مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Hislet

كۆزىڭىزنى ئاسىراڭ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەمىمى بولۇڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12190
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 449 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 10:53:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
            السلام عليكم ورحمة ﷲ وبركاته  ....

1-دەرس ئىخلاس ھەققىدە


دەرسىمىزنىڭ بىرىنجى مەۋزۇسىنى ئىخلاس مەۋزۇسى قىلىپ تاللىماقچىمەن ،چۈنكى ھەربىر ئەمەل ئاشكارسىدە قانداق كاتتا بولۇشىدىن قەتئى نەزەر كۆرىنىشىدە قانچىلىك تىرىشچانلىق بولۇشىغا قارىماستىن  ئۇنىڭ تېگىدە (ئۇ ئەمەلدە)ئىخلاس بولمىسا بۇئەمەل بىكار ئەمەلدۇر .ئەمما كۆرىنىشى كىچىك ئەمەل بولۇشىغا قارىماستىن  ئۇنىڭ تىگىدە (ئۇئەمەلدە) ئىخلاس بولسا بۇئەمەل ﷲ سبحانه وتعالانىڭ ھوزورىدىكى مەقبۇل (قۇبۇل بولىدىغان)ئەمەلدۇر .شۇنىڭ ئۈچۈن ھەم بىز ياخشى چۈشەنمەكلىكىمىز كېرەككى ئىسلام دىندىكى موھىم ئاساسلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى ھەربىر قىلۋاتقان ئەمەللەردە(ئىبادەتلەردە) ﷲ قا ئىخلاس بىلەن ئەمەل قىلىش شەرتتۇر.ئىخلاسقا زىت بولغان نەرسىلەردىن پۈتۈنلەي ئېھتىيات قىلىش شەرتتۇر.



شۇنىڭ ئۈچۈن ھەم بەزى ئالىملار:مەن دىنغا ئالىم بولغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت ئادەملەرگە قىلۋاتقان ئەمەللىرىدە نىمىنى مەقسەت قىلىدىغاننى ئۆگىتىدىغان ئالىملار بولۇشىنى خالايتىم، ۋە نىيەت ئەمەللىرى ھەققىدە كىشىلەرگە دەرس بېرىدىغان مەخسۇس كىشىلەر بولۇشىنى خالايتىم .چۈنكى ئادەملەرگە كەلگەن ھەممە مۇسىبەت  شۇ ئىخلاس سۈپىتىنى يوقاتقانلىقتىن پەيدا بولغان.- دىگەن ئىكەن. قەلب ئەمىلى :ئىخلاس قەلب ئەمىلى ئىنسان ئۇنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. لېكىن بۇ  ﷲ سبحانه وتعالا بىلەن بەندە ئوتتۇرسىدىكى سىردۇر. ئەمەلنىڭ ئاشكارىسىنى بىز كۆرىشىمىز مومكىن .ئەمما بىز ئىخلاسنى كۆرەلمەيمىز. قەلب ئەمەلىنىڭ موھىملىقى شۇ دەرىجىدەكى ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ئىماننى تەرىپلەپ ئېيتقانىدىكى: ئىمان دىگەن نېمە؟ ئىمان تىل بىلەن ئىقرار قىلىش بۇ ئاشكارا بولىدۇ قەلب بىلەن ئېتقات قىلىش بۇ كۆرۈنمەيدۇ. شەرىئەت ئەركانلىرىگە ئەمەل قىلىش ،بۇھەم كۆرۈنىدۇ .قەلب بىلەن ئېتقات قىلىش مانا بۇ ئىخلاسدۇر . قەلبدە ئىخلاس تېپىلسا مۆمىن بولىدۇ. قەلبدە ئىخلاس تېپىلمىسا مۇناپىق بولىدۇ شۇقەلبتىكى ئىخلاس تېپىلماسلىقى بىلەن دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىدا بولىدۇ. تىل بىلەن ئىقرار قىلىپ شەرىئەت ئەركانلىرىغا ئەمەل قىلسا قەلبدە ئىخلاس تېپىلمىسا مۇناپىق ھالەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ سېپىدە ياشاپ مۇسۇلمانلار قاتارىدا يۈرىۋېرىدۇ. شۇقەلبتىكى ئىخلاس تېپىلماسلىقى بىلەن مۇناپىق بولىدۇ ،تېپىلىشى بىلەن مۆمىنى كامىلغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئىخلاس سۈپىتىگە ھەربىر ئۇرۇندا ئېتبار بىرىشىمىز كېرەك.



ﷲ سبحانه وتعالا بىزلەرگە دىننى پەقەت ﷲسۇبھانەھۇۋەتەئەلانىڭ ئۆزىگەخالىس قىلىشقا بۇيرىدى. «ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ﷲقا خالىس قىلغان ھەق دىنغا ئېتقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ﷲقىلا ئىبادەت قلىشقا بۇيرۇلدى.> . دىننىڭ مەناسى ئىبادەتنى پەقەت ﷲ سبحانه وتعالا نىڭ ئۆزىگە خالىس قىلىشدۇر.دىننىڭ مەناسى بۇنىڭدىن باشقا ئەمەس .بىزئىخلاسنى يەنىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن. مەسىلەن:دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا ئەمەللەرنىڭ بىرى شەرىئەت ئىلمىنى تەلەپ قىلىشتۇر.شۇنىڭ قارشىسىدا پەس ئەمەللەردىن بىرى ئەمەلنىڭ بىكار بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغان نەرسە ئىت بېقىش، كىم ئىت باقسا ئەمىلى بىكار بولىدۇ،دېگەن سۆزلەربار(ھەۋەس يەنى مەناسىز ئىتنى باقسا)  ئوۋ ئوۋلاش، ھويلىغا قارتىش، پادا باقتۇرۇش ئۈچۈن ئىت باققۇچىلار بۇنىڭ سىرتىدا. .ئىت تەگكەن قاچىنى يەتتە قېتىم يۇيۇپ سەككىزىنجىسىدەتۇپراق بىلەن يۇيۇش كېرەك .شۇندىلا قاچا پاك بولىدۇ. شەرىئەت ئىلمىنى ئۆگنىش ئەڭ كاتتا مۇكاپات ئالىدىغان ئەمەلدۇر، ئەگەر شۇشەرىئەت ئىلمىنى ئۆگىنىشتە ئىنساندا ئىخلاس تېپىلمىسا شۇنىڭ بىلەن ﷲ سۇبھانەھۇۋەتەئەلانىڭ رازىلىقى تەلەپ قىلىنمىسا ئەڭ كاتتا ئازابقا سازاۋەر بولىدۇ. ئىتنى ئۇسسۇز ھالەتتە تېپىپ ئۇنى ئىخلاس بىلەن ھالاك بولىشىدىن ساقلىنىپ قېلىشغا سەۋەب بولسا ﷲ سۇبھانەھۇۋەتەئەلا ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىدۇ. بىز ئىخلاسنىڭ قانچىلىك موھىم ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك.



پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىس مۇبارەكلىرىنى كەلتۈرمەكچىمەن. ئىمام ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلغان: مَنْ تَعَلَمَ عِلْمًا مِمّا يُبْتَغَى بِهِ وَجْهُ ﷲ عَزَ وَجَلّ لاَ يَتَعَلَمُهُ إِلاّ لِيُصِيبَ بِهِ عَرَضًا مِنَ الدُنْيَا لَمْ يَجِدْ عَرْفَ الْجَنّةِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ». يَعْنِى رِيحَهَا كىمكى ﷲ سۇبھانەھۇۋەتەئەلانىڭ رازىلىقى تەلەپ قىلىنىدىغان ئىلىمنى دۇنيانى مەخسەت قىلىپ (يەنى بەزى دۇنيا ئىلىملەرى باركى بۇنىڭ بىلەن دۇنيالىق كەسپىمنى توغرىلىۋالىمەن دىگەن ئەمەس )ئۆگەنسە مەخسىدى پەقەت دۇنيا تېپىش ئۈچۈن بولىدىغان بولسا جەننەتنىڭ بويىنى تاپالمايدۇ.جەننەتنىڭ ھىدى 500يىللىق مۇساپىدىن كېلىپ تۇرىدۇ. مىنھەجۇسسۈننەدە مانا بۇ ھەدىس شەرىفنى كەلتۈرگەنلەركى ھەممىمىزگە مەلۇم .شەرىئەتتە زىناقاتتىق گۇناھ بۇگۇناھ مەلۇم بولسا 4كىشى گۇۋاھلىق بەرسە تاش بوران قىلىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. مانا مۇشۇنداق گۇناھنى ئۆتكۈزگەن ئايال ناھايىتى ئۇسسۇز ئىتنى كۆرۈپ ئايىقىدا سۇئېلىپ ئىتنى سۇغارغان .شۇ ئىتنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇش بىلەن(لېكىن شۇ خالىس ئىمان بىلەن بولغانلىقى ئۈچۈن)گۇناھى كەچۈرۈلگەن. ئەگەر خالىس ئىمان قەلبدە بولمىسا ئىتنى سۇغارغان ھەربىر كىشى بەلكى ئىنساننى سۇغارغان ھەربىر ئىنساننىڭ گۇناھى كەچۈرۈلمەيدۇ. بىز ئىخلاسنىڭ ئەمەللەردىن قانچىلىك موھىملىقىنى بىلدۈرمەكچىمىز  .



ئەبۇ ھۆرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى  ئاڭلىغان :قىيامەت كۈنى تۇنجى بولۇپ سوئال -سوراق قىلىنىدىغان كىشى، شەھىت بولغان كىشىدۇر.ئۇ ﷲ نىڭ دەرگاھىغا كەلتۈرلۈپ، ﷲ ئۇنىڭغا دۇنيادا بەرگەن نېئمەتلىرىنى ئەسلىتىدۇ ، ئۇمۇ ئەسلەيدۇ ﷲ سبحانه وتعالا «ئۇ نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىش يۈزسىدىن نىمىلەرنى قىلدىڭ؟»دەيدۇ. ئۇ كىشى<سېنىڭ يۇلۇڭدا كۆرەش قىلىپ شەھىت بولدۇم> دەيدۇ. ﷲ سبحانه وتعالا ئۇكىشىگە «سەن يالغان ئېيتتىڭ، سەن باتۇر ئاتىلىش ئۈچۈن كۆرەش قىلدىڭ ۋە ئاتالدىڭ»دەيدۇ ئاندىن ئۇ ﷲ نىڭ بۇيرۇقى بۇيىچە يۈزى بىلەن دوزاخقا تاشلىنىدۇ.   ئاندىن ئىلىم ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەن، قۇرئان ئوقۇغان كىشىنى كەلتۈرۈلىدۇ. ﷲ ئۇنىڭغا بەرگەن نئېمىتىنى تۇنۇتىدۇ، ئۇ تۇنۇيدۇ، ﷲ سبحانه وتعالا «بۇ نئېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىش يۈزسىدىن نېمىلەرنى قىلدىڭ؟»دەيدۇ ئۇ<ئىلىم ئۆگەندىم ۋەئۆگەتتىم ،سىنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن قۇرئان ئۇقۇدۇم>دەيدۇ. ﷲ سبحانه وتعالا «يالغان ئېيتتىڭ سەن بولساڭ باشقىلار مېنى ئالىم دىسۇن دەپ ئۆگەندىڭ، قۇرئاننى قارى دىسۇن دەپ ئوقۇدۇڭ، شۇنداق دىيىلدىڭ»دەيدۇ ئاندىن ئۇ ﷲ نىڭ بۇيرۇقى بۇيىچە يۈزى بىلەن سۆرۈلۈپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ، ئاندىن ﷲ تۈرلۈك مال مۈلۈكلەرنى بېرىپ دۆلەتمەن قىلغان كىشى كەلتۈرۈلىدۇ، ﷲ  ئۇنىڭغا بەرگەن نئېمىتىنى ئەسلىتىدۇ ئۇمۇ ئېتراپ قىلىدۇ ﷲ « بۇنئېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىش يۈزسىدىن نېمىلەرنى قىلدىڭ؟»دەيدۇ  ئۇ كىشى<مەن سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن سەن پۇل سەرىپ قىلىنىشىنى ياخشى كۆرىدىغانلىكى يوللارنىڭ ھەممىسىگە پۇل-مال سەرىپ قىلدىم>دەيدۇ[بۇرادەرلەر بىدئەتكە سەرىپ قىلغان ئەمەس،كۇفۈرگە سەرىپ قىلغان ئەمەس،شىرىككە سەرىپ قىلغان ئەمەس پەقەت ﷲ بۇيرىغان جايلارغا سەرىپ قىلغان ئەمما شۇنى سېخى دىيىلىشى ئۈچۈن سەرىپ قىلغان بىز ئەۋۋەلراق ﷲ يولىدا سەرىپ قىلالمايۋاتىمىز] ﷲ «يالغان ئېيتتىڭ. سەن بولساڭ كىشىلەر مىنى سېخىكەن دېسۇن دەپ پۇل-مال سەرىپ قىلدىڭ  شۇنداق دېيىلدى»دەيدۇ ئاندىن ئۇ ﷲ نىڭ بۇيرۇقى بۇيىچە يۈزى بىلەن سۆرۈلۈپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)

مانا بۇ ھەدىستىن ئۆزىمىزگە خۇلاس چىقىرىپ ئالىمىزكى ئىخلاس بولمىغان ئەمەل ھەر قانچە كۆرۈنۈشى كاتتا بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ئۇقۇرۇق (ساۋابى يوق)ئەمەلدۇر  .دېمەك ھەربىرمۆمىن كىشى ئۆزىنىڭ قىلۋاتقان ئەمىلىنىڭ كۆرىنىشىگە ئېتبار بەرگەندىن كۆرە توغرا كۆرىنىشىگە ئېتبار بېرىمىز . نېمە توغرىسىدا؟ كىتابى سۈننەتكە مۇۋاپىق بولوشىدا. شۇئىشنى ﷲ بۇيرىغانمۇ يوق. بۇنىڭغا ئېتبار بېرىشىمىز شەرتتۇر. لېكىن خۇددى شۇنىڭغا ئېتبار بەرگەندىن كۆرە كۆپراق ئىخلاس يەنى ﷲ نىڭ رىزاسىنىڭ ئۆزىنى مەقسەت قىلىشقا ئېتبار بېرىشىمىز كېرەك. بەزى ئۆلىمالار ئىخلاس نېمە؟ دىگەن سوئالغا تەئرىف (چۈشەندۈرگەن)بەرگەنكى. ﷲ قا ئىتائەت قىلغاندا (بويسۇنغاندا) پەقەت ﷲ نىڭ ئۆزىنى مەقسەت قىلىش) دىگەن. بەزى ئۆلىمالار ( ئىخلاس قەلبنى مەخلۇقلارنىڭ مۇلاھىزىسىدىن تازلاش) دىگەن ئىكەن. پالانچى نىمە دەيدۇ، دىگەن نەرسىلەردىن پۈتۈنلەي قەلبنى پاكلاپ ئونىڭغا ئۇرۇن بەرمەسلىك كېرەك . بەزىلەر ئىخلاسمەن كىشى كىم ؟دىگەن سوئالغا( باشقىلارنىڭ قەلبىدە ئۆزىگە نىسبەتەن ھۆرمەت تامامەن چىقىپ كەتكەن بولسا ھەم ئېتبارغا ئالمايدۇ. مانا بۇ  ھەقىقى مۇخلىس ئادەم) دىگەن ئىكەنلەر .نېمىگە؟ ئۆزى بىلەن ﷲ نىڭ ئوتتۇرسىنى تۈزىتىشكە شۇقەدەر ئاۋارە بولغانكى قەلبىنى پۈتۈنلەي ﷲ بىلەن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرسىنى تۈزىتىشكە ئېتبار بەرگەن. ئادەملەرنىڭ ئۆز ئەمىلىدىن كىچىككىنە بولغىنىنى ھەم كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمايدۇ .مانا بۇ ئىخلاسدۇر .بىز ئىخلاسنى بىلىشىمىز ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەكسى بولغان بەزى ئەمەللەرنى بىلسەك تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولىدۇ.



بىرىنجى ئىخلاسقا زىت بولغان نەرسە رىيادۇر. رىيا_ئادەملەرنىڭ كۆرىشى مەقسىتىدە، ئادەملەر ماختىسۇن دەپ قىلغان ئىبادىتىنى كۆرسىتىشدۇر تەئزىيم(ھۆرمەتلىنىش) ماختىنىش، مايىل قىلىش ،چوڭ كۆرىنىش مانا مۇشۇلارنى مەقسەت قىلىدۇ. مانا بۇ رىيادۇر. شۇنىڭدىن ساقلىنىش ئىخلاسدۇر. ئىخلاسنىڭ يەنەبىر ئەكسى سۇمئە. ئادەملەر ئاڭلىسۇن دەپ قىلىش. مانابۇ سۇمئەدۇر .بۇنىڭ لوغىتى ئۆزبىك تىلىدا ئىستىمال قىلىنمايدۇ. ئەبۇھامىدىل غەززالى رەھىمەھۇللاھدىن ھىكايە قىلىنىدۇكى: ماڭا شۇ خەۋەريەتتىكى كىمكى ﷲ ئۈچۈن 40كۈن ئىخلاس بىلەن تىرىشىپ ئەمەل(ئىبادەت) قىلسا ئۇنىڭ قەلبىدىن تىلىغا ھېكمەت ئېقىپ چىقىدۇ، گەپ قىلغان سۆزلىرى ھېكمەت بۇلۇپ قالىدۇ، دىگەن سۆز يەتتى، مەن40كۈن قاتتىق ئىخلاس بىلەن ئەمەل قىلىپ يۈردۈم لېكىن بۇنەرسە ماڭا ھاسىل بولمىدى. ئاندىن بۇئىشنى  بەزى دىننى ئالىملارغا ئېيتتىمكى« مەن مۇشۇنداق ئىشلارنى ئاڭلىغانىدىم 40كۈن شۇ نەرسىگە تىرىشتىم ئەمما ھېكمەت قەلبىمدىن تىلىمگە چىقمىدى» دىگەندە ئيتقانىكەنلەركى «سەن ھېكمەتنىڭ چىقىشى ئۈچۈن ھەركەت قىلدىڭ، ﷲ ئۈچۈن ھەركەت قىلمىدىڭ» دىگەنىكەن. شۇنچىلىك ئىخلاس بولۇشى كېرەك. بەزى كىشىلەردىن ئىخلاسنى ھاسىل قىلىش توغرىسىدا سورالغاندا مۇنداق دىگەنىكەن( بىرىنجى كۆرۈنمەيدىغان ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىش، كۆپ قىلىش بىلەن بىرگە ناھايىتى مەخپى قىلىش مەسىلەن :كېچىدە (كىشىلەر ئۇخلاپ ياتقانلىرىدا ) ئىبادەت بىلەن بىدار بۇلۇش كىم پالانچى كىچىلىك ئىبادەتتە بىدار دىسە ئۇنىڭ ئەكسىنى قىلىپ بىدار بولماسلىق . كېچىدە بىدار بۇلۇپ ئىبادەت قىلغانلىقىڭىزنى بىلدۈرمەسلىككە ھەركەت قىلىش ۋە مەخپى سەدىقىلەر بېرىش ھىچكىم بىلمەيدىغان مەخپى سەدىقىلەرنى قىلىش يالغۇز ۋاقىتلەردە ﷲ دىن قورقۇپ يىغلاشتۇر. مانا بۇنەرسە بىلەن كىشىدە ئىخلاس پەيدا بولىدۇ.  



ئۆمەرفارۇق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئيتقانىكەنكى«كىشىنىڭ نىيتى ھەقتە خالىس بولسا ئۆزىنىڭ زىينىغا بولسا ھەم ھەقتە خالىس بولۇپ ئىش قىلسا ﷲ سبحانه وتعالا ئۇنىڭ بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرسىغا كۇپايە قىلىدۇ بۇئادەملەر بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرسىدىكى كىلىشەلمىگەن ئىشلارنى ئۆزى ئوڭلاپ قويىدۇ»، ئادەملەر بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئارىسىنى ياخشىلاشقا ھەركەت قىلماڭ بۇرادەر .بۇقىيىن نەرسە ئادەملەرگە ئەگەر 100يىل ئۆمۈر بېرىلسە ، بىركۈن كەم 100يىل خوشال قىلىپ ئاخىرقى بىركۈنىدە كۆڭلىنى ئالالمىسىڭىز شۇ كۈنى سىزدىن خاپابولىدۇ .ئەگەر ئادەملەر بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئوتتۇرسىنى تۈزەتمەكچى بولسىڭىز ﷲ سبحانه وتعالا غا نىيتىڭىزنى خالىس قىلىشىڭىز كېرەك. ئۆزىڭىزنىڭ زىينىڭىزغا بولسا ھەم ﷲ سبحانه وتعالا سىز بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرسىدا كۇپايە قىلىدۇ.ئەمما ئۆزىڭىزدە يوق سۈپەت بىلەن ئادەملەرگە كۆرۈنسىڭىز ئۆزىڭىزنى كېچە بىدار بولىدىغان كىشىگە ئوخشىتىپ ئۆزىڭىزنى رىياكارلىق بىلەن  كۆرسەتسىڭىز ﷲ سبحانه وتعالا سىزنى ئەيىبلەيدۇ سوئال:بەزى ئەمەللەردە بەندىگە ئېتبار بىرىش مۇمكىنمۇ ياكى ئەمەسمۇ ؟مەسىلەن ئىمام نامازغا تۇرۇپ رۇكۇغا بارغاندا ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلاپ كىشىلەرنىڭ بىرىنجى ياكى ئىككىنجى رەكەتكە يىتىۋېلىشى ئۈچۈن رۇكۇدا ئۇزاقراق تۇرۇپ قېلىشى ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان بەزى ئىبادەت ئۈستىدە باشقىلارغا ياردەم بىرىش ئۈچۈن ئادەملەرگە ئېتبار بىرىش رىيا بولامدۇ ئىخلاسقا زىتمۇ؟ دىگەن سوئال بۇلۇشى مومكىن. مەسىلەن، بەزى ئەمەللەرىمىز باركى بۇ ئەمەللىرىمىزدە باشقا بۇرادەرلەر ھەم ئىبادەتتە ياخشى بۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ .شۇنىڭغا ئېتبار بىرىشىكە مۇھتاج بولىمىز بۇ رىيامۇ؟ ئىخلاسگە زىتمۇ يوق ؟ ج:- بىز ئېيتىمىزكى ياق دەيمىز .بۇنىڭغا دەلىل ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن«مەن نامازغا تۇرغاندا نامازنى ئۇزارتىشنى ئويلايمەن. لېكىن كىيىن كىچىك بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالىمەن (مەۋزو سىرتىغا چىقساق مانابۇ ھەدىس ئاياللارنىڭ بەش ۋاق نامازغا كىلىپ تۇرغانلىقىغا دەلىل بولىدۇ. ئۇ بالا نامازدا ئەمەس ئەگەر ئىسلامى ھالەت بولىدىغان بولسا نامازغا كېلىدىغان ئاياللارنىڭ شۇ گۆدەك بالىلىرىنىڭ تۇرىدىغان جايى بولىدۇ) نامازنى ئۇزۇن ئۇقىماقچى بولغان نىيتىمنى بۇزىمەندە ئانىسىنىڭ جاپاسىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن نامازنى يەڭگىل ئۇقۇيمەن»دىگەن،



يەنە بىر ھەدىس ئەمىرلىككە ھېرىس بولماڭلار .قىيامەت كۈن نادامەت بولىدۇ . لېكىن قۇرئان كەرىمدە«ئۇلار <ئى پەرۋەردىگارىمىز ! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلاتلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى (يەنى بىزگە ساڭا ئىتائەتمەن پەرزەنت ئاتا قىلىشىڭنى) تىلەيمىز، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشۋاسى (يەنى تەقۋادارلار نىڭ نەمۇنىسى ،ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى) قىلغىن> دەيدۇ. مۆمىن كىشى ئائىلىسىنىڭ قانداق بۇلۇشى بىلەن كۆزى خۇرسەن بولىدۇ ؟ ج: ﷲ نىڭ ھۆكمىگە بۇيسۇنۇپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈش بىلەن خۇرسەن بولىدۇ . ﷲ  ئۆزىنىڭ ياخشى بەندىللىرىنى ماختاپ تەقۋادارلارغا پېشۋا بۇلۇشنى ﷲ سبحانه وتعالا دىن سورايدۇ دەپ ماختىدى. پاسىقلارغا پېشۋا بولسىڭىز قىيامەتتە سىز ئۇلارنىڭ پېشۋاسى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن جاۋاپ بېرسىز ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقدىن توسمىسىڭىز  .ئەگەر ئەتراپىڭىزغا توپلاشقان كىشىلەر مۇتتەقى بولىدىغان بولسا قىيامەت كۈنى ھەممە سىزگە دۈشمەن بولغاندا ھەتتا ئاتا –ئانىلار ھەم سىزگە ساۋاب بېرەلمىگەن ۋاقىتتا سىزگە دوست بولىدۇ . بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە«بۇكۈندە دوستلار بىر-بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ ،پەقەت(خۇدالىق ئۈچۈن دوستلاشقان)تەقۋادارلار(ئۇنداق ئەمەستۇر). شۇڭا مۇتتەقىلەرگە پېشۋا بۇلۇشنى سوراش ئىخلاسقا زىت ئەمەس. مانا بۇ ھەدىس شەرىپلەرنىڭ مەزمۇنىدىن ئۆزىمىزگە خۇلاسە چىقىرىۋالىمىزكى ھىچقاچان ئەمەل قۇبۇل بولمايدۇ، پەقەت ئىخلاس سۈپىتى بولغاندىلا ئاندىن قۇبۇل بولىدۇ . ﷲ سبحانه وتعالا ئىككى خل سۈپەتكە ئېگە بولغان ئەمەلنىلا قۇبۇل قىلىدۇ .بىرىنجىسى ئىخلاسدۇر. ئىككىنجىسى كىتابى سۈننەتكە مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك .دېمەك ئىبادەت ﷲ نىڭ ئۆزىگىلا بولىشى كېرەك .ھەمدە ﷲ  بۇيرىغان شەكىلدە بولۇش كېرەك.



