مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Hislet

كۆزىڭىزنى ئاسىراڭ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەمىمى بولۇڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12190
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 449 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 09:13:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قۇرئان كەرىم يېڭى تەرجىمىگە چۈشكەن ئىنكاسلار

«قۇرئان كەرىمنىڭ يېڭى تەرجىمىسى ھەققىدەمۇلاھىزە»

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئەزىز ۋە مۆھتەرەم مۇسۇلمان قېرىنداشلار !

بارچە دۇنيا ئەھلىگە ئۈزىنىڭ ھەقلىقىنى تۇنۇتۇپ كەلگەن مۇقەددەس «قۇرئان كەرىم» دەۋرىمىزدىكى مىليارت ئىنسانلارنىڭ دائىم قىززىقىدىغان ۋە ئالەمنى تەتقىق قىلىشتا بايدىلنىدىغان بىلىم مەنبەسى بۇلاپ كەلمەكتە. ئۇ ئىنسان بۇ مۇقەددەس كىتاپنى بىر ئىلاھى دەستۇر سۈپىتىدە قۇبۇل قىلسۇن، ياكى بىر تەتقىقات مەنبەسى سۈپىتىدە پايدىلانسۇن، ئۇنىڭ تەڭدىشى يوق مۆجىزە ئىكەنلىكىنى بىلدى.
بەزى بىر قۇتۇپ ئىنسانلىرى بۇ مۇقەددەس كالامنى ئۆزلىرىنىڭ تۈرلى مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلدۇرۇشنىڭ ۋاستىسى قىلىپ پايدىلاندى. بۇلۇپمۇ مۇسۇلمانلارنى ئۆز كونتروللىقىدا ئىدارە قىلىپ كەلگەن دىنسىز ئىمپىرىيە ۋە چوڭكىچىك ھاكىمىيەتلەر بۇخىل سىياسى سۈيىقەستىدىن ھىچبىر زامان ۋازكەچمىدى.
بۇنداق ئېچىنارلىق پاجىئەلەر يالقۇنى، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشىدىن كېيىن تېخىمۇ ئۇلغۇيىپ دۇنيانىڭ ھەربىر بۇلۇڭلىرىغا تۇتاشتى ۋە مىلتيۇنلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ يۈرەك-بەغرىنى كۆيدۈرۈك كۈل قىلدى.
ئەنە شۇ پاجىئەلەرنىڭ تىرىك شاھىتلىرى بولغاب بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، تاكى بۈگۈنگە قەدەر بۇ ھالاكەتلىك ئوتنىڭ ئەلەملىك يالقۇنلىرى ئاستىدا چوغ-چۈچۈل بۇلاپ، يۈرەك-باغرىلىرىمىز كاۋاپ بولماقتا.
ئەگەر، ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان رەببىمىز اللەنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان بۈيۈك نىمىتى «ئىمان-ئېتىقادىمىز»  مۇستەھكەم بولمىغىنىدا ئىدى، بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئاللىبۇرۇن كۈلگە ئايلىنىپ تۈگىگەن بۇلاتتۇق. ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبار اللەقا چەكسىز شۇكرىلەر بولسۇنكى، بىزلەگە ھەرتەرەپتىن ئۈزىنىڭ ياردىمىنى يەتكۈزۈپ، شۇنچە زۇلمەتلىك دۇزاخ قاراڭغۇلىقىدا سالامەت ساقلاپ كېلۋاتىدۇ. ئەگەر بىز مۇسۇلمانلار ئىمانىمىزدا مۇستەھكەم تۇرماي، رەببىمىزگە بولغان قۇلچىلىقنى تۇلۇق ئادا قىلماي، رەببىمىزنىڭ چەكلىگەن نەرسىلىرىدىن يىراق تۇرماي، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىگە دوستلۇق ئىزھار قىلىشىدىكەنمىز، بىزنىڭ كېلەچەكىمىز ۋە دۇنيا -ئاخىرەتلىكىمىز پۈتۈنلەي بەربات بۇلىدۇ. بۇنداق پالاكەتتىن ساقلىنىش ۋە قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۇقۇم قۇرئاننى ھەقىقى تۇنىشىمىز ئۇنى ئەستايىاىل ئۇقىشىمىز، جاندىلىمىز بىلەن ھىمايە قىلىشىمىز، باشقىلارنىڭ ئۇنى ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇررىدىغان ۋاستە قىلىشىغا قەتئى يولقويماسلىقىمىز، ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئىمانى بۇرجى!!!.

2013-يىل، ئۇيغۇر تور دۇنياسىنىڭ مەۋھۇم ئۇچۇر پەللسىگە قاراپ يۈكسىلىۋاتقان يېڭى ئويغۇنۇش دەۋرى بۇلىۋاتسا كېرەك دەپ قارايمەن. (ئىنشا ئاللاھ شۇنداق بولغۇسى).
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا ئۇتتۇرغا قۇيىلىۋاتقان «قۇرئان كەرىم» ئۇيغۇرچە يېڭى تەرجىمىسى ھەققىدىكى ئېلىپ بېرىلغان كەسكىن مۇنازىرەلەر بۇ سۆزۈمنىڭ ئىسپاتى بولسا كېرەك.
قۇرئان كەرىمنىڭ يېڭى تەرجىمىسى ئۇتتۇرغا چىققاندىن باشلاپ، بۇ ھەقتە يۈرگۈزۈلگەن پىكىر-مۇلاھىزەلەر ئىنتايىن كەسكىن ۋە ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا. بۇ خۇسۇستا ھەربىرىمىز ئۈزىمىزنىڭ ئىمان-ئېتىقادى ۋە مىللى مەجبۇرىيەتلىرىمىزنى قايسى دەرىجىدە تۇنىغان بولساق شۇ مىقداردا ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىلمىي پىكىر قوشتۇق. چۈنكى بۇ ئۇلۇغ-مۇقەددەس كالام «قۇرئان كەرىم»گە مۇناسىۋەتلىك ئىنتايىن سەزگۈر ۋە زىل مەسىلە. قۇرئانغا بولغان مۇھاببەت-ئىشتىياق يۈزىسىدىن بۇ توغرىدا ئىلمىي پىكىر قىلىش ھەربىر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ھەقلىق بولغان دائىرە دەپ قارالغان بولسىمۇ، بىراق بەزى ھەقلىق بولغان دائىرەلەرگىمۇ دىققەت بىلەن كىرمىسىڭىز، ئېغىزدىن چىققان ھەربىر سۆزلەرگە دىققەت قىلمىسىڭىز ئۈزىڭىزنىڭ مەنىۋىيىتىڭىزنى نابۇت قىلىشىڭىز، ياكى تۈگىمەس نادامەتكە قېلىشىڭىز مۇئەييەن. بۇ خۇسۇستا توردۇنياسىدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ئىلمى مۇنازىرە ۋە تۈرلى مۇناقىشەلەرنى بۇ يەردە تەكرار ئىزاھاتلاش ھاجەتسىز دەپ قارايمەن.

قۇرئان كەرىم ئەرەپ تىلىدىن باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىليۇنلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى مەلۇم دەرىجىدە تەمىنلەپ كەلدى.
شۇلار جۈملىسىدىن بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ 80-يىللاردىن باشلاپ، ھۆرمەتلىك ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ يىللار بۇيى ئېلىپ بارغان جاپالىق ئەمگىكى نەتىجىسىدە، بۇ مۇقەددەس كالامنىڭ مەنا-تەرجىمىسى بىلەن يۈزكۆرۈشۈش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇق. بۇ ئۇلۇغ خىزمەتنىڭ مىۋىسى يالغۇز بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى چەكسىز سۈيۈندۈرۈپلا قالماستىن، يۇرتىمىزدىكى ئۇيغۇر تىلىنى قوللۇنۇپ كەلگەن ھەرمىللەت مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنىمۇ قاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى.
بۇ ئۇلۇغ خىزمەتنىڭ باشلىنىشى ناھايىتى ئەستايىدىل ۋە چۇڭقۇر مەئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مەنا-تەرجىمىنىڭ تاماملىنىشى ھەرتەرەپتىن بەكمۇ سۈپەتلىك تاماملانغان بۇلۇپ، يۇرتىمىزدا ئۆتكەن مەشھۇر ئالىملاردىن ئونئۈچ نەپەر ئالىمنىڭ ئالاھىدە تەرىپلىشى ۋە قىممەتلىك تەقرىز يېزىپ بىرىشى بىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئالىملارنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا سۇنۇلدى. بۇ بۈيۈك خىزمەت ئەرەپ دۇنياسىدىكى مەشھۇر ئالىملار تەرپىدىن بىردەك ئالقىشلاندى. بۇ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشقان ئالىملاردىن بىرقانچىسى بۇرۇن يۇرتىمىزدىن ھىجرەت قىلىپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە-مەدىنە شەھەرلىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان، ھەمدە شۇ دىياردىكى مەشھۇر جامي-مەدرىسلەردە ئۇقۇتقۇچى بۇلىۋاتقان ئاتاغلىق ئۇستازلار ئىدى. ئۇلارمۇ بۇ خىزمەتكە يۇقىرى باھا بېرىشتى ۋە ئالاھىدە تەشەككۇرلىرىنى بىلدۈرۈشتى. ھەمدە پادىشاھ پەھدىنىڭ قۇرئان بېسىش زاۋۇتىدا نەچچە ئۇنمىڭ نۇسخا بېسىپ چىقىرىپ كەڭ مۇسۇلمانلارغا ھەقسىز تارقىتىپ بەردى.  ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئېھتىياجى ۋە چەكسىز تەلەپلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ھەتتا يۇرتىمىزغىچە ئايرۇپىلان بىلەن ئەكىلىپ بەردى. بىراق بۇ ھەقسىز كەلتۈرۈلگەن يۈزمىڭلىغان قۇرئان تەرجىمىسى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تارقىتىلماستىن، شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتۇتىنىڭ يەرئاستى ئىسكىلاتلىرىغا مەخپى بېسىۋىتىلدى. قاراڭغۇ زەي ئىسكىلاتتا ئۇزۇن مۇددەت بېسىلىپ تۇرغان قۇرئان كەرىم نەملىشىپ قەغەزلىرى كۆكىرىشكە باشلىدى. بۇنىڭغا چىدىمىغان ئىنىستىتۇتنىڭ بىرقانچە ئىمانلىق ئۇقۇغۇچىلىرى ئىسكىلاتنى چېقىپ كىرىپ مەلۇم مىقتاردا تارقىتىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، بۇ يۈزمىڭلىغان قۇرئاننى تارقىتىپ تۈگىتەلمىدى. ئاخىردا بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئۇرگانلار ئىسكىلاتنى پىچەتلىگەندىن تاشقىرى، قەستەن ئىسكىلاتقا سۇ كىرگۈزۋېتىپ، مۇقەددەس قۇرئان كەرىمنى تامامەن ۋەيران قىۋەتتى.
مۇقەددەس قۇرئانغا ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىنغان مەزكۇر سۈيىقەسلەر كىمنىڭ قۇلى ۋە كىملەر تەرىپىدىن يۈزبەرگەنلىكى ھەممەمىزگە مەلۇم بولسىمۇ، بۇ سۈيىقەست تاكى ھازىرغىچە سىرلىق ساقلىنىپ، شۇ قۇرئان كەرىمنى باستۇرۇپ يۇرتىمىزغىچە ئەكىلىپ بەرگەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ۋە شۇيەردىكى ئالىم-ئۆلىمالاردىن قەتئى يۇشۇرۇپ كېلىنمەكتە.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ يېڭى تەرجىمىسى ھەققىدە ھاياجانلىنىپ پىكىر بايان قىلغان، بۇ يېڭى تەرجىمىنىڭ ناقىسلىقى، ئاساسلىق مەزمۇنلار قىسقارتىلغانلىقى توغرىسىدا پىكىر بۈلدۈرگەنلەرنى «پىتنە ترىغۇچىلار» دىگۈچىلەردىن سورايدىغان سۇئالىم ... تۈۋەندىكىچە !
1- قۇرئان كەرىمنىڭ، دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى تەرپىدىن تەستىقلانغان تەرجىمە نۇسخىسى  140 خىلدىن كۆپ بۇلۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمۇ بار. بۇ تەرجىمىلەرنىڭ ھىچبىرسىدە سۈرە پاتىھە مەزمۇنى قىسقارتىلمىغان، ئەكسىچە ناھايىتى جانلىق ۋە رۇشەن ئىپادىلەر بىلەن ئىزاھلانغان. يېڭى چىققان ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە، سۈرە پاتىھە قىسقارتىۋىتىلگەن. بۇنداق قىلىش تەپسىر شۇناس ئالىملار تەپىدىن قەتتى چەكلەنگەن. چۈنكى سۈرە پاتىھە قۇرئاننىڭ (ئانىسى) تۈپ بەنبىيى ۋە ئىككى قېتىم نازىل بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسىلەر ؟
2- ئەجەبا مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىمنىڭ تەرجىمىسىدىكى ئۇيغۇرچە «قۇرئان كەرىم» نۇسخىسى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇقىشىدىن چەكلىنىشكە، ھەتتا شۇ دەرىجىدە يۇقىتىشقا لايىقمىدى ؟
3- قۇرئانى كەرىم يالغۇز بىرلا نۇسخىدا بولماي باشقا تىللاردىكىگە ئوخشاش ئۇيغۇر تىلىدىمۇ كۆپلەپ تەرجىمە قىلىنسا بۇلىدۇ، بىراق كېيىنكىسى چۇقۇم ئەۋۋەلقىسىنىڭ بوشلۇقىنى تولدۇرىشى، كەمتۈك يەرلىرىنى تۇلۇقلىشى، غۇۋا مەزمۇنلارنى ئاشكارە ۋە جانلىق يۇرۇتۇلۇپ بىرەلىشى كېرەك ئەمەسمۇ ؟،  بۇ يېڭى تەرجىمە نىمە سەۋەپتىن بۇرنقىسىدىن مەزمۇنى قىسقا ۋە تۈۋەن سەۋىيەدە تەييارلاندى ؟  
4- قۇرئانى كەرىمنىڭ يېڭى تەرجىمىسىنى نەشىردىن چىقىرىشتىن بۇرۇن مەزكۇر تەرجىمىنى، سەئۇدى ئەرەبىستان مەدىنە مۇنەۋۋەرە جامىسىدە ئۇستاز، مەككە مۇكەررەمە جامىسىدە ئۇستاز، رابىتۇل ئىسلام مەركىزىدە مەسئۇل، قاھىرە ئىسلام ئىنىۋىرسىتىدا دوكتۇر ئۇستاز بۇلۇپ ئىشلەۋاتقانلار بۇلۇپ جەمى 10 نەپەر ئاتاغلىق ئۇيغۇر دىنى ئالىملىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە نىمە ئۈچۈن ئەۋەتىلمىدى، ياكى ئۇلار كۈزىتىشكە تەكلىپ قىلىنمىدى ؟
5- ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ سىمۋولى بۇلۇپ دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا تۇنۇلغان دىني ئالىم، مىسىر ۋە ماراكەشتە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ مۇراسىملاردا سۆزلىگەن ئەرەپچە نۇتقى بىلەن بىرىنجى بۇلۇپ باھالانغان ۋە پادىشاھنىڭ ئالى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھۆرمەتلىك ئالىمىمىز مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىم نىمە سەۋەپتىن بۇ يېڭى تەرجىمىگە قاتناشمىدى، ياكى بۇ يېڭى تەرجىمىگە تەقرىز يېزىپ بەرمىدى ؟

قۇرئان كەرىمنىڭ يېڭى تەرجىمىسىگە قاتناشقان تەرجىمانلار توغرىسىدا بۇلۇپ ئۆتكەت  پىكىر-تەنقىدلەر( ئەلۋەتتە ئىلمى بولغانلىرى) ھەرگىزمۇ ئۇرۇنسىز ئەمەس، چۈنكى بۇ بىرەر تارىخى روماننىڭ تەسۋىرلىنىشى ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان قۇدرەتلىك اللەنىڭ مۇقەددەس كالامى. ئۇنى توغرا ئۇقۇش، مەزمۇنىدىن توغرا پايدىلىنىش، ئىتىقادى چۈشەنجىسىنى توغرا قاندۇرۇش، ئائىلە ئەزالىرىنى توغرا يولغا يىتەكلەش، دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخىت-سائادەت ماكانىنى ئىسلام دىننىڭ دەستۇرى بولغان قۇرئان كەرىم يوليۇرقى ئاستىدا قۇرۇپ چىقىش قاتارلىق مۇھىم مەنبە بولغان قۇرئاننى ھەربىر ھەربىر مۇسۇلماننىڭ بىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن كۈندىلىك ھاياتىغا يولھازىرلىشى، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ھەرقانداق بىرەر نەرسىلەرنىڭ ئارلىشىپ قېلىشىدىن قاتتىق ساقلىنىشى لازىم بۇلىدۇ ئەلۋەتتە. بۇ توغرىدا ئىخلاسمەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەستايىدىل ئىزدىنىشلىرى ۋە شۇ توغرىسىدا پىكىر يۈرگىزىشى ھەرگىزمۇ كىشىلەر ئۈستىدە ئېلىپ بارغان پىتنە-غېيبەت، كىشىلەرنىڭ ئېيىبىنى ئېچىش بولمساتىن، بەلكى شۇ تەنقىدى پىكىرلەرنى يۈرگۈزگۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ پىكىر بايان قىلىشتىكى خالىس نىيەتلىرىگە قارىتا ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىدۇ.

بۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بىرىشكە توغرا كېلىدۇ.
ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئېيىتقاندا —بارنى دىسە غېيبەت، يوقنى دىسە تۆھمەت بۇلىدىغانلىقى ئېنىق. ئۇنداقتا قانداق مەسىللەر غېيبەتكە كىرمەيدۇ ؟.

بىز بۇ ھەقتە توغرا قاراشقا ئىگە بۇلىشىمىز ئۈچۈن چۇقۇم قۇرئان-ھەدىستىن جاۋاپ ئىزدىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
بۇھەقتە اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ — «ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) بىلمەستىن بىرەر قەۋمنى رەنجىتىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، (ئۇ خەۋەرنى) ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار ﴿٦﴾» ‹سۈرە ھۇجرات›!.
يۇقارقى ئايەت شۇنى كۆرسىتىدۇكى— ھەرقانداق بىر خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان ئۇنى تارقاتماستىن، ئۇنىڭ راس-يالغانلىقىنى ئېنىقلاش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن، ئۇنداقتا بىز بۇلارنى ئېنىقلاش ئۈچۈن چۇقۇم ئۇلارنىڭ كىملىكى، نەدىن كەلگەنلىكى، نىمىش قىلىدىغانلىق، نىمىگە خىزمەت قىلىدىغانلىق توغرۇلۇق قىسقىچە تەكشۈرۈشكە مەجبۇرمىز. مانا بۇ قۇرئاندىكى كۆرسەتمە.
ھەدىستىن ئىزدەنسەك— ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ پەيغەبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىنى توپلاش جەريانىدا تۇتقان يۇلى بىزگە يىتەرلىك دەلىل بۇلالايدۇ.
مەسىلەن ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ھەدىس توپلاش جەريانىدا مەككە-مەدىنە، يەسرىب، ھىجاز قاتارلىق ئەرەپ جەزىرەلىرىنىڭ بىرقانچە يۇرتلىرىغا پىيادە مېڭىپ باردى، خاتىرلىمەكچى بولغان ھەدىسلەرنى ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن بىۋاستە ئاڭلاپ يازدى. ئۇمۇمى توپلانغان ھەدىسلەرنى رەسمى خاتىرە قالدۇرۇش باسقۇچىغا كەلگەندە شۇ ھەدىسنى بايان قىلغۇچىنىڭ شەخسى سالاھىتىگە قاراپ ئۇ ھەدىسىنى بىرقانچە ئۈچ تۈرگە ئايرىدى. «سەھىھ»  «ھەسەن» «زەئىپ» بىز بۇ يەردە پەقەتلا ھەدىسنىڭ قىسقىچە ئاتىلىشى توغرىسىدا توخىتىلىمىز.

«سەھىھ» بۇ ھەدىسنى بايان قىلغۇچىلارنىڭ بارچە سالاھىتى ئىشەنجىلىك، ئېتىقادى مۇكەممەل بولغانلار دەپ تەپسىلى تۇنۇستۇرۇلدى.
«ھەسەن» بۇ ھەدىسنى بايان قىلغۇچىلارنىڭ بارچە سالاھىتى ئىشەنجىلىك، ئېتىقادى مۇكەممەل بولغانلار دەپ تەپسىلى تۇنۇشتۇرۇلدى.
«زەئىپ» بۇ ھەدەسنى بايان قىلغۇچىلارنىڭمۇ بارچە سالاھىتى ئىشەنجىلىك، ئېتىقادى مۇكەممەل بولغان، بىراق ئۈزۈ يالغۇز راۋى، قۇشۇمچە تەستىقلىغۇچى يوق.

ئەمما جەملەنگەن ھەدىسلەرنىڭ راۋىسى بىرەر يەردە راس-يالغان ئارلاشما سۆز قىلغان، ياكى ئىتىقادى سۇسراق كىشى بولسا بۇنىڭ سۆزلەپ بەرگەن ھەدىسى خاتىرلەنمەي ئۈچۈرۈلدى.
بىر كۈنىلىرى ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇ اللە نەچچەكۈنلۈك يول يۈرۈپ، مىڭبىر جاپادا بىر كىشىدىن ھەدىس ئاڭلاش ئۈچۈن كەلدى، يېقىن كەلسە ھېلىقى ئادەم قۇلىدىكى قاچىنى شاراقشىتىپ بىر ئاتنى تۇتۇش ئۈچۈن تۇرىۋاتقان ئىكەن، ئاتمۇ ئۇ كىشىگە ئاستس-ئ‍ستا يېقىنلىشىپتۇ، ئات يېقىن كىلىشى بىلەن ھېلىقى ئادەم ئاتنى تۇتۇۋېپتۇ. بۇ ۋاقىتتا ئىمام بۇخارىمۇ يېقىن كەلگەن ئىكەن قارىسا ھېلىقى ئادەمنىڭ قۇلىدىكى شاراقلاتقان قاچىدا ئات يەيدىغان يەم ئەمەس، شېغىل تاش بولغان ئىكەن. بۇنى كۆرگەن ئىمام دەرھال ئاقىغا قايتىپ، بىر جانىۋارنى ئالدىغان ئادەمدە قانداقمۇ راسچىللىق بولسۇن؟ دەپ، بۇ ئادەمنىڭ ھەدىسى ئاڭلاشتىن ۋازكېچىپ قايتىپ كېتىپتۇ. مانا بۇ قىسسىلەرمۇ ئىمام بۇخارىنىڭ ئۆزى قۇلى بىلەن قالدۇرغان خاتىرەلەردە ساقلانغان. ئەگەر بۇ ۋاقانى ۋە شۇ كىشىنىڭ شەخسى سالاھىتىنى بايان قىلىش غەيۋەت بۇلىدىغان بولسا، يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ بايان قىلغان ھەدىسلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پالانى ئادەم يالغانچى، ياكى مۇنداق خاتالىقى بار دىيىلسە غەيۋەت بۇلىدىغان بولسا ئىمام بۇخارى ھەرگىزمۇ بۇنداق خاتىرنى يېزىپ قالدۇرماس ئىدى. دىمەك بىز دىنىمىزغا ئائىت بولغان ھەرقانداق مەسىللەرنىڭ توغرىسىنى بىلىشىمىز ئۈچۈن، دىنى كىتاپلارنى يازغان ۋە بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان كىشىلەرنىڭ سالاھىتى، ئىسلامغا بولغان ئەقىدە-ئېتىقادى، ئەمەل-ئىخلاسى قاتارلىق مەسىلەلەردە سۈرۈشتە قىلىپ ئىزدىنىش ۋە ئېنىقلاپ كۈرۈشكە ھەر جەھەتتىن ھەقلىقمىز. بۇلۇپمۇ بۈگۈنكىدەك راس-يالغان ئارىلىشىپ كەتكەن دەۋرىدە، مۇقەددەس قۇرئاننى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان ۋە ئۇنى تەھرىرلىگەنلەرنىڭ شەخسى سالاھىتى، دىنى ئېتىقادى، ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە چۇقۇم سۈرۈشتە قىلىشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتىنى يېقىندىن بىلىشىمىز زۈرۈل ئەلۋەتتە.

ئۇيغۇرچە يېڭى تەرجىمىنىڭ تەرىرلىكىگە ئىشتىراك قىلغۇچىلار قاتارىدا ئىسىملىرى يېزىلغان ئاتاغلىق ئىككى زىيالىلار مەسىلىسىگە كەلسەك، كەسكىن ئېيتالايمىزكى ئۇلار بۇ تەرجىمىنى ئاخىرغىچە تەپسىلى ئۇقۇپ كۆرمىگەن. ياكى ئۇلارغا كۆرسىتىلگىنى يېڭى تەرجىمىنىڭ مەلۇم بىرقىسمىلا بولغان. ئەگەر ئۇنداق بولماي يېڭى تەرجىمىنىڭ بارلىق خام ماتىريالى ئۇلارنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلغان بولسا، ئۇلار بۇ مۇقەددەس كىتاپنى تەپسىلى ۋە تۇلۇق ئۇقۇپ تۈگەتمەي مەلۇم قىسمىنى ئۇقۇپلا ئۆز ئىسمىلىرىغا ئىمزا قويغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار مۇقەددەس كالامۇللاھقا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان ۋە ئېغىر مەئۇلىيەتسىزلىك قىلغان بۇلىدۇ. ئۇنداقتا ئۇلار توغرىسىدىكى يېزىلغان پىكىر-تەنقىدلەر تامامەن ھەقلىق بولغاندىن تاشقىرى، ئۇ زىيالىلار ۋاقىتىدا ئوتتۇرغا چىقىپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىن ئاشكارە كەچۈرۈم سورىشى كېرەك !!!. شۇنداق قىلغاندىلا ئۇلار ئۆزلىرى سەزمەستىن دەسسەپ قالغان تۇزاقتىن ئاسان قۇتىلالايدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ مىللىتىمىز ئارىسىدىكى ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ.

(پايدىلانغان مەنبە — قۇرئان كەرىمنىڭ بۇرۇنقى مەنا-تەرجىمىسى)
مۆلجەرلى

قورئان كەرىمنىڭ يىڭى تەرجىمەسىگە باھا

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

جىمى ماختاش ۋە سانالار ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھقا بولسۇن، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى ئىنسانلارنىڭ ئەزىزى، سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋاباتلىرىغا، ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بارلىق كىشىلەرگە بولسۇن!

دىنىمىزنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى بولغان مۇبارەك قورئان كەرىم ئاللاھنىڭ ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا بەرگەن ئەڭ بۈيۈك مۆجىزىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئاللاھ نازىل قىلغان ساماۋى كىتاپلارنىڭ ئاخىرقىسىدۇر. قورئان ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن پۈتۈن كىتاپ ھالىتىدە بىرىنجى ئاسمانغا ئېلىپ چۈشۈلگەن. ئاندىن جىبرائىل ئەلەيھىسالام ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا ۋەزىيەت يۆنىلىشى ۋە رىئال ئىھتىياجغا ئاساسەن پارچە – پارچە ھالەتتە يەتكۈزگەن. تۇنجى ۋەھىي مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ھىرا غارىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان چاغلىرىدا چۈشكەن بولۇپ، بۇ ۋاقىت مۇبارەك رامىزان ئېيى ئىدى.مەلۇم بولغىنىدەك، قورئان كەرىمنىڭ تىلى ئەرەپ تىلىدۇر. قورئاندا دېيىلىدۇ:« قورئان ئۇچۇق ئەرەبى تىلدا نازىل بولدى.»
ئاللاھنىڭ نىمە ئۈچۈن ئەرەپ تىلىنى قورئان تىلى قىلىپ تاللىغانلىقى بۈيۈك ھىكمەتلەرگە تۇيۇنغان. ئەمما مەسىلە شۇكى، ھېچكىمنىڭ ئۇنى نىمىشقا باشقا تىلدا نازىل قىلمىغان دەپ ئاھ ئۇرۇشقا ھەققى يوقتۇر ۋە بۇ بىر بىھۇدىلىقتۇر. ئەرەپ تىلىنىڭ پاساھىتى، لىكسىكا جەھەتتىكى بايلىقى بىر سەۋەپتۇر خالاس. ئاللاھ خالىسا باشقا تىلدىمۇ ئەڭ پاساھەتلىك ھالەتتە نازىل قىلالايتتى. ئەڭ مۇھىمى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ئۇنى ئەرەپ تىلىدا نازىل قىلىشنى ئىختىيار قىلغان. ئەرەب تىلىنى شۇ ئارقىلىق شەرەپلەندۈرگەن. ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولىدۇ. بۇنىڭغا ئىنساننىڭ ئارىلىشىش ياكى پىكىر قىلىش ھۇقۇقى ئەسلا بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ خالىغىنى يارىتىدۇ. بىز بۇ يەردە قىستۇرۇپ ئۆتمەكچىمىزكى، بەزى تارمىللەتچىلىك ئىدىيىسىگە ۋە چولتا بىلىمگە ئالدىنىپ ئۆزلىرىنى گول قىلىپ يۈرگەن بەزى بۇراردەرلىرىمىز بۇ ھەقتە ئارتۇقچە گەپ سېتىپ خاتالىشىپ، خاتالاشتۇرۇپ يۈرمىسىكەن. قورئاننىىڭ ئەرەپ تىلىدا نازىل قىلىنىشى قانداقتۇر باشقا تىلنى چەتكە قاققانلىق، كەمسىتكەنلىك ياكى ئۇلارنى نامرات تىل دەپ  قارىغانلىقتىن ئەمەس. ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنىڭ ئەرەپ تىلىنى ئىرادە قىلغانلىقىدىندۇر.
خوش، ئىسلام دىننىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن ھالقىپ ئانا تىلى ئەرەپ تىلى بولمىغان قەۋملەر ئارىسىدا تارقىلىشىغا ئەگىشىپ تەبىئىي ھالدا قورئان كەرىمنى يەرلىك قەۋملەرنىڭ تىلىدا چۈشەندۈرۈش ئىھتىياجى توغۇلدى. دەسلەپ بەزى ئۆلىمالار قورئان كەرىمنى تەرجىمە قىلىشنى توغرا تاپمىغان بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئەھلى ئۆلىمالار ئىسلام دەۋىتىنى كەڭ يېيىش، ئاللاھنىڭ دىنىنى كۆپلىگەن كىشىلەرگە تەشۋىق قىلىشنىڭ ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، قورئان كەرىمنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىش جائىز دېگەن قاراشقا كەلگەن. ئەمما قورئاننىڭ تەرجىمەسىنى پەقەت قورئاننىڭ تەرجىمەسى دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئۇ قورئاننىڭ ئۆزى ئەمەس. تەرجىمە بىلەن قورئان تەڭسىز ئىككى ئوقۇم. ئولارنى تەڭداش قىلىۋېلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. قورئاننى بىر تىلغا نەچچە قېتىم تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. بۇ ھەم بولىۋاتقان ئىشلار. قورئاننىڭ بىر تىلدىكى تەرجىمەلەرىنىڭ بىر – بىرىدىن پەرقلىق بولۇشى شۇ تەرجىمانلارنىڭ قورئاننى چۈشىنىش نوقتىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىقا ئاساسەن بەزى پەرقلەر بولىدۇ. قورئاننىڭ ئۆزگەرمەسلىكى ئۇنىڭ ئەرەپچە لەھزىگە قارىتىلغان. ئەرەپچىدىكى بىر لىكسىكا ئۈچۈن تەرجىملەردە بەلكىم خىلمۇ – خىل لىكسىكىلار ئىشلىتىلىشى مۇمكىن.
قورئان كەرىم نەچچە تىللارغا قانچە قېتىملاپ تەرجىمە قىلىندى. شۇنىڭ جۈملىسىدىن قورئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىش ئىشلىرىمۇ بەس – بەستە ئېلىپ بېرىلدى. سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەندىن تارتىپ تاھازىرغىچە، قورئان كەرىمنى ئۇيغۇر تىلىغا ( ئەلۋەتتە تارىختىكى تىل نامى ئۆزگىرىشلىرىگە مۇناسىپ ئۇيغۇر تىلى دېگەن ئاتالغۇمۇ ماس ھالدا ئالماشقان.) تەرجىمە قىلىش ئىشلىرى يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە ئوتتەك دىنننىي قىزغىنلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلماقتا. تۇلۇقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، دىيارىمىزدا قورئان كەرىم تاھازىرغىچە 23قېتىم تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىسى تولۇق تەرجىمە، يەنە بەزىسى قورئان كەرىمنىڭ مەلۇم بۆلەكلىرىنىڭ تەرجىمەسىدۇر. بۇ يەنە تېخى تەپسىرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ( بۇ ھەقتە بۇلتۇر 8-ئايدا، ئىران پايتتەختى تېھرندا ئېچىلغان قورئان كەرىم تەتقىقاتى يېغىنىغا سۇنۇلغان « قورئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىش تارىخى ھەققىدە تەلقىنلەر » ناملىق ماقالەمدە تەپسىلى مەلۇماتلار ۋە قوليازمىلارنىڭ ساقلىنىش ئەھۋاللىرى، ساقلانغان مۇزىيلار ھەمدە ھەربىر نۇسخا تەرجىمىنىڭ مەلۇم پارچىلىرىنىڭ ڧوتۇكوپىيەلىرى تەمىنلەنگەن.) دېمەك، قورئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنىشى يىڭى ئىش ئەمەس شۇنداقلا بىر – ئىككى قېتىملىق ئۈزۈك ئەمگەك تېخىمۇ ئەمەس. بەلكى ئۇ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، مۇسۇلمانلارنىڭ ئېھتىياجى ۋە تەلەپ – ئارمانلىرىنى بويلاپ داۋاملاشقان ئۇلۇغ ئەنئەنىدۇر، مۇبارەك دىن خىزمەتلىرىدۇر.
ئۇيغۇرلارغا ئەڭ كەڭ تارقالغان تەرجىمە نۇسخىسى بولسا مۆتىۋەر ئالىمىمىز مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ زور ئىجتىھاد ۋە مەسئۇلىيەت بىلەن پۈتتۈرگەن تەرجىمە نۇسخىسىدۇر. ئىلگىرىكى تەرجىمە – تەپسىرلەردىن مۇۋاپىق پايدىلانغان، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەپەككۇر لوگىكىسىغا ئۇيغۇن، تىلى راۋان ۋە ئاممىباب بۇ تەرجىمە ئۆز لايىقىدا ھۆرمەت ۋە ئالقىشقا سازاۋەر بولغان. ھەقىقەت شۇكى، بۇ تەرجىمە نۇسخا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى دىننىي ئويغۇنۇش، گۈللىنىش، ئۆز دىنىنى مەدرىس ياكى مائارىپتىن چۈشىنىش، ئۈگىنىش ئىمكانىيەتلىرى تولۇق تارتىۋېلىنغان بىر دەۋردىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن تولىمۇ مەنپەئەتلىك بولغان بىر قېتىملىق تەرجىمە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ تارىخىمىزدىن بويانقى ھەرقانداق تەرجىمە نۇسخىلىرىدىن ئەھمىيەتلىك بولغان بىر قېتىملىق تەرجىمە دەپ باھالىنىشقا ھەقلىقتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ تەرجىمە مۇھەممەد سالىھ داموللام بىر نەچچە كىتاپلارنى تەرجىمە قىلىپ ياكى تۈزۈپ، بەزى ئىجادىيەت ۋە يېزىقچىلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆز قەلىمىنى پۇشۇرغان، ئىلمىي ئىستىداتىنى  قىيامىغا يەتكۈزگەندىن كىيىن قىلىنغان بولۇپ، قورئاننى تەرجىمە قىلىش سالاھىيىتى تولۇق ھازىرلانغاندىن كىيىن قولغا ئالغان ئەمگەكتۇر.
بۇ تەرجىمە نۇسخا ئۇزۇن زامان ئىلگىرى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن يۇقىلاڭ تىراژدا بىر قېتىم بېسىلغان.  مەيلى قايسى نوقتىدىن ئېيتمايلى، نۆۋەتتىكى باسمىچىلىق، نەشىرىيات تەرەققىياتى يۈكسەك پەللىگە يەتكەن بىر دەۋردە مۇسۇلمانلارنىڭ بۈيۈك دەستۇرى، قىبلىنامىسى بولغان قورئان كەرىمنىڭ ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ تۇنۇپ، شۇ ئىدىئولوگىيە بىلەن سالاھىيەتلەنگەن ھەربىر كىشىنىڭ قولىدا بىردىن بولۇشى ئەقەللىي تەلەپتۇر. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، ئۇ قېتىمقى تىراژنىڭ ئېھتىياجدىن تولىمۇ يېراقتا ئىكەنلىكى ئۆز- ئۆزىدىن مەلۇمدۇر. بۇ قېتىلىق باسمىدىن كىيىنكى ئەمەلىيەتمۇ بۇ نوقتىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىمقى باسمىدا تېخنىكىلىق خاتالىقلار بەكمۇ جېق ۋە ئېغىر. ھەتتا كەچۈرگۈسىز جىنايەتلەر سادىر بولغان. مىسال، بىزنىڭ ئۆيدە قورئان كەرىمنىڭ 1-باسمىسىدىن بىرسى بار. ئەمما بۇ نۇسخا باسمىدا سۈرە ئەرراھماندىن تارتىپ 570 – بەتكىچە بەت تەتۇر ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان. ھەمدە مۇشۇ سەھىپىلەردىكى ئايەتلەر تەكرار بېسىلغان. لېكىن تەكرار بېسىلغان سەھىپىلەردىكى تېگىشلىك قورئان ئايەتلىرى يوق. بەزى سۈرىلەر تەكرار بېسىلغان، يەنە بەزى سۈرىلەر پەقەتلا بېسىلمىغان. ئەلۋەتتە بۇ قېتىمقى بېسىلغان قورئاننىڭ ھەممىسى ئەمەس، مەلۇم سان نۇسخىلىرى مۇشۇنداق بېسىلغان.  دېمەك، بۇ باسما تولۇق باسما ئەمەس! ئەلۋەتتە تېخنىكىلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى بۇنداق خاتالىقنىڭ كۆرۈلىشى مۇمكىندۇر. ئادەمنى ئويغا سالىدىغىنى، نىمىشقا خېلى – خېلى كىتاپلار جايىدا بېسىلىدۇ، ئۇلاردا بۇنداق چوڭ خاتالىقلار يۈز بەرمەيدۇ. ئەمما قورئان كەرىمگە كەلگەندە ئەجەللىك، يۈز بەرمەسلىكى كىرەك بولغان كەچۈرگۈسىز، ئاقلاپ بولغۇسىز چوڭ خاتالىق يۈز بېرىدۇ؟ كومپارتىيەنىڭ نۇرى ئاستىدا ياشاۋاتقان بولغاندىكىن، نەشرىيات ئورۇنلىرىدىكى خادىملىرىمىزنىڭ قورئاننىڭ تەرجىمە ئورىگىنالىنى تاماكىنى قىڭغىر چىشلەپ يۈرۈپ قىلغان تەھرىرلىكلىرىنى، ئاخشاملىقتىكى شاراپ سورۇنىدىن قايتىپ، ئەتىسى ھېچ ئىش بولمىغاندەك قورئان تەرجىمە تىكىستلىرىنى قوللىرىغا ئېلىشلىرىنىمۇ چىشىمىزنى چىشلەپ تۇرۇپ مەيلى دەيلى، ( نەشرىياتتىكىلەرنىڭ قانداقلىقىنى بىلمىگەن، ئۇلار بىلەن تۇنۇشلۇقىمىز بولمىغىنىدا ئىدى، ئۇلارغا بۇ باھانى بەرمەس ئىدۇق. نىھايەت ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى، خاراكتىرىيەت - شەخسىيىتىنى، مەپكۈرىلىرىنى بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۇلارغا بۇ باھانى قۇرۇنماي بەردۇق.) ئەمما، كەم – زىيادە بولۇش مەسىلىسىنىڭ يۈز بېرىشىگە ئۇبدانراق دىققەت قىلىشلىرى لازىم ئىدى. تەكشۈرىدىغان ئىشلارمۇ بار ئىدىغۇ ئادەتتە. گەرچە تەرجىمە ئىخلاس بىلەن قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما باسما بىپەرۋالىق بىلەن تولۇپ كەتكەن. دۆلەتتىكى پىكىر ئەركىنلىكى سىياسىتى بۇ ھەقتە ھېچكىمنى بىر نىمە دېيىشكە قوزغىتالمىغان. بۇ تېخنىكىلىق مەسىلە دەپ قارىلىش بىلەن تۈگىتىلگەن. ئەپسۇس، بۇ توقۇلما، تەسەۋۋۇرلاردىن قۇراشتۇرۇلغان رومان ئەمەس ئىدى. شۇنداقلا ئالىملىرىمىزنىڭ ئۇ كىتاپ، بۇ ماقالىدىن ئۈزۈندىلەرنى ئېلىپ رەتلەنگەن قۇرام چاپىنى تېخىمۇ ئەمەس ئىدى. بۇ، ئاسمان – زىمىننىڭ پەرۋەردىگارى، بول دېگەن بىر سۆزى بىلەن كائىناتنى بارلىققا كەلتۈرگەن تەڭداشسىز قۇدرەت ئىگىسى، ئاشۇ باسمىخانىدا ئىشلەيدىغان، نەشرىياتتا تەھرىلىك خىزمىتى قىلىدىغان ۋە شۇنداقلا ئۇلارنى باشقۇرىدىغان ھەرقانداق باشلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىنسانلارنى پاسكىنا سۇدىن ھۆرمەتلىك، چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، يۈكسەك مەرھەمەت ئىگىسى ئۇلۇغ ئاللاھ ئەزۋە جەللەنىڭ مەرتىۋىلىك پەرىشتە جىبرائىل ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا نازىل قىلغان، ئىنسانلارنى ھىدايەت ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان مۇبارەك سۆزى ئىدى....
مۇھەممەد سالىھ داموللام قىلغان بۇ تەجىمە نۇسخا قورئاننىڭ ئەسلى تىكىستىگە سادىقلىقى، چۈشۈنىشلىك، راۋان بولۇشى قاتارلىق ئارتۇقچىلىقلرى بىلەن ئۇيغۇرلاردىلا ئەمەس، باشقا قېرىنداش مىللەتلەر، ھەتتا خەلقئارادىمۇ ئېتراپ قىلىشقا ئېرىشتى. سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى پادىشاھ ڧەھىد قورئان كەرىم باسمىخانىسى بۇ نۇسخا تەرجىمىنى بېسىپ تارقىتىشنى قارار قىلىپ، ناھايىتى سۈپەتلىك، كۆركەم قىلىپ بېسىپ ئۇيغۇرلار ھەج قىلغۇچىلار ئۈچۈن ھەقسىز تارقىتىپ كەلمەكتە. 2012 – يىلى 9 – ئايدا، بۇ باسمىخانىنى زىيارەت قىلغىنىمدا ئۇيغۇر تەرجىمە نۇسخىدىكى قورئان كەرىمنىڭ باشقا تىلدىكى تەرجىمە نۇسخىدىكى بىلەن بىر قاتاردا تەكچىلەرگە تېزىلىپ كۆرگەزمە قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ تولىمۇ ھاياجانلانغانىدىم.
ئۆز يۇرتىدا تەپمە – تاياق بولىۋاتقان بىر تىلنىڭ ئۆزگە يۇرتتا شاھانە تەكچىلەرگە چىقىرىلغانلىقى مىنى ھەقىقەتەن سۈيۈندۈرگەنىدى. بۇ باسمىخاندىدا بېسىلغان قورئان كەرىم چىگرا تەكشۈرۈشلىرىدە بۇيۇن قىسىپ ۋە رەت قىلىنىپ دېگەندەك تۇسۇقلار سەۋەبىدىن ئانچە كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا تەگمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆمەك ھاجىلىرىنى باشقۇرۇشتىكى بىيۇكراتلىق، مەسئۇللارنىڭ رەزىللىكى، چېكىدىن ئاشقان قاتتىقلىقى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى بۇ سۈپەتلىك باسما ئۇيغۇرلارغا يېتىپ كېلەلمەي سەئۇدى ئىچىدە ئۇقۇشنى ئىزدىگۈچىلەرنى ئىستەپ لەيلەپ يۈرگەن. پاكىت: 2012 – يىلى دىيارىمىزدىن ھەج قىلىشقا بارغان ھاجىلارغا سەئۇدىدىن ئابايى ئېلىپ كەتمەسلىك، بەش پارچىدىن ئارتۇق قورئان كەرىم ( بارلىق دىننىي كىتاپ شۇنىڭ ئىچىدە ) ئالماسلىق، قەتئىي ئۇيغۇرچە كىتاپ ئالماسلىق تەلەپ قىلىنغان. ھەمدە قايتىدىغان ۋاقىتتا يۈكلەرنى بىرمۇ بىر ئېچىپ تەكشۈرۈپ قارا رەڭلىك ھەرقانداق كىيىم، ئىسلامغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق دىننىي كىتاپلارنى مۇسادىرە قىلغان. بۇنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەنمەن. ئەمما شۇنچە قاتتىق ئۇجۇقتۇرۇشمۇ خەلقىمىزنىڭ قورئانغا بولغان تەشنالىقىنى تۇسۇپ قالالمىغان.  مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ بۇ تەرجىمە نۇسخىسى ئىچكىرىدىكى تۇڭگانلارغا باستۇرۇلۇپ دىيارىمىزدا سېتىلىپ يۈرگەن.
خۇلاسە كالام، مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ بۇ تەرجىمىسى ھەقىقەتەن ياخشى تەرجىمە بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە يۈكسەك ئۇرۇنغا ئىگە بولغان. ھەتتا بەزى كىشىلىرىمىزدە بۇنى پەقەت يىگانە تەرجىمە دەپ بىلىپ، ھىسىيات ۋە ئەقىل جەھەتتىن ئىككىنجى بىر تەرجىمىنى قۇبۇل قىلالمايدىغان پىسخىكا شەكىللەنگەن. بۇنىڭدىن مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ ۋە بۇ زات قىلغان تەرجىمنىڭ خەلق قەلبىدىكى نۇپۇزىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ.
كىملەرنىڭ خىيالىغا كىلىپ قالدىكى تاڭ، قورئان كەرىمنى ئۇيغۇر تىلىغا قايتا تەرجىمە قىلىش كومپارتىيەنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپكە كىرگۈزىلىپ، ئاجايىپ ئالدىراش ئەمما نىمە ئىش بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان، نامى يوغان، ئەمما كۆپ كىشى تازا تۇنۇپ كەتمەيدىغان بىر نەچچە ئۆلىمائى كىراملارنىڭ ( ئۆلىمائى كىراملىرىمىز ئەمەس ) نەچچە ياماپ – يۆگەشلىرى بەدىلىگە، كۆپ مۇشاقەت ۋە مەبلەغلەر بىلەن بۇ تەرجىمىمۇ پۈتۈپ، قولدىن – قولغا ئۆتۈپ، تاسقاش، ئىلغاش ئەلگەكلىرىدىن، ئىھتىيات يۇچۇقلىرىدىن قىسىلىپ يۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن قاندۇرۇپ سۇغۇرۇلۇپ، بۇ ئارتۇقچىلىقلار ئىسىل زىننەت ۋە سۈپەتلىك ۋاراقلار بىلەن پەردازلىنىپ ئاخىرى كىتاپخانادىن ئۇرۇن ئالدى. قورئان كەرىمنىڭ تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىشى ھەقىقەتەن تىلغا ئېلىپ سۈيۈنگۈدەك بىر ئىش. ئەمما بۇ يەردە مۇنداق بىر قانچە مەسىلە بىزنى قايمۇقتۇرۇپ، بەلكى ئويغا سېلىپ باشقىچە پىكىر قىلىشقا زورلىماقتا. ھەق تۇيغۇلارنى غىدىقلاپ، بۇ ھەقتە ئىخلاسمەن ئەمما ماھىيەتتىن بىخەۋەر قالغانلار بۇرادەرلەگە چۈشەنچە بېرىشنى ئىمانى مەسئۇلىيەت قىلىپ يۈكلىمەكتە.
1.        « دىننىي ئاڭنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئىناق جەمىئىيەت بەرپا قىلىش » جېڭى ھەممە بۇلۇڭ – پۇشقاقلارنى قاپلاپ، پۈتكۈل رايۇنىمىزدا دىنغا، يەنى ئىسلام دىنىغا، يەنى كېلىپ ئۇيغۇرلارغىلا قاراتمىلىق ئېلىپ بېرىلغان بۇ خىل ئىدىئولوگىيە تەشۋىقاتى پارتىيەنىڭ مۇتلەق ئاساسىي مىلودىيەسىگە ئايلانغان، ئىسلام دىنى دىننىي ئاڭنى سۇسلاشتۇرۇشتىكى سۇسلسشتۇرۇشنىڭ بىردىنبىر ئوبيېكتى قىلىنغان، ئىشقىلىپ كادىر دەپ ئېتى بار ھەرقانداق ئايال زاتىنىڭ ياغلىقى، كادىر دەپ ئاتالمىغانلارنىڭ لىچەكلىرى، ھەرقانداق ئەر زاتىنىڭ بۇرۇت – ساقاللارى دىننى بەلگە، تىرورلۇق، بۆلگۈنچىلىك دەپ قارىلىپ، ئاشكارە رەستىلەردىلا تارتىشلاپ، يۇلقۇنداپ، كۆرگەنلا يەردە ساقچىخانىغا سۇلاپ جەرىمانە ئېلىپ يۈرگەن، پۈتۈن كۈچنى مۇقۇملۇق قالپىقى ئاستىدىكى دىننىي ئاڭنى سۇسلاشتۇرۇشقا قاراتقان، بۇ ھەقتە بىرەر كىمنىڭ دىن ھەققىدە بىر ئېغىز بولسىمۇ ياخشى گەپ قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان، بەلكى بۇنداق قىلىش تىرورلۇق دەپ قارىلىپ، قاتتىق زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بىر چاغدا، قورئان كەرىمنىڭ 2 – قېتىملىق تەرجىمىسىنىڭ داغدۇغا بىلەن بازارغا سېلىنىشى كىشىدە بۇ تەرجىمىگە قارىتا گۇمان قىلدۇرىدۇ. ۋەزىيەت يۆنىلىشىدىن قارىغاندا، قورئان كەرىمنىڭ پۈتۈن تەرجىمىسى ئەمەس، بەلكى بۇ ھەقتە ئاشكارا مەتبۇئاتلاردا بىرەر ئۇچۇر بېرىشنىڭ ئۆزىمۇ ئاتلاپ ئۆتكىلى بولمايدىغان ئېگىز داۋاندۇر. ھەتتا گېزىت – ژورناللاردا  ، ئىپىك ئەسەرلەردە ئاللا، ئىسلام، دۇئا دېگەندەك ئۇيغۇر تىلى لىكسىكىسىدىكى قوللىنىلىش چاستۇتىتى ئەڭ يوقىرى بولغان سۆزلەرنىمۇ  ئىشلىتىلىش قانۇنسىزلىق دەپ قارىلىپ ( خېلى زامان بۇلۇپ قالدى، زادى نىمىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ بۇ دىياردا)، چەكلىنىۋاتقان بۇ ۋاقىتتا نىمە سەۋەپتىن بۇ چوڭ ئىش ئېلىپ بېرىلىدۇ؟ يەنى كېلىپ كەڭ تەشۋىق قىلىنىدۇ؟ئاللىقاچان تەرجىمە قىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر تەرجىمە نۇسخا بار ئەھۋال ئاستىدا قەيتا تەرجىمە قىلىشنىڭ ھۆكۈمەت ئۈچۈن نىمە زۈرۈيىتى بار؟ بۇ قېتىمقى تەرجىمە كەينىگە قانداق ئۇيۇنلار يۇشۇرۇنغان؟
2.        بۇ قېتىمقى قورئان كەرىم تەرجىمىسىگە قاتناشقان بەش تەرجىماننىڭ ئىلىم مەلۇماتى نەدىن نەگىچىلىك؟بۇ قورئان كەرىم بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ئەڭ نىگىزلىك بولغان بىر ئامىل. خۇجائابدۇللا ئوسمان، ئابدۇقادىر مەخسۇم، مۆھتىرەم ھاجى، ئابلىمىت داموللا ۋە شەمسىدىن ھاجىلارنىڭ دىننىي مەلۇماتى قانچىلىك؟
بۇ ئۇلۇغ تەرجىمانلار ئىچىدە دىنىي ساھەدىن چىققان ئىككىسى – مۆھتىرەم ھاجى بىلەن ئابلىمىت داموللا دىيانەت، ئىخلاس نوقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى ئىسلام دىنىنى چۈشىنىش، دىننىي مەلۇمات  قاتارلىق  نۇقۇل دىننىي بىلىم نوقتىسىدىن قورئان كەرىمنى تەرجىمە قىلىش ئىمكانىيىتىنى مەلۇم سەۋىيەدە ھازىرلىغانلار دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەمما بۇ دېگەنلىك ئۇلارنىڭ دىننىي بىلىمى بەك چوڭقۇر، ئۇنىۋېرسال ساپاسى يامان يوقىرى دېگەن مەنە چىقمايدۇ. پەقەت ۋە پەقەت قورئاننى تەرجىمە قىلغۇچىلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەرنىڭ بەزىسىنى ھازىرلىغانلار دەپ قارىلىدۇ. بىرسى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە، يەنە بىرى داموللا دەپ ئاتالغان. ئىسلام دىنىنىڭ قورئان كەرىمگە تۇتقان پۇزۇتسىيەسى نوقتىسىدىن چىقىپ سۆزلىگەندە، ناۋادا قورئان كەرىم ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىقسىز قالغان، ئۇنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى دىن بىلەن مەلۇماتلاشنىڭ ھەقىقەتەن زۈرۈرىيىتى توغۇلۇپ، بۇ ئىش پەرز ئەينگە ئايلانغان، ئەمما ئۇنى قىلىدىغان بۇلاردىن باشقا لاياقەتلىك ئادەم چىقمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن بۇلارنىڭ تەرجىمە ئىشىغا تەرەددۇت قىلىشى جائىز كۆرىلىدۇ. بىرسىنىڭ ئەل – جامائەت ئىچىدە شەيتان دەپ ئاتاق ئېلىشى ( بۇنداق ئاتاققا قالغان ئۆلىما بۇ ئۇلۇغ خىزمەتنى قولغا ئېلىشقا ئەسلا لايىق ئەمەس. بۇ ئادەمنىڭ قورئاندەك مۇقەددەس كىتاپقا تەرجىمان بولىشى دىنغا بولغان بىر مەسخىرەدۇر. بۇ مەسخىرە كىمدىن كەلدى؟...بۇمۇ جاۋاپ بېرىشكە تېگىشلىك بىر مەسىلىدۇر.)، يەنە بىرسىنىڭ تاماكىنى قىڭغىر چىشلەپ يۈرۈشلىرى ( ئۇنى تۇنۇمىغان بولسام، باشقىلاردىن ئىشتكەن سۆزگە قاراپلا بۇ كىشىنى تاماكا چېكىدۇ دەپ يازمايتتىم.) ئۇلارنى بۇ سالاھىيەتتىنمۇ مەھرۇم قىلىدۇ.  ئەمما ئاللىقاچان تەرجىمە قىلىنىپ بولۇنغان. شۇنداقلا كەڭ خەلق ئېتراپ قىلىپ باشقا بىر تەرجىمىنى ئىھتىياج قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ ئىككەيلەننىڭ غىت قىسىپ تۇرۇپ، مۇشۇ تەرجىمىگە ئاۋاز قۇشۇشى ئاياقتىكى ئاشتەكلا ئېنىق بىر ئىشتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىدا دەپ ئۆتكەندەك بۇلار ئىلىمدە تۇشۇپ، ئۇنى ئىچىگە پاتقۇزالماي يۈرگەنلەردىن بولمىغاندىكىن، مەلۇم نوقتىدىلا سالاھىيەت ھازىرلىغان بۇلارنىڭ قەلەملىرىنى ئاستا يۇغۇشتۇرىۋېلىشى ئەڭ ئاقىلانە تاللاش ئىدى. خەير، بۇلار قەلەملىرىنى بولۇشىغا قۇيۇپ بېرىپ، خالىغانچە يايلىتىپ يۈرۈپتۇ. ئىنسان ھەر نەپسىدىن ھىساپ بەرگۈچىدۇر.
ئابدۇقادىر مەخسۇمغا كەلسەك، كاتتا جامىئەلىرىمىزنىڭ تاجى ھېيتگاھ خاتىپلىرىدىن بىرى بولمىش بۇ جانابىي زات قەشقەردە بىلىنسە قانداقكىن، ئەمما ناھايىتى ئون نەچچە مىليۇن نۇپۇسى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر دېگەن نامنىڭ مەنىسىگە لايىق ئىخچام ھالدا بىر رايۇندىلا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن، ناۋادا نۇقۇل كىشى ئىسىملىرى قاتارىدىن سانالسا، چاستوتىسى خېلى يوقىرى، ئەمما ئۆلىما دەپ سانىلىش ئىمكانىيەتلىرىدىن قارىغاندا ياتلا بىر ئىسىمدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئادەم سىياسىي مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈش، باھا بېرىش، دىننىي سوتيالىزىمغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش جەھەتلەردە خېلى پىشىپ مۇتەخەسىسكە ئايلىنىپ بولغان بولغاچقا، ئۇنىڭ بۇ يەردە تەرجىمىگە قىستۇرىۋېلىنىپ، قۇر ئىگەللەپ يۈرۈشى بىھۇدىلا ئىش. يەنە كېلىپ بۇ ئادەم سۈرىلەرنى مەنسۇخ ياكى كۈچكە ئىگە قىلالايدىغان ئىمتىيازغا ئىگە بولغاندىكىن بۇ تەرجىمىگە قاتناشماي، ئۆزى كۈچكە ئىگە دەپ قارىغان ئايەتلەرنى ئۆزى يالغۇز تەرجىمە قىلىپ كومپارتىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە سوۋغا قىلىپ شۇنىڭدىن نام – ئابروي، شۆھرەت تاپسا، بۇ تېخىمۇ كاتتا نام قازىنالايتتى. بۇ ئادەم بۇ تەرجىمىگە سەرپ قىلىنىپ ئارتۇق كېتىپ قېلىنغان. چۈنكى، ئۇنىڭدىكى ئېختىدار، قابىلىيەت، يېڭىلىق يارىتىش، ئىسلاھات ئېڭى تېخى ئىسلام مەيدانغا كەلگەندىن بىرى ھېچبىر ئۆلىمانىڭ قولىدىن كەلگەن ئەمەس ئىدى. بەلكى ئۇلار بۇنداق قىلىشنى ئويلاپمۇ ئۆلگۈرەلمىگەن ئىدى. بۇنداق ئادەم كۆپ ئۆلىمالار قىلالىغان ھەم قىلالايدىغان قورئان تەرجىمە قىلىشتەك ئىشلارغا قول سېلىپ يۈرمەي، تېخى باشقىلار قىلالمىغان، بوز تېمىلارغا يۈزلىنىپ يىڭى بىر ئېقىم يارىتىشقا كۈچىسە، باشقا ئالىملار بىلەلمەي قالغان قايسى سۈرە ياكى ئايەتلەرنىڭ مەنسۇخ ياكى كۈچكە ئىگە ئىكلەنلىكىنى ئايرىپ بەرسە ئۆزى ئۈچۈن مەنپەئەتلىكرەك بۇلار بولغىيدى...
خۇجائابدۇللا ئوسمان بىلەن شەمسىدىن ھاجىغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى تەرجىمىگە قاتنىشىشىدا، بۇ ئىككەيلەننىڭ ئۆزلىرى بىلەن يېقىنچىلىقى يوق، ناتۇنۇش بىر تېمىغا پاتمىسىمۇ كۆتلىرىنى قىسىپ تۇرۇپ سۇقۇنۇپ كېرىۋالغانلا يېرى بار. بۇ، قورئان كەرىمنى تەرجىمە قىلىدىغان ئىش. ئۇنى كۈچۈرۈپ ياكى كۈپەيتىپ باسىدىغان ئىش ئەمەس. ياكى كومپارتىيەنىڭ تەتقىقات تېمىسىمۇ ئەمەس. نىمىلا يازسۇن، قانداقلا سۈپەتتە بولسۇن، كومپارتىيەنى تىللاپ سالمىسىلا، شارائىت يارىتىپ بەرگەن كومپارتىيگە مىڭ رەھمەت. ناۋادا كومپارتىيە بولمىغان بولسا مەن بۇ تېمىنى ئىشلەش تۈگۈل، ئانامنىڭ قۇرسىقىغىمۇ ئاپىرىدە بولالمايتتىم دەپ تەشەككۈرىنى بىلدۈرسىلا ئۆتۈپ كېتىدىغان. بۇ، مۇبارەك كالامنى تەرجىمە قىلىش ئىشى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئەقەللىي تەلەپ ئەرەپ تىلى بىلىشتۇر. بىلگەندىمۇ تازا ۋايىغا يەتكۈزۈپ، ئۇششاق تىللىرىغا قەدەر پىششىق بولۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسلام دىنىدىن مۇپەسسەل بىلىم قۇرۇلمىسى بولۇش كىرەكتۇر. ئەرەپ تىلىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالغانلار سوقۇنۇپ يۈرۈپ قىلىۋالىدىغان ئالۋاڭى ئەمەس! خەنزۇچىدىن ئىسلام دىنىغا ئائىت كىتاپ تەرجىمە قىلغان، ياكى مۇسۇلمان نامى بىلەن ناملانغان بىرەر ژورنالدا بىر نەچچە يىل مۇھەررىلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىۋالغان ئادەملەرنىڭ ( بۇ ژونال بۆلىمىدە ئۇنىۋېرسېتېتنى كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئاتېزىملىق مەكتەپتە تىل – ئەدەبىيات كەسپىدە ئۇقۇپ چۆرگىلەپ كېلىپ دىننىي ماقالىلەرنى تەھرىرلەيدىغان مۇھەررىر، كەيىپتىن قول ئۈزەلمىگەن، خوتۇنى يالىڭاچ  باش مۇھەررىر، قىزلار بىلەن بىللە تۇرىۋاتقان مۇھەررىر،  تېخى تاھەرەت ئېلىشنى بىلمەيدىغان تۇڭگانلار دېگەندەك ھەرقاتلام كىشىلىرى بار. راستلا زامانىۋى جەمىئىيەتكە ماسلاشقان بىر ئۇرۇن بۇ!)  قورئان تەرجىمە قىلىشى ھەقىقەتەن يىڭىلىق يارىتىلغان بىر ئىشتۇر. خەنزۇچىدىن ئىسلامغا ئالاقىدار كىتاپ تەرجىمە قىلىش خەنزۇچە بىلىش بىلەن بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەرەپ تىلى بىلىش بىلەن ئالاقىسى يوق. ( ئىسلام دىنى ھەققىدىكى باشلانغۇچ ساۋاتلارنىڭ بولىشى مەن ئىسلام دىنى تەتقىقاتچىسىمەن دەپ يۈرگەن ئادەمگە ئاش – ناندەك بىر ئىشتۇر.)  كەسكىنكى، بىز بۇندىن ئىلگىرى ئەرەب تىلى بىلمىگەن بىرسىنىڭ قورئان تەرجىمە قىلغىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدۇق. بۇ ھەم مۇمكىن ئەمەس ئىش ئىدى. ئەمما بىزنىڭ ئاتىلىپ قالغان، ئەمما ئۆزلىرىمۇ نىمە ئۈچۈن ئاتىلىپ قالغانلىقىنى ئېنىق ئاڭقىرالمايدىغان ئالىملىرىمىز كومپارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا ئەرەپ تىلى بىلمەي تۇرۇپمۇ قورئان كەرىمنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىۋەتكەن. بۇ ھەقىقەتەن زور ئىلگىرىلەش بولۇپ، بۇ ئىككى ئالىم باش شىتابى بىيجىڭغا تەسىس قىلىنماقچى بولغان، مەخسۇس كومپارتىيە ئۈچۈن يىڭىلىق يارىتىپ، دىنسىزلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىشتە تۆھپە كۆرسەتكەن سادىقلارغىلا بېرىلىدىغان نوبىل مۇكاپاتى كومتىتى تەرجىمە ساھەسىدىكى نوبىل مۇكاپاتىنىڭ كاندىدات ساھىبلىرىدۇر. ئۇلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ، بىزلەرنى يەنە بىر قېتىم خەلقىئالەم ئالدىدا سازايى قىلىپ بەردى.
قاتتىق كەتسىمۇ دېيىش كىرەككى، بۇ ئىككى جانابنىڭ ئۆزىگە ئارتۇقچە ئىشىنىپ، قابىلىيەتلىرىگە تەمەننا قۇيۇشۇپ،ئەيمەنمەستىن ئۆزلىرىنى قورئاننى تەرجىمە قىلغانلارنىڭ قاتارىغا تېقىۋېلىپ ھاللىنىپ كېتىشلىرى « ئۆزەمنى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىپتىمەن، ئەسكى پالازغا يۆگىنىپ ھەپتە يېتىپتىمەن » دېگەندەك بىر رەسۋالىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ماھىيىتى كاززاپلىق قىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس. دىن – دىيانەتتىن چەتنىگەن بۇنداق قۇڭالتاق ئادەملەرنىڭ دىن ئىشلىرىغا قول تىقماي، ياخشىسى بۇ ئىشنى بولغىماي، خۇتۇنىنىڭ ئوچىقىغا ئوت قالاپ، بۇ ئىشتىن ئېشىنغاندا كوچا چىڭدامدۇ ياكى پوتلىسىنى ئېيتامدۇ ۋەيا كۆتىنى قىسىشنى قېرىغاندا بولسىمۇ ئۆگىنىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ ئادىمىيلىككە دىققەت بۇرامدۇ نىمە قىلسا مەيلى ئىدى دىسە...
3.        قورئان كەرىمنى تەرجىمە قىلىش ئىشى ئېغىر مەسئۇلىيەتلىك دىننى مەسئۇلىيەتتۇر. شۇنداقلا زور ئىجتىھاد تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىلمىي ئەمگەكتۇر. بۇ ئىشتا باش ئۇرۇندىكى ئۆلچەم دىيانەت مەسىلىسى بولۇپ، ئىلمىي ئىجتىھاد دىيانەتكە ياندىشىپ تورىدىغان بىر بېقىندى تۇتقىدۇر. دېمەكچىمىزكى، قورئان تەرجىمە قىلغۇچىلار ئاۋۋال دىيانەت ئۆتكىلىدىن ئۆتىشى كىرەك بولىدۇ. دىيانەتسىز ياكى دىن ئەھلى بولمىغان ئادەمنىڭ بۇ ئىشقا مەيلى قايسى نوقتىدىن بولسىمۇ قول تىقىشى يولسىزلىقتىن، قاتتىقراق دېگەندە دىنغا بولغان زىيانكەشلىكتىن باشقا ئىش ئەمەس. بىر ۋاقىتلاردا مەرھۇم باتۇر رۇزى قورئان كەرىمنىڭ خەنزۇچە شىئىرىي شەكلىدىكى تەرجىمىسىدىن بەك ئىلھاملىنىپ كېتىپ، ئۇيغۇرچىدىمۇ قاپىيە تەرجىمە بار بولۇشى كىرەك دەپ ( بۇ پىسخىكا دەل ئۇيغۇر ئىلىم ساھەسىدىكى خەنزۇچە ئىلمىي رامكا ئوتۇپىيەسى بولۇپ، خەنزۇچە شىئىرىي تەرجىمەنىڭ بولۇشى ھەتتا شۇنچە دەھرىيلەشكەن زىيالىلىرىمىزنىمۇ قورئاننى شىئىرىي تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئىلمىي ساھەدە خەنزۇچە بىلەن تاپ بېسىپ مېڭىشقا ئۈندىگەن.) ئويلاپ پەقەتلا  تۇرالماي قالغان ۋە بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلغان. بۇ بايقۇشمۇ ئەرەپچە بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە تەرجىمەسىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ قورئاننى شىئىرىيلەشتۈرۈپ چىقماقچى بولغان. لېكىن بۇ ئىش مۇھەممەد سالىھ داموللام باشلىق كاتتىلارنىڭ، قورئاننى شىئىرىي شەكىلدە تەرجىمە قىلىش يول قۇيۇلىدىغان ئىش. ئەمما بۇ ئىش چوقۇم دىن ئەھلىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىشى كىرەك. دىن ساھىبلىرى بولمىغانلارنىڭ بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىشى توغرا ئەمەس دەپ ئىپادە بىلدۈرۈشى بىلەن باتۇر روزىمۇ ئۆزىنى ۋاقتىدا توشاپ، بۇ ئىشىنى توختاتقان ئىكەن. ھالا بۈگۈندە، مەن دىن ساھىبىمەن دەپ داڭلانغان بىر نەچچە كىشىنىڭ تۇلۇمدىن توققان چىققاندەكلا قورئاننى تەرجىمە قىلدۇق دەپ ئوتتۇرىغا سەكرەپ چۈشۈشىشى بىزنى بۇ كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتى، دىيانىتى ھەققىدە ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىدۇ.
توغرا، قورئان كەرىمنى تەرجىمە قىلىش ئىشى دىن – دىيانەتلىك ئۆلىمالارنىڭ يۈكسەك ئىجتىھادى بىلەن بولىدىغان بىر ئىش. دىن بىلگەن، ئەرەپچە بىلگەن ھەممىلا ئادەمنىڭ قورئاننى تەرجىمە قىلىش سالاھىيىتى بولمايدۇ. دىيانەت، ئىخلاس، تەقۋالىق ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىگەن ياكى ئۇنداق ئىززەتلەر بىلەن شەرەپلەنمىگەن، ئەكسىچە ئەلنىڭ ئېغىزىغا چىقىپ يامان ئاتىلىپ قالغان، يەنى كېلىپ بۇ ئاتاقلار بىۋاستە شۇ كىشىنىڭ دىيانىيىتى بىلەن تۇتاشقان ئەھۋال ئاستىدا، يەنىلا جاھىللىق بىلەن تەرجىمە قىلىپ ياڭزا چىقىرىپ يۈرۈش ئاشۇ كىشىلەرنىڭ نۇمۇستىن ئەيمەنمەيدىغان بىر گۇرۇپ قاششاقلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئۈستىدە جەمىئىيەتتە بولىۋاتقان گەپ – سۆزلەر ئۇلارنى ئۇرۇق – سىمىز، ئاقساق – چۇلاق دېگەندەك گەپلەر بىلەن كۇپايىلەنسە مەيلى ئىدى كاشكى. ئەمما ئۇلار ئەل تەرىپىدىن بىرسى شەيتان دەپ ناملانغان بولسا، بىرسى يۈرىكىگىچە قىزىللىققا پاتقان دەپ باھالىنىپ كەلمەكتە. يەنە بىرلىرى بىناماز دەپ تەنقىدلىنىپ كەلگەن بولسا، يەنە بىرلىرى پوشكالچى دەپ كۆرسىتىلمەكتە. بۇنداق شەرمەندە ئەھۋالدا بۇلارنىڭ قورئان كەرىم تەرجىمىسىگە ئاتلىنىشى بۇ مۇقەددەس كىتابقا قىلىنغان بىھۆرمەتلىكتۇر. يىققاندا، بۇ تەرجىمە دىن – دىيانەتتە سىناقتىن ئۆتمىگەن، ئىلمىي جەھەتتە سالاھىيەت ھازىرلانمىغان، يېشى چوڭ بولسىمۇ، ئىلمىي قۇرۇلمىسى چولتا، ئەقلى تازا پىشمىغان، ئۆزلىرى تەنتەك، نۇمۇستىن بىخەرۋەرراق، قەلبىدە كومپارتىيە رەھبەرلىكىگە بولغان يۈكسەك مىھرى – مۇھاببەت يالقۇنجاپ تۇرغان، ئالىي تەمىناتلارغا مەپتۇن بىر تۈركۈم كومپارتىيە ئەزالىرى قىلغان دىيەنەتتىن بەكرەك ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن سۇغۇرۇلغان بىر سىياسىي تەرجىمىدۇر.
4.        بۇ يەردە يەنە مۇنداق بىر زىددىيەتلىك مەسىلە بار. ئۇ بولسىمۇ، ئۇيغۇرلاردا تىل ۋە ئەدەبىيات نوقتىسىدىن يېتىشكەن ئىلىملىكلەرنى تەكلىپ قىلىپ قورئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەكلىپ قىلىنغان. مەلۇملۇق، قورئان كەرىم تەرجىمىسى تىلشۇناسلىققا چېتىلىدىغان ساھە. بۇ ئىشنى قىلىمەن دەپ مەيدىسىگە مۇشتلىغانلاردىن ئىككى تىلغا – ئەرەپ تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىغا پىششىق بۇلۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىككى تىلنىڭ قائىدىسىنى، لوگىكىلىق باغلىنىش ئۇسۇللىرىنى بىلمەي تۇرۇپ بۇ ئىشنى روياپقا چىقىرىش ئىمكانسىز بىر ئىشتۇر. ئەمما تەرجىمەگە قاتناشقان ئۇلۇغلىرىمىز بۇ ساھەدىكى ئەيىبىنى يېپىش، كەمتۈكلىرىنى يۇشۇرۇش، ئۆزلىرىنى تېخىمۇ ئىدىيىسى ئازاد دەپ پەردازلاش ئۈچۈن زىيالىلاردىن تەشكىللەنگەن بىر ئۈمەككە قورئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى تۈزىتىش ۋە كۆزدىن كەچۈرۈشكە بەرگەن. ئەڭ ئاۋۋال ئۆزلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك، ئەمما ھازىرلىيالمىغان بۇ تەرەپنى خىجىل بولماستىن ئاشكارە قىلىۋەتكەن. بۇ ئارقىلىق ئۇلار بىز ئۇيغۇرچىنى ياخشى بىلمەيمىز. ئۇيغۇرچە سەۋىيەمىز ياخشى ئەمەس دەپ جاكار قىلغان. ئۇلار پەقەت ئانىسى – دادىسى ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن  ئۇيغۇرچە تىلى چىقاپ قالغان كىشى مىسالى بولۇپ، تەرجىمان دەپ سالاھىيەتلىنىش شەرتى ھازىرلانمىغان بايقۇشلاردۇر. بۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا بولغان  ھۆرمەتسىزلىكى ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسىدۇر. بۇ تەرجىمانلار يا دىيانەت ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ دىنغا ھۆرمەت قىلمىغان، يا ئەرەب تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ قورئان كەرىمگە ئىھتىرام كۆرسەتمىگەن، ۋەشۇنداقلا ئۆز ئانا تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ ئۆز خەلقىگە ئىززەت قىلمىغان بىر تۈركۈم تەرسا جاھىللاردىن ئىبارەت. ناۋادا تەرجىمىنى تىل نوقتىسىدىن تەستىقلاش دىن ئەھلىلىرىنىڭ قوللىرىغا تاپشۇرۇلغىنىدا ئىدى، بۇنىڭغىمۇ مەيلى دەر ئىدۇق. ئەمما تاپشۇرۇلغىنى كىملەر؟ بۇ مەسىلىمۇ بىزنى ئويلاندۇرۇلىشى كىرەك. ھەجىم ئېتىبارى بىلەن بۇ يەردە ئارسلان مۇئەللىم بىلەن ئابدۇقادىر جالالىدىن ئىككىسى توغرىسىدا گەپ قىلاي، بۇلار تېخى تەكشۈرگۈچىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىلاردىن سانىلىدۇ. بۇ ئىككەيلەننىڭ ئەھۋالىنى بىلسەك باشقىلارنىڭ ھالىنىڭ نەدىن نەگىچىلىكى دەرھال ئايان بولىدۇ. چۈنكى، باشقىلاردىن دىن - دىيانەت جەھەتتە (  ناۋادا بار دەپ قارالغاندا ) بۇ ئىككىسى بىر قەدەم ئالدىدا تورىدۇ.
ئۇيغۇر جەمىئىيىتىدە زىيالى ھەققىدە گەپ بولۇنسا، سورۇنغا چۈشۈپ ئاتىلىپ قالغان زىيالىلارنى ھىسىيات نوقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ ھەممە جەھەتتىن يۈكسەك، تاكامول دەپ قاراش ئېغىر بىر كەيپىياتتۇر. ئۇلار ھەققىدە بەزى ئەمەسرەك گەپلەرنى ياكى ئۇلاردىكى بىرەر رىئال ، ئۆزلىرىمۇ ئېتراپ قىلىدىغان كەمتۈكلۈكنى بىزدىكى ھىسىيات كۆتۈرەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭمۇ بىر ئىنسان ئىكەنلىكى، ئارتۇقچىلىق بولۇش بىلەن بىللە يەنە يېتەرسىزلىكلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئېتراپ قىلغىلى، كۆرۈپ يەتكىلى ئۇنىمايمىز. زىيالىلارنىڭ دىن تەرىپى بۇ نوقتىدا ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. مەيلى قانچىلىك ھىسىياتلىنايلى ۋەياكى ئاقلايلى، ۋەيا قايسى تەرەپتىن بولسىمۇ باھانە - سەۋەب ئېزدەيلى زور كۆپ سانلىق زىيالىرىمىزدىكى ئەلمانىزىملىق -  دەھرىيلىك يۇشۇرغىلى بولمايدىغان پاكىتتۇر. بۇنى زىيالىلارنىڭ ئۆزىمۇ ئېتراپ قىلىدۇ. دەھرىلىك دېگەندە ئەلۋەتتە ئۇلارنى ئاللاھنى ئىنكار قىلىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، دەھرى بىلەن دەھرىلىكنىڭ ۋەزنىدە پەرق بار. بۇ يەردە ئۇلاردىكى پاسىقلىق خاھىشى كۆزدە تۇتىلىدۇ. پاسىقلىق دېمەك گۇناھ دېمەكتۇر. بۇ بەزىدە سىكۇليارىزىم دېگەن يۇچۇن ئاتالغۇ بىلەنمۇ ئېلىنىۋاتىدۇ مەتبۇئاتلاردا. ئەمما دېمەكچىمىزكى، زىيالى بولسىمۇ ياخشى. ئۇيغۇر ئۈچۈن ئازدۇر – كۆپتۇر خىزمەت قىلىپ، ئىلمىي ساھەدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ھەرھالدا مىللەت ئۈچۈن بىر ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدۇ. ( ھېچبولمىغاندا ئولار ئۆزلىرىنى شۇنداق قىلدۇق دەپ ئويلايدۇ.) ئەمما ئۇلارنىڭ دىندىن خالىيلىقىى بۇمۇ بىر پاكىت. ئۇلارنىڭ ئىلمىي تۆھپىلىرى ئۆزلىرىدىكى ئەلمانيلىقىغا مەلھەم بولالمايدۇ. ئۇلارمۇ ھەم ئەلمانىلىقلىرىنى ئىلمىي تۆھپىلىرى ئارقىلىق يېپىپ كېتەلمەيدۇ. ئىلمىي تۆھپە ۋە ئەلمانىزىملىق ئىككىسى ئىككى ئۇقۇم. دىندار بولۇپ تۇرۇپمۇ ئىلمىي نەتىجە ياراتقىلى، ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ. يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەلمانىي تۇرۇپمۇ ئەل – يۇرت ئۈچۈن ھېچ قىلىپ بېرەلمەي، مىللەتكە يۈك بولۇپ يۈرۈيدىغانلارمۇ خېلى بار. ئۇلاردىكى ئەلمانىيلىق سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ ئىلمىي تۆھپىلىرىنى ئىنكار قىلىشقا، ئۇنىڭغا كۆز يۇمۇشقا، ۋەشۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىلمىي تۆھپىلىرىنى پەش قىلىپ ئۇلاردىكى ئەلمانىيلىقنى يېپىشقا، ھەدەپ قارىغۇلارچە ئۇلارغا چاپان يېپىشنىڭ ھېچقانداق بىر ئورنى يوقتۇر. بۇ نۆۋەتتە بىر زۈرۈرىيەتسىز مەسىلىدۇر. بارى بار، يوقى يوق. بۇنىڭدىن باشقىسى تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈشنىڭ باشقىچە ۋارىيانتى.
ئارسلان ئابدۇللا مۇئەللىم ئىلمىي قابىلىيىتى ھەقىقەتەن يوقىرى، تالانتلىق بىر مۇئەللىم. مەن ماگىستىرلىق ۋاقتتىمدا ئۇنىڭ دەرەسلىرىنى ئاڭلىغان ھەم ئارىلىشىپمۇ ئۆتكەن. دەرسلەرنى شۇنداق پىچەت سۆزلەيدۇ، رەھبەرلىك ئېقتىدارىغىمۇ گەپ كەتمەيدۇ. بۇ رىئاللىق. ئەمما بۇ مۇئەللىم يەنە شاراپ مەستانىسى. ئۇ ھېچقاچان ئۆزىنىڭ ھاراق ئېچكەنلىكىنى يۇشۇرۇپ باققان ئەمەس. سىنىپلاردىمۇ تۈنۈگۈن كەچتە ھەجەپ ئىچتۇق دېگەندەك گەپلەرنى ئۇدۇللا دەۋىرىدۇ. ئاخشىمى ئىچكەن ھاراقنىڭ كاساپىتىدىن ئەتىسى سىنىپتا كۆزلىرى قان قۇيقاندەك قىزىرىپ كېتىشىمۇ بۇ مۇئەللىم ئۈچۈن نۇرمال ئەھۋال. بۇمۇ ئىنكارسىز پاكىت.بۇ مۇئەللىمدە ئىلمىي ئېقتىدارمۇ بار، ئەلمانىيلىقمۇ يەتكۈچە بار.
ئابدۇقادىر مۇئەللىمنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنى ھەممىگە ئايان. ئۇنىڭ پىكىر، نۇتۇق جەھەتتىكى تالانتىغىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلار قايىل. گەپ – سۆزلىرى بەكمۇ مەزمۇنلۇق، ئادەمنى جەلىپ قىلىدۇ. دەرس ئۆتۈش ئۇسلۇبىمۇ بەك ئۈنۈملۈك. ئۇ، مەن دەرسلىرىدىن كۆپ نەپ ئالغان مۇئەللىملەرنىڭ بىرى. ئەمما بۇ مۇئەللىمنىڭ تەرجىمىھالىدا دېيىلگەندەك موللا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان دېگەندىن باشقا دىن بىلەن بەك بىر چېتىشلىقىمۇ يوق. بار دېيىلگەن تەقدىردە ئۇنىڭ بىر نەچچە دىندار زىيالىلار بىلەن باردى – كەلدىسى بار. گەرچە ھاراق مەستانىسى، چوڭ كەيىپدار دەپ داڭلانمىغان بىلەن، بۇ مۇئەللىمدىمۇ ئەلمانىيلىق خاھىشى يەتكۈچە بار. بۇنى شۇ مۇئەللىم ئۆزىمۇ ئېتراپ قىلىدۇ...
قورئان كەرىمنىڭ تەرجىمسىگە قاتناشقۇچىلار ۋە تىل نوقتىسىدىن تەكشۈرگۈچىلەر دېگەن قۇرلاردا يوقىرىقى ئىسىملارنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئاجايىپ بولۇپ قالدى. قاتتىق بىر خورلۇق ۋە مۇقەددىساتلارغا قىلىنغان بىھۆرمەتلىك ئىسكەنجىسىدە تولغۇنۇپ كەتتىم. ھاراق سورۇنىدىن قايتىپ كېلىپ مۇقەددەس راۋاقلارنى سىزىپ يۈرگەنمىدۇ؟؟؟ بىر قولىدا تاماكا، يەن بىر قولىدا قەلەم ئوينىتىپ يۈرۈپ، تاپشۇرۇق دەپتەرلەرنى تەكشۈرگەندەك جىجىلاپ يۈرگەنمىدۇ مۇبارەك لەھزىلەر پۈتۈلگەن سەھىپىلەرگە؟؟؟باشقىلاردىن كۆرىۋاتقان خورلۇق – سىتەملەر يەتمىگەندەك، ئۆز ئارىمىزدىن چىقىپ مۇقەددىساتلىرىمىزنى پايخان قىلىش نىمە كۈن بىزگە!!! « ئۇنى پەقەت پاك كىشىلەرلا تۇتىدۇ.» دەپ ئېقىن ئېيتقانىدىغۇ ئاللاھ. بۇلارغا بولغان يەنە بىر نارازىلىقىم، نىمىشقا ھەممە ئىشقا چات كېرىپ يۈرىدۇ؟مەدەنىيەت دېسىمۇ مەن شۇ دەپ، تىل دېسىمۇ مەن بار دەپ، ئەدەبىيات دېسىمۇ مېنىڭكى دەپ. ئۆتۈپ – تېشىپ دىن، يەنى كېلىپ چاقچاق قىلىشقا بولمايدىغان، ئىخلاستىن باشقىنى كۆتۈرمەيدىغان قورئان كەرىم دېسىمۇ مەن دەپ يۈرمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى ئازمىدى. بىرلىرى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھۆكۈمەتتە ئىشخانا مۇدىرلىقىغا ئۆستى. يەنە بىرسىمۇ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى دېگەن قالپاققا ئېرىشتى. مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ يېتەرلىك ئىدىغۇ ئۇلارغا. قورئاندىن ھېچقانچە نەرسە بىلمەيدىغان، ئىسلام دىيانەتىدىن سۆز ئېچىشقا بولمايدىغان شەخىسلەرنىڭ قورئان تەرجىمىسىنى بېكىتىش ئالۋىڭىغا كېرىشكىنى نىمىسى؟ بۇ كاتتىلىرىمىز نىمىشقا ئۆزىنىڭ چاممىسى يەتمەيدىغان، بىلىش دائىرىسىنىڭ، تەتقىقات چەمبىرىكىنىڭ سىرتىدىكى ئىشلارغا چات كېرىپ، مازلىشىپ يۈرۈيدۇ؟بۇ، بىر تەرەپتىن ئولاردىكى چېكىدىن ئاشقان مەمەدانلىق، تەكەببۇرلۇق، ساختا شۆھرەت تاماسىنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بولسا، يەن بىر تەرەپتىن، كەڭ ئامما تەرەپتىن ( ئەلۋەتتە بۇلارنى بىلىدىغان ئامما تەرەپتىن بولىدۇ. ئۇلارنى ھېلىھەم نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ بىلمەيدىغانلىقىمۇ بىر رىئاللىقتۇر.) بۇلارنى ھەممىگە قادىر ئەۋلىيا ئەزەم دەپ كۆككە ئۇچۇرۇش، ئۇلارغا ھەممە ئېقتىدارنى يۈكلەپ، ئۇلارنى ئىگىز تەكچىلەرگە چىقىرىپ قويغانلىقىدىندۇر. ئەسلى بۇلار ئۆزلىرىنى سەل چاغلىشى، دائىرىسىدىن ھالقىغان ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتىشى كىرەك ئىدى. چۈنكى ئۇلار قورئان تەرجىمىسىگە قاتناشمىسىمۇ ئىشسىز قالمايتتى. لېكىن ئۇلار بۇنداق قىلمىدى. ناۋادا بۇلار ئۆزلىرىنى چاغلىيالماي قالغاندا ( ئەمەلىيەتتە شۇنداق بولدى!) كەڭ جامائەتچىلىك ئۇلارغا ئازراق يۈگەن سېلىپ پەسكويغا چۈشۈرۈپ قويسىمۇ تامامەن بولاتتى. ئەمما جامائەت پىكىرى بۇنىمۇ قىلمىدى. بەلكى ئۇلار شۇ توپ بەخىش ئەتكەن مۇكەممەلىكلەردىن مەستخۇش بولۇپ خۇدىنى يوقىتىپ ئۆزىنى بىلمەيلا بۇ قاينامغا سەكرەپ سالدى. مانا بۇ زىيالى ئاتالغان كاتتىلاردا ساقلانغان ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقتۇر. ئۆز ئورنىنى ئۆزى دەڭسىمەي، ئۆزىنى باشقىلارنىڭ دەڭسەپ قويىشىغا تارتقۇزۇپ قۇيۇش نۆۋەتتە زىيالى ئاتالغانلار ئىسلاھ قىلمىسا بولمايدىغان بىر نوقتىدۇر. ئارسلان مۇئەللىم ۋە ئابدۇقادىر مۇئەللىم بۇ ھالدا ئىكەنيۇ، ئۇنىڭدىن باشقا تىل نوقتىسىدىن تەكشۈرۈشكە قاتناشقان شايكىلارغا باھا بېرىپ سىياھنى ئىسراپ قىلىشنىڭ مەنچە ھېچبىر زۈرۈرىيىتى بولمىسا كىرەك. تەنتەكلىكىدىن بەكرەك زالالىتى ئۈستۈن كەلگەن بۇ بىچارىلەر ئۆزلىرىنىڭ نىمە ئىشقا تۇتۇش قىلغانلىقىنى ئويلىمايلا مۇبارەك كىتاپلارغا چېقىلىپ قويغان. ئۇلارنىڭ ھىسابى ئاللاھقا قالدۇرۇلغاندۇر. تەۋسىيەيىمىز، بۇ زىيالى ئاتالغان ئەلمانىيلەر ئۆز خاتالىقىغا ۋە بۇندىن بۇرۇن ۋە بۇندىن كىيىن نىمە ئىش قىلغانلىقىغا ئەمەس، شۇنداقلا بۇ ئىشقا ئۆزلىرىنىڭ سالاھىيىتى بار- يوقمۇ دېگەنگە ئەمەس، پەقەت ۋە پەقەت قورئان كەرىم تەرجىمىسىنى بېكىتىشكە قاتناشقانلىقىغا بولسىمۇ بىر پىكىر يۈرگۈزۈپ باقسا. بەلكىم مۇشۇ بىر نوقتىلا ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ خېلى ئىشلاردا سالاھىيەتسىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرسا ئەجەپ ئەمەس.
5. بۇ قېتىمقى تەرجىمىنىڭ تەرجىمە سۈپىتىدىن قارىغاندا كەسكىن دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ بىر لاياقەتسىز، سۈپەتسىز تەرجىمە. بۇ تەرجىمىنى ئوقۇپ باققانلار ھىس قىلغاندۇر بەلكىم، قەدەمدە بىر ئۇچراۋاتقان مەنتىقىسىزلىكلەر، ئۇقۇم جەھەتتىكى ئېلىشاڭغۇلۇقلار، جۈملىلەرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇلىشىدىكى لوگىكىسىزلىقلار، مەنە جەھەتتىكى ئېلىشتۈرىۋېتىشلەر، ئۇيغۇر تىلى تەپەككۇر شەكلىگە بولغان زىتلىقلار، ئەسلى تېكىستتىن چەتنەشلەر، يالماپ – تۆشەپ قىلىنغان ئىخچاملىۋېتىشلار، ئەرەپچە لەھزى بىلەن ئۇدۇل كەلمەسلىكلەر، سۆز ئىشلىتىش جەھەتتىكى جايىغا چۈشمىگەن لىكسىكىلار،....ھاي، ھاي، قايسى بىرىنى دەپ بۇلاي؟ ناۋادا بۇ تەرجىمە شۇنچە كاتتا كومپارتىيە رەھبەرلىك قىلغان، مىليونلىغان مۇسۇلماننى ئېغزىغا قارىتىپ يۈرگەن ئىسلام جەمىيىتى ئۇرۇنلاشتۇرغان، كومپارتىيە رەھبەرلىكىدە كاتتا ئاتالغان ئالىم – ئۆلىمالار تەرجىمە قىلغان، ئۇيغۇرغا تەۋە موللا – كىراملار تەكشۈرۈپ ئەلگەك سالغان، ئەڭ داڭدار ئۇيغۇر تىلى مۇتەخسىسلىرى تىل تەكشۈرۈشىنى قىلغان، كوللىكتىپ بىر جامائەنىڭ ئەمگىكى بولماي، بۇلار ئىچىدىكى بىرەر شەخىسنىڭ يەككە ئىشى بولۇپ قالغان بولسا بۇ تەرجىمە ئەينى دەۋردىكى ئەرەپ مۇشرىكلىرىنىڭ قورئانغا قارشى ئېيتقان « پىل، پىل دېگەن نىمە؟ پىل دېگەن تۇمشۇقى ئۇزۇن، قۇيرۇقى قىسقا بىر نىمە » دېگەندەكلا بىر تەرجىمە بولۇپ قالارمىدىكىن تاڭ.
تېخى تەپتارتماستىن كىرىش سۆز قىسمىدىلا بۇ تەرجىمە قىرىنداش مىللەتلەرنىڭ تەرجىمە نۇسخىلىرىدىن، خەنزۇچە، ئىېنگىلىزچە نۇسخىلىرىدىنمۇ پايدىلىنىپ تۇرۇپ قىلىندى دەپ قىپقىزىل يالغاننىلا ئېيتىپ تاشلاپتۇ. خەنزۇچىدىن پايدىلىنىلدى دەپ ماختالغان بولسا بەلكىم شۇنداقتۇر دەپ ئىشىنەر ئىدۇق. چۈنكى جانابىي تەرجىمانلار ئىچىدە خەنچىگە بولجۇڭ گۆشىگىچىلىك چىلاشقان بىر ئىككى كاتتىلار بار ئىكەن. گەرچە ئۆزبىك، قازاق، قىزغىز تىللىرى ئۇيغۇر تىلىغا يېقىن، بىر مەنبەلىك تىللار بولسىمۇ، لېكىن بۇ تىللاردىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك سۇنئىي تەرەققياتلار، مىللەتلەر ئارىسىدىكى ھاڭنىڭ بارغانسىرى يىراقلىشىشى سەۋەبلىك، بۇ قېرىنداش تىللار ئارىسىدا مۇنداقلا ئۇقۇپ قويسىلا ئۆگىنىپ ئالىدىغان ئىش كەلمەسكە كەتكىلى خېلى بولغان بولۇپ، بۇ تىللارنىڭ بىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈنمۇ خېلى ۋاقىت كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قورئان كەرىم تەرجىمىسى تىلنىڭ ئەڭ يۈكسەك بالاغىتىنى سىنايدىغان بىر ئۆتكەل بولغانلىقى سەۋەبلىك، بۇ تەرجىمانلىرىمىزنىڭ بۇ قېرىنداش تىللار ھەققىدىكى مەلۇماتى بۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى نول قىلىپ تۇرۇپتۇ. ئېنگىلىزچەدىن پايدىلىنىلدى دېگەنگە كەلسەك، مۆھتىرەم ھاجى يەسلى سەۋىيەدە بىلىدۇ بۇ تىلنى. باشقىلار بەلكىم دۇنيادا ئىنگىلىز تىلى دەپ بىر تىلنىڭ بارلىقىنى بىلەر. ئەمما بۇ تىلدىن خەۋەرسىز. ئەھۋال شۇ ئىكەن، بۇلار قانداقمۇ ئېنگىلىزچىدىن پايدىلىنالايدۇ. ئۇنڭى ئۈستىگە قورئان كەرىمنىڭ ئېنگلىزچە ھەرقايسى تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ تىلى ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، مانا ئامىرىكىدىكى مەنمۇ لوغەت ئەكىلىپ قۇيۇپ ئولتۇرۇپ ئوقۇيمەن بۇ تىلدىكى تەرجىمىسىنى. دېمەك، بۇ باياندىكى خەنچىدىن دېگەندىن باشقا مەزمۇنلار ئۇچۇقلا يالغان. يالغانچىلىقنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكۈمىنى بۇ يەردە دەپ يۈرمىسەكمۇ ھەممىمىز ئۇبدان بىلىمىز. يالغانچىلىق ئەتراپىمىزدا ئاش – نانغا ئوخشاش كەڭرى بولۇپ كەتكەن بىلەن، ئىسلام  دىنىنىڭ يالغانچىلىققا بەرگەن ھۆكۈمى كۈچتىن قالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پالان، پالان تىللاردىن پايدىلاندۇق يالغاننى سۆزلەشنىڭ ھېچبىر ئورنىمۇ يوق بۇ يەردە. چۈنكى، مەيلى سىز دۇنيادىكى بارلىق تىللاردىن پايدىلىنىڭ، بىزگە كىرىكى، قورئان ئايەتلىرىنى  ئۇيغۇر تىلىغا راۋان قىلىپ ئۆرۈپ بېرىشتۇر. ئېيتىشنىڭ ھېچ زۈرۈرىيىتى يوق بىر يالغان ئېيتىلغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا، بۇ تەرجىمە جەريانى يالغانچىلىق بىلەن تۇشۇپلا كەتكەن ئوخشايدۇ...
ئەمەلىيەتتە بۇ قېتىمقى تەرجىمە قىلىنغان تەرجىمە ئەمەس. بەلكى ئۇ 2- قېتىملىق ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن زورلاپ يۈرۈپ ئالدىنقى تەرجىمنىڭ لىكسىكىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئويۇن ئويناش، مەنىداش سۆزلەرنى  ئالماشتۇرۇش، جۈملىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، گېزى كەلسە كەسلىۋېتىش، يوقىرىقىنىڭ كۆرسەتمىسى بار جايلارنىلا ئاشۇلارنىڭ ئىرادىسىگە ئۇيغۇن قىلىپ سېلىقلاشتۇرۇپ، پىرىسلاپ بەرگەن بىر تەرجىمىدۇر. بۇنىڭدا ھېچبىر يىڭىلىق، ئىجادىلىق يوق. بۇنى ئىككى خىل تەرجىمىنى ئوقۇپ باققان ئادەم ئاسانلا ھىس قىلىپ يېتەلەيدۇ. ناۋادا بۇنى زادى تەرجىمە دېمىسەك بولمايدۇ دېيىشكە توغرا كەلسە، بۇ پەقەت بىر قېتىملىق ئالدىنقى تەرجىمىگە ئاساسەن قىلىنغان يامالغان تەرجىمەدۇر خالاس.
5.        قورئان كەرىمنىڭ بۇ قېتىمقى تەرجىمە نۇسخىسى ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك تىز سېتىلدى. بۇ، ئۇيغۇرلار جەمىئىيىتىدە نەچچە ۋاقىتتىن بىرى داۋاملىشىۋاتقان دىننىي ماتىرىيال قەھەتچىلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇچۇن بىر ئەھۋالدۇر. ئون نەچچە مىليون موسۇلمان نوپۇسى تۇرۇپ، ئالتە – يەتتە نەشىرىيات ئورگانلىرى بار تۇرۇپ چىقارغان دىنغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى سانىساق ناھايىتى ئونلا بارماقلارىمىزمۇ ئېشىپ قالىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ خەلق نەشرىياتى دەپ ئاتالغان بىر ئورۇننىڭ نەشىر قىلغان ئىسلام دىنىغا ئائىت تۇنجى كىتابى. ( بۇ نەشرىياتنىڭ بۇرۇنلاردا ئىسلام نامى بىلەن ئاتالغان ياكى دىنغا چېتىشلىقى بار بىر نەچچە پارچە كىتاپ چىقارغانلىقى راست. ئەمما بۇ كىتابلار نۇقۇل دىنىي كىتاپ بولماستىن ياكى مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن يېزىلغان كىتابلار بولماستىن، دىن تەتقىقات كاتىگورىيەسىدىكى ئەسەرلەر بولۇپ، خەلقىنىڭ دىننىي ئىھتىياجىدىن زىيادە يېراقلاشقان ياكى ئەسلى مەنبەلىك ئىسلامىي ئەسەرلەر ئەمەس!) بۇ نوقتىنىڭ ئۆزىلا مۇسۇلمانلارنى بۇ قېتىمقى تەرجىمەنىڭ نىمە ئۈچۈنلىكىنى ئاڭقىرىۋېلىشىغا، شۇنىڭدەك خەلق نەشرىياتى دەپ ئاتالغان بۇ ئۇرۇننىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېھتىياجى – دىننىي ئېھتىياجى ئۈچۈن ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر ئىش قىلىپ بەرمىگەنلىكىگە، ئۇ ئورۇننىڭ قايسى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنىمۇ چۈشىنىۋېلىشقا چوڭ ياردەم بېرىدۇ. ئۇيانغا بېرىپ، بۇ يانغا بېرىپ بۇ قېتىمقى تەرجىمەدىن پايدا ئالىدىغان تەرەپ خەلقنىڭ ئېتىقادى ئۈچۈن ھېچنىمە قىلىپ بىرەلمىگەن، شۇ ھالىغا باقماي يەنە خەلق نەشرىياتى دەپ ئاتالغان نەشرىيات ئورنى بولىدىغان ئوخشايدۇ. كىشىلەرنىڭ قورئان كەرىم تەرجىمەسىنى ئۆچىرەت ساقلاپ سېتىۋېلىشلىرى، قاتتىق تالاش – تارتىشتا قالغانلىقىدەك مەزىرىلەر، ئاسمان پەلەك باھا بۇ سۆزىمىزنى ئىسپاتلىسا كىرەك.
يۈز بەرگەن ئەھۋاللاردا قارىغاندا، كىتاپخانا خىزمەتچىلىرى كىشلەرنىڭ بۇنداق قىزغىنلىق بىلەن تالىشىپ تۇرۇپ كىتاپ سېتىۋېلىنغان ھالەتنى ئەسلا كۆرۈپ باقمەپتىكەنمىش. ئۇلار قورئان كەرىم تەرجىمەسى بازارغا سېلىنغاندىن كىيىن ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتكەن بولۇپ، يېتىشەلمەيلا قالغان. ھەتتا خوتەن ۋىلايەتلىك كىتاپخانىدىكى نۇمۇسسىز گەدەنكەشلەر ئامباردا قورئان كەرىم بار، ئەمما ئەكىلىدىغان ماشىنا يوق دەپ قورئان كەرىم تەرجىمەسىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەرنىڭ باشقا كۈنى كېلىشنى، ناۋادا ماشىناسىنى چىقارغۇچىلار بولسا ئامبارغا بېرىپ ئېكىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى بۇ پەسەندىلەرنىڭ خاراكتىرىدىكى رەزگەىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ماشىنا يوق! بۇمۇ باھانىمۇ ئەمدى ھە؟
خەلق نەشرىياتىنىڭ بۇ قېتىمقى قورئان كەرىم تەرجىمەسىنىڭ باھا مەسىلىسى چۈشەندۈرۈش بېرىش ئېھتىياجلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى. مىڭ سوم دەپ يېزىلىپتۇ باھا. 380 سوملىقىمۇ باركەن. ناۋادا پۇل بىلەن ئۆلچەشكە توغرا كەلسە، قورئان كەرىم بىباھادۇر. ئۇنى خەلق پۇلى بىلەن ئەمەس، دوللار بىلەنمۇ قىممەتىنى ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ. دېمەك، ئۇنى قىممەت باھادا سېتىش قانداقتۇر قورئان كەرىمنىڭ كۇرسىنى يوقىرى كۆتۈرگەنلىك ئەمەس. قورئاننىڭ قىممىتى ۋە ئۇنىڭ باسمىنىڭ باھاسى ئىككى ئوقۇم. ئارىلاشتۇرىۋېتىشكە ئەسلا بولمايدۇ. ناۋادا بۇ ئىككى ئوقۇم ئارىلىشىپ كەتسە، قورئان كەرىمنى پۇل بىلەن ئۆلچەش خاتالىقى يۈز بېرىدۇ. شۇڭا بۇ يەردىكى باھانىڭ قىممەتلىكى ئۇنىڭ باسمىسىغا قارىتىلغان بولىدۇ. بۇ نەشرىيات ئەزەلدىنلا كىتابلىرىنىڭ قىممەتلىكى بىلەن ( ئۇيغۇرچە كىتابلىرىنىڭ شۇنداق. ئەمما خەنچە، قازاقچە كىتابلارنىڭ باھاسى يەنىلا مۇۋاپىق. ئۇيغۇرچە بىلەن بۇ يېزىقتىكى كىتابلارنىڭ باھا پەرقى خېلىلا زور. دىققەت قىلىپ بېقىڭلار، بۇ نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟) خاراكتىرلەنگەن. شۇنداق بولسىمۇ بۇ قېتىقمى قورئان كەرىم تەرجىمەسى يۈزلىنىدىغان ئوبيىكتلىرى ۋە تىراژىنى كۆزدە تۇتقاندا، باھانى بىر ئاز تۈۋەنرەك قويغان بولسا ئاقىلانىلىك بولاتتى. بۇ كەڭ خەلققە يۈزلەنگەن بىر كىتاب. سىلەر، بىزلەرگە ھېچقانچە بىلىنمىگىنى بىلەن، مۇقىم مۇئاش كىرىمى يوق، تېرىكچىلىكى ئىشلەشكىلا قاراشلىق كىشىلەرگە نىسبەتەن خېلىلا ئۆرە باھا بۇ. بۇنى مائاشلىقلار، ھۆكۈمەت خاتىرىسىگە ئېلىنىشىپ قالغانلارنىڭ تۈركۈملەپ تۇرۇپ كۆپلەپ سېتىۋېلىشى ناتايىن. پەقەت مۇشۇنىڭغا ئالاقىدار تەتقىقاتچىلار، شۇنداقلا ئاز بىر قىسىم زىيالىلار ئاندا – ساندا سېتىۋالمىسا كۆپ سانلىق بۇ قاتلام كىشىلىرىمىز بۇنى سېتىۋالمايدۇ. رىئاللىىقمۇ بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بۇنى سېتىۋالىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىىسى يەنىلا كەڭ ئاۋامدۇر. بۇ باھا مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدە يوقىرى بىىلىنمىگەن بىلەن، قانچە ئۇيغۇرلار كۆپلەپ ئولتۇراقلاشقان  جايلارغا بارغانسىرى بۇ باھانىڭ ئۆرە بىلىنىش كوئىڧىسنتى يوقىرىلاپ ماڭىدۇ. خوتەن، قەشقەردىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ باھانى كۆرۈپ ئەيمىنىپلا كەتكىنى، ئېزتىراپ ئىچىدە ئاھ ئۇرغانلىقى بۇنىڭ پاكىتىدۇر. بىز بۇ تەرجىمەنى خەقنى چۆمچەيتىش ئۈچۈن باسمىغاندىكىن، سەل مۇۋاپىقراق باھادا چىقارساق، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن بولمايمىزمۇ؟( ئەمەلىيەتتە بۇ گەپنى دېگەننىڭغۇ بۇلارغا قىلچە پايدىسى يوق. چۈنكى، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش دېگىنى ئەمەلىيەتتە خەلقنى تار يەردە تېخىمۇ قىستاپ، ۋايىغا يەتكۈزۈپ قاختا – سوختا قىلىش، خەلق دېگەننى باشقىلارغا تىكىلپ قارىيالمايدىغان، دەردىنى سىرتىغا ئەسلا چىقىرالمايدىغان قىلىپ قۇيۇش دېگەنننىڭ جوڭگۇچە چۈشەندۈرۈلىشىدۇر. ئەمما بىزدىكى ۋىجدانى مەسئۇلىيەت بۇنى دېيىشكە ئۈندەيدۇ.) ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتىكى كىتابلارغا قارىغاندا مۇتلەق كۆپ تىراژدا بېسىلغان بۇ نۇسخا تەرجىمەنىڭ باھاسى بارغانسىرى تۈۋەن بولۇشى كىرەك ئىدى. تىراژ قانچە كۆپ بولسا، باسمىنىڭ باھاسىنىڭ قەغەز تەننەرخىگە يېقىنلايدىغانلىقى ئېنىق بىر ئىشقۇ. توغرا، بۇ باسما نۇسخا رەڭلىك قىلىپ، نەقىشلىنىپ، كۆركەم چىقىرىلغانمۇ دەيلى، ئەمما ئۇ شۇنچىۋىلا باھا قويۇشنىڭ نىمە ئاساسى بار؟ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇنىڭغا مىڭ سومغا بارابەر قىممەتتە نەقىش ئىشلىمىگەندۇ؟ سەئۇدى ئەرەبىستان ئىستىمال سەۋىيە جەھەتتە بىزدىن خېلىلا يوقىرى تورىدىغان، ھەشەم جەھەتتە بىز قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدىغان ھالدىكى بىر دۆلەت. ئەمما ئاشۇ دۆلەتتىكى باھا بىزدىكى باھادىن خېلىلا تۈۋەن. سەئۇدىدا ئۆزۈم كۆرگەن بىر نۇسخىنى مىسال قىلاي: بۇ نۇسخا دىيارىمىزدا بېسىلغان نۇسخىدىن خېلىلا كۆركەم، باسما سۈپىتى جەھەتتىمۇ بىزدە بېسىلغىنىدىن كۆپ ياخشى. ھەتتە سەھىپىلەردىكى ئايەتلەر ئالتۇن سۈيي ئارىلاشتۇرۇلۇپ بېسىلغان. بازارغا يۈزلەنگەن،  ڧورمات جەھەتتە بىزدىكى مىڭ سوملۇق بىلەن تەڭ قورئان باسمىسىنىڭ باھاسى ئارانلا 250 رىيال. بۇنى بىزگە سۇندۇرسا 430سوم ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇلارمۇ بۇ باسمىدىن پايدا ئالىدۇ. باج تۆلەيدۇ. تېخى ئولار بىزدىن يوقىرى ئېستىمال سەۋىيەسى، چىقىم مۇھىتىدا تۇرۇپ بۇ باھانى چىقارغان. لېكىن بىزلەردىكى تويماسلار موسۇلمانلارنىڭ روھىيىتىدىكى قاغجىراشنى نىشان قىلىپ، باھانى ئۇلارنىڭ كۆتۈرۈش كۈچىدىن ھالقىتىۋەتكەن. ئاران بىر چىققان بۇ نۇسخىدىن بىلەك قاچانلىققا يەنە دىننىي كىتاب چىقار، يا ئەمدى مۇشۇنىڭلىق بىلەن دىننىي كىتاب چىقىش توختاپ قالارمۇ دېگەن دىلغۇللۇق ئىچىدە مەيلى قىممەت بولسىمۇ، كوچىدا جىم يۈرسەممۇ رومىلىڭ چوڭكەن، كوينىكىڭ ئوزۇنكەن، بۇرۇتۇڭ قۇيۇقكەن دەپ ئاقماس سىياسەتلىرىنى دەستەك قىلىپ جەرىمانە ئالسىمۇ ئالىدىكەن، ئۇنىڭدىن كۆرە بۇ پۇلنى مۇشۇ  يەرگە خەجلەي، ساۋاب بولار دېگەن ئۈمىدتە سېتىۋالىدۇ... مانا بۇ خەلقنىڭ يىلىكىنىى شوراش دېيىلىدۇ. ئەمما ئۇ بىزنىڭ بۇ جايلاردا بازار ئىگىلىكى دەپ پەردازلىنىدۇ. ئىنساپسىزلىقنى، ئاچكۆزلىكىنى سەتەڭ نەزىرىيەلەرى بىلەن يۆگەشكە ئورۇنغان بۇنداق نائەھلىلەرنىڭ جۆيلىگەن ئېغىزلىرىغا تاش – تۇپراق...
دېمىسەك ئەسلا بولمايدىغان، ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى پەقەتلا يوق، ئەمما ئادەمنى ئاجايىپ گاڭگىرىتىدىغان يەنە بىر مەسىلە ئۇيغۇر دىننىي ئالىملىرى ئىچىدىلا ئەمەس، پەننىي ئالىملار ئىچىدىمۇ يۈكسەك كامالەتكە يەتكەن، قورئان كەرىمنىڭ بىرىنچى قېتىملىق تەرجىمىسىنىڭ تەرجىمانى بولغان مۆتىۋەر بىر زات – مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ بۇ قېتىمقى تەرجىمىدىن پۈتۈنلەي چەتلەشتۈرۈلۈشىدۇر. بۇمۇ بۇ قېتىمقى تەرجىمە جەريانىدا سادىر قىلىنغان چوڭ خاتالىقلارنىڭ بىرىدۇر. توغرا، بۇ ئادەم ئۆزى ئۇنىمىغاندۇ بۇ تەرجىمەگە قاتنىشىشقا. ۋەياكى قارشى تۇرغاندۇ يىڭى تەرجىمىگە، سالامەتلىك ئەھۋالى يار بەرمىگەندۇ بەلكىم...نىمىلا بولمىسۇن، بۇ ئادەمنىڭ يىڭى تەرجىمىگە ھەرقانداق پىكىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئادەمنىڭ پىكرى مۇۋاپىق نەزەرگە ئېلىنىشى، بۇ ھەقتە كەڭ جامائەتچىلىككە بىر قىسقىچە بولسىمۇ چۈشەنچە بېرىلىشى كىرەك ئىدى. لېكىن بۇ ئىش ھېچقايسى تەرەپنىڭ ئىسىگە كىلىپمۇ قويمىغان چېغى. بولمىسا بۇ ھەقتە قايسى زۇۋاندىن بولسىمۇ بىر ئۇچۇر چىقار بولغىيدى. جامائەتچىلىككە چۈشەنچە بەرمەي سېسىپ ياتقاننىڭ سورۇقچىلىقىنى ۋاك بەچچەدىن كىينكى جاڭ ھەزىلەكنىڭمۇ تارتقۇسى بار ئوخشايدۇ...
مەلۇم بولغىنىدەك، مۇھەممەد سالىھ داموللام تەرجىمە قىلغان قورئان تەرجىمىسى سۈپەتلىك چىققان تەرجىمە نۇسخىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە ئالقىشقا ئېرىشتى. ھەممە ئۇيغۇر بۇ تەرجىمەنى كۆزگە سۈرتۈپ ئەتىۋارلىدى. قورئان ئايەتلىرىنى چۈشۈنىشتە مۇشۇ تەرجىمىنىڭ رامكىسى ئىچىدە پىكىر قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلاردا دىننىي ئاڭ - چۈشەنچە، پىكىرى  جەھەتتە بىردەكلىك بارا – بارا شەكىلللىنىپ، ئىدىيەدىكى بىرلىشىش يۆنىلىشى تىزلەشتى. قورئان كەرىمنىڭ نوپۇزى يەنە بىر قېتىم ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىپاقلىشىشىدىكى يىگانە ماياكقا ئايلاندى. چۈشەنچىلەر، مەيلى ئىلىم ئەھلىلىرى ئىچىدە بولسۇن ياكى زىيالىلار ئارىسىدا بولسۇن، ۋە ياكى كەڭ ئاۋام ئىچىدە بولسۇن، قورئانغا قاراپ توغرىلىنىشتەك گۈزەل بىر ھاسىلات مەيدانغا كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ دىن ئۆگىنىش ھەقلىرى تارتىۋېلىنىپ، ئۇلارنىڭ بىرەر مەكتەپ ياكى موللامدىن دىننىي ئىلىم ئۆگىنىشى مۇمكىن ئەمەس بولۇپ قالغان بىر ئەھۋال ئاستىدا، بۇ تەرجىمە راۋان ۋە ئاممىبابلىقى بىلەن ياشلار ئارىسىدا زور داغدۇغا پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى يۈزەكى بولسىمۇ دىن بىلىملىرى بىلەن تەمىن ئەتكەن، ئۇلارنىڭ كاللىسىنى، تەپەككۇرىنى چالغىتىپ، دىننىي كىملىكىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئورنىنى ھېچنىمە ئالالمايدىغان رول ئوينىغان. قورئان كەرىمنىڭ ھۆكۈملىرىنىڭ مۇتلەق نوپۇزى كۆپ سانلىق كىشىلەردە يۈكسەك غايىگە ئايلانغان. نوپۇز كۈچىنىڭ ۋەھىمىسى دائىرىلەرنى يىڭى تەرجىمىگە دالالەت قىلغان. مانا شۇ سەۋەپتىن بۇ قېتىمقى قىلىنماسلىقى كىرەك بولغان زۈرۈرىيەتسىز تەرجىمە روياپقا چىققان. ئەلۋەتتە قورئان كەرىمنىڭ بىر تىلغا نەچچە قېتىم تەرجىمە قىلىنىشى تامامەن بولىدىغان بىر ئىشتۇر. بەلكى شۇنداق بۇلۇشى قورئان كەرىم تەتقىقاتىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنى چۈشۈنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆز ھاللىرىنى ئىسلاھ قىلىش قەدەملىرىنى تېزلىتىپ، پايدىلىق رول ئوينىشى مۇمكىندۇر. ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسالام دېگەندەك « ئەمەللەر نىيەتلەرگە باغلىقتۇر.» ناۋادا بۇ قېتىمقى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمۇ خالىس نىيەتلەرنىڭ تۈرتكىسى بىلەن لاياقەتلىك، ئىخلاسمەن، سالاھىيەتلىك كىشىلىرىمىز تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تەرجىمە قىلىنغان بولسا، بىز بۇنىڭدىن ئەلۋەتتە چەكسىز خۇرسەن بۇلاتتۇق، ئۇلارنىڭ ئىشىغا بەرىكەت تىلەپ، بالدۇرراق تاماملىنىشى، دىنغا زار، ئەمما دىندىن يېراق تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا  مەنپەئەتلىك ئىلىم بولسىكەن دەپ ئەزگۈ تېلەكلىرىمىزنى تىلەپ، شۇ ئىشنى قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەققىگە رەببىمىزگە خەيرلىك دۇئالىرىمىز بىلەن يۈزلىنەر ئىدۇق. ئەپسۇس، مىڭلارچە ئەپسۇس... بىرلىكتىن كۆپرەك ئىختىلاپنى، ساۋاپتىن بەكرەك ھەسەبنى قوغلاشقان بۇ تەرجىمە ئەل ئىچىدە ئەڭ نىجىس ناملار بىلەن ناملانغان بىر نەچچە سالاھىيەتسىز، نىمە سەۋەپتىن تاڭ موللا ئاتىلىپ قالغان مەسئۇلىيەتسىز كىشىلەرنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويماي، قاپيۈرەكلىك بىلەن جاھىللارچە چېپىشلىرىدىن داستىخانغا چىققان بۇ تەرجىمەگە ئەلۋەتتە رازىلىقمىز يوق. ئۇنى دىن ئۈچۈن قىلىنغان خىزمەت دەپ ئەمەس، بەلكى ئۈممەت ئۈچۈن قىلىنغان سۇيقەست دەپ بىلىمىز. بۇ كىشىلەرگە خەيرلىك دۇئا قىلىپمۇ يۈرمەيمىز، بەلكى ئاللاھتىن بارغانسىرى بىقۇۋلۇققا چۈشۈپ قېلىۋاتقان خەلقىمىزنى سۇيقەست، نەيرەڭلەردىن ئامان قىلىشىنى، بىزگە ئاللاھتىن قورقىدىغان، ئىخلاسمەن ئۆلىمالارنى باش قىلىشنى تىلەيمەن!  

