پارلاق يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 02:44 PM
قايسى بىر ئامېرىكىلىق ئەدىبنىڭ «ئامېرىكا ئەدەبىيات ...
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەقىقەتەن ئىسمى-جىسمىغا لايىق مەردانە شائىر ، قانچە ئەسىردە بىر چىقىدىغان يېتۈك تالانت ئىگىسى . ئۇنىڭدىن جىمى ئۇيغۇر قانچىلىك پەخرلەنسە ، سۆيۈنسە ئەرزىيدۇ ! ئەمما ھازىر شائىرنىڭ ھاياتى ، ئىجادىيىتى ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ، ئۇيغۇر ئېدىئولوگىيىسىدە ، جۈملىدىن ئۇيغۇر تارىخىدا تۇتقان ئورنى ، ئوينىغان رولى توغرىسىدا تەتقىقاتلار چوڭقۇرلاشمايۋاتىدۇ ، ئىشلىگەن خىزمەتلىرىمىز يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ .
ئامېرىكىلىقلار ھەقىقەتەن ئۆزلىرىدە قەھرىمان شائىرلار يوق دەپ قارايدۇ .