!UYGHURJAN يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 01:18 PM
ئاڭلىسام مەخەت لوبەننى ھەممىسىنىڭ ئاتامانى دەيدىغۇ . ...
ياق مەن توقسۇ ناھىيسىدىن ، مەن بۇرۇن سەككىز يىل كۇچا ناھىيسى بىلەن بىزنىڭ ناھىيمىز ئوتتۇرىسىدا تاكسى ھەيدىگەن ، كىتاپ ئۇقۇشقا ئالاھىدە ھېرىسمەن ، مەن ھەتتا كىچىك ماشىنىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن نەچچە قېتىم جەسەت ئەكەلگەن ، مەن بارمايمەن دىسەممۇ شۇ ئۈلۈپ كەتكەن ياشلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى باشقىلاردىن ئاڭلاپ سىلى يولنى پىششىق بىلىدىكەنلا ياردەم قىلسىلا دەپ تۇرۋالاتتى ، ئۇلارنىڭ ئازاپلىق ھالىتىگە قاراپ مەنمۇ چىداپ بۇلالماي باراتتىم ، نەچچە كۈنلەپ يالغۇز ماشىنا ھەيدەش بەك جاپالىق ، 10 سائەت ماشىنا ھەيدەپ 2 سائەت ئاران ئوخلايتىم شۇنداق ئۇيقۇم كەلسىمۇ شۇلارنىڭ چىرايىغا قاراپ يەنە چىداپ كىتەتتىم ، باشقىلارنىڭ ئۈلۈك بار ماشىنا بىخەتەر بولمايدۇ دىگىنى راس بولسا كېرەك ، ھەر قېتىم شۇنداق ساق ماشىنا ھەيدەپ ماڭغان ۋاقتىمدا بىر ئىش بولاتتى ، لىكىن ۋەقە ئېغىر ئەمەس مىڭ يۈەن ئەتراپىدا پۇل بىلەن تۈگەيتى ، كىيىن تىلفۇن نۇمۇرۇمنى ئۆزگەرتىۋېتىپ بۇ مۈشكۈل سەپەردىنمۇ قۇتۇلغان بولدۇم .