1-ئىنكاس
قۇرئان كەرىمنىڭ يېڭى تەرجىمىسى ھەققىدە

قۇرئان كەرىمنىڭ قايتا تەرجىمە قىلىنغانلىقى باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا ئوخشاش مىنىمۇ بەك خوشال قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن 15-قەھرىتان كىتاپخانىغا بېرىپ كىچىكى تۈگەپ كىتىپتىكەن ئامالسىز مىڭ يۈئەنلىك چوڭىدىن بىرنى سېتىۋالدىم چۈنكى مىڭ يۈئەن پۇل بىرقىسىم بايلىرىمىزغا ئانچىكى پۇل بولغان بىلەن، كۆپ سانلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارىغا نىسبەتەن ئاز پۇل ئەمەس ئىدى.
مىڭ يۈئەن تۇرمۇشۇمغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتسىمۇ قۇرئان كەرىم   مۇقەددەس كىتاۋىمىز بولغاچقا، كۆزۈمنى يۇمۇپلام   سېتىۋالغان ئىدىم. قارىسام باشقا قېرىنداشلىرىممۇ ئۈستىبىشى ئاددى تۇرىدۇ لىكىن قۇرئان كەرىم بولغاچقا  قىممەت  بولسىمۇ شۇنداق قىزغىنلىق بىلەن سېتىۋىلىۋاتىدۇ. بۇمەنزىرىدىن تەسىر لىنىپ سۆيۈنۈپ  يىغلاپ تاشلىغىلى تاسلا قالدىم . ئەمىلىيەتتە ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان (قۇرئان كەرىم )دىسە دىلى سۆيۈنۈپ كىتىدۇ. ھەمدە ئۆيىدە بىردىن  قۇرئان كەرىم بولىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا قۇرئان كەرىمنىڭ دەسلەپكى تەرجىمىسى ئىھتىياجنى قاندۇرالمىغاچقا، سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرىپىدىن  بېسىلىپ  ھەقسىز تارقىتىلغان ئىدى . بارلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمىز  خوشال بولۇپ بۇنىڭدىن ئوبدان مەنپەتلەنگەن ئىدى.  لىكىن كىيىن نىمىسى نىم بولدى بۇنداق ھەقسىز كىتاپلار قالمىغىلى تۇردى.  
بۇقېتىمقى يېڭى تەرجىمە مۇقەددەس كىتاپقا لايىق ئالامەت ھەيۋەت كاتتا نەشىر قىلىنغان بولۇپ ، ئۇنىڭدىكى نەقىش بەت لايىھەلىرى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ  دىلىنى ئىختىيارسىز سۆيۈندۈرەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاراقلىرى سېرىق ۋاراقلىق قىلىنىپ ، جىگەررەڭ خۇرۇمدەك كۆرۈنۈشتە تاشلىنىپ  خۇددى بىر گۈزەل سەنئەت ئەسىرىدەك  ئاجايىپ جەلىپكار ئىدى. ھەمدە ئاخىرىدا ھەربىر سۈرىنىڭ ئىسمىنىڭ مەنىسى، نىمە ئۈچۈن شۇ سۈرىگە ئىسىم بۇلۇپ قالغانلىقى قاتارلىقلار تەپسىلى چۈشەندۈرگەندىن باشقا ئىسلام شەرىئىتىدىكى مۇھىم قانۇن، بەلگۈلىمە مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان (مەزمۇنلاركۆرسەتكۈچى) ئايرىم- ئايرىم ھالدا بىرىلىپ، قايسى مەزمۇننىڭ قايسى سۈرە، قايسى ئايەتتە ئىكەنلىكى كۆرسۈتۈپ بىرىلىپ  بۇقېتىمقى تەرجىمىنىڭ قوللىنىشچانلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان ئىدى.  بىراق بۇقېتىمقى تەرجىمە مەزمۇنى مىنى تازا رازى قىلالمىدى. بولۇپمۇ سۈرە پاتىھەدىكى (پەرۋەردىگار) دىگەن سۆزنى (پەرۋىشكار) دەپ ئالغانلىقى مىنى   رازى قىلالمىدى.  چۈنكى  (پەرۋىشكار)دىگەن سۆز   (پەرۋەردىگار)دىگەن سۆزنىڭ ئورنىنى ئەسلا باسالمايتى. مۇشۇ دەقىقىلەردە توردىن بۇقېتىمقى قۇرئان كەرىمنىڭ يېڭى تەرجىمىسى ھەققىدىكى ( قۇرئان كەرىمنىڭ يېڭى تەرجىمىسىگە قاتناشقانلارنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى ياخشى ئەمەس،  ئۇلار بەش يىل بۇرۇن تەرجىمە قىلىنغان قۇرئان كەرىم تەرجىمىسى دۇنيا ئىسلام جەمىيىتى تەرىپىدىن تەستىقلانماي نەشىر قىلىنمىغان ئىدى.  يېڭى تەرجىمىنى ئالماڭلار......) دىگەندەك ئىنكاسلارنى ئوقۇپ  تازا ئىشەنمىدىم  لىكىن بۇ ئىشقا نىسبەتەن سەزگۈرلىشىپ كەتتىم .ۋە دەرھال بۇقېتىمقى يېڭى تەرجىمە بىلەن ، مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىم تەرجىمە قىلغان كونا تەرجىمىنى سېلىشتۇرۇپ ئوقۇشقا باشلىدىم. ئوقۇش جەريانىدا يېڭى تەرجىمىدىكى مۇنداق نۇقسانلارنى بايقىدىم.
مەسىلەن ؛يېڭى تەرجىمىدە سۈرە تەۋبەنىڭ 66-ئايىتى مۇنداق تەرجىمە قىلىنغان.(‹ئى مەسخىرە قىلغۇچىلار! ›سىلەر ئۆزرە ئېيىتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيىتقاندىن كىيىن، ھەقىقەتەن كافىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىر گورۇھنى ئەپۇ قىلساق ،يەنە بىر گورۇھنى گۇناھكار بولغانلىقى ئۈچۈن جازالايمىز) دەپ تەرجىمە قىلىنغان . بىراق بۇ ئايەتتىكى (سىلەر ئىمان ئېيىتقاندىن كىيىن، ھەقىقەتەن كافىر بولدۇڭلار...)دىگەن جۈملىنى نىمەدەپ چۈشۈنىمىز؟ بۇجۈملىنى ئوقىغان ھەرقانداق بىر ئادەمدە (ئىمان ئېيىتقاندىن كىيىن قانداق قىلىپ كافىر بولىدۇ؟...قۇرئاننىڭ سۆزلىرى بىر-بىرىگە زىتمۇ قانداق؟.) دىگەەندەك قۇرئان كەرىگە قارىتا خاتا چۈشەنچە ھاسىل بولۇپ قالماسمۇ؟.
بىراق مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىمنىڭ تەرجىمىسىدە بولسا بۇ ئايەتنى ناھايىتى چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ؛«سىلەر (يالغان قەسەم ئىچىپ) ئۆزرەئېيىتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيىتقىنىڭلاردىن كىيىن، (پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن)كاپىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىرگورۇھنى (راسىت تەۋبە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئەپۇ قىلساق،يەنە بىر گورۇھنى گۇناھكار بولغانلىقلىرى(يەنى مۇناپىقلىق بىلەن گۇناھنى داۋاملاشتۇرغانلىقلىرى)ئۈچۈن جازالايمىز» دەپ ناھايىتى چۈشۈنۈشلۈك  راۋان تەرجىمە قىلغان. يەنە . يېڭى تەرجىمىدە «سۈرە ئىخلاس»قا ئوخشاش بىرقىسىم قىسقا سۈرىلەر تەرجىمىسىمۇ مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ  تەرجىمىسىدەك چۈشۈنۈشلۈك، راۋان ،بولماي، ئۇزۇن چۈشۈنۈكسىز بولۇپ قالغان.
بۇمىنىڭ شەخسى ھىس قىلغىنىم. قالغىننى  ئۆزىنى مۇسۇلمان ھىساپلايدىغان بارلىق تورداشلار تەڭ كۈچ چىقىرىپ ئاللا رىزاسى ئۈچۈن بىر كۆرۈپ ئىزدىنىپ باقساڭلار!. ئەسلىدە قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى تېخىمۇ ياخشىلاش مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن قائىدە بويىچە مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنى باش تەرجىمانلىققا  تەكلىپ قىلسا بولاتتى . ھېچبولمىسا مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلسا بولاتتى. بىراق بۇقېتىمقى تەرجىمىدە مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئىسمى يوق ئىكەن. بۇ نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟. بۇنىڭ كەينىدە  قانداق ئىشلار باردۇ؟. بۇنى پەقەت ئۇلۇغ ئاللاھ بىلىدۇ!.
  
