مارشال يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 04:23 PM
بىر ئىش باشقا چىقمىسا ياكى ئوڭۇشلۇق بولۇش ئۈچۈن توسالغ ...
ئاز بولسىمۇ كۆڭۆللىرىگە ئالمىغايلا مارشال!
مەنمۇ ھۆكۆمەت ئورونلىردىكى ئەمەلدارلار ( تەشۋىقات، خەۋەر- ئاخباراتلاردىكى ) مەشھۇرلاردىن ئاغرىنماي تۇرالمايمەن. ئۇلار ئۆز خىزمىتىنى ( ھۆكۆمەت رەھبەرلىكى ) نى شەخسىي ئىشىم دەپ قارىمىسۇن. ئەگەر مۇشۇنداق قارىسا خىزمىتىدىن ئۆزلىكدىن ئىستىپا بىرىشكە ھوقوقلۇق.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى كوللىكتىۋىزىملىق روھ، كوللىكتىپنىڭ ئورتاق ھەرىكىتى ئارقىلىق قۇرۇلغان تۇرسا، ئەمدى كىلىپ مەشھۇرلىرىمىز ( دۆلەت ۋە خەلىقنىڭ رەھبەرلىك ھوقوقىنى ) نى ئىگەللىگەنلەر قانداقسىگە، شۇغۇللىنىۋاتقان خىزمىتىنىڭ دائىرىسى ۋە تەسىرىنى شەخسىي ئىشىم ياكى ئورنۇمنىڭلا دىيىشكە قانداقمۇ يۈزى چىدىسۇن.
قايسى مىللەت، قايسى دىن، قايسى دۆلەت ياكى قايسى گۆرۆھقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ياكى قانداقلىكى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسۇن، بۇ چوقومكى شۇ كوللىكتىپ ياكى رەھبەرلىك ئىگىدارلىقىدىكى بىر پۈتۈن مىللەتكە چىتىلىشى ئىنىق.
مەسىلەن : دىيارىمىزدىكى ‹‹ قوش تىل ئوقوتۇشى ››غا، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى ئورتاق ئاۋاز قوشقىنى ياكى ئىمزا قويۇش، بىلەت تاشلاش پائالىيتى ئىلىپ بارغىنى يوق، بەلكى ئۇيغۇر مىللىتىگە سىياسىي جەھەتتىن رەھبەرلىك قىلغۇچى بىر نەچچە ئۇيغۇرنىڭ قول قويىۋىتىشى بىلەنلا، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئانا تىل ۋە يىزىق مەسىلىسى زور خىرىسقا دۇچ كەلدى.
گۈلەنكا: بۇ ئىنكاسىم تىمىڭىزغا زىت بولۇپ قالمىغاندۇ؟ خاپا بولماسلىقىڭىزنى سورايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بانكىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-16 10:12 PM