بۇ ھەقتە ﷲ سبحانه وتعالا مۇنداق دەيدۇ «ياخشى سۆز ﷲ نىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ ،ياخشى ئەمەل ئۇنى كۆتۈرىدۇ» بىز شۇنىڭدىن ئۆزىمىزگە خۇلاسە چىقىرۋېلىشىمىز كېرەككى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسى بۇنىڭغا دەلالەت قىلىدۇ :-جەننەتكە ھىچكىم ئەمىلى بىلەن كىرەلمەيدۇ .(يەنى جەننەتتە بىرىلىدىغان مۇكاپاتقا لايىق ئەمەلنى قىلالمايدۇ )شۇندىلا ئەسھابلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سوراشتىلەركى: سىزنىڭ ئەمىلىڭىز ھەم جەننەتكە ئېلىپ كىرىشكە يېتەرلىك بولمامدۇ دەپ سوراشقاندا رەسۇلۇللاھ:- مىنىڭ ئەمىلىم ھەم جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ، لېكىن ﷲ  ئۆزىنىڭ رەھمىتى بىلەن ئورىغاندا ﷲ نىڭ پەزلى بىلەن كىرىمەن دىگەن .چۈنكى ﷲ ئىلاھلىق سۈپەتتە بەندە قۇللۇق سۈپەتتەدۇر .قۇل خوجىسىنىڭ بۇيرىغىنى قىلىدۇ ئۇنىڭدىن مۇكاپات ئېلىش ئۈچۈن قىلمايدۇ. دۇنيانىڭ قۇللىرى مانا مۇشۇنداق ،بۇرادەرلەر قۇل خوجىسىنىڭ بۇيرىغىنى مۇكاپات ئۈمۈت قىلماستىن بۇيرۇقنى بىجىرىدۇ .بۇنىڭ ھېكمىتى ھەققىدە ھەم پىكىر يۈرگۈزمەيدۇ  . خوجام بۇيرىدى قىلدىم دەيدۇ . مۇكاپاتنى تەلەپمۇ قىلمايدۇ . دېمەك ئىنسان ھەم ﷲ سبحانه وتعالا نىڭ قۇلى. ﷲ  ئۇنىڭ ھەقىقى خوجىسى ﷲ تەرپىدىن بولغان بۇيرۇقنى ئۆز ئەينى قىلىش كېرەك . ئەمدى ﷲ سبحانه وتعالا نىڭ ئۇنى جەننەت بىلە مۇكاپاتلىشى رەھمىتى ۋەپەزلى بىلەن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەمىلى ﷲ سبحانه وتعالا تەرپىدىن بىرىلىدىغان جەننەتكە لايىق بولمايدۇ.



شۇنىڭ ئۈچۈن ھەم بىز ﷲ سبحانه وتعالا تەرپىدىن نىمە بىلەن مۇكاپاتقا سازاۋەر بولىمىز ؟ ج:ئىخلاس بىلەن بۇرادەرلەر مانا بۇ ئىخلاس پۈتۈن ئەمەللەرنىڭ ئاساسى دىننىڭ نىگىزى ۋە مېغىزىدۇر، ئەگەر ئىخلاس سۈپىتى تېپىلمىسا بۇ قىلىنىۋاتقان ئەمەللەرنىڭ ھەممىسى دۇنيانىڭ ئۆزىدە قالىدۇ . بۇرادەرلەر شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقى بىرىنجى دەرسىمىزنى دىنىمىزنىڭ مېغىزى بولغان ئىخلاستىن باشلىدۇقكى ئەگەر بىز مانا مۇشۇ توغرا يولنى دەرسىمىزنىڭ قۇرلۇشىغا توغرا قۇيىۋالساق يەنى ھەربىر ئەمىلىمىزنى شۇئىخلاس ئاساسىغا قىلغاندىلا ئاندىن بىزنىڭ ئەمىلىمىز ﷲ تەرىپىدىن قۇبۇل بولىدىغان مەيدانغا چىقىدۇ. بولمىسا بىزنىڭ كېچىسى تۇرۇپ ئىبادەت قىلغانلىرىمىز ، ﷲ رازىلقى ئۈچۈن بولمىسا قىلىپ يۈرگەن ياخشىلىقلىرىمىز ﷲ رىزالىقى ئۈچۈن بولمىسا ئىخلاس بىلەن بىر قېتىم ئاددى ئەمەل قىلغان ئادەم بىزدىن ئەبزەل بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بەندە ئۆزىنىڭ ھەربىر قىلغان ھەركىتىنى ﷲ سبحانه وتعالا نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىش كېرەك .تابىئىنلاردىن بىر كىشى مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىللىرىدىن 70كىشىنى كۆردۈمكى بۇلارنىڭ بارابىرىدە بىرەر كىشىنى تەڭ قىلغىلى بولمايدىغان كاتتا ساھابىلەر ئىدى. ئۇلار كېچە-كۈندۈز ئىچى بىلەن تېشىنى بىرخىل قىلىشكە ھەركەت قىلىشار ئىدىكى مۇناپىقلىقتىن  قورقۇپ  كۆپ  دەرسلىرىمىزدە  بايان قىلغانمىز ، ھۇزەيفەتۇبنۇل يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سىرلىرى دەپ ياد قىلىنار ئىدى . بۇ كىشىگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سىرلىرىنى ئېيتار ئىكەن .بۇ كىشىدە ﷲ بەرگەن بىر قابىليەت باركەنكى ھىچكىمگە بۇسۆزنى ئېيتماسكەن .بەزى ساھابىلەر سورىشاركەنكى ھەتتا ھۇزەيفەتۇبنۇل يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر جىنازىگە بارمىسا بەزى ساھابىلەر شۇكىشىگە قارىشىپ قالاركەن بۇكىشى ئۆزرىسىز بارمىغان بولسا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مۇناپىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن بارماسكەن. ئۆمەرئىبنى خەتتاب كۆپراق شۇھەقتە ئويلاركەن ھەتتا شۇزات ھەم نىفاقتىن قورقاركەنلەركى:- ئەي ھۇزەيفە ﷲقا قەسەم ئىچىپ سورايمەنكى  رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى مۇناپىقلاردىن سانىغانمۇ يوق ؟مىنى ئايىماستىن ئېيتقىن دىگەندە ياق، دىگەن  شۇجاۋابنى بەرگەنىكەن.



ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىخلاس سۈپىتىنى يوقىتىش بىلەن مۇناپىق سېپىگە كىرىدۇ .چۈنكى ئىمان نېمە؟ ئىمان تىل بىلەن ئىقرار قىلىش قەلب بىلەن ئېتقات قىلىش ۋە ئىسلامنىڭ ئەركانلىرىغا ئەمەل قىلش بۇ ئۈچىدۇر، مۇناپىقتا تىل بىلەن ئىقرار قىلىش تېپىلىدۇ ۋەئەركانلەرگە ئەمەل قىلىش تېپىلىدۇ بىزنىڭ قاتارىمىزدە يۈرۈپ نامازئۇقۇپ يۈرىۋېرىدۇ ھەتتاكى جاسوسلۇق قىلىپ مائاش ئېلىپ پەرزەنت تەربىيلەۋاتقان جاسوس ھەم سېپىڭىزدە ناماز ئۇقۇپ يۈرىۋېرىدۇ، تىلىدا لا الە الا اللە دەپ يۈرىۋېرىدۇ .ئەگەر تىل بىلەن ئىقرار قىلىپ قەلبتە ئېتقات قىلىپ ئەركانلارغا بويسۇنغان كىشى بىلەن تىلدا ئىقرار قىلىپ  ئەركانلارغا ئەمەل قىلغان ئەمما قەلبتىكى ئېتقات تېپىلمىغان كىشىنىڭ مۇكاپاتى ئوخشاش بولىدىغان بولسا ئەڭ كاتتا مۇناپىق بىلەن ئەڭ كاتتا ئىخلاسمەن ئادەمنىڭ مۇكاپاتى ئوخشاش بولغان بولىدۇ .دېمەك شۇ ئىخلاس سۈپىتى تېپىلمىغانلىقى ئوتتوردىكى قەلب بىلەن ئېتقات قىلىش تېپىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ دوزاخنىڭ ئەڭ پەسكى قىسمىدا بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بۇرادەرلەر بىز ئىخلاس سۈپىتىنى پەيدا قىلىشقا ھەركەت قىلماسكەنمىز، بىزنىڭ ئەمىلىمىز ھەممىسى بىكار بولىدۇ.



ئايەت كەرىمەنىڭ مەنىسى شۇكى ۋەللاھۇئەئلەم بىز پەقەت تىلىمىز بىلەن ئىقرار قىلىشكە بۇيرۇلغان ئەمەسمىز ياكى كۆرىنىشىدە ئەمەل قىلىپ قۇيۇشقا بۇيرۇلغان ئەمەسمىز «  ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ﷲ قا خالىس قىلغان ھەق دىنغا ئېتقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ﷲ قىلا ئىبادەت قلىشقا بۇيرۇلدى.(سۈرە بەييىنە5-ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دىننى پەقەت ﷲ قا خالىس قىلىپ ئىخلاس سۈپىتى بىلەن ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇلغانمىز، ئەگەر بىز بۇ سۈپەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرمىسەك ﷲ سبحانه وتعالا نىڭ ئالدىغا بېرىپ تەلەپ قىلىدىغان مۇكاپات يوق بۇرادەرلەر. نېمىگە ؟ ئادەملەر ئۈچۈن بولسا ئادەملەر سىنى ماختىغان دەيدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى ۋاقتلاردا خېرىدارىڭىز بەك كۆپىيىپ كەتكەن ۋاقتتا ئۆزىڭىزنى بىر تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. خېرىدارىڭىز ئازلاپ كەتكەن ۋاقتتا ئەلھەمدۇلىللاھكى شۇۋاقتتا ھەم ماڭا ئىخلاس نىسىپ بولدى، دەپ ئېتقاد قىلماقلىقىمىز كېرەك. ﷲ بىزلەرگە ئىخلاس نئېمىتىنى نىسىپ قىلسۇن دەرسىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشقانىسىپ قىلسۇن. ئەگەر بىزشۇسۈپەتنى ئۆزىمىزدە بەرپاقىلساق باشقا نەرسىلەر بىزگە زىيان قىلمايدۇ . ﷲ سبحانه وتعالا بىزلەرنىڭ ئەمەللىرىمىزگە مۇھتاج ئەمەس بىز قۇللىقىمىزنى پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئىخلاسنى كۆرسىتىشكە بۇيرۇلغانمىز .مانا مۇشۇ بۇيرۇلغان نەرسىنى كۆرسىتەلىسەك ﷲ تەرىپىدىن بولغان مۇكاپاتقا ئىرىشىمىز [ﷲ نىڭ بېرىدىغان مۇكاپاتى قىممەتدۇر ئۇئەرزان ئەمەس ﷲ نىڭ بېرىدىغان مۇكاپاتى جەننەتدۇر] بۇ جەننەت پەقەت ئىخلاس سۈپىتىگە ئېگە بولغان كىشىلەرنىڭكىدۇر . ئەگەر ئەھلى جەننەتنىڭ زىكرىنى كۆرسىڭىز مىنىڭ ئەمىلىم قەيەردە ئەھلى جەننەتنىڭ ئەمىلى قەيەردەپ ئويلايسىز ئەھلى دەۋزەقنىڭ ئەمىلىنى كۆرسىڭىز مەن بۇنچىلىك رەسۋا بولمىدىمغۇ دەيسىز دېمەك مۆمىن كىشى دائىم ﷲ نىڭ ئازابىدىن قورقۇپ رەھمىتىدىن ئۈمۈت قىلىپ ياشىشى كېرەك.


3-دەرس ئىيمان ھەققىدە





نىمە ئۈچۈن دەرسىمىزنىڭ ئەۋۋىلى ئىمان دەرسى بولىدۇ؟ چۈنكى ﷲ سبحانه وتعالا رسول ﷲ صلى ﷲ عليه و سلم گە خىتاب قىلىپ‹ئەي محمدعليه السلام، كىشىلەرگە ئېيتىڭ ، ئەگەر ئىمانىڭلار بولمىسا رەببىم سىلەرنى قەتئىي ئېتبارغا ئالمايدۇ. «(ئى كافىرلار! پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدىڭلار،(ئاخىرەتتە سىلەر قۇتۇلالمايدىغان ئازابقا دۇچار بولىسىلەر ›» دېمەك بىز بەندىلەر ﷲ سبحانه وتعالا نىڭ ئېتبارىغا ئىمان سەۋەبلىك كىرىمىز، ئەگەر بۇ ئىمان بولمايدىغان ،نەئۇزۇبىللاھ (اللەدىن پاناھ تىلەيمىز) بولسا ﷲ نىڭ ئېتبارىدىن چىقىمىز، ئەگەر ئىنساننىڭ ئېتبارى دۇنياۋى زىننەت ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن بولسا مۇسۇلمانلارغا قارىغاندا خۇسۇسەن كۇفۇر دىيارىدا كاپىرلارنىڭ بۇنەرسىدە ئۈستۈن ئىكەنلىكى مەلۇمدۇر، لېكىن ﷲ سبحانه وتعالا جانابى رەسولۇللاھ ۋە ئۇكىشىنىڭ ئەتراپلىرىدىكى يىغىلغان ساھابىلەرگە ۋە پۈتۈنلەي قىيامەتكىچە بۇكىشىنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭغان ئىمانلىق كىشىلەرگە نىسبەتەن مەدىنىدىكى مۇناپىقلار ۋە ئەتراپتىكى باشقا كاپىر ھۆكۈمدارلار ھەممە ساھادە بەلەن ئىدى. تەييارلىقى بەلەن ئىدى. دۇنياۋى جەھەتتە بەلەن ئىدى،  لېكىن     ﷲ سبحانه وتعالا  رەسۇل س ئە ۋ نىڭ  ساھابىللىرىگە  :‹(جىھادتىن) بوشىشىپ قالماڭلار،شېھىد بولغانلار ئۈچۈن قايغۇرماڭلار .ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئۈستۈنلىك قازىنىسىلەر} ئىمان سۈپىتىگە ئېگە بولغان جامائەگە ﷲ سبحانه وتعالا ئالدىدىكى ھەربىر ساھەدە ئىماندىن   باشقا ساھەدە بەلەن بولغان كاپىرلارنىڭ قارشىسىدا ئىماندىن باشقا ساھەدە تۆۋەن بولغان جامائەگە خىتاب قىلىپ (سىلەر ئالى بولغان ھالىتىڭلاردا سۇسلىق قىلماڭلار، غەمكىن بولماڭلار، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار) دېدى،

  

دېمەك ئىنساننىڭ ئىمان سۈپىتىگە ئىگە بولىشى ئالدىدىكى باشقا ھەممە كىشىلەردىن ئالى ئىكەنلىكىگە سەۋەب بولىدىغان ئامىلدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز دەرسىمىزنى ئىماندىن باشلايمىز. دەرسىمىزنى شۇنىڭ ئۈچۈن ھەم ئىماندىن باشلايمىزكى بۇ مەۋزۇ ناھايەتتە مۆتىبەر مەۋزۇ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رضي ﷲ عنه رىۋايەت قىلىدۇكى بۇ ئىمان مەسىلىسىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن  رەسۇلۇللاھنىڭ ھوزۇرىغا مۇقەررەپ پەرىشتىلەردىن بولغان جىبرىل عليه السلام ئادەم سۈرىتىدە كېلىپ بىۋاستە ئۆگەتتى . بۇ مەۋزو ناھايىتى زۆرۈر مەۋزودۇر. ئۆمەرئىبنى خەتتاب رضي ﷲ عنه رىۋايەت قىلىدۇكى:جبريل عليه السلام پەيغەمبەرعليه السلام دىن ئىمان ھەققىدە سوئال سورىدى. پەيغەمبەرعليه السلام مۇنداق دېدى : ﷲ قا ۋە ﷲ نىڭ بارلىق پەرىشتىللىرىگە ۋە بارلىق كىتابلىرىغا ۋە بارلىق پەيغەمبەرلىرىگە ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىشىڭ ۋ ەياخشىلىق –يامانلىقنىڭ ﷲ نىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش دېدى} يەنى ﷲ سبحانه وتعالا ئىمان ھەققىدە كىشىنىڭ بىلىشى شۇقەدەر زۆرۆر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن تامامى ئىنسانىيەتكە ئىبەرتىلگەن پەيغەمبەرلەرگە ۋەھى ئېلىپ كەلگەن كىشىنى ئىمان ھەققىدە سوراتتى. رسولۇللاھ بۇنىڭغا جاۋاب بەردى شۇنىڭ ئۈچۈن ھەم بىز دەرسىمىزنى ئىماندىن باشلايمىز. دەرسىمىزنى ئىماندىن باشلىشىمىزنىڭ يەنە بىر سەۋەبى رەسۇلۇللاھ س ئە ۋ ساھابىلارنى تەربىيە قىلىشتا ئەۋۋەل ئىمان بىلەن تەربىيە قىلدى. ۋە بۇ ئىمانغا نۇسرەتنى(ياردەمنى) ۋەدەقىلدى. ئۆزلىرى تەرىپىدىن ئەمەس ﷲ سبحانه وتعالا تەرىپىدىن.ﷲ سبحانه وتعالا بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەق مۆمىنلەرگە نىجات بېرىش)دېدى} (شەك شۈبھىسىزكى بىزپەيغەمبىرىمىزگە ۋە مۆمىنلەرگە ياردەم بېرىمىز)} ﷲ سبحانه وتعالا ئىمان سۈپىتىگە ئېگە كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئەتفە (باغلىدى)قىلدى بۇنىڭدىن ھەم ئېتىبار بېرىشىمىز لازىم بولغان نەرسە ﷲ سبحانه وتعالا مۆمىنلەرنى ئالداۋاتقان مۇناپىقلارنى{( يُخَادِعُونَ ﷲ والّذِينَ آمَنُوا) (ئۇلارﷲنى ۋە مۇئمىنلەرنى ئالدىماقچى بولىدۇ)}دەپ ﷲ ئۆزىنىڭ لەبزى جالالىگە ئەتفە قىلدى.

  

ئەگەر ئىمان سۈپىتىگە ئىگە بولساق مۇناپىقلار،كاپىرلار،مۇشرىكلار مۇتلەق ئالدىيالمايدىغانلىقىنى ﷲ نىڭ معيةَِ (ھەمرالىقى)ئىمان بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى مانا بۇ ئايەتتىن بىلسەك بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ھەم دەرسىمىزنى ئىماندىن باشلايمىز، يەنە دەرسىمىزنى ئىماندىن باشلىشىمىز ھازىر ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك رسول ﷲ صلى ﷲ عليه و سلم ساھابىلارنى ئىمان بىلەن تەربىيلىدى. بۇھەقتە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ئىمام تەبرانى ئۆزلىرىنىڭ ‹ئەۋسەت›كىتابىدا سەھىھ سەنەد بىلەن كەلتۈرگەن بىر ئەسەرنى كەلتۈرىمىز.‹چۈنكى بىز ئىماننى ئۆگەنمىسەك قۇرئاننى پۈتۈنلەي خەتمە قىلىشىمىز، قۇرئاننى ئۇقۇغانلىرىمىز بىزگە پايدا بەرمەيدۇ. بىزنىڭ ھاياتىمىزنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ›(ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئېيتتىكى مەلۇم بىر ھاياتىمنىڭ دەۋرىدە ياشىدىم، رسول ﷲ صلى ﷲ عليه و سلم نىڭ ھۇزۇرىدا بىزنىڭ بىرىمىزگە قۇرئان ئۆگىتىلىشتىن ئىلگىرى ئىمان ئۆگىتىلەتتى، سۈرە محمد صلى ﷲ عليه و سلم گە ئىماننى ئۆگىنىپ بولغىنىمىزدىن كېيىن نازىل بولاتتى. بۇ سۈرىدە ھالال قىلىنغان نەرسە نېمە؟ھارام قىلىنغان نەرسە نېمە؟دەرھال ئۆگىنەتتۇق. قەيەردە توختىشىمىز كېرەك ،قەيەردە مېڭىشىمىز كېرەك، مانا بۇنەرسىنى قۇرئان بىزگە تەلىم بېرەتتى. چۈنكى بىز ئىماننى ئۆگەنگەن ئىدۇق. ئەمدى شۇنداق كىشىلەرنى كۆردۈمكى ئۇلارنىڭ بىرىغا ئىماندىن ئىلگىرى قۇرئان ئۆگىتىلدى. سۈرە فاتىھەدىن ئاخىرقى سۈرىگىچە ئوقۇدى.قۇرئان نېمىگە بۇيرىدى ؟نېمىدىن قايتۇردى؟ بىلمىگەن ھالەتتە قۇرئاننى تامام تۈگەتتى. قەيەردە توختاش كېرەك؟ بۇنى بىلمىدى.خۇددى قۇرئاننى نعوذبﷲ(اللەدىن پاناھ تىلەيمىز)ناچار خورمىنىڭ ياخشىسىنى يەپ ناچىرىنى تاشلىۋاتقاندەك قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى تاشلىۋەتتى، دېدىلەر.دېمەك بىزنىڭ ئىماننى ئۆگىنىشىمىز رەسۇلۇللاھنىڭ تەربىيەلىرىگە مۇۋاپىق بولغانلىقى ئۈچۈن دەرسىمىزنى ئىماندىن باشلايمىز.