2013-1-18

2-ئىنكاس
   كومپارتىيە تەرجىمە قىلغان قۇرئاننىڭ تەرجىمانلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن قايتا تەرجىمە قىلىنىپ بازارغا سېلىنغان قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىگە قاتناشقان تەرجىمانلار ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات:

بۇ قېتىمقى تەرجىمە قۇرئاننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەت قۇرلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئىھتىياجى زور بولغاچقا جوڭگۇ ئىسلام جەمىيىتى باشچىلىقىدا ئىدىيىسى ساپ تەرجىمانلار ناھايىتى ئەتراپلىق تاللانغان.

1. تەرجىمان ھاجى غۇجا ئابدۇللا ئوسمان - ئۇزاق مۇددەت مىللەتلەر نەشرىياتىدا ئىشلىگەن. خەنزۇچە سەۋىيىسى يۇقىرى. ئەرەبچە قۇرئان ساۋادى بار. ئىككى ھېيت نامىزىنى ئەزەلدىن تاشلىغان ئەمەس. پىنسىيگە چىققاندىن كىيىن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كىتاب مەزمۇنىنىڭ سىياسەتكە زىت ياكى ئەمەسلىكىنى ئوقۇپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىدا خىزمەت قىلىپ، ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ سىياسەتكە ماس ھالدا چىقىرىلىشى ئۈچۈن خەلق ئۈچۈن بىجانىدىل خىزمەت قىلىپ كىلىۋاتىدۇ.

2. تەرجىمان ئابدىقادىر مەخسۇم - بىر كۈزى ئەما. قەشقەر ئىسلام مەكتىپىدە ئۇقۇپ شۇ يەردە مەكتەپ تاقالغىچە ئۇقۇتقۇچى بولغان. ھازىرغىچە قەشقەر ھېيتكا جامەسىدە خېتىپ بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ. 1997 - يىلى ئۈرۈمچى ئىسلام مەكتىپىدە ئۇقۇتقۇچى بولغان مەزگىلدە ئىسلامدىكى ج*ھاد ۋە تىرۇرلۇق ناملىق ماقالىسى بىلەن ئىسلام جەمىيىتىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان. 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كىيىن قەشقەر تىلىۋۇزۇرىدا بۆلگۈنچىلىكنىڭ كەڭ خەلىققە كەلتۈرگەن ئاپەتلىرىگە ئىسلامنىڭ قارشى تۇرىدىغانلىقىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ خەلىقنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. يەنە بەزى يامان نىيەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن قۇرئاننىڭ جېنى دىيىلىدىغان 9 - سۈرىنىڭ مەنسۇخ ئىكەنلىكىنى ئىلان قىلغان. شۇ سەۋەبتىنمىكىن بۇ قېتىمقى تەرجىمىدە بۇ سۈرىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنىڭ بىر قىسىم جايلىرى قىسقارتىلغان.

3. تەرجىمان مۇھتەرەم ھاجى - دۆلەت ئىھتىياجى ئۈچۈن لىۋىيەدە ئەرەبچە ئۇقىغان. دۆلەتكە قايتقاندىن كىيىن شىنجاڭ ئىسلام شۆيەنىدە، شەھەرلىك ئىسلام جەمىيىتىدە خىزمەت قىلغان. كىيىن ئۈرۈمچى نۇغاي ياكى ياڭخاڭ ياكى بەيتۇلمەئمۇر مەسچىتىدە خېتىپ بولغان. ھازىرغىچە ئۈرۈمچىدىكى كەڭ كادىر خىزمەتچىلەرنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ جەننەتكە يوللاش بىلەن ئالدىراش خىزمەت قىلىۋاتماقتا.

4 . تەرجىمان ئابلىمىت داموللا - بەزى يامان نىيەتلىك كىشىلەر بۇ كىشىگە ئابلىمىت شەيتان، دەپ نام قۇيىشىۋالغان. خوتەندىكى چوڭ جامەدە خېتىپ بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ.

5 . تەرجىمان شەمسىدىن ھاجى - بىجىڭ مىللەتلەر ئۇنۋىرستىتىدا ئۇقۇتقۇچى بولغان. ئۇزاق مەزگىل جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژورنىلىدا باش بۇلۇپ ئىشلىگەن. پىراففىسۇر، دىن تەتقىقاتچىسى. ئەرەپچە قۇرئان ساۋادى بار، ئىككى ھېيت نامىزىنى ئەزەلدىن تەرك ئەتمەي كىلىۋاتقان

3-ئىنكاس
ئۈستىدىكىلەرمۇ دەپتۇ ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش:
سىزنىڭ يازغان يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ، مەنمۇ ئۆز پىكىرىمنى بايان قىلىشنى توغرا تاپتىم. كۆپچىلىك «قۇرئان كەرىم» نى ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ دەۋاتمىدى («قۇرئان كەرىم» تا قىيامەتكىچە ئۆزگەرمەيدۇ، ئۇنى ئۆزگەرتىش ھېچقانداق بىر ئىنساننىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ ئەلۋەتتە)، بىر قىسىم سۈرىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسىنى ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ، خاتا مەنە بېرىپ قويۇپتۇ دەۋاتىدۇ. ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان بەندە ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان ئوشبۇ «قۇرئان كەرىم» نى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمىغىنى بىلەن، سىز دېگەندەك «قوغلاندى شەيتان» نىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن مەنىسىنى خاتا ياكى بۇرمىلاپ يەتكۈزۈشكە تامامەن قادىردۇر. كۆرىۋاتىمىز ئەتراپىمىزدىكى بىر قىسىم ئۆلىما-موللىلىرىمىزنىڭ ئايەتلەرنى قانداق تەپسىر قىلىۋاتقىنىنى. بۇ ھەقتە باشقا مەزمۇندىكى بايانلارنى كۆرۈپ باققايسىز.
خوش، «سىلەر ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن كاپىر بولدۇڭلار...» بۇنى سىز قانداق چۈشىنىسىز؟ مۇشۇنى ئوقۇپمۇ ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ خاتا بولغانلىقىنى بىلەلمىگەن بولسىڭىز سىزگە يەنە باشقا دەلىل كۆرسەتكەننىڭ قىلچىلىك پايدىسى يوق دەپ قارايمەن. ئاللاھ سىزگە توغرا - خاتانى پەرق ئىتەلەيدىغان دىل ئاتا قىلسۇن!
مۇھەممەت سالىھ داموللا ھاجىم ھەقىقەتەن خەلقىمىزنىڭ ۋە دىنىمىزنىڭ تۆھپىكارى، ھەممىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر كىشى. ناۋادا سىز بۇ ئالىمنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇغان بولسىڭىز ئۇنىڭ دىيارىمىزدىلا ئەمەس، مىسىر، ماراكەش، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردىمۇ ئالەمچە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز ئەلۋتتە. بۇ يەردە مۇھەممەت سالىھ داموللا ھاجىم تەرجىمە قىلغان دىننىي كىتابلار، ئېلان قىلغان ماقالىلار، ئۇ يازغان ئەرەبچە يازمىلار توغرىسىدا بىرمۇ بىر توختىلىشنىڭ ئورنى يوق. ئەگەر تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئىگە بولاي دېسىڭىز باشقا تېمىلارنىمۇ كۆرۈپ بۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ تەرجىمىھالىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىڭ.
«ئاللاھ تائالا 2- قېتىمدا بىر ھاجىمى ئەمەس، بەش ئادەمنى ئىختىيار قىپتۇ...». بەرھەق، سىزمۇ «كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ» دېمەكچى ئىكەنسىز، بۇنى بىلدىم. بىزدە يەنە شۇنداق بىر تەمسىل بار: «ئادەم كۆپ يەردە مال ھارام» دەيدىغان. ئادەم كۆپ بولغاندا خاتالىق ئاز چىقىشىمۇ (چىقمايدۇ دېيەلمەيمىز ئەلۋەتتە) ياكى خاتالىق چىقسا بىر بىرىگە مەسئۇلىيەتنى ئارتىش ئارقىلىق ئاسانلا قۇتۇلۇشقىمۇ بولىدۇ. سىز دېگەندەك قايتا نەشرىمۇ قولىمىزغا كەپ بولدى. بۇ كىتابنىڭ «قۇرئان كەرىم» ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 1- نەشرى دەپ ئېلىنغانلىقنىڭ ئۆزىلا بىر خاتالىق. نېمە ئۈچۈن 2- نەشرى دەپ ئېلىنمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن مۇھەممەت سالىھ داموللا ھاجىم تەرجىمە قىلغان 1- نەشرىنى ئىنكار قىلىدۇ؟ سىزچە نەشرىيات ئوخشىمىسىلا 1- نەشىر بولىۋىرىدىكەندە؟ مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن يەنە بىر زامانلاردىن كېيىن «قۇرئان كەرىم» يەنە ئاللىقانداقتۇر بىر كىملەر تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا قايتا تەرجىمە قىلىنىپ باشقا نەشرىيات تەرىپىدىن نەشر قىلىنسا، ئۇنى بىز يەنە 1- نەشرى دېسەك بولىدىكەندە؟ شۇنداق بولغاندا، كەلگۈسىدە بىز ئۇيغۇر قەۋمىدە «قۇرئان كەرىم» ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ 1- نەشرىدىن قانچىلىغان نۇسخىسى بولار؟ ئەمدى سىز مۇشۇنىڭ ئۆزىنىمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ دېسىڭىز، سىزگە ئامال يوق (ئاللاھ دىلىڭىزدىكى شەيتاننى سىزدىن يىراق قىلغاي، ئامىن.) 1- نەشرى دەپ ئالغانلىقنىڭ ئۆزىلا ھەرگىزمۇ سىز ياكى ئۇ ئويلىغاندەك «بولدىلا» دەپ ئۆتكۈزىۋېتىدىغان ئاددىي مەسىلە ئەمەس؛ مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئىلگىرىكىنى ئىنكار قىلغانلىق بولماي نېمە؟ چۈنكى، «قۇرئان كەرىم» ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان بىرلا كىتاب. ئەمما بىزدە تەرجىمە ئىككى بۇپقالدى. دېمەك ئىككى قېتىم نەشر قىلىندى. يەنە كېلىپ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى تەرجىمانلار ئوخشىمايدۇ. مەن پىتنە - ئىغۋا تاپمىدىم، ئەمەلىي ئىشنى دەۋاتىمەن. ئىشەنمىسىڭىز 1986- يىلى مەركىزى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان نۇسخا بىلەن ھازىرقى نۇسخىنىڭ شۇ قىسمىغا كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىپ قاراپ بېقىڭ. بۇ مەن ئۈچۈن ھەرگىزمۇ ئاددىي ئىش ئەمەس.
بۇ قېتىمقى قايتا تەرجىمىگە مۇھەممەت سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ قاتناشمىغانلىقى ھەم ئۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ ئىسمىنىڭ يېزىلىپ قالمىغانلىقىنىڭ ئۆزىلا ئاللاھنىڭ بىزلەرگە قىلغان چەكسىز رەھمىتى...
يازمىڭىزدا: «ئەمما ئۇيغۇرچە «كىتابۇللاھ»2  ئىلان قىلىنىپ بىر ئايمۇ بولمىغان بۇكۈندە مۇنۇ يازمىدىكى ئىنكاسلار نىڭ كۆپرەكىدە بەزىلەرنىڭ مۇبارەك «كىتاب» نىڭ يىڭى تەرجىمىسىگە بولغان ئىككىلىنىشىى، ھەقىقىي قۇرئان كەرىمنىڭ شۇ ئىكەنلىكىگە شۈبھىلىنىۋاتقانلىقى، ۋە بەش تەرجىمان تۈپەيلى ئشەنمەسلىك ئالامەتلىرى مانا مەن دەپ تۇرۇپتۇ ...» دەپسىز. بەرھەق، ئىنكاسلار ھەقىقەتەن كۆپ. ئەسلىدە، «قۇرئان كەرىم» قايتا تەرجىمە قىلىنىپ قولىمىزغا يەتكەن ئىكەن، بۇنچە كۆپ بەس - مۇنازىرىگە سەۋەب بولماسلىقى كېرەك ئىدى. سىزچە، بىز «قۇرئان كەرىم» نىڭ قايتا تەرجىمىسى ئىكەن دەپلا ئۇنىڭ تەرجىمىسىدە نېمە دېيىلگەن بولسا شۇ بويىچە چۈشەنسەك بولىدىكەندە؟ قايتا تەرجىمە تۇرۇقلۇق، يەنە كېلىپ كۆپلىگەن «دانا» ئۆلىما، تىلشۇناسلار قاتناشقان تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن بىزگە بەس - مۇنازىرە ئېلىپ كەلدى؟ ئەگەر بۇ قېتىمقى قايتا تەرجىمە ئىلگىرىكىسىدىن ياخشى، پاساھەتلىك، ۋەزنى تېخىمۇ ئېغىر چىققان بولسا كۆپچىلىك ئىككىلىنىپ قالارمىدى؟ كۆپچىلىك پۈتۈنلەي خاتاكەن دەۋاتقىنى يوق، ئىلگىرىكىسىدەك پاساھەتلىك، ۋەزنى ئېغىر چىقماپتۇ دەۋاتىدۇ. «قۇرئان كەرىم» نى تەرجىمە قىلغان ھەر قانداق تەرجىمان «ئاللاھ» نى ئەڭ بۈيۈك قىلىپ ئىپادىلەشكە تىرىشىشى زۆرۈردۇر ئەلۋەتتە. بۇ قېتىمقى قايتا تەرجىمىدە بولسىچۇ؟ «رەب» سۆزى بىر سۈرىدە «پەرۋىشكار» دەپ ئېلىنغان بولسا، يەنە بىر سۈرىدە «پەرۋەردىگار» دەپ ئېلىنغان. مانا بۇ قايتا تەرجىمىدە بىردەكلىكنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرمەمدۇ؟ ئەمما، «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسى بولسۇن ياكى خەنزۇچە تەرجىمىسى بولسۇن ئۇلاردا بىر خىلدا ئېلىنغان.
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بەزى مىللەتلەردە «قۇرئان كەرىم» تەرجىمىسىنىڭ ئون نەچچە، ھەتتا يۈز نەچچە خىل نۇسخىسىنىڭ بارلىقى ئالاھىدە قەيت قىلىنىپتۇ. خوش، ئەجىبا ئەشۇ مىللەتلەردە تالاش - تارتىش، بەس - مۇنازىرە قوزغالماي قايسىسى چۈشىنىشلىك بولسا شۇنى ئوقۇپتىغۇ؟ بىزدە ئەمدىلا ئىككى خىل تەرجىمە نۇسخا چىقتى. ئەپسۇس، قايتا تەرجىمە چىقىش بىلەنلا كۆپلىگەن ئىنكاسلار، بەس - مۇنازىرىلەر چىقتى. بۇنىڭغا مانا مۇشۇ قايتا تەرجىمە سەۋەب بولدى. ئەگەر قايتا تەرجىمە 1986- يىلىدىكى 1- نەشرىدىن ياخشى چىققان بولسا سىز، بىز بۇ يەردە بەس - مۇنازىرە قىلىپ ئولتۇرامتۇق؟
ئەمدى، سىز دېگەن بەش نەپەر تەرجىمانغا كەلسەك، مەنمۇ ئۇلار توغرىسىدا توردىكى ئۇچۇرلار ئارقىلىق خەۋەر تاپتىم. «قۇرئان كەرىم» نى تەرجىمە قىلىش ئادەتتىكى كىتابلارنى تەرجىمە قىلىشقا ئوخشىمايدۇ. تەرجىمان چوقۇم ئەرەبچە، ئۇيغۇرچىگە پىششىق بولغاندىن سىرت، كۆپلىگەن تەپسىرلەر توغرۇلۇق بىلىمى كامالەتكە يەتكەن بولۇشى كېرەك. مۇھەممەت سالىھ داموللا ھاجىم نۇرغۇن كىتابلارنى تەرجىمە قىلغان، نۇرغۇن ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان داڭلىق ئۆلىما. ئەمما، ئەرەب تىلىدا بىرمۇ ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ باقماي، يەنە كېلىپ بىرمۇ كىتابنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ باقماي تۇرۇپ، ئاللاھ نازىل قىلغان «قۇرئان كەرىم» نى تەرجىمە قىلىش سىزچە توغرىمۇ؟ ئەشۇ تەرجىمانلارنىڭ ئەرەبچە سەۋىيىسى قانچىلىك، ئۇلار ئەرەبچىنى ئەرەب دۇنياسىدىكى قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا قانچىلىك ئۆگىنىپتۇ؟ بۇ ھەقتە ئېنىق ئىزاھاتلار بېرىلمەپتۇ. شۇڭا بۇلارنى بىز بىلمەيمىز. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى سەۋىيىسىنىڭ قانچىلىك سەۋىيىدە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمىز. ئاغزاكى تەپسىر قىلغىنىغا قاراپلا «قۇرئان كەرىم» نى تەرجىمە قىلىشقا قويساق بولماس ئەلۋەتتە.
كۆپچىلىك ئېنىق دەلىللەر بىلەن ئوخشىماسلىقلارنى، لوگىكا، ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى جەھەتتىكى خاتالىقلارنى تاشلىسا، سىز ئۇلارنى «شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنلىك، ھەقىقەتنى كۆرەلمەيدىغان، ھەق ئۈچۈن دادىل قەدەم باسالمايدىغان، شەيتان كەبىلەر» دەپسىز. سىزچە بىز ھەممىمىز باشتا دېگىنىمدەك «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئىكەنغۇ دەپلا خارىغۇلارچە ئەگىشىۋەرسەك بولىدىكەندە؟ «قۇرئان كەرىم» نى ئاللاھقا سېغىنىپ تۇرۇپ قايتا-قايتا ئوقۇغاندا، ئاندىن ئۇنىڭ سىر ھېكمەتلىرىگە يەتكىلى، مەلۇم دەرىجىدە يېقىنلاشقىلى بولىدىغانلىقى» نى ھېس قىلغان كاللىڭىز بۇ قېتىمقى قايتا تەرجىمىدە خاتالىقلارنىڭ مۇقەررەر بولىدىغانلىقىنى پەقەتلا ھېس قىلىپ يېتەلمەپتۇ. ئاللاھ سىزگە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان قەلب ئاتا قىلسۇن، ئامىن!
سىز 8 بەتلىك ئىنكاسلارنى خېلى تەپسىلىي كۆردۈم دەپ يېزىپسىز. مېنىڭچە سىز ئاۋال بۇ 8 بەتلىك ئىنكاسلارنى ئەمەس، «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئەسلىدىكى 1- نەشرى ۋە مۇنۇ ئاتالمىش 1- نەشرىنى ياخشى سېلىشتۇرۇپ تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىڭ. قايسىنىڭ ۋەزنىنىڭ ئېغىر، قايسىسى پاساھەتلىك، قايسىسى چۈشىنىشلىك...ئىكەنلىكىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىڭ. ئىنكاسىنى كۆرگەنگىلا ھېساب ئەمەس.
سىز يەنە: «...ئىنكاسلار ئىچىدە، بىر ئاشۇ ئۇيغۇرچە توغرا يىزىلمىغان ئۇيغۇرنىڭ ئىسمىدىن تاپقان ئىۋەنىدىن باشقا ھىچكىشى چاك باسقۇدەك ياكى مەنا جەھەتتىن قارمۇ-قارشى ياكى قۇرئان ئىددىيىسىگە زىت كەلگۈدەك بىر جۈملە ياكى سۆزنى يۈرەكلىك ۋە ئىلمىي ئوتتۇرىغا قويالماپتۇ...» دەپسىز. ئەسلىدە مېنىڭ بۇ ئىسىملار توغرىسىدا ئارتۇقچە گەپ قىلغۇم يوق ئىدى. خەير بىر ئېغىزلا سۆز قىلاي: «ئىسمىنىمۇ ئۇيغۇرچە توغرا يازالمىغانلارنىڭ قانچىلىك بىلىمى بولماقچى؟» بۇ پەقەت سىزگىلا تاشلانغان سوئال.
سىز يەنە ئېيتىپتۇلەرسىزكى:«بۇ يەردە بىز ئالدىراپ كەتمىسەكمۇ كىتاب (تەرجىمىسىگە) باھا بىرەلەيدىغان، بۇرۇنقى تەرجىمىسىگە قارىتا ئارتۇقچىلىق-كەمچىللىكىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا مۇئەييەنلەشتۇرىدىغانلارمۇ چىقىپ قالاتى...». بۇ گىپىڭىزدىن قارىغاندا سىز «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتى» نىڭ باياناتىنى ئوقۇپ باقماپسىز. ئۇنىڭدا دەپتۇلەركى، بۇ قېتىمقى قايتا تەرجىمىگە دىيارىمىزدىكى دىنى بىلىمى، ئەرەبچە سەۋىيىسى يۇقىرى داڭلىق ئۆلىمالار، دىيارىمىزدىكى داڭلىق تىلشۇناسلار قاتنىشىپتۇ. سىزچە، دىيارىمىزدا قايتا تەرجىمىگە قاتناشقان داڭلىق ئۆلىما، تىلشۇناسلاردىنمۇ بىلىملىك، داڭلىق كىشىلەر بار ئىكەندە؟ ئۇنداقتا، سىز دەۋاتقان مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلار تېخىمۇ بىلىملىك، داڭلىق بولغانلىقلىرى ئۈچۈن بۇ قېتىمقى قايتا تەرجىمىگە نېمىشقا قاتناشماپتۇ؟ «قۇرئان كەرىم» نى داڭلىقلارنىڭ داڭلىقى، بىلىملىكلەرنىڭ بىلىملىكى تەرجىمە قىلسا توغرا بولىدىغاندۇ؟
سىز يەنە خىجىل بولماي «...داموللامنىڭ مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە بىشىنى ئىچىگە تىقىۋىلىشى كىشىلەرنىڭ «كىتابۇللاھ» قا بولغان تەلپۈنىشىدىن ئۆتە گۇمانىنى ۋە ئىككىلىنىشىنى كۆپەيتىۋىتىشى مۇمكىن...» دەپسىز. ئاللاھ سىزنىڭ يانانغا سۆرىگۈچى شەيتانلارنى دىلىڭىزدىن يىراق قىلسۇن. سىزدىن سوراپ باقاي، نېمىشقا مۇھەممەت سالىھ داموللا ھاجىم ئوتتۇرىغا چىققۇدەك؟ سىزچە داموللا ھاجىم ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇ قېتىمقى تەرجىمە مېنىڭ تەرجىمە قىلغىنىمدىنمۇ ياخشى چىقتى، شۇنى ئوقۇڭلار دېسە بولىدىكەندە؟ قارىغاندا سىز «تىكەننى سانچىلغان يەردىن ئېلىش» نى بىلمەيدىغان ئوخشايسىز؟ سىز شۇنى بىلىڭكى، ھەر ئىشقا سەۋەب بولغۇچىلار ئۆزلىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ شۇ ئىشقا چۈشەنچە بېرىشى كېرەك. بۇ قېتىمقى بەس - مۇنازىرىگە مۇھەممەت سالىھ قارى ھاجىم سەۋەب بولغىنى يوق؛ قايتا تەرجىمە قىلغۇچىلار سەۋەب بولدى. شۇڭا ئوتتۇرىغا چىقىش توغرا كەلسە مۇھەممەت سالىھ داموللا ھاجىم ئەمەس، قايتا تەرجىمە قىلغۇچىلار چىقسا توغرا بولىدۇ. مېنىڭ دەۋاتقىنىم مەسچىتلەردە ئەمەس، بەلكى ھەممىمىز يۈز كۆرۈشىدىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىپ چۈشەنچە بېرىشى كېرەك.
سىز يەنە بىلىڭكى، كۆپچىلىك «قۇرئان كەرىم» دىن ئىۋەن تاپمىدى ھەم تېپىشقا قادىر ئەمەستۇر. تورداشلار بۇ يەردە «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئۇيغۇرچە ئىككى خىل تەرجىمىسىگە قارىتا پىكىر بايان قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا سىز كۆپچىلىكنى خاتا يولغا باشلاپ كىرمەڭ. توغرا، سىز ئېيتقاندەك، «ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى تۇغما گاس-گاچا كىشىگە ئۆز ھىكمىتى بىلەن ئايەتلىرىنى ئۇنىڭغا بلدۈرۈپ يەنە شۇ ھىكمىتى بىلەن تىلسىز گاچا ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزەلەيتى ھەم تەرجىمە قىلدۇرالايتى...» ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلۇغدۇر ۋە شۇنداق قىلىشقا قادىردۇر. بىراق، ئاللاھ تائالا ئىگەم بۇ قېتىم «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئۇيغۇرچە قايتا تەرجىمىسىنى بىزگە گاس - گاچا كىشىلەر ئارقىلىق ئەمەس، بىلىملىك، داڭلىق ئۆلىما، تىلشۇناسلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن يەتكۈزدى. بىز ھەم ساۋاتسىز ئەمەس، گاس - گاچىمۇ ئەمەس؛ ئاللاھ بەرگەن كۆزىمىز بار كۆرەلەيدىغان، ئاللاھ بەرگەن دىلىمىز بار پەرق ئېتەلەيدىغان. مۇتلەق كۆپچىلىك ئەرەبچە بىلمىسىمۇ ئۇيغۇرچە بىلىدۇ، ئۇيغۇرچە چۈشىنىدۇ، ئۇيغۇرچە تەپەككۇر قىلالايدۇ، سېلىشتۇرالايدۇ. سىزچە بىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئىككى خىل تەرجىمىنى سېلىشتۇرۇشقىمۇ سالاھىيىتىمىز توشمايدىكەندە؟ ئوخشاش بىر خىل مەنا ئىپادىلەيدىغان ئىككى خىل ئۇيغۇرچە جۈملىنى كۆرگەن كۆپچىلىكىمىز لوگىكا، گرامماتىكا، ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى قاتارلىق جەھەتلەردىن قايسىسىنىڭ توغرا، قايسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. سىزچە بۇ قېتىمقى «قۇرئان كەرىم» قايتا تەرجىمىسىدە بۇ جەھەتلەردە نۇقسان يوق ئىكەندە؟
ئەمدى، شۇنچە قىزغىنلىقتا كىشىلەردىن قىزغىنىپ تۇرۇپ سېتىۋالغان قۇرئاننى باشقىلارغا سېتىۋەتكەن قېرىندىشىمىزغا كەلسەك، ئۇمۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان ئىش. ياكى بولمىسا سىز دېگەندەك بىزگە ئوخشاش «شەيتان كەبىلەر» ئازدۇرۇپتۇقمۇ؟ ئاللاھ ئىرادە قىلمىغان، بۇيرىمىغان بولسا ئۇ قېرىندىشىمىز ساتماس ئىدى، بەلكىم.
مەن سىزگە يەنە شۇنى قايتا تەكىتلەيمەنكى، بىز مۇھەممەت سالىھ داموللا ھاجىمنى باش بولۇپ يېڭى تەرجىمىگە پىكىرىنى بايان قىلىدۇ دېسەك ئاقىلانىلىك بولماس. باشتا دېگىنىمدەك «تىكەننى كىرگەن يەردىن ئالايلى»...
كۆپچىلىك «قۇرئان كەرىم» نىڭ قايتا تەرجىمىسىگە بىر تەرەپلىمە قارىغىنى يوق، ھەر تەرەپلىمە قاراۋاتىدۇ.
سىزمۇ «قايتا تەرجىمە نۇسخىسىغا تەنقىدى نەزەردە قاراۋاتقانلارنىڭ كۆزلىرى ۋە شۇلارنىڭ قۇسۇر ئىزدەۋاتقان تەپەككۇرلىرىغا» قارىتا قۇسۇر ئىزدەۋاتقان ئۆز تەپەككۇرىمىزغا ئىگە بولۇپ، ئاللاھنىڭ شۇ قاتاردا غەزەب-جازا ئىگىسى ئىكەنلىكنى ئۇنتۇپ

4@-ئىنكاس
كەمىنە <<قۇرئان كەرىم>> نىڭ يېڭى تەرجىمىسىدىن كېيىن، تور دۇنياسىدا بولىۋاتقان مۇنازىرىلەرنى كۆرۈپ تۇرىۋاتقىنىمغا بىر قانچە كۈن بولدى. ئۆزىنى مۇسۇلمان جاغلىغان ھەر-بىر ئېمان-ئېتىقاتلىق بەندىلەر ئۈچۈن شارائىتى يار بەرسىلا قاتنىشىپ پىكىر قاتىدىغان بۇ تېما، يەنە بىر كىملەر تەرىپىدىن ئۆچۈرلىشى كېرەك دەپمۇ قارالدى. مېنىڭچە بۇنىڭغا «پەرۋەردىگار» سۆزى بىلەن «پەرۋىشكار» سۆزىنىڭ دە- تالىشىدا بىرلىككە كېلەلمەسلىك سەۋەپ بولغاندەك بىلىندى.نېمىشقا ئىكەنلىگى كۆپچىلىككە ئاللاقاچان ئايان بولۇپ بولدى.
كەمىنە بۇ بىر يىل ھېساۋى بىلەن 26يىل تىل كەلىمىسنى تەلقىنلەش بىلەن بىرگە ئۆتۈپتىمەن.خەلقىمىزنىڭ تىل ئېتىۋارىدىكى ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپتىمەن.شۇ بىر مۇناسىۋەتتە بۇ تېمىدا بولىۋاتقان مۇنازىرىگە بويۇن قىسىپ قاراپ تۇرىۋىرىشنىڭ ھاجىتى قالمىغان چېغى دەپ قاراپ، تالاش-تارتىشقا سەۋەپ بولىۋاتقان يۇقارقى ئىككى سۆز ئۈستىدە بىلىشىمنى كۆپكە سۇنۇشنى مەجبۇرىيەتلىرىمدىن دەپ قارىدىم.
    1-بىز ئىسلام دېنىنى ئەرەپلەردىن كۆرە پارىسلار ئارقىلىق قۇبۇل قىلدۇق. شۇ سەۋەپلەرگە يارىشا تىلىمىز ئاز بولمىغان مەنىلەرنى پارىس تىل تەركىپلىرى بىلەن ئاتاشقا ئادەتلەندى.(نۆۋەتتە تىلىمىزغا پارىس تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر يىگىرمە پىرسەن ئەتراپىدا دەپ قارىلىۋاتىدۇ)
     2- «پەرۋەردىگار»،«پەرۋىشكار» سۆزلىرى تىلىمىزغا پارىس تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر بولۇپ:
     «پەرۋەردىگار»: ئىسىم سۆزى، كۈللى مەۋجۇتلۇق يەنى ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى،ئىگىسى،ئاللاھ(ئەرەپچە)خۇدا(پارىسچە)، تەڭرى(ئۇيغۇرچە).
    «پەرۋىشكار»: سۈپەت سۆزى، تەربىيەلەيدىغان، ئاسرايدىغان دىگەنلىكتۇر.
    3-يۇقارقى ئىككى سۆز پارىس تىللىق مىللەتلەرنىڭ تىلىدا قانداق مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغانلىقى ۋە قانداق مەنىلەرنى ئۆزىگە يۈكلىگەنلىكىدىن قەتئىي نەزەر، بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزدا (1) تەۋە بولغان سۆز تۈركىمى قەتئىي ئوخشىمايدۇ.(2)  ئىپادىلەيدىغان ئوبىكىت قەتئىي ئوخشىمايدۇ.(3) ياسىلىشى قەتئىي ئوخشىمايدۇ.(4)تىلىمىزدا ئىپادىلەيدىغان مەنا تومىرى ۋە مېغىزى قەتئىي ئوخشىمايدۇ.
   4- بۇ ئىككى سۆز تىلىمىزغا پارىس تىلىدىن كىرگىنى تەخمىنەن 1000 يىلدىن ئاشتى. ئۇيغۇر مىللىتى بۇ مىڭ يىل مابەينىدە «پەرۋەردىگار» سۆزىنى ئىلگىرىدىن تارتىپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان «تەڭرى» سۆزى ئورنىدا (ياكى باراۋەر) ئىشلىتىپ ئادەتلەندى . قانداقتۇ «پەرۋىشكار»سۆزىنى پەرۋەردىگار سۆزىنىڭ ئورنىغا قۇيۇپ ئادەتلەنمىدى.
   5- «پەرۋىشكار» سۆزى پارىس تىلىدا قانداق مەنە بېرىشىدىن قەتئىي نەزەر تىلىمىزدا ئاللاھنىڭ ئىسمى ياكى سۈپۈتىنى بىلدۇرىدىغان سۆز سۈپۈتىدە ئومۇمىلاشقاندىن كۈرە تىلىمىزدىكى ئاسراش، تەربىيەلەش سۆزلىرىنىڭ مەنەدېشى سۈپىتىدە ئومۇمىلىشىپ، ئەسلى تىلدىكى مەنىسىنى تارايتتى.(سۆزلەردىكى مەنىنىڭ تارىيىشى ۋە كېڭىيىشى ئومۇمىي ئەھۋالدۇر).
   خۇلاسە، يۇقارقى ئەھۋالدىن قارىغاندا يېڭى تەرجىمىدە پەرۋەردىگار سۆزىنىڭ ئورنىغا، پەرۋىشكار سۆزىنى دەسسىتىش ئاللاھنى ئادەملەشتۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مىڭ يىلدىن بۇيانقى سۆز ئىشلىتىش، جۈملە قۇراشتۇرۇش ئەنئەنىۋىي ئېسىل ئادەتلىرنى يەڭگىللىك بىلەن بۇرمىلىغانلىقتۇر.

يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرغا چىققان «پارۋەردىگار .. بىلەن.. پەرۋىشكار » سۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا بىردەك مەنانى ئىپادىلىمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى مۇنازىرلەرنىڭ ئوتتۇرغا قۇيۇلىشىدىكى مەقسەتمۇ شۇنىڭدىن ئىبارەت.

-5 -ئىنكاس
دىگەنلىرىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق. پەرۋەردىگار سۆزى بىۋاستە ئاللاھنىڭ زاتىنى ئىپادىلەپ بىرەلەيدىغان ئىبارە. بۇ ئىبارە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇمۇمى جەھەتتىن ئاللاھنىڭ 99سۈپىتىنىڭ ئۇمۇمى يىغىندىسى بۇلالايدۇ. دىمەك  رەب سۆزى پەرۋەردىگار دەپ تەرجىمە قىلىنغاندا ئاللاھنىڭ يارىتىش،رىزىق بىرىش،پەرۋىش قىلىش دىگەندەك سۈپەتلىرى پەرۋەردىگار دىگەن بىرلا سۆزدە مۇجەسسەم قىلىنغان ھالەتتە ئىپادىلەنگەن بۇلىدۇ. لىكىن بۇ سۆزنىڭ ئورنىغا پەرۋىشكار سۆزى ئىشىلتىلسىچۇ؟ پەرۋىشكارلىق سۈپەتكە ئىگە بۇلۇش ئۈچۈن چوقۇم ياراتقۇچىلىق سۈپەت بۇلىشى لازىم.  دىمەك «پەرۋەردىگار»نىڭ ئورنىغا «پەرۋىشكار»نى قويغانلىق شۇ سۈرە فاتىھەدىكى ئەلھەمدۇ ئىبارىسى قارىتىلغان قارىتۇلغۇچى ئوبىكتىبىنىنىڭ ياراتقۇچىلىق سۈپىتىنى مەلۇم دەرىجىدە غۇۋالاشتۇرۇپ قويغانلىقتۇر.   ئىشقىلىپ بۇ قېتىملىق تەرجىمىدە نىمە ئۈچۈن «پەرۋەردىگار»نىڭ ئورنىغا«پەرۋىشكار»سۆزنىڭ ئىشىلتىلگەنلىكىنى چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىپ ئويلاپ باقساق ، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ دىنغا بولغان قارىشىنى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن قۇرئاندىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىۋاتقان رەزىل كۈچلەرنىڭ قورقۇنىچلىق سىماسى كۆز ئالدىمىزغا كىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ چوڭ قۇبۇل قىلغىلى بولمايدىغان خاتالىق 9-سۈرە يەنى سۈرە تەۋبىنىڭ مەنسۇخ دەپ قارىلىپ تەرجىمە قىلىنىشتا بويۇن قىسىپ قالغانلىقىدۇر.  ئىسلامنىڭ سىياسىي پىرىنسىپىدىكى نىھائىي ھۆكۈملەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ بىرىدىغان ئۇشبۇ سۈرە قانداق بۇلۇپ مەنسۇخ بۇلۇپ قالدى؟ بۇ سۈرىدىكى قايسى ئايەت مەنسۇخكەن؟

6-ئىنكاس
نۇرغۇنلىغان يولداشلار ناھايتى ئىلمى ھالدا ئۈزىنىڭ چۈشۈنۈشلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپتۇ .
تۈۋەندە مەنمۇ ئۈزۈمنىڭ بۇ ئىككى سۆزنى چۈشۈنۈشۈمنى سۆزلەپ باقاي
پەرۋەردىگار سۈزىنى تارىختىن ھازىرغىچە ئاللاتائالادىن باشقا قانداق بىر ئۇرۇنغا ئىشلىتىلگەنلىكىنى قايسىڭلار بىلىسىلەر ؟
پەرۋىشكار سۈزىنى دوختۇر-سېستىرالارنىمۇ،ئۇقۇتقۇچىلارنىمۇ،دېھقانلارنى ئاتاپ ئىشلىتىش مۇمكىن ھەم ئىشلىتىلىۋاتىدۇ .
شۇڭا پەرۋەردىگار سۈزى بىلەن پەرۋىش قىلغۇچى سۈزى پارىسچىدىن ياكى باشقا ھەرقانداق تىلدىن كىرگەن بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلغاندا ئاللا تائالانىڭ ئىسمىنى بىز چۇقۇم ھەممىدىن ئۇلۇغ ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان سۆز بىلەن ئىپادىلەش زۈرۈر دەپ قارايمەن .
ئەگەر بىز ئاللاتائالانى ئۇيغۇرچىدا پەرۋەردىگار سۈزى بىلەن ئىپادىلەپ كۆنمىگەن بۇلۇپ ھازىر پەرۋىشكار سۈزى بىلەن بىزگە كىرگەن بولسا ئۇچاغدا ئۇ باشقا گەپ ،
ئىلگىرى پەرۋەردىگار دەپ ئالغان تەرجىمىنى ھازىر پەرۋىشكار دەپ ئالسا ھەممە ئادەمگە ئاللاتائالانىڭ ئىسىم سۈپىتىنى ئىلگىركى ئىپادىلەشتىن تۈۋەن ئۇرۇنغا قۇيۇپ قويغاندەك تۇيغۇ بىرىشى ئىنىق .
بىز بۇ ئىشتا بۇ سۆزنىڭ قايسى تىلدىن كىرگەن بۇلىشى، ئەسلى تىلدا مەنىسى يېقىنمۇ ياكى يىراقمۇ بۇنىڭ بىلەن كارىمىز بولماي ئۈزىمىزنىڭ تىلدا ئاللاتائالانى ئەڭ يۇقۇرى ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە سۆزدە ئىپادىلىشىمىز كىرەك .
ئەگەر باشقا پىكىردە بولسىڭىز ياكى ئىككى سۆزنىڭ مەنىسى يېقىن ياكى بىر دىسىڭىز ئۇيغۇر تىلىدا قوللىنىۋاتقان كىسەل داۋالىغان دوختۇر سېستىرالارنى پەرۋەردىگار دوختۇر سېستىرا،ئاددىسى ئۈزى سالغان دەرەخلەرنى يىتىشتۈرۈپ پەرۋىش قىلغان دېھقانلارنى پەرۋەردىگار دېھقان(نەئۇزىبىللا)دەپ ئاتاپ بېقىڭ،سىزدە قانداق چۈشىنىش ھاسىل بۇلار ياكى باشقىلار سىزنى نىمە دەپ ئاتار .

