ئۆتتى يىللار ئەسلىدىم سېنى،
ھىجران بىلەن قىينىدىڭ مېنى.
ئېيىتقىنا بىر ئېيىتقىنا گۈلۈم،
ماڭا بەرگەن ۋەدىلەر قېنى.
تائابەت مەن سېنىڭ دېگەنتىڭ،
مەنمۇ سېنى مېنىڭ دېگەنتىم.
ۋەسلىڭنى دەپ ئېغىر كۈنلەردە،
بىلسەڭ نىگار ھايات يۈرگەنتىم.
يادىڭدىمۇ بىز كۆرۈشكەن چاغ،
يادىڭدىمۇ ۋەدىلەشكەن چاغ.
بۈگۈن نىگار ئايرىلىپ سەندىن،
بۇ يەلكەمگە ئۆرۈلمەكتە تاغ.
مېنى قوغلاپ كەلمەكتە ئەجەل،
مەن كېتەرمەن قالار بۇ ئالەم،
مەن تىلەيمەن ئۇلۇغ ئاللاھدىن،
مەڭگۈلۈككە ئامان بول لالەم.