euroasya يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 07:54 PM
ئەسسەلەمەلەيكۇم،ھورمەتلىك قىرىنداشلار ،بىرىنچىدىن س ...
ۋوئەلەيكۇم ئەسسالام. دىگىنىڭ توغرا، غۇلجا كىشىلىرى خەقنى كۈلدۈرىمەن دەپ بەزى بولمىغۇر چاخچاقلارنى قىلغىنى راست، ناۋادا شۇلاردا ئازىراق يۇقۇرىراق سافا بولسا بۇنداق بولمايتى، ئارىدىكى ئارازلىقلارنى كۆپۈنچە مۇشۇنداق سەۋىيەسىزلەر پەيدا قىلىپ قويدى. بۇ توغرىدا ئەركەك تۈكى بار ئۇيغۇرلار ئاللىقاچان پوزوتسىيە بىلدۈرگەن، سىلەرنىڭ ناخشاڭلارنى ئوغۇرلىۋالغان ئاتالمىش چولپانلارنى تىللاپ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرۋەتتۇق. ھازىرغىچە بىزدە بىرەر زىيالى قازاقلارنى ھاقارەتلەيدىغان، زىتىغا تىگىدىغان گەپنى توردا ياكى رىئاللىقتا قىپ باققىنى يوق.
ئەپسۇس سىلەرنىڭ بەزى زىيالىلىرىڭلا بىزنى تىللىغىنى يەتمىگەندەك ئۇيغۇرنىڭ تارىخىنى بۇرمىلايدىغان يازمىلار بىلەن سىلەرنى خاتا تەرەپكە يىتەكلىدى، ھېلىقى كولتىكىن مۇنبىرىڭلاردا مىڭبىر سەپەر دىگەندەك بىر يازما بار، بىزنى چۆكۈرىدىغان، نەچچە يىلدىن بىرى بۇ يازما داۋاملىشىۋاتىدۇ، سىلەر بولساڭلا بۆشۇكتىكىدىن تاكى تۆشۈكتىكىگىچە ھەممەڭلا بىزنى تىللاپ ھارمىدىڭلا، ئاشۇنداق پىكىر ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلار ئۆزەڭلەرنىڭ تورۇڭلاردا تىللاپ ھېرىپ قېلىپ، ئۇيغۇر تورلىرىدا تىللاشقا چۈشتىڭلا، مۇشۇ يازما دەسلىپىدە بىر ئوبدان كىتىۋاتاتتى، بىر ئىككى ساراڭ پيدا بولۇپ ئوڭ تەتۈر سۆزلەشكە باشلىدى، خېلى ۋاقىتقىچە نۇرغۇن تورداشلار ئۇنىڭغا ئىرەن قىلمىدى، سىلەرگە قاتتىقراق تەگكەنلەرگە تەنبىھ بىرىشكە باشلىدى، شۇنداقتىمۇ بىر نەچچىسى ئۇنى تىللىدى، بۇ تىللاش ھەق بولدى، چۈنكى ئۇ خەقنىڭ ئۆيىگە كىرىۋېلىپ، شۇ ئۆي ئىگىسىنى ھاقارەتلىگىلى تۇرسا ئۇ ئۆي ئىگىسى يەنە خوش دەپ تۇرىشى كېرەكما ، قازاقتىن تىلەمچى چىقمايدۇ، ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى تىلەمچى، ئوغرى، قازاقلارلا ھەقىقى مۇسۇلمان، ئۇيغۇرلار يالغان مۇسۇلمان، ئۇيغۇرلار قازاقلارنى كۆرەلمەيدۇ، ئۇيغۇرلار قۇل، ئىمانىڭ بولمىغاچقا ئاللاھ سىلەرنى جازالاپ مۇشۇنداق قىپ قويدى، دۆلىتىڭ يوق دىگەندەك ئاھانەتنى قىلسىمۇ يەنە بىز پۈتۈن مۇنبەر بويىچە قارشى گەپ قىلمىدۇق، خۇدايىم سىلەردىن تىلەمچى چىقمىسۇن، بىزنى دۆلىتى يوق دەپ كىم دەيدۇ، ئۇلۇغ جوڭگۇ بىزنىڭ دۆلىتىمىز، بىز ۋەتەنگە تۈزكورلۇق قىلىدىغانلاردىن ئەمەس، سىلەرمۇ جوڭگۇلۇق، ناۋادا سىلەر بۇنى ئىتىراپ قىلمىساڭلا ۋەتەن خائىنى بولىسىلەر.
سىلەرنىڭ كۆتۈرۈپ قوپقان گېپىڭلار «تارىختىكى ئۇيغۇر ھازىرقى ئۇيغۇر ئەمەس » دىگەن گېپىڭلاردۇر، بۇنىمۇ سىلەرنىڭ بىر زىيالىرىڭلانىڭ دىگەن گېپى، توغرا، تارىختىكى ئۇيغۇر بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇر تەڭ ئەمەس. تارىختىكى ئۇيغۇر ئىتپاقىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىلەن تەڭ يەنە باشقا قەبىلىلەرمۇ بارتى، تارىخ تەرەققىياتى جەريانىدا ئۇيغۇر ئىتپاقىدىكى بەزى قەبىلىلەر يوقالدى، ئۇيغۇرنىڭ ئاساسلىق قەبىلىسى يوقالمىدى، ئۇلار غەرىپكە كۆچكەندىن كېيىن قېرىنداشلىرى بولغان قارلۇقلار بىلەن بىرلىشىپ ياغما قەبىلىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە قاراخانىلار خانلىقىنى قۇردى، ئۇيغۇر ئىتپاقىنىڭ يادروسى بولغان باشقا قەبىلىلەر بەش بالىق نى مەركەز قىلىپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى ، ياغلاقارلارنى ئاساس قىلىپ گەنجۇدا گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى، ياغمىلار بىلەن بىرگە ياشىغان تۈركى قەبىلىلەر بۇ يەردىكى سودى، ساك قاتارلىق يەرلىك خەلىقنى تۈركلەشتۈرۈپ تارىم ۋادىسىدا ئۇيغۇر تۈركلىرىنى شەكىللەندۈردى، تارىم ۋادىسىدىكىلەر ئۇيغۇر تۇركلىرى بولمىسا نىمىشقا بۇلارنىڭ تىلى بىلەن ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلى ئوخشاش بولىدۇ، نىمىشقا بۇ يەردە باشقىچە بىر تۈركى تەلەپپۇز شەكىللەنمەي يەنىلام ئۇيغۇر تەلەپپۇزى شەكىللىنىدۇ، قاراخانىلار بىلەن ئىدىقۇتلار 500 يىلغا يېقىن ئايرىلىپ ياشىدى، ھەتتا دىنى جەھەتتىمۇ بىر بىرىگە ئوخشىمىدى، شۇنداق تۇرۇپ ئىسلام دىنى ئىدىقۇت دىيارىدا ھۆكۈمران ئورۇنغا چىققىچە بولغان 500 نەچچە يىلدا ئىككى خانلىقتىكى خەلىق يەنىلام ئۇيغۇر تەلەپپۇزى ۋە ئۇيغۇر تۈركچىسىنى شەكىللەندۈردى، ئۇيغۇر تۈركلىرى مىلادى 900- يىلدىن تاكى 1600- يىلىغىچە تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنيەت پاراۋۇزى بولدى، شۇڭا تۈركلەر «ئويغار ئۇيغۇردىن » دەپ جاكالىدى بۇ زاماندا.
مەيلى سىلەر ـارىخنى قانداق ئىزاھلاڭلار تارىخ دىگەن تارىخ، تۈركى قەبىلە ئىتپاقى چوڭ جەھەتتىن قىپچاق، قارلۇق، ئوغۇز دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ، قىپچاقلار يالغۇز سىلەر قازاقلارنىڭلا ئەجدادى بوپ قالماستىن يەنە قىرغىز، باشقىرىت، مانغىيىت، نوغاي، چىركەس، چۇۋاش قاتارلىق مىللەتلەرنىڭمۇ يىلتىزىدۇر. شۇڭا تارىخقا ھىسسىياتىمىزنى ئارىلاشتۇرۋالمايلى.