7-ئىنكاس
.... سىز دىگەندەك«ئىختىلاپ» قىلىشمىىساق«پەرۋەردىگار »سۆزىنى «پەرۋەشكار»غا ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان پوشكالچى دىنى زاتلار ، يەنە نىمىلەرنى قىلمايدۇ دەيسىز؟  باشقا ئىشقا سۈكۈت قىلساقمۇ بۇ ئىشقا سۈكۈت قىلىشقا بولمايدۇ! بىر ئوبدان تەرجىمىسى تۇرسا نىمە ئۈچۈن قايتا تەرجىمە قىلىدۇ؟  مۇھەممەت سالىھ داموللا قارىھاجىم دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان دىنى ئالىم! تەرجىمىگە قاتناشقانلار بولسا، قىزىل بايراق ئاستىدا، ئىسلام ئىنىستوتىدا «مەخسۇس» تەربىلەنگەنلەر! ئەرەپ تىلىدىن  سېستىمىلىق مۇكەممەل تەربىيە ئالغانلارمۇ ئەمەس!   كۆپۈنچىمىزگە ئۇلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بەش قولدەك ئايان! شۇڭا ئۇلارنىڭ خۇنۈك ، «راب» سۆزىنى بىر بالداق تۆۋەنلىتىپ  قىلغان تەرجىمىسىگە قەتتى قارشى! باشقىلار ،مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بىزنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىمىزغا قاراۋاتىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋەرسەك، يەنە قانداق تەرجىمىلەر مەيدانغا كېلەر؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
«راپ» سۆزىگە ، دۇنياغا مەسھۇر ئىسلام ئالىمى، سەئىد  ئەلا مەۋدۇدى رەھىمۇللاھىنىڭ « قۇرئان كەرىمدىكى تۆت ئاساسى تېرمىن» دىگەن كىتابىدا ، ناھايىتى ئوچۇق،  چۈشىنىشلىك كەڭ دائىرىلىك ئىزاھات بېرىلگەن. ئەجابا  مۇشۇ يېڭى تەرجىمىگە قاتناشقان تەرجىمانلار بۇ كىتاپتىن پايدىلانمىغانمىدۇ؟  ياكى بىخەستەلىك قىلىپ، پەرۋەردىگار سۆزىنى پەرۋىشكار دەپ خاتا ئىشلىتىپ قويغانمىدۇ؟  مۇھەممەت سالىھ قارى ھاجىم ھەر-بىر ئايەتنى سۆزنى تەرجىمە قىلغاندا ئىسلام ئالىمرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ،  تاھارەت بىلەن سۆزمۇ- سۆز، ئايەتمۇ ئايەت تەرجىمە قىپتىكەنتۇق! ئەجىبا ھازىرقى يېڭى تەرجىمانلار، تاھارەتسىز ئولتۇرۇپ، ئاق دوپپا كىيىۋالغان ساختا تۇڭگانلارنىڭ داپەنجىسىنى مەززە قىلىپ ئولتۇرۇپ ، ئۇخلاپ قوپۇپ، تەرجىمىدە سەۋەنلىك سادىر قىلغانمىدۇ؟؟؟؟؟ ياكى «ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ» تەرجىمە قىلغانلىق تۈپەيلى تەرجىمىدە خاتالىق سادىر بولغانمىدۇ؟؟؟؟؟؟

خوش، «سۈرە فاتىھە» دىكى 7 ئايەت نېمە ئۈچۈن بىرلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىنىدۇ؟ تېخىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىش ئۈچۈنما؟ ئۇنداقتا ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم» نى نازىل قىلغاندا «سۈرە فاتىھە» دىكى 7 ئايەتنى نېمىشقا بىرلەشتۈرۈپ چۈشۈرمىگەن؟ بۇ يەردىكى ھەقىقەتنى چۈشىنەمسىز؟ »سۈرە فاتىھە« دىكى 7 ئايەتنى بىرلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىپ ئىپادىلەشكە قەتئىي بولمايدۇ. مۇشۇنچىلىك دىنىي ساۋاتنىمۇ بىلمىگەن كىشىلەرنىڭ «قۇرئان كەرىم» نى تەرجىمە قىلىشقا سالاھىيىتى توشامدۇ؟

8-ئىنكاس
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم بارلىق دىنىي قېرىنداشلىرىم ، پېقىر ئۆزۈمنى چاغلىماي قۇرئان كەرىمنىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە نەشىرى بىلەن قايتا نەشىرىنىڭ پەرقى ھەققىدە ئازىراق توختالماقچى بوپ قالدىم ( ئاللاھ كەچۈرگەي )   خاتالىقنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئوتتۇرغا قويماسلىققا كۆڭلۈم پەقەت ئۇنىمىدى ، شۇڭا ئەڭ ئاۋال (قايتا نەشىرىدىكى) فاتىھە سۈرىسىنى تەرجىمە قىلغاندىكى مۇنۇ خاتالىقلارنى ھېس قىلىپ يەتتىم ، شۇ ھېس قىلغان خاتالىقلارنى دەپ ئۆتمەكچىمەن  :

تۇنجى نەشىرى (سالىھ داموللام )

جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاغا خاستۇر . ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر .
قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر . (رەببىمىز )ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز . بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن . غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس ، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا ( باشلىغىن )

قايتا نەشىرى

بارلىق ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ، (دۇنيادا ھەممىگە)شەپقەتلىك ، (ئاخىرەتتە مۆمىنلەرگە) مىھرىبان ، قىيامەت  كۈنىنىڭ ئىگىسى - ئاللاھقا خاستۇر (ئى رەببىمىز !) بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا مەدەت تىلەيمىز ، سەن بىزنى ئىنئامىڭغا ئېرىشكەن ، غەزىپىڭگە ئۇچىرمىغان ، يولۇڭدىن ئازمىغان كىشلەرنىڭ توغرا يولىغا باشلىغىن .

1.  فاتىھە سۈرىسى يەتتە ئايەت ، تۇنجى نەشىرىدە يەتتە ئايەت ئايرىم-ئايرىم تولۇق تەرجىمە قىلىنغان ،
لىكىن قايتا نەشىرىدە ئايەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىنغان ،  ( تەرجىمە قىلغۇچى قۇرئاندىكى بۇ ساۋاتنى بىلمەمدۇ ياكى بىلمەسلىككە سېلىۋالدىمۇ ، يەتتە ئايەتنى بىرلەشتۈرىۋىتىشكە قەتتىي بولمايدۇ  )

2 .  پەرۋىشكار سۆزى بىلەن پەرۋەردىگار سۆزى قانداقمۇ ئوخشىسۇن ، پەرۋىشكار سۆزىنى ئاسىرىغۇچى ئورنىدا ئىشلىتىمىز ، مەسلەن دوختۇرلارمۇ ، سېستىرالارمۇ ، باغۋەنلەرمۇ پەرۋىشكار ، ھەم ئاسرىغۇچى ، بىراق ئۇلۇغ ئاللاھ ياراتقۇچى ، ھەرگىزمۇ پەرۋىشكارنىڭ ئورنىغا قويىۋالساق بولمايدۇ  ،  شۇڭا بۇنىڭدا ئېغىر خاتالىق مەۋجۈت .

3 . قايتا نەشىردە سەن بىزنى ئىنئامىڭغا ئېرىشكەن ، غەزىپىڭگە ئۇچىرىمىغان ، يولۇڭدىن ئازمىغان كىشلەرنىڭ توغرا يولىغا باشلىغىن .   
ئاللاھنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشكەن ، غەزىپىگە ئۇچىرىمىغان ، يولىدىن ئازمىغان كىشلەر توغرا يولدا ماڭغۇچىلاردۇر ، ئۇلارنىڭ خاتا يولىمۇ بار دىگەندەك خاتا مەنە مەۋجۈت

ئاللاھنىڭ مۇقەددەس كىتابى قۇرئان كەرىمنىڭ بىر ھەرپىنىمۇ خاتا تەرجىمە قىلىشقا قەتتىي بولمايدۇ ، خاتا تەرجىمە قىلىنسا ئىپادىلەيدىغان مەنىسى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ ،  بىز ھەق دىن بولغان ئىسلامنىڭ ئۈممىتى بىزنىڭ كىتابىمىز بولغان قۇرئان كەرىم توغرا تەرجىمە قىلىنمىسا قەتتى بولمايدۇ ، ھەم كىچىككىنە سەۋەنلىكلەرگە يول قويساق يەنە نەچچە ئەسىردىن كېيىن مىڭلىغان خاتالىقلار سادىر بولىدۇ .
فاتىھە سۈرىسى تەرجىمىسىدىكى خاتالىقلارنى كۆرۈپلا قالغان سۈرىلەرنىڭ قانچىلىك تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ  . ( ئۇلۇغ ئاللاھ بىزلەرنى

9-ئىنكاس
ئىسلام جەمئىيىتى دىگەندەك ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تىخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇيغۇرچە تەرجىمگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تەرجىمە قىلىنغان بولسا 1.نىمە ئۈچۈن خەلىق ۋەدۇنيا ئىتىراپ قىلغان داڭلىق دىنشۇناس ،قۇرئانشۇناس ،تەرجىمان  مۇھەممەت سالىھ (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي)  تەرجىمىگە قاتناشتۇرۇلمايدۇ؟كوپچىلىككە مەلومكى يىڭى  تەرجىمانلارنىڭ سەۋىيىسى ۋە خەلىق قەلبىدىكى ئوبرازىنى مۇھەممەدسالىھ داموللامغا سىلىشتۇرۇش ئەسلا مومكىن ئەمەس ،شۇنداقلا بۇ يىڭى تەرجىمانلارتۇغۇلۇپ بىرەر كىتاپ تەرجىمە قىلىپ باققان كىشىلەر ئەمەس ،تۇنجى قىتىمدىلا ئاللاھنىڭ كىتابىنى تەرجىمە قىلىشقا چۈشۈپ كەتكىنى قىزىق2 .نىمە ئۈچۈن پاتىھە سۈرىسىنىڭ 7ئايەتلىك شەكلىگە ھۆرمەت قىلىنمايدۇ؟بۇكىچىك ئىشما؟3.نىمە ئۈچۈن  يىڭى تەرجىمىنىڭ پاساھىتى ،كونا تەرجىمىگە يىتەلمەيدۇ ،(بۇنى تەرجىمىنىڭ مەزمۇنىغا قارىسىلا بىلگىلى بولىدۇ)4.نىمە ئۈچۈن يىڭى تەرجىمە شۇنچە كوپ كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغايدۇ ؟ئەجبا بىز‹‹  قۇرئان تەرجىمىسى  ئىكەن›› دەپلا بىردەك قوللىشىمىز كىرەكمۇ ؟كونا تەرجىمە خەلىقنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئىرىشىپ ،زامانىمىز ئۆلچەملىك ئۇيغۇر تىلىغا پۈتۈنلەي ماس كىلىدىغان تۇرۇپ ،ھەر قانداق ئۇيغۇر ئوقوسا چۈشۈنەلەيدىغان تۇرۇپ ،نىمىشقا قايتا تەرجىمە قىلىنىدۇ؟نىمىشقا قايتا بىسىلمايدۇ؟قايتا تەرجىمە قىلىش سەۋەبى زادى نىمە؟.......گۇمانلىق نوقتىلار بەك كوپ ،قۇرئاننى تەرجىمە قىلغۇچىلار بۇنىڭغا  تەپسىلى ،ئەستايىدىل جاۋاپ بىرىشى كىرەك ،بولمىسا يەنە شۇ بىچارە خەلقىمىزنى  يەنە بىر قىتىملىق  تۈگىمەس پىتنە -پاسات بۆھرانىغا غەرىق  قىلىدۇ ،خەلقىمىزنىڭ ئىتىپاقلىقى يەنىمۇ پارچىلىنىدۇ ،قۇرئان تەرجىمىسىدەراستىنلا قەستەن خاتالىق بولسا  مۇسۇلمان دۇنياسىدا ئۇيغۇر سۆزى  بىلەن مۇناپىق سۆزى  مەنىداش بولوپ قالىدۇ ،شاپتۇل ئەمەت مەزىن بىلەن ،شاپتۇل داموللامنىڭ كەينىگگە ،ئابلىمىت شەيتان قاتارلىق 5كىشىنىڭ ئىسمى قوشولىدۇ.خەلقىمىز دۇنيا ۋە قىيەمەتتە ئۇلارنى ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيدۇ!!!

12-ئىنكاس
ھەممىگە  ئۆلىمالار بىر نىمە دىسۇن دەپ تۇرىۋالمايلى بۇرادەرلەر،بۇگۈنكى كۈندە ھەر بىرسىمىز  ئۆزىمىزگە قالدۇق ،خۇددى شائىرىمىز غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت دىگەندەك‹ئەمدى ئۆزۈڭگەقالدىڭ ئەر›.......بىزگە توغرا خاتانى ئايرىپ بىرەلەيدىغان بىرەر ئىشەنچىلىك ئالىم ،ئۆلىما  بارمۇ دۇنيادا ،رستنى دەيدىغان شارائىت بارمۇ؟ھە راست ،ئۆزىمىزگىمۇ قالماپتىمىز ،يەنە يىنىمىزدا بىردىن بىر ئىشەنچىلىك ،مۇھەممەد سالىھ داموللام تەرجىمە قىلغان  قۇرئان بارغۇ ،ئەنە شۇنىڭ بىلەن ياشايلى،ئەمەل قىلايلى ،تارىخنى ،سىياسىنى كۆپرەك ئوقوپ قويايلى ،سەئىدىيەنى قايسى سەللىلىك ئىشاننىڭ  يوقاتقانلىقىنى ،ئابدۇقادىر داموللامنى قايسى مەزىننىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ،قانخور شىڭشىسەينى قايسى داموللامنىڭ پەيخەمبەرگە ئوخشاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايلى ،غوجىنىياز ھاجىمنىىڭ قۇرئان تۇتۇپ قىلغان قەسەمگە ئىشەنگەنلىكىنىڭ  پاجىئەلىك ئاقىۋىتىنى ئويلايلى ، سەللىلىك مۇناپىقلارنىڭ  ئۇيغۇرنىڭ 1200 يىللىق روھى بىرلىكىنىڭ  يادروسى ،تۈۋرۈكى بولغان مۇقە ددەس كىتاپنىڭ تەرجىمىسىگگە  بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا  قارىتا قاتتىق ھوشيار تۇرايلى ،ھازىر نوپوزغا ،ھوقوققا  ئىگە مىھراپتىكى چايانلارغا يەنە ئالدىنىدىغان زامان ئەمەس ! ئاخىرىدا دىمەكچى بولغىنىم ئىككى تەرجىمىنى ياخشى سىلىشتۇرۇپ ،يىڭى تەرجىمىدە  مەسىلە بولمىسا خوپ ،ئەگەرمەسىلە بولسا قەتئى ئىشلەتمەيلى ،بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ،زىيىنىنى مۆلچەرلىمەك بەك تەس ،ھەرگىزمۇ ‹ۋاي بولدىلا  ،ئازراقلا يىرى ئوخشىمايدىكەنغۇ شۇ ،ئىشلىتىۋىرەيچۇ ،خاتا گەپ بولمىغاندىكىن ›دەپ ئويلىمايلى ،سوپىزىمچىلارنىڭ ئىسلام روھىنى ئازراقلا ئۆزگەرتكەنلكىنىڭ  دەردىنى 300 يىلدىن بويان تارتىپ  كىلىۋاتىمىز ،بۇندىن كىيىنمۇ يەنە بىر مەزگىل تارتىدىغان ئوخشايمىز

13-ئىنكاس
سېلىشتۇرما باھانى دەۋرىمىزدە ياشاۋاتقان  نوپۇزلۇق دىنى زاتلىدىن كۈتۈش بىر ئاخمىقانىلىق،
قىسمەنلەر مۇھەممەد سالىھ (ئاللاھ رازى بولسۇن)ھاجىمنى بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىنى كۈتمەكچى بوپتۇ..............................
مەزكۇرنىڭ بۇ تەرجىمىگە قاتنشتۇرۇلمىغانلىقى ياكى قاتناشمىغانلىقىنىڭ ئۆزىلا ئەڭ ئاشكارە باھا.بۇنىمۇ ھىس قىلالماسلىق ئىماندىكى سۇسلۇق، ئەقىلدىكى بىغەرەزلىكتۇر

14-ئىنكاس
بۇقېتىمقى تەرجىمىنى ئىشلىگەن  مۇسۇلمان سىياقىدىكى ماركىىسىزىمچىلار،ۋە ئوقۇپ تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ۋەتەنپەرۋەر زات ،ئۆزىگە «شەيىخۇل ئىسلام»نامىنى بەرگەن جۈمە تاھىر ئەپەندى قاتارلىقلار ئىلگىرى كۆپ قېتىم  مۇھەممەد سالىھ قۇرئاننى تەرجىمە قىلىپ ياشلارنى بۇزدى،گېپىمىزنى ئاڭلىماس قىلىۋەتتى........... دەپ كۆپ شىكايەت قىلغان.
شۇڭا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار قۇرئاننى ياشلارنى «بۇزمىغىدەك» يەنە بىر قىتىم تەرجىمە قىلىشنى
مۇھەممەد سالىھقا بۇيرىغان.بۇكىشى بولسا:مەن ئىلگىرى تەرجىمە قىلىپ بولغان ئەمدى يەنە قىلمايمەن دەپ گەپنى ئۈزگەن.

15-ئىنكاس
ئىلىمى  بارلارنىمۇ  كۆرۈۋاتىمىز   !   قۇرئاندا  دىيىلگەن   كىتاب  يۈدۈۋالغان  ئېشەكتەك   يۈرۈشىدۇ  !  ئىلىمىگە  ئەمەل  قىلماي !   ھەق  بىلەن  ناھەقنى  ئايرىشقا  ئىمان  بىلەن  تولغان ئۆتكۈر كۆز  لازىم  ھەرگىزمۇ  ئۆزى  ئەمەل  قىلمايدىغان  ئىلىم  ئەمەس  !  بىز  پىتنە  قىلمىدۇق  !   سىنىڭ  ۋە   مىنىڭ  كەلگۈسى  ئەۋلادلىرىمىز   ۋە  دوس  بۇرادەرلىرىمىزنىڭ   ئىماندىن  چىقىپ  كەتمەسلىكى  ئۈچۈن  ھەق  گەپ  قىلىۋاتىمىز  !

16-ئىنكاس
بۇرۇن بىر خىرىستىيان مۇرتى بىر مۇسۇلمان كىشىگە ناھايىتى چىرايلىق بىر ئىنجىل سوۋغا قىپتۇ.
بۇنى كۆرگەن باشقىلار ئۇ ئىنجىلدىكى خەتنى تۇنۇمىسا چۇشەنمىسە قانداق ئوقۇيدۇ دەپتۇ.
ھىلىقى خىرىستىيان مۇرتى كۈلۈپ كىتىپ. شۇنداق ئۇ چۈشەنمەيدۇ.ئەمما ئۇ گۈزەل نەپىسلەنگەن
بۇ كىتاپنى ساقلاپ قويىدۇ. ئۇنىڭدىن بالىسىغا، بالىسىدىن نەۋرىسىگەقالىدۇ......ھامان بىركۈنى
ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن كىتاپتىكى يىزىقنى چۇشۇنەلەيدىغان بىرسى چىقىپ ئاتا-بوۋسىدىن قالغان
بۇ مىراسنى قولىغا ئالىدۇ.....ئەنە شۇ چاغدا مەن غەلبە قىلغان بولىمەن. دەپتۇ.
قىرىنداشلار نادانلىق بەك يامان. ساقلايدىغان ھەرقانداق بىر كىتاپنى ئاۋال ئۆزىمىز چۇشۇنۇپ
ئاندىن ئىش قىلايلى. اللە ھېم بىزگە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىمان-ئىتقات بىلەن بىرگە
ئەقىل-پاراسەت ۋە كەمتەرلىك بەرگىن. امىن

17-ئىنكاس
ئاللاھنىڭ كالامى قۇرئان كەرىمنى يېزىق شەكلىدە ئۆزگەرتىش بىلەن ئاغزاكى شەكىلدە ئۆزگەرتىشنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى بارمۇ؟ سىز قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ مۇنبەرلەردە بەزى قارى قۇرئان،موللا -ئۆلىمالىرىمىزنىڭ تىلى بىلەن جامائەتكە بۇرمىلىنىپ يەتكۈزىلىۋاتقانلىغىنى،ياكى مەخسەتلىك باسۇرۇپ قۇيلىۋاتقانلىغىنى بىلمەيدىغان يەردىمۇ؟قۇرئان كەرىمنىڭ باشقا تىللاردىكى قانچە كۆپ تەرجىمىسى بولسۇن، ئۇلاردىكى مەخسەت  چۈشۈنۈشلۈك.ئۇنى قۇبۇل قىلىشقا بۇلىدۇ.بىراق ،بىرە قارا نىيەت بىلەن قىلىنغان ئەمگەك ،كۈرنۈشتە قانچە دەبدەبىلىك،ساۋاپلىق، كاتتا ئىشتەك تەسىر بەرسىمۇ ئۇ ئەمگەكچىگە ۋاقىتلىق مەنپەئەتتىن باشقا ئاقىۋەت زىياننىلا ئېلىپ كىلىدۇ خالاس. زىيان ئۆزى بىلەنلا بولسىغۇ مەيلىيتتى،بىراق ئۆزى تەۋە خەلىقنىمۇ شۇ زىيانغا تەڭ سۆرەيدۇ ئەمەسمۇ.

20
ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم، مۇھەممەت قارى ھاجىم تەرجىمە قىلغان «قۇرئان كەرىم» نىڭ قىممىتىنى بىلەلمىگەنلىكلىرىمىز ئۈچۈن بۇ قېتىمقى قايتا تەرجىمە ئارقىلىق ئۇ ئۇلۇغ زات تەرجىمە قىلغان «قۇرئان كەرىم» نىڭ قىممىتىنى بىز بەندىلىرىگە بىلدۈرۈۋاتقان ئوخشايدۇ...

32-ئىنكاس
مېنىڭچىمۇ مۇھەممەت سالىھ داموللا ھاجىم تەرجىمە قىلغان «قۇرئان كەرىم» نى قايتا نەشر قىلماي، قايتىدىن تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلغانلىقنىڭ ئۆزىلا ئارىمىزغا زىددىيەت سېلىپ بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى بىزنى سۈننى مەزھىپى ۋە شىئە مەزھىپى دەپ ئۇرۇشقا سالالمىغان بىلەن «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئىككى خىل تەرجىمىسى ئارقىلىق زىددىيەتكە سالالايدۇ ئەمەسمۇ؟

34-ئىنكاس
قۇرئاننى قايتا تەرجىمە قىلىشنىڭ (ئەمەلىيەتتە تەرجىمە نامى ئاستىدا قۇرئاننىڭ ئىلگرىكى تەرجىمىسىنى ئۆزگەرتىپ بۇرمىلاشنىڭ  )بىردىن بىر مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى پارچىلاش ،ياكى ئۇيغۇرلارنى باتىل، ئۆزگەرتىلگەن تەرجىمە (ئىتىقاد) ئاستىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ ،شەيتانغا ياۋاش يۇمشاقلىق بىلەن بويسۇندۇرۇش،چۈنكى ھازىرغا قەدەر شەيتانلارغا ،ۋە شەيتانلاردىن مائاش ئىلىپ ،قەلبىدە شۇلارغا سەجدە قىلىۋاتقان  سەللىلىك مۇناپىقلارغا قارشى تۇرىدىغان بىردىن بىر قورالىمىز بولسا مۇھەممەد سالىھ داموللام تەرجىمە قىلغان مۇقەددەس قۇرئاننىڭ تەرجىمىسى  ئىدى ،كىم مەسچىتلەردە مۇناپىقلىق بىلەن ئاللاھنىڭ سوزلىرىنى بۇرمىلىسا ئۇدۇل ئۆيىمىزگە كىلىپ ئاشۇ پاكىزە قۇرئانىمىزغا قاراپ نىمنىڭ توغرا نىمىنىڭ خاتا ئىكەنلىگىنى بىلىۋالاتتۇق ،بۇ قۇرئاننىڭ تەرجىمىسى ئاشۇ مۇناپىقلارغا قارشى تۇرۇشنىڭ پولاتتەك قورالىمىز دىدىكى ،ئاشۇ سەللىلىك مۇناپىقلارمۇ ھازىرغا قەدەر قولىمىزدىكى تەرجىمە قۇرئانغا قارشى ھىچنىمە دىيەلمەيتتى  ،ئۇلار شەيتاننىڭ قوللىشى ئاستىدا مەسچىت مۇنبەرلىرىنى تارتىۋالغان ،ۋە باتىل بىلەن ھەقنى ئارلاشتۇرۇپ خەلقىمىزنى شەيتانغا ماسلىشىشقا،ئەل بولوشقا ،ھورلۈك ئەركىنلىكلىرىمىزنى ئۇنتۇشقا ،ھەق ھوقوقلىرىمىزنى تەلەپ قىلماي ،پەقەت شەيتان يول قويغان دائىرە ئىچىدىلا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىۋاتقاندا،قىسقىسى بىزنى تۇيدۇرماي ھالاكەتكە باشلاۋاتقاندا ئەنە ئاشۇ كونا تەرجىمە قۇرئان ،سوزلەش ھوقوقى تارتىۋىلىنغان ئاشۇ پاك ئىمانلىق موللائۆلىمالىرىمىزنىڭ ئورنىدا ،بىزنى ھەق ھىدايەتكە چاقىرغان ،ئىزىپ كىتىشتىن ساقلىغان ،شەيتاننىڭ ئەمەس بەلكى ئاللاھنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىكەنلىگىنى بىلدۈرۈپ كىلىۋاتقان ،قىسقىسى مۇشۇ كوناتەرجىمە قۇئان بىزنى نورلۇق ماياك كەبى ،سەللىلىك ھەم سەللىسىز مۇناپىقلارنىڭ ئازدۇرىشىدىن ساقلاپ كىلىۋاتقان ئىدىكى ،شەيتان ھەم شەيتانغا ئەگەشكۈچى مۇناپىقلار  مۇشۇ تەرجىمە  قۇرئان ئالدىدا تولىمۇ ئاجىز چۈپرەندە ھالاتكە چۈشۈپ قالغان ئىدى،شۇ سەۋەپتىن ئۇلار تەرجىمە قۇرئانغا ۋە مۇھەممەد سالىھ داموللامغا ھاقارەت قىلپ شۇنداق دىيىشكەن ئىدى ‹ نىمە قىلىدۇ ،كونىلار تەرجىمە قىلمىغان قۇرئانى تەرجىمە قىلىپ؟مۇشۇ تەرجىمە قۇرئان چىقىپ كىشىلەر گىپىمىزنى ئاڭلىماس بولوپ كەتتى ،ھە دىسىلا قۇرئاندىن بىر نەچچ ئايەت ئوقىۋىلىپ بىز بىلەن مۇنازىرىلىدىغان بولىۋالدى ،ئۆلىمالىرىمىزنى كوزگە ئىلماس بولىۋالدى›  مانا ئۆزلىرىنى موللا ،داموللائاتىۋالغان كىشىلەرنىڭ  ئاللاھنىڭ كالامى قۇرئانغا بەرگەن باھاسى،مانا  زامانلار ئۆتۈپ ،ئۇلار تولىمۇ مودھىش،نۇمۇسسىز بىر قىلمىشنى ئويلاپ چىقتى (ئۇلارغا لەنەت بولسۇن) بۇ بولسىمۇقۇرئان تەرجىمىسىنى ئۆزگەرتىش ئىدى ،شۇندىلا كىشىلەر بۇرۇنقىدەك قۇرئاننى كوتۈرۈپ چىقىپ ئۇلارغا قارشى تۇرالمايتى،چۈنكى قۇرئان تەرجىمىسى ئاللىقاچان ئۇلارنىڭ شەيتان خوجايىنلىرىنىڭ  ئىددىيسى بويىچە بۇرمىلانغان ئىدى،قۇرئاننىڭ ئەرەپچىسىنى چۈشىنىلەيدىغان  پاك ئىتىقاتلىق كىشىلەر ئاللىقاچان مۇنبەرلەردىن قوغلاپ چىقىرىلغان،ۋە سوزلەش ھوقوقلىرى ياۋۇزلاچە تارتىۋىلىنغان ئىدى ،ھازىر مەسچىت مۇنبەرلەردە قالغىنى پەقەت مۇسۇلمان قىياپىتىگە كىرىۋالغان ،شەيتاننىڭ سادىق يالاقچىلىرى ،ھەقنىڭ  ئەشەددى دۈشمەنلىرى،ئاللاھ دوزاخننىڭ ئەڭ ئاستىغا تاشلاشقا ۋەدە قىلغان، مۇناپىق شاپتۇل داموللامنىڭ ھارام قىنىدىن تورەلگەن مۇناپىق موللىلار ئىدى،
  
34-ئىنكاس   
قوي يىمەيدىغان بورە بارمۇ؟زالىمدىن ۋاپا كىلەمدۇ؟بۇرۇن كەلگەنمۇ؟ خۇدا يوق دەۋاتقان كىشىلەر ،رومال ئارتقىلى، ساقال قويغىلى ،يىڭى مەسچىت سالغىلى، قۇرئاننى تولوق سوزلىگىلى قويمايۋاتقان كافىرلار،قىسقىسى دىنىنى يوقىتىشنى كۆزلەۋاتقان كافىرلار  ئەمدى كىلىپ خۇدانىڭ كىتابىنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ بەردى دىسە  نىمە ئۈچۈن دەپ سوراپ باقماي ،قىلچىلىك تەپەككۈر قىلماي ،توغرىمۇ خاتامۇ دىمەي ،نىمەئۈچۈن دەپ سوراپمۇ قويماي ،سىلىشتۇرماي ،ھەممەيلەن ئالقىش ياڭرىتىپ كەتمەيلى،بىر چىمدىم زەھەر سىلىنغان سۇنىڭ ،سۇ ئەمەس زەھەر بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايلى . قوش مەسچىت ھىكايىسىنى ئۇنتۇپ قالمايلى ،دۈشمەننىڭ پارچىلاش قەستىگە ئالدىنىپ يۈرمەيلى.
  
35-ئىنكاس   
شەيتان ۋە ئۇنىڭ سەللىلىك ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ  بىردىنبىر مەقىسىتى ،ئۇيغۇرنى ئۈزۈل كىسىل پارچىلاش ،بىز كەڭ مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ بۇ رەزىل سۈيقەستىگە قارشى  شەكسىز ،دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئىتىراپ قىلغان كونا تەرجىمگە مەھكەم ئىسىلايلى ،ئەمەل قىلايلى ،بۇرۇنقىدەك مۇناپىق موللىلارغا قارشى ئاشۇ قۇرئانىمىز بىلەن تاقابىل تۇرايلى .ئاللاھ ھەممىمىزگە سەزگۈر ،قەلىپ ئاتا قىلسۇن.ئاللاھ قۇرئاندا دىگەندەك كاپىرلارغا ئىشەنمەيدىغان ئەقىل ئاتا قىلسۇن.

http://bbs.bagdax.cn/thread-17322-1-1.html

ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

سەمىمى بولۇڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12190
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 449 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 09:13:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 10:27:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمدىكى تورداش  handanjan نىڭ ئىلتىماسى بىلەن بۇ سىندەرسنى تەۋسىيە قىلدىم.

baidu نىڭ تور دىسكىسى ھەقسىز بولۇپ بۇنىڭغا تۈرلۈك ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ ساقلىغىلى ۋە بۇنىڭدىكى ھۆججەتلەرنى باشقىلارغا ھەمبەھرلىگىلى بولىدۇ.
بۇنى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئىشلىتىشنى ئاددىيلا چۈشەندۈرۈپ سىنلاپ قويدۇم.

مەنبە http://v.youku.com/v_show/id_XNDU4Mzc3NjEy.html
http://u.youku.com/yolyar دا باشقا دەرسلەرمۇ بار
بۇ سىندەىرسنى چۈشۈرۈش ئادرىسى مەن ( ئىنتىل) سۆزلىگەن سىندەرسلەر قاتارىدا
يەنى http://pan.baidu.com/share/link?shareid=62441&uk=4245097754
بىۋاستە چۈشۈرۈش
http://www.baidupcs.com/file/der ... e2d37d2fbceea3659c7
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
بۇ بوشلۇقنى بۇنى بېسىپ ئىلتىماس قىلسىڭىز مېنىڭ بوشلۇقۇم چوڭىيىدۇ.
مەنبە: ئىنتىل سەيناسى

ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

سەمىمى بولۇڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12190
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 449 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 10:20:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار www.Ewlat.Net تورى تەرىپىدىن تارقىتىلغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تارىخى تەسۋىرلەنگەن فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسىخىسىنى چۈشۈرۋېلىڭلار! بالىلارنىڭ ئىسلامى ئەخلاق بىلەن تەربىيلەشتە ياخشى فىلىمكەن.  

http://pan.baidu.com/share/link?shareid=562262&uk=3845031532

چۈشۈرۈشتە IDM دىتالىنى ئىشلىتىڭلار ! بەيدۇ دىسكىسىدىن ماتىريال چۈشۈرۈشتە IDM نىڭ سۈرئىتى بەك تىزكەن .  IDM نى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

چۈشۈرۈش ئېھتىياجى يوق قېرىنداشلار تۆۋەندىكى ئادېرسىتىن توردىنلا بىۋاستە كۆرۈڭلار ! ياكى تۆۋندىكىنى چۈشۈرسەڭلار بولىدۇ(سىغىمى سەل كىچىك)
https://docs.google.com/file/d/0 ... zQ/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... TQ/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... mc/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... DQ/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... G8/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... ms/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... XM/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... Wc/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... TA/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... 1U/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... zg/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... 2M/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... TA/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... 2c/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... k0/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... U0/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... Uk/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... Gs/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... Uk/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... kE/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... Dg/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... Hc/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... 2s/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... Vk/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... UE/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... G8/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... kU/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... zg/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... kE/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... 3M/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... m8/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... jg/edit?usp=sharing
https://docs.google.com/file/d/0 ... zQ/edit?usp=sharing

بۇنىڭدىن باشقا ئەبۇ تارىق ئەپەندى تەمىنلىگەن ئەۋلاد تورىدا ئېلان قىلىنغان باشقا كارتون فىلىملەرنىڭ سۈزۈك نۇسىخسىىنى تۆۋەندىكى ئادېرستىن چۈشۈرۋېلىڭلار.  مەن تەرەپتە چۈشمەيۋاتىدۇ . چۈشۈرەلىگەن قېرىنداشلار تور دىسكىسىغا يوللاپ قويارسىلەر.  

ئەۋلاد تورىدا ئېلان قىلىنغان فىلىملەرنىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنىڭ ئادرېسلىرى:

dvd 1: ئىسلامنىڭ شەرتلىرى

http://www.ewlat.net/hojjet/iso/islamning_xertliri.part1.rar
http://www.ewlat.net/hojjet/iso/islamning_xertliri.part2.rar
http://www.ewlat.net/hojjet/iso/islamning_xertliri.part3.rar
http://www.ewlat.net/hojjet/iso/islamning_xertliri.part4.rar

dvd 2:ئىماننىڭ شەرتلىرى

http://www.ewlat.net/hojjet/iso/imanning_xertliri-1.part1.rar
http://www.ewlat.net/hojjet/iso/imanning_xertliri-1.part2.rar
http://www.ewlat.net/hojjet/iso/imanning_xertliri-1.part3.rar
http://www.ewlat.net/hojjet/iso/imanning_xertliri-1.part4.rar

dvd 3:ئىماننىڭ شەرتلىرى

http://www.ewlat.net/hojjet/iso/imanning_xertliri-2.part1.rar
http://www.ewlat.net/hojjet/iso/imanning_xertliri-2.part2.rar
http://www.ewlat.net/hojjet/iso/imanning_xertliri-2.part3.rar

   پىرىستىن يېشىشش پارولى :     www.ewlat.net.

فىلىمنى تەمىنلىگۈچى ئەبۇ تارىق ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىمىز .  ئەبۇ تارىق ئەپەندىنىڭ تور بېكەتلىرى :

ئۇيغۇر ئىسلام تورى     http://www.uighurislam.net          قۇرئان كەرىم تورى: http://www.qurankerim.com/qk      ئەلاد تورى http://www.ewlat.net

ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78910
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3751
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2012-4-16
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 10:23:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87904
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 527
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 11:44:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە- بىلىۋالدىم مىنىڭ كۆزۈم ئاجىز ئىدى، ئەمدى بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلاي.

مۇۋاپىق مىقداردىكى كۆك كەپتەر باچكىسىنى شورپا قىلىپ پىشۇرۇپ يەپ، سۈيىنى ئىچىپ بېرىشنىڭمۇ كۆزنى ئاسراشقا پايدىسى بار.  بۇ ماڭا بەك ياقتى.

قەلبىمدە تەبەسسۇم،كۆزلىرىمدە ياش.
ئىسىمدىن چىقمىغاچ ئەشۇ بىر ئىسىم.
قانداقمۇ ئۆچۈرەي قەلبىم شامىنى ،
كەچۈرگىن ئەي مىنى بەڭباش ياشلىقىم.

سەمىمى بولۇڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12190
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 449 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 12:48:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                         ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇلمەلىك                           

« بىلەمسەن؟ ھەر بىر قەۋمنىڭ ئەڭ ئېسىلى بار. ئۇمەييە جەمەتىنىڭ ئەڭ ئېسىل ئادىمى
- ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز، ئۇ قىيامەت كۈنىدە تەنھا بىر مىللەت قىلىپ تىرىلدۈرىلىدۇ. »
     _ مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھۇسەن

ئۇلۇغ تابىئىن، مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى - ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئۆزىدىن بورۇنقى خەلىفە سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلمەلىكنىڭ قەبرە توپىسىدىن قولىنى قاقماي تۇرۇپلا، كۈچلۈك ۋاراڭ - چۇرۇڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى ۋە مۇنداق دېدى:
- بۇ نېمە ئىش؟ ئۇلار مۇنداق دېدى:
- ئى مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى! بۇ - خەلىفىنىڭ تەختىراۋانى، بۇ سىزنىڭ چىقىشىڭىز ئۈچۈن تەييارلانغان. ئۈمەر كۆزىنىڭ قىرى بىلەن ئۇنىڭغا قارىدى ۋە كۆتۈرەڭگۈ ئاۋاز بىلەن:
- مەن ئۇنىڭدا ئولتۇرۇپ نېمە قىلىمەن؟ ئۇنى مەندىن يىراق ئېلىپ كېتىڭلار، اللە سىلەرگە رەھمەت قىلغاي، ماڭا خېچىرىمنى ئەكىلىپ بېرىڭلار، شۇلا كۇپايە.
ئۇ ھارغىنلىق بىلەن ئۇيقۇسىزلىققا چۆمگەن ئىدى. ئۇ خېچىرىغا مىندى. ساقچى باشلىغى ئۇنىڭ ئالدىدا مېڭىش ئۈچۈن كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئوڭ - سولىدا قول ئاستىدىكى ساقچىلار سەپ تۈزۈپ ماڭغان ئىدى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا چاقناپ تۇرغان نەيزىلەر بار ئىدى. خەلىفە ئۇلارغا قارىدى ۋە مۇنداق دېدى:
- ماڭا سەن ۋە ئۇلار ھاجەت ئەمەس، مەن پەقەت مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى بىر ئادەم، ئەتىگىنى ئۇلاردەك تۇرىمەن، كەچتە ئۇلاردەك ياتىمەن.
ئاندىن ئۇ ماڭدى، كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ بىلەن مېڭىپ مەسجىدكە كىردى، كىشىلەر جامائەت نامىزىغا چاقىرىلدى. كىشىلەر ھەر قايسى تەرەپلەردىن مەسجىدكە سەل كەبى ئېقىشقا باشلىدى. كىشىلەر يىغىلىپ بولغاندا خەلىفە ئورنىدىن تۇرۇپ اللەغا ھەمدۇ – سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئوقىدى، ئاندىن مۇنداق دېدى:
- ئى خالايىق، مېنىڭ مەسلىھەتىمسىز، مەن بىخەۋەر، مۇسۇلمانلار كېڭەشمەستىن مەن بۇ ئىش بىلەن سىنالدىم، مەن گەردىنىڭلاردىكى ماڭا بەرگەن بەيئەتتىن ئايرىلدىم. سىلەر ئۆزۈڭلارغا سىلەر رازى بولىدىغان خەلىفە تاللىۋېلىڭلار.
كىشىلەر بىرلىكتە قاتتىق توۋلىشىپ:
- بىز سېنى تاللىدۇق، ئى مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى! ساڭا رازىمىز. اللەنىڭ رەھمىتى ۋە بەركىتى بىلەن بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى قولۇڭغا ئال.
خەلىفە ئاۋازلارنىڭ پەسەيگەن، دىللارنىڭ ئارامىغا چۈشكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن،اللەغا يەنە بىر قېتىم ھەمدۇ - سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت ۋە سالام يوللاپ، كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇلارنى تەقۋالىققا قىزىقتۇراتتى، دۇنياغا بېرىلمەسلىككە ئۈندەيتتى، ئاخىرەتكە رىغبەتلەندۈرەتتى. قاتقان دىللارنى لەرزىگە كەلتۈرىدىغان، ئاسى كۆزلەردىن ياش تۆككۈزىدىغان، قەلىبتىن چىقىپ ئاڭلىغۇچىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئورۇن ئالىدىغان تەلەپپۇز بىلەن كىشىلەرگە ئۆلۈمنى ئەسلىتەتتى. ئاندىن ھالسىرىغان ئاۋازىنى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئاڭلىغۇدەك قىلىپ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مۇنداق دېدى:
- ئى خالايىق! كىمكى اللەغا ئىتائەت قىلسا، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش لازىم، كىم اللەغا ئاسى بولسا، ئۇنىڭغا ھېچكىم ئىتائەت قىلماسلىغى كېرەك. ئى خالايىق! ئەگەر مەن اللەغا ئىتائەت قىلسام، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر اللەغا ئاسى بولسام، ماڭا ھەرگىز ئىتائەت قىلماڭلار.
ئۇ سۆزىنى تۈگۈتۈپ، مۇنبەردىن چۈشۈپ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى ۋە ھوجرىسىغا كىرىپ كەتتى. دېمىسىمۇ خەلىفە سۇلايماننىڭ ۋاپاتىدىن بېرى قاتتىق چارچاپ كەتكەچكە، بىردەم ئارام ئېلىۋېلىش ناھايىتى زۈرۈر بۇلۇپ قالغان ئىدى. لېكىن ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز يېنىنى ئورۇنغا قۇيا - قويمايلا ئوغلى ئابدۇلمەلىك كىرىپ كەلدى. ئۇ شۇ كۈنلەردە ئون يەتتە ياشقا قاراپ مېڭىۋاتقان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
- ئى مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى! نېمە ئىش قىلماقچى سەن؟
- ئى ئوغلۇم! ئازراق كۆزۈمنى يۇمۇۋالاي دېگەن، بەدىنىمنىڭ مادارى قالمىدى.
- ئى مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى! ناھەق ئېلىنغان نەرسىلەرنى ئىگىلىرىگە قايتۇرماي تۇرۇپ ئۇخلىماقچىمۇ؟
- ئوغلۇم! كېچە تاغاڭ سۇلايماننىڭ ئىشى بىلەن ئۇخلىيالمىغان ئىدىم. اللە خالىسا پېشىن ۋاقتى بولغاندا نامازنى ئوقۇپ بولۇپ، كىشىلەردىن ناھەق ئېلىنغان نەرسىلەرنى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىمەن.
- ئى مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى! كىم سېنى پېشىن ۋاقتىغىچە ياشايدۇ دەيدۇ؟
بۇ سۆز ئۈمەرنىڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتتى، كۆزىدىن ئۇيقۇنى قاچۇردى، چارچىغان بەدىنىدە كۈچ ۋە ئىرادىنى ئۇرغۇتتى. ئۇ ئوغلىغا مۇنداق دېدى:
- ئوغلۇم! ماڭا يېقىن كەلگىنە.
ئوغلى ئۇنىڭغا يېقىن كەلدى. ئۇ ئوغلىنى باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ، ئىككى كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا سۆيدى ۋە مۇنداق دېدى:
- اللەغا يۈزمىڭ قەتلە شۈكرى، مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدىن ماڭا، دىنىمغا ياردەم بېرىدىغان كىشىنى چىقىرىپتۇ.
ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ كىشىلەرگە: ناھەق ئېلىۋېلىنغان مېلى بارلار ئېلىپ كەتسۇن، دەپ جاكارلاشقا ئەمىر قىلدى.
*                     *                     *
ئابدۇلمەلىك كىم؟ كىشىلەر ئۇ توغرىسىدا: ئۇ دادىسىنى ئىبادەتكە باشلىغان، تەقۋالىق يولىغا ئېلىپ ماڭغان، دېگەن بۇ بالىنىڭ خەۋىرى قانداق؟ كېلىڭلار، بۇ دىيانەتلىك ياشنىڭ ھېكايىسىگە باشتىن نەزەر سالايلى!
ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ ئون بەش بالىسى بار بولۇپ، ئۈچى قىز ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەقۋا ھەم دىيانەتلىك ئىدى. لېكىن ئابدۇلمەلىك قېرىنداشلىرى ئىچىدە ئىمان رىشتىسى كۈچلۈك ۋە نۇر چېچىپ تۇرغان مەشئەل ئىدى. ئۇ كىچىك تۇرۇپلا زېرەك ئەدىپ بولۇپ، ئوتتۇرا ياشلارغا خاس ئەقىل پاراسەتكە ئىگە ئىدى. ئۇ ئەقلىگە كەلگەندىن تارتىپلا بۈيۈك اللەنىڭ ئىتائىتىدە ئۆسۈپ يېتىلدى. ئۇ نەسەپ جەھەتتە ئۇمۇمەن خەتتاب جەمەتىگە يېقىن ئىدى، تەقۋادارلىق، گۇناھ سادىر قىلىشتىن قورقۇش، ئىتائەت بىلەن اللەغا يېقىنلىشىشتا خۇسۇسەن ئابدۇللا ئىبنى ئۈمەرگە ئوخشايتتى.
ئۇنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ئاسىم سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ:
دەمەشىققە ۋەكىل بولۇپ كېلىپ، تاغامنىڭ ئوغلى ئابدۇلمەلىكنىڭ ئۆيىگە چۈشتۈم. ئۇ بويتاق ئىدى. بىز خۇپتەن نامىزىمىزنى ئوقۇپ بولۇپ، ھەممىمىز ئۆز ئورنىمىزغا بېرىپ ياتتۇق. ئابدۇلمەلىك تۇرۇپ چىراقنى ئۆچۈردى. ھەممەيلەن ئۇيقۇغا كەتتى. كېيىن مەن يېرىم كېچىدە ئويغانسام، ئابدۇلمەلىك ناماز ئوقۇۋېتىپتۇ. ئۇ اللەنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىنى ئوقۇۋاتاتتى: « ئېيتىپ باققىنا! ئەگەر ئۇلارنى نۇرغۇن يىللار ( نىئمەتلىرىمىزدىن ) بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاپ كەلسە، ئۇلارنىڭ بەھرىمەن بولغان نىئمەتلىرى ( ئۇلادىن ئازاپنى دەپئى قىلىشتا ) ھېچنەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. » ( سۈرە شۇئەرا 205 ~ 207- ئايەتلەر )

ئۇنىڭ ئايەتنى تەكرار ئوقۇشى، يۈرەك رىشتىسىنى ئۈزگىدەك ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلىشى مېنى ھەيران قالدۇردى. ئۇ ئايەتنى ئوقۇپ بولۇپ، يەنە قايتا ئوقۇيتتى. مەن ئۇنى يىغا سىقىلدۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قۇيامدىكىن، دېدىم. مەن بۇلارنى كۆرۈپ:
- لا ئىلاھە ئىللەللاھ، ۋەلھەمدۇلىللاھ، - دېدىم.
ئۇيقۇدىن ئويغانغۇچى يىغىنى ئۈزۈش ئۈچۈن شۇنداق قىلاتتى. ئۇ مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلاپ، جىمىپ كەتتى، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق تىۋىش ئاڭلىمىدىم.