  

يەنە شۇنىڭ ئۈچۈن ھەم ئىماندىن باشلايمىزكى قۇرئان دىلىدا نىفاق(مۇناپىقلىق)كېسىلى،شىرىك كېسىلى، كۇفرى كېسىلى بولغان ئادەمگە ھىدايەت بولالمايدۇ. ئىمان سۈپىتى بولغان كىشىلا قۇرئاندىن پايدىلىنالايدۇ. اللە ساقلىسۇن {ئۇ ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە (دىللاردىكى شەك-شۈبھەگە)شىپادۇر،ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ قۇلاقلىرى(قۇرئاننى ئاڭلاشتىن)ئېغىردۇر. (يەنى قۇرئاننىڭ دەۋىتىگە قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرگەنلەرنىڭ گويا قۇلاقلىرى ئېغىردۇر)قۇرئان ئۇلارنىڭ (دىللىرىغا) كورلۇقتۇر(يەنى ئۇلار ھىدايەت نۇرىنى كۆرمەيدۇ)}مانا بۇھەقتە بىز ئىماننى قىسقىچە چۈشەنمەكچى بولساق ﷲ سبحانه وتعالا نى رەببىم دەپ(يەنى رەببىم پەرۋىش قىلغۇچى ﷲ سبحانه وتعالا دەپ تەن ئېلىپ،ھەقىقىي ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق دەپ )تەن ئالسا،ئىسلامنى دىنىم دەپ(يەنى يولۇم)تەن ئالسا،ۋە محمد صلى ﷲ عليه و سلم ئەلچى دەپ رازى بولۇپ مۇشۇنى ئىختىيار قىلغان ئادەم ئىماننىڭ تەمىنى تېتىيدۇ.  ﷲ سبحانه وتعالا غا بولغان ئىمان مەناسى نېمە؟ (1) ﷲ سبحانه وتعالا غا بولغان ئىمان مەناسىنىڭ بەزى بىر قىسىملىرىغا توختىلىپ ئۆتىمىز. ﷲ سبحانه وتعالا يېگانە ھەق مەئبۇد، ئىبادەتكە پەقەت ﷲ سبحانه وتعالا لايىق، باشقانەرسىلەر ئىبادەت قىلىنىشقا يارىمايدۇ، دەپ تەن ئېلىش ﷲ سبحانه وتعالا غا بولغان ئىماننىڭ مەنالىرىدىن بىرىدۇر.

  

مەككىدىكى ۋەباشقا جايلاردىكى مۇشرىكلار بىلەن پەيغەمبەر ئوتتۇرسىدىكى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەر بىلەن ئۈممەتلىرى ئوتتۇرسىدىكى كىلىشەلمەسلىك: پەيغەمبەرلەر ‹ﷲ سبحانه وتعالا يېگانە مەئبۇد› دېدى. مۇشرىكلار ﷲ سبحانه وتعالا دىن باشقا مەئبۇدنى ھەم ئىسپات قىلىشتى، مانا بۇ ساھەدە زىدىيەت بولدى. پەيغەمبەلەر (ياراتقۇچى ﷲ)دىسە، مۇشرىكلار ﷲ ياراتقۇچى ئەمەس دېگەن ساھەدە بولمىدى. مۇشرىكلار ﷲ نى ياراتقۇچى دەپ تەن ئالاتتى. مۆئمىنلەر ئەلبەتتە ﷲ سبحانه وتعالا نى ياراتقۇچى دەپ تەن ئالىدۇ. مۇشرىكلار ﷲ سبحانه وتعالا نى كائىناتنى ۋە ئىنسانلارنى پەرۋىش قىلىپ تۇرىدۇ، دەپ تەن ئالىدۇ. ئەلبەتتە مۆئمىنلەر ﷲ سبحانه وتعالا نى پەرۋىش قىلغۇچى دەپ تەن ئالىدۇ. مۆئمىنلەر ﷲ نى رىزىق بېرىدۇ، دەپ تەن ئالغىنىدەك، مۇشرىكلار ھەم بۇسۈپەتنى تەن ئالىدۇ، مۇشرىكلار (ﷲ ئۆلتۈرىدۇ، ﷲ تىرىلدۈرىدۇ)دىيىشدۇ، ئەمما مۆئمىنلەر بىلەن مۇشرىكلار ئوتتۇرسىنى ئاجرىتىپ تۇرغان نەرسە:-مۆئمىنلەر يېگانە مەئبۇدقا سېغىنىدۇ. باشقا نەرسىدىن ۋاز كېچىدۇ. ئەمما مۇشرىكلار بولسا يېگانە مەئبۇدقا باشقا باتىل مەئبۇدلىرىنى قوشۇپ سېغىنىدۇ. مانابۇ نەرسە پەيغەمبەرلەر بىلەن قەۋملەر ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەت. كىلىشەلمەسلىك مۇشۇ ساھەدە بولدى. بۇرادەرلەر، ئەگەر بىركىشى ﷲ سبحانه وتعالا غا ئىبادەت قىلىپ باشقا نەرسىدىن ۋازكەچمىسە يەنى خاھ پەرىشتە، خاھ جىن،خاھ بىر پەيغەمبەر، خاھ بىر ئەۋلىيا،خاھ بىر قەبرە،خاھ دەرەخ،خاھ تاش،ئاي،ئاپتاپ بىرەر بىرنەرسىنى قوشۇپ ئىبادەت قىلسا ياكى ﷲ بىلەن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرسىدا شۇنداق نەرسىلەر نى ۋاسىتە قىلسا بۇ كىشى مۇشرىك بولىدۇ. ﷲ سبحانه وتعالا بۇنى كەچۈرمەيدۇ. ﷲ قا ئىمان كەلتۈرىشىڭىز دېگەن مەنا شۇنى قىسقىچە ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىگە مۇراجىئەت قىلساق أستعيذ بﷲ(ﷲ ساقلىسۇن){(ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ﷲ قاخالىس قىلغان،ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا(يالغۇز) ﷲ غىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى}} (جىنلارنى،ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم)}. (دىنىڭلارنى(شېرىكتىن ۋەرىيادىن)ساپ قىلغان ھالداﷲ غا ئىبادەت قىلىڭلار ،كاپىرلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ)}{ (2)  (دىنىڭنى شېرىكتىن(ۋەرىيادىن)ساپ قىلغىنىڭ ھالداﷲ غا ئىبادەت قىلغىن،بىلىڭلاركى (شىرىكتىن ۋەرىيادىن)ساپ دىن ﷲ غا خاستۇر.) بۇئايەتلەر ھەممىسى شۇنى بىلدۈرىدۇكى يەككە ﷲ قائىبادەت قىلىش ﷲ قا ئىمان كەلتۈرىشنىڭ مەناسىدۇر،

  

(مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە  پەيغەمبىرىمىز محمد س ئە ۋ  ئېيتتىكى: شۈبھىسىزكى ﷲ نىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ھەققى، بەندىلەر ﷲ قا ھىچ بىرنەرسىنى شىرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىشىدۇر.)  مانا بۇ ﷲ سبحانه وتعالا غا بولغان ئىمان مەناسىنىڭ بەزى قىسمىدۇر. (2) وَمَلاَئِكَتِهِ.مۇسۇلمان كىشى ﷲ نىڭ پەرىشتىللىرى بار دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ﷲ سبحانه وتعالا بۇ پەرىشتىلەرنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقان ۋە ﷲ سبحانه وتعالا بۇ پەرىشتىلەرنى {(عباد مكرم)ھۆرمەتلىك بەندىلەر} دەپ سۈپەتلىگەن. ﷲ قا بىرەر سۆزنى قىلىشقا جۈرئەت قىلىشمايدۇ، ﷲ نىڭ بۇيرىقىنى قىلىشىدۇ. ﷲ سبحانه وتعالا بۇپەرىشتىلەرنى.بىر نەچچە خىل ياراتقانلىقىغا قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە ھەدىس مۇبارەك ئىشارە قىلىدۇ. بەزىللىرى ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرۇشى، بەزىللىرى جەننەت پاسىبانلىرى(كۈزەتچىللىرى)،دوزاخ پاسبانلىرى، بەزىللىرى بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى ساقلايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ﷲ سبحانه وتعالا بەزىللىرىنىڭ نامىنى تىلغا ئالدى، جىبرىل ۋەمىكائىل بۇ ئۇلۇغ پەرىشتىلەر ھەممىزگە مەلۇم .    مالىك بۇ دوزاخ پاسبانى(كۈزەتچى)بولغان پەرىشتىنىڭ نامى مالىك ئىكەنلىكىنى قۇرئاندا ﷲ سبحانه وتعالا ياد قىلدى. مۇسۇلمان كىشى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفتە ناملىرى تىلغا ئېلىنغان پەرىشتىلەرنى تەستىق قىلىدۇ. ۋە بۇ پەرىشتىلەرنى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس بايان  قىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىمان كەلتۈرىدۇ. بۇ مۇئمىن كىشىنىڭ ﷲ نىڭ پەرىشتىللىرىگە ئىمان كەلتۈرىش مەناسىنىڭ بىر قىسمىدۇر.  (پەرىشتىلەر نۇردىن يارىتىلغان، جىنلار ئوتنىڭ يالقۇنىدىن يارىتىلغان، ۋە ئادەم عليه السلام ئۈزۈڭلارغا مەلۇم بولغان تۇپراقتىن يارىتىلغان)دېگەن ھەدىس شەرىف بار. بۇنى مۇئمىن كىشى تەستىق قىلىدۇ.

  

(3) وَكُتُبِهِ ﷲ نىڭ كىتابلىرىغا ئىمان كەلتۈرىمىز. يەنى ﷲ سبحانه وتعالا ئىنسانىيەت تارىخىدا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى، ۋە بۇ پەيغەمبەرلەرگە بەزى كىتابلارنى چۈشۈردى، بەزىللىرىنى ئۆزىنىڭ قۇرئانىدا ياد قىلدى. تەۋرات، ئىنجىل زەبۇر،  قۇرئان ئاخىرقىسى ۋە بۇكىتابلارنىڭ ئەبزىلى ۋە ئىلگىر كىتابلارنىڭ ھۆكمىنى مەنسۇخ (ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان)قىلغۇچى مۇقەددەس كىتاب دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. يوقىردىكى ئېيتىلغان كىتابلارنى ﷲ سبحانه وتعالا ئىنسانىيەتكە ھىدايەت، رەھمەت،ۋە ھەربىر نەرسىنىڭ بايانى قىلىپ ۋە ھاياتنىڭ ھۆكمى قىلىپ چۈشۈرگەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرىدۇ. ۋە ئۆتكەن كىتابلارنىڭ ھەققىدە تەۋرات، ئىنجىلدىن بىرەر كەلىمىنى كەلتۈرسە (ﷲ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن كىتابلارغا ئىمان كەلتۈردۇق) دەيدۇ . باشقا سۆزنى ئېيتمايدۇ. تەۋرات،ئىنجىلدىن بىرەر كەلىمىنى كەلتۈرسە ياكى يالغان دېمەيدۇ ياكى راست دېمەيدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ ئۆتكەن كىتابلار ھەممىسى ئەھلى كىتابلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەن. قەيەر ئۆزگەرتىلگەنلىكى بىزگە نامەلۇم. ئەگەرناتوغرا جايدا تەستىقلاپ قويساق بۇ ھەم خاتا بولىدۇ. توغرا جايدا يالغان دەپ قويساق بۇخاتا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ﷲ سبحانه وتعالا تەرپىدىن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە چۈشۈرۈلگەن مۇقەددەس كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرىمىز دەيمىز. قۇرئان كەرىم ھەممە ئۆتكەن كىتابلارنى مەنسۇخ(ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان)قىلغان دەپ ئېتىقاد قىلىمىز. قۇرئان كەرىم ھەققىدە يەنە توختىلىپ ئۆتىمىزكى، قۇرئان كەرىم ئاخىرقى پەيغەمبەر محمد صلى ﷲ عليه و سلم گە نازىل قىلىندى. قۇرئان كەرىم ئىنسانىيەتنىڭ بەختى ئۈچۈن چۈشۈرۈلدى ،قۇرئان كەرىمنى ھاياتنىڭ ھۆكمى قىلىپ چۈشۈردى. ﷲ سبحانه وتعالا قۇرئان كەرىمنى كىم مەھكەم تۇتۇپ ماڭسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ سائادىتىگە(بەختكە) ئېرىشىدۇ دېدى،كىم قۇرئاننى ئارقىغا تاشلىسا دۇنيادىكى بەختسىزلىك، ۋە ئاخىرەتتىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن بەخىتسىزلىككە لايىق بولىدۇ.

مانا بۇخەۋەرلەرنىڭ ھەممىسىنى بىز تەستىق قىلىمىز. قىيامەت كۈنىگە بولغان ئىمان ﷲ سبحانه وتعالا(ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىسىلەر)دەپ ۋە تىرىلگەندىن كېيىن ھېساب بېرىش، قىيامەتتە ئەھلى جەننەت ۋە ئەھلى دوزاخقا بۆلىنىش ۋە قىيامەت ھەققىدە ﷲ سبحانه وتعالا نىڭ قۇرئانىدا ۋە محمد صلى ﷲ عليه و سلم نىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە بولغان خەبەرنى تەستىق قىلىدۇ. ئۆلگەندىن كىيىنكى قەبرە ئىمتىھانى،قەبرە ئازابى ۋە قەبرىدىكى نئېمەت ۋە قىيامەت كۈنىدە بولىدىغان دەھشەت ۋە قاتتىقلىقلار، سىرات، مىزان، ھېساب، جازا ۋە ئىنسانلار ئوتتۇرسىدا كىتابلارنى(ياخشى –يامان ئەمەللىرى يېزىلغان كىتاب) بەزىلەر ئوڭ قولىدا ۋە بەزىلەر ئارقا ياكى سول تەرەپتىن ئېلىشنى موئمىن كىشى تەستىق قىلىدۇ. موئمىن كىشى ﷲ ۋە رەسۇلى تەرەپتىن كەلگەن قۇرئان ۋە ھەدىسنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ئەقلىنى بۇ قۇرئان ۋە ھەدىسكە ھاكىم قىلمايدۇ. مۇئتەزىلە تائىفەسى ئەقلىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ خاتا قىلىپ ئاداشتى، ئۇلار قايسى بىرنەرسە ئەقلىگە توغرا كەلمەسلىكى بىلەن ئىنكار قىلدى.

  

مىسال قىلىپ ئېيتقىنىمىزدا ئۇلار مىزاننى ئىنكار قىلىشتى. مىزان تارازا ئۆلچەش ئەسۋابى. بۇنى ئىنكار قىلىشتى ،چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دەۋرىدە ئىككى پەللىسى بار تارازىنى كۆرۈشۈپ بۇ ئەمەللەر بىر ماددى بىرنەرسىمىكەن، پەللىگە قۇيۇپ تارتىلىدىغان دەپ ئەقىللىرىگە بۇ مىزان توغرا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن مىزاننى ئىنكار قىلىشتى. بىز ﷲ سبحانه وتعالا نىڭ مىزان ئۆلچەم ئەسۋابىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىز بىلمەيمىز. ئەمما بۇنى تەستىق قىلىمىز. بىر ئادەمنىڭ ئەقلىگە بىر نەرسە توغرا كەلمەسلىكى بىلەن مۇتلەق ئەقىلگە توغرا كەلمەيدۇ، دېيىش ناھايىتى چوڭ خاتالىقدۇر، بەلكى ئۆز ئەينى ئەقىلسىزلىك. چۈنكى بىر ئىنسان ئەگەر بىر نەرسە ئەقلىگە توغرا كەلمىسە، ئۇ كىشى مېنىڭ ئەقلىمگە توغرا كەلمىدى دېيىشى كېرەك . ‹ئەقىلگە توغرا كەلمەيدۇ، دېگەن گەپنىڭ مەناسى ئالەمدىكى› پۈتۈن ئەقىل ماڭا توپلانغاندا، بۇ ئەقىلگە توغرا كەلمىدى› دىيىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. دەۋرلەرئۆتىشى بىلەن مىزان ـ ئۆلچەم ئەسۋابى: قاننىڭ بېسىمىنى ئۆلچەش، ھاۋا بېسىمىنى ئۆلچەش، بۇ بىر پەللىگە موھتاج بولمىدى. بىز ئېتىقاد قىلىمىزكى ﷲ سبحانه وتعالا ھەربىر نەرسىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب يارىتىدۇ. بۇ ئەھۋالىمىزغا قاراڭغۇ، قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىز بىلمەيمىز. لېكىن ﷲ سبحانه وتعالا  ئۆلچەم ئەسۋابىنى ئۆزىنىڭ ئادالىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن يارىتىدۇكى ئۇنىڭ قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكى بىزگە قاراڭغۇ شۇ مىزاننى بىز تەستىق قىلىمىز ئەقىل كەلگۈسى دەۋردە توغرا ھەل قىلىدىغان بولساق قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئۇناپ  (قوشۇلۇپ)قالىدۇ. بِالْقَدَرِ خَيْرِهِ وَشَرّهِ قەدەرگە ئىمان كەلتۈرىمىز. يەنى ﷲ سبحانه وتعالا  ھەربىر نەرسىنى  مىقدار بىلەن ياراتتى ﷲ سبحانه وتعالا ياخشىلىقنى ۋە يامانلىقنى ياراتتى . قەدەرگە ئىمان كەلتۈرىمىز ،قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە بۇيرۇلغان نەرسىلەرگە ئىمان كەلتۈرىمىز ۋە قىلىشقا بۇيرۇلغان نەرسىلەرنى قىلىمىز. مىسال قىلىپ ئېيتقىنىمىزدا شۇ ئولتۇرىشىمىزنى مىسال قىلساق، ئىتتىپاق بولۇشقا بۇيرىدى. لېكىن ﷲ بىزلەرنىڭ ئىتتىپاق بولماسلىقىمىزنى بىلىپ تۇرسا ھەم ئىتتىپاق بولۇشقا بۇيرىدى. بىز ﷲ سبحانه وتعالا ئىمان كەلتۈرۈشكە بۇيرۇغان نەرسىگە ئىمان كەلتۈرىمىز، ۋەشۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاق بولۇشقا بۇيرىدى دەپ بۇنەرسىنى بىجىرىشكە ھەرىكەت قىلىمىز. ھەربىر نەرسىنى بىز شۇنداق چۈشىنىشىمىز كېرەك،

  

يەنى بەزى نەرسىلەرگە ﷲ سبحانه وتعالا ئىمان كەلتۈرۈشكە بۇيرىدى. بەزى نەرسىلەرنى بېجىرىشكە بۇيرىدى. ئىمان كەلتۈرۈشكە بۇيرۇغان نەرسە بىلەن بىجىرىشكە بۇيرۇغان نەرسىلەرنى ئارلاشتۇرۋېلىشىمىزدىن بىزدە بەزى نەرسىلەرگە خاتاچۈشەنچە پەيدا بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ﷲ سبحانه وتعالا ئىمان كەلتۈرۈشكە بۇيرۇغان نەرسىلەرگە ئىمان كەلتۈرىمىز ۋە بىجىرىشكە بۇيرۇغان نەرسىلەرنى بىجىرىمىز. ﷲ سبحانه وتعالا پەرزەنتىمىزنى ئىلىم ئۇقۇشقا رىغبەتلەندۈرىشىمىزنى بۇيرىدى. ئەگەرچە ﷲ سبحانه وتعالا پەرزەنتىمىزنىڭ ئىلىم ئۇقۇشقا ئۇنىماسلىقىنى بىلسە ھەم ناماز ئۇقۇشقا تەرغىب قىلىشقا بۇيرىدى. ئەگەرچە شۇ پەرزەنتنىڭ ناماز ئۇقىماسلىقى مۇقەررەر بولسا ھەم.ھىدايەت ﷲ سبحانه وتعالا نىڭ ئۆزىگە خاس لېكىن ﷲ سبحانه وتعالا بىزنى بۇيرۇشقا ،دەۋەتنى يەتكۈزۈشكە بۇيرىدى. ئەگەر ھىدايەت ئىنسانلارنىڭ ئىختىيارىدا بولغىنىدا ھەممە ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمنى توغرا يولغا كىرگۈزۋالغان بولاتتى،}(شۈبھىسىزكى سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ﷲ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ)}قاچانىكى ئىنساننىڭ قەلبىدە ھىدايەتكە بولغان قىزىقىش بولماسكەن ﷲ سبحانه وتعالا ئۇنى ھىدايەت قىلماسلىقنى خالايدۇ. ئىنساننىڭ ئىنسان بولۇشىنى خالىدى، يەنى ئىنسان ھىدايەتنى ۋە زالالەتنى ئۆز ئىختىيارى ،مېھنىتى بىلەن قوبۇل قىلىپ ئېلىشىنى ﷲ سبحانه وتعالا خالىغان. ئىنساننىڭ بىر باسما خانىدىن چىققان بىر كىتاب بولۇشىنى خالىمىدى.{ (مۇبادا ﷲ خالىسا ئىدى سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ئەلۋەتتە توغرا يولغا سالغان بولاتتى)}ئەگەر ﷲ خالىغىنىدا ھەممەيلەننى بىرخىل باسمىخانىدىن چىققان كىتابتەك قىلىپ ھىدايەتلىك قىلىپ ياراتقان بولاتتى. لېكىن ئىنساننىڭ ئىنسان بولۇشىنى خالىدى. ئىنساننى ئىختىيار سۈپىتى بىلەن ھۆرمەتلىك قىلدى. ئىختىيار سۈپىتى ئىنساننىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك بولغان يالغۇز سۈپىتىدۇر. بۇ سۈپەتنى ھىچقايسى بىر مەۋجۇداتقا بەرمىدى. لېكىن ئىنسانغا بەردى.

