بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرىغا بىرنىمە دەپ بولغىلى بولمايدۇ .
ئەينى چاغدا نىمىشقا تۇتمايدۇ ؟ ئەركىن قۇيىۋېتىپ ئەسكىلىكنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ پۇلنى راس تېپىپ ، نۇرغۇن باللارنى نابۇت قىلىپ بولغاندا ، نۇرغۇن ئاتا - ئانىلارنى زار -زار قاقشىتىپ بولغاندا ، ئەمدى 63 ئادەمنى تۇتامدىكەن ....... كاللامدىن زادى ئۆتمەيدۇ .
لىكىن مەن بۇ ئادەمگە قەتئى ئىچ ئاغىرتمايمەن !!!
شۇننىڭغا ئەگىشىپ نابۇت بولغان قېرىنداشلىرىمغا ئىچ ئاغرىتىمەن ...
ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتمايمەن ، ئۇنىڭ تاپقان ھەددى ھېساپسىز كۆپ ھارام پۇلغا ئىچ ئاغرىتىمەن ...
نۇرغۇنلىغان ئائىللەر ۋەيران بولدى ، نۇرغۇن سەبى باللارنىڭ ئىستىقبالى ۋەيران بولدى ...
ئەمدى ئۇنىڭمۇ پۇتۇن ئائىلىسى ، نۇرغۇن ئەگەشكۇچىلىرىمۇ ۋەيران بولدى ...
ئەمدى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېسىلگەن 50 نەچچە قول -چوماقچىلىرىنىڭ ئاتا - ئانىسى زار -زار يېغلايدۇ ، ئائىلىسى ۋەيران بولىدۇ ....
ئۇنىڭ تاپقان ھەددى -ھىساپسىز ھارام پۇللىرىدىن ، بۇرۇن شۇنىڭ ئۇچۇن يانچۇق كولىغان باللارنىڭ ئىستىقبالى ئازىراقمۇ بولسا كاپالەتكە ئىگە بوپ قالسا ، باللىرىنىڭ دەردىدە قانياش تۆككەن ، ئاتا -ئانىلارنىڭ روھى زىيانلىرى تۆلەنسە ، بەلكىم ئۇنىڭ پۇللىرىغا ئىچىم ئاغىرماس بولغىيتى .....لىكىن بۇ مۇمكىن ئەمەس ... بەرىبىر خانىۋەيرانچىلىق ........