بۇ ئۇمەۋىيلىك ياش ئۆز دەۋرىدىكى ئۆلىمالارنىڭ كاتتىلىرىدىن تەلىم ئالدى، قۇرئان بىلىملىرىنى تۇلۇق ئۆگەندى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەرىسلىرىدىن تۇلۇق نېسىۋىگە ئېرىشتى، دىنى بىلىملەردىن تويۇندى. ئاخىرى يېشى كىچىك تۇرۇپلا، ئۆز زامانىسىدىكى شاملىق دىنى ئۆلىمالارنىڭ بىرىنچى تەبىقىسىگە قوشۇلدى.
ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز شامنىڭ بارلىق كىتاپ ئوقۇرمەنلىرىنى يىغىپ، مۇنداق دېدى:
- مەن سىلەرنى جەمەتىم قولىدىكى زۇلۇم بىلەن ئېلىنغان ماللارنىڭ ئىشى بىلەن چاقىردىم، بۇ توغرىسىدا سىلەرنىڭ قارىشىڭلار قانداق؟
ئۇلار دېدى:
- ئى مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى! بۇ سېنىڭ رەھبەرلىكىڭ ئاستىدا بولغان ئىش ئەمەس، بۇلارنىڭ گۇناھى شۇنى زۇلۇم بىلەن ئالغان كىشىگە بۇلىدۇ.
ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزىگە خەلىفىنىڭ كۆڭلى تىنمىدى. قارىشى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بىر كىشى خەلىفىگە قاراپ مۇنداق دېدى:
- ئى مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى! ئابدۇلمەلىككە ئادەم ئەۋەتكىن، ئۇ بىلىم، ئەقىل ۋە دىنى ھۆكۈم جەھەتتە بۇ سورۇندىكىلەردىن ھەرگىز قېلىشمايدۇ.
ئابدۇلمەلىك خەلىفىنىڭ قېشىغا كىرگەندە، خەلىفە ئۇنىڭغا:
- تاغىمىزنىڭ بالىلىرى كىشىلەردىن ناھەق ئالغان بۇ ماللارنى قانداق قىلىمىز؟ ئۇنىڭ ئىگىلىرى كېلىپ، بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەققى بارلىغىنى بىلدۇق.
- مېنىڭ قارىشىم - ئېنىقلىيالىساڭلا، ماللارنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش كېرەك، ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭ، شۇلارنى زۇلۇم بىلەن ئالغان كىشىلەرنىڭ شېرىكى بولۇپ قالىسەن.
خەلىفىنىڭ چىرايى ئېچىلىپ، كۆڭلى ئارامىغا چۈشۈپ، چىرايىدىن غەم ئالامەتلىرى يۇقالدى.
*                     *                     *
ئۈمەۋىيلىك بۇ يىگىت چىگرا قاراۋۇللىغى ۋە شام دىيارىدا تۇرۇش ئۈچۈن، شۇ يەرگە يېقىن شەھەردىن بىرىدە تۇرۇشنى تاللىدى. ئۇ گۈزەل باغلىرى، سايىلىق دەل - دەرەخلىرى، يەتتە دەرياسى بار بۇ كاتتا يۇرت - دەمەشىقنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ئۆز يولىغا راۋان بولدى.
ئۇنىڭ دادىسى ئۇنىڭ دىيانىتى ۋە تەقۋادارلىغىنى ئوبدان بىلىدىغان تۇرۇغلۇق، ياشلىق ھېسسىياتى بىلەن ئوغلىنى شەيتاننىڭ ئازدۇرۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتى. بىلىشكە تېگىشلىك بارلىق ئىشلىرىدىن خەۋەر تېپىپ تۇرۇشقا بەك قىزىقاتتى. ئوغلىنىڭ ئىشىدىن بىخەۋەر قالمايتتى ھەم ھەرگىز سەل قارىمايتتى.
ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ ۋەزىرى، قازىسى، مەسلىھەتچىسى مەيمۇن ئىبنى مەھران بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«مەن ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ يېنىغا كىردىم، ئۇ ئوغلى ئابدۇلمەلىككە نەسىھەت قىلىپ، يول كۆرسىتىپ، گۇناھتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، دەۋزەختىن قورقۇتۇپ، جەننەتتىن خۇشخەۋەر بېرىپ خەت يېزىۋاتقان ئىكەن. ئۇ يازغان خەتتە تۆۋەندىكىلەر بار ئىدى:
- مەقسەت، مېنى ۋە مېنىڭ سۆزۈمنى ھەممىدىن بەك سەن چۈشىنىشكەلايىق، اللە بىلەن قەسەم قىلىمەن، ئۇنىڭغا چەكسىز مەدھىيىلەر بولسۇن، اللە بىزگە بارلىق چوڭ كىچىك ئىشلاردا غەمخورلۇق قىلدى. ئوغلۇم! اللەنىڭ ساڭا ۋە داداڭغا قىلغان ئىنئام ۋە پەزىلىتىنى ئېسىڭدىن چىقىرىپ قويما. كىبىر ۋە تەمەننادىن يىراق قاچ، ئۇ شەيتاننىڭ ئەمىلى. شەيتان مۇئمىنلەرگە ئېنىق دۈشمەن. ئوغلۇم! بىلگىنكى، مەن بۇ خەتنى سېنىڭ بىرەر يامان ئىشىڭ ماڭا يېتىپ كېلىپ يېزىۋاتقان يېرىم يوق. مەن سەن توغرىلىق ياخشى ئىشلارنىلا بىلىۋاتىمەن. لېكىن مەن سېنىڭ ئۆزۈڭدىن ئەجەپلىنىۋاتقانلىغىڭدىن خەۋەر تاپتىم، ئەگەر بۇ سېنى مەن ياقتۇرمايدىغان ئىشقا ئېلىپ بارسا، ئەلۋەتتە سەنمۇ مەندىن ئۆزۈڭ ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى كۆرىسەن.
مەيمۇن مۇنداق دەيدۇ:
ئۈمەر ماڭا قاراپ مۇنداق دېدى:
- ئى مەيمۇن! ئوغلۇم ئابدۇلمەلىك ئۆزەمگە ياخشى كۆرۈنىدۇ، مەن بۇ سەۋەپلىك ئۆزەمدىن شىكايەت قىلىمەن، مېنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈشۈم ئۇنى بىلىپ تۇرۇشۇمنى بېسىپ چۈشۈپ، ئاتىلىق مېھرى بىلەن بالىلىرىنىڭ ئەيىبىنى كۆرمەيدىغان ئاتىلاردىن بولۇپ قېلىشىمدىن بەك ئەنسىرەيمەن. سەن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنى چوڭقۇر كۆزەتكىن. ئۇنىڭدا كىبىر، تەمەنناغا ئوخشايدىغان ھالەتتىن بارمۇ، ئوبدان نەزەر سال. ئۇنىڭ يېشى كىچىك، شەيتان ئازدۇرۇپ كېتىشىدىن بەك ئەنسىرەيمەن.
مەيمۇن مۇنداق دەيدۇ:
يۈك تاقامنى تېڭىپ، ئابدۇلمەلىك تەرەپكە يول ئالدىم، بېرىپ ئىزنى سوراپ يېنىغا كىردىم. ئۇ ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان، چىرايى نۇرلۇق، ناھايىتى كەمتەر بالا ئىكەن. ئۇ يۇڭدىن ئىشلەنگەن ئاق پالازدا ئولتۇردى، ئۇ مەن بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، مۇنداق دېدى:
- دادامنىڭ سېنى مۇۋاپىق تەرىپلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. سەن ئارقىلىق اللەنىڭ ماڭا پايدا يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن دېدىم:
- ئۆزۈڭ قانداقراق تۇرىۋاتىسەن؟
- اللەنىڭ ياردىمى ۋە ئىلتىپاتى بىلەن ياخشى. بىراق دادامنىڭ ماڭا بولغان ياخشى تۇنۇشى مېنى مەغرۇرلاندۇرۇپ قويىشىدىن ئەنسىرەيمەن. دادام ئويلىغان پەزىلەتنىڭ ھەممىسىگە يەتمىدىم تېخى. دادامنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى مېنى ھەقىقى چۈشىنىشنى بېسىپ چۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئاپەت بولۇشىدىن قورقىمەن.
مەن بۇلارنىڭ قارىشىنىڭ ئوخشاشلىغدىن ھەيران قالدىم ھەم ئۇنىڭغا دېدىم:
- ماڭا دېگىنە، تۇرمۇش خىراجىتىڭ نەدىن كېلىۋاتىدۇ؟
- ئۆزۈمنىڭ يېرىدىن، ئۇنى دادىسىدىن مىراس قالغان بىرسىدىن سېتىۋېلىپ، ھالال، ساپ پۇلدىن بەردىم. بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ مالىيەسىدىن ھەق ئالمايدىغان بولدۇم.
- يېيىشىڭ نېمە؟
- بىر كۈنى گۆش، بىر كۈنى پۇرچاق ۋە زەيتۇن يېغى، بىر كۈنى سىركە، زەيتۇن يېغى... مۇشۇ يېتەرلىك.
- ئۆزۈڭگە سەل ئەجەپلىنىش بارمۇ؟
- ئازراق شۇنداق ئىدى، دادام نەسىھەت قىلىپ، روھىيىتىمنى كۆرسىتىپ، ئۇنداق قىلىشنىڭ قىلچە قىممىتى يوقلىغىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، اللە ماڭا ھىدايەت بەردى. اللە دادامغا كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن.
مەيمۇن مۇنداق دەيدۇ:
مەن ئۇنىڭغا سۆزلەپ، سۆزىنى ئاڭلاپ خېلى ۋاقىت ئولتۇردۇم، مەن چىرايدا ئۇنىڭدىن چىرايلىق، ئەقىل جەھەتتە ئۇنىڭدىن مۇكەممەل، يېشىنىڭ كىچىك، تەجرىبىسىنىڭ كەملىكىگە قارىغاندا ئۇنىڭدەك ئەدەپلىك ياشنى كۆرمىگەن ئىدىم. كەچ كىرگەندە بىر يىگىت كېلىپ ئۇنىڭغا دېدى:
- اللە سېنى سالامەت قىلسۇن، قىلىپ بولدۇق.
ئۇ گەپ قىلمىدى. مەن:
- ئۇلار قىلىپ بولغان ئىش نېمە؟
- ھاممام.
- قانداق قىلىپ؟
- ئۇنى ماڭا كىشىلەردىن بىكار قىلغان.
- سەن ئۆزەڭنى كىشىلەردىن چوڭ تۇتىدىغان بوپسەندە.
ئۇ چۈچۈپ : ئىننە لىللاھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن ( ھەقىقەتەن بىز اللەنىڭ ئىلكىدىمىز، جەزمەن اللەنىڭ دەرگاھىغا بارىمىز ) دەپ مۇنداق دېدى:
- ئۇنداق ئىش يوق تاغا، اللە ساڭا رەھمەت قىلسۇن.
- ئەمىسە مۇنچا سېنىڭمۇ؟
- ياق.
- ئۇنداقتا ئۆزەڭنى كىشىلەردىن ئۈستۈن قويماقچى. ئۇلارنىڭ قارىشىدا ئورنۇڭنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بولغاندەك، نېمىشقا ئۇلارنى ھاممامدىن چىقىرىسەن؟ يەنە كېلىپ ھاممامنىڭ كۈندىلىك كىرىمىگىمۇ زىيان سالىسەن، ھاممامغا كەلگەنلەر يۇيۇنماي قايتىپ كېتىدۇ.
- ھاممامنىڭ ئىگىسىگە بىر كۈنلۈك كىرىمىنى بېرىپ رازى قىلدىم.[
- بۇ مەنسىتمەسلىك ئارىلاشقان ئىسراپخورلارچە چىقىم. ھاممامغا ئەل قاتارى كىرسەڭ بولمامدىكەن؟ سەنمۇ ئۇلارغا ئوخشاش تۇرساڭ؟
- ماڭا تۇسالغۇ بولغىنى بىر بۆلۈك ئاددى كىشىلەر ھاممامغا يالىڭاچ كىرىدۇ، مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئەۋرىتىنى كۆرگۈم يوق. ئۇلارنى ئەۋرىتىنى يېپىشقا مەجبۇرلىغۇممۇ يوق. بۇ ئۇلارغا ھۇقۇقۇمنى ئىشلەتكەنلىك بولۇپ قالسا قانداق بولىدۇ؟ اللەدىن شۇنىڭدىن ساقلىنىشنى تىلەيمەن. ماڭا پايدا بەرگىدەك نەسىھەت قىلساڭ، اللە ساڭا رەھمەت قىلسۇن، مۇشۇ ئىشتا ماڭا بىر چىقىش يولى بەر.
- ئاخشىمى كىشىلەر ھاممامدىن چىقىپ، ئۆيلىرىگە قايتىپ بولغانغا قەدەر ساقلاپ تۇر، ئاندىن كىرگىن.
- چۇقۇم شۇنداق قىلاي، بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز كۈندۈزى كىرمەيمەن. بۇ يۇرتنىڭ سوغۇقى قاتتىق بولمىغان بولسا، مۇتلەق كىرمەيتتىم.
ئۇ بىر ئىش ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقاندەك بىر ئاز جىم تۇرۇپ، ئاندىن بېشىنى كۆتۈرۈپ مۇنداق دېدى:
- مۇشۇ ئىشنى دادامدىن سىر تۇتساڭ، ئۇ ماڭا غەزەپلىنىپ يۈرمىسىكەن دەيمەن. ئۇنىڭ مەندىن رازى بولمايلا بۇ دۇنيادىن كېتىپ قېلىشىدىن قورقىمەن.
مەيمۇن مۇنداق دەيدۇ:
مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەقلىنى سىنىماقچى بولۇپ، مۇنداق دېدىم:
- ئەگەر مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى مېنىڭدىن سەندىن بىر ئىشنى كۆردۈڭمۇ دەپ سورىسا يالغان ئېيتسام بولامدۇ؟
- ياق، خۇدا ساقلىسۇن. لېكىن ئۇنىڭغا: ئۇنىڭدا بىر ئىش بار ئىكەن، نەسىھەت قىلىپ خاتالىغىنى كۆرسىتىپ بېرىۋىدىم، ئۇنىڭدىن دەرھال قايتتى، دېگىن. ئۇ سەن ئاشكارە قىلمىغان ئىشنى سورىمايدۇ. چۈنكى ئۇلۇغ اللە ئۇنى يۇشۇرغان ئىشلارنى سۈرۈشتە قىلىشتىن ساقلىغان.
مەيمۇن مۇنداق دەيدۇ:
- مەن ئۇلاردەك دادا ۋە ئۇلاردەك بالىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن، اللە ئۇلاغا رەھمەت قىلسۇن.»
*                     *                     *
مەدىنىڭ ئالىمى، قازىسى، ئۇستازى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىفىسى ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ يېنىغا كەلدىم، ئۇ ھەلەپ تەۋەلىكىدىكى خۇناسىرە دېگەن جايدا ئىكەن. ئۇ مەندىن ياشتا چوڭ بولۇپ، بىز كۆرۈشمىگىلى ئۇزاق بولغان ئىدى. ئۇنى ئۆيىنىڭ ئالدىدىن تاپتىم، لېكىن مەن كۆرگەندىن كۆپ ئۆزگىرىپ كەتكەچكە، تونىيالمىدىم. ئۇنىڭ بىلەن ئۇ مەدىنىنىڭ ۋالىسى بولغان ۋاقتىدا كۆرۈشكەن ئىدىم. ئۇ مېنى قارشى ئالدى ۋە:
- ئى ئەبۇ ھازىم! يېقىن كەل، - دېدى. مەن يېقىن كېلىپ:
- سەن مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى – ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئەمەسمۇ؟ - دېدىم، ئۇ:
- ھەئە، مەن شۇ، - دېدى.
- ساڭا نېمە بولدى؟ يۈزۈڭ نۇرلۇق، تېرەڭ سىلىق، تۇرمۇشۇڭ بەختىيار ئەمەسمىدى؟
- ھەئە.
- ئالتۇن كۈمۈشكە ئىگە بولۇپ، مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىگە ئايلانغاندىن كېيىن سېنى نېمە شۇنداق ئۆزگەرتىۋەتتى؟
- ئى ئەبۇ ھازىم! مەندىن نېمە ئۆزگىرىپتۇ؟
- جىسمىڭ ئورۇقلاپتۇ، تېرەڭ يىرىكلىشىپ كېتىپتۇ. چىرايىڭ سارغىيىپتۇ، كۆزۈڭنىڭ نۇرى ئۆچۈپتۇ.
خەلىفە يىغلىدى ۋە مۇنداق دېدى:
- مېنى قەبرەمدە ئۈچ ئىش بولۇپ بولغاندىن كېيىن، يەنى كۆزلىرىم ئېقىپ كەتكەن، قۇرسىقىم ئىسىلىپ يېرىلغان، قۇرتلار بەدىنىمدە مېڭىۋاتقاندىن كېيىن كۆرسەڭ قانداق قىلارسەن؟ ئەبۇ ھازىم! سەن مېنى شۇ ۋاقىتتا كۆرسەڭ، ھازىرقىدىن بەك قارشى چىققان بولاتتىڭ.
ئاندىن ماڭا قاراپ دېدى:
- ئى ئەبۇ ھازىم! مەن ساڭا مەدىنىدە سۆزلەپ بەرگەن بىر ھەدىس يادىڭدا بارمۇ؟
- ئى مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى! سەن كۆپ ھەدىس سۆزلەپ بەرگەن. قايسىسىنى دەيسەن؟
- ئەبۇ ھۇرەيرە رىۋايەت قىلغان ھەدىسنى.
- ھەئە، يادىمدا بار، ئى مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى!
- قايتا بىر سۆزلەپ بەرگىن، سېنىڭدىن ئاڭلىماقچىمەن.
- ئەبۇ ھۇرەيرەدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: پەيغەمبەر ئەلەيسىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ناھايىتى ئىگىز، خەتەرلىك بىر داۋان بار، ئۇنىڭدىن پەقەت ئىبادەت ۋە جىھاد جاپاسىدىن ئورۇقلاپ كەتكەن يەڭگىل ئادەملا ئۆتەلەيدۇ».
ئۈمەر قاتتىق يىغلاپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ يۈرىگىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىدىن قورقتۇم. ئاندىن ياشلىرىنى كەينى - كەينىدىن سۈرتۈپ، ماڭا قاراپ مۇنداق دېدى:
- ئى ئەبۇ ھازىم! مەن شۇ داۋاندىن ئۆتەلمەسمەنمىكىن دەپ قاراپ، شۇنىڭدەك ئۆتۈش ئۈچۈن ئىبادەت قىلىپ ئورۇقلاۋاتسام، ماڭا مالامەت قىلامسەن؟
*                     *                     *
تىبرىي تۇفەيل ئىبنى مىرداس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى- ئۈمەر ئەبنى ئابدۇلئەزىز خەلىفە بولغاندا، سوغدىنىڭ ۋالىسى سۇلايمان ئىبنى ئەبۇ سەرىغا مۇنداق دەپ مەكتۇپ يازدى:
- دىيارىڭدا مۇسۇلمانلارنى كۈتىۋالىدىغان سارايلارنى سالغىن. ئەگەر مۇسۇلمانلاردىن بىرەرسى ئۆتسە، ئۇنى بىر كېچە- كۈندۈز ياخشى كۈتۈپ، ئەھۋالىنى ياخشلاپ، ئۇلاق تەييارلاپ بەرگىن. ئەگەر قىيىنچىلىغى بارلىغىنى ئېيتسا، ئىككى كېچە- كۈندۈز ياخشى كۈتۈپ، ئۇنىڭغا ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇڭلار. ئەگەر ئۇزۇق- تۈلۈكى ۋە ئۇلاقلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسا، ھاجىتىنى راۋا قىلىپ، يۇرتىغا يەتكۈزۈپ قويۇڭلار.
ۋالى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ دېگەنلىرى بۇيىچە مېھمانخانىلارنى تەييارلىدى. بۇ خەۋەر پۈتۈن جاھانغا تارالدى. پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى مۇشۇ توغرىلىق سۆزلەشكە، خەلىفىنىڭ ئادىللىقى ۋە تەقۋالىغىنى مەدھىيىلەشكە باشلىدى. سەمەرقەنتنىڭ پېشىۋالىرى ۋالى سۇلايمان ئىبنى ئەبۇ سەرىينىڭ يېنىغا كىرىپ مۇنداق دېدى:
- سەندىن بورۇنقى قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم بىزنىڭ يۇرتىمىزنى خەۋەرلەندۈرمەستىن يۇرتلىرىمىزنى ئىگەللىۋالدى. بىز بىلەن ئۇرۇش قىلىشتا سىلەر مۇسۇلمانلار تۇتقاندەك يول تۇتمىدى. بىز شۇنى بىلدۇقكى، سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارنى ئىسلامغا كىرىشكە چاقىرىدىكەنسىلەر، ئۇنىمىسا جىزىيە تۆلەشكە چاقىرىدىكەنسىلەر، ئۇنىڭغىمۇ ئۇنىمىسا ئۇرۇش ئېلان قىلىدىكەنسىلەر. لېكىن بۇرۇنقى بىزگە قىلىنغان ئۇرۇش ئۇنداق بولمىدى. بىز سىلەرنىڭ خەلىفەڭلارنىڭ ئادىل ۋە تەقۋالىغىنى بىلىپ، سىلەرنىڭ قۇشۇنۇڭلار ئۈستىدىن سىلەرگە شىكايەت قىلىشنى، سىلەر ئارقىلىق سىلەرنىڭ قۇماندانىڭلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنى قارار قىلدۇق. ئى ئەمىر! ئىجازەت بەرسەڭ، بىزنىڭ ۋەكىللىرىمىز خەلىفەڭلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، بىزنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىغىمىزنى ئېيتسا. ئەگەر بىزنىڭ توغرا بولسا ئېرىشەرمىز، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، بارغان يېرىمىز بىلەن قايتىپ كېلىمىز.
ۋالى سۇلايمان ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ دەمەشىقكە، خەلىفىنىڭ يېنىغا بېرىشقا رۇخسەت بەردى. ئۇلار خەلىفىنىڭ يېنىغا بارغاندا، ئەرزىلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىفىسى- ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزگە سۇندى. خەلىفە سۇلايمان ئىبنى ئەبۇ سەرىيغا خەت يېزىپ مۇنداق دېدى:
- مەقسەت، مېنىڭ بۇ خېتىم يېتىپ بارسا، سەمەرقەنتلىكلەرنىڭ شىكايىتىنى ئاڭلايدىغان قازى تۇرغۇز. قازى ئۇلارنىڭكىنى توغرا دەپ ھۆكۈم قىلسا، مۇسۇلمانلار قۇشۇنىنى ئۇلارنىڭ يۇرتىدىن ئايرىلىشقا بۇيرىغىن. شۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنى ئىختىيارىغا قوي. سىلەر قۇتەيبە ئۇلارنىڭ دىيارىغا كىرىشتىن بۇرۇنقى ھالىتىڭلارغا قايتىڭلار.
ۋەكىللەر سۇلايماننىڭ ئالدىغا كېلىپ خەتنى بەرگەندە ئۇلارغا ئەڭ يۇقىرى قازى – جۈمەي ئىبنى ھازى نىناجنى قازى قىلىپ قازى قىلىپ تەيىنلەپ بەردى. قازى ئۇلارنىڭ شىكايىتىنى كۆرۈپ چىقتى، ئىشلىرىدىن خەۋەر تاپتى. مۇسۇلمانلار قۇشۇنى ۋە ئۇلارنىڭ قۇماندانلىرىدىن بىر بۆلۈكىنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئاڭلىدى- دە، ئۇلارنىڭ دەۋاسىنىڭ توغرىلىقى ئايدىڭلاشتى. سەمەرقەنتلىكلەرنىڭكىنى توغرا قىلىپ ھۆكۈم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ۋالى مۇسۇلمانلار قۇشۇنىنى يۇرتىنى تاشلاپ، ئۆزىنىڭ بارگاھىغا قايتىشقا، ئۇ جايغا كېيىن ياكى سۈلھى بىلەن كىرىش ياكى جەڭ بىلەن غەلىبە قىلىپ كىرىش ۋە ياكى مەغلۇپ بولۇشقا قالدۇرۇشقا بۇيرىدى. سەمەرقەنتلىكلەرنىڭ مۆتىۋەرلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئالى قازىسىنىڭ ھۆكۈمىنى ئاڭلاپ، ئۆز- ئارا مۇنداق دېيىشتى:
- ھەي، قاراڭلار بىزگە! بىز ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ بىرگە ياشىدۇق. ئۇلارنىڭ ئادىل، راستچىل ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. ئۇلارنى ئېلىپ قالايلى. ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتۈپ، بىزمۇ خاتىرجەم، خۇشال ياشايلى.

داۋامى بار...