  

(شەك شۈبھىسىزكى بىزئادەم بالىللىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق.)}مانا مۇشۇ (ئىختىيار ) بىلەن ھەقىقىي ھۆرمەتلىك بولۇش دېگەن: ئىنسان بىرنەرسىنى خالىسا قىلالايدىغان بولۇش، خالىمىسا قىلماسلىقى ئەڭ ھۆرمەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. لېكىن ئەمدى ئەڭ ھۆرمەتلىكلىكىگە سەۋەب بولغان ئىختىيار بىلەن (بەدبەخ) بولۇش ناھايىتى چوڭ شەرمەندىلىكتۇر. ئىمان مەسىلىللىرى ئىچىدە شۇنى تەكرار قىلمىزكى مۇئمىنلەر بىلەن مۇشرىكلار ئوتتۇرسىدىكى پەرق: مۇئمىنلەر پەقەت ﷲ قا ئىبادەت قىلىپ باشقا نەرسىدىن ۋاز كېچىدۇ.مۇشرىكلارنىڭ بەزىللىرى ﷲ قا ئىبادەت قىلماي پەقەت ﷲ دىن باشقىغا ئىبادەت قىلسا، بەزىللىرى ﷲ قا ھەم ئىبادەت قىلىپ باشقا نەرسىگە ھەم ئىبادەت قىلىدۇ. مۇشرىكلارنىڭ بەزى تۈرلىرى ﷲ بىلەن ئۆزى ئوتتۇرسىدا باشقا نەرسىلەرنى ۋاسىتە قىلىدۇ. يەنى يىگانە ﷲ قا ئىبادەت قىلشتا ئوتتۇردا ۋاسىتە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن مۇشرىك بولدى.مانا بۇ ناھايىتى كۆپ ئادەملەر شىرىككە چۈشۈپ قالىدىغان شەكىلدۇر. كىشىلەر ئالدىنىدىغان شەكىل شۇدۇر. ﷲ سبحانه وتعالا ئۇلۇغ ،مەن ئاجىزمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ئۇلۇغ زاتقا مەندەك ئاجىز كىشى،ئۇلۇغراق بىر پەرىشتىنى ياكى ئۇلۇغراق بىر كىشىنى، ياكى كۆزىگە ئۇلۇغ دەپ كۆرۈنگەن تاغنى ،ياكى ئاپتاپنى ياكى دەرەخنى، يا بىرتاشنى ۋاسىتە قىلىشى.بۇ ناھايەتتە شىرىكنىڭ ئەينى ئۆزى بولىدۇ. ﷲ سبحانه وتعالا مۇشرىكلارنىڭ باھانىللىرىنى بايان قىلغاندا{(بىزنىڭ ئۇلارغا چوقىنىشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ بىزنى ﷲ غا يېقىنلاشتۇرۇشى ئۈچۈندۇر)} نېمەئۈچۈن بۇتلارغا ئىبادەت قىلۋاتىسىلەر؟دىگەندە:ئۇ مۇشرىكلار ئۆزلىرى ياسىۋالغان بۇتلىرىنى رىزىق بېرىدۇ دىيىشمەستى. پايدا زىيان يەتكۈزىدۇ دىيىشمەستى، ئۇلار ياخشى بىلەتتى. لېكىن بىز بىلەن ﷲ ئوتتۇرسىدا ۋاسىتە بولىدىغان ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ سىمىۋولى دەپ بىلىشەتتى. ۋەد،سۇۋائ ،يەغۇس،يەئۇق،نەسر،بۇلار ھەممىسى نوھ عليه السلامنىڭ قەۋمىدە ئۆتكەن سالىھ كىشىلەر(ولله أعلم  ﷲ ئالىم)كېمىدە نىجات تاپقان ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ سۆرەتلىرى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ﷲ سبحانه وتعالا ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ سۆرەتلىرىنى سىمىۋول قىلىپ ئۆزلىرى بىلەن ﷲ نىڭ ئوتتۇرسىدا ۋاستە قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇلارنى مۇشرىك دەپ ئاتىدى. ۋەئۇلارنىڭ ئەمەللىرى بىكار بولدى. ۋەئۇلار بىلەن قىلىنغان جىھادنى ئىسلامى جىھاد دىيىلدى. بۇلارنى ئۆلتۈرگەنلەر غازى(ﷲ يولىدا جىھادقىلغۇچى) بولدى. بۇلار بىلەن جەڭ قىلىپ ئۆلتۈرۈلگەنلەر شەھىت دەپ ئاتالدى.

  

رسول ﷲ صلى ﷲ عليه و سلم نىڭ 23يىل ئاساسى ئەمەللىرى شۇ شىرىك بىلەن كۈرەش قىلىش بولدى. ھازىرقى ئيتقىنىمىز شىرىك مەنالىرىنىڭ بىرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ سائەتتە بىز شىرىكنىڭ بەزى نەرسىللىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز.ئىسلامنى سۇندۇرىدىغان، مۇسۇلمان كىشىنى ئىسلامنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ قويىدىغان بەزى بىر نەرسىلەرنى ئەسلىتىپ ئۆتىمىز(شىرىك) بىلىۋېلىشىمىز كېرەككى(ئەگەر سەن ﷲ غاشېرىك كەلتۈرسەڭ،سېنىڭ ئەمەلىڭ ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ)}شىرىك ئەمىلى سادىر بولغان ئادەمنىڭ ئەمىلى بىكار بولۇشىدا شەك  .شۈبھە يوق. ﷲ سبحانه وتعالا كائىناتتىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشى رسول ﷲ صلى ﷲ عليه و سلمگە خىتاب قىلىپ (ئەگەر سىز شىرىك كەلتۈرسىڭىز، ئەمىلىڭىزنىڭ بىكار بولىشىدا شەك شۈبھە يوق )دېدى {ئەگەرئۇلار(يەنى پەيغەمبەرلەر)شېرىك كەلتۈرسە ئىدى ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ،ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتەتتى.)}ئىسلامنىڭ سېپىدىن چىقىرىپ قويغۇچى ئەمەللەردىن بىرسى مانا ﷲ نىڭ ئىبادىتىدىكى شېرىك. ﷲ سبحانه وتعالا}(إِنّ ﷲ لاَ يَغْفِرُ أَن يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَلِكَ لِمَن يَشَاء  )( ﷲ  ئۆزىگە بىرەر نەرسىنىڭ شېرىك كەلتۈرۈلىشىنى(يەنى مۇشرىكلىك گۇناھىنى)ئەلۋەتتە مەغفىرەت قىلمايدۇ.بۇنىڭدىن باشقىنى(ﷲ  ئۆزى)خالىغان ئادەمگە مەغفىرەت قىلىدۇ)}{كىمكى ﷲ غا شېرىك كەلتۈرىدىكەن(يەنى ﷲ دىن غەيرىگە ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن) ﷲ ئۇنىڭغاجەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دەۋزەخ بولىدۇ. زالىملارغا ھېچبىر مەدەتكار(يەنى ﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى)بولمايدۇ.)

  

}ئىككىنجىسى:شىرىكنىڭ ئىسلامغا زىت بولغان نەرسىلەردىن بىرى ئۆزى بىلەن ﷲ ئوتتورسىدا ۋاستە قىلغان: دۇئا قىلىدۇ،بىرنەرسە سورايدۇ شاپائەتنى سورايدۇ. ۋەتەۋەككۈل قىلىدۇ. شۇنەرسىلەرگە تەۋەككۈل قىلىدۇ. بىرەر ئىشتىن ئەنسىرەپ قالسا ھازىرقى ئېيتىلغان نەرسىلەرنىڭ بىرىگە تەۋەككۈل قىلىپ چىقىپ كېتىۋېرىدۇ. يابىر ئىشنى قىلىۋېرىدۇ ئەگەر ئۆزى بىلەن ﷲ ئوتتورسىدا دۇئا قىلىدىغان، تەۋەككۈل قىلىدىغان، شاپائەت سورايدىغان، ۋە بىرەر نەرسىنى نەزىر قىلىدىغان ۋە بىرەر نەرسىنى سويىدىغان،نەرسىنى ۋاسىتە قىلسا بۇئادەمنىڭ مۇشرىك بولۇشىدا شەك شۈبھە يوق.ئۈچىنجىسى، مۇشرىك ئادەمنى كافىر دىيەلمىسە  ياكى مۇشرىكنىڭ مۇشرىكلىكىدە شەك قىلسا بۇنىڭ ھەم كافىر بولۇشىدا شەك شۈبھە يوق. چۈنكى ﷲ سبحانه وتعالا(كافىر بولدى)دېدى.(نعوذ بﷲ ﷲ دىن پاناھ تىلەيمىز) ﷲ نىڭ سۆزىنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ. بىر ئەمەلنى قىلسا كاپىر بولىدىغان بولسا شۇنى ئېنىق كۆرىشى بىلەن بۇئادەم شۇ ئەمەل بىلەن  (كاپىر بولدى)دەيدۇ.شۇنىڭغا شەك قىلىدىغان بولسا ياكى ئىنكار قىلسا بۇنىڭ ھەم ﷲ نىڭ سۆزىنى ئىنكار قىلغانلقى ئۈچۈن كاپىر بولۇشىدا شەك شۈبھە يوق.

  

تۆتىنجىسى پەيغەمبەرىمىز صلى ﷲ عليه و سلم نىڭ يۇلىدىن باشقا يول مۇكەممەلراق دىسە ياكى رسول ﷲ صلى ﷲ عليه و سلم دىن باشقىنىڭ ھۆكمى رسول ﷲ صلى ﷲ عليه و سلم نىڭ ھۆكمىدىن ياخشىراق دىسە، ﷲ نىڭ ھۆكمىنى، رسول ﷲ نىڭ ھۆكمىنى باشقىلارنىڭ ھۆكمىدىن تۆۋەن بەلكى قالاقلىق دىسە كاپىر بولۇشىدا شەك شۈبھە يوق.بەشىنجىسى رسول ﷲ صلى ﷲ عليه و سلم ئېلىپ كەلگەن يولنى يامان كۆرسە، ﷲ چۈشۈرگەن نەرسىنى يامان كۆرسە بۇنىڭ كاپىر بولۇشىدا شەك شۈبھە يوق.{(بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى،ئۇلار ﷲ نازىل قىلغان كىتابنى(يەنى قۇرئاننى) يامان كۆرۈش بىلەن  ئۆزلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى بەربات قىلدى ) چۈشۈرگەن قۇرئاننى يامان كۆرسە، رسول ﷲ صلى ﷲ عليه و سلم ئېلىپ كەلگەن يولنى يامان كۆرسە، بۇ ئادەمنىڭ كاپىر بولۇشىدا شەك شۈبھە يوق. ئەمىلى شۇ سائەتتە بىكار بولىدۇ. ئالتىنجىسى رسول ﷲ صلى ﷲ عليه و سلم نىڭ دىنىدىن بىرەر نەرسىنى ﷲ سبحانه وتعالا موئمىنلەرگە قىلغان ساۋاب ۋەدىسىنى، كاپىرلارنى قورقۇتقان ئازاب ۋەدىسىنى مەسخىرە قىلسا، ﷲ نى ﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى، رەسۇلىنى مەسخىرە قىلسا كاپىر بولىشىدا شەك شۈبھە يوق.{(بۇ مۇناپىقلارغا>سىلەر ﷲ نىڭ دىنىنى، ﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى كىتابنى)ۋە ﷲ نىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟<دېگىن سىلەر (يالغان قەسەم ئىچىپ)ئۆزرە ئېيتماڭلار،سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن(پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن) كافىر بولدۇڭلار)}

شۇنىڭ ئۈچۈن رسول ﷲ صلى ﷲ عليه و سلم نىڭ سۈننەتلىرىنى مەسخىرە قىلىشتىن ئېھتىيات بولۇشى كېرەك ،بۇرادەرلەر!.ئەگەرچە ئۆزى قىلمىغان بولسا ھەم مەسخىرە قىلىپ قۇيۇشتىن، ماددى پەلسەپىنىڭ تەسىرى ئاستىدا كۆزىگە رسول ﷲ صلى ﷲ عليه و سلم نىڭ سۈننەتلىرى سەت كۆرۈنۈپ قېلىشتىن ئېھتىيات بولماقلىقى كېرەك.بىرەر كىشى مىسۋاك تۇتىۋاتقان بولسا(مىسۋاك تەكىتلەنگەن سۈننەت) ئەگەر شۇ مىسۋاكنى ئاغزىغا ياغاچ ياكى باشقا نەرسىنى مىسۋاك قىلغاندەك قىلىپ مەسخىرە قىلىشتىن ئېھتىيات قىلماقلىقى كېرەك. باشقا سۈننەتلەرنى ھەم ئۆزىنىڭ سۈننەتلەرنى قىلمايۋاتقانلىق نوقسانى ھەققىدە ئويلانسۇن. باشقا ئادەمنىڭ قىلۋاتقان سۈننىتىنى مەسخىرە قىلىشتىن ئېھتىيات قىلسۇن. پەيغەمبەرىمىز  صلى ﷲ عليه و سلم بۇيرۇغان سۈننەتلەردىن،    {(  (ئۈممىتىمگە ئېغىرچىلىق تۇغدۇرۇپ قويماي دېمىسەم.ئەلۋەتتە ئۇلارنى ھەربىر نامازدا مىسۋاك ئىشلىتىشكە ۋەخۇپتەن نامىزىنى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى تۈگىگەندە ئۇقۇشقا بۇيرۇيتىم.) دېگەن.شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى ئۆلىمالار (سۈننەتنى مەسخىرە قىلغان كىشىنىڭ كاپىر بولۇشىدا شەك شۈبھە يوق) دەپ تەپسىر قىلىشقان. بەزىلەر ئېھتىيات قىلىپ( وَرَسُولِه ِنى پەيغەمبەر ھەققىدە بولدى) دىيىشكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېھتىيات قىلماقلىقىمىز كېرەك  بۇرادەرلەر، چۈنكى بىز ئىسلامنى مەسخىرە قىلىدىغان تۈزۈمدە ئۆستۇق. بىزدە بۇ زەھەرنىڭ تەسىرى بار بۇرادەرلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزصلى ﷲ عليه و سلم  نىڭ بىز ئاتىلىرىمىزدا كۆرمىگەن سۈننەت ياكى باشقا نەرسىنى سەھىھ ھەدىسلەردە كەلتۈرۈلگەن سۈننەتنى مەسخىرە قىلىشتىن ناھايىتى بەك ئېھتىيات قىلماقلىقىمىز كېرەك. ھاياتىمىزنىڭ ھەممىسى خاتادىن تەشكىل تاپقان. ئۆزىمىزنىڭ خاتالىرىمىزنى ھېسابقا ئېلىشىمىز ئۆزى يېتىدۇ. بۇ ئەقىدىۋى مەسىلىدۇر.

  

يەتتىنجىسى سېھر- سېھر قىلغان ئادەمنىڭ كاپىر بولۇشىدا شەك شۈبھە يوق.ۋە شۇنىڭ جۈملىسىدىن ئىسسىتما ۋە سوۋۇتما، يامان كۆرگەن نەرسىنى ياخشى كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىنىپ جىنكەشلىك ياكى غەيبى يوللار بىلەن ھەرخىل مانا سېھىرگەرلەر قىلىدىغان يوللار بىلەن قىلىش بۇ كۇفرىدۇر.{(بۇ ئىككى پەرىشتە)بىزكىشىلەرنى سىنايمىز،كافىر بولمىغىن،دېمىگىچە ھېچ كىشىگە سېھر ئۆگەتمەيتى}مانا مۇشۇ ئايەت بىزگە دەلىل بولىدۇكى سېھرنىڭ كۇفرىلىقىدا شەك شۈبھە يوق. سەككىزىنجىسى مەجبۇرلانماستىن ئاشكارا  ئۆز ئىختىيارى بىلەن مۇسۇلماننىڭ زىينىغا مۇشرىكلارغا ياردەم بېرىش،مۇسۇلمان كىشى زىيانغا ئۇچرايدىغان سۈرەتتە مۇشرىكقا، كافىرغا ياردەم بېرىش بۇكۇفۇردۇر. بۇرادەرلەر{َ(كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن،ئۇمۇ ئەنە شۇلاردىن سانىلىدۇ، ﷲ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ)} توققۇزىنجىسى بەزى كىشىلەرگە محمدعليه السلام نىڭ شەرىئەتىدىن چىقىش مومكىن دەپ ئېتىقاد قىلسا (شەرىئەتكە بويسۇنمىسا بولىدۇ دىگەندەك)(نعوذبﷲ ﷲ دىن پاناھ تىلەيمىز)كافىر بولىدۇ. يەنى بەزى ئادەملەر بىر مۇقامغا يەتسە ئۆزرىسىز  ناماز ئۇقىماي تۇرسا بولىۋېرىدۇ. ياكى روزىنى تۇتماي تۇرسا بولىۋېرىدۇ دىسە شۇنىڭدەك رسول ﷲ صلى ﷲ عليه و سلم نىڭ شەرىئەتىدىن تاشقىرغا چىقىش مومكىن دەپ ئېتىقاد قىلسا بەزى كىشىگە نىسبەتەن مومكىن دىسە، مانا كۆپراق ئۇمۇمى خەلقلەرنىڭ ئوتتۇرسىدا بۇكىشى يىتىشكەن ۋەلىيۇللاھ (ﷲ نىڭ دوستى ) دەرىجىسىگە بارغان. بۇكىشى ئەمدى شەرىئەتنىڭ بەزى ھۆكۈملىرىنى قىلمىسا بولىۋېرىدۇ. دىسە كاپىر بولىدۇ. رسول ﷲ صلى ﷲ عليه و سلم ۋە ساھابىلەر ئەڭ كاتتا ۋەلىيۇللاھ شۇلار. بۇلارنىڭ دەرىجىسىگە ھېچكىم يېتەلمەيدۇ. كىيىنكى كىشىلەر ئۇ ساھابىلەرنىڭ دەرىجىسىگە يېتەلمەيدۇ. ئۇلارغا مومكىن بولمىغان نەرسە نېمە ئۈچۈن بۇلارغا مۇمكىن بولىدۇ. ئونىنجىسى ،ﷲ نىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈش. بۇ ئىسلامغا زىتتۇر بۇرادەرلەر،ﷲ نىڭ دىنى ئەسكە سېلىنسا باش تارتسا بۇنى ﷲ سبحانه وتعالا دىنسىز لاردىن دەپ ئاتىدى.{(پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز نەسىھەت قىلىنغان، ئاندىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىگەن   ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟بىز گۇناھكارلارنى چوقۇم جازالايمىز)} ﷲ سبحانه وتعالا كىمدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، ئەلبەتتە دىنسىز ئادەمدىن ئىنتىقام ئالىدۇ.

  

ھازىر ئىنساننى ئىسلامدىن چىقىرىپ قويغۇچى 10 نەرسىنى ئېيتتۇق. بۇنى بىراۋ  چاقچاق قىلىپ دىسەھەم پەرقى يوق جىددى دىسە ھەم پەرقى يوق ،قورقۇپ دىسە ھەم پەرقى يوق، لېكىن مەجبۇرلانغان كىشى ئۇنداق ئەمەس. ئەممار ئىبنى ياسىر ھەققىدىكى ھىكايىنى ۋە بۇ ھەقتە نازىل بولغان ئايەتنى ھەممىمىز بىلىمىز. مەجبۇرلىنىشنىڭ مەناسىنى ھەم بىلىپ قويىشىمىز كېرەك . رسول ﷲ صلى ﷲ عليه و سلم نىڭ دىنىنى مەسخىرە قىلىسەن. مەسخىرە قىلمىغانلار جازالىنىدۇ دىسە ئۇ  مەسخىرە قىلسا مەجبۇرلانغان بولمايدۇ. مەسخىرە قىلمىدىڭ دەپ زەربە بېرىپ، كۆپ كالتەكلەر يەپ، بىھۇش بولۇپ،شۇنداق ھالەتلەرگە چۈشكەندىلا ئاندىن مەجبۇرلانغان دېيىلىدۇ .ئۇ جازالىمىغان نەرسىنى مەجبۇرلانغان دىيىلمەيدۇ. مەن مەجبۇرلىنىپ قالدىم دەپ مەجبۇرلانغان ئادەم شۇمەجبۇرلىنىش جازاسىنى تارتىپ قاتتىق ئازابنىڭ ئىچىدە قالغاندا مانا ئەممار ئىبنى ياسىرغا رسول ﷲ صلى ﷲ عليه و سلم نى كەمسىتىسەن دەپ ئاتا-ئانىسىنى شەھىت قىلدى. ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزلىرى بىھوش بولۇپ قالىدىغان دەرىجىگە قالدىكى تىلىدىن چىقىۋاتقان سۆزنى ھوشىغا كېلىپ قارسا رسول ﷲ صلى ﷲ عليه و سلم نى كەمسىتىۋاتقان ئىكەن. شۇندا قانداق رسول ﷲ صلى ﷲ عليه و سلم نىڭ يۈزىگە قارايمەن دەپ شۇ ھالەت بولغاندا (مەجبۇرلانغان مۇستەسنا) دېگەن ئايەت نازىل بولدى. بىز تېخى بولمىغان، كۆرۈنمىگەن نەرسىنى بۇ ھېلى تۆگىنى شامال ئۇچۇرسا ئۆچكىنى ئاسماندا كۆر دىگەندەك يوق نەرسىنى كۆپتۈرۈپ مەجبۇرلىنىپ قالدىم دەپ بۇنداق قىلىش مەجبۇرلىنىش ئەمەس بۇرادەرلەر. مانا بۇ بىزنىڭ دەرسىمىزنى ئىماندىن باشلىشىمىزغا سەۋەب بولغان نەرسە:

  

ئىمان ﷲ سبحانه وتعالانىڭ ھۇزۇرىدا ھۆرمەتكە ئېگە بولۇشقا سەۋەبتۇر.ئىمان ئىسلامنىڭ ئاسا سىدۇر ۋە رسول ﷲ صلى ﷲ عليه و سلم نىڭ تەربىيەلىرىدىكى ئاساسى يۆنىلىشنىڭ بىرىنچى باسقۇچى شۇ بولغان {مانا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ سۆزلىرى (ئىماننى ئۆگەندۇق كىين قۇرئاننى ئۆگەندۇق). ئەگەر كىشىدە ئىمان بولمىسا قۇرئان ئۇنىڭغا ھىدايەت بولالمايدۇ. {(قُلْ هُوَ لِلَّذِينَ آمَنُوا هُدًى وَشِفَاء )(ئۇ ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە(دىللاردىكى شەك شۈبھەگە شىپادۇر)كىشى ئىمانغا ئېگە بولغاندىن كىيىن قەلبتىكى نىفاق ،كۇفۇر،شىرىك كېسەللىرىگە ﷲ سبحانه وتعالا قۇرئاننى شىپا قىلىدۇ، رسول ﷲ صلى ﷲ عليه و سلم نىڭ تەلىملىرىنىڭ ئەۋۋىلى ئىمان بولغانلىقى ئۈچۈن ھەم دەرسىمىزنىڭ ئىخلاس ۋە مۇھەببەت دەرسىدىن كىيىنكى دەرسىمىز ئىماندىن بولغانلىقىنىڭ سىرى شۇدۇر.( ﷲ ئالىم) قىسقىچە بولسا ھەم  ئىمان ھەققىدە بىر چۈشەندۈرۈش بولدى دەپ بىلىمەن. ﷲ نىڭ تەۋفىقى بىلەن: ﷲ سبحانه وتعالا ھەممىمىزنى قۇرئان  كەرىمدە{(ئەي ئىمان كەلتۈرگەن كىشىلەر ﷲ قا ئىمان كەلتۈرۈڭلار دىگەننىڭ مەناسى :ئىمان كەلتۈرگەن كىشى ئىمانىنى زىيادە قىلىشقا  مۇھتاجدۇر.{ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئېيتقانىكەنكى ( (بىر ئولتۇرىشايلى ئىمانلىشايلى) بىز ئېيتىمىزكى بىر ئولتۇرىشايلىك ،چايلىشايلىك دەيمىز. ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئېيتقانىكەنكى(بىر ئولتۇرىشايلى ئىمانلىشايلى) دىگەنىكەن يەنى ئىمان شۇنداق مۇھىم بولۇشى كېرەككى بىر ئولتۇرۇشتا ئىمانلىشايلى دەيلىك. ﷲ سبحانه وتعالا ھەممىمىزگە شۇنى نېسىپ قىلسۇنكى بىراۋلار بىلەن ئولتۇرۇشتا پەقەت تائام ئۈچۈن ئولتۇرۇشمايلىك ، پەقەت بىر نەرسىنى يېيىش ئۈچۈن ياكى ماددى ئادەملەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى بىلەن ئولتۇرۇشتىن تاشقىرى بۇرادەرلەر بىر ئىمانلىشىش ئۈچۈن ئولتۇرۇشنى ﷲ سبحانه وتعالا ھەممىمىزگە نېسىپ قىلسۇن.

7-دەرس ئىسلامى ئەخلاقلار                                                          
بۈگۈنكى دەرسىمىزدە ااﷲ خالىسا قىسقىچە بولسا ھەم ئىسلامى ئەخلاقلار ھەققىدە ، بەزىبىر ئىزدىنىشلارنى قىلىمىز، رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم ئۆزىنىڭ رىسالەت(ئەلچىلىك)تىن بولغان مەقسەتنى بايان قىلىپ ،مەن گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۇمۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدىم .) دېمەك ئىسلامدىكى قۇرۇلغان ئىبادەتلەر ،ھەممىسى گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ ئۇمۇملىشىشى بىلەن ئەسلى رىسالەتتىن بولغان مەقسەت ھەم ، گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ ئۇمۇملىشىشى ئۈچۈن ئىكەنلىكنى بايان قىلدى . گۈزەل ئەخلاق نېمە؟ گۈزەل ئەخلاق قانداق بولىشى كېرەك ؟ بىرەر كىشى ، ئۆزىنى ئەخلاقسىز دەپ ئاتىغان كىشى ، تارىختا ئاڭلانغان ئەمەس ، بىراۋ ئۆزىنى ھازىردا ھەم ئېيتمايدۇ ، (واﷲ ئەئلەم)بۇنىڭدىن كىيىن قىيامەتكىچە بولمىسا كېرەك . شۇنىڭ ئۈچۈن دېمەك يەر يۈزىدىكى ھەممە ئادەم ئەخلاقلىق ئادەم بولۇپ چىقىدۇ . ئەگەر ئادەملەر ئۆلچىمىگە قويۇپ قويىدىغان بولساق ، بىرەر ئەدەبسىز ، ئەخلاقسىز ئادەم يوق . ھەتتا ھاياتى بۇيى ھاياتى داۋامىدا ئوغۇرلۇق بىلەن . تىرىكلىك ئۆتكۈزىۋاتقان ئادەم ، ھەممە ئادەم شىرىن ئۇيقىدا ئارام ئېلىۋاتقان ۋاقتىدا ، مەن ئەجىر قىلىپ قورقۇنچ بىلەن تېپىۋاتقان پۇل- ماللار نېمە ئۈچۈن ئەخلاقسىزلىق بولىدۇ ، دەيدۇ .نېمە ئۈچۈن مېنىڭ تاپقان پولۇم ھارام بولىدىكەن دەيدۇ .
ئۆزى پاھىشە بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار ھەم ، بىراۋنى پايدىلاندۇرۋاتقانلىقىنى ، جەسىدىنىڭ راھىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئېيتىش بىلەن ، بۇ ھەم مەن ئەڭ ئەخلاقلىق ئادەم مەن دەپ دەۋا قىلىشى مومكىن ، ئۆزىنى بازاردا ، كوچىلاردا جامالىنى ، نومۇسىنى سېتىپ ، ئۆزىنىڭ پاھىشۋازلىقى بىلەن يۈرگەن ئايال ھەم مەن جەمىئەتكە زىننەت بولۇپ تۇرۇپتىمەن ، نېمىگە ئەخلاقسىز بولىمەن دەپ دەۋا قىلىشى مومكىن ، مەن ئادەملەرنى پايدىلاندۇرۋاتىمەن دەپ دەۋاقىلىشى مومكىن ، ۋەھالەنكى ھاياتتا ئەڭ شەرمەندىلىك بولغان ئەخلاق مانا بۇ ئەخلاقتۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن بىزدە بىر ئاساسىي ئۆلچەم بولىشى كېرەك ، بۇ ئۆلچەم ئۆزگەرمەس بولىشى كېرەك . بۇ ئۆلچەم دەۋرلەر ئۆتىشى بىلەن ئۆزگەرمەس بولۇپ قېلىشى كېرەك . زاماننىڭ ھاياتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ھازىرقى جاھىلىي ئادەملەرنىڭ ، تەلەپپۇزى بىلەن ئېيتقاندا ، تەرەققىيات راۋاجلانغانسىرى ، دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشىدۇ ،  بۇنداق نەرسىلەر بىلەن ئۆزگەرمەس بولغان بىر ئۆلچەم بولىشى كېرەك . ئەگەر بۇ ئۆلچەم بولمىسا ، بىر دەۋردە ئەخلاقلىق بولغان ئادەملەر . دەۋرلەر ئۆتىشى بىلەن ئەخلاقسىز ئادەملەرگە ئايلىنىشى مومكىن . تارىختا ئۆزلىرىچە ئادەملەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىگەن ئادەملەر ، كىيىنكى دەۋردە بۇلار بىر كېرەكسىز زىيان سالغۇچى ئادەملەر دەپ ئۆلچەپ قۇيىلىشى مومكىن ،
نېمە ئۈچۈن ؟ ئۆلچەم ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ، دېمەك بۇ يولغا نە مال ، نە ھەركەت ، نە كۈچ سەرىپ قىلىنىشىقا ھاجەت يوق بولۇپ قالىدۇ . قېنى كىشىلەرگە بىر سوئال قىلايلىكى ، بۇ ئۆزگەرمەس ئۆلچەم كىمدە بار . تارىخ بىزگە گۇۋاھكى ھازىرقى ھايات ھەم گۇۋاھكى ، ئېلىپ مېڭىۋاتقان يوللارنىڭ ھەممىسى ئۆزگىرىۋاتىدۇ . ئادەملەرنىڭ بىردەۋردە بولغان پاكىزلىقى ، كىيىنكى دەۋردىكى ئادەملەرنىڭ ئۆلچىمىدە قالاقلىق بولۇپ ئۆلچەندى . دېمەك ئۆزگەرمەس ئۆلچەم ، ھېچقايسى ئادەملەرنىڭ ئالدىدا يوق ، لېكىن ئەھلى ئىسلام مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىدىلا بۇ ئۆزگەرمەس ئۆلچەم بار. بۇ ئۆلچەم ئىسلام ئۆلچىمىدۇر . بۇ ئۆلچەم اﷲ تەرەپتىن كەلگەن ئۆلچەمدۇر ،بۇ ئۆلچەم ئىنسانىيەتنىڭ بىرىنجى ئاتىسى ۋۇجۇدقا كەلگەن ۋاقىتتا بېرىلگەن ئۆلچەمدۇر ، ۋە بۇ ئۆلچەم قىيامەتكىچە ئۆزگەرمەس بولۇپ قالغۇچى ئۆلچەمدۇر . بۇ ئۆلچەم مۇكەممەللىشىپ بارغان ئۆلچەمدۇر. يەنى ئىنسانىيەت گوياكى ئىلگىركى پەيغەمبەرلەر تارىخىدا گۆدەكلىك باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتكەن . بۇ گۆدەكلىك باسقۇچى كامالەت يېشىغا يەتكۈچە اﷲ سبحانه وتعالا ئۇلارنى تەربىيە قىلدى . كامالەت يېشىغا يەتتى . بۇ دەۋر رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم  نىڭ دەۋرى بولدى . بۇ كىشى بىلەن رىسالەتكە(ئەلچىلىك) كە مۆھۈر بېسىلدى . رىسالەت توختىدى . رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى كەلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەخلاقنى راۋاجلاندۇرۇپ كېتىۋاتقان بۇرادەرلىرىنىڭ   ئەخلاقنى مۇكەممەللەشتۈگۈچى زات بولۇپ قالدى.
مانابۇ سۆزلەرنىڭ مەناسى ھەم . مەن ئەخلاقلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دېمىدى.« بعثت لأتمم مكارم الأخلاق»( مەن گۈزەل ئەخلاقلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدىم.)دېدى . دۇنيادىكى قايسىبىر ئىنسانىيەتتە بولغان ئەخلاق بۇ رىسالەت مېۋىسىدىن يىيىش نەتىجىسىدە شۇ ئەخلاق ۋۇجۇدقا كەلگەن . مەيلى بۇنى تەن ئالسۇن ، مەيلى تەن ئالمىسۇن . ئىنساپلىق تائىپىلەر تەن ئېلىشماقتا . شۇ يەردە بىز باشقا جامائەلەرنى قويىمىزدە ئۇلار بىلەن ئىزدەنمەيمىزدە . مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بولغان ئۇمۇمى ئىسلامى ئاساسى ئەخلاقلار ھەققىدە بىز ئىزدىنىمىز ، بۇ ئىزدىنىش جامى دېگەن سۆزۈمدىن بىلىنسۇنكى ھەممە تەرەپتىن ، ئۆزئىچىگە ئالغۇچى ئەخلاقلار ، بۇ موسۇلمان كىشى بىلىشى زۆرۈر بولغان ۋە ھازىرقى جەمئىتىمىزدىكى موسۇلمانلىقنى دەۋا قىلغان كىشىلەر ، كەمتۈك قېلىپ قالغان تارماق شۇ بولسا كېرەك ،(واﷲ ئەئلەم)ھەممىمىز يادقا بىلىدىغان سۈرە (ئەستەئىزۇباﷲ) « ئەسىر »  مۇسۇلمان كىشىنىڭ تۆت ئەخلاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى
.اﷲ سبحانه وتعالا ئەسىر ۋاقىتقا (ھەرخىل مەنالار بار ، شۇ بىرسىنى تاللايمىز ،)قەسەم ئىچىپ ، ۋاقت قەدىر-قىممەتلىك نەرسە بولغانلىقى ئۈچۈن . ئىنساننىڭ قەتئىي زىياندا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ، تۆت كىشىنى تۆت ئەخلاق ئېگىسىنى مۇستەسنا(سىرتىدا)قىلدى . بىرىنجى ئىمان كەلتۈرگەن كىشىلەر ، ياخشى ئىش قىلغۇچىلار ۋە بىر بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلغان كىشىلەر ۋە سەبىرنى ۋەسىيەت قىلغان كىشىلەر ،مانا مۇشۇ تۆت سۈپەتنى ئېگەللىمىگەن ، كىشىلەرنىڭ ھەربىرى زىيان ئىچىدە ئىكەنلىكىدە شەك يوق دېدى . ئەگەر شۇ سۈپەتلەر ئېگەللەنمىگەن بولسا ، بۇئادەم زىياندىن باشقا نەرسىدە ئەمەس . ئەۋۋەلقى ئىككى خۇلق ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل ، ئىسلامنى دەۋا قىلغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە تېپىلىشى مومكىن ، ئەمما ھەقنى ۋەسىيەت قىلىش ، ھەق يولىدىكى كۆرەشتىكى سەبىرنى ۋەسىيەت قىلىش ، بۇ ھەممە مۇسۇلمانلاردا تېپىلىدىغان سۈپەت ئەمەس ، بىز شۇ يەردە ئەۋۋەلقى سۆزىمىزدە ئۇمۇمى ھەممە نەرسىنى ئۆزئىچىگە ئالغۇچى خۇلقلار دېگەن سۆزىمىزدە توختۇلۇپ ئۆتىمىز ، ئەۋۋەلقى زامانى سائادەتتىكى مۇسۇلمانلارغا بىر نەزەر تاشلايلى . ئەۋۋەلقىم مۇسۇلمان كىشى ئىسلام شەرىئەتىگە ئالىم بولغان ، يەنى ساھابىلار ئىسلامنى مۇكەممەل بىلگەن ،ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە زاھىد بولغان ، (يەنى دۇنيانى قەلبىگە جايلىمىغان)دۇنيا قوللىرىدا بولغان ، ئالىم بولۇش بىلەن بىرگە ، عابد(يەنى ئىبادەت قىلغۇچى)سۈپەتكە ئېگە بولغان ،قايسى بىر ئىبادەتنىڭ تارمىقىنى ئالسىڭىز ، شۇنىڭدا كامىل بولغان ،
ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالىم بولۇپ ، دۇنيانى قەلبىگە ئۇرۇنلاشتۇرماي ، قولىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىبادەتتە ، تەھەججۇت ئوقۇغۇچى ، ئىبادەتلەرنى مۇكەممەل بىجىرگۈچى بولۇش بىلەن بىرگە ، جەڭ مەيدانىدا جەڭچى بولغان ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دەۋەت مەيدانىدا كۈچلۈك داھى بولغان ، ھەرقانداق كەمبەغەل ئادەمنىڭ كەمبەغەللىكىگە رەھمى كېلىپ ، ھەقنى ئېيتماي قويمىغان ، دۆلەتمەن ئادەمنىڭ دۆلىتىنى رىئايە قىلىپ ، ھەقنى ئيتماي قويمىغان ، زالىمنىڭ زۇلمىنى رىئايە قىلىپ ، ھەقنى ئېيتماي قويمىغان . ھەربىر ئورۇندا ھەققە دەۋەت قىلغۇچى بولغان . جۈرئەتلىك بولغان ، ۋە ئۇچۇق-يۇرۇق بولغان ، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بايان قىلالىغان ، ۋە ھېكمەتلىك ھەم بولغان . ۋە يەنە شۇنداق تىللىق ، ناتىق بولغان ، يەنى خەقنىڭ ئالدىدا كىم ناتىق بولسا نۇتۇقنى توختىتىپ قويىدۇ . ئەگەر ھەرقانداق ناتىق ئادەم ئۆزى جىنايەتچى ئەيىبكار ئادەم بولسا، نۇتىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ ، ۋە ھەمدە  پىكىردە سىياسى بولغان ، ھەركىم ئۇنى ئالداپ كېتىدىغان كىشى بولمىغان ، ۋە ھەربىرىنى بىر ئىدارە ئورۇنغا قويسا ئىدارە قىلالىغان ، ۋە زىرەك بولغان ناھايەتتە پاراسەتلىك بولغان ، يەنى بىراۋغا ئالدانمايدىغان بولغان ،بىر مۇسۇلمان كىشىنى كەچ ۋاقتى كۆرسىڭىز تەھەججۇدتا سەجدە قىلىپ يىغلاۋاتقان بولسا ، بۇ ئادەم بۇنداق ئىبادەت بىلەن كۈندىزى دەم ئالىدۇ دىسىڭىز ، كۈندىزى جەڭ مەيدانىدا مۇجاھىد بولغان ، شۇ ئادەمنىڭ ئۆزى شەرىئەت ئىلمىنى سورىسىڭىز ، ئالىم بولغان ،شۇ ئادەم يەنە بىراۋغا مۇھتاج بولىدىغان تەمەخور بولمىغان ، ئۆزىنىڭ دۆلىتى قولىدا بولغان، ياكى كەمبەغەل بولسا مەنىۋى جەھەتتىن ناھايىتى باي بولغان ، مەنىۋىي تەرەپتىن قاششاق بولمىغان، ئەگەر بۇنى ھەربىر ساھەدە تەكشۈرۈپ كۆرسىڭىز ئىسلامى ئەخلاق ئېگىسى بولغان ، مانا بۇ زامانىي سائادەتتىكى موسۇلمان كىشىنىڭ ، كىيىنكى دەۋردە پەيدا بولغان مۇسۇلمان كىشىدىن پەرقى شۇدۇر بۇرادەرلەر .

كىيىنكى ۋاقىتتىكى موسۇلمانلارنىڭ پەرقى قەيەردە ؟ئۇلار شەرىئەت ئالىمى بولسا ، مۇتەخەسىسلىك مەيدانىدا ھىچنەرسىدە يوق ، ئەگەر بىرەر زالىمغا خىتاب قىلىشقا توغرا كەلسە ، ئەڭ ئارقىدا تۇرغۇچى كىشى بولغان. بىرەر –بىر كىشىدە جۈرئەت شۇنداق ھەيبەت بولىدىغان بولسا ، شەرىئەت ئىلمىدىن مۇتلەق بىخەۋەر  بەزى كىشىلەرگە ئىسلام يولىدا ، اﷲ نىڭ يولىدا مېلىڭىزنى سەرىپ قىلىڭ دېسىڭىز ، ناھايىتى كۆپ مىقداردا سەرىپ قىلالايدۇ ، لېكىن پەرزەنتىڭىزنى تەربىيە قىلىڭ دېگەن ۋاقىتتا ، پەرزەنتنى تەربىيە قىلىشتا ھىچنىمە قىلمايدۇ . بەزى كىشى كېچىسى تۇرۇپ تەھەججۇد ئوقۇيدۇ . نامازنى يىغلاپ ئوقۇيدۇ ، ئەمما ھالال كەسىپ قىلىش مەيدانىدا ، ھېچنىمە قىلمايدۇ ، ئەگەر شەرىئەت جىددىي ھالەتتە بولىدىغان بولسا ، ئۇ شەرىئەتكە خىلاپلىق قىلغۇچى كىشىنىڭ بىرىنجىسى بولۇپ قالىدۇ . ئەمما كېچىسى تۇرۇپ يىغلاپ ئىبادەت قىلىش ، بەش ۋاقت نامازنى جايىدا ئوقۇش ، جامائەت بىلەن بىللە ئوقۇشتا ھەممىسى جايىدا ، لېكىن پەرزەنتلىرىنى تەربىيە قىلىشتا ھىچنىمە قىلمايدۇ ، بەزىبىر كىشى قۇرئان كەرىمنى يادقا بىلىدۇ ، قۇرئان كەرىمنى توغرا ئۇقىيالايدۇ ، ھەرىپلىرىنى جايىدىن چىقىرىپ ئوقۇيدۇ . ئەمما ئىسلامىي ئەخلاقلاردىن بىرەر-بىر جۈرئەت مەيدانىغا سالسىڭىز ، ئۇنىڭدىن قورقۇنچاق ئادەم يوق ، بەزىبىر كىشىلەر زاكاتنى شۇنداق بېرىدۇكى ، بىرىنجى كۈنىدە ئادا قىلالايدۇ ، لېكىن ئۆزىگە قارىسىڭىز ئۆيىدىكىلىرىگە قارىسىڭىز ، ئىسلامدىن باشقا ھەممە نەرسە بار. بەزىبىر كىشىلەر نەپلە روزا تۇتۇش مەيدانىدا ناھايىتى مۇستەھكەم ، لېكىن ئىلىم تەلەپ قىلىڭ دىسىڭىز ،مۇتلەق ئىلىمدىن بىخەۋەر ، شەرىئەتنى ، قۇرئاننى ئوقۇشنى ھىچقانداق خالىمايدۇ ، ئۇمۇمى قىلىپ ئېيتقاندا مۇسۇلمانلار ئاڭ نوقتىنەزەرىدە ھەممىدىن ئارقىدا قالغان ، مۇتەخەسىس (تەكشۈرۈش) ساھەلىرىدە مۇتلەق ھىچكىم قالمايدۇ .

مانا بۇ كىيىنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزگىرىش ھالىتى مانا بۇيەرگە كېلىپ قالغان ، شۇ يەردە بىر ھىكايىنى ئېيتىشتىن ئىلگىرى شۇنەرسىنى ئېيتىپ ئۆتىشىمىز كېرەككەن ، مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىدىكى مۇنازىرلەرگە قارىسىڭىز ، ياخشىلىق تەرەپ بىلەن كۆرمەكچى بولسىڭىز ، ئابايقى ئېيتىپ ئۆتكەن زاكات بېرىدىغان كىشىنى ، زاكاتنى ناھايىتى ۋاقتىدا بېرىدىغان ئۇلۇغ كىشى دەپ ماختىشىڭىز مومكىن ، ئەمما يامانلىماقچى بولسىڭىز ،ئىسلامدا پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەشتە ھېچنىمە قىلمايدۇ ، ھەممە پەرزەنتى ناماز ئوقىمايدۇ ، ئىبادەتتە يوق ، لېكىن زاكاتنى بىرىنجى كۈندە بىرىشلىكدىن گەپ قىلسىڭىز تىزلا قۇشىلىدۇ ، پەرزەنتلىرىنى مۇكەممەل تەربىيەلەۋاتقان كىشىگە قارىسىڭىز ئۆزى قۇرئاننى تەجۋىد بىلەن ئۇقىيالمايدۇ ، ياكى شەرىئەت ئىلمىنى ئۆگىنىشكە ئۆزى ھەركەت قىلمايدۇ . پەرزەنتىنى ئوقۇتۇشقا دائىم تەييار ، مالىنى ھەرقانداق جايغا سەرىپ قىلىڭ دەپ ئۆگەتسىڭىز ، ماقۇل دەپ سەرىپ قىلغان كىشىگە ، ئىسلامنىڭ باشقا مەيدانلىرىدا تۇرۇپ قارىسىڭىز ، ھىچنىمىدە يوق . ئوتتۇرىدىكى مۇنازىرلەر مانا بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇكى ، مۇبادا بىر كىشى ئىسلامغا خىزمەت قىلۋاتقان بىركىشىدىن يامانلىماقچى بولسا ، بۇ كىمتى قۇرئاننى دۇرۇس ئوقىيالمايدۇ دەيدۇ ، گېپى توغرا ، ھەقىقەتتە قۇرئاننى دۇرۇس ئوقىيالمايدۇ . قۇرئاننى دۇرۇس ئوقىۋاتقان كىشىنى مالامەت قىلىۋاتقان كىشى ، بۇ كىمتى ئۆزى قۇرئاننى دۇرۇس ئوقىغان بىلەن   پەرزەنتلىرى ھەممىسى دىندا يوق دەيدۇ ،بىركىشى پەرزەنتلىرىنى ھەم تەربىيە قىلغان بولسا، ئۆزى ئىلىمدىن بىخەۋەر ، ياكى زاكات بېرىشكە بىپەرۋا، ياكى ئىبادەتلەرگە  بىپەرۋا، مانا بۇ تەرەپ بىلەن مالامەت قىلىمىز ،مىسالى شۇنىڭغا ئوخشايدۇكى ،بىر ھىكايە بار ،
  بەزىبىر ئەما كىشىلەر ھىندىستان مەملىكىتىگە بېرىپ ، ھىنداستان مەملىكىتىدە پىل دەيدىغان نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغانىدۇق ، شۇ پىلنىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇتۇپ كۆرسەك (ئۇلار كۆرەلمەيدۇ)بۇلار پىلنىڭ ئالدىغا بارغاندىن كىيىن پىلنىڭ پۇتىنى تۇتۇپ ، بۇ پىل يوغان بىرنەرسىكەن دېگەنلىكى ، ئىككىنجىسى قۇلىقىنى تۇتۇپ ، ياپىلاق يۇمشاق نەرسىنى ھېس قىلىپ پىل دېگەن شۇنداق نەرسىكەندە ،ئۈچىنجىسىنى پىلنىڭ ئۈستىگە مىندۈرۈپ كۆرۈلگەندىن كىيىن ،ئۇ پىل كەڭرى بىرجايكەندە بۇلار يۇرتلىرىغا كەلگەندىن كىيىن ،بۇلار ھىندىستانغا بېرىپ كەلگەندىن كىيىن ، بۇلار پىل دەيدىغان نەرسىنى تۇتتۇق ، پىل قانداق بولىدىكەن؟ دىسە پۇتىنى تۇتقان ئادەم پىل يوغان بىر نەرسىكەن دىسە ، يالغان ئېيتىۋاتىسەن ، پىل دېگەن ياپىلاق يۇمشاق نەرسە بولىدۇ ، دىسە ئۈچىنجىسى يالغان ئېيتىۋاتىسەن پىل دىگەن نەرسە كەڭ مەيدان بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇرسا بولىدىغان دەپ مۇنازىرە قىلغانغا ئوخشايدۇ ھازىرقى سوئاللار، ئىسلام نېمە؟ دىسە سىز ئۆزىڭىزدە پەقەت ئىسلامدا بەش ۋاقت ناماز ئوقۇيسىز ، پەرزەنت تەربىيەسى بىلەن كارىڭىز يوق ، ئىسلام نېمە ؟ دىسە سىز ئىسلامدىن بەش ۋاقت نامازدىن گەپ قىلسىز ، پەقەت شۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئوقىشى ھەققىدە بولغان ساۋابلار ۋەدىلەرنى ئاڭلايسىز خالاس ،
پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدە بىر نەرسىنى ئاڭلىمىسىڭىز ، پەرزەنتنى تەربىيە قىلىۋاتقان ئادەم ئۆزىنى تۈزىتىش ھەققىدە بىرنەرسە ئاڭلىمىسا پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدىكى ئەجىرنى ئاڭلىسا ، دىن نېمە ؟ دىسە پەرزەنتنى تەربىيە قىلىش دىسە ، بەزىبىر كىشىلەر زاكاتنى ۋاقتىدا بېرىش ، بۇ مىڭ ئەمەل قىلغىنى بىلەن بىكار ، زاكات ئىسلامدىكى پەرز ، ئىسلامدىكى پەرزنى قىلمايدۇ ،ئىسلام زاكات دەيدۇ ، ئەنە شۇنىڭغا ئوخشىغان بىز ئۆزىمىزدىكى كەلتۈرگەن نەرسىنى تەكشۈرۈپ كۆرسەك ، ھەممىمىزدە ئىسلامى ئەخلاقنىڭ بىردىن ئايىقى ، قۇلىقى، تۆپىسى بار بولغانغا ئوخشايدۇ ، بىز پەقەت ياكى پىلنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان ئادەممىز ياكى پىلنىڭ پۇتىنى تۇتقان ئادەممىز ، ياكى پىلنىڭ قۇلىقنى تۇتقان ئادەممىزدە ، پىلنىڭ باشقا جايىنى بىلمەيمىز .پىل توغرىسىدا شۇ ئادەملەرنىڭ ئېيتقىنى توغرا ھەمدە خاتا ، توغرىلىقى ئېيتقان قىسمىدا توغرا ، لېكىن خاتالىقى مۇكەممەل ئەمەسلىكىدە خاتا ، بىزنىڭ بەزىبىر ئىسلامىي ئەخلاقلىرىمىز ھەم شۇنداق بولۇپ قالغان ، ۋە شۇ ھەقتە ئاڭلاشنى خالايمىز . ئۇنىڭ ئۆزىمىگە قارشى بولغان ، ئۆزىمىزدە يوق بولغان نەرسىنى ئاڭلاشنى خالىمايمىز ، مانا شۇنىڭ بىلەن بىز ئىسلامنى يوقىتىپ قويدۇق بۇرادەرلەر، ۋە دۈشمەنلەر ھەم بىزگە باشقا نەرسىنى چۈشەندۈرىشى ئاسان بولدى . مەسىلەن :دۈشمەن ئۆزىنىڭ مەخسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىسلامدىكى نەرسىدىن پايدىلىنىدۇ . مۇبادا سىزنى ئىشلەتمەكچى بولسا ، بىراۋغا خىزمەت قىلىشنىڭ ساۋابى كۆپ شۇنداقمۇ دەيدۇ . بىراۋغا خىزمەت قىلىشنىڭ ساۋابى كۆپ بولسا سىز ماڭا خىزمەت قىلىڭ دەڭ . دۈشمەنگە ئېيتىڭ .سىز بىلەن بىر دۈشمەن ئۇرىشىۋاتقان بولسا ، يېڭىلىپ قالغان ۋاقتىدا ئىسلامدا كەچۈرۈشنىڭ ساۋابى كۆپقۇ دىسە بۇنى سىزگە قويدۇم مېنى سىزكەچۈرۈڭ مەن كەچۈرمەيمەن دەڭ .
ئىسلام ھەلىم(مۇلايىم )لىقنى ياخشى دېگەن .لېكىن سىز بىلەن بىر ئادەم ئۇرۇشۇپ يېڭىلىپ قالغاندىن كىيىن ھەلىملىقنىڭ ياخشىلىقىنى سىزگە ئېيتسا ، ھەلىملىقنى مەن سىزگە قويدۇم دەڭ . مۇسۇلمان كىشى ئاڭلىق بولۇپ زىرەك بولىشى شۇكى .دۈشمەنگە ئالدانماسلىقى ، دۈشمەن ئىسلامدىكى بار نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ پايدىسىغا ئىشلەتمەكچى بولىدۇ . موسۇلمان كىشى ئەگەر ئەخلاقى جامى بولسا ھەممە تەرەپتىن كامىل بولسا، ئۇ دۈشمەننىڭ ھىيلىسىگە ئالدانمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ھازىرقى ۋاقىتتىكى مۇسۇلمانلار ، ئىسلامىي جامى ئەخلاقنىڭ ئېگىسى ئەمەس . لېكىن ئىسلام ئەخلاقلىرى يوق دېمەكچى ئەمەسمەن. ئىسلامى ئەخلاق بار ، ياكى ئايىغى بار ، ياكى قولىقى بار ، ياكى ئۈستى بار . باشقا تەرىپىنى كۆرمەيدۇ . ياكى كۆرمەسكە سالىدۇ. ياكى كۆرۈشنى خالىمايدۇ . مانا بۇ نەرسە نەتىجىسىدە ، مۇسۇلمان شەخسىيەت بارلىققا  كەلمىگەن رسول اﷲ صلى اﷲ عليه وسلم نىڭ دەۋرىدە ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنى بىلگەن مۇسۇلمانلار بولۇش بىلەن بىرگە دىندىن باشقا بولسا ، ئاتا-ئانىدىن ۋاز كىچىشنى ھەم بىلگەن. شۇ ئادەم پەرزەنتىگە ياخشىلىق قىلىشنى بىلگەن ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پەرزەنتى دىندا بولمىسا ، پەرزەنتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئالاقىنى ئۈزگەن .
دىندا ھەرقانچە مال-دۆلەتنى دىننىڭ راۋاجى ئۈچۈن بەرگەن . ئەمما بىرتەڭگىنى دىنغا زىيان بولىدىغان بولسا بەرمىگەن ، ھەتتا زالىم پادىشاھلار. ناماز ئوقۇيدىغان روزا تۇتىدىغان لېكىن زالىم پادىشاھ ،شۇ پادىشاھ بىر ئالىمدىن بىر نەرسە يېزىش ئۈچۈن قەلىمىنى سورىغان ۋاقىتتا ، قەلىمى يوق دىسەم يالغان گەپ قىلغان بولىمەن . قەلىمىم بار بولۇپ ساڭا بەرسەم بىرەر-بىر زۇلۇمنى يازساڭ ، ساڭا شېرىك بولۇشتا اﷲتىن قورقىمەن . دەيدىغان مۇسۇلمان ھەم بولغان ، ۋە ھەم شۇ مۇسۇلمان جېنىنى ۋە مېلىنى دىن يولىدا بېرەلىگەن ،ئەمما قەلىمىدە زۇلۇمنى يېزىپ قويۇشتىن اﷲنبىڭ ھوزۇرىدا قورققان . بىز مانا بۇتەرەپتىن نوقسانلىقمىز . بىز قۇرئانغا ھەربىر ھەرىپنى ئوقىسا قانچە ساۋاب بولىشىنى بىلىمىز . ئەمما قۇرئاننىڭ بۇيرۇغىنى مۇتلەق قىلمايمىز .  رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم گە مۇھەببەت قىلىمىز ، اﷲ نى ياخشى كۆرىمىز تىلىمىز بىلەن ، لېكىن اﷲ نى ياخشى كۆرگەنلەر رسول اﷲ قا ئەگەشسۇن ، دېگەن بۇيرۇققا ئىتائەت قىلمايمىز . مانا بۇ ئەخلاق بىزدە تېپىلمايدۇ بۇرادەرلەر ، بىزنىڭ كەمتۈك بولغان تەرىپىمىز شۇيەردە ، ھازىرقى ۋاقىتتا بىرەر مەسجىد قۇرۇلىشىدا ، پىداكار بولۇپ خىزمەت قىلىشىمىز مومكىن. لېكىن مەسجىدنى ئاۋات قىلىدىغان كىشىلەرنى تەربىيە قىلىش ھەققىدە بىپەرۋا بولىشىمىز مۇمكىن .
توغرا، بىركىشىنىڭ ئىمكانىيتىدە ھەممە ئىشنى قىلىش مومكىن بولماي قالىدۇ . لېكىن ئاساسى ئىسلامى ئەخلاقلارنى قىلىش تاقەتتىن تاشقىرى نەرسە ئەمەس بۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن مانابۇ ساھەدە . بىز ئويلاپ قويىشىمىز كېرەك . بەزى كىشىلەرنى نامازنى ئوقۇشىدۇ ، روزىنى ھەم تۇتىشىدۇ . ھەممە ئىسلامدىكى ئەمەللەرنى قىلىدۇ . اﷲ ئۈچۈن اﷲنىڭ دوستىنى ياخشى كۆرۈش ، اﷲ ئۈچۈن اﷲنىڭ دۈشمىنىنى يامان كۆرۈش سۈپىتى يوق .قەلبىدىن دىندار ئەھلى تەۋھىدنى يامان كۆرۈپ ،بۇنىڭ بىلەن كېلىشەلمەيدىيۇ ، لېكىن دىننىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بىلەن كېلىشىپ كېتىۋېرىدۇ . مانا بۇ ساھەلەردە بىزتەكشۈرۈپ قارىساق بىز ئۇمۇمى ئىسلامى ئەخلاقلارنى ئۆزىمىزدە گەۋدىلەندۈرالىغان ئەمەسمىز . مانا بۇنەرسە بىزنىڭ ئىسلامدىكى نوقسانىمىزنىڭ ئەڭ كاتتىسى شۇدۇر .اﷲ سبحانه وتعالا رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم گە شۇنداق زاتلارنى بەردىكى ، ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردىكى ، ئەگەر شۇيولدىن قايتىپ كەتسە ، اﷲ باشقا بىر تۆت سۈپەتكە ئېگە بولغان كىشىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىشىنى (ئەستەئىزۇباﷲ)ئى مۇئمىنلەر! سىلەردىن كىمكى مۇرتەد بۇلىدىكەن اﷲ (ئۇنىڭ ئورنىغا) اﷲ ئۇلارنى دوست تۇتىدىغان ئۇلارمۇ اﷲ نى دوست تۇتىدىغان مۇئمىنلەرگە كۆيۈنىدىغان كافىرلارغا شەپقەتسىز اﷲنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ.)
بۇ (يەنى يۇقىرىدىكى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىش) اﷲ نىڭ پەزىلدۇركى اﷲ ئۇنى (بەندىلىرىدىن) خالىغان كىشىگە بېرىدۇ (اﷲ نىڭ پەزىلى) كەڭدۇر اﷲ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.) . بىرىنجى ئەڭ ئىسلامى ئەخلاق ئېگىسى بولغان جامائەت كىم ؟ اﷲ ياخشى كۆرگەن ،ۋە اﷲ نى ياخشى كۆرگەن جامائەتتۇر . مانا بۇ سۈپەت بولىشى كېرەك .بىز ھەممىمىز اﷲ نى ياخشى كۆرىمىز دەيمىز. لېكىن اﷲ نى ياخشى كۆرىمەن دېگەن كىشىنىڭ دەۋاسى نېمە بولىشى كېرەك . بۇ دەۋاسىنى ئىسپاتلىشى ، (ئەستەئىزۇبىللاھ)« قُلْ إِن كُنتُمْ تُحِبّونَ اﷲ فَاتّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اﷲ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ وَاﷲ غَفُورٌ رّحِيمٌ»(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى «ئەگەر سىلەر اﷲ نى دوست تۇتساڭلار ماڭا ئەگىشىڭلاركى اﷲ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغفىرەت قىلىدۇ اﷲ ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر ناھايىتى مېھرىباندۇر). دېمەك اﷲ نىڭ بىزنى ياخشى كۆرىشى ئۈچۈن ،رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم  گە ئەگىشىشىمىز كېرەك . شۇندىلا اﷲ بىزنى ياخشى كۆرىشىدە شەك-شۈبھە قالمايدۇ .
چۈنكى اﷲ :يحببكم اﷲ (اﷲ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ) دېدى . ئۆزى ياخشى كۆرگەن بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرىدۇ . بىز بىر ئىشنى قىلىشتىن ئىلگىرى ، رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم  نېمىگە بۇيرىغان دېگەن مەسىلە ھەققىدە باش قاتۇرىشىمىز كېرەك . ئۆزىمىزنى ھەممە ساھەدە ئوخشاتماقلىقىمىز كېرەك . ئىككىنجى سۈپەت:مۆمىنلەرگە مۇلايىم ، بەزى كىشىلەر ناھايىتى مۇلايىم ، لېكىن ھەممىگە بىرخىل مۇلايىم ، دىندارمۇ ، دىنسىزمۇ ھەممىگە بىرخىل مۇلايىم .ئۈچىنجىسى  اﷲ ياخشى كۆرگەن جامائەت كىم؟ مۆمىنلەرگە مۇلايىم، كافىرلارغا شەپقەتسىز بولغان ،كافىرلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئالى تۇتقۇچى، دىنسىز ئادەمنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچى ،ئەمما مۆمىنلەرگە مۇلايىم بولغىچىدۇر . تۆتىنجىسى: اﷲ يولىدا مۇجاھىد، ھەممە ئىمكانىيىتىنى اﷲ نىڭ يولىدا سەرىپ قىلىدۇ . مانا بۇ اﷲ ياخشى كۆرىدىغان جامائەت نىسبەتلىرىدىندۇر .
ۋەيەنە بىر سۈپىتى بەشىنجى سۈپەت دەپ ئېيتساق مالامەتچىنىڭ مالامىتىدىن ھەق يولىدا ھىچقانداق قورقمايدۇ . ھەربىر ئىشتا مالامەتچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدۇ . ئەۋۋەل اﷲ ۋە رسول بۇيرىغانلىقىنى ئېنىق بىلىۋالغاندىن كىيىن ،ئۇ مالامەتچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدۇ . مانا بۇساھابە كىراملارنىڭ سۈپىتى بولغان ، اﷲ سبحانه وتعالا مانا شۇ سۈپەتنى يوقاتساڭلار ،دىندىن قايتقانلىقنىڭ بەلگىسى دېدى . ئەگەر شۇ سۈپەتلەردىن قايتساڭلار ، اﷲ سىلەرنىڭ ئورنىڭلىغا مانا بۇنداق پاكىز جامائەتنى كەلتۈرىدۇ دەپ  ، ساھابىلاردەك پاكىز زاتلارنى قورقۇتتى .بۇ اﷲ نىڭ پەزلى اﷲ خالىغانغا بېرىدۇ . بىزنىڭ ھازىرقى ۋاقىتتىكى ھەربىر كىشى ، ئۆزى بىر ھالىتىنى تەكشۈرۈپ كۆرسە ، شۇ سۈپەتلەرنى بىردىن-بىردىن ، ھەربىر كىشىدە تېپىشىمىز مومكىن ، ئەمما بۇسۈپەتلەرنىڭ كۆپىنى بىر كىشىدە تاپالمايمىز. مانا بۇنەرسە مۇسۇلمانلار نوقسانلىق بولۇپ قالغان سۈپەتتۇر بۇرادەرلەر .
شۇنىڭ ئۈچۈن رسول اﷲ صلى اﷲ عليه وسلم« گۈزەل ئەخلاقلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتلىدىم ،» دېدى . دەرسىمىزنىڭ باش قىسمىغا قايتىمىز ، رسول اﷲ صلى اﷲ عليه وسلم گۈزەل ئەخلاقلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن بولسا ، گۈزەل ئەخلاق نېمە ئىدى؟ رسول اﷲ صلى اﷲ عليه وسلم دە كۆپ شەكىللەنگەنىدى، ۋە ئۇ كىشىگە ئەگەشكەن كىشىلەردە شەكىللەنگەنىدى. پەيغەمبىرىمىز صلى اﷲ عليه وسلمنىڭ مانا ئىلىمدىكى سۈپەتلىرى ئەۋۋەل ۋە ئاخىرنىڭ ئىلمى ماڭا بېرىلدى دېدى .« أوتيت القرآن ومثله معه پ»(قۇرئان ۋە قۇرئانچە ئىلىم ماڭا بېرىلدى) .دېدى رسول اﷲ صلى اﷲ عليه وسلم ئالىم بولۇش بىلەن بىرگە ئابىد ئىدى ،(يەنى ئىبادەتتە بۇكىشىنىڭ ئوخشىشى يوق ئىدى ، بۇ كىشىنىڭ كېچە بىدارلىقى مانا ھەممىمىزگە مەلۇمكى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدە ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇخلىماستىن تەھەججۇدتا بولغان ، تەھەججۇد پەيغەمبەرىمىز صلى اﷲ عليه وسلم گە نىسبەتەن كۆپچىلىك مۇپەسسىرلەرنىڭ پىكرىدە پەرز بولغان ، باشقىلارغا مۇستەھەب بولسا ، ئەمما رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم  گە پەرز بولغان .(ئى مۇھەممەد!) كۈن قايرىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقىتقا قەدەر ناماز ئوقۇغىن. بامدات نامىزىنىمۇ ئوقۇغىن (كۈندۈزنىڭ ۋە  كېچىنىڭ پەرىشتىلىرى) چوقۇم بامدات نامىزىدا ھازىر بولىدۇ. ساڭا نەپلە (ئىبادەت) بولۇشى ئۈچۈن كېچىنىڭ بىر قىسىمىدا (نامازئوقۇشقا قۇرئان ئوقۇشقا)ئويغانغىن (ئى مۇھەممەد!)  پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى مەدھىيلىندىغان ئورۇنغا (يەنى بۈيۈك شاپائەت مەقامىغا) تۇرغۇزۇشى مۇھەققەتتۇر .)]مانا مۇشۇ ئايەت ئۇكىشىگە تەھەججۇدنىڭ پەرىزلىكىگە دالالەت قىلىدۇ دىيىشىدۇ.
رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم نىڭ ئابىدلىقى شۇ دەرىجىدىكى ، تەھەججۇدتا كۆپ قۇرئاننى تىلاۋەت قىلغانلىقىدىن ،سۈرە بەقەرە مىقدارىچە رۇكۇ سەجدە قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ ، رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم  نىڭ يېنىغا كەچ ۋاقتى كەلدىم ،ئۇكىشى نامازدا تۇرۇپتۇ .گوياكى قازان قايناۋاتقاندەك ئاۋاز يىغابىلەن ئىچىدىن چىقىپ تۇرۇپتۇ دېدى . رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم نىڭ ئىبادەتلىرىدەك ئىبادەت قىلغان كىشىنىڭ ئىبادىتى بىرەر قېتىم رىۋايەت قىلىنمىغان . رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم نىڭ روزىسى ھەققىدە ، بۇكىشى ئۇلاپ روزا تۇتاتتى .يەنى ئۈچ تۆت كۈنگىچە سەھەرلىك يېمەستىن روزا تۇتاتتى . ساھابىلەر بۇكىشىگە ئەگەشمەكچى بولغىنىدا ،، ئۇلاپ روزا تۇتۇشتىن توستى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلاپ روزا تۇتقان ئادەم كېچىلىك نامازدىن قالماستى . كەچقۇرۇندا ناماز ئوقۇپ كۈندۈزى روزا تۇتقان كىشى ، جىسمانىي تەرەپتىن شۇنداق قۇۋۋەتلىك ئىدىكى . ساھابىلەر خەندەكتە كولىشىۋاتقاندا بىر تاش چىقىپ كۆتىرەلمەي قالغاندا ، كۆتۈرۈپ ئېلىپ قويدى. رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم جىھاد مەيدانىدا بۇ كىشىدىن قورقماس ئادەم يوق ئىدى .
ئىش ئېغىرلىشپ كەتسە پەيغەمبىرىمىز  سەللەللاھۇ  عليه وسلم نىڭ ئالدىغا كېلىۋالاتتۇق. ئەڭ جۈرئەتلىك ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، خالىد ئىبنى ۋەلىد تەك كىشىلەرھەم ئىش ئېغىرلاشقاندا پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ  عليه وسلم نىڭ ئالدىغا كېلىۋالاتتۇق دەيدۇ . ھەربىر ئۇرۇندا تەكشۈرۈپ كۆرۈلسە ، پەيغەمبىرىمىز صلى اﷲ عليه وسلم ئۇلاپ روزا تۇتقان ،كېچىلىك ئىبادەتتە بولغان كىشى يەر يۈزىنىڭ سىياسى ئەربابلىرىغا خەت يازغىنىدا خەتلىرىنىڭ تەسىرىدىن لەرزىگە كېلەتتى . ئۇكىشىنىڭ ئالدىدا ، ئۇكىشىنىڭ ھەيبەتىدە ، ھەرقانداق جۈرئەتلىك كىشى ، ئۆزىنى يوقىتىپ قوياتتى . پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ  عليه وسلم نىڭ كېچىسى ئابىد ، كۈندۈزى زاھىت ، مۇجاھىد ،ھەممە ساھابىلەر پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ  عليه وسلم گە شۇ ساھەدە ئەگەشكەنىدى .ئۆزلىرىنىڭ ئىمكانىيتى بېرىچە، ئەمما بىزچۇ؟ بىز دۇنيا تېپىشقا چۈشسەك پۈتۈن ئىلىمدىن بىخەۋەر بولۇپ تۇرۇپ دۇنيا تاپىمىز . مۇبادا ئىلىم ئوقۇيدىغان بولساق ، ھاياتتىن پۈتۈنلەي جۇدا بولۇپ قالىمىز . ھاياتتا نېمە بولىۋاتىدۇ ، ئادەملەر نېمە دەرت تارتىۋاتىدۇ بىلمەيمىز . ھاياتتىن ، ئادەملەرنىڭ دەردى بىلەن يۈرسەك ، قۇرئاننى ھەپتىلەپ قولىمىزغا ئالمايمىز . يىگانە اﷲ سبحانه وتعالا تەرىپىدىن ئىنسانىيەتنى مۇكەررەم قىلىپ چۈشۈرۈلگەن ،قۇرئاننى قولىمىزغا ئالماي ئۆتۈپ كېتىمىز . نەفلى ناماز ئوقۇيدىغان بولساق ، پۈتۈن كەمبەغەللەرنىڭ ھەققىنى ئەستىن چىقىرىمىز ، قايسىبىر ساھەدە بولساق ، مۇبادا بىر  ئىلىم ئوقۇشقا ياشلارنى قىزىقتۇرىدىغان بولسا پەرزەنتلەرنىڭ تەربىيەسىدىن ۋاز كېچىۋالىدۇ .
مانا بۇنەرسە بىزنىڭ كەمتۈكلىكىمىز ۋە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۋاتقان نەرسە مانا شۇدۇر بۇرادەرلەر . شۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىپ بۇنەرسىنى بىز ئېگەللىشىمىز كېرەك . بىرىنجى بۇ ئەۋۋەلقى دەرسىمىز دە ئېيتقىنىمىزدەك اﷲ سبحانه وتعالا غا ئىمان سۈپىتىگە ئېگە بولىشىمىز كېرەك . ئىمان قەلبىمىزدە ناھايىتى كۈچلۈك بولىشى كېرەك . ۋە بىز ھەممە مەيداندا ھەركەت قىلالايدىغان بولىشىمىز كېرەك . رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم  نىڭ جۈرئەتلىرى يېرىم كېچىدە قاتتىق بىر ئاۋاز چىققان ۋاقىتتا ، ساھابىلارنىڭ ئىچىدە قورقماسلىق بىلەن، ۋە تېز يۈگۈرۈش بىلەن ،مەشھۇر بولغان سەلەمەتۇبنۇل ئەكۋە : يېرىم كېچىدە بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ چىقسام ،( ئۇ كىشىنىڭ يۈگۈرىشى شۇ دەرىجىدە بولغانكى بەزى ۋاقتلاردا ئالدىرغان كىشىلەرگە ئېتىنى بېرىپ ، سېلەر بېرىپ تۇرۇڭلار ئارقاڭلاردىن يېتىپ بارىمەن . دەپ ئاتلاردىن بۇرۇن بېرىپ بولاتتى .)شۇنداق يۈگۈرۈش بىلەن پالۋانلىق بىلەن مەشھۇر بولغان) رسول اﷲ سەللەللاھۇ  عليه وسلم نىڭ خاتىرجەم ئارمىڭلىنى ئېلىڭلار ، تىنچلىق دەپ كېلىۋاتقانلىقنى كۆردۈم . شۇنداق جۈرئەتلىك ئىدى . قايسى ساھەنى تەكشۈرۈپ كۆرۈلسە ، ھايا مەنزىلىدە ،«يۈزى ئېچىلمىغان قىزدىن ھايالىق ئىدى »، دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ .
(لېكىن باشقىلارنىڭ پەلسەپىسىدە . ھايالىق كىشىدىن ھىچقانداق ياخشىلىق چىقىشى مومكىن ئەمەس دەپ چۈشەندۈرىدۇ .) كۆزگە تىكىلىپ قارايدىغان ئاياللاردىن ، ھاياسىز ئاياللاردىنلا مەدەنىيەت چىقىشى مومكىن دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ . ھايا ئۇ كىشىنىڭ جۈرئەت يولىدىن توسمىغان . جۈرئەت مۇلايىملىق يولىدىن توسىمىغان . مۇلايىملىق دۈشمەنلەردىن قىساس ئېلىشتىن توسىمىغان ، قىساس ئېلىش ئادالەت يولىنى توسىمىغان .بۇنداق كاتتا ھەرىكەت بۇكىشىنىڭ كەمبەغەللەرگە مېھرىبان بولۇشتىن توسىمىغان . شۇنچىلىك كۈندۈزدىكى ھەرىكەت ، كېچىدە بىدار بولۇشتىن توسىمىغان ،كېچىدىكى بىدار بولۇش ، كۈندۈزدىكى ھەرىكەتتىن توسىمىغان .بىزچۇ ناۋادا كەچقۇرۇندا بىدار بولۇپ قالساق ،كۈندۈزى ئۇيقىغا غەرق بولۇپ كېتىمىز . مانا بۇساھەدە بىز بۇرادەرلەر مۇۋەپپىقيەتسىز بولۇپ قالغان نەرسە شۇدۇر . دۈشمەن شۇنىڭ ئۈچۈن . ئادەملەرنىڭ مەقسەتلىرى ئارقىلىق يولغا كىرىشىدۇ-دە ،دىنى ئىسلامدىن باشقا تەرەپكە بۇرۇپ تاشلايدۇ. خۇددى ھازىرقى دەۋردە ، كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىقتىساد تەرەپكە باغلاپ تۇرۇپ، باشقا تەرەپتىن تارتىۋېلىۋاتقانغا ئوخشىغان .ئىقتىساد تەرەپتە ماھىر بولۇشۇڭلارنى مەن خالايمەن .لېكىن بۇنەرسە دىندىكى ھەركەت يولىنى توسماسلىق شەرتى بىلەن بولۇشى كېرەك .
بىزنىڭ ئۆتكەن ئەجدادلارنىڭ ھاياتىغا نەزەر تاشلانسا شۇنچە مىڭ-مىڭ كىتاب يازغان زاتلار خەلقلەرنىڭ غېمىدىن بىخەۋەر قالمىغان ، ئۇلارنىڭ مەكتەبلىرىدىكى كىتاب تۈزۈپ يېزىشى ، خەلق بىلەن بىرگە بولۇشتىن توسالمىغان . ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ كىتاب يېزىشى ،جۈرئەتنى ھەم توسالمىغان ،ۋە كەمبەغەللەرنىڭ غېمىدىن خەۋەر ئېلىشتىن توسالمىغان . ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھنىڭ ھاياتىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، بۇكىشىنىڭ كۆپ دەسمايىسى باركەن شۇنىڭ بىلەن تىجارەت قىلاركەن .بىر يىلدا ئىككى قېتىم ۋە شۇنىڭدىن تاپقان پايدىنى بىرىنجى بۆلىدىغىنى سۇفيان سەۋرى ، سۇفيانۇبنۇ ئۇيەينە ، ئىككى مۇھەددىس كاتتا ئالىملارغا بىريىللىق پايدىنى بۆلۈپ قالغىنىنى تالىبلارغا ،ئاجرىتىپ بىرقىسمىنى ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىغا بېرىپ ، يەنەدەسمايىدە تىجارەت قىلىدىكەن .ئەبۇ ھەنىفەنى بىر ئادەم سودىگەر دەپ تۇنىمايدۇ . ئۇكىشىنى كاتتا ئالىم دەپ تۇنۇيدۇ . لېكىن ئۇكىشى سودا مەيداندا ،  مانا بۇنداق يوقىرى قىسمنى ئېگەللەپ تۇرۇپ كۆپ ياخشىلىق قىلالىغان . سودىغا كىرىپ كېتىش بىلەن بىرگە ، تەقۋادىن مەھرۇم بولۇپ قالمىغان . ئەبۇھەنىفەنىڭ ئۆزىنىڭ بىر خىزمەتچىسى بار ئىكەن .كىيىم سودىسى قىلغىنىدا ، ئىككى خىل توننىڭ سودىسىدا شۈبھە پەيدا بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن . شۇ سودىدا شۈبھە بولۇپ قالدى دەپ (ئەسلىدە ، مەسىلە شۇكى : بىر ئادەم سودا قىلسا سودىدا شۈبھە قىلسا شۇ سودىدىن بولغان پايدىنى باشقىلارغا ئيتماستىن بېرىۋېتىش كېرەك . ھارام مال بولۇپ قالسا . لېكىن دەسمايىگە قۇسۇر يەتمەيدۇ . بۇ كىشى دەسمايىسىنى قۇشۇپ بېرىۋاتقانىكەن .
شۇندا شۇ توننى ساتقان ئادەم ئېلىپ ئېيتقانكەنكى شۇ توننى ، مەن بۇندىن ئارتۇققا ساتالماستىم ، بىزتەرەپتە بۇندىن ئازغا ساتقان بولاتتىم ،مەن رازىمەن دېگىنىدە سەن مەن ئۈچۈن رازى بولساڭ . مەن شۇ مۆمىن بۇرادىرىم ئۈچۈن رازى ئەمەسمەن دېگەنىكەن .شۇنچە سودىنىڭ كاتتا مەيدانىىنى ئېگەللىگەن زاتنى بۇ سودا تەقۋالىقتىن توسالمىغان . ئەنە شۇندا ئەگەر كىشىدە ئىمان توپلىنىدۇ دىسە ، ئەنە شۇنداق مەيدانلارنىڭ ھەممىسىدە ھەركەت قىلالىشى مومكىن بۇرادەرلەر . بىر نەرسە بىر تەرەپكە كېتىپ قالمايدۇ . سودىدىكى يۇقىرىلىق تەقۋادىن توسالمايدۇ . تەقۋادىكى يوقىرلىق ئادەملەردىن تاما قىلىدىغان ھالەتكە ئېلىپ كەلمەيدۇ . بىز ئەگەر تەركى دۇنيا قىلىپ تەقۋا قىلىپ ئۆزىمىزنى تۈزىتىدىغان بولساق . كىشىلەرگە قاراڭغۇ ھالەتتە قالىمىز بۇرادەرلەر ، مانا بۇ ساھەلەردىكى نەرسىلەر ، بىزنى ئىسلام مىللىتىنى ئارقىغا چىكىندۈرگەن نەرسىدۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكى دەرسىمىزدىن ، كۆپچىلىككە چۈشىنىلگەن بولسا كېرەك . ئىسلامى جامى ئەخلاقلار  ئىسلام مىللىتىدە يوقالغاندۇر .ئىسلامى ئەخلاقتىن بەزىللىرى يوقالدى دېمەكچى ئەمەسمەن ،ئۇمۇمى ئەخلاق بىركىشىدە تېپىلماي قالغان .مانا شۇنداق كىشىلەر كېمىيىپ قالغان . بۈگۈنكى دەرسىمىز چۈشىنىشلىك بولغان بولسا كېرەك (واﷲ اعلم)ااﷲ سبحانه وتعالا شۇ دەرسىمىزدىن مەنپەئەتلىنىشنى ھەم ھەممىمىزگە نېسىب قىلسۇن . ئەۋۋەل ئۆزۈمگە مەنپەئەت قىلىشىنى سىزلەرگە ھەم مەنپەئەتلىنىشىنى ۋە باشقا ئىسلامى بۇرادەرلىرىمىزگە مەنپەئەتلىنىشنى ھەممىمىزگە نېسىپ قىلسۇن . ھەممىمىزگە شۇ دەرسنى داۋام ئېتىشكە ااﷲ سبحانه وتعالا نېسىب قىلسۇن ۋە شۇ دەرسكە ئەمەل قىلىشنى ھەممىمىزگە نېسىپ قىلسۇن .ۋە دىنى ئىسلامغا خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەردىن قىلسۇن . ئامىن.......    



مەنبە: ئاۋازلىق ھۈججەت ئاساسىدا ئوسمانجان زاھىر مەڭگۈتاش قەلەمگە ئالغان

ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

سەمىمى بولۇڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12190
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 449 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 03:31:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       
    مۇستاپا كامالنىڭ قىسقىچە تارىخى
مۇستاپا كامال ئوسمانىيەدۆلىتىنىڭ سالۇنىيك(ھازىر گىرىتسىيەگە قارايدۇ) شەھىرىدە 1881- يىلى تۇغۇلىدۇ. بۇشەھەر يەھۇدىلار، گىرىتسىيەلىكلەر ۋە بۇلغارلىقلار بىلەن توشۇپ كەتكەن بىر شەھەربولۇپ، بۇ تائىفىلەر ئىسلامغا ئۆچ ۋە ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ يىقىلىشىنى ئارزۇقىلىدىغانلار ئىدى ، مۇستاپا كامال ئىسلامنى ۋە خەلىپىلىكنى يامان كۆرىدىغان مۇشۇمۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئىسلامغا بولغان ئۆچمەنلىكى ئىچ- ئىچىگە سىڭىپكېتىدۇ.
ئەنگىلىيەلىك يازغۇچى“ھ، س،ئارمىسترونج“غۇۋا بۆرە“ نامىلىق كىتاۋىدا:“مۇستاپا كامالنىڭ بوۋىلىرى ئىسپانىيەدىنسالونيىك شەھىرىگە ھىجرەت قىلىپ بارغان يەھۇدىلار بولۇپ، بۇلار دونىما يەھۇدىلىرىدەپ ئاتىلىدۇ، بۇلار ئىسلامغا كىرگەنلىكىنى داۋا قىلغان“ دەپ يازىدۇ.
بۇ ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئادەمنىھەيرانغا سالىدىغان بىر تەرىپى شۇكى، راھىبلار مۇستاپا كامالنى بوۋاق ۋاقتىداسالۇنىيك شەھىرىدىكى بىر چىركاۋدىن تاشلاندۇق ھالىتىدە تېپىۋالىدۇ. راھىبلار ئۇنىتەربىيلەپ چىقىدۇ ۋە ئۇنىڭغا فىرانىسيە تىلىنى ئۆگىتىدۇ، ئۇ ئۇ تىلنى ياخشى كۆرۈپقالىدۇ، راھىبلار ئۇنىڭ ئىنقىلاب مايىلچانلىقىنى غىزالاندۇرۇپ تۇرىدىغان ۋە ئىدىيەقۇرۇلمىىسىنى يۈزلەندۈرۈپ تۇرىدىغان چەتئەل كىتابلىرى بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ. شۇڭائۇ غەرب ئىدىيىسى ۋە غەرب مۇتەپەككۈرلىرىگە قىزىقىپ قالىدۇ ۋە ئۇلارنى دوراشنىئارزۇ قىلىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئوسمانىيە ئىسلام دۆلىتىنى يامان كۆرىدۇ ۋە ئۇنىيوقۇتۇش ئويىنى قىلىپ يۈرىدۇ.
مۇشۇ ئارىلىقتا ئۇنىڭ ئانا تەرەپتاغىسى ئۇنى ھەقسىز تەلىم بېرىدىغان ھەربى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ، ئۇئوقۇشتا نەتىجە قازىنىپ ئوفىتسېرلار سېپىغا كىرىدۇ…1905- يىلى مۇستاپا كامالھەربىلەرنىڭ مۇشاۋۇرى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئالدىدا مەنسەپ ئۆسۈش يولىئېچىلىدۇ ۋە ئارزۇلىرىنى رىئاللىققا چىقىرىش پۇرسىتى كۈنسىرى ئاشىدۇ. ئۇ ھەربىمەسلىھەتچىلەر پاكولتىتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا“ئىنقىلاۋى ۋەتەن“ تەشكىلاتىغائەزا بولىدۇ، بۇ تەشكىلات خەلىپىلىك تۈزۈمىنى يىقىتىشنى پىلانلاۋاتقان ئىدى، لېكىنبۇلارنىڭ ئىشلىرى پاش بولۇپ قولغا ئېلىنىدۇ، مۇشۇ قاتاردا مۇستاپا كامال تۈرمىگەتاشلىنىپ، بىر مۇددەتتىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدۇ.
ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنغەربنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ماسۇنىي يەھۇدىلارنىڭ“ئىتتىپاقۋە تەرەققىيات“ جەمىيىتىگە ئەزا بولىدۇ. ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات جەمىيىتى سۇلتانئابدۇلھەمىدگە قارىشى مەقدۇنىيادا ئىنقىلاب ئوتىنى ئۇلغايتىدۇ، سۇلتان ئابدۇلھەمىدئۇلارنىڭ تەلىۋىنى ئاڭلاپ بېقىشقا قوشۇلغاندا، ئىنقىلاپ داھىلىرىنىڭ شەرىپى تېخىمۇئۆسىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىستانبولدا خەلق ئىنقىلاۋى قوزغىلىپ، ئىتتىپاق ۋەتەرەققىيات داھىلىرىنى ئېيىپلايدۇ ۋە سۇلتانغا قارىشى تۇرۇشنى تەنقىد قىلىدۇ. دەلمۇشۇ يەردە ھەربىلەر-ماسۇنىيە ئەزالىرى قوماندان دەرجىسىگە يېتىپ قالغان- خەلققوزغىلىڭىنى كۈچكە تايىنىپ باستۇرىدۇ. خەلق قوزغىلىڭىنى پەسەيتىپ، سۇلتانئابدۇلھەمىدنى مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلايدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا سۇلتان ئابدۇلھەمىدنىڭتاغىسىنىڭ بالىسى ئابدۇلمەجىدنى قورچاق خەلىپە ئورنىدا تىكلەپ قويىدۇ، ئەمەلىسىياسى ھوقۇق ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.
1909- يىلى سۇلتان ئابدۇلھەمىدمەنسىپىدىن چۈشۈرىۋىتىلگەندىن كېيىن، ئوسمانىيە دۆلىتى خەتەرلىك بىر نەرسىگەئايلىنىپ قالىدۇ. ئىسلام بىرلىكى، ئىسلام خەلىپىلىگى ۋە ئىسلامغا زىت ھەرئېقىملارغا يول كەڭرى ئېچىلىپ كېتىدۇ. خىرىستىيانلاشتۇرۇش ئۆمەكلىرى ۋە ماسۇنىيەتەشكىلاتلىرى تەشىۋىقات ئارقىلىق خەلق ئېڭىنى ئىگەللىۋالىدۇ، ئوسمانىيە دۆلىتىدە 3يەھۇدى ۋەزىر قاتناشقان ھۆكۈمەت شەكىللىنىدۇ.
ئاندىن كېيىن پەلەستىنگە يولئېچىلىدۇ، زېمىن ۋە ئۆي بىدىكلىرى تولۇق ئەركىنلىك ئىچىدە زېمىن سېتىش ھەركىتىنىئېلىپ بارىدۇ. يەھۇدىلار، دونىما ۋە ماسۇنلار بىدىكلەرنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ئۇلارنىكۈچەيتىپ تۇرىدۇ.
يەھۇدىلارنىڭ“ئىتتىپاق ۋەتەرەققىيات“ جەمىيىتىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىدە بىرمۇ تۈرك تېپىلمايدىغانلىقىئادەمنى ھەيرانلىققا سالىدۇ، بۇ جەمىيەت تۇران مىللەتچىلىكىنى كۆتۈرۈپ چىقىپمۇسۇلمانلار ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك سالىدۇ، تۈركلەر بىلەن ئەرەبلەر ۋە باشقامۇسۇلمانلار ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا قىلىدۇ.
ئىتتىپاق ۋە تەرەققىياتتەشكىلاتى بىر مەزگىللەردە ئوسمانىيە دۆلىتىنى بىر قانچە تەرەپتىن غەربلاشتۇرۇشخىزمىتىنى ئېلىپ بارىدۇ:
1. ئەنگىلىيەگە تولۇق تەسلىمبولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
2. تارابىلىس(لىۋىيە) شەھىرىنىئىتالىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.
3.يەھۇدىلارنىڭ پەلەستىنگەھىجرەت قىلىشغا يول ئېچىپ بېرىدۇ.
4. ئەسەبى مىللەتچىلىكنى قوزغاپچىقىپ، ئەرەب ۋە تۈركلەرنىڭ بىرلىشىشىگە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ.
5. ئوسمانىيە دۆلىتىگە تەۋەرايۇنلاردىكى ئەرەبلەرنى تۈركلەشتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىدۇ.
6.تۈران ئېقىمىنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇۋە تۈرك جىنسىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئۈستۈن جىنس دەپ تونۇشتۇرىدۇ.
مانا بۇ ئىشلار بىرىنجى دۇنيائۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى 10 يىلىدا يۈز بېرىدۇ. بۇ ئون يىلدا بولغان بۇ ئىشلار،غەربلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ دەسلەپقى يۈزى ئىدى.مۇستاپا كامال رەئىس بولغاندىن كېيىنبۇ پىلانلارنى ئۆز ئەينى ئىجرا قىلىدۇ.
1914- يىلى تۈركىيە گىرمانىيەبىلەن بىرلىشىپ بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا كىرىدۇ، ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ گىرمانلارسېپىگە قوشۇلۇپ بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشى ئىتتىپاق ۋە تەرەققىياتپارتىيىسىنىڭ ئىشى ئىدى(چۈنكى سۇلتان ئابدۇلھەمىد پالانغان، قورچاق خەلىپىدەسىياسى ھوقۇق يوق، پۈتۈن ھوقۇق مۇشۇ قارانىيەت پارتىيەنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپقالغان). ئوسمانلارنىڭ بۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىشى تۈپتىن خاتا ئىدى، باشقىلارنىڭئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ تۈگەتكىنى ئەڭ چوڭ خاتالىق. تەرەپتەرەپتىن دۈشمەنلەر پۇرسەت كۈتۈپ تۇرىۋاتسا تۈركىيەگە نېمە پايدا بولسۇن! بىرىنجىدۇنيا ئۇرۇشى-غەربنىڭ ئىچكى توقۇنۇشى بولۇپ، ئىسلام مەسىلىسى ئەمەس ئىدى- ئاساسلىقدۆلەتلەرنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياغلىشىدۇ، خەلىپىلىك دۆلىتى تەقسىم قىلىنىشقاباشلايدۇ. ئۇرۇش ئارىلىقىدا مۇستاپا كامالنىڭ مەرتىۋىسى ئۆسۈپ، ۋەتەنپەرۋەر ۋەمىللى قەھرىمان بولۇپ كۆرۈنىدۇ.
مۇستاپا كامال 1919- يىلىئىنگىلىزلار ھىمايىسى ئاستىدا ئىنقىلاۋىنى باشلايدۇ، بەزى بىر پىكىر (ئىدىيە)ئىگلىرى ۋە ياش رەھبەرلەر ئۇنىڭغا خەلىپىلىككە چېقىلماسلىق شەرىتى بىلەن قوشۇلىدۇ.  يۇنان (گىرىتسىيە)غا قارىشى ئۇرۇش بىر يېرىم يىل داۋام قىلىدۇ، مۇستاپاكامال شۇ ئارىلىقتا ئىسلام شوئارىنى ئىشقا سالىدۇ ۋە قورئاننى كۆتۈرۋالىدۇ.ئىنگىلىزلار بۇ ئىنقىلابنىڭ نەتىجە قازىنىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سالىدۇ،1921- يىلى كامال بىلەن گىرىتسىيەلىكلەر ئارىسىدا ئۇرۇش قايتا باشلانغاندا،گىرىتسىيە تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرىدىن ئۆزلىكىدىن چىكىنىپ چىقىپ كېتىدۇ، مۇستاپاكامال بىر پاي ئوق ئاتماي شەھەرگە كىرىدۇ. غەرب تەشۋىقاتلىرى مۇستاپا كامالنىڭ بۇخىيالى غەلىبىسنى ناھايىتى زورايتىپ تەسۋىرلەيدۇ، مۇسۇلمانلار بۇ يالغان غەلىبىگەئىشنىپ قالىدۇ، خەلىپىلىكنى جانلاندۇرۇشتا ئۇنىڭغا ئارزۇ ئارمانلىرىنى باغلىشىدۇ.
مۇستاپا كامال ئەنقەرەگە قايتىپكەلگەندىن كېيىن بۈيۈك ۋەتەن مەجىلىسى(پارلامنت) ئۇنىڭغا غازى دېگەن ئۇنۋاننىبېرىدۇ. بۇ ئۇنۋان ئادەتتە سۇلتان ئاھالىسىدىكىلەرگە بېرىلىدىغان ئۇنۋان ئىدى.شۇنىڭ بىلەن ئابرويى تېخىمۇ ئۆسىدۇ، تۈرلۈك ئىسلام ئەللىرىدىن ئۇنىڭغا تەبرىكتىلگىراملىرى كېلىشكە باشلايدۇ، شۇ چاغلاردا ئىسلام دۇنياسى مۇستاپا كامالنىڭئىنقىلاۋى بىلەن پەخىرلىنىپ يۈرىدۇ.
بۈيۈك ۋەتەن مەجلىسى بۇغەلىبىدىن كېيىن مۇستاپا كامالنى ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلۇق رەئىسى (باش باكان) قىلىپتەيىنلەيدۇ.كامال 1921-يىلى ۋەكىلى“ئىسمەت باشانى“ ئەنگىلىيەگە تۈركىيەنىڭمۇستەقىللىقى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئەۋەتىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ تاشقى ئىشلارمېنىستىرى لورد كىيزون تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقىغا مۇنداق شەرتلەرنىقويىدۇ:“تۈركىيە ئىسلام دۇنياسى بىلەن ئالاقىسنى ئۈزىدۇ، ئىسلام خەلىپىلىكتۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، خىلاپەت قوللىغۇچىلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر قانداقھەرىكەتنى باستۇرۇشقا ۋەدە بېرىدۇ ۋە تۈركىيە غەرب دۇستۇرى(قانۇنى)نى قانۇنقىلىشقا تاللايدۇ“
كامال ئەنگىلىيەنىڭ يوليۇرۇقىنىئىجرا قىلىدۇ، تۈركىيەگە شىۋىتسارىيەنىڭ مەدەنى قانۇنىنى تاللايدۇ. 1922- يىلىسەلتەنەتنى بىكار قىلىپ، ئۇنى خىلاپەتلىكتىن ئايرىپ تاشلايدۇ. شۇ سەۋەبتىن قورچاقخەلىپە ماددى ۋە مەنىۋى ھوقۇقىنى ئىشقا سېلىشتىن مەھرۇم قالىدۇ. مۇستاپا كامالئىلمانىزم كۆز قاراشلارنى باشقىلار قارشى چىقسىمۇ كۈچكە تايىنىپ يولغا قويىدۇ.قارشى تۇرغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىدۇ. مېنىستىر كىرزىسى يۈز بەگەندە ئومۇمىۋەتەن مەجىلىسى ھۆكۈمەت تەشكىللەش خىزمىتىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرىدۇ. ئۇ بۇ  پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ 1923- يىلى 10-ئاينىڭ 29- كۈنى ئۆزىنى تۈركىيەجۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى قىلىۋالىدۇ ۋە پۈتۈن ھوقۇقلارنى قولىغا كىرگۈزىۋالىدۇ.
مۇستاپا كامال 1924- يىلى 3-ئاينىڭ3- كۈنى نىجىس نىيەتلىرىنى ۋە يامان غەرەزلىرىنى ئاشكارىلاپ، ئىسلام خەلىپىلىكتۈزۈمىنى بىكار قىلىپ تاشلىغانلىقىنى ئىلان قىلىدۇ، خەلىپىنى ئائىلىسى بىلەن قوشۇپشەھەردىن پالايدۇ، دىننى دۆلەتتىن ئايرىپ تاشلايدۇ ۋە خەلىپىلىك تۈزۈمىنى ئەسلىگەكەلتۈرىمىز دېگۈچىلەرگە ئۆلۈم جازاسىنى چىقىرىدۇ.(دېڭىزغا تاشلىۋەتكەنلەرنىڭھەممىسى دەل سىياسى نوقتىدىن مۇستاپا كامالغا قارشى تۇرغان ئالىملار ۋە سىياسىئەربابلار ئىدى).
شۇ يىلنىڭ ئۆزىدە دىنى مائارىپنىئەمەلدىن قالدۇرۇپ، غەرب مائارىپ تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. 1925- يىلى تۈركىيەنىئىسلامدىن پۈتۈن ئاجراشتۇرىدۇ، خانىملارنىڭ ھىجابنى ئېلىۋىتىشى ئۈچۈن ئالاھىدەقانۇن چىقىرىپ، ئىجرا قىلىش ئىشلىرىغا مەخسۇس ئۆزى نازارەتچى بولىدۇ، قارشىتۇرغانلارنى جازالايدۇ، قارشى تۇرغانلارنى دارغا ئاسىدۇ، ساقچىلار يولدا ھىجابىلىقئاياللارنى كۆرۈپ قالسا ھىجابىنى مەجبۇرى ئېلىپ تاشلايدۇ.
خەلىپلىك چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن،تۈركىيەنى ئىسلام دۇنياسىدىن ئايرىيدىغان بۇ قىلمىشلارنى مۇسۇلمانلار قوبۇلقىلماي، زور كۆلەمدە نامايىش ئېلىپ بارىدۇ، لېكىن كۈچ بولمىغاچقا ئۈنۈم بەرمەيدۇ.
ھىجاز زېمىنىڭ ھاكىمى“ھۈسەين بىنئەلى“ ئۆزىنى مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى قىلىپ تىكلەشكە ئۇرۇنغاندا، ئىنگىلىزلارئۇنى قەبرىس(سپىروس)گە سولاپ قويىدۇ، شۇنداقلا ئىنگىلىزلار قاھىرەدىكى خەلىپىنىقايتا تۇرغۇزۇش قۇرۇلتىيىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ ۋە ھىندىستاندىكىخىلاپەت جەمىيتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۋىتىدۇ.
غەرب مۇستەملىكىسى رەسۇلۇللاھدەۋرىدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلگەن خەلىپىلىك تۈزۈمىنى مانا مۇشۇ ئۇسۇللار بىلەنيوقۇتۇپ تاشلايدۇ…
مۇستاپاكامال شىلەپە كېيىپ، تۈركىيەنى كىزىپ چىقىدۇ، بىر ئادەمنىڭ تەربۇش(تۈركلەرنىڭباشقا كېىيىدىغان دوپپىسى)نى كۆرۈپ قالسا چېچىلىپ كېتىدۇ. ئۇ بىر قېتىم مىسىرنىڭئەنقەرەدىكى كونسۇلى بىلەن دوپپا توغرىسىدا خاپۇلىشىپ قېلىپ:“پادىشاھىڭغا ئېيىت،مەن بۇ خىل كېيىمنى ياقتۇرمايمەن“دەيدۇ.
ئۇ ئەرەب تىلى، ئىككى ھېيتبايرىمى، ئەرەبچە ئەزاننى بىكار قىلىپ تاشلايدۇ، مەسجىدنى مۇزىخانىغا ئايلاندۇرىدۇ،مەسجىد تاملىرىدىكى ئايەتلەرنى ئۆچۈرۋىتىشكە بۇيرۇيدۇ.1926- يىلى شەرئى نىكاھقانۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ غەرب تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
دېمەك، ئۇ مەلئۇن تۈركىيەنىڭئىسلام بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈن ئۈزۈپ تاشلايدۇ ۋە غەرب مەدەنىيىتىنى پۈتۈنسۆرەپ كىرىدۇ.
ئۇ بىر قېتىم جىرىس ئالىيسۇندېگەن مۇخبىر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ مۇخبىرغا:“سەن دىن توغۇرلۇق سۆزلەۋاتىسەن،بىلىپ قويغىنكى، مەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايمەن، دىن دېگەننىڭ ھەممىسىنى دېڭىزغاتاشلىۋەتسەم دەيمەن“دېگەن.
ماسۇنىيە مائارىپئېنىسكىلوپىدىسىنىڭ 162-بېتىدە مۇنداق دېيىلگەن:“مۇستاپا كامال ئېلىپ بارغانئېىنقىلاب ماسۇنىلارغا كۆپ پايدا يەتكۈزدى، چۈنكى ئۇ ئىسلام سەلتەنەتىنى يوقاتتى،خىلاپەتلىكنى ئەمەلدىن قالدۇردى، شەرئى مەھكىمىلەرنى تاقىدى ۋە ئىسلام دىنىنىھاياتتىن يىراقلاشتۇردى“
ئۇ مەلئۇن غەربنى دورىماقچىبولۇپ خىلاپەتلىكنى يوقاتتى، لېكىن مىراس ۋە ئەنئەنىۋلىكنى تاشلاپ غەربنى دوراشتۈركىيەگە ياكى باشقا ئىسلام ئەللىرىگە تەرەققىيات ئېلىپ كەلمىدى ۋەكەلمەيدۇ.تۈركىيە ھازىرغىچە ياۋرۇپا ئەللىرىدىن قوبۇل قىلىنمايدۇ، شۇ سەۋەبتىنتۈركىيە دۆلىتى قەدىمى شەرىپىنى يوقاتتى ۋە يېڭى شەرەپ يارتالمىدى. تۈركىيەھازىر50مىليارت دوللارغا يېقىن قەرزدىن قۇتۇلالماي يۈرۈيدۇ.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە 1950-يىلنىڭ مابەينىدە 60 قا يېىقىن ھۆكۈمەت ئالمىشىپ بولدى، يىلىغا بىردىن دېگىدەكھۆكۈمەت ئالمىشىپ تۇرىدۇ. بۇ تۈركىيەنىڭ مۇقىم ۋە خاتىرجەم شارائىتقا ئېرىشىپقالسا گۈللىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بولىۋاتقان ئىشلار.سابىق جۇمھۇرىيەت رەئىسىسۇلايمان دىمىرىل:“تۈركىيەدە دۆلەتنىڭ ئارقىسىدا مەخپى دۆلەت بار“ دېگەن ئىدى.شۇڭا ئىسلام ئىدىيىسى بار كىشلەر ھۆكۈمەت بېشىغا چىقىپ قالسا ئىلمانىزم كۈچلىرى ۋەتەرەپدارلىرى بولغان ھەربىلەر ھەربى ئىنقىلاپ قوزغاپ ھۆكۈمەتنى يىقىتىپ تاشلايدۇ…(پروفېسور ئىنژېنىر ۋە سىياسىيۇن نەجمىدىن ئەربەكاننىڭ ھۆكۈمىتىنى 97- يىلى ھەربىئىنقىلاپ يىقىتىۋەتتى).
بۇ ئەمەلىيەت، شۇڭا تۈركىيەھەربى، سىياسى، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى جەھەتتىن مۇقىم ئەمەس، ھەم مۇقىم قويمايدۇ.چۈنكى دىن دۈشمەنلىرى خەلقنىڭ يەنىلا دىندا مۇستەھكەم تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، قايتاخەلىپىلىكنىڭ تۈركىيەدە تىكلىنىپ قېلىشدىن ئەنسىرەيدۇ. تۈركىيە خەلقى ئىسلاممەدەنىيىتىگە تەۋە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن ياۋرۇپا بىرلەشمىسىگە كىرەلمەيدۇ.تۈركىيە غەربنىڭ قۇرقىدا ئايلىنىپ يۈرىدۇ، بىراق بۇ ئاۋارىچىلىقتىن باشقا نەرسەئەمەس…
خۇلاسە
بۇ تەتقىقاتلار مۇستاپا كامالنىڭماسۇنىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ئىخلاسمەن كىشلىرىنىڭ بىرسى ئىكەنلىگىنى، ئۇنىڭ دونىمايەھۇدىلىرىنىڭ پۇشتى ئىكەنلىگىنى ۋە ئۇرۇشلاردا يالغان تونغا ئورنىۋالغانلىقىنىكەسكىن ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
* مۇستاپا كامال ياۋرۇپالىق ۋەگىرىتسىيەلىكلەرگە قارىشى ئېلىپ بارغان جەڭنىڭ قوماندانى ئەمەس، ئۇ ئارمىيەنىتۇتۇپ تۇرغان ۋە بۇ جەڭنى باشلىغان قەھرىمانلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئىشلەتكەن.
* مۇستاپا كامال ئەنگىلىيە بىلەنئېلىپ بېرىلغان شەرتنامىغا قول قويغاندىن كېيىن، ياۋرۇپا مۇستاپا كامالغاتۈركىيەنىڭ ھوقۇقىنى تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئالدىدىن چىكىنىپ چىقىپ كەتكەن. لېكىنباشقا ئەرەب دۆلەتلىرىدىن چىقىپ كەتمىگەن.
* مۇستاپا كامالغا نىسبەتبېرىلگەن ۋە زورايتىلىپ تەسۋىرلەنگەن بۇ قەھرىمانلىق، مۇستەملىكە كۈچلىرىنىڭ ئۇنىڭمەۋجۇتلىقىنى جانلاندۇرۇش، ئۇنىڭغا مەدەت بېرىش  ۋە ئۇنى رەئىس قىلىپ تىكلەش ھىلىسى ئىدى.
* ئوسمانىيە دۆلىتى يوقۇلۇپ ۋەئىىسلام خەلىپىلىگى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەرەب ۋە تۈرك بىرلىكىپارچىلىنىپ، ئاندىن يەھۇدىلارغا پەلەستىنگە يول چىقتى.
* مۇستاپا كامال تۈركىيەنىئىلمانىزملىشىشقا قاتتىق ئىتتىردى، ئىسلام قانۇنلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى،مۇسۇلمانلارنى بەك ئەزدى، ئۇنىڭ ئىلمانىزم قاراشلىرىغا قارىشى تۇرغان خېلى كۆپساندىكى مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈردى.
* مۇستاپا كامال ئېلىپ بارغانئىلمانىزم ھەركىتىنى 10 يىلغا يەتمىگەن بىر قانچە يىل ئىچىدە كۈچ ۋە قورقۇتۇشقاتايىنىپ يۈرگۈزدى، غەرب مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئېلىپ باردى، مۇستاپاكامال بىلەن غەرب ئارىسىدا ۋاستىچىلىق رولىنى ئوينىغان كىشى تۈركىيەلىك ”ھاييىمناھۇم“ دېگەن يەھۇدى پوپ ئىدى.
* تۈركىيەلىك ئوفىتسېرلارنىڭبىرسى مۇستاپا كامال توغرىسىدا ”بۇت ئادەم“نامىلىق2 قىسىم كىتاۋىنى يېزىپ ئۇنىڭھەقىقى قىياپىتىنى ئېچىپ تاشلىدى. ئەنگىلىيەلىك يازغۇچى ئارمىسترونج ”غۇۋا بۆرە“نامىلىق كىتاۋىدا مۇستاپا كامال ھەققىدە توختىلىپ:“ئۇ ھەر كىچىسى تاڭ ئاتقىچەقەھۋەخانىلاردا ھاراق ئىچەتتى، بارلىق رەزىل ئىشلارنىڭ ھەممىسنى قىلاتتى،رەزىللىكتە قۇلىقىغىچە پاتقان ئىدى. ئۇ ھاراق ۋە پاھىشىدىن قالمايتتى“دەپ يازىدۇ.
* ئىسلام خەلپىلىك تۈزۈمىنىبىكار قىلىپ تاشلاش يۈزەكى بىر ئىش بولماستىن، روس، ئىنگىلىز ۋە ياۋرۇپانىڭ پىلانلاپبەرگەن ئىنچىكە پىلانى بىلەن بولغان. شۇڭا 1909- يىلى سۇلتان ئابدۇلھەمىدنى ئېلىپتاشلىغاندا، ئۇنىڭ ئورنىغا ئابدۇلھەمىدنىڭ تاغىسىنىڭ كىچىك بالىسىنى ئولتۇرغۇزۇپقويدى. بولمىسا 1909- يىلى خەلىپىنى سۈرگۈن قىلىپ بولغان ۋە پۈتۈن ھوقۇقكامالچىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولغان. سەۋەبى ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ ئىشنى تەدرىجىئېلىپ بارغان، شۇنىڭغىچە مۇستاپا كامالنى تەربيىلەپ يېتۈشتۈرگەن. ئۇ قانۇنلۇقھۆكۈمەت رەئىسى بولۇپ، پۈتۈن ھوقۇقنى قولىغا رەسمى كىرگۈزىۋالغاندىن كېيىن ئاندىنخەلىپىلىك تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە ئىسلامنى ھاياتتىن يىراقلاشتۇرغان…
* مۇستاپا كامال ھوقۇققاچىققاندىن تارتىپ، ئەنگىلىيە ۋە روسلارغا ساداقەتمەن بولۇپ كەلگەن ۋە ئۇلار بىلەنئالاقىنى قويۇقلاشتۇرغان.
لېكىن ئىسلام مانا بۈگۈن تۈركىيەياشلىرىنىڭ قەلبىدە ناھايىتى كۈچلۈك چوغلانماقتا ۋە گۈللەنمەكتە.
            مەنبە : تامچە ئىلمىي ماقالىلەر بىلوگى


ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

سەمىمى بولۇڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12190
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 449 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 11:26:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆي ئىجارە بىرىش-ئېلىش توختامنامىسى
ئا تەرەپ ئىسىمى(يەنى ئىجارە بەرگۇچى ):
كىمىلىك نۇمۇرى:
ب تەرەپ ئىسىمى(يەنى ئىجارە ئالغۇچى):
كىمىلىك نۇمۇرى:
ئىككى تەرەپ كېلشىش ئارقىلىق ئا تەرەپ ئۆزنىڭ
دىكىئېغىز ئۆيىنى ب تەرەپنىڭ ئولتۇرىشىغا ئىجارە بىرىدۇ.
1.ئۆينى ئىجارە بىرىش-ئېلىش -يىلى -ئاينىڭ-كۇنىدىن باشلاپ،-يىلى -ئاينىڭ-كۇنىگىچە بولىدۇ.
2.ئۆينىڭ ئايىلىق ئىجارە پۇلى يۇئەن،يىللق ئىجارە پۇلىيۇئەن(خەتچىلاپ يېزىلىشى:)نى ب تەرەپ ئا تەرەپكە بىرلا قېتىمدا تاپشۇرىدۇ.ب تەرەپ ئا تەرەپكە كاپالەت پۇلىيۇئەن(خەتچىلاپ يېزىلىشى:)تاپشۇرىدۇ،ئا تەرەپ ئىجارە ۋاقتى توشقاندا ھەممە ئىشلار نورمال بولسا ئاندىن ب تەرەپكە قايتۇرۇپ بىرىدۇ.
3.كېلىشىش ئارقىلىق تۇزۇلگەن مەزمۇنلار:
(1) ،ب تەرەپ كۆچۇپ كىرگەندە قۇلۇپنى ئالماشتۇرۇشى كېرەك، ئالماشتۇرماسلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئاقىۋەتلەرگە ب تەرەپ مەسئۇل بولمايدۇ.ئىشلىتىش توغرا بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئوت ،توك،گاز ،سۇ قاتارلىق تەبئىي بولمىغان ئاپەتلەرگە ب تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ.
(2) ب تەرەپنىڭ ئۆينى باشقىلارغا ئۆتۇنۇپ بىرىشىگە،ئۆز ئالدىغا باشقىلارغا ئىجارە بىرىشىگە،باشقىلارغا سېتۋىتىشىگە بولمايدۇ،ھەمدە ئا تەرەپنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ خالىغانچە ئۆينىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىۋىتىشگە بولمايدۇ.ئۆي ئىچىدىكى ئەسلىھەلەرنى ئاسرىشى،ئەگەر ئادەم ئامىلى سەۋەبىدىن بۇزۇلۇپ كەتكەن ئەسلىھەلەرنى ب تەرەپ ئەسلىگە كەلتۇرىدۇ ياكى ئۆز باھاسى بويىچە ئا تەرەپكە تۆلەپ بىرىدۇ.ئۆزلىگىدىن ئوغۇرلىقىتىن، ئوت ،توك،گاز،سۇ ئاپەتلىرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم.
(3) ب تەرەپ ئولتۇراق رايوننىڭ ھەر تۇرلۇك باشقۇرۇش قائىدىلىرىگە بويسۇنۇشى،ھەمدە ،توك،گاز،سۇ،پار،تور،تېلۋىزىيە كۆرۇش پۇللىرىنى ۋە خوجلۇق پۇلىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشى كېرەك.
(4) ئا تەرەپ مۇشۇ ئۆينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى قاتارلىق جەھەتلەردە مەسلە كۆرۇلمەسلىكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.ئەگەر ئۆي چىقىلىشقا توغرا كېلىپ قالسا ب تەرەپ دەرھال ئۆينى بىكارلاپ بىرىدۇ.ئا تەرەپ توشمىغان ۋاقتنىڭ پۇلىنى ئومۇمىي پۇلىنى كۇنگە سۇندۇرۇپ ب تەرەپكە قايتۇرۇپ بىرىدۇ.
(5) ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك مەزمۇنلار:
                                                                                
                                                                                          
                                                                          .
4.بۇ توختام ئىككى نۇسخا بولۇپ ھەر ئىككى تەرەپ بىر نۇسخىدىن ساقلايدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا:توككىلىۋات،سۇتوننا،گازلىپاڭ.
ئا تەرەپ(يەنى ئىجارە بەرگۇچى ) ئىمىزاسى:
تېلغۇن نۇمۇرى:
ب تەرەپ (يەنى ئىجارە ئالغۇچى) ئىمىزاسى:
تېلغۇن نۇمۇرى:
2012-يىلى   -ئاينىڭ   -كۇنى


       
ئۆي ئىجارىگە بېرىش توختامى
ئا تەرەپ :                              كىملىك نومۇرى :
ب تەرەپ :                              كىملىك نومۇرى:
1. ئا تەرەپ ب تەرەپكە ئىجارىگە بەرگەن ئۆينىڭ ئادرېسى: ...............................................................................
.....................................................................................
2. توختام مۇددىتى          -يىلى      - ئاينىڭ     -كۈنىدىن
-يىلى       -ئاينىڭ    - كۈنىگىچە ئىجارىگە بېرىلىدۇ .
3. ئىككى تەرەپ توختام قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، باراۋەر ئاساستا كېڭىشىپ بۇ توختامنى تۈزدى. بۇ بەلگىلىمىلەرگە ئورتاق بويسۇنىدۇ.
4. ئۆينىڭ ھەر ئايلىق ئىجارىسى (        ) يۈەن بولۇپ، زاكالەت پۇلى ئۈچۈن (        ) يۈەن تاپشۇرىدۇ. توك، سۇ، گاز پۇلىنى ب تەرەپ ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
5. پۇل تۆلەش ئۆلچىمى: ( ھەر ________ ئايدا ) ؛
6. ئۆيدە بار ئەسلىھەلەر:
7. ئۆي ئەسلىھەلىرى بۇزۇلۇش، يوقاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە ب تەرەپ ئەسلى باھاسى بويىچە تۆلەپ بېرىدۇ، ھەم ئۆي قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە، ئىشىك-دەرىزىلەرنى ئالماشتۇرۇشقا ۋە ئەۋرەز يولىنى توسۇپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ.
8. ئۆيدە پەقەت ب تەرەپ تۇرىدۇ، باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىشكە ۋە رەنىگە قويۇشقا بولمايدۇ.
9. ب تەرەپ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ ئىشلارنى قەتئىي قىلماسلىقى ۋە گازنى، توكنى ھەم باشقا خەتەرلىك ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا خىلاپ ھالدا مەشغۇلات قىلىش سەۋەبىدىن بىرەر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا، جاۋابكارلىققا ب تەرەپ ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ھەم بىخەتەرلىك قۇلۇپىنى ئالماشتۇرۇشنى سەمىگە سالىمىز.
10. توختام ۋاقتى توشماي تۇرۇپ ب تەرەپ ئۆينى قايتۇرماقچى بولسا، ئۆي پۇلى ۋە زاكالەت پۇلى قايتۇرۇلمايدۇ.
11. توختام ۋاقتى توشۇپ ب تەرەپ ئۆيدىن كۆچمەكچى بولسا، چوقۇم بىر ئاي بۇرۇن خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.
12. كىلەر قېتىملىق ئىجارە پۇلىنى تاپشۇرۇش ۋاقتى:
    ـ يىلى    ـ ئاينىڭ   ـ كۈنى، (يەنى    كۈن بۇرۇن تاپشۇرىدۇ.)
13. بۇ توختام ئىككى نۇسخا بولۇپ ئىككى تەرەپتە بىر نۇسخىدىن ساقلىنىدۇ، ھەم ئىككى تەرەپ قول قويغاندىن كېيىن قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
ئا تەرەپ ئىمزاسى:                                         تېلىفون:
ب تەرەپ ئىمزاسى:                                        تېلىفون:  
                        ـ يىلى       ـ ئاينىڭ      ـ كۈنى  




ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

سەمىمى بولۇڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12190
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 449 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 11:31:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ماتىرىيالنى ئالدىنقى يىلى توردىن تاسادىپىي پۇرسەتتە ئۇچرىتىپ قېلىپ چۈشۈرۈپ ساقلىۋالغان ئىدىم، مەن پىروگرامما تىللىرىنى چۈشىنەلمىگەچكە تازا دىققەت كەتمەپتىمەن، بۈگۈن يەنە كومپيۇتېرىمنى رەتلەۋېتىپ قارىسام شۇ ماتىرىيال چىقىپ قالدى، ئېچىپ كۆرسەم android نى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش، ئەپ ياساشقا كېتىدىغان مۇھىت، يۇمشاق دېتال، لازىملىق ماتىرىيالنىچۈشۈرۈش تور ئادرىسىلىرى، تەپسىلىي رەسىم ۋە يېزىق بىرلەشتۈرۈلگەن دەرسلىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار ئىكەن.
تىلى : خەنزۇچە
بۇ ماتىرىيالدىن پايدىلىنىپ ئەپ ئاچقۇچىلار ۋە ھەۋەسكارلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ چىقىشى ئۈچۈن، مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا خالىغانچە كۆچۈرۈپ تارقىتىلسا بولىدۇ.
ئېلكىتابتىن بىرقانچە كەسمە رەسىلەر:

14 مىنۇت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (159.97 KB)




13 مىنۇت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (229.54 KB)




12 مىنۇت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (267.54 KB)




دەرسلىكنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://pan.baidu.com/share/link?shareid=518699&uk=2265529970




ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

سەمىمى بولۇڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12190
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 449 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 11:38:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش