kurdax يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 12:16 PM
ئاۋۇ چاڭگا پۇل دىگەننى سۈپۈرىۋالدىمۇ نىمە ؟ نەچچە يۈز ...
كۇچا ناھىيسىنىڭ چىمەن بازىرىغا بارسىڭىز كۈرىسىز ئىككى قەۋەتلىك شۇنداق چىرايلىق قىلىپ خېلى چوڭ سودا بازىرى سالدى ، ئالقاغۇ بازىرىدىمۇ بار ، مەن نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تاكسى ھەيدەپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا ئالقاغۇنىڭ چاڭگا كەنتىگە بېرىپ قالدىم ئۇ كۈنى كۇچانىڭ بازار كۈنى بولغاچقا بازارغا بارىدىغان دىھقانلارمۇ كۆپ ئىكەن ، 3 ئادەم چىقتى ماشىنىغا ئەللىك ياشلاردا بار ، ھەممىسىلا بىر-بىرىدىن سورىشىۋاتىدۇ ، بۇ يىل قانچە پۇل بەردى قاچانلىققا كىلىدىكەن دەپ ، شۇنىڭ بىلەن مەن قىزىقىپ نىمىگە پۇل بىرىدۇ بالاڭلار نەدە دەپ سورىسام بىرسى دەپ بەردى ، ئوغلى 18 ياشقا كىرىپتۇ شۇ ئىچكىرىدە يۈرۈيدىغان بىر مەھەللىلىلغا بى مۇنچە پۇلغا ساتقىنىنى ئېيتىپ بەردى ، بۇ كەنىتتە ئىچكىرىگە چىقىپ يانچۇق كولاپ باقمىغان بالىلار يوق ئىكەن ، ئىچكرىگە چىقمىغاننى ھىچكىم كۆزگە ئىلمايدىكەن ھەتتا ، ئېزىز ئىسلاممۇ مۇشۇ كەنىتلىك بولغاچقا ئېزىز چاڭگا دەپ ئاتالغان ئەسلى ئۇ مەخەت لوبەننىڭ سىڭلىسىنىڭ ئېرى . شۇ لوبەن بولغاچقا شۇنداق دەۋىر سۈرگەن .