مەنبە:تابىئىنلار ھاياتىدىن تاللانما

ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

سەمىمى بولۇڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12190
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 449 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 12:50:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       
‹‹ پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى››قايتا يېزىلسا....
ئەيساجان تۇردى ئاچچىق
مۇقەددىمە
مائارىپ ھەققىدە يالغان گەپ قىلىش، پادىشاھلارغا يالغان گەپ قىلىشتىن ئارتۇق جىنايەت بولسا كېرەك.ئوقۇغۇچىلارنى ئالداش ، پادىشاھلارنى ئالداشتىن خەتەرلىك. ئوت قويغانلار تۈرمىگە كىرىۋاتىدۇ، ئادەم ئۆلتۈرگەنلەر ئېغىر جازالىنىۋاتىدۇ،  ئوغۇرلۇق قىلغانلار قانۇن بويىچە باشقۇرۇلۋاتىدۇ.بىمارلارغا خاتا دورا بىرىپ قويغان دوختۇر جاۋاپكارلىققا تارتىلۋاتىدۇ، دۆلىتىمىزدە قانۇن ھەقىقەتەن كۆپ، دۆلەتنى قانۇن ۋ ئەخلاق ئارقىلىق باشقۇرۇش ئىزچىل تەكىتلىنىۋاتىدۇ. قانۇنچىلىق دۆلىتى قۇرۇش نىشانىمىز تولىمۇ نۇرلۇق ھەم مۇقەددەس نىشاندۇر. بىز جۇڭخۇا مىللەتلىرى بۇ يولدىن ئاداققىچە تەۋرەنمەيمىز...بىراق ،بىرەر  ئوقۇغۇچىنىڭ روھىنى نابۇت قىلغان، بىر ۋە بىر قانچە ئوقۇغۇچىغا خاتا تەربىيە بىرىپ قويغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى كۆمىۋەتكەن، ئوقۇغۇچىلار تەرەققىياتىنى توسقان،ئۆز ئىدىيەسىنى ئوقۇغۇچىلارغا مەجبۇرى تاڭغان،  ئوقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلىگەن ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۈمىتسىزلىك پاتقىقىغا پاتقۇزۇپ قويغان.... ئوقۇتقۇچىلار قانۇن سىرتىدا قېلىۋاتىدۇ، جازالانمايۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مائارىپقا بىمەنە چاقچاق قىلىۋاتقان، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غۇرۇرىغا تىگىۋاتقان ، ئىلمىي بولمىغان قائىدە- تۈزۈملەرنى، شۇئارلارنى مەكتەپكە ئېلىپ كىرىۋاتقان، مەكتەپلەردە بولۇشقا تىگىشلىك مۇھىم تەربىيەلەرگە سەل قاراۋاتقان ياكى يول قويمايۋاتقان..... مەسىلىلەرگە قانداق قاراش، قانداق بىر تەرەپ قىلىش، قانۇنغا قانداق تەدبىقلاش قاتارلىق  مەسىلىلەر قانۇنشۇناسلارنىڭ  دىققىتىنى تارتمايۋاتىدۇ.  بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەندىن كۆرە، روھنى چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن ئەلا.  بىر بىمارغا خاتا دورا بىرىپ قويغاندىن،  ئوقۇغۇچىلارغا خاتا تەربىيە بىرىپ قويغان نەچچە ھەسسە خەتەرلىك ئەمەسمۇ ؟؟  مائارىپ ھەققىدە راست گەپ قىلىشنى باتۇرلۇق دىگىلى بولمىسىمۇ ،  دۆلەتكە كۆيۈنگەنلىك دىيىش ئانچە ئارتۇق كەتمەيدىغۇ دەيمەن.
قەدىرلىك ئوقۇرمەن! مەن بۆگۈن ژورنال يۈزىدە سىز بىلەن پىچىرلاشقانلىقىمدىن تولىمۇ مەمنۇن بولىۋاتىمەن.مەن بۇ يازمامدا مائارىپ ھەققىدە، ئوقۇتقۇچى ھەققىدە، رەھبەرلەر ھەققىدە، ئاتا-ئانىلار ھەققىدە، مەكتەپ شارائىتى، قىممەت قارىشىمىز ھەققىدە، جەمىيەتنىڭ بالىلار تەربىيەسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە،مائارىپ تۈزۈلمىسى ھەققىدە، بالىلارنىڭ ئىنتىلىشلىرى ھەققىدە، بىلىم بىلەن ئەخلاقنىڭ بىرلىكى ھەققىدە، مەسئۇلىيەت ھەققىدە، بىر قىسىم ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاجايىپ ئىنتىلىشلىرى ھەققىدە ، مائارىپىمىزدىكى ياخشى نەتىنجىلەر ۋە تۈزۈتۈشكە تىگىشلىك بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە ... يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەققىدە ‹‹ خەت›› يازماقچى بولىۋاتىمەن. بۇ خەتنىڭ بىر قىسمى سىزگە تەئەللۇق بولىشى مۈمكىن، بىر قىسمى سىز تونۇيدىغان بىرەرسىگە تەئەللۇق بولىشى مۈمكىن.بىر نۇقتا ئېنىقكى مەن سىياسەت ئاساسىدا، قانۇن ئاساسىدا ، ئەخلاق ئاساسىدا، ئومۇمىيلىق ئاساسىدا، ئىلمىيلىك ئاساسىدا .... قىسقا ، ئىخچام سۆزلەشنى مۇھاپىق كۆرىۋاتىمەن. شۇنداق قىلمايمۇ ئامالىم بولمىسا كېرەك.چۈنكى بۇ مەتبۇئات  ! بۇ چايخانا ئەمەس، ھاراقخانا ئەمەس، ئۈندىدارمۇ ئەمەس، مەھەلىلەردىكى كىشىلەر توپلىشىپ ئېغىزىغا كەلگەننى بىمالال سۆزلىشىدىغان كۆۋرۈك بېشىمۇ ئەمەس. بۇ دەل كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلمىي پىكىر بايان قىلىش مۇنبىرىدۇر، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەتقىقات سالىنىدۇر، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىسىدۇر، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ بازىرىدۇر، مائارىپ ھەققىدىكى يېڭى سىياسەتلەرنىڭ تارقىلىش كۆزنىكىدۇر. شۇنداق ئىكەن ، بىز مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بۇ مۇنبەردە سۆزلەشسەك بولىدىغۇ دەيمەن.
‹‹مائارىپ دىگەن نىمىتى؟›› دىگۈچىگە تىز يوللانما
سىز ساپاسى ئانچە يۇقۇرى بولمىسىمۇ، تاپاۋىتى خېلى ‹‹ يۇقۇرى›› بولىۋاتقان دوختۇرلارنىڭ بىرسى. سىزنى مائارىپنى چۈشەنمىدى، دىگەندىن كۆرە مائارىپنى كۆزگە ئىلمىدى، مائارىپچىلارنى تۆۋەن چاغلىدى، مائارىپنىڭ قۇدرىتىگە سەل قارىدى... دىسەك مۇھاپىق بولار. سىز دائىم موشۇنداق گەپلەرنى قىلىسىز! سىزگە مائارىپ ھەققىدىكى نەزىرىيەلەرنى سۆزلەش بىھاجەتتەك قىلىدۇ. بىرمۇ-بىر سۆزلەپ ئولتۇرسام ‹‹ پاشىغا زەمبىرەك ئاتقاندەك، ئېشەككە لەغمەن بەرگەندەك، چوشقىنىڭ بوينىغا ئالتۇن زەنجىر ئېسىپ قويغاندەك ياكى بولمىسا ساراڭغا قانۇن ھەققىدە لىكسىيە سۆزلىگەندەك.... ›› ئىش بوپ قالار. شۇنداقتىمۇ مائارىپ ھەققىدە شۇنداق دىگۈم كېلىۋاتىدۇ. مائارىپ ئۇ بىر ئەڭگۈشتەر. 20 يىل ئىگىرى سىزگە ئىشقا ئورۇنلىشىش كېنىشكىسىنى دەل مائارىپ بەرگەن. سىزنى دوختۇر قىلغان نەرسە دەل مائارىپتۇر، سىز سېتىۋاتقان دورىلارمۇ مائارىپتا تەربىيلىنىپ چىققان تەتقىقاتچىلار، كەشپىياتچىلار تەرىپىدىن ياسالغانغۇ دەيمەن. ئەگەر مائارىپ بولمىغان بولسا يالىڭاچ يۈرگەن بولاتتىڭىز، سىز مىنىۋالغان بۇ ماشىنىمۇ ياسالمىغان بولاتتى. مائارىپ سىزنى ھايۋاندىن پەرىقلەندۈردى، بۆگۈنكىدەك باي-باياشات قىلدى. توۋا سىز  كېسەل داۋالايدىغان بىر دوختۇر ئىكەنسىز. سىز ‹‹ تەن ›› داۋالاشنى بىلىدىغان ئوخشايسىز. ھەقىقىي دوختۇر ھەم تەننى، ھەم روھنى داۋالايدۇ.(شۇنداق سەۋىيەدىكى پەرىشتە سۈپەت دوختۇرلار ئاز ئەمەس)  سىز ‹‹ روھى كېسەل ›› بولۇپ قاپسىز ئەمەسمۇ؟؟ كىشىلەر كېسەل بولۇپ قالسا دوختۇرلار داۋالايدۇ، مۇبادا سىزدەك دوختۇرلار  ‹‹ كېسەل›› بولۇپ قالسا ئۇلارنى ئوقۇتقۇچىلاردىن باشقىلار داۋالىيالماسلىقى ئېنىق.چۈكى قابىليەتلىك ئوقۇتقۇچى ھەقىقىي مەنىدىكى روھ ئىنژېنىرىدۇر.
ئەي!  ساھىپخان سىز خاتالىق ئۆتكۈزدىڭىز
بۆگۈن ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە ئورۇنلاشقان ئوغلىڭىزنىڭ تويىدا چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدىڭىز. ئۆيىڭىزگە مېھمانلار كىرىپ چىقماقتا.... ئوغلىڭىزنى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقان ئوقۇتقۇچىلار چۈشلۈك ئارام پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ، ئوغلىڭىزنىڭ توي مەرىكىسىنى قۇتلۇقلاپ پەتىگە كەلگەن ئىدى. مېھمان باشلىغۇچى ياسىداق ئۆيىڭىزگە ئۇقۇتقۇچىلارنى باشلاپ قولىغا سۇ بەردى، كىم بىلسۇن ئۈزۈن ساقال قويىۋالغان ياش ھاجى ھويلىڭىزغا ھەيۋە بىلەن قەدەم تەشرىپ قىلدى... سىز شۇنداق يۇقۇرى ئاۋازدا ‹‹ ئوقۇتقۇچىلار سىرىتقا يۆتكەلسۇن، مېھمانخانىنى ھاجىمغا بېكارلىسۇن....›› دەپ ۋاقىرىدىڭىز. ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ قۇلىقى تېخى ‹‹ پىنسىيە››گە چىقمىغاچقا سۆزلىرىڭىزنى ئېنىق ئاڭلاپ قالدى ئەمەسمۇ؟؟ ئوقۇتقۇچىلار سىزنىڭ بۇيرىقىڭىزغا ئاساسەن سىرىتقا چىقتى، ھەتتا ھويلىڭىزدىمۇ ئولتۇرماي چىقىپ كەتتى. سىز ‹‹مەشھۇر›› ھاجى بىلەن بولۇپ كەتكەچكە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈپمۇ قويمىدىڭىز..... ئۇ ساۋاتسىز ھاجى يۈزىنى ‹‹پوداقتەك›› قىلىپ ئوقۇتقۇچىلار ئولتۇرغان ئۆيدە ئۆزى يالغۇز ئولتۇردى... سىزنىڭ تىنىمسىز ماختاشلىرىڭىز ئۇنىڭ ئىشتىيىنى تۇتىۋالدى بولغاي، پارچىلاپ بەرگەن گۆزشلىرىڭىز ئاشقازىنىغا ئەمەس، يانچۇقىغا كىرىپ كەتتى. ئۇ ھەقىقەتەن بىلىملىك، دىيانەتلىك،تەقۋادار... ھاجىم بولغان بولسا كاشكى.... ئۇ كىشى ئازراق پۇل تاپقاچقىلا خوشنىسى بىلەن بەسلىشىپ ،ئابرۇي ئۈچۈن ‹‹ ھەج›› قىلىپ كىرىدى. ئۇ سىزگە نىمە قىلىپ بەرگەنگە شۇنچە قىلىپ كېتىسىز؟ ئوقۇتقۇچىلار سىزگە نىمە قىلغانغا ئەرزىمەس ، ساۋاتسىز، ماختانچاق، غەيۋەتخور، ھەسەتخور، پىتنە تېرىيدىغان ‹‹ھاجى›› نىڭ ئالدىدا ‹‹ سۈرگۈن›› قىلىسىز. ماھايەتتە بۆگۈن سىزنىڭ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى يۈزسىزلىك بىلەن ئىگەللىگەن ‹‹ ھاجى›› نىڭ ئىناۋىتى تۆكۈلدى. ئوقۇتقۇچىلار بالىڭىزغا كۆيۈنۈپ بىلىم بەرگەن ئەمەسمۇ؟؟ سىز ئىتراپ قىلمايدىغان يەھۇدىلار بولسا ئوقۇتقۇچىنى شۇ قەدەر ھۆرمەتلەيدۇ. سىز مۇبادا يەھۇدى بالىلىرىدىن ‹‹ ئاتاڭ بىلەن، ئوقۇتقۇچىڭ بىرلا ۋاقىتتا تۈرمىگە كىرىپ قالسا، ئاۋال قايسىنى قۇتقۇزىسەن ؟ ›› دەپ سورىسىڭىز، يەھۇدى بالىسى ئويلانماستىنلا ‹‹ ئەلۋەتتە ئوقۇتقۇچىمىنى قۇتقۇزىمەن ›› دەيدۇ.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوبرازىغا زىيان سالىدىغان گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىغان ھەر قانداق يەھۇدى شۇن ھامان قارشى ئىنكاس بىلدۈرۈپ ، قارشى تەرەپ بىلەن قاتتىق تۇتىشىدۇ. توۋا ! ‹‹ نادان مىللەتنىڭ ھارام تاماق موللىسى كۆپ بولىدۇ›› دىگەن ھۆكۈمنى كىم چىقارغان بولغايتتى.بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇن ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر دىننى ئالىم ئابدۇقادىر داموللام ‹‹ تۆردە ئولتۇرۇش توغرا كەلسە ، ئەڭ ئەۋەل زىيالىلار ئولتۇرۇشى كېرەك ›› دىگەن ئىدى.ھازىرقى دەۋىر ئۇنداق ماختانچاق ، ساۋاتسىز ، ئەمىليەتتىن ئايرىلغان،  پىچەك ‹‹ھاجى››لارنى ‹‹تۆر››گە باشلاشنى راۋا كۆرمەيدۇ. ‹‹ھاجى›› لارنى ھۆرمەتلەش ئىنتايىن زۆرۈر.... ھۆرمەتلەشكە تىگىشلىك ‹‹ھاجى››لارنى ‹‹دىننىي ئالىملار››نى تېپىپ ھۆرمەتلەش كېرەك.
رەھمەت سىزگە دېھقان تاغا
سىز تولىمۇ توغرا دەيسىز، ھەدىسىلا ھۆكۈمەتكە يۆنىلۋېلىش، ھە دىسىلا ھۆكۈمەتتىن ئاغرىنىش، تىنىمسىز ‹‹ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى›› غا ئېرىشىش كويىدا بولۇش، ئىزدەنمەسلىك، تەييارغا ھەييار بولىۋېلىپ... جەمىيەتكە ‹‹ بېسىم›› پەيدا قىلىش چاكىنىلىقتۇر. سىزنىڭ ‹‹ يەر سېتىش كەچۈرگىسىز جىنايەت. بىراق بالامنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ۋاقتى كەلگەندە بۇ جىنايەتنى ئۆتكۈزمەيمەن، دىيەلمەيمەن.›› دىگەن سۆزىڭىز مېنى تولىمۇ تەسىرلەندۈردى.  سىزنىڭ 3 نەپەر بالىڭىز نۇقتىلىق ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋېتىپتۇ. مەن سىزنىڭ دائىم  ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سىردىشۋاتقان، كىتاپخانىغا كىرىپ كىتىۋاتقان، مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا بىراۋنى ساقلاۋاتقان، باشقىلارغا مەدىكار بولۇپ ئېغىر ئەمگەكلەرنى قىلىۋاتقان ھالىتىڭىزنى كۆرەتتىم.... ھەممىنى چۈشەندىم.... رەھمەت سىزگە دېھقان تاغا ! سىز ئەڭ خاسىيەتلىك ئىش قىلىۋاتىسىز. سىز دۇنيادىكى 1- نۇمۇرلۇق ئۇستاز بولۇشقا مۇناسىپ.
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەتىللىك مائاشىنى سىز بەرمەيدىغانسىز؟!
سىز ياۋرۇپادا توغۇلۇپ، ئامرىكىدا بىلىم ئالغان ئەزىمەتمۇ ئەمەس. ياكى ئەتىگەنلىك تاماقنى شاڭخەيدە يەپ،  دۇبەينى كەچلىك قونالغۇ قىلىدىغان خەلىقارالىق سودىگەرمۇ ئەمەس. سىزمۇ دەل تەكلىماكان قىرغاقلىرىدا ياشاۋاتقان ئۆزگىچە ‹‹ خۇي›› بىلەن  بىر قەدەر قولايلىق ‹‹ تىرىكچىلىك ھارۋىسى››غا چىقىۋالغان مۇئاۋىن يېزا باشلىقىغۇ دەيمەن. سىز باشقىلار بۇيرىغان ئىشلارنى يۇقۇرى سەۋىيەدە ئاشۇرۇپ ئورۇنداپ  ‹‹ ۋارقىراپ يىغىن ئېچىش، ئۇزۇن يىغىن ئېچىش ئارقىلىق قاتتىق باشقۇرۇش، باشقىلارنىڭ ئەركىنرەك خىيال سۈرۈشىگىمۇ پۇرسەت بەرمەسلىك، ھەق سۆزلەيدىغانلارنى بىر ئامال قىلىپ سۆزلىيەلمەس قىلىپ قويۇش، نىشان ئۈچۈن ۋاستە تاللىماسلىق ›› قاتارلىق نەزىرىيەلەرنى بازارغا سالغان ‹‹رەھبەرچاق›› شۇ !؟ سىزنىڭ مەكتەپلەرنىڭ چىرايلىق سېلىنغانلىقىغا ، مەكتەپلەرنىڭ باغچىلاشقان گۈزەل ھالىتىگە ھەسەت قىلغانلىقىڭىزنى بايقاپ ھەيران قالغان ئىدىم. سىزنىڭچە بولغاندا مەكتەپلەر ئىلگىرىكى ‹‹ياداڭغۇ›› ھالىتىدە تۇرسا بولاتتى. تولىمۇ ئەپسۇس ئۇلۇغ دۆلىتىمىز مائارىپ سېلىنمىسىنى يىلمۇ يىل ئاشۇرۇپ مەكتەپلەرنىڭ قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشىنى شۇ قەدەر ياخشىلىدى، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى تۇلۇقلىدى. ھازىر ئەڭ چىرايلىق ئورۇن مەكتەپلەر بولۇپ قالدى.بۇ مائارىپىمىزدىكى ئەڭ زور خوشاللىق.سىز بۇ ئەھۋالدىن ئەڭ ئاۋال خوش بولسىڭىز بولاتتى!! چۈنكى مائارىپ دىگەن ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپى ئەمەسمۇ؟؟  سىزنىڭ ‹‹ مەكتەپلەرنى بۇنچە ياساپ نىمە قىلدۇ؟›› دىگەن سۆزىڭىزنى قۇبۇل قىلالماي يۈرگىنىمدە ‹‹ ئوقۇتقۇچىلارغا تەتىلدىمۇ ئىش ھەققى بېرىدىكەن ئەمەسمۇ ؟ يۇقۇرىغا مەلۇمات يېزىش كېرەك،ئوقۇتقۇچىلار تەتىلدە ئارام ئالىدىغان تۇرسا ،ئىش ھەققىنى توختۇتۇش كېرەك ياكى بولمىسا يېزا كادىرلىرى بىلەن تۆۋەنگە چۈشۈپ ئىشلىشى كېرەك... ›› دەپسىز؟؟ توۋا يەر شارىدا سىزدەك ئادەمنىڭ بارلىقىنى قىياس قىلىشمۇ ئادەم ئۈچۈن ئازاپلىق ئىكەن. ئاڭلاپ قويۇڭ ئوقۇتقۇچىلار تەتىلدىمۇ ئارام ئالمايدۇ، ئۇلار ئوقۇيدۇ، ئۈگىنىش قىلىدۇ، كونسىپىك تەييارلايدۇ،ئوقۇغۇچىلار بىلەن مۇقۇملۇق توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.ھەر ئازنە كۈنى مەكتەپكە قايتىپ سىياسى ئۈگىنىش قىلىدۇ. يەنە نۇرغۇن بىخەتەرلىككە ئائىت ئارخىپلارنى ئىشلەيدۇ.بىر چاغلاردا ئېتىزلىقلاردا قۇرۇت تەرگەن، يەنە زىرائەتلەرنمىزنى قۇرۇت بېسىپ كەتسە قۇرت تېرىدۇ... خاتىرجەم بولۇڭ باشلىق! ئوقۇتقۇچىلار ھەممىگە تەييار. ئۇلار ئىش ھەقىنى سىز ئېيتقاندەك‹‹ ھارام›› ئالمايدۇ.شۇنىمۇ ئېسىڭىزگە سېلىپ قويايلىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەتىللىك ئىش ھەقىنى بىرىش ‹‹قانۇن››دا بەلگىلەنگەن سىزدەك ‹‹رەھبەرچاق››لارنىڭ قانۇنلارغا ‹‹پۇخۇرلۇق››قىلىش ھوقۇقى يوق!؟ۋاقتىڭىز بولۇپ قالسا مېنىڭ ئوقۇتقۇچى ھەققىدىكى قاراشلىرىمغا قۇلاق سېلىڭ:‹‹ ئوقۇتقۇچى دىلنى يۇرۇتقۇچى،مىللەتنى بەخىت قەلئەسىگە باشلاپ بارغۇچى، ۋەتەننى گۈل-چېچەككە پۈركىگۈچى.... دىمەك ئوقۇتقۇچى مىللەتنىڭ ھەممە نىمىسى!!! بىر مىللەتكە نىسبەتەن زۇڭتۇڭ بولمىسىمۇ بولىدۇ، بىراق ئوقۇتقۇچى بولمىسا بولمايدۇ. بىر مىللەتنىڭ يادرو بومبىسى بولمىسىمۇ بولىدۇ، بىراق ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى بولمىسا بولمايدۇ.ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆزىدىن ياش ئاققۇزغان مىللەتنىڭ تەقدىرى خار-زەبۇرلۇقتا لەشكە ئايلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچىنىڭ مەرتىۋىسى ۋە ھۆرمىتى يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەن دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇق ئېنىرگىيەسى مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ››
‹‹مەشھۇرسىراش كېسەللىكى››گە مۇپتىلا بولۇپ قاپسىز
سىزگە باھا بەرمەك ئانچە ئوڭاي ئەمەس. سىزدە تۇغما تالانىت بار. ئالى مەكتەپتىمۇ خىلى كۆپ بىلىم ئالغان ئىكەنسىز.ھە دىسىلا ھەققانىيەتچىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىۋالىسىز. ھەر قانداق ۋاقىتتا ھەرقانداق ساھە ھەققىدە گەپ بولسا سىز ئەۋەل گەپ باشلايسىز، تۇتىۋېلىش قابىليىتىڭىزگە گەپ كەتمەيدۇ، بىر تۇرۇپ بۇ دۇنياغا يالغان گەپ قىلىش ئۈچۈنلا يارىتىلغاندەك قىلىسىز.يەنە بىر قارىسا ‹‹ ئويغان›› دەپ قويۇپ، ئەڭ بالدۇر ئۇيقۇغا كەتكەن‹‹ شائىر›› غا ئوخشايسىز. سىز ھەممىگە تەنقىت ۋە ئىنكار نەزىرىدە قارايسىز.ھىچكىمنى ئىتراپ قىلمايسىز، ھەتتا بەزىدە ئۆزىڭىزنىمۇ ئىنكار قىلىسىز.ئوقۇتۇش ھەققىدە كارامەت سۆزلەيسىز. بىراق ئاخشىمى كۆپ ئىچىۋالغاچقا دەرىسخانىدا ئۇخلايسىز. ئۆزىڭىزنى ئاقلاپ ‹‹ بۇ بالىلارغا دەرىس ئۆتكەننىڭ نىمە پايدىسى، بەرىبىر بولىشى شۇ ،ئوخشاش تەقدىر ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرىدۇ....›› دەيسىز. ھاراق ئىچمەسلىك توغرىسىدا تەربىيە قىلساق...‹‹ سىلەردە ئازاپ ئېڭى يوق، چۈشەنمەيسىلەر...›› دەيسىز. سىزچە ئۇخلىشىڭىزمۇ، غەيۋەت قىلىشىڭىزمۇ، ھاراق ئىچىشىڭىزمۇ،تاماكا چىكىشىڭىزمۇ ‹‹ مىللەت ئۈچۈن›› ئىمىش. مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى نۆۋەت بىلەن مەكتەپ مۇدىرى قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولسا سىزمۇ بىرەر قېتىم مەكتەپ مۇدىرى بولغان بولاتتىڭىز، تولىمۇ ئەپسۇس بۇ ئارزۇيىڭىزغا يىتەلمەي پىنسىيەگە چىقىدىغان بولدىڭىز، سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە لاياقەتلىك بىرمۇ مەكتەپ مۇدىرى يوق. بىرەر سائەت كۆيۈنۈپ دەرىس ئۆتمىگەن ئوقۇتقۇچىنى قانداق پىداگوك دىگىلى بولسۇن؟؟ بىلىم باشقا گەپ، ئەخلاق ئۇ باشقا گەپ،مەسئۇلىيەت ئۇ باشقا گەپ. سىز كىشىلەر ئارىسىغا زىددىيەت ئۇرۇقى چېچىشقا شۇ قەدەر ماھىر. نۆۋەتتە ھىچكىم سىزگە ئىشەنمەس بولۇپ قالدى. ئامما ئارىسىدا ئەڭ ئاددى ‹‹تېپىشماق››قا ئايلىنىپ قالغانلىقىڭىزنى ھىس قىلغان بولسىڭىز بولاتتى. شەئىخ سەئىدى ‹‹ بىلىمى تۇرۇپ ئىشلەتمىگەن كىشى، كىتاپ ئارتىپ قويۇلغان قوتۇر ئېشەككە ئوخشايدۇ›› دىگەن ئىكەن. بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئەخلاق بولۇپ بىلىم بولمىسا‹‹ ناچار ››مەھسۇلات بولغان بولىدۇ، مۇبادا بىلىم بولۇپ ئەخلاق بولمىسا‹‹ خەتەرلىك›› مەھسۇلات ھىساپلىنىدۇ.ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن ئىشلىتىلمىگەن تالانىتنىڭ شەيتاندىن نىمە پەرقى بولسۇن؟ ھە دىسىلا ئۆزىڭىزنى ماختاپ چارچاپ قالدىڭىز، سىز گىرىپتار بولغان ‹‹كېسەل››لىككە دوختۇرلارمۇ ئېنىق دىئاگۇنۇز قويالمىدى. مېنىڭچە سىز چوقۇم ‹‹ مەشھۇرسىراش كېسەللىكى››گە مۇپتىلا بولۇپ قاپسىز.... خاتىرجەم بولۇڭ بۇ كېسەلدىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايسىز....
سىز دۆلەت رەھبەرلىرىگە يۈز كېلەلەمسىز؟!
دۆلىتىمىزنىڭ دانا رەھبەرلىرىدىن ماۋزېدۇڭ،دىڭشاۋپىڭ،جىياڭ زېمىن، خۇجىنتاۋ قاتارلىق رەھبەرلەر ‹‹ ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش، ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش›› ، ‹‹ مىللى روھنى ئەۋىج ئالدۇرۇش كېرەك ›› ، ‹‹ مىللى روھىنى يوقاتقان مىللەتلەر دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالالمايدۇ›› ، ‹‹ ھەمنەپەس بولغان56 مىللەت روھى جۇڭخۇا مەدەنيىتىنىڭ جەۋھىرىدۇر›› دىگەندەك دانا پىكىرلەرنى قىلغان.ھىچقايسى رەھبىرىمىز مىللى مەدەنيەتنى چەتكە قاققان ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىملىق باش شۈجى شى جىن پىڭ ئەپەندى ‹‹ كۈچلۈك مەدەنيەت دۆلىتى قۇرۇش ›› چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ نىمە دىگەن ياخشى سىياسەت. نىمە دىگەن دانا نىشان.... سىز بىر ئاز سانلىق مىللەت كادىرى، ھوقۇقىڭىز بولۈم  دەرىجىلىك بولسىمۇ يۇرتىڭىزدىكىلەر سىزنى خېلى چوڭ بىلەتتىكەن... تولىمۇ ئەپسۇس، سىز مەكتەپلەرنى تەكشۈرگەندە  ناۋائىنىڭ سۈرىتنى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سۈرىتىنى، مەخمۇت قەشقىرىنىڭ سۈرىتىنى ۋە ئون ئىككى مۇقام ۋە ئانا تىل  ھەققىدىكى ھۆسىنخەتلەرنى   كۆرۈپ ئىنتايىن غەزەپلىنىپ ‹‹ بۇ نەرسىلەردە مىللى تۈس قويۇق ئىكەن›› دەپ يىرتىۋېتىپسىز؟! ھەر قانداق سەنئەت بۇيۇملىرىدا مىللى تۈس بولغاچقىلا دەۋىرلەردىن دەۋىرلەرگە ئۇلىشالايدۇ. سىزنىڭ ئالدىڭىزدا دۇنيا ئىتراپ قىلغان بوۋىلىرىمىز نىمە گۇناھ سادىر قىلدى.سزگە ئانا تىل نىمە قىلدى؟ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن قوغدىلىش تەشەببۇس قىلىنغان، نۆۋەتتە دۆلىتىمىز يۇقۇرى مەپلەخ ئاجىرتىپ رەتلىگەن،قوغدىغان،قوغداۋاتقان ،بىزگە ئالەمچە ھوزۇر ئاتا قىلىۋاتقان ئون ئىككى مۇقام سىزگە قانداق زىيانلارنى سالغان بولغايتتى؟؟ بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئۇشۇ ئۇلۇغلارنىڭ رەسىملىرى ۋە ھىكمەتلىرى ئاساسىدا نىشانغا ئىگە بولىدۇ، ئىپتىخارلىنش تۇيغۇسىغا چۆمىلەلەيدۇ، كومۇنىستىك غايىگە ئىگە بولالايدۇ.سىز يېڭى دەرىس ئىسلاھاتىنىڭ پىرۇگىراممىلىرىدىن ‹‹ دەرىس بايلىقى››،‹‹مەشھۇر سەخسىلەرنى دەرىسخانىغا ئېلىپ كىرىش›› دىگەندەك ئۇقۇملارنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالماپتىكەنسىز-دە؟! سىزنىڭ بۇ قىلمىشىڭىز مىللى مەدەنيەتكە قىلغان ھاقارىتىڭىز بولۇپلا قالمستىن بەلكى جۇڭخۇا مەدەنيىتىگە قىلغان ھاقارىتىڭىزدۇر. چۈنكى كىم سىزگە جۇڭخۇ مەدەنيىتى ئىچىدە مىللى مەدەنيىتىمىزنى يوق دىيەلەيدۇ؟؟ سىز ئۇلۇغلار روھىدىن، دانا دۆلەت رەھبەرلىرىدىن، شۇ رەسىملەرنى سىزغان، ھۆسىنخەتلەرنى يازغان رەسسام،خەتتاتلاردىن ئەڭ مۇھىمى مىللى روھ ۋە مىللى مەدەنيەتكە تەشنا سەبىي بالىلاردىن ئەپۇ سورىشىڭىز زۆرۈرمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم. ئاڭلىسام ھوقۇقىڭىزدىن ئايرىلىپ قاپسىز.... تىنىڭىزگە سالامەتلىك ، روھىڭىزغا پاكىزلىق تىلىسەم قۇبۇل قىلارسىزمۇ؟؟ توۋا....ئۇلار دىننىي تەشۋىقاتچىلار ئەمەس ئىدىغۇ؟ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ‹‹ بىلىم-كۈچ›› نەزىرىيەسىنى ياۋرۇپالىق پەيلاسوپ بىكۇندىن مىڭ يىل بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياغا مەشھۇر پەيلاسوپ ئەمەسمىدى؟؟!!
مەكتەپنى« قاتتىق باشقۇرۇش نەزىرىيەسى›› قانداق نەزىرىيە؟
مەركەز رەھبەرلىرى ھەر قېتىملىق مائارىپ خىزمەت يىغىلىرىدا ‹‹ مائارىپ ئادىللىقى ›› نى تەكىتلەۋاتىدۇ. ‹‹21-ئەسىرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو مائارىپ تەرەققىيات ھەركەت پىلانى››دا ‹‹ ئوقۇتقۇچىلارغا ئازادە خىزمەت مۇھىتى يارىتىپ بىرىش، ئوقۇغۇچىلارغا شادىمان ئۈگىنىش بوشلىقى تەقدىم قىلىش، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىش،مەكتەپلەرنى ئىلمىي باشقۇرۇش، شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇش، ئېچىۋېتىلگەن دەرىسخانا قۇرۇپ چىقىش، دەرىس بايلىقىنى ئاشۇرۇش..... ›› قاتارلىق مۇقەددەس پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغانغۇ؟؟ نۆۋەتتە بىر قىسىم  يەرلىك ‹‹ ئەمەلدار››لار‹‹ يېپىق ھالەتتە مەكتەپ باشقۇرۇش››،‹‹ مەكتەپلەرنى قاتتىق باشقۇرۇش نەزىريەسى›› نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر كۈنلىكى بىر نەچچە خىل قاتتىق تۈزۈم تۈزەلەيدىغان، قاتتىق قول، رەھىمسىز،ئادەملەرنىڭ قەدىر-قىممىتى بىلەن ھىساپلاشمايدىغان ، ‹‹ ئادەمنى ئاساس قىلىش ئوقۇمى››نى چۈشەنمەيدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنى مەكتەپ مۇدىرى قىلىپ بىكىتمەكتە... ئۇلار مەكتەپلەرنىڭ دەرۋازىسىدىن تاكى ھاجەتخانىسىغىچە ‹‹ قاراۋۇلخانىلار››نى قۇرۇپ ، مەكتەپلەردە ياخشى ئوقۇمىغان، ساۋادى بار-يوقلىقنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان بىر قىسىم جەمىيەت داشقاللىرىنى ئەرزان ئىش ھەققى بىلەن قۇبۇل قىلىپ ‹‹مۇھىم›› ئىشقا بۇيرىماقتا.... ئاشۇ خىلدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ بىر قىسمىدا‹‹ نە ئوقۇتۇش، نە ئوقۇغۇچى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، نە ئىنسانى قەدىر-قىممەت، نە ئوقۇغۇچىلار تەرەققىياتى ....›› دىگەندەك ئوقۇملار بولسۇن؟؟ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرەر مىنۇت كىچىكىپ قېلىشى، ئەركىنرەك پىكىر قىلىشى، كىيىنىشى،دەرىسكە كىرىش-چىقىشى، كىلىپ كىتىشى، دەرىسىنى قانداق ئۆتۈشى،دەرىسخانىدا قانداق مەزمۇندا  گەپ قىلىشى، ھەتتا جەمىيەتتە قانداق كىشىلەر بىلەن ئارلىشىشى، ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا پەيدا بولىشى... ھەممىسى ئۇلار تەرىپىدىن قاتتىق نازارەت قىلىنىدۇ.... ئوقۇغۇچىلار مەيدانلاردا شۇنچىكى شوخلۇق قىلدىمۇ ‹‹ باقاۋۇل››لارنىڭ خىزمىتى ۋە نەتىنجىسى كۆپىيىدۇ، دوكلاتى كۆپىيىدۇ،ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقى قايتا ئىسپاتلىنىدۇ، مەكتەپتىكى ئورنى قايتا جاكارلىنىدۇ. ئالى مەلۇماتلىق ئوقۇتقۇچىلار ساناقسىز‹‹مۇدىر ياردەمچىلىرى››نىڭ ئالدىدا غىپچىنىشقا، بويۇن قىسىشقا، چەتنەپ ئۆتۈشكا،يالغاندىن كۈلۈمسىرەشكە مەجبۇر بولىدۇ، بەزىدە ئۇلارغا يالۋۇرىدۇ. ‹‹ ياردەمچىلەر›› خالىغان ئادەمنى ‹‹گۇناھكار›› قىلالايدۇ. بىر تۇرۇپ قارىسىڭىز ئوقۇغۇچىلار ھەربىيلەرگە، ئوقۇتقۇچىلار نەۋكەر بېشىغا، باقاۋۇللار سانغۇنلارغا.... مەكتەپ خۇددى ‹‹تۈرمە››گە ئوخشاپ قېلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالىسىز. يىغىن ، تۈزۈم ۋە تەكشۈرۈشلەرنىڭ كۆپلىكىدىن ئەتىگەندىلا چارچاشقا باشلايسىز....ئەي ‹‹داڭلىق›› مەكتەپ مۇدىرى ! سىز قېرىنداشلىرىڭىزنى بۇنچە چارچاتماڭ! پۇل تۇتۇش شەكلى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغىلى بولماس، سىزنىڭ قىممەت قارىشىڭىز بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىممەت قارىشى ئوتتۇرىسىدا ھەقىقەتەن پەرىق زور ئىكەن، سىز ئەتراپىڭىزدىكى ئەتىدىن كەچكىچە گەپ تۇشۇش ھۈنىرىگە تايىنىپ جان باقىدىغان، ياخشىلارنى سىزدىن ‹‹كۈنلەيدىغان›› بىچارىلەر بىلەن ئەمەس، ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە شام كەبىي  كۆيىۋاتقان  ئوقۇتقۇچىلار بىلەنمۇ پىكىرلىشىپ قويۇڭ، بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئۇلارنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى سەۋىر-تاقەت بىلەن تىڭشاپ بېقىڭ، سىز چوقۇم ئۇلاردىن ھەقىقىي ‹‹نەپ›› ئالالايسىز،شۇندىلا مەركەزنىڭ ‹‹ ئادەمنى ئاسا قىلىش، مەكتەپنى ئىلمىي باشقۇرۇش ،ئوقۇغۇچىلار تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش... يىغىننى ئاز ئېچىش،  ۋاقىت ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش....›› قاتارلىق كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس....
ناخشا –ئۇسسۇل قىزغىنلىقى ۋە كۆرۈرمەنلەر ساپاسى
بىزدە ‹‹ ناخشا بىلەن تۇغۇلدۇق، ناخشا بىلەن ئۆلىمىز››،‹‹بىزنىڭ بالىلار ئايىغى چىقىش بىلەنلا ئۇسسۇل ئويناشنى بىلىۋالىدۇ››،‹‹ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى››،‹‹ ناخشا-ئۇسسۇل يۇرتى›› دىگەندەك بىمەنە قارشلار ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلمەكتە .ئۇنداقتا بىزدىن نىمىشكە بىرەر دۇنياۋى ناخشىچى، بىرەر دۇنياۋى ئۇسسۇلچى چىقمايدۇ؟؟ناخشا-ئۇسسۇل مەدەنيىتىگە ئائىت بىرەر سىنارىيە دۇنيا تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنمايدۇ؟بىز سەنئەت ھەققىدە ساددا چۈشەنچىلەرگە خېلىلا باي.مۈمكۈن بولسا بىز دەرىسنىمۇ ناخشا ئېيتىپ ئۆتسەك، تاپشۇرۇقلارنىمۇ ناخشا ئېيتىپ تەكشۇرسەك، يىغىنلارمۇ ناخشىچىلار تەرىپىدىن ناخشا شەكلى بىلەن يەتكۈزۈلسە،ئۆلۈم نەزىرلىرىمۇ ناخشا بىلەن ئۇزىتىلسا،ساخچىلارمۇ ناخشا ئېيتىپ ئىش بىجىرسە، ئوقۇغۇچىلارمۇ ناخشا ئېيتىپ ئىمتىھان بەرسە، ناخشا ئېيتىشنى بىلمىگەن كىشىلەر توساقلاردىن ئۆتكۈزۈلمىسە.... تولىمۇ ياخشى بولاتتى؟؟!! بالىلىرىمىز سەھنىلەردە بىرەر نومۇر كۆرسىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشسە بارلىق جەمەت ئەزالىرىغا، تۇنۇش- بىلىشلەرگە، ئەل-ئاغاينىلەرگە  ھەپتە بۇرۇن ئۇچۇر قىلىپ ... بىرلىكتە ‹‹ ھوزۇر››لىنشقا ، تەبرىكلەشكە كۆنۈپ كەتتۇق. ماتىماتىكا ئولۇمپىك مۇسابىقىسىدە نەتىنجە ئالغان بالىلارغا ھىچقايسىمىز پەرۋا قىلمايمىز.يۇرتىمىزغا بىرەر ناخشىچى كەلسە،رھبەرلەردىن پۇخرالارغىچە تەۋرەپ كېتىمىز.بىرەر دوكتۇر،بىرەر تەتقىقاتچى، بىرەر داڭلىق يازغۇچى كەلسە يۇرتلاردىن جىمجىت ئۇزاپ كىتىشىدۇ. مەسىلەن: غوخامۇھەممەت مۇھەممەت مۇبادا ناخشىچى ياكى ئۇسسۇلچى بولغان بولسا ھازىرقىدەك نامرات ئۆتمىگەن بولاتتى.... ئۇ ھەقىقەتەن بۈيۈك شائىر، ئۇ شېئىر يېزىش ئۈچۈنلا ئېۋەتىلگەندەك قىلىدۇ.ئۇ شۇ قەدەر ئاددى-ساددا، شۇ قەدەر داغدۇغىسىز ياشىماقتا.....ئۇنىڭ شېئىرلىرى دۇنياۋى سەۋىيەگە يېقىنلاشتى ھەتتا تەڭلەشتى ، دىسەك ئارتۇق كەتمەس.خوجامۇھەممەت مۇھەممەت بىزنى چۈشەندى، بىراق بىز ئۇنى چۈشەنمەيۋاتىمىز....
يولۋاسخان، خالمۇرات، ئادىل مىجىت، خەيرىگۈل ھەسەن،ئابدۇرەھىم راخمان (رەخىم قان) قاتارلىقلار ئىتوتچىلىقتا خاسلىق ياراتقان مۈنەۋۋەر سەنئەتكار بولۇشقا مۇناسىپ. بىراق يېقىنقى يىللاردىن بېرى يالغان-ياۋىداق، كوچىلاردىن تىرىۋالغان،تېتىقسىز سۆزلەر  دۆۋىسى بىلەن قوراللانغان ئىتوتچىلارنىڭ بازىرى ئاۋاتلاشماقتا، خېرىدارى كۆپەيمەكتە ئۇلارنىڭ ھۆرمىتى شىرئەلى ئەلتىكىندەك، ئابدۇقادىر يارئېلىدەك، ئابلاجان ئاۋۇتتەك ھەقىقى ناخشىچىلارنىڭكىدىن يۇقۇرى بولماقتا.... بىر قىسىم ئىتوتچىلارنىڭ دەيدىغان يالغان گەپلىرى تۈگەپ كەتكەچكىمۇ قانداق خەلقىمىز تەرىپىدىن رەتلەنگەن، پىششىقلانغان، قېلىپلاشقان... نادىر ناخشىلىرىمىزغا پۇخۇرلۇق قىلىپ ئۆزگەرتىپ، قالايمىقان، چاكىنا مەزمۇنلارنى قوشۇپ قايتا ئېيتىپ بەرسە.... كۆرۈرمەنلەر ئاپئاق قوللىرى قاپىرىپ كەتكۈچۈ قەدەر چاۋاك چېلىشتى.... ناخىشىلىرىمىزنىڭ بىر مەددا تەرىپىدىن خارلانغانلىقىدىن شۇقەدەر شاتلاندى.... مانا بۇ بىزنىڭ ناخشىغا بولغان ئاشىقلىقىمىز، مانا بۇ بىزنىڭ ناخشىغا بولغان ھۆرمىتىمىز، مانا بۇ بىزنىڭ ناخىشىغا بولغان مەسئۇليىتىمىز. بىزنىڭ ناخشىلىرىمىز بۇنداق ئىپپەتسىز قالسا بولمايدۇ؟؟ بىزنىڭ مۈنەۋۋەر يازغۇچىلىرىمىز تەرىپىدىن يېزىلغان،ئىقتىدارلىق ناخشىچىلىرىمىز تەرىپىدىن ئورۇندالغان ناخشىلىرىمىز بىر مەدداھ  تەرىپىدىن بۇزۇلسا بولمايدۇ،بىزنىڭ مۈنەۋۋەر كومپىزوتىرلىرىمىز ئاشۇ مۇزىكىلارنى ئۇنداق چاكىنا قاپىيەلەر ئۈچۈن ئىشلىمىگەن ئىدىغۇ؟؟ ئەي!! كۆرۈرمەنلەر سىلەرنىڭ سەنئەتتىن ھوزۇرلىنىش سەۋىيەرىڭلار قاچان شەكىللىنەر؟؟ئىسىت ئىسراپ بولغان ۋاقتىڭلار،ئىسىت پۇلۇڭلار، ئىسىت قاپىرىپ كەتكەن ئاپئاق قوللىرىڭلار.... ئسىت ئىپپىتى بۇزۇلغان ناخشىلىرىمىز. ئاشۇ گۈللەرنى بالىلىرىڭلارنى تەربىيلەش يولىدا جاپا چىكىۋاتقان جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارغا سوۋغا قىلغان بولساڭلار ياكى گۈل سېتىۋالغان پۇلۇڭلارنى ئۈرۈمچىدە بىر تەرەپتىن ئوقۇپ بىر تەرەپتىن جاپالىق ئىشلەۋاتقان مۈنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلساڭلار تولىمۇ ھالال ئىش قىلغان بولاتتىڭلار....ئەگەر بۇ گىپىمگە خاپا بولساڭلار ئۆي-بىساتىڭلارنى سېتىپ ھەممىسىگە گۈل سېتىۋېلىپ ئاشۇنداق چاكىنا چولپانلارنىڭ ماڭىدىغان يوللىرىغا ،ھاجەتخانىسغا قەدەر گۈل تىزىپ بىرىڭلار!!! بۇ سىلەرنىڭ چەكسىز ئەركىنلىكىڭلار.....بىزدە ھامان سەنئەت ئوبزورچىلىقى شەكىللىنىدۇ. يىتىلگەن سەنئەت ئوبزورچىلىرىنىڭ بولماسلىقى بىر قىسىم ‹‹ چالا چولپان››لارغا چەكسىز دىمۇگىراتىيە ۋە قانغۇچە ‹‹ ھۆرمەت›› تەقدىم قىلدى.
چولپانلارنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارغا ئالقىش ياغدۇرۇش، ئۇلارغا گۈل تەقدىم قىلش تولىمۇ ياخشى ئادەت. ئەڭ مۇھىمى چولپانلارنى تۇنۇش مەسىلىسىدۇر.تىلى بىلەن دىلى،سەھنىلەردە دىگىنى بىلەن ئەمىليىتى بىردەك، ئىقتىدارلىق چولپانلىرىمىزمۇ ئانچە ئاز ئەمەس ،ئۇلارنى قانچە ئالقىشلىساق ئەرزىيدۇ. بىراق كۈندۈزى سەھنىلەردە بىزنى گۈزەللىككە يىتەكلەپ قويۇپ، ئاخشاملىرى ‹‹ئاق ھاراق ئېلانى››غا چىقىپ بارلىق كىشىلەرنى ھاراق ئىچىشكە دەۋەت قىلىدىغان، ھالال ياكى ھاراملىقىغا قارار  قىلماق تەس بولىۋاتقان يىمەكلىكلەرنى بولىشىغا ماختاپ ‹‹ ئىككى ئالەملىك›› گۇۋاچى بولۇپ بىرىۋاتقان ئالدامچىلارنى قانداقمۇ چولپان دىگىلى بولسۇن، ئۇ چولپان ئەمەس! تىجارەتچىدۇر، ئۇ شەيتاندۇر.يەنە بەزى چولپانلار ئۆزلىرىنىڭ غەيرى نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ ساددا خەلقنى ئالدىماقتا، سەبىي،نارسىدە بالىلارغا پۇخورلۇق قىلماقتا، ‹‹ساخاۋەت ئەلچىسى›› دىگەن نامى بىر قىسىم بايلانىڭ پۇللىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ھىساباتىغا ئۇستىلىق بىلەن يۆتكىمەكتە......بىزدىكى ناخشا-ئۇسسۇل قىزغىنلىقى تۈپەيلىدىن بىر قىسىم ناخشا-ئۇسسۇلدىن ئاز-تولا خەۋىرى بارلار ‹‹ ئىلاھ›› بولىۋېلىشتى.ھازىرقى دەۋىر ناخشا-ئۇسسۇل دەۋرى ئەمەس، ئىلىم-پەن دەۋرىدۇر، بىلىم ئىگىلىگى دەۋرىدۇر، ئەخلاق دەۋرىدۇر، ئاتۇم دەۋرىدۇر، تەنھەركەت دەۋرىدۇر، ئىقدىساد دەۋرىدۇر، تەبى پەن دەۋرىدۇر، پەلسەپە دەۋرىدۇر، مائارىپ دەۋرىدۇر.ناخشا –ئۇسسۇلغا زىيادە ئەھمىيەت بىرىپ ھوشىنى يوقۇتۇپ قويىدىغان ھەر قانداق قەۋىم ۋە رايۇن بۆگۈنكى رىقابەت دولقۇنلىرىدا قىرغاققا چىقالماسلىقى ئېنىق.بۇ دىگەنلىكىم ھەرگىزمۇ ناخشا-ئۇسسۇلىمىزنى تەرەققى قىلدۇرماسلىق كېرەك ياكى ھىچكىم ناخشا -ئۇسسۇلغا قىزىقماسلىقى كېرەك دىگەنلىك ئەمەس. ناخشا-ئۇسسۇلغا مەستانە بولۇپ مەست بولۇپ كەتكەن مىللەت ئۇيقۇسىنى ئېچىپ جاھاننى قايتا بىر كۈزۈتۈشى كېرەك دىگەنلىكتۇر. ناخشا-ئۇسسۇلغا سەنئەت نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىش كېرەك دىگەنلىكتۇر،ناخشا-ئۇسسۇلنى مەۋجۇتلۇقنىڭ بىرىنچى ئامىلى قىلىۋالماسلىق كېرەك دىگەنلىكتۇر.....
