مەنمۇ كومپىيۇتىر ئالدىدا ئولتىرىۋىرىپ ،ئۇنى قىلىپ باقتىم ،بۇنى قىلىپ باقتىم،ھەممىلا ئادەمنىڭ بىردىن تور بىتى باردەك مىنىڭلا يوقتەك،تور بەت قۇرۇپ قويسىلا پۇل دىگەن تىللا تۆكۈلدىغان دەرەختەك ئۆزى كېلىدىغاندەك ئويلاپ قىزىقىشىم بويىچە بىر بەت قۇرۇپ باقتىم ئەمما قانداق كىرىم بولدىغىننى بىلمىدىم.بىر ئاي بولدى مانا ئۆزۈمنىڭ تور بېتىنى ئۆزۈم تەۋسىيە قىلىپ يۈرۈپتىمەن.
بۇنداق يېڭى تور بەتكە كىممۇ ئېلان بېرەكىن؟ئېلانلىرىڭلار بولسا بىكالىق قويۇپ بەرسەممۇ مەيلىتى.
تور بەت كىرىم قىلالمايدىكەن.دوسىتلىرىم ‹‹تور بەت قۇرۋاپسە،بۈگۈن قانچە پۇل كىرىپتۇ ››دىيىشىدۇ،چاندۇرماي 170كوي دەپ قويىمەن.بانكا كارتىسىغىلا كىرەمدۇ ؟ھە شۇنداق،
ئۇلار بىر ئايلىق كىرىمنى ھېساپلاشقا كىرىشىپ كېتىدۇ.قىزقارلىقمىكەن؟