ئىزدىنىش ۋە بايقاش -8
1-قىسىم:ئاۋرورا ۋةقةسى
كۆرگۈچىلةرنىڭ بايان قىلىشىچة: 1897-يىل 4-ئاينىڭ 17-كۈنى سةھةردة ئامېرىكا تېكساس شىتاتىنىڭ ئاۋرورا بازىرىدا كىشىلةر بىر سېگارت شةكىللىك كۆمۈش رةڭلىك ئوچار جىسىمنىڭ ئىنتايىن تېز سۈرئةتتة ئۇچۇپ كېلىپ،پىلوكھىت دېھقانچىلىق مةيدانىدىكى بىر شامال چاقپىلىكىگة سوقۇلۇپ پارتىلاپ كةتكةن.
كىشلةر دةرھال بۇجايغا يېتىپ كېلىپ،نةق مةيداندا پارتىلاشتا پاچاقلىنىپ كةتكةن بۇ نامةلۇم ئۇچار جىسىمنىڭ سۇنۇق-پارچىلىرىنى ۋة پارتىلاشتا كۆيۈپ شةكلى ئۆزگىرىپ كةتكةن بىر نامةلۇم جةسةتنى كۆرگةن،كىشىلةر تةپسىلى تةكشۈرۈش ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بۇ جةسةتنىڭ بىز ياشاۋاتقان يةرشارىغا تةۋة ئةمةس ئىكةنلىگىنى بايقىغان.ۋةقةدىن كېيىن كىشىلةر ئۇچار جىسىم پارچىلىرىنى شۇ جايدىكى بىر كونا قۇدۇققا تاشلىۋةتكةن، نامةلۇم جةسةتنى بولسا خىرىستىيان دىننى قائىدىسى بويىچة شۇجايغا دةپنة قىلغان،قةبرة تېشىغا بۇ نامةلۇم ئۇچار جىسىم ۋة تاشقى پىلانت ئادىمىنىڭ تةقلىدى تةسةۋۋۇر شةكلىنى ئۇيۇپ قالدۇرغان.
ئةتىسى ئامىرىكا ‹‹داللاس گېزىتى›› بۇ ۋةقةنى خةۋةر قىلغان،شۇندىن ئېتبارةن كىشىلةرنىڭ دىققةت – نةزىرى چۈشمةي كةلگةن بۇ كىچىككىنة بازار پۈتۈن ئامېرىكا خةلقىنىڭ قىزىقىش نوقتىسىغا ئايلانغان،ھةمدة كىشىلةرنىڭ ئاڭ-خىيالىدا تاشقى پىلانت ۋة تاشقى پىلانت ئادىمى ئۇقۇمى پةيدا بولغان (ئىلگىرى تار دائىرىلىك تاشقى پىلانت ئادىمى نةزىرىسى مةۋجۈت ئىدى) . ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتكةندة يةنى 1973 - يىلى خةلقئارا UFO تةشكىلاتى مةخسۇس گۇرۇپپا تةشكىللةپ بۇجايغا كةلگةن، ۋة ئةھۋال ئىگةللىمةكچى بولغان،بىراق يةرلىكلةرنىڭ قاتتىق قارشلىقىغا ئۇچرىغان،يةرلىك خةلق قةبرىنى ئېچىش دىننى ئۆرپ-ئادةتكة خىلاپ دةپ ئۇلارنىڭ تةلىۋىنى رةت قىلغان ھةم قةبرة تېشىنى يۆتكىۋةتكةن،شۇ سةۋةپتىن تةكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلةر ئىچكىرلةپ تةكشۈرۈشكة ئامالسىز قالغان. شۇنداقتىمۇ ئۇلار شۇ يةردىكى ئةينى چاغدىكى شۇۋةقةنى كۆرگۈچىلةرنى ئىزدةپ زىيارةت قىلغان، لېكىن ئارىدىن ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتلار ئۆتكةچكة ئېنىق بىلىدىغانلىرى ئاساسةن ئالةمدىن ئۆتكةن بولۇپ پةقةت ئۈچ كىشىلا بۇۋةقةنى ئةسلىيةلىگةن. مارى ئىۋاننىس ئىسىملىك بىر ئايال مۇنداق دېگةن: شۇچاغدا مةن سةككىز ياشتا ئىدىم،بىزنىڭ ئۆيىمىز دېھقانچىلىق مةيدانىنىڭ يېقىن ئةتراپىدا ئىدى،ۋةقة يۈزبةرگةن كۈنى مةن ئۆيدة ئاپام بىلةن ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز قاتتىق پارتىلغان ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق ، شۇنىڭ بىلةن مةن ئاپام بىلةن شۇ جايغا باردىم،قارىسام ھةقىقةتةن بىر نةرسىنىڭ پارتىلاپ پاچاقلىنىپ كةتكةن پارچىلىرى تۇراتتى،ئةتراپنى قۇيۇق ئىس-تۈتةك قاپلاپ كةتكةن ئىكةن،ئوزۇن ئۆتمةي ئاپام مىنى ئۇجايدىن كةتكۈزىۋةتتى، ئةتىسى بىز قانداقتۇر بىر سالاھىيىتىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئادةمنى دةپنة قىلغانلىغىنى ئاڭلىدىم دېگةن.
چارلىز ستېۋىنس ئىسىملىك بىر كىشى : شۇ چاغدا مةن ئون ئىككى ياشلاردا ئىدىم، بىز دېھقانچىلىق مةيدانىغا يېقىن جايدا ئةمگةك قىلىۋاتاتتۇق،تۇيۇقسىز بىر نةرسىنىڭ قاتتىق پارتىلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق،ۋة دېھقانچىلىق مةيدانىدىن قۇيۇق ئىس – تۈتةك كۆتۈرۈلگةنلىگىنى كۆردۇق، بىز بىللة شۇجايغا بارساق ھةقىقةتةن بىر كۆمۈش رةڭلىك بىر جىسىمنىڭ پارتىلاپ پاچاقلىنىپ كةتكةن پارچىلىرىنى كۆردۇق، چوڭلار پارچىلارنى كونا قۇدۇققا تاشلىۋةتتى،ئةتىسى بىز قانداقتۇر بىر سالاھىيىتىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئادةمنى دةپنة قىلغانلىغىنى ئاڭلىدۇق دېگةن.
روبى ھاننىس ئىسىملىك بىر كىشى تةكشۈرگۈچى خادىمغا : شۇيىلى بازار دا شۇنداق بىر غۇلغۇلا بولغىنى راست،مةن سةككىز - توققۇز ياشلاردا ئىدىم،ئېنىق ئىسىمدة بار ،لېكىن قانداقتۇر تاشقى پىلانت ئادىمى،ئۇچار جىسىم دېگةنلةرنىڭ ھةممىسى يوق گةپ،بۇ دېگةن شۇ جايدىكىلةرنىڭ (ھۆكۈمةت خادىملىرىنىڭ) ئويدۇرمىسى دېگةن. بۇ كېشىنىڭ بايانىنىڭ ئاساسى شۇكى ئةينى چاغدا ھۆكۈمةت ئةمةلدارلىرى بۇ بازارنى سىرتتقا تۇنۇتۇش، ۋة سىرت بىلةن بولغان ئىجتىمائى ئالاقىنى كۈچةيتىپ ئونۋېرسال تةرةققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بۇ ۋةقةنى ئويدۇرۇپ چىققان. شۇ ئارقىلىق بۇ بازارنىڭ جةلىپكارلىغىنى ئاشۇرغان.( كېيىن بۇ ئاساس نۇرغۇن كىشىلةرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكةن)كىشىلةر بۇخىل كۆزقاراشنىمۇ نةزةردىن ساقىت قىلمىغان ،ۋة بۇۋةقةنى چوڭ ئالدامچىلىق دةپ تةشۋىق قىلغان. لېكىن شۇجايدىكى % 80 كىشىلةر بۇ ۋةقةنىڭ ھةقىقىيلىكىگة ئىشىنىدۇ. بةزى ئانالىزچىلار بۇ نامةلۇم ئۇچار جىسىمنى ئةينى چاغدا ياسالغان ئايرۇپىلان ياكى دېرژابىل بولۇشى مۇمكىن دېگةن، بىراق ئېنىق مةلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئاكا - ئۇكا رايىتلار ياسىغان تۇنجى ئايرۇپىلانمۇ بۇ ۋةقةدىن 6 يىل كېيىن يةنى 1903-يىلى ئۇچۇرۇلغان،دېرژابىلنىڭ كىشىلةر بايان قىلغىنىدةك ئۇنداق تېز سۈرئةتتة ئۇچالىشى مۇمكىن ئةمةس، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئۇچار جىسىمنىڭ ئايرۇپىلان ياكى دېرژابىل بولۇشى ئةمىلىيةتكة ئۇيغۇن ئةمةس،شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى :ئةگةربۇ ۋةقة ھةقىقةتةن راست يۈز بةرگةن بولسا ئۇ نامةلۇم ئۇچار جىسىم ۋة ئادةمنىڭ يةر شارى سىرتىدىن كةلگةنلىكى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن. تةكشۈرگۈچى خادىملار يةنة بۇ جايدىن بىرپارچة مېتال پارچىسى تېپىۋالغان بولۇپ، تةكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ماددىنىڭ تۆمۈر ئىكةنلىگىنى، بىراق ئېغىرلىقىنىڭ تۆمۈرنىڭ 2\1 گة توغرا كېلىدىغانلىقىنى،ماگىنىت تۇتمايدىغانلىقىنى بايقىغان. بىروللى ئوۋىز ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئېيتىشىچة ئو ھېلىقى كونا قۇدۇقنىڭ يېقىن ئةتراپىدىن بىر باسما قۇدۇق ئورناتقان ھةم سۈيىنى ئىچكةندىن كېيىن قولى ئېغىر دةرىجىدة قاپارتما ئۆرلةش كېسىلىگة گىرىپتار بولغان،نۇرغۇنلىغان دوختۇرلارغا كۆرسةتكةن بولسىمۇ بۇ كېسةللىكنىڭ تىپى ۋة پةيدا بولۇش ئةھۋالىنى ئىنىقلاپ چىقالمىغان.
شۇنداق قىلىپ بۇۋةقة ئۇزاق تارىخى جةرياندا كىشىلةرنىڭ ئىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كةتكةن ياكى بۇرمىلىنىپ راست بىلةن يالغاننىڭ ئوتتۇرىسىدا قېلىپ بارغانسىرى سىرلىقلىشىپ كةتكةن.بىراق شۇندىن ئېتبارةن شۇنىڭغا ئوخشاش نامةلۇم ئۇچار جىسىم ۋة تاشقى پىلانت ئادىمى ھادىسىلىرى دۇنيانىڭ ھةرقايسى جايلىرىدا داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرغان. كۆپ قىسىم دۆلةت ۋة ھۆكۈمةتلةر مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋةتلىك ئۇچۇر – ئاخبارات ۋة ئارخىپ ھۆججةتلةرنى مۇتلةق مةخپى تۇتقاچقا كىشىلةرنىڭ بۇ توغۇرلۇق ھةقىقى ئةھۋالنى بىلىش دائىرىسى كېڭىيةلمىگةن ۋة ھةقىقى ئةھۋالنى بىلىشى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاچقا تاشقى دۇنيا مةدةنىيىتى تا ھازىرغىچة سىر بولۇپ كةلمةكتة. بىراق شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى بىز ئىنسانلارنىڭ ئىزدىنىشى ۋة تىرىشىشى كةلگۈسىدة تېخىمۇ كۆپ سىرلارنى يېشىشكة تۈرتكة بۇلالايدۇ. سۆيۈملۈك قېرىنداشلار، ئۆزىمىز ياشاۋاتقان ياكى بىز بىلىش مۇمكىن بولمايۋاتقان دۇنيا ، شةيئى ئۈستىدة ئىزدىنىش ۋة پىكىر يۈرگۈزۈش بىزنى تۈرلۈك بايقاش ۋة بىلىمگة ئىگة قىلىدۇ، بىلىم تۇنۇش دائىرىمىزنى ئۆستۈرۈپ تةپةككۈر ئىقتىدارىمىزنى كېڭةيتىدۇ، شۇنداقلا دىنى ھةم ئةخلاققا مىزانلىرىغا مۇخالىپ كةلمةيدۇ دةپ قاراپ، قىزىقىش، ئىزدىنىش جةريانىدا توپلىغان نةتىجىلىرىمنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇپ ، مۇنبةر تۇرمۇشىمىزنى بېيىتىش ئۈچۈن قةلةم تةۋرةتتىم، شۇڭا باشقىلارنىڭ ئةمگىكىگة ھۆرمةت قىلغان ئاساستا ئىلمۇ مۇنازىرة قىلىشىڭلارنى ،تةكلىپ پىكىر بېرىشىڭلارنى سورايمةن.
دةپ ھۆرمةت بىلةن : ھېكمةت - ئۇيغۇر مةنبة: مةركىزى تېلىۋېزىية ئىستانىسى 10- قانىلى CCTV - 10 ئىزدةنگن ۋة يىغىپ ساقلىغان ماتىرياللىرىم
يازغان خةت شةكلىم بىنورمال چىقىۋېلىپ ئۆزگةرتةلمىدىم، تةستىقلىغۇچى ۋة باشقۇرغۇچى قېرىنداشلارنىڭ تۈزىتىپ بېرىشىنى سورايمةن.رةھمةت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-13 03:41 PM
|