ئەگەر ناخشا-ئۇسسۇل بىر مىللتنى گىگانىت مىللەتكە ئايلاندۇرىدۇ، دىيىشكە توغرا كەلسە سىگانلار دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ،باي-باياشات مىللەتكە ئايلىنىپ كەتكەن بولاتتى؟؟ ئەجىبا ئۇلار سەرگەندان مىللەتلىكىگە خاتىمە بېرەلمىدىغۇ؟ناخشا-ئۇسسۇلى تەرەققى قىلمىغان مىللەت ھالەك بولىدۇ، دىيىشكە توغرا كەلسە يەھۇدىلار دۇنيادىكى ئەڭ قۇددەرلىك ، ئەڭ باي مىللەت بولالمىغان بولاتتى؟؟
ياراتقۇچى بىزگە ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇل ئويناش تاپشۇرۇقىنى بەرگەن ئەمەس، تاماخۇرلار ھەقىقى مەنىدىكى چولپان بولالمايدۇ. قۇربان ئىبراھىمدەك يىتۈك مۇزىكانتلىرىمىزمۇ بىر دەستە گۈلنى قۇبۇل قىلماي ئالەمدىن قايتتى،زوردۇن سابىردەك پىشىۋا ئەدىپلىرىمىزمۇ ئاددى تۇرمۇش كەچۈرۈپ خەلىقتىن ھىچقانداق بىر نەرسە تەلەپ قىلماي داغدۇغۇسىز ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى.  ئۇلار قەلىپ تۆرىمىزدە ھەقىقى چولپانغا ئايلاندى.ئۇلارغا نۆۋەتتە ھەقىقى قۇرۇماس گۈللەر ساناقسىز قەلپىلەردىن تەقدىم قىلىنماقتا، توۋا بەزى چولپانلار ئۆزىگە تەقدىم قىلىنغان سۈنئى گۈللەرنى تىزىملاپ مېڭىۋېتىپتىمىش، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەرتىۋىسىنى، ئوبرازىنى تىكلىمەكچىمىش.... گۈللەرنىڭ سانىنى ئاشكارىلاپ ‹‹ بايانات›› ئېلان قىلماقچىمىش... تېلىۋېزورغا كۆپ چىقىش، كۆپ گۈل قۇبۇل قىلىش... بىر ئادەمنىڭ مەڭگۈلۈك ‹‹ چولپانلىقى››نى ئىپادىلەپ بېرەلسە، تازا ئادىل بولماي قالار. خەلق، تارىخ... كىمنىڭ ھەقىقىي ‹‹چولپان›› ئىكەنلىكىنى تاسقىيالايدۇ ئەلۋەتتە!!!كۆرۈرمەنلەر ساپاسىنىڭ تۆۋەن بولىشى ‹‹ چالا چولپان›› لارنىڭ بازىرىنى ئاۋاتلاشتۇرىدۇ. ھەقىقى چولپانلار ماختىنىشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ، ھەقىقىي چولپانلار خەلقنى ئالدىمايدۇ، ھەقىقىي چولپانلار دىگىنىگە ئەمەل قىلىدۇ، ھەقىقىي چولپانلار،قىيىن ئۆتكەللەردە خەلقنى ئالدىغا چىقىرىپ قويۇپ ، ئۆزى پۇرسەت كۈتمەيدۇ، ھەقىقىي چولپانلار‹‹ مەسئۇلىيەت›› دىگەن سۆزنىڭ لىكسىكىلىق مەنىسىنى تۇلۇق چۈشىنەلەيدۇ، ھەقىقىي چولپانلار ماختاشلار ئالدىدا ھۇشىدىن كەتمەيدۇ، ھەقىقىي چولپانلار باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوغۇرلىمايدۇ، ھەقىقىي چولپانلار خاسلىق يارىتىدۇ، ھەقىقى چولپانلار خەلىقنىڭ سۈيىدە ئېقىپ، ئوتىدا كۆيىدۇ، ھەقىقى چولپانلار، ئەنئەنىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە يېڭىلىق يارىتىش كويىدا بولمايدۇ، ھەقىقىي چولپانلار ‹‹ مەنپىئەت›› دىگەن ئۇقۇمنى كەڭ مەنىدە ئىستىمال قىلالايدۇ.
مۇئەللىم سىز تېخى قېرىمىدىڭىز!!!
مۇئەللىم سىزنىڭ ئىقدىسادى كىرىمىڭىز ئاشقانسېرى، ئوقۇتقۇچىلىقتىن سەسكىنىپ قېلىۋاتىسىز، بىرىلىپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىۋاتىسىز، ‹‹ يالغان كېسەللىك ئىسپاتى›› بىجىرىپ مۇددەتتىن بۇرۇن پىنسىيەگە چىقىپ كىتىشكە باشلامچى بولۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىسىز.... سىز ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىڭىزدە يېڭىلىق يارىتالمىغان بىلەن شەھەرنىڭ خىلۋەت قاسنىقىغا ئارامگاھ ئېچىپ ‹‹ ئۇسلۇپ›› ياراتتىڭىز، سىزنىڭ تىلىڭىز بويىچە ئېيتقاندا ئارامگاھ بولسا ‹‹ دىبا›› دەپ ئاتىلىدۇ، ‹‹ دىبا››غا كىرگۈچىلەر‹‹دىبا خەلقى››دىيىلىدۇ.سىز ‹‹دىبا››باشقۇرۇشتا ھەقىقەتەن ئۇسلۇپ ياراتتىڭىز ‹‹ مۇزىكا ئەبجەش بولۇش، ئىنتايىن يۇقۇرى ئاۋازدا ئاڭلىتىش، قۇۋەتسىز يىمەكلىكلەرنى ئىنتايىن يۇقۇرى باھادا سېتىش، ئوغۇللارنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان پىۋا قاتارلىق سوغۇق ئىچىملىكلەرنى زورلاپ سېتىش، ھەر خىل چىكىملىكلەرنى قىز-ئوغۇل ئايرىماي چىكىشكە شارائىت يارىتىپ بىرىش،ئۇيغۇرلار ھىچقاچان ئويناپ باقمىغان ئۇسسۇللارنى ئوينىغانلارغا مۇكاپات بىرىش،ئۈندىداردا تۇنۇشۇپ قالغانلارغا رەسمىي تۇنۇشۇش پۇرسىتى يارىتىپ بىرىش، بىر-بىرىنىڭ قىلىشقان گەپلىرىنى ئېنىق ئاڭلىمايلا ماقۇل دىيىش ياكى تىنىمسىز كاللا لىڭشىتىش، ئىنتايىن كەچ قايتىش، مۈمكىن بولسا مەست بولۇپ بارارگاھىنى بىلەلمىگىدەك قىلىۋېتىش،ئەتە ھەققىدە غەم يىگۈزمەسلىك، ئاتا-ئانا، ئەخلاق،كېلىچەك ھەققىدە ئويلانماسلىققا دەۋەت قىلىش....›› قاتارلىقلار سىز ئاچقان ‹‹ دىبا››نىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىگى ئىمىش...مانا بۇ سىزنىڭ نەتىنجىڭىز، مانا بۇ سىزنىڭ بۇل تېپىش ئۇسۇلىڭىز، سىزمۇ ھاراق سورۇنلىرىدا ‹‹بىز دىگەن تېخى ياش›› دەپ ‹‹گۈپپىدە›› ئىچىۋېتەلەيسىز،‹‹ رەڭلىك سورۇن›› دىگەندە ئۇسسسۇل دىگەننى ئاجايىپ ئويناپ قويىسىز، قىزلارغا ‹‹ مەن تېخى 30 ياشلاردا....›› دەيسىز.....بىراق ئىلمىي مۇدىر دەرىس تەخسىماتىنى ئاڭلاتقاندا،ئوقۇغۇچىلار سۇئال سورىغاندا....‹‹ مەن قېرىپ قالدىم،كۆزۈم كۆرمەيۋاتىدۇ...›› دەپ ،يانچۇقىڭىزدىن يالغان ئىسپاتلارنى چىقىرىپ، ئىنچىقلايسىز..... مۇئەللىم سىز راستىنلا قېرىپ كەتتىڭىزمۇ؟ياكى قېرىمىدىڭىزمۇ؟؟ سىزنى ئىش ھەققى تارقاتقان كۈنى كۆرسە شۇ قەدەر تىتىكلىشىپ كېتىسىز، كەچلەردە ‹‹دىبا››دا مۇلازىمەت قىلىۋاتقان كۆرىنىشىڭىزدىن سىزنى ئەمدىلەتىن 20 ياشقا كىرگەن ‹‹يىگىت›› ئوخشايدۇ، دەپ قالىمىز. مائارىپنى، ئوقۇغۇچىلارنى ، ياشلارنى ئالداپ تاپقان پۇل سىزنى قانچىلىك باياشاتلىققا باشلاپ بارار....
‹‹ ئوغۇللۇق خارەكتىر تەربىيەسى›› نى كۈچەيتىش كېرەك
ئىلىمىزنىڭ داڭلىق مائارىپ تەتىقاتچىلىرى مەكتەپلەردە ‹‹ ئوغۇللۇق خارەكتىر تەربىيەسى››نى كۈچۈيتىش توغرىسىدا  ھەر خىل تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. شاڭخەي قاتارلىق تەرەققى قىلغان شەھەرلەردىكى بىر قىسىم مەكتەپلەردە ئوغۇللۇق خارەكتىرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قىز –ئوغۇللارنى ئايرىپ ئوقۇتۇش شەكلىنى سىناق قىلماقتا. مېنىڭچە مەسىلە بۇنىڭ بىلەنلا ھەل بولماسلىقى مۈمكىن. بۇ ئوقۇم ئاڭلىغۇچىلارغا سەل غەلىتە تەسىر بىرىپ قويۇشى ئېنىق. بىراق رىئاللىق بۇ خىل تەربىيەنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھەر ۋاقىت تەكىتلەيدۇ.ھازىرقى 40 ياشلىق ئەرلەر ئۆزىمىز بىلەن ئاتىمىزنى سېلىشتۇرساق مەسىلە ئايدىڭلىشىدۇ.مىسالەن ئېيتساق ‹‹ ئانىمىز ئاتىمىزنىڭ كەينىدىن ماڭاتتى، ئائىلە مالىيەسىنى ئاتىمىز باشقۇراتتى، ئاتىمىز بازارلاردىن كىيىم تاللاپ ئانىمىزغا ئېلىپ بېرەتتى، ئۆيدە ئاتىمىز خاقان ئىدى، ئائىلە ئىقدىسادى ئاتىمىزنىڭ كىرىمى ئارقىلق گۈللىنەتتى، ئانىلارنىڭ باشقىلار بىلەن ئۇسسۇل ئوينىشى قاتتىق چەكلىنەتتى، سىرىتتا بىجىرىشكە تىگىشلىك ئىشلار ئاتىلار ئارقىلىق ھەل قىلىناتتى،ئاتىلار كىر-قات يۇيۇش، ئائىلە تازلىقى قىلىش،تاماق ئىتىش قاتارلىق ئائىلەنىڭ ئۇششاق ئشلىرىغا قول تىقمايتتى ، ئاتىلىرىمىز بالىلارنىڭ ئالدىدا ۋايسىمايتتى ، كۆز – يېشىنى چىقارمايتتى ، ئۈمىتسىزلەنمەيتتى ، ئۇلار تولىمۇ جەسۇر ئىدى، باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ قارايتتى، ھەق – ناھەق مەسىلىلىرىدە كۆكرەك كىرىپ مەيدانغا چىقاتتى، ئانىلىرىمىزنى ئېغىر جىسمانى ئەمگەككە سالمايتتى، قىزلىرىنى شۇ قەدەر باشقۇراتتى ھەم يۇشۇرۇن نازارەت قىلاتتى، ئاچا- سىڭىللىرىمىزنىڭ سىرىتتا قونۇپ قېلىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى، ئۇلار بىز ئوغۇللىرىنى ھەقىقىي چېنىقتۇراتتى، ئۇلار بىزگە ‹ ئوغۇل بالا› لىق ئۆلچەملىرىنى ئۈگىتەتتى، تولىمۇ سۈرلۈك ھەم جەڭگىۋار كۆرىنەتتى.......›› توۋا ! ھازىر بىزچۇ؟ ئايالىمىزنىڭ ‹‹ دىرىكتور›› لىقىدا تاماق يىۋاتىمىز. ھەتتا بىزنىڭ  قانداق كىيىم كىيىش، قايسى دۇكاندىن ئېلىش ، قانچە پۇل سەرىپ قىلىش ھوقۇقىمىز يوق دىيەرلىك بولىۋاتىدۇ. بەزى ئەرلەر كەچلەردە  ئايالىنىڭ كەچلىك ئولتۇرۇشلاردىن بالدۇراق قايتىپ كىلىشىنى كۈتۈپ بولالماي، ئىلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانىلاردا غايىپ بولماقتا... بۇ ئەلۋەتتە ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە. بىزنىڭ ئوغۇل بالىلىرىمىز بىزدىن بەتەر، چۈنكى بىزنىڭ ئائىلىدىكى قىلىقلىرىمىز ئۇلار ئۈچۈن ئۇچۇق دەرىس بولماي نىمە؟بەزى ئوغۇل بالىلار ئاچىسىنىڭ ئوغۇل دوستىغا ياردەم قىلماقتا، بەزى ئوغۇل بالىلار سىڭلىسىنىڭ كۆز ئالدىدا بەزى قىلىقلارنى قىلىشىنى توغرا چۈشەنمەكتە، بەزى ئوغۇل بالىلار قىز دوستىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە قىز دوستىغا ھاراق زورلىماقتا، قىز دوستىنىڭ يېرىم –يالىڭاچ كىيىنىشىدىن پەخىرلەنمەكتە، قىزلارنىڭ ئالدىدا ئاۋاز چىقىرىپ يېغلاش ‹‹مودا›› بولماقتا، ھەق سۆزلەش، قىيىن پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقىش قىزلارنىڭ ۋەزىپىسى بولۇپ قالماقتا، قىزلاردىكى نازۇكلۇق، ئەۋرىشىملىك،سىپايە سۆزلەش، ناز قىلىش، خىجىل بولۇش، قىزىرىش، جۈرئەتسىزلىك، قورقۇنچاقلىق، يەرگە ئاۋايلاپ يىنىك دەسسەش ، قوللىرىنى يەڭگىل ھەركەتلەندۈرۈش، قىزىل رەڭلىك كالتە ئىشتانلارنى كىيىش، چاچنى سېرىق ،قىزىل رەڭلەردە بوياش، زىننەت بۇيىمى تاقاش.... قاتارلىق قىلىقلار ئوغۇللىرىمىزدا ئومۇملىشىپ قېلىۋاتىدۇ.غەيرى مېجەزلىك ئوغۇللارنىڭ سانىمۇ كۆپۈيۈپ كەتمىدى، دىيەلمەيمىز.ئەرلەردىكى جىنسى ئاجىزلىق دۇنياۋى مەسىلە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.جىنسى قۇۋۋەت دورىلىرى تىجارىتى بىلەن شوغۇللانغۇچىلارنىڭ يانچۇقى پۇلغا تولۇپ كېتىۋاتىدۇ.بۇ مەسىلىنى مۇھىتقا، يىمەكلىككە، تۈرلۈك پىلاستىنكىلارغا دۆڭگەپ قويساقلا ئىش تۈگەمدۇ؟؟ ياق! ئوغۇللارغا زىيادە كۆيۈنۈش، ئۇلارنى قىز-ئاياللار ئارىسىدىلا چوڭ قىلىش، تار كىيىملەرنى كەيدۈرۈش، قاتمۇ-قات تۈزۈملەر بىلەن ئەركىن پائالىيەت مۇھىتىدىن ئايرىش، ئەئەنىۋى تەنھەركەت سورۇنلىرى ھازىرلاپ بەرمەسلىك، ئۇلارنى ئۈگىنىش قىلىدىغان ‹‹ماشىنا›› غا ئايلاندۇرۇپ قويۇش، مەكتەپلەردە ھە دىسىلا بىخەتەرلىكنى تەكىتلەپ ئېغىر ھەركەتلەرنى ئىشلەشكە يول قويماسلىق ، قىز-ئوغۇل بوۋاقلارغا ئوخشاش سۈت پارشوكلىرىنى بىرىش، ھە دىسىلا ‹‹ باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارلاشما...›› دەپ ‹‹ خاتالىشىپ قالماسلىق››نى تەكىتلەش.... قاتارلىقلار سەۋەپ بولالمامدۇ؟؟ چىنتۆمۈر باتۇر سىڭلىىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن يەتتە باشلىق يالماۋۇزغا قىلىچ ئۇرالىغانغۇ؟؟ نىمە ئۈچۈن ھازىر تار كوچىلاردا سۆيگەن قىزىنى لۈكچەكلەرنىڭ چاڭگىلىغا تاشلاپ بىرىپ ، ئۆيىگە قېچىپ بېرىپ خاتىرجەم ئۇيقۇغا كەتكەن ئوغۇل بالىلار بايقىلىپ قالىدۇ؟! نىمە ئۈچۈن بەزى ئوغۇل بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن بوزەك بولغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ مەيدانغا چىقالمايدۇ، ئەكسىچە قارشى تەرەپتىن ئەپۇ سورايدۇ؟؟! نىمە ئۈچۈن بەزى ئوغۇل بالىلار سوت مەيدانىدا ئادىل گۇۋاچى بولالمايدۇ؟؟ئۇلار ھەق سۆزلەشتىن نىمانچە قورقىدۇ؟؟بىز ئارزۇلىغان ئوغۇل بالىلار شۇما؟؟ بىز مەيلى ئائىلە مائارىپىدا بولسۇن، مەيلى مەكتەپ مائارىپىدا بولسۇن ‹‹ ئوغۇللۇق خارەكتىر تەربىيەسى›› نى كۈچەيتىش تولىمۇ زۆرۈر بولۇپ قالدى. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن ، ئوغۇل بالىلار دۇنياغا كۆز ئاچقاندا خوشال بولۇپ كەتكەن تاشلارمۇ ‹‹ ياش ›› تۆككۈسى....
خانىملاردىكى كىيىنىش ئىسراپچىلىقى
1993-يلى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىغا ئۇيغۇر تىلى ئۈگىنىش ئۈچۈن كىرگەن شىۋىتسارىيەلىك قىز  دوستىمىز ئالىنا گېرىم ( ئۇ ئۆزىگە‹ ئاينۇر كېرىم › دەپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويىۋالغان ئىدى) بىلەن تاماقتا بىرگە بولۇپ خېلى كۆپ مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىرلەشكەن ئىدۇق. ئۇ قىز ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كىيىنىش مەسىلىسى ھەققىدە توختۇلۇپ : ‹‹ ئۇيغۇر قىزلىرى بەكمۇ چىرايلىق، يېڭىلىققا ئىنتىلىشچان ئىكەن. مەن ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدىم، نۇرغۇن تەرەپلىرى ئۈگىنىشىمگە ئەرزىيدۇ. بىراق بىر مەسىلە بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كىيىنىش مەسىلىسى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى، بىر قىسىم قىزلار بىر كۈندە 3-4 قېتىم كىيىم ئالماشتۇرىدىكەن، بۇنداق قىلشقا نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىسراپ بولغان ۋاقتىغا مەن چىدىماي قالىمەن.بىر كىيىمگە قىزىقىپ قالدىمۇ ئائىلە ئىقدىسادى بىلەن ھىساپلاشماي سېتىۋالمىغىچە بولدى قىلمايدىكەن، كىيىم كىيىشتە قارغۇلارچە مودا قوغلىشىدىكەن، ئۆزىنىڭ چىراي شەكلى ۋە بەدەن قۇرۇلمىسىغا يارىشا خاسلىق شەكىللەندۈرمەيدىكەن، بىر-بىرى بىلەن كىيىنىشتە كەسكىن بەسلىشىدىكەن، بەزى قىزلار تاماق يىمەسلىككە رازىكەنكى تاماق پۇلىنى تىجەپ كىيىم سېتىۋالىدىكەن.... مەن بىر كارخانىچىنىڭ قىزى ئاتامنىڭ 3 زاۋۇتى بار، ئائىلە ئىقدىسادىمىز خېلىلا ياخشى دىيىشكە بولىدۇ. بىراق مەن كىيىنىش ئىسراپچىلىقىغا قەتئى قارشى تۇرىمەن. دادامنىڭ پۇلىنى ئەرزىمەس ئىشلارغا خەجلىسەم بولمايدۇ. مانا مېنى كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر ، كىيىنىشىم ئانچە ھەشەمەتلىك ئەمەس، بۇنىڭلىق بىلەن مەن ئاددى بولۇپ قالمايمەن، مەن يەنە بىلىم ئېلىشىم كېرەك، مۈمكىن بولسا سىلەر ئوغۇللار قىزلارغا مەسئۇل بولۇپ بۇ ھەقتە تەربىيە بىرىشىڭلار زۆرۈردەك قىلىدۇ. كۈتۈپخانا ئەسلىدە ئۈگىنىش سورىنى ئىدى،بىراق بەزى بالىلار ئۈچۈن ‹ ئۇچرىشىش› سورىنى ئىكەن.....›› دىگەن ئىدى.  ئۇ تولىمۇ ئاددى –ساددا قىز ئىدى.بىز بىر نەچچىمىز ئۇ قىز سەمىمي دوستانە مۇئامىلىدە بولۇپ تىل ئۈگىنىشگە ئاز-تولا ياردەمدە بولاتتۇق....
مانا بۇ بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇنقى بىر چەتئەللىك قىزنىڭ بىزگە ئېيىتىپ بەرگەنلىرى، بۆگۈنكى كۈندە بەزى قاراشلىرى ھاياتى كۈچىنى يوقاتقان بولسىمۇ ‹‹ ئىسراپچىلىق›› ھەققىدىكى قاراشلىرى ھېلىھەم قىممەتلىك تۇيۇلماقتا. يېقىندا جېجاڭ ئۆلكىسىدىن ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتىغا ياردەم بەرگىلى چىققان ئىككى نەپەر خەنزۇ ئوقۇتقۇچى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم، ئۇلار ‹‹ ئۇيغۇرلارنىڭ چىقىشقاق، يۇمۇرلۇق، قىزغىن، ئەقىللىق ... ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ كىلىپ تەربىيلىنىشكە كەلگەن ئۇيغۇر خانىملىرىنىڭ كىيىنىشكە زىيادە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى،ئىقدىسادى چۈشەنچىسىنىڭ تۆۋەنلىكى،كۈندە نەچچە قۇر كىيىم ئالماشتۇرىدىغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ ئىش ھەققى گەرچە بۇ ئۇيغۇر خانىملارنىڭكىدىن يۇقۇرى بولسىمۇ يىلدا بىر نەچچە قۇرلا كىيىم كېيىدىغانلىقى، رەتلىك، يارىشىملىق، پاكىزە بولۇشقا تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى.... بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغانلىقى، ھەتتا بۇ ھەقتە تەربىيە بەرگەنلىكى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.توغرا ھۆكۈم ئالدىدا كىم ؟نىمە ؟دىيەلىسۇن؟ ! ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بىر قىسىم خانىملار كىيىنىشتە رىقابەتلىشىپ ئۆزىگە ماس كىلىش-كەلمەسلىكى بىلەن ھىساپلاشماي ‹‹ پالانى كەيگەن كىيىمنى مەن نىمىشكە كېيەلمەيمەن؟؟›› قاراشقا ‹‹ قامىلىپ›› قېلىپ  كىيىم –كېچەك دوكانلىرىغا قەرزى بولۇپ قالغان بولۇپ قاپتۇ، مەسىلە بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەيدۇ، ئائىلە زىددىيىتى ئۇ ئانچە چوڭ مەسىلە ئەمەس، خانىملارنىڭ كۈندە نەچچە خىل كىيىنىشى ئەلۋەتتە ئۆسىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ خىل ‹‹ مودا ئېقىمى›› نى ئوقۇغۇچىلار ۋۇجۇدىغا باشلاپ كىرمەيدۇ، دىيەلەمدىمىز؟؟؟ بۇ مەسىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپىدۇر.
بالىلار بالىلىق پەسلىنى بېشىدىن كەچۈرسە بولاتتى؟؟
ئېلىمىزنىڭ داڭلىق پىسخولوگىيە ئالىمى، مەشھۇر پىداگوك تاۋ شىڭجى ئەپەندى 1956-يىلى بالىلار تەربىيەسىدە توختۇلۇپ ‹‹1.بالىلارنىڭ كۆزىنى ئازاد قىلىش 2.بالىلارنىڭ قولىنى ئازاد قىلىش 3.بالىلارنىڭ ماكانىنى ئازاد قىلىش 4.بالىلارنىڭ مېڭىسىنى ئازاد قىلىش 5.بالىلارنىڭ ئېغىزىنى ئازاد قىلىش 6.بالىلارنىڭ ۋاقتىنى ئازاد قىلىش ›› قاتارلىق ‹‹ بالىلارنى ئالتەدە ئازاد قىلىش ›› تەشەبۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.بالىلىق پەسلى بىر ئادەمنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا چوقۇم بېسىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك ئەڭ گۈزەل باسقۇچ. بالىلار بالىلىق پەسلىنى بېشىدىن كەچۈرمەيدىكەن نورمال ئادەم بولالمايدۇ،ئۇ خۇددى بىرەر زاپچىسى كەم قوراشتۇرۇلۇپ قالغان بۇزۇق ماشىنىغا ئوخشاپ قالىدۇ.بىز بالىلىرىمىزنىڭ تۇغۇلۇپلا ئالىم، كەشپىياتچى بولىشىنى ھەممىنى بىرلا كۈندە بىلىپ بولىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. ھازىرقى بالىلار 3 ياشقا كىرە-كىرمەيلا ‹‹ سۇ قاچىلاش ماشىنىسى››غا ئوخشاش،مەجبۇرى يۇسۇندا ‹‹بىلىم›› قاچىلىنىشقا باشلايدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار ‹‹ بىلىم قاچىلاش›› ھوقۇقىنى باشقىلارغا ‹‹كۆتىرە›› قىلىدۇ.بالىلار باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپلا بارلىق خوشاللىقلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ،ئۇلارنى تىنىمسىز غەم بېسىشقا باشلايدۇ. ئاتا-ئانا بولسا بالىلارنىڭ ئەڭ گۈزەل ھەم ھوزۇرلۇق ۋەتىنى ئىدى. بالىلار بىر كۈندە 10 مۇئەللىمنىڭ 10 خىل ئۇچۇرىنى كىچىككىنە كاللىسىغا قاچىلاپ، 10 خىل تاپشۇرۇقىنى يۈدۈپ ئائىلىسىگە كەلگەن ھامان ئاتا-ئانىلار تەرىپىدىن سوتلىنىشقا باشلايدۇ، بارا-بارا بالىلار ئەركىلەشنى ئۇنتۇپ قېلىشىدۇ.مەكتەپ ۋە ئائىلىدىكى قاتتىق تۈزۈم بالىلارنىڭ قەلبىدىكى ئاجايىپ ئىنتىلىش ۋە شوخلۇقلارنى بىر-بىرلەپ پاچاقلاپ تاشلايدۇ. بالىلاردىكى قىزىقىش،خاسلىق، تەبى ئىقتىدارلار بىر-بىرلەپ ھاياتى كۈچىنى يوقۇتۇپ سىنىپتىكى باشقا بالىلارغا ئوخشاش تەپەككۇر قىلىدىغان،ئوخشاش ھەركەت قىلىدىغان، باشقىلارنى مەجبۇرى يۇسۇندا دورايدىغان، مۇستەقىل قارىشىدىن ئاسانلا ۋاز كېچىدىغان، تىنىمسىز ئەنسىرەيدىغان، جاۋاپكارلىق ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنداش ئۈچۈنلا ھەرىكەت قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇ تېخى بەزىدە ئېغىر تەنقىتلىنىدۇ،يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ سومكىسى ئېغىرلاشقا باشلايدۇ، تاپشۇرۇقلىرى كۆپىيىدۇ،بېسىم كۆپىيىدۇ،غەملىرى كۆپىيىدۇ،جاۋاپكارلىقى كۆپىيىدۇ. بەزىدە ئۆزىنىڭ ئىشلىرىغا يىتىشىپ بولالماي شۇ قەدەت تىت-تىت بولىدۇ، يېغلايدۇ،ئازاپلىنىدۇ. تەبىىئەت بىلەن بىر گەۋدىلىشىش، ھايۋاناتلار بىلەن ئۇچرىشىش، دەريا بويىغا چىقىپ سۇغا چۆمىلىش،ئورمانلىقلارغا بېرىپ غەمسىز ئويناش پۇرسىتى بولمايدۇ. ئارام كۈنلىرى ئاتا-ئانىلار بۇ بالىلارنى تۈرلۈك تەربىيلەش كۇرسىغا تۇتۇپ بېرىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇلار جىمخور،جۈرئەتسىز، كىتاپ ئامبىرى ئىچىدىكى ‹‹ مەھبۇس››قا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ كەم سۆزلىكىدىن، جىمخورلىقىدىن، كىتاپتىن باش كۆتۈرمەسلىكىدىن، مۇئەللىم نىمە دىسە ماقۇل دەيدىغانلىقىدىن، ئۆزلىرىگە قارشى بىرەر ئېغىز گەپ قىلماسلىقىدىن، كىتاپتىكى مەزمۇنلارنى ئەينەن يادىلاپ بېرەلىگەنلىكىدىن.... شۇ قەدەر پەخىرلىنىپ كېتىشىدۇ. بالىلار بۇ چاغدا ئاساسەن كاردىن چىقىپ بولغان بولىدۇ.بىر قىسىم بالىلار يەسلىلىرى بالىلارغا تىزىلىش،تاماق يىيش، ئۇخلاش مەشىقى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.سىز بەزى بالىلار يەسلىسىگە بارسىڭىز ھەربىي گازارمىغا كىلىپ قالدىممىكىن دەپ قالىسىز، تېخى ساۋادى چىقمىغان بالىلار مۇقۇملۇق ۋە بىخەتەرلىك ھەققىدىكى لىكسىيەلەرنى ئاڭلايدۇ،پىكىر بايان قىلىدۇ. تولىمۇ كۈلكىلىك يىرى شۇكى ئۇلارمۇ تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنى كۈتىۋېلىشتا يالغانچىلىقنى ئۈگىنىۋالىدۇ. كىچىك تۇرۇپ يالغان دوكلات بىرىشكە شۇ قەدەر ئۇستا بولۇپ كېتىدۇ. مەكتەپتە قوراشتۇرۇلغان نۇرغۇن ئويۇنچۇقلار ‹‹قىز›› پېتى قېرىپ كىتىدۇ. چۈنكى ، بىخەتەرلىك كۆزدە تۇتۇلۇپ بالىلارنىڭ ئويۇنچۇق ئويناش ھوقۇقى قاتتىق چەكلىنىدۇ.بالىلارنىڭ بەزىدە ئاشۇ چىرايلىق ئويۇنچۇقلارغا قاراش ئەركىنلىكىمۇ بوغۇلىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بەزى بالىلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەييارلاپ بىرىشى بويىچە جەمىيەتتىكى نازۇك مەسىلىلەر ھەققىدە ‹‹بايانات›› ئېلان قىلالايدۇ.بەزى بالىلارنىڭ پىسخىسىكىسى بوۋاي-مومايلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ. ئاتا-ئانىلاردا بالىلار بىلەن بالىلارچە سىردىشىش تۇيغۇسى قەتلە قىلىنغاچقا بالىلار بالىلىق پەسلىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ‹‹سىر›› بولۇپ قالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاپتۇماتىك باشقۇرۇلىدىغان ماشىنا ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنىمۇ ئاڭقىرىپ بولالمايدۇ.مەشھۇر پىداگوك تاۋ شىڭجى ئەپەندى بىر قىسىم رايۇنلاردىكى بەزى مەكتەپلەرنىڭ، بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، ئەڭ مۇھىمى بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋەتەننىڭ گوھىرى ۋە بايلىقى ھىساپلىنىدىغان بۇ بالىلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى كۆرەلىگەن بولسا نىمە دەر ئىدى؟؟!! توپتوغرا 66 يىل ئۆتۈپتۇ، بىراق بىز مائارىپچىلار ھازىرغىچە ئۇنىڭ پىكىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدۇق؟ بۇ بىزنىڭ گۇناھىمىز ئەمەسمۇ؟؟
‹‹پۇلۇم كۆپەيدى، چېچىم ئازىيىپ كەتتى››
تېلىۋىزوردا تەكرار ئاڭلىتىلۋاتقان  چاچ يۇيۇش سۇيۇقلىقى ھەققىدىكى‹‹ يانچۇقۇمدا پۇلۇم كۆپەيدى،بىراق بېشىدا چاچ ئازىيىپ كەتتى...›› دىگەن ئېلان تېكىستىنى ھەر قېتىم ئاڭلىسام يېڭى تۇيغۇلارغا چۆمىلىمەن، يېڭى تەپەككۇرلارنى قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىمەن.توغرا يانچۇقىمىزدا پۇل كۆپەيدى،قەلبىمىزدە چىن خوشاللىق ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ. ئولتۇرىدىغان ئۆيلىرىمىز بارغانچە ئىگىزلەپ باردى، ئادىمىيلىك ئورنىمىز تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ. ئۆيلىرىمىز يېقىنلاشتى، قەلبىمىز يىراقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ.يىمەكلىكلىرىمىز كۆپەيدى، بىراق تەمى ۋە قۇۋىتى ھەققىدە سۆز قىلماق تەسكە توختاۋاتىدۇ.دورىلار كۆپەيدى، بىراق تەسىرى بولمايۋاتىدۇ. نۇپۇس كۆپەيدى، ئادەم قالمايۋاتىدۇ .  كىيىم – كېچەكلىرىمىز يېڭىلاندى،  ئىنساپ-دىيانەت يوقاپ كېتىۋاتىدۇ. شېلەپىمىز يېڭىلاندى،  كاللىمىز كونا،  ئايىغىمىز يېڭىلاندى، ماڭىدىغان يوللىرىمىز كونا،  يېڭى مۇزىكىلارغا كونا ئۇسسۇل ئويناۋاتىمىز ... مەكتەپلىرىمىز شۇ قەدەر ھەيۋەت سېلىندى، يېڭى مەكتەپلەردە كونا تۈزۈم ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا. ئەسلىھەلەر شۇقەدەر كۆپەيدى، بىراق ئىشلىتىشكە ۋاقىت يەتمەيۋاتىدۇ. قىرائەتخانىلار كىتاپلارغا لىق تولۇپ كەتتى، كىتاپ ئوقۇش پۇرسىتى يوق بولىۋاتىدۇ.(كىتاپ ئوقۇش خاتىرىسى يالغاندىن يېزىلىپ ، ئارخىپلاشتۇرۇلدى) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى تەكرار ئۆستۈرۈلدى، بىراق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ بارماقتا، ئۇلارنىڭ ئوقۇتۇشقا سەرىپ قىلغان ۋاقتى، ئارخىپ ئىشلەشكە سەرىپ قىلغان ۋاقتى بىلەن تەڭلىشەلمەيۋاتىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەجبۇريىتى ئەسلىدە ئوقۇغۇچى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىدى، بىراق ئوقۇتقۇچىلار رەھبەرلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلشتىن (تەكشۈرۈشكە تاقابىل تۇرشتىن) باش كۆتىرەلمەيۋاتىدۇ. ئوخشاش بىر مەزمۇننى 30 يىل كۆچۈرگەن ئوقۇتقۇچىغا ،يەنە شۇ مەزمۇننى تېخمۇ چىرايلىق كۆچۈرۈپ يېزىش تەلەپ قىلنىۋاتىدۇ.مەكتەپ مۇدىرلىرى ھەر كۈنى يېڭى تۈزۈم تۈزىۋاتىدۇ، بىراق كونا تۈزۈمنىڭ بىرسىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايۋاتىدۇ. تۈزۈمنىڭ كۆپلىكى ئوقۇتقۇچىلارنى زىيادە چارچىتىپ قويىۋاتىدۇ.مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانىدىن باشلىقلارنىڭ سانى ئېشىپ كىتىۋاتىدۇ، ئوخشاش مەزمۇندىكى ئورۇنلاشتۇرشلارنى ئوخشاش بولمىغان رەھبەرلەر تەكرار ئورۇنلاشتۇرپ ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتىدۇ.يۇۋاش ئوقۇتقۇچىلارمۇ سۆزلەشكە تەمشىلۋاتىدۇ، بىراق ھىچكىم سۆزلىيەلمەيۋاتىدۇ، سۆزلىگەنلەر ‹‹قۇلاق››لار ئارقىلىق ‹‹رادار›› غا چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ، ھەق سۆزلىگەنلەر ،ھەق سۆزنى ئاڭلاشنى خالىمىغۇچىلار تەرىپىدىن ‹‹تۆھمەت ›› كە قېلىۋاتىدۇ،تۈرلۈك باھالاشلاردا چەتكە قېقىلۋاتىدۇ. شۇڭا ھىچكىم ھىچكىمگە ھىچنىمە دىمەسلىككە ‹‹قەسەم›› ئىچىۋاتىدۇ، ‹‹قەسەم›› قاچىلىرىمۇ توشۇپ كەتتى......بۇ مائارىپ، بۇ ئوردا ئەمەس، مەكتەپ.... يالغانچىلىققا يول قويسا ۋەتەنگە يۈز كەلگىلى بولمايدۇ، مائارىپتا يالغانچىق ئەۋىج ئالىدىكەن دۆلەت مەنپەتى زىيانغا ئۇچرايدۇ.شۇڭا راسىت گەپ قىلىش كېرەك! دەپ قارايمەن.بىر قىسىم مەكتەپ مۇدىرلىرى ئۆزىنى تەكشۈرۈشى كېرەك، ئۆزىنى ئوپىراتسىيە قىلشى كېرەك،ۋەتەننىڭ مەنپەتىنى ئالدىنىقى ئورۇنغا قويىشى كېرەك، مەركەزنىڭ مائارىپ سىياسەتلىرىنى ياخشى ئۈگىنىشى كېرەك، ئىلغار مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك.ئىلغار ئىدىيەسىنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك، ئەگەر ھىچنىمە قىلىشنى خالىمىسا مەردانىلىق بىلەن ئىستىپانامە يېزىشنى ئۈگىنىشى كېرەك!! ئەگەر شۇنداق قىلالىسا بۇمۇ دۆلەت ئۈچۈن،خەلىق ئۈچۈن، بالىلار ئۈچۈن پايدىلىق ئەمەسمۇ؟؟!!
خاتىمە
دانىيەلىك مەشھۇر بالىلار چۆچىكى يازغۇچىسى ئاندورسوننىڭ مەشھۇر چۆچىكى ‹‹ پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى›› دە ‹‹ توۋا ، ئۇ ھىچنىمە كىيمەپتىغۇ؟!›› دىگەن راست گەپنى قىلغان چوڭ كىشى بولماستىن،بەلكى بىر كېچىك بالا. ئەسلىدە چوڭلار تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىشى، ھېلقى ساختىپەر سەيپۇڭلارنىڭ پادىشاھنى ئالدىغان ئالدامچىلىقى ۋە ھېيلە-نەيرەڭلىرىنى تېخمۇ ئۇچۇق پاش قىلىشى كېرەك ئىدى.ئەمما چوڭلار راست گەپ قىلىشنىڭ تەسلىكىنى ھەم خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە زۇۋان سۈرمەي تۇرىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن راست گەپ قىلىش ۋەزىپىسى جاھاننىڭ ئىشلىرىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان كىچىك بالىلارنىڭ زېممىسىگە يۈكلىنىپ قالغان.ئەمما بۇ بالىنىڭ راست گەپنى دەپ تاشلىغاندىن كېيىنكى تەقدىرى قانداق بولغان؟ پادىشاھ غەزەپلىنىدۇ،ئالدامچى سەيپۇڭلارغا مەنسەپ ۋە ئىنھام بىرىپ، كىچىك بالىنى قاتتىق جازالايدۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا راست گەپ قىلىش چوڭلارغىمۇ، بالىلارغىمۇ ئوخشاشلا خەتەرلىك ئىكەن.بەلكىم بۇ چۆچەك ئۆزگەرتىلىپ يېزىلغاندۇ؟! بۇ چۆچەكنى ھازىرقى يازغۇچىلارغا ئۆزگەرتىپ يېزىش تاپشۇرۇقى بىرىلسە،ھەر خىل ئاقىۋەت كىلىپ چىقىشى مۈمكىن: 1. كىچىك بالىمۇ راست گەپنى دىمەسلىكى مۈمكىن....2.  بۇ راست گەپنى چوقۇم ھوقۇقى تۆۋەنلىتىلگەن بىرەر  ئوتتۇرا قاتلام  ئەمەلدار دەپ تاشلىشى مۈمكىن....3. بىرقىسىم ئامما ۋەكىللىرى پادىشاھقا نامسىز خەت يېزىشى مۈمكىن ....4. بىر چوڭ كىشى ھېلقى كىچىك بالىغا گەپ ئۈگەتكەندىن كېيىن كىچىك بالا راست گەپ دەپ تاشلىشى مۈمكىن....5. كىچىك بالا دىگەن تەقدىردىمۇ پادىشاھ ئىشەنمەسلىكى مۈمكىن....6.پادىشاھ كىچىك بالىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ قالسا مەسىلە قاتتىق تەكشۈرۈلۈپ كىچىك بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكى ئېنىقلىنىدۇ، ئاندىن  ئالدامچى سەيپۇڭغا  ئىش ئۈگەتكۈچىلەر  قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئۇلارغا قانداق جازا بىرىلگەنلىكى بىر مەزگىل‹‹سىر›› بولۇپ قالىدۇ. ئەمما ئىككى سەيپۇڭنىڭ بىرسى يەنە بىرسىگە گۇناھنىڭ ھەممىسىنى  ئارتىپ قويۇپ ئاقلىنىپ كېتەلەيدۇ. كىچىك بالا ‹‹ ئۈگىنىش ئۈلگىسى›› بولۇپ، ئىش ئىزلىرى گېزىتلارغا بېسىلىدۇ،مۇخپىرلار تېلىۋېزوردا زىيارەت قىلىدۇ، پۈتۈن مەمىلكەت بويىچە ‹‹ راست گەپ قىلغان كىچىك بالىدىن ئۈگىنىش دولقۇنى ›› كۆتۈرۈلۈپ، بارلىق كىشىلەر راست گەپ قىلىشقا يۈزلىنىدۇ. يالغان گەپ قىلىدىغان ئادەمدىن بىرسىمۇ قالمايدۇ. مانا بۇ يازغۇچىنىڭ تالانتى، مانا بۇ بىر پارچە ئەسەرنىڭ ئىجدىمائى قىممىتى.....خالاس!!
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن! مېنىڭ بايان قىلغانلىرىم چۆچەك ئەمەس، ياكى ئەفسانە-رىۋايەت ئەمەس،بۇ مائارىپىمىزنىڭ مەلۇم قاسناقلىرىدا بولۇپ ئۆتكەن، بولىۋاتقان ئىشلانىڭ تولىمۇ ئاددى بىر خاتىرىسىدۇر. مەلۇم ئىشلارنى ئومۇمىيلىققا ۋەكىللىك قىلالايدۇ، دىسەك توغرا بولماس. مائارىپىمىزدىكى يۈكسىلىش ۋە ئۆزگىرىشلەر ھەقىقەتەن زور. مەركەزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىشى ۋە مائارىپ سېلىنمىسىنى يىلمۇ –يىل ئاشۇرۇشى كۆز يۇمسا بولمايدىغان رىئاللىقتۇر. دۆلىتىمىزنىڭ بىر قىسىم رايۇنلىرىدىكى مائارىپ ئىشلىرى ھەقىقەتەن يۈكسەلدى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى. بىراق بەزى رايۇنلاردىكى بەزى مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، تەتقىق قىلىش،تەنقىت قىلىش، ئۆزگەرتىش،يىتەكلەش، ئومۇمىي مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ تېخمىۇ يۈكسىلىشىگە پايدىلىقتۇر.يۇقارقى بايانلاردا تەنقىتلەنگەنلەرنىڭ ئىسمى، خىزمەت ئورنى  ۋە باشقا شەرتلىك بەلگىلىرى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىدى. ئۇلار بەلكىم سىزنىڭ مەكتىۋىڭىزدە خىزمەت قىلۋاتقاندۇ، ياكى سىز ئۇ كىشىلەرنى تۇنۇيدىغانسىز، ياكى سىز پەرەز قىلغان كىشى دەل شۇ بولماسلىقى مۈمكىن. سىزنىڭ ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىشىڭىزمۇ ھاجەتسىزدۇر.قانداقلا بولمىسۇن مەن ئۇلارغا ئىنساپ تىلەيمەن، سالامەتلىك تىلەيمەن، روھىنى چېنىقتۇرسىكەن دەپ ئويلايمەن، ئۇلارمۇ چوقۇم ئۆزگىرىپ قالار، مەلۇم بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ياخشى قىلىقلىرىدىن خۇرسەن بولۇپ قالارمىز....شۇنداقتىمۇ  بەزىلەرنىڭ ئۆزىنى قىستاپ ماقالا  ئىچىگە كىرىۋالماسلىقىنى سەمىمىي ئۈمىت قىلىمەن.
ئاپتۇر: كەلپىن ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن 13150420208
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kapqigay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-18 02:58 PM  

ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

سەمىمى بولۇڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12190
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 449 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 12:50:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92450
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 215
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2013-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 11:47:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھىجايغىنىمنى كۆرۈپ مېنى كۈلدى دېمە ، يۈرەكتىن كۈلەلىگەنلەرلا ھەقىقىي كۈلگەن ھېساپلىنىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش