تور بەتلەرنىڭ كىرىمى قەيەردىن كېلىدۇ؟
تورداشلار كۆپ كىرىپ، توربەتنىڭ چېكىلىشى كۆپ بولسا تېلېگراف شىركىتى چېكىلىشى سانىغا قاراپ تورداشلار تۆلىگەن ئايلىق تېلېفۇن ھەققىدىن ئايرىپ بېرىدۇ.
تورداشلار تورخانىدا تورغا چىققان بولسا، تورخانىلار ئالغان پۇلدىن بىر قىسمىنى تېلېگراف شركىتىگە تاپشۇرىدۇ، شۇنىڭدىن تور بېكەت باشلىقىغا پىرسەنت ئايرىپ بېرىدۇ.
تور بېكەت ئادرېسىنى ساتىدىغان شىركەت بار. شۇنىڭدىن ئىسىم سېتىۋالسا، شۇ توربەتكە كۆپ ئادەم كىرسە، تور بەت ئادرېسى -ئىسىم ساتقان شىركەت بېكەت باشلىقىغا پايدا ئايرىپ بېرىدۇ.
تور بەت قۇرۇش ئۈچۈن بوشلۇق ساتىدىغان شىركەتمۇ بېكەت باشلىقىغا پۇل بېرىدۇ.
يەنە تور بېكەت باشقۇرىدىغان ئورۇنلار بېكەتنى ياخشى باشقۇرۇپسەن دەپ مۇكاپات قىلىپ بېرىدۇ.
دېمەك تور بېكەت قۇرسا جىق پايدا ئالىدۇ.
ھەممىسى چاخچاق گەپلەر جۇمۇ، ئىشىنىپ قالماڭلار.
توغرا جاۋابىنى باشقىلار دەپ بوپتۇ، ئاساسلىقى ئېلاندىن كىرىم قىلىدۇ. بۇ چاخچاق ئەمەس.