بىز ھىچقاچان قازاقستاننىڭ بولغانلىقىدىن ھەسەت ھىس قىلمىدۇق، بەلكى كۈچلۈك قازاقتاننىڭ بولىشىنى تىلىدۇق، لېكىن بەزىلىرىڭلا «مودىكى بارنىڭ خۇدىكى بار » دىگەندەك بىزگە كىلىپ بىزنى كۆرەلمىدىڭ، دەۋاتىسىلەر، گويا بىز گاس، قارىغۇدەك ئەيتاۋۇر قازاققا مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە يوللاۋاتىسىلەر، مەيلى دىدۇق، لېكىن قەستەن شامال چىقارماقچى بولىۋاتىسىلەر. بەزىلىرىڭلا ئۆزەڭلىنى قالتىس چاغلاپ بىزنى ھىچنىمە بىلمەيدىغان ئاڭقاۋ دەپ ئويلاپ قالدىڭلارمۇ، ئۇيغۇرنى چۈشەنمەكچى بولساڭلا چۇقان ۋەلىخانوپنىڭ بىز ھەققىدىكى ئەسەرلىرىنى ئوبدان ئوقۇڭلا. بىزنى ئۇنچىلىك ھاماقەت دەپ ئويلىۋالماڭلا. تارىختا بىز قېرىنداشتەك ئۆتكەن، ھازىرمۇ رىئال دۇنيادا نۇرغۇنىمىز قېرىنداشتەك ئۆتىمىز، مېنىڭ نەۋرە ئىنىم قازاق، ئۇنىڭ ئاپىسى قەشقەرلىك، مېنىڭ جىيەنىممۇ قازاق، ئۇنىڭ ئاپىسى ئالتايلىق، مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرىم قازاق. توردىكى مۇشۇ گەپلەرنى دەپ بەرسەم ئۇلار شۇنچە بىئاراملىنىدۇ، سىلەردە ھاماقەتلەر بولغاندەك بىزدىمۇ ھاماقەتلەر بار دەيدۇ، مەن دەيمەن سېنىڭ بەزى زىيالىلىرىڭمۇ ھاماقەتكەن دىسەم ھەممىسى ئەمەس، ئۇنداقلەرمۇ يوق ئەمەس، ھەممە مىللەتتە ياخشىمۇ يامانمۇ بولىدۇ دەيدۇ.
ئەسلى شۇنداق بولسا بولاتتى، لېكىن ئۇيغۇر تورىغا كىرگەن قازاق باۋېرلارنىڭ 90% ھامانلا ئۇيغۇر تەرىپىنى ئېلىش ئەمەس بەلكى چۆكۈرۈشنىڭ كويىدىلا يۈرۈيدىكەن.
دوستۇم، بەش قول تەڭ بولمىغاندەك بىزدىمۇ بەزى بالىلار سىلەرنىڭ يېغىرىڭلارغا تىگىپ قويدى، ئەمما بىز يەنىلام ئۆزىمىزنى بېسىۋالدۇق، بۇ مۇنبەردە 120 مىڭ ئەزا بار، نۇرغۇنلىرى بۇۇ جىدەلگە ئارىلاشمىدى، لېكىن سىلەردىچۇ، ناۋادا بىر ئۇيغۇر سىلەرنىڭ تورىڭلارغا كىرىپ سىلەرنى« قۇل، ئوغرى» دەپ باقسۇن، تېخى بىزنى تىلەمچىسى كۆپ مىللەت دەپ قويىسىلە، ئالدىرماڭ ئاستا كىلەر، تەڭ كۆرمەڭ تەڭ كىلەر دىگەن گەپ بار.