toyota يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 08:22 PM
ياق ، اللاھنىڭمۇ بىلمەيدىغان ئىشلىرى باردۇ ؟
جاجىسىنى خويمۇ ياخشى بەردىڭلار .
قاچان قارىسا ئاللاھ بىلىدۇ دەيدىغانلارنى كۆرسەم ............
ھەممى ئاللاھ بىلىدىغىنى ھەقىقەتەن . بىراق ھەممى بىلىدىغان سۆيۈملۈك ئاللاھنى ئاددىي قەلبىلەر بىلەن تونۇغان كىشىلەردىن چوڭقۇر ھېكىمەت بىلەن تونۇغان تايپىە ئەڭ ئۇلۇغ كىشىلەردۇر .
ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى كائىناتقا تەسىر شەكىل بىلەن يازىدۇ . بۇ يېزىقنى پەقەت قەلبى سۈزۈك ۋە زىھنى ئۆتكۈر بولغان ئەقىل ئېگىللىرى ئوقۇيالايدۇ .
بۇلار ئاللاھ بىلىدۇ دەپ ئولتۇرماستىن بۇ شەيئىلەرنى ئاللاھ قانداق ئۇسۇل بىلەن ياراتتى دىگەننى ئويلاپ بۇ ئويلىنىشتىن ئۆزىنىڭ روھىيتىنى تولۇقى بىلەن چۈشىنىپ يىتىدۇ .
يەجۇجى-مەجۇجىنىڭ پىشانىسىدە كافىر دىگەن خەت بار ........
يۇقارقى مەزمۇننى نەچچە يۈز يىللاردىن بىرى چۈشەندۇرگۈچىلەر ھەقىقەتەن يەجۇجىنىڭ پىشانىسىدە كاپىر دىگەن خەت بار مۇسۇلمانلاردىن كىمكى بۇ خەتنى كۆرسە يەجۇجى-مەجۇجىنىڭ پىتنىسىگە چۈشمىسۇن دەپ چۈشەندۇرۇپ كەلدى .
مىنىڭ يۇقارقى بۇ قۇرنى سېستىملىق باشقىچە ئۇسۇل بىلەن چۈشەندۈرۈشكە قابىلىيتىم ئاجىز كەلگەچ دائىم ئەھلى ئىلىمدارلار بىلەن پۇرچىقىم پىشماي قالاتتى .
بىراق مۇشۇ مۇنبەردە بىر مەزگىل ئەزا بولغان كۆزنەك دىگەن تورداش . يۇقارقى مەزمۇننى . يەجۇجىنىڭ پىشىانىسدە كاپىر دىگەن خەت يىزىق شەكلىدە يوق . يەجۇجى بۇ كاپىر دىگەن خەتنى ئىسلامغا قارشى ھەركەتلەر بىلەن مۇسۇلمانلار ياشاۋاتقان جەمىيئەتكە يازىدۇ . بۇ جەمىيئەت ئاسمىندىكى يىزىقنى ئەقلى-ھۇشى جايىدا زىرەك مۇسۇلمان شۇ جەمىيئەتتىكى يىزىققنى چوڭقۇر ئەقلىي بىلەن تونۇپ يىتىپ يەجۇجى-مەجۇجىنىڭ پىتنىسىدىن ئۆزىنى قاچۇردۇ دىگەن مەنادىراق بىر چۈشەنچىنى بەرگەندىن كىيىن مەن بۇ ئاداشقا قول قويغان ئىدىم
قاچان قارىسا قۇرئان-ھەدىستە بىر مەزمۇن بايان قىلىنسا . شۇ مەزمۇننى ئەينەن چۈشىنىۋالدىغان ئىغىر خاھىش بىزنىڭ قان-قىنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن بولغاچقا ھەر دائىم پىتنە بىزنىڭ قەلبىمىزدە ئۇۋا تۇتىدۇ .
شۇڭلاشقا بۇنداقلارنىڭ گىپىگە پەرۋا قىلماڭ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-17 06:31 PM