلىيەت كۈتۈپ تۇراتتى.لىكىن سەن ھامان قەلبىمدە مەن بىلەن بىللە ئىدىڭ.ئارىدا سىنىپىمىزدىكى يەنە بىر قىز تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزدى،ئۇ سورۇنمۇ ناھايىتى قىزغىن كۆڭۈللۈك داۋاملاشتى.
-كامال،كېلە،ئاداش.سەنمۇ بىز بىلەن بىرە رومكىدىن ئىچىپ قويغىن
-بولدى ،ئاداش ماڭا زورلىما،مەن ئىچىپ باقمىغان.-دىدىم رەت قىلىپ.
-ماقۇل دەپ قولۇمدىكى رومكىنى ئالە ئاداش،مەن ساڭا زەھەر تەڭلاۋاتمايمەن،تېتتىپ باق،ئىچىپ باق،كۈندە ئىچىدىغان نەرسە بولمىغاندىكىن.
ئۇ ئاسانلىقچە بولدى قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.ئاڭغىچە باشقىلارمۇ تەنە گەپ قىلىشىپ زورلىغىلى تۇردى.ئامالنىڭ يوقىدىن قولۇمغا رومكىنى ئاستا ئالدىم،ھاراقنىڭ قاڭسىق پۇرىقى
مىنى سەسكەندۈرۈپ تۇرۋاتسىمۇ،رومكىدىكى ھاراقنى غورتۇلدىتىپ يۇتۇشقا باشلىدىم.ئاچچىق ھاراق ئىچىمنى كۆيدۈرۈشكە باشلىدى،تۇنجى ئىچىشىم بولغاچقا،تۇنجى رومكا ھاراقنىڭ تەسىرىدە،تىزلا ئايلىنىپ كەلگەن ئىككىنجى رومكىنىمۇ كۆتىرۋەتتىم،شۇنىڭدىن كىيىن يەنە ئىچتىممۇ ،ئىچمىدىممۇ،قانچىلىك ئىچكىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن...
  سورۇن مۇشۇنداق ئاياغلاشتى،مەن ھاراقنىڭ تەسىرىدە ماڭالمايلا قالدىم،ئىشقىلىپ تۇنۇش يۇمشاق بىر قولنى مىنى يۆلەپ ماڭغىنىلا غۇۋا ئىسىمدە.....

داۋامى بار......

-
-
  
   



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurizadam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-31 10:54 AM  


اللە ئېشلىرىمىز

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65842
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3610
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2013-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 11:44:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارلىق ئىشلارنىڭ بىشى مۇشۇ سورۇندا ئىچكەن ھاراق بولسا كىرەك تاتلىق بولسا قانچىلىك قىلار بولغۇيتتى دەيمەن .شۇنداق قىلىپ يۇز بىرىشكە تىگىشلىك بولمىغان تىراگىدىيە يۇز بىرىدىغان بولدى ھەي ئىسىت لالە

اللە ئېشلىرىمىز

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65842
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3610
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2013-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 11:45:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز مۇمكىن بولسا داۋامىنىمۇ تىزراق يازارسىز لالەنىڭ ئاخىرقى تەقدىرىگە بەكلا قىزىقىپ قالدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85762
يازما سانى: 484
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1003
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 12:22:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى:
  ئەتىسى سەھەردە مەستلىكم تاراپ ھوشۇمغا كېلىپ ئۆزۈمنى باشقا بىر ياتاقتا كۆردۈم،بېشىم ھازىرلا يېرىلىپ كېتىدىغاندەك لوقۇلداپ ئاغرىيتتى.
  -ئويغاندىڭىزمۇ؟
  بۇ چولپاننىڭ ئاۋازى ئىدى،قارىسام ئۇ يېنىمدا يېتىپتۇ.ئاھ خۇدا مەن بۇ بىر كىچىنى بۇ چولپان بىلەن قانداق ئۆتكۈزگەندىمەن؟پۈتۈن زېھنىمنى يېغىپ ئويلاپ ئاخشام يۈز بەرگەن ئىشلار خۇددى غۇۋا چۈشتەك سۇسقىنا لەيلەپ ئۆتتى.
  مەن يېنىمدا ياتقان ئۇ ئايالغا پۇشايمان نەزىرى ئىچىدە قارىدىم،تۇرۇپلا ئۆزۈمدىن ۋە بۇ ئايالدىن قاتتىق يىرگەندىم.بىراق مەن بۇ رىئاللىقتىن تانالمايتتىم.شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ رىئاللىقنى قانداق قۇبۇل قىلىشنىمۇ بىلمەيتتىم.
  مەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ گەپمۇ قىلماستىن يىگىتلىك ھېسسىياتىمنىڭ تۇنجى چىچىكى توزىغان ،ئالۋاستىغا ئايلانغان بۇ ياتاقتىن چىقىپ كەتتىم.مەن ئەنە شۇ روھىي قالايمىقانچىلىق ئىچىدە يەنە سىنى ئەسلىدىم،بەلكىم شۇ كىچە چۈشلىرىڭ قالايمىقانلىشىپ كەتكەندۇ.لىكىن مىنىڭ شۇ كىچىدە يات بىر ئايال بىلەن ساڭا خىيانەت قىلغىنىمنى خىيالىڭغىمۇ كەلتۈرمىگەنسەن.ئەسلى مىنىڭ روھىم ۋە بارلىقىم ساڭا تەئەللۇق ئىدى.لىكىن مەن بۇلارنى گۇناھ سۇلىرى بىلەن سۇغىرىپ چىقتىم.بىر نەچچە كۈن مۇشۇنداق قەلب پاراكەندىچىلىكىم بىلەن ئۆتتى،ھەر شەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سىنىڭ يېنىڭغا بېرىشىم كېرەك ئىدى،لىكىن ھازىرقى روھىي ھالىتىم بىلەن سەن تەرەپكە يول ئېلىشقا پېتىنالمىدىم.لىكىن ئامال يوق ئىدى.چولپان بولسا ھەر كۈنى ئاخشىمى ئاتەشتە خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ سالاملىشاتتى.
  يەكشەنبە كۈنى غەيرەت قىلپ يېنىڭغا ماڭدىم،ۋە ئۆز-ئۆزۈمگە قاتتىق ۋەدە بەردىم.
-بەك سۇلغۇن كۆرىنىسەنغۇ؟كامال،مىجەزىڭ يوقمۇ؟
  سىنىڭ بۇ سۇئالىڭ مىنى تېخىمۇ قىينىۋەتتى،لىكىن ئۆزۈمنى ناھايىتى تىزلا ئوڭشىۋالدىم.
-ياق ئۇنداق ئەمەسقۇ،-دىدىم.
- كامال نىمانداق جىددىيلىشىپلا تۇرىسەن؟
-شۇنداقمۇ،بەلكىم سىنى سېغىنىپ كەتكىنىمدىن بولسا كېرەك.-ئۆزۈممۇ ئويلىمىغان يالغان گەپتىن بىرنى قىلىپ سالدىم.
-مىنى سېغىنىپ كەتسەڭ مۇشۇنداق بوپ قالامسەن؟
كۈلمسىرەپ قويدۇم،مەن نىمىمۇ دىيەلەيتتىم.
- بازارغا چىقىپ ساڭا كىيىم ئېلىپ كىلەيلى -دىىدىم.
-نىمىشقا،بولدى چىقمايلى.
-مەن ساڭا ۋەدە قىلغان،سىنى چىرايلىق ياسىۋېتىمەن دەپ،بۈگۈن مائاشىمنىمۇ ئالدىم.
-رەھمەت ساڭا كامال.
مەن سەن بىلەن بازار ئارىلاپ،سىنىڭ ئۇنىمىغىنىڭغا قارىماي ھازىر مودا بۇلىۋاتقان كىيىملەردىن ساڭا ئاتاپ سېتىۋالدىم،ئاندىن ئىككىمىز بىرگە تاماقلاندۇق.سەن شۇنداق خۇشال ئىدىڭ،لىكىن مىنىڭ قىلمىشلىرىم،ئازابلىرىمنى بىلمەيتتىڭ.شۇ كۈنى كەچكىچە ساڭا ھەمراھ بولدۇم.
-ئەمدى مەن ماڭاي لالە،بولمىسا كىچىكىپ قالىمەن.
-كامال ،پۇل تاپسىماڭمۇ مەيلى ،لىكىن ئۆزۈڭنى ئاسرا.سەن مىنىڭ بۇ دۇنيالىقتىكى بىردىنبىر يېقىن ئادىمىم.شۇڭا ،سەندىن بەك ئەنسىرەپ قالىدىكەنمەن.
سىنىڭ ئۇشبۇ سۆزۈڭ يۈرۈكۈمگە نەشتەر بۇلۇپ سانجىلدى.مەن ناھايىتى مۈشكۈلچىلىك ئىچىدە سەن بىلەن خوشلاشتىم.شۇنىڭدىن كىيىن مەن چولپاندىن ئۆزۈمنى قانچە قاچۇرغانسىرى ،ئۇنىڭغا بولغان مەندىكى قىززىقىش ھېسسىياتى ئېشىپ باراتتى،مەن نىم بولغاندىمەن؟بۇ ھەقتە ھېلى پۇشايمان قىلسام،ھېلىلا قىلغان پۇشايمىنىمدىن يېنىۋالاتتىم.
  دىمەك ،مەن شۇنداق قىلىپ،گۇناھ تۇيغۇسى سادىر بولغاندىن كىيىن پۇشايمان يەپ،سادىر بۇلۇشتى ئىلگىرى ئارزۇ يەپ،چولپان بىلەن پات -پات ئۇنىڭ بىنەپشە رەڭ چىراغ نۇرىدا مايسا رەڭدە يورۇپ تۇرغان ياتىقىدا ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان بولدۇق.لالە مەن ساڭا يۈز كىلەلمەيتتىم.
  ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتتى .مىنىڭ تىنىمدە غەيرى ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى،مەن نىم بولغاندىمەن؟ئاخىرى بىر كۈنى دوختۇخانىغا بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرتتۈم.

  داۋامى بار...
  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurizadam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-31 12:25 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93892
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2013-3-26
ئاخىرقى: 2013-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 12:53:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىرماي ساقلاي داۋامىنى لىكىن سىز سەل ئالدىراپ يازغان بولسىڭىز ....

ئەجەپ بىر ئىش - ھە